ئسلاھاتچى _ سۇلۇن
بەش مىڭ يىل
مىلادىدىن ئىلگىرى 593 -يىلى بىر كۈنى چۈشتە، ئافنانىڭ مەركىزى مەيدانىدا 40 نەچچە ياشلاردىكى بىر ئەر كىشى رەڭگى تاتارغان، نەپسى بوغۇلغان، كىيىملىرىنىڭ ئالدى ئوچۇق، ئىككى قولى بىلەن مەيدىسىگە مۇشتلىغان ھالدا، دەلدەڭشىپ يۇرۈپ شېئىر دىكلاماتسىيە قىلىپتۇ. باشقىلار ئۇنى ئارىغا ئېلىۋالسىمۇ، توختىماي ئوقۇۋېرىپتۇ:
_ ئېخ، بىزنىڭ سالامىس، سەن نېمە دېگەن گۈزەل، بىزنى نېمە دېگەن مەپتۇن قىلىسەن! سالامسىقا ھەربى يۇرۈش قىلايلى، بىز بۇ دېڭىز ئارىلىمىزنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن كۈرىشەيلى! بىز ئافىنالىقلار ئۈستىدىكى نومۇسنى يۇيايلى! ئېخ، سالامس قولىمىزغا قايتى كەلسۇن!
_ بۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر شائىر سولون ئەمەسمۇ؟ _ دەپ ۋاقىراپتۇ بىرسى، _ بۇ ساراڭ بولۇپ قالدىمۇ نېمە، قانداق بولۇپ بىر نەچچە كۈن ئاشكارا ھالدا سالامسنى قايتۇرۇۋلىش توغرىسىدا شېئىر ئوقۇپ يۈرىدۇ؟
_ ئەقلىدىن ئېزىپ قالغان بولسا كېرەك. بولمىسا ھۆكۈمەت ئۇنى ئالىقاچان تۇتۇپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان بولاتتى! ھەي، بىچارە سولون! _ دەپ ھەسرەت چېكىپتۇ ياندا تۇرغان بىرسى.
نېمە ئۈچۈن سالامىسنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغانلارغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىندۇ؟ ئەسلىدە شۇنىڭدىن سەل بۇرۇن، ئافىنا بىلەن باشقا بىر قەلئە ئوتتۇرىسىدا سالامس ئارىلىنى تالىشىپ ئۇرۇش بولغان ئىكەن. نەتىجىدە ئافىنا مەغلۇپ بولۇپتۇ. كېيىن ئافىنا دائىرىلىرى بىر قانۇن ئېلان قىلىپ، كىمكى بۇ ئىشنى قايتا ئاغزىغا ئالسا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەپتۇ. سولون ۋەيران بولغان ئاقسوڭەك ئائىلىسىدىن كېيىن چىققان بولۇپ، ياش چېغىدا نۇرغۇن جايلارغا بارغانلىقى ۋە سودىگەرچىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، سالامىس ئارىلىنىڭ ئافىنانىڭ تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇشدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدىكەن. ئۇ ھەم كىشىلەرنىڭ ۋەتەن سۆيۈش قىزغىنلىقىنى قوزغاش، ھەم قانۇننىڭ دەھەتلىك جازاسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، ساراڭ بولۇۋېلىپ ئۆز شېرلىرىنى ئوقۇشقا مەجبۇر بولۇپتۇ.
سوۇننىڭ تەشۋىقاتى ئاخىر ئۈنۈم بېرىپتۇ. مەنئى قىلىش بۇيرۇقى بىكار قىلىنىپ، يەنە ئۇرۇش قوزغىلىپتۇ. ئۇ ئافىنا پىدائىلار قوشۇنىنىڭ لەشكەر بېشى قىلىنىپ تەيىنلىنىپتۇ. بۇ قېتىمقى جەڭدە ئافىنالىقلار تولۇق غەلىبە قىلىپ سالامىس ئارىلىنى قايتۇرۇۋېلىپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەت\ن سولۇن ئافىنادىكى مەشھۇر ئەرباپ بولۇپ قېلىپتۇ. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ ھاكىمدار بولۇپ سايلىنىپتۇ.
