UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭۋەزىيىتى داۋالغۇپ تۇرغان گېرمانىيە

ۋەزىيىتى داۋالغۇپ تۇرغان گېرمانىيە

بەش مىڭ يىل 1918 - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، گېرمانىيىنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولىدىغانلىقى مۇئەييەنلىشىپ، ۋىلگېلىم ئىككىنچى ھالاكەت گىردابىغا كېلىپ قالدى. كىشىلەر ھەممە يەردە: _ يوقالسۇن ئۇرۇش! ۋىلگېلىم ئىككىنچىنى يوقىتايلى!- دەپ شوئار توۋلىشاتتى. گېرمانىيە داۋالغۇپ تۇرغان ۋەزىيەت ئىچىدە قېلىپ، ئىنقىلاپ مۇقەررەر ھالدا يۈز بەردى. ئۈچىنچى نويابىر كۈنى كىل پورتىدىكى 80 مىڭ ماتروس ئاۋۋال قوزغىلاڭ كۆتۈردى. ئۇلار لەنگەر تاشلاپ، ئانتانتا دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن باش تارتتى. ئەكسىيەتچى كوماندىرلار ماتروسلارنى تۇتقۇن قىلىپ ۋە ئېتىپ تاشلاپ، ماتروسلارنىڭ چەكسىز غەزىپىنى قوزغىدى. ئۇلار قوراللىنىپ، ئەكسىيەتچى كوماندىرلارنى باستۇرۇپ، پاراخۇتلارنى قولغا چۈشۈردى. بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەنلا، كىل ئىشچىلىرى ئومۇمىي ئىش تاشلاپ، ماتروسنىڭ ھەركىتىنى قوللىدى ھەمدە پۈتۈن شەھەرنى تېزلا كونترول قىلىپ، ئىشچى ئەسكەرلەر سوۋېتىنى تەشكىل قىلدى. گېرمانىيىدە نويابىر ئىنقىلابى باشلاندى! توققۇزىنچى نويابىر كۈنى پۈتۈن بېرلىنمۇ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى. مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن قوراللىق ئامما ئۈنلۈك شوئار توۋلاپ، ئوردا مەيدانىغا قاراپ ئاقتى. گېرمانىيە پادىشاھى ۋىلگېلىم ئىككىنچى پادىشاھلىقتىن ئىستىپا بېرىپ، ئالدىراپ - تېنەپ گوللاندىيىگە قېچىپ كەتتى. تۈمەنلىگەن خەلقنىڭ تەنتەنە سادالىرى ئىچىدە پادىشاھ ئوردىسىنىڭ بالكونىغا توق قىزىل بايراق چىقىرىلدى. _ بۈگۈندىن ئېتىبارەن گېرمانىيە ئەركىن سوتيالىسىتىك جۇمھۇرىيەت بولىدۇ! - دېدى قوزغىلاڭچىلارنىڭ رەھبىرى كارل لىنكنىخت پادىشاھ ئوردىسىدا تەنتەنىلىك جاكارلاپ. ئۇ گېرمانىيە ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، خەلقنى ئۆكتەبر ئىنقىلابىنى ئۈلگە قىلىپ، دەرھال سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قوغداشقا چاقىردى ھەمدە: _ گېرمانىيە خەلقى ئۆزىنى باشقۇرۇشى كېرەك! - دەپ ئۈنلۈك خىتاپ قىلدى. ئارقىدىن قوزغىلاڭچىلارنىڭ يەنە بىر تەشكىلاتىچىسى روسا ليۇكسېمبۇرگ نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇنىڭ تەسىرلىك سۆزلىرى كىشىلەرنى قەلبىنى ھاياجانلاندۇرۇپ، پۈتۈن مەيداندا شۇئار ۋە تەنتەنە سادالىرى كۆتۈرۈلدى. نۇتۇق ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، لىبكىنېخت بىلەن ليۇكسېمبۇرگ ئاممىنى باشلاپ، ئوردا مەيدانىدىن چوڭ كوچىغا چىقىپ دەبدەبىلىك نامايىش قىلدى. لىبكنېخت گېرمانىيە خەلقى ئىززەتلەيدىغان ئىنقىلابىي داھىي ئىدى. ئۇ 1871 - يىلى گېرمانىيىنىڭ لېيپسېگ شەھرىدىكى بىر ئىنقىلابىي ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ۋىلگېلىم لىنكىنېخت ماركىس، ئېنگېلسلار بىلەن بىللە ئىنقىلاب قىلغانىدى. 