ئۇرۇشپەرەس باش ۋەزىر
بەش مىڭ يىل
1871 - يىلى فرانسىيىدە بولغان پارىژ كوممۇنىسى ئىنقىلابى، دۇنيانىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى ئىككىنچى دەۋرنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.
پارىژ كوممۇنىسى ئىنقىلابى قانداق يۈز بەرگەن؟ بۇنى پرۇسسىيە بىلەن فرانسىيە ياۋروپاغا زومىگەرلىك قىلىشنى تالىشىپ، ئېلىپ بارغان ئۇرۇش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش كېرەك.
1862 - يىل 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى پرۇسسىيە پادىشاھلىقى پارلامېنتىنىڭ زالىدا، پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى پوكاندەك قىزىرىشقان ھالدا: قانداق قىلغاندا پرۇسسىيىگە تايىنىپ گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟ دېگەن مۇھىم مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتاتتى.
گېرمانىيە نۇرغۇن ئەسىرلەردىن بۇيان پارچە - پارچە فېئودال بەگلىكلەرگە بۆلۈنۈپ تۇرۇشتەك بۆلۈنمە ھالەتتە تۇرۇپ قالغانىدى. 1815 - يىلدىن كېيىن، گېرمانىيە تەۋەلىكىدىكى 34 شتات بىلەن تۆت ئەركىن شەھەر ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىسى رەئىسلىكىدە گېرمانىيە قوشما شتاتىنى تەشكىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قوشما شتات تەشكىلىي جەھەتتە بوشاڭ بولغانلىقتىن، شتاتلار ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلىرىنى تولۇق ساقلاپ قېلىۋەرگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت بولۇۋېلىپ، پارلامېنت ۋە ئارمىيىلىرىنى ساقلاپ قېلىۋەرگەنىدى. بۇ ھال گېرمانىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، گېرمانىيىنى ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق ئىلغار كاپىتالىستىك ئەللەردىن ھەر تەرەپلەردىن ئارقىدا قالدۇرغانىدى. پرۇسىيە قوشما شتات ئىچىدە ھەربىي فېئوداللىق چوڭ بەگلىك بولغاچقا، بۇ يەردىكى فېئودال ئاقسۆڭەكلەر ياكى بۇرژۇئازىيە بولسۇن، پرۇسسىيىگە تايىنىپ گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش جەھەتتە بىردەك بولسىمۇ، لېكىن بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى جەھەتتە ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ گېپىنى يورغىلىتىپ، بىرلىككە كېلەلمەيۋاتاتتى.
كۆپچىلىك مۇنازىرىدە بىر باشقا چىقالماي تۇرغاندا، دوقا پېشانە، شاپ بۇرۇتلۇق بىر ئادەم توساتتىن ئورنىدىن تۇردى - دە:
- جانابلار گېرمانىيىنىڭ كەلگۈسى ئۇنىڭ زورلۇق ھوقۇقى ۋە ئەمەلىي كۈچىگە باغلىق. نۆۋەتتىكى تۈرلۈك چوڭ - چوڭ مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشى نوتۇق سۆزلەش ۋە كۆپلەپ قارار چىقىرىشقا ئەمەس، بەلكى قورال بىلەن قان تۆكۈشكە باغلىق، - دەپ سۈرلۈك سۆزلىدى.
كۆپچىلىك بىر قاراپلا، ئوتتۇرا ياشلىق بۇ ئادەمنىڭ پادىشاھ تەرىپىدىن ئەمدىلا باش ۋەزىرلىككە ۋە قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەن بىسمارك ئىكەنلىكىنى تونۇۋالدى. بۇرژۇئا ئەزالىرىدىن بىر نەچچىسى ئىختىيارسىز ھالدا پىچىرلىشىپ كەتتى:
- قورال بىلەن قان تۆكۈش؟ بۇ ئۇرۇش قىلىمىز دېگەن گەپ بولمامدۇ؟
- شۇنداق. قورال بىلەن قان تۆكۈش ئارقىلىق ئىسيانچىلارغا تاقابىل تۇرۇش ناھايىتى زۆرۈر. بىراق ئۇنىڭ بىلەن گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرىمەن دېگەندە...