مىلادىدىن ئىلگىرى 594 _ يىلى بىر كۈنى ئەتىگەندە، مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان دېھقانلار، قول ھۈنەرۋەنلەر ۋە سودا _ سانائەتچى قۇلدارلار توپ - توپى بىلەن ئافىنادىكى مەركىزى مەيدانغا قاراپ ئېقىپتۇ. بۇرۇن سولون بۇ يەردە ساراڭ بولۇۋېلىپ ئۆ شېئىرلىرىنى دىكلاماتىسيە قىلغان بولسا، ئەمدىلىكتە يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن باش ھاكىمدار بولۇپ، بۇ يەردە مۇھىم قانۇن ئېلان قىلماقچى بولۇپتۇ.
مەيدانغا ئادەم لىق تولۇپتۇ. سولون چوڭ قەدەم تاشلاپ سۆز مۇنبىرىدىكى چوڭ ياغاچ رامنىڭ ئالدىغا كېلىپتۇ. بۇ چاغدا، ۋاراڭ - چۇرۇڭمۇ بېسىقىپتۇ، كىشىلەر توپى كۆزلىرىنى ئاشۇ ياغاچ رامغا تىكىپ تۇرۇپتۇ. سولون قولى بىلەن ياغاچ رامنى مىدىرلاتسا، رامغا جايلاشتۇرۇلغان تاختا ئورۇلۇپ، ياغاچ تاختىغا ئويۇلغان قانۇن ماددىلىرى شۇ زامان كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئايان بولۇپتۇ.
_ يېڭى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، _ دەپتۇ. سولون ياغاچ تاختىنى كۆرسىتىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا، _ بارلىق قەرز مۇئامىلە مۇناسىۋەتلىرى بىكار قىلىنسۇن! قەرزدارلارنىڭ زىمىنىدىكى قەرز مۇئامىلە تاشلىرى دەرھال ئېلىپ تاشلانسۇن!
سولون سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، پۈتۈن مەيدان شاتلىقتىن تەۋرەپ كېتىپتۇ. بولۇپمۇ قەرزدار دېھقانلار خوشاللىقىدىن دوپپىلىرىنى ئاسمانغا ئېتىپتۇ.
_ ھازىردىن باشلاپ، _ دەپتۇ سولون قولىنى پۇلاڭلاتقان ھالدا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، _ قەرز بولۇپ قېلىش تۇپەيلىدىن ئۆزىنى قۇل قىلىپ ساتقان پۇقرالارنىڭ ھەممىسى ئازات قىلىنسۇن! بارلىق قەرز ھۆججەتلىرى بىكار قىلىنسۇن. رەنىگە تۇتۇپ بېرىلگەن يەرلەر ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلسۇن! قەرز بولۇپ قېلىپ چەت قەلئەلەرگەر قۇل بولۇپ سېتىلغان پۇقرالار قەلئەمىز تەرىپىدىن پۇل تۆلەپ قايتۇرۇپ كېلىنسۇن! بۇ يېڭى قانۇن 100 يىلغىچە كۈچكە ئىگە بولىدۇ!
سولون تۇزۇپ چىققان بۇ يېڭى قانۇن شۇ زامانلادا ئافىنانىڭ سودا _ سانائەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا مۇۋاپىق كېلىپتۇ. تۆۋەن قاتلام خەلقلەرنىڭ دەرت _ ئەلەملىرىنى يەڭگىللىتىپتۇ. شۇ سەۋەپتىن سودا _ سانائەت قۇلدارلىرى ۋە دېھقانلارنىڭ ئالقىىغا ئېرىشىپتۇ. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى دېھقانلارنىڭ ھالى ناھايىتى ناچار ئىكەن. بايلاردىن قەرز ئېلىپ قايتۇرالمىسا، بايلار قەرز بولۇپ قلالغان دېھقانلارنىڭ يەرلىرىگە قەرز مۇئامىلە تاشلىرى ئونىتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن دېھقانلار «ئالتىدە بىر ئۈلۈش دېھقان» بولۇپ قالىدىكەن، يەنى بايلار ئۈچۈن ئىشلەپ، دارامەتنىڭ ئالتىدە بەش ئۈلۈشىنى يايلارغا تاپشۇرۇدىكەن، بىر ئۈلۈشنى ئۆزلىرى ئالىدىكەن. ئەگەر ئالغان ھوسۇل قەرزنىڭ پايدىسىنى تاپشۇرۇشقا يەتمىسە، ئۇ چاغدا بايلار بىر يىلدىن كېيىن قەرزدار دېھقانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ بالا _ چاقىلىرىنى قۇل قىلىۋالىدىكەن. ئەمدىلىكتە بايلار بۇنداق قىلالمايدىغان بولۇپتۇ. قەرز بولۇپ قېلىپ باشقا قەلئەلەرگە قۇل بولۇپ سېتىلغانلارمۇ ئافىناغا قايتىپ كېلەلەيدىغان بولۇپتۇ.
