ئۇتوپىيە
بەش مىڭ يىل
_ ھازىر ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدۇ، - ئەنگلىيە خانلىق ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ توۋلىدى.
سوت مەھكىمىسىدە بىردىنلا جمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى.
_ ئىلگىرى چوڭ سوتچى توماس. مور. پارلامېنتنىڭ 1534 - يىلى ماقۇللىغان ئەڭ ئالىي ھوقۇق لايىھىسىگە ئاشكارا قارشى چىقىپ، پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئەنگلىيىنىڭ دىنىي داھىيىسى ئىكەنلىكىنى قەسەم بىلەن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈچ قېتىم رەت قىلىپ، ھەتتا پارلامېنت دىنىي جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئالىي داھىيىسىنى جاكارلاشقا ھوقۇقسىز، دەپ جار سېلىپ، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلدى. سوت مەھكىمىمىزنىڭ پەۋقۇلئاددە كومىتېتى قارار قىلىش ئارقىلىق ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە ھۆكۈم قىلىندى.
مور ئىسىملىك كىشى 60 ياشلارغا يېقىنلىشىپ قالغان ئىدى. ئۇ بىخىرامان تۇرۇپ ھۆكۈمنامىگە قۇلاق سالدى. سوتچى ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ، سۆزىنى داۋام قىلدى:
_ ئۇنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئەڭ قاتتىق ئۇسۇللار بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ؛ ئۇنى يەردە سۆرىگەنچە لوندون شەھىرىدىن جازا مەيدانىغا ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇ يەردە دارغا ئېسىلىدۇ؛ جان ئۈزۈشتىن بۇرۇن سىرتماق يېشىۋېتىلىپ، ئىچ - قارنى يېرىلىدۇ ۋە يۈرىكى سۇغۇرۇۋېلىنىپ كاۋاپ قىلىنىدۇ؛ ئاندىن پارچىلىنىپ تۆت ئەزايى شەھەر دەرۋازىسىغا مىخلىنىدۇ. كاللىسى لوندون كۆۋرۈكىگە ئېسىلىدۇ. بۇ ھۆكۈم پادىشاھ ئالىيلىرى تەستىقلىغان ھامان ئىجرا قىلىنىدۇ!
مور، ھۆكۈمنامىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قىلچە تاتارماستىن، گويا بۇ ئىشلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغاندەك مىيىغىدا كۈلۈپ قويدى.
ھۆكۈمنامە دەرھال پادىشاھ ھېنرى VIII نىڭ ئالدىغا سۇنۇلدى. پادىشاھ زىيادە شەپقەت قىلغان بولۇپ، مورنى كاللىسىنى ئېلىش يولى بىلەن جازالاشنى بەلگىلىدى.
1535 - يىلى 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، مور جازا مەيدانىغا بەھۇزۇر قەدەم باستى. ئۇ ئۆز قولياغلىقى بىلەن كۆزىنى تاڭدى - دە، جاللاتلارغا:
_ مېنىڭ بوينۇم قىسقا، دەل جايىغا تەككۈزۈڭلار، چاندۇرۇپ قويماڭلار! - دېدى.
ئەنگلىيە پادىشاھنىڭ جاللاتلىق قىلىچى ئاخىرى بۇ ئەنگلىيە ئىنسانپەرۋەرلىكىنىڭ داڭدار ۋەكىلى، مەشھۇر ئىجتىمائىي مۇتەپپەككۇر مورنىڭ كاللىسىنى ئالدى!
مور، 1478 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى ئەنگلىيە خانلىق ئالىي سور مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى بولغان. 14 يېشىدا ئوكسفورد ئۇنىۋېسىتېتىغا كىرىپ ئىجتىھات بىلەن كلاسسىك ئەدەبىيات ئۆگەنگەن. 16 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇ كەسپىنى قانۇن ئۆگىنىشكە ئۆزگەرتىپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا لوندون بويىچە ناھايىتى شۆھرەتلىك ئادۋۇكاتقا ئايلانغان.
1516 - يىلى، ئۇ لاتىن تىلىدا «ئۇتوپىيە» دېگەن كىتابنى يېزىپ، شۇ چاغدىكى ئەنگلىيە جەمئىيىتىنىڭ قاراڭغۇلۇقنى پاش قىلغان ھەمدە بىر غايىۋى گۈزەل جەمئىيەت _ ئۇتوپىيىنى تەسۋىرلىگەن.
«ئۇتوپىيە» لاتىنچىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، «يوق يېزا» يەنى «خىيالىي» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ كىتاب مور بىلەن چەتئەلدىن كەلگەن بىر دېڭىزچى سۆزلىشىش شەكلىنى قوللىنىپ، ئۇ دېڭىزچىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئۇتوپىيە جەمئىيىتىدىكى خىلمۇ - خىل ئەھۋاللارنى بايان قىلدۇرۇش ئارقىلىق ناھايىتى جانلىق ۋە قىزىقارلىق يېزىلغان.
ئۇتوپىيە زادى قانداق جەمئىيەت؟
كىتابتا تەسۋىرلەنگەن بۇ جەمئىيەت ئەتراپىنى دېڭىز ئوراپ تۇرغان بىر ئارالدا قۇرۇلغانمىش. پۈتۈن ئارالدا 54 ھەيۋەتلىك ھەم ياسىداق شەھەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىلى، ئادىتى، تۈزۈمى، قانۇنى تامامەن بىردەكمىش، مەركىزىي ئارالنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا بولغاچقا، شەھەر ۋەكىللىرىنىڭ يىغىلىشى ناھايىتى قولايلىقمىش.
كىتابتا تەسۋىرلەنگەن ئۇنداق جەمىئىيەتتە، بارلىق يەر، ئۆي، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى بىردەك بارلىق پۇقرالارغا مەنسۇپ بولىدىكەن. بارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلىنىدىكەن. ھېچكىم ئاز - كۆپلۈكى بىلەن ھېسابلاشمايدىكەن. كىشىلەردە خۇسۇسىيلىق ئىدىيىسى پەيدا بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۇرار جايلىرى ھەر ئون يىلدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇلىدىكەن.
ئۇلار كۈندە ئالتە سائەت خىزمەت قىلىپ، قالغان ۋاقىتلاردا ئۆز ئەركى بويىچە ياكى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، ياكى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. ياكى دەم ئېلىپ پاراڭ سوقىدىكەن. شىشىخال تاشلاشقا ئوخشاش تاماشىلار بىلەن ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان ئىشلارنى ئۇلار زادىلا بىلمەيدىكەن. ئۇ جەمئىيەتتە مەيخانا، پاھىشخانا، كىشىلەرنى چۈشكۈنلەشتۈرىدىغان سورۇنلار يوق ئىكەن، قانۇنسىز لۈكچەكلەرمۇ يوق ئىكەن. لاغايلاپ يۈرىدىغان ۋە ئىشتىن قالىدىغان ئىشلار قەتئىي بولمايدىكەن.
ئۇتوپىيىدە قانۇنلار ناھايىتى ئاز بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، قانچە ئاددىي چۈشەندۈرۈلگەن قانۇن، شۇنچە ئادىل قانۇن بولىدىكەن. مور ئۇتوپىيىدە يەنە قۇللارمۇ بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان، ئۇتوپىيىدە رەسۋا ئىشلارنى قىلىپ قويغان ئۆز ئېلىدىكى ئاھالىلەر، شۇنداقلا باشقا ئەل ئاھالىسىدىن گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلار قۇل قىلىنىدىكەن. بارلىق قۇللار ھەمىشە خىزمەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى كىشەنگە باغلىنىدىكەن.
ئەڭ ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، ئۇتوپىيە كىشىلىرى ئالتۇن - كۈمۈش بايلىقلىرىنى زادىلا كۆزىگە ئىلمايدىكەن. ئۇلار تاماق يېگەندە ئادەتتىكى ساپال قاچىلار، ئەينەك قاچىلارنى ئىشلىتىدىكەن. ۋاھالەنكى، تاھارەت قاچىسى ۋە باشقا مەينەت نەرسىلەرنى تاشلايدىغان ئەخلەت ساندۇقى قاتارلىقلارنى ئالتۇن - كۈمۈشتىن ياسايدىكەن. قۇللارنى باغلايدىغان زەنجىر، كىشەنلەرمۇ ئالتۇن - كۈمۈشتىن ياسىلىدىكەن. كىمكى گۇناھ ئۆتكۈزسە رەسۋا كىشىلەرگە ئايلىنىدىكەن - دە، ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئالتۇن ھالقا، قولىغا ئۈزۈك، بوينىغا ئالتۇن گىلايكا، بېشىغا ئالتۇن چەمبەر سېلىپ قويۇلىدىكەن، دېمەك ئالتۇن - كۈمۈش ئۇ يەردە پەس نەرسە بولۇپ، ھەممەيلەن ئۇنى تاشلىۋېتىشنى ئويلايدىكەن.
بۇ جەمئىيەتتە ئائىلىنىڭ تەشكىللىنىشىمۇ باشقىچە ئىكەن. تۇققانچىلىقى يوق كىشىلەرمۇ ئائىلە ئەزاسى بولىدىكەن، بىر ئائىلىنىڭ ئەزاسى يېزىلاردا 40 تىن، شەھەرلەردە ئوندىن كەم بولمايدىكەن. ئائىلە باشلىقى ئابرۇيلۇق پېشقەدەم كىشى بولۇشى شەرت ئىكەن. ئائىلىلەر ئارا نوپۇسى تەكشى بولمىسا ئۆزئارا تەڭشەيدىكەن؛ ئەگەر شەھەر بويىچە نوپۇس زىچلىقى بەلگىلىمىدىن ئېشىپ كەتسە، ئاراللاردىكى نوپۇس شالاڭراق باشقا شەھەرلەرگە يۆتكەيدىكەن.
ئۇنداقتا پۈتكۈل ئارالنىڭ نوپۇسى ئېشىپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن دېمەمسىلەر؟ مۇبادا شۇنداق بولۇپ قالسا، ھەر بەش شەھەردىن بىرقانچە ئادەم چىقىرىپ، ئۇتوپىيە كىشىلىرىنىڭ قانۇنى بويىچە مۇستەملىكە قۇرىدىكەن. ئەگەر نوپۇس بەك ئاز بولسا، مۇستەملىكىلەردىن ئاھالە يۆتكەپ كېلىپ تولۇقلايدىكەن.
مانا بۇ _ مور تەسۋىرلىگەن غايىۋىي جەمئىيەت _ ئۇتوپىيىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى.
«ئۇتوپىيە» دېگەن بۇ كىتابنىڭ تولۇق نامى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، «ئەڭ مۇكەممەل دۆلەت تۈزۈمى ۋە ئۇتوپىيە يېڭى ئارىلىنىڭ ھەم پايدىلىق، ھەم قىزىقارلىق ئالتۇن كىتابى» دەپ ئاتىلاتتى. ئۇ خىيالىي سوتسىيالىزىمنىڭ دۇنياغا بىرىنچى قېتىم كۆزگە كۆرۈنگەن مەشھۇر ئەسىرى. ئاپتور مور، فېئوداللىقنىڭ كىشىلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئاپەتلىرىنى كۆرۈپلا قالماي، بەلكى كاپىتالىزىمنىڭ بىخ ھالىتىدىلا خەلققە ئېلىپ كېلىدىغان ئاپەتلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق كىتابتا جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىشنىڭ يېڭى لايىھىسىنى _ مال - مۈلۈككە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك يۈرگۈزۈپ، ھەممە ئادەم ئەمگەك قىلىدىغان غايىۋىي جەمئىيەتنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ لايىھە دەۋر شارائىتى بىلەن تولىمۇ قىممەتلىك ئىدى.