- ياق، قورال بىلەن قان تۆكۈش ئارقىلىق ئىسيانچىلارغا تاقابىل تۇرۇش يەنە بىر قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئارقىلىق گېرمانىيە بىرلىككە كەلتۈرۈلسە، جەزمەن پادىشاھ بىلەن ئاقسۆڭەكلەر كۈچلىنىپ كېتىدۇ. روشەنكى، قورال بىلەن قان تۆكۈش سىياسىتى بىز ئۈچۈن پايدىسىز.
- باش ۋەزىر جانابلىرى، ۋەزىپىگە تەيىنلەنگىنىڭىزگە ئەمدىلا بىر ھەپتە بولدى، - دېدى پارلامېنت ئەزاسىدىن بىرى بىسماركقا دوق قىلىپ، - مەن سىزنىڭ پارلامېنت ھوقۇقىڭىزغا ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر ھۆكۈمەت تەرەپتىن ھەربىي ئىشلار خام چوتىنى ئۆستۈرۈشنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلسا، پارلامېنت يەنە بىر مەرتىۋە رەت قىلىدۇ! ئەگەر سىز يەنىلا ئۆز بېشىمچىلىق قىلىۋەرسىڭىز، پارلامېنت ھەققانىيلىق بىلەن ۋەزىپىڭىزنى ئېلىپ تاشلايدۇ!
- خاتالاشتىڭىز، پارلامېنت ئەزاسى ئەپەندىم، - دەپ سوغۇق كۈلدى بىسمارك، - بىزنىڭ بۇ يەر ئەنگلىيە ئەمەس، ۋەزىرلەر سىلەرنىڭ چاكىرىڭلار ئەمەس، بەلكى پادىشاھنىڭ چاكىرى. مەن قەتئىي تۈردە قورال بىلەن قان تۆكۈش سىياسىتىنى يۈرگۈزىمەن ھەمدە پارلامېنتنىڭ قارارلىرىغا قارىماستىن ئارمىيىدە ئىسلاھات ئېلىپ بارىمەن.
بىسمارك پرۇسىيە ئاقسۆڭەكلىرى ۋە پومېشچىكلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايدىغان سىياسىيون ئىدى. ئۇ كىچىكىدىنلا پادىشاھپەرەسلىكنى ھىمايە قىلاتتى. ھېيىت - ئايەم كۈنلىرىدە، دۇبۇلغا ۋە ساۋۇت كىيدۈرۈلگەن ھالدا سىزىلغان ئەجدادلىرىنىڭ رەسمى ئالدىدا تۇرۇپ، ئائىلىسىدىكىلەردىن ئائىلە نەسەبنامىسىنى ئاڭلايتتى. 1848 - يىلى بېرلىندا ئىنقىلاپ پارتلاپ، ئاممىۋى قوشۇن پادىشاھ ئوردىسىنى قورشىۋالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندا، ئۇ، ئۆز تەۋەلىكىدە قوشۇن تەشكىللەپ، پادىشاھقا يار - يۆلەك بولۇشقا تەييارلانغان ئىدى. كېيىنكى كۈنلەردە پرۇسسىيىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى پۈتكۈل گېرمانىيىگىچە كېڭەيتىشنى جېنىنىڭ بېرىچە تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، پادىشاھنىڭ تازا ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن. باش ۋەزىر بولغاندىن كېيىن، بىسمارك بۇرژۇئا پارلامېنت ئەزالىرىدا پارلامېنتتا ۋالاقتەككۈرلۈك قىلىشتىن باشقا، ھۆكۈمەتكە تاقابىل تۇرغۇدەك ئەمەلىي كۈچ يوقلۇقىنى تولۇق كۆرۈۋالغانلىقتىن، پارلامېنتقا ئەنە شۇنداق پەرۋا قىلمايدىغان بولۇۋالىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەيلا، راست دېگەندەك پارلامېنتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ھەدەپ ئارمىيىنى كېڭەيتىپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ، گېرمانىيىنى قورال كۈچىگە تايىنىپ بىرلىككە كەلتۈرمەكچى بولىدۇ.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كىشىلەر ئۇنى >ئۇرۇشپەرەس باش ۋەزىر< دەپ ئاتايدىغان بولۇپ قالدى.