قەرز تۆلەشنى بىكار قىلىش قانۇنى مەركىزىي مەيدانىدا ئېلان قىلىنىش بىلەن تەڭ ئاقسۆڭەكلەر ۋە بايلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپتۇ.
_ بۇ قانداق گەپ! بىز مىڭبىر تەسلىكتە يىققان پۇل _ بايلىقىمىز بىكارغىلا گادايلارنىڭ بولۇپ كېتەمدۇ؟
- سولون دېگەن بۇ ئەبلەغ بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى. ئۇ تەپ تارتماستىن بىز ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قانچىلىك يېرىمىز بولۇشى كېرەكرەكلىكىنى بەلگىلەپتۇ! ھەتتا چەت قەلئەلەردىن كەلگەن تېگى پەس ھۈنەرۋەنلەرگىمۇ پۇقرالىق ھوقۇقى بېرىپتۇ، تېخى! بۇ قاراپ تۇرۇپ بىز ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشترۇغانلىق ئەمەسمۇ؟
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، سولون ئاقسۆڭەكلەر بىلەن بايلارنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراپتۇ. بىراق، ئۇنىڭ ئىسلاھاتىنى قوللايدىغانلارنىڭ ئاقسۆڭەكلەر بىلەن بايلاردىن كۆپ بولۇشى تۇرغان گەپ ئىدى. سولون ئاخىرى ئۆز نوپۇزىنى ئىشقا سېلىپ، ئاقسۆڭەكلەر بىلەن بايلارنى بىر قىسىم مەنپەئەت ۋە ئىمتىيازدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ يەنە بىر يېڭى تەدبىر قوللىنىپتۇ: ئافىنا پۇقرالىرى مال _ مۈلكىنىڭ ئاز _ كۆپلىكىگە قاراپ تۆت دەرىجىگە ئايرىلىپتۇ، ھەرقايسى دەرىجىدىكى پۇقرالار ئوخشاش بولمىغان سىياسى ھوقۇقتىن بەھرىمەن قىلىنپتۇ. كىمنىڭ مال _ مۈلكى كۆپ بولسا، ئۇنىڭ دەرىجىسىمۇ يۇقىرى بولۇپتۇ. بۇ مال _مۈلكى ئاز بولغان ئاقسۆڭەكلەر جەمەتى ئىلگىرىكىدەك كۆپ سىياسى ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ، دېگەندىن دېرەك بەرگەن. ئەمدىلىكتە، ئافىنادىكى قۇرامىغا يەتكەن بارلىق پۇقرالار قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپتۇ. قەلئەنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى ئاشۇ قۇرۇلتايدا سايلىنىدىغان بولۇپتۇ. بىراق، ئالى ۋەزىپە _ ھاكىمدارلىق بىلەن غەزىنىدارلىققا بىرىنچى دەرىجىلىك پۇقرالارلا سايلىنالايكەن؛ 2 - 3 - دەرىجىدىكى پۇقرالار باشقا ۋەزىپىلەرگە سايلىنىدىكەن؛ نامرات بولغان 4 - دەرىجىدىكى پۇقرالارغا بولسا ھېچقانداق ئەمەل تەگمەيدىكەن.
سولوننىڭ بۇ تەدبىرلەر ئۇرۇقداش ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈچىگە نىسبەتەن زەربە بولۇپتۇ. سودا _ سانائەت قۇلدارلىرىنىڭ روناق تېپىشىغا پايدىلىق بولۇپتۇ. لېكىن كەڭ تۆۋەن قاتلام پۇقرالارنىڭ تەلىۋىنى قاندۇرالماپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىلاھاتى ئافىنا قۇللۇق تۇزۈمى ئاساسىدىكى دېموكىراتىيە ئۈچۈن ئاساس سالغان. سولون خىزمەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن بارلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپ، ئافسادىن چىقىپ يىراق جايلارغا ساياھەتكە كەتكەن، شۇڭا كېينكىلەر ئۇنى «يۇنان ئەۋلىياسى» دەپ مەدھىيلەشكەن.