1907 - يىلى ياش كارل لىبكنېخت ئۆزى يازغان مىللىيتارىزىمغا قارشى ئەسەرنى نەشىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەكسىيەتچى دائىرىلەر ئۇنى «ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلدى» دېگەن بەتنام بىلەن ئۇنىڭغا بىر يېرىم يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى. بېرلىن ئەمگەكچىلىرى لىبكىنېختقا مەدەت بېرىش كۈرىشىنى قانات يايدۇردى. چوڭ سايلامدا بۇ «مەھبۇس» پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئەكسىيەتچىلەر غەم - ئەندىشىگە چۈشۈپ، ئۇنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. 1914 - يىلى يازادا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىدى. ئۇرۇشۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىلىرى ئۆزىنى ئاشكارە ھالدا بۇرژۇئازىيەقوينىغا ئېتىپ، ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى ئەسەبىيلەرچە قوللاپ چىقتى. شۇ يىلى دېكابىردا، گېرمانىيە رېيخىستاكى ئۇرۇشقا پۇل ئاجرىتىش تەكلىپىنى ئاۋازغا قويدى. سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ 110 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىدىن 109 ى قوشۇلۇپ ئاۋاز بەردى. يالغۇز لىبكنېخت مۇنبەرگە چىقىپ، جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن :«دۈشمەن ئۆز ئىچىمىزدە! » دېدى ھەمدە گېرمانىيە ئىشچىلىرى بىلەن مىلتىقىنى ئۆز ھۆكۈمىتىگە قارىتىپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى سوتسىيالىزمنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا ئايلاندۇرۇشقا چاقىردى. ئۇ ئاخىرىدا قەتئىي قارشى ئاۋاز بەردى. پارلامېنت باشلىقى بۇ بىر تەنتەنىلىك ئاۋازدىن قورقۇپ كەتتى. ئۇ ئاچچىقىغا چىدىماي، لىبكىنېگتنىڭ سۆزلىرىنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خاتىرىسىگە كىرگۈزۈپ تەقسىپ قىلدى. ئەمما، ھەققانىيەت ساداسىنى قۇلۇپلاپ قويغىلى بولمايدۇ. روساليۇكسېمبۇرگ قاتارلىق كىشىلەر لىنكنېختنىڭ نۇتقىنى مەخپىي ھالدا تەشۋىق ۋەرەقىسى قىلىپ بېسىپ، ئىشچىلار ئاممىسى ئارىسىدا تارقاتتى. ئەكسىيەتچى دائىرىلەر لىبكىنېختنى ئىنتايىن ئۆچ كۆرۈپ، ئالدىنقى سەپكە ئېغىر ھەربىي ئەمگەككە يالاپ ئەۋەتتى. ئەمما لىبكىنېخت قىلچە پەرۋا قىلمىدى. 1916 - يىلىنىڭ بېشىدا، ئۇ يەنە ليۇكسېمبۇرگ ، زېتكىن قاتارلىق سولچىلار بىلەن « سپارتاك پارتىيە ئۆمىكى » تەشكىل قىلدى. 1 - مايدا 100 مىڭ بېرلىن ئىشچىسى پوتىسدام مەيدانىدا يىغىلىش ئۆتكۈزدى. لىنكنېخت بىلەن ليۇكسېمبۇرگ ئەكسىيەتچى ھەربىي ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مەردانە ئىنقىلابىي نۇتۇق سۆزلىدى. ئاخىرىدا ئۇ تۇتقۇن قىلىندى. 9 نويابىر كۈنى بېرلىندا قوراللىق قوزغىلاڭ پارتلىغاندىلا، ئۇنى تۈرمىدىن قۇتقۇزۇۋالدى. ئۇ تۈرمىدىن چىقىپلا، ليۇكسېمبۇرگ بىلەن بىرلىكتە بۇ قوراللىق قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلدى. لىبكنېخ بىلەن ليۇكسېمبۇرگ پادىشاھ ئوردىسىدىكى بالكوندا گېرمانىيە «ئەركىن سوتيالىستىك جۇمھۇرىيەت » دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭچى كاتتىېبېشى ئېبېرت بۇرژۇئازىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ھۇقۇقنى پادىشاھ جەمەتى بولغان شاھزادە بادېندىن ئۆتكۈزۈۋېلىپ «ئەركىن گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتى » قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە بۇرژۇئا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى قۇردى. ئىنقىلابنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلدى. لىبكنېخ بىلەن ليۇكسېمبۇرگ پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى ھەمدە «قىزىل بايراق» گېزىتىنى چىقىرىپ، ئېبېرت ئېقىمىدىكىلەرگە قارشى تىغمۇ تىغ كۈرەش قىلدى. گېرمانىيە كومپارتىيىسى :« پۈتۈن ھاكىمىيەت سوۋېتلەرگە مەنسۇپ بولسۇن!» دەپ جەڭگىۋار چاقىرىق چاقىرىق چاقىردى. ئېبېرت :«ھەممىنى مىللىي پارلامېنت قارار قىلىشى كېرەك!» دېگەن بۇرژۇئازىيە دىكتاتۇرسىنى يولغا قويىدىغان شۇئارنى كۆتۈرۈپ چىقتى. ئىنقىلاب بىلەن ئەكسىل ئىنقىلاپ ئوتتۇرىسىدا روبىرو تۇرۇپ ئېلىشىش باشلىنىپ كەتتى. 1919 - يىل 1 - ئايدا لىبكنېخ بىلەن ليۇكسېمبۇرگ بېرلىن ئىشچىلىرىنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلدى. ئەمما قوزغىلاڭنىڭ تەييارلىق ئىشلىرى تولۇق بولماي، دۈشمەن ئىنتايىن كۈچلۈك كېلىپ قالدى. سوتسىيال دېمۇكراتلار پارتىيىسىگە خائىنلىق قىلغان نۇسكې ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ «دۆلەت مۇداپىئە مېنىستىرى »بولدى. ئۇ نۇرغۇن ئەكسىيەتچى قوشۇن يۆتكەپ بېرلىنغا ھۇجۇم قىلدى. ئىشچىلار قانلىق كۈرەش قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى. ئەمما كۈچى تولىمۇ ئاجىز كەلگەنلىكتىن، ئەكسىلئىقىلابىي قوشۇن بېرلىنغا باستۇرۇپ كىرىپ، كوچىلارنى ئىشچىلارنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويىدى. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىشپيونلۇق ئورگىنى بولغان «سوتسىيال دېمۇكراتلار پارتىيىسىنىڭ قوشۇمچە خىزمەت قىلىش باشقارمىسىنىڭ 14 - شۆبە ئەترىتى» لىبكنېخ بىلەن ليۇكسېمبۇرگنىڭ كاللىسىنى ئېلىش ۋەزىپىسىنى 100 مىڭ ماركىلىق قىممەت باھادا سېتىۋالدى. «قانخور ئىت» دەپ نام ئالغان نوسكې ھەربىي - ساقچى ئاق بابدىتلارغا قوماندانلىق قىلىپ، پۈتۈن شەھەردە چوڭ تىنتىش ئېلىپ باردى. 15- يانۋار كۈنى، خائىنلارنىڭ ئېيتىپ قويۇشى بىلەن لىبكنېخ بىلەن ليۇكسېمبۇرگ يۇشۇرۇنغان يەر ئاستى ئۆيدە قولغا ئېلىنىپ، ئەكسىيەتچىلەرنىڭ مەخپىي ئۇۋىسى بولغان ئېدىن مېھمانخانىسىغا سولاندى. ئېبېرت ئېقىمىدىكىلەر بۇ ئىككى ئىنقىلابى يول باشچىنى ئاشكارا ئۆلتۈرۈشكە پېتىنالماي، ئىنتايىن پەسكەش قاتىللىق ۋەقەسىنى پىلانلىدى. شۇ كۈنى كېچىدە پاندېتلار لىبكنېختنى قاتتىق ئۇرۇپ ئۆلەرمىجان قىلىپ قويغاندىن كېيىن، تۈرمىگە ئېلىپ ماڭدى. يېرىم يولغا بارغاندا ئەكسىيەتچى كوماندىر ماشىنا بۇزۇلۇپ قالدى دەپ، ئۇنى ماشىنىدىن چۈشۈشكە بۇيرۇدى. لىبكنېختنىڭ پۈتۈن بەدىنى قانغا مىلەنگەن بولۇپ، ماشىنىدىن ناھايىتى تەسلىكتە چۈشتى. ئۇ دەسلەپ تۇرالمىدى. _ ماڭ، ئۆزۈڭ ماڭ!- دېدى ئاق باندىتلاركوماندىرى ئۇنى قىستاپ. لىبكنېخت بىر نەچچە قەدەم مېڭىشىغا ئاق باندىتلار كوماندىرى ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئوق چىقاردى. لىبكنېخت يېقىلدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئېبېرت قاتارلىقلار، لىنكنېخت قاچقانلىقتىن ئېتىپ تاشلاندى، دەپ ئىغۋا تارقاتتى. شۇكۈنى كېچىدە، دۈشمەنلەر ليۇكسېمبۇرگنىمۇ ئۆلتۈرۈپ، جەسىتىنى لاندۋېل قانىلىغا تاشلىۋەتتى. 31 - مايغا كەلگەندە كىشىلەر ليۇكسېمبۇرگنىڭ جەسىتىنى تېپىۋالدى. 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن گېرمانىيە ئىشچىلىرى تولۇپ تاشقان غەزەب ئىچىدە، ئۇنى بېرلىندىكى فرىدرىخ زاراتگاھلىقىغا تەنتەنىلىك دەپنە قىلدى. ئۇ يەردە ئۇنىڭ يېقىن سەبدىشى لىبكنېخت بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان 32 نەپەر ئىشچى خاتىرجەم ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. لېنىن بۇ ئىنقىلابچىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، «ياۋروپا - ئامېرىكا ئىشچىلىرىغا خەت» تە قاتتىق غەزەب بىلەن مۇنداق يازدى. «بۇ ئاتالمىش سوتسىيالىزمچىلار بۇنداق قاتىللىق قىلىشتىكى شەرمەندىلىك ۋە نومۇسسىزلىقنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش مۇمكىن ئەمەس. . . . پرولېتارىياتنىڭ خەلقئارادىكى مۇنەۋۋەر زاتلىرىنىڭ ئىسسىق قېنى، خەلقئارا سوتيالىستىك ئىنقىلابنىڭ ئۆلمەس داھىيلىرىنىڭ ئىسسق قېنى چوقۇم بارغانسېرى نۇرغۇن ئىشچىلار ئاممىسىنىڭ جان تىكىپ كۈرەش قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ كۈرەش سۆزسىز غەلىبە قىلىدۇ.» ئېبېرت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ بېرلېندىكى چوڭ قىرغىنچىلىقى پۈتۈن مەملىكەت ئىشچىلىرىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىدى. 3 - مارتتا بېرلىن ئىشچىلىرى يەنە بىر قېتىم ئومۇمىي ئىش تاشلىدى. 13 - ئاپرېلدا گېرمانىيە كومپارتىيىسى باۋارىيىدە يەنە سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. ئىشچىلار سىنىپىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشى ئارقىسىدا، باراۋىيە جۇمھۇرىيىتى 4 - ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندىلا ئاندىن باستۇرۇۋېتىلدى. 1918 - يىلى نويابردا باشلانغان گېرمانىيە ئىنقىلابى مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ فېئودال مۇستەبىت پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئىنقىلابقا قارشى ئەپت - بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى. ئۇ ھامان زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. نويابر ئىنقىلابى باستۇرۇۋېتىلگەندىن كېيىن، ئېبىرت گېرمانىيىنى فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەت دەپ ئېلان قىلدى ھەمدە ئۆزى زۇڭتۇڭ بولدى. ئېبېرت ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇرۇش جىنايەتچىسى ھىندىنبۇرگ زۇڭتۇڭ بولدى. بۇ كونا مىللىيتارىسىنىڭ ئېتەك يېپىشى ئارقىسىدا گېرمانىيە ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىش قەدىمىنى تېزلەتتى ھەمدە پات - ئارىدىلا گېتلىرنى يۆلەپ تەختكە چىقىرىپ، گېرمانىيىنى فاشىستىك يولغا باشلىدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