قارا نىيىتى تاقىلداپ تۇرىدىغان بىسمارك،ا ئالدى بىلەن قوشما شتاتتىكى يەنە بىر چوڭ دۆلەت - ئاۋسترىيىنى يېنىغا تارتىپ، دانىيىگە ئۇرۇش قوزغىدى.
1863 - يىلنىڭ ئاخىرىدا، دانىيە، گېرمانىيە قوشما شتاتىنىڭ ئەزاسى بولغان شلېزۋىگ بەگلىكىنى ئۆزىگە قوشىۋالىدۇ. ئىككىنچى يىلى 2 - ئايدا، بسمارك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئاۋسترىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، دانىيىگە ھۇجۇم قىلدى. دانىيە بۇ ئىككى كۈچلۈك دۈشمەنگە تەڭ كېلەلمەي، ئۇزاققا بارمايلا مەغلۇپ بولۇپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن پرۇسسىيە شلېزۋىگ بەگلىكىنى ئىشغال قىلىۋالدى. ئاۋسترىيە يەنە بىر كىچىك بەگلىكنى ئىشغال قىلىۋالدى.
بۇنىڭ ئارقىسىدىنلا، بىسمارك، مىلتىقنىڭ ئۇچىنى بۇراپلا ئىتتىپاقدىشى ئاۋسترىيىگە ئۇرۇش قوزغىدى.
بىسمارك ئاۋسترىيىنىڭ كۈچلۈك دۈشمەن ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتى، شۇڭا ئۇرۇشتىن بۇرۇن شەخسەن ئۆزى فرانسىيىگە ئۈچ قېتىم بېرىپ، شېرىن سۆزلەر بىلەن فرانسىيە پادىشاھى ناپالېئون Ⅲ نى خاتىرجەملەندۈردى ھەمدە ئۇنىڭغا: ئاۋسترىيىنى مەغلۇب قىلغاندىن كېيىن فرانسىيىگە بىر ئۈلۈش >زېمىن ھەققى< بېرىمەن دەپ يالغان ۋەدە قىلدى. ئۇزاققا بارمايلا يەنە ئىتالىيە بىلەن ھەربىي ئىتتىپاق تۈزۈۋالدى.
يۇقىرىقى تەييارلىقلارنى پۈتتۈرۈۋالغاندىن كېيىن، 1866 - يىل 6 - ئايدا، بىسمارك پرۇسسىيە ئارمىيىسىگە ئاۋسترىيە يېقىندا ئىگىلىۋالغان ھېلىقى كىچىك بەگلىككە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشكە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق شتابى 280 مىڭدىن ئارتۇق قوشۇن بىلەن پرۇسسىيە ئارمىيىسىگە تاقابىل تۇرۇشنى قارار قىلدى. پرۇسسىيە ئارمىيىسىدە 250 مىڭدىن ئارتۇقراق ئادەم بولسىمۇ، ئەمما قورال - ياراق جەھەتتە ئاۋسترىيە ئارمىيىسىدىن خېلى بەك ياخشى بولۇپ، ئۆز زامانىسىدا ئەڭ ئىلغار بولغان ئارقىسىدىن ئوق سالىدىغان تەپكىلىك مىلتىق بىلەن قوراللانغانىدى.
7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئىككى تەرەپ چېخوسلوۋاكىيىنىڭ سادوۋا كەنتى يېنىدا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى. بىسمارك كۆپلەپ ئەسكىرىي كۈچنى جەڭگە ئاتلاندۇردى ھەمدە مەغلۇب بولۇپ كەتسىلا، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئۈچۈن زەھەر ئېلىۋالىدۇ. نەتىجىدە پرۇسسىيە ئارمىيىسى ئومۇمىيۈزلۈك غەلىبە قازىنىدۇ.
ئون كۈندىن كېيىن، پرۇسسىيە ئارمىيىسى ئاۋسترىيە پايتەختى ۋىئېناغا قىستاپ كېلىدۇ. ئايرىم ئادەملەر: پرۇسسىيە ئارمىيىسى ئاۋسترىيىنى ئۈزۈل - كېسىل ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ۋىئېناغا زەپەر مارشى ئوقۇپ كىرىش كېرەك. مۇنداقتا ئاۋسترىيىنى تېخىمۇ كۆپ زېمىن بۆلۈپ بېرىشكە مەجبۇرلىغىلى بولىدۇ، دېگەن پىلاننى كۆرسىتىدۇ. ئىچى پىششىق بىسمارك فرانسىيە پادىشاھى ناپالېئون Ⅱ نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئارىلىشىشىنى پەرەز قىلدى ۋە گېزى كەلگەندە ئاۋسترىيىدىن يەنە پايدىلانماقچى بولدى - دە، بۇ پىلاننى قوبۇل قىلمىدى.
سۈلىھ شەرتنامىگە ئاساسەن، ئاۋسترىيە تۆت شتات ۋە بىر ئەركىن شەھەرنى پرۇسسىيە تېررىتورىيىسىگە قوشۇپ بەردى ھەمدە گېرمانىيە قوشما شتاتىدىن چېكىنىپ چىقىشنى جاكارلىدى.
ئىككىنچى يىلى 4 - ئايدا، پرۇسسىيە گېرمانىيىنىڭ شىمالىي قىسمىنى بىرلىككە كەلتۈردى. بۇ چاغدا، جەنۇبىي تەرەپتە فرانسىيىگە قوشنا بولغان تۆت شتاتلا مۇستەقىللىكنى ساقلاپ قالغانىدى. ناپالېئون Ⅲ گېرمانىيىنىڭ قۇدرەت تېپىپ كېتىشىگە رازى بولماي، بۇ شتاتنىڭ گېرمانىيە تەرەپكە بىرلىككە كېلىپ كېتىشىگ جېنىنىڭ بېرىچە توسقۇنلۇق قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىسمارك فرانسىيە بىلەن ئۇرۇشماقچى بولىدۇيۇ، لېكىن پۇرسەت ئىزدەپ تۇرۇپ تۇردى.
پرۇسسىيە - ئاۋسترىيە ئۇرۇشى ئاياغلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي، فرانسىيىنىڭ پرۇسسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بىسمارك بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭدىن: >زېمىن ھەققى< بېرىمەن دېگەن ۋەدىسىنى رېئاللاشتۇرۇشنى، فرانسىيىنىڭ ليوكسېمبۇرگ بىلەن بېلگىيىنى يۇتۇۋېتىشكە ماقۇل بولۇشنى تەلەپ قىلدى.
بىسمارك ليۇكسېمبۇرگقا ماقۇل بولمىدى. بېلگىيە ئۈستىدىمۇ دىلىغۇل بولدى - دە، ئەلچىدىن فرانسىيىنىڭ تەلىپىنى رويخەت يېزىپ، پرۇسسىيە پادىشاھىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قارار چىقىرىشىغا سۇنۇشنى ئۆتۈندى.
فرانسىيە تەرەپ، بىسماركقا قانداق ھىيلە بارلىقىنى بىلمەستىنلا، شۇ ھامان ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە بەجا كەلتۈردى. كۈتۈلمىگەندە، بىسمارك رويخەتنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىنلا، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى دەرھال ياۋروپاغا قارا نىيەتتە بولۇپ كېلىۋاتقان ئەنگلىيە بىلەن روسىيىگە پاش قىلىپ قويۇپ، ئۇلار بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدا زىدىيەت پەيدا قىلدى. بۇ خەۋەردنى ئاڭلىغان ناپالېئون Ⅲ غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولدى - دە، پرۇسسىيە بىلەن نوچىلىق تالىشىشقا بەلباغلىدى.
بۇنىڭ ئارقىسىدىنلا فرانسىيە بىلەن پرۇسسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پەيدا قىلىدىغان يەنە بىر ۋەقە يۈز بەردى:
1870 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ گېزىتلىرىدە: ئىسپانىيە پادىشاھى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىشقا ئادەم بولمىغاچقا، تەختنى پرۇسسىيە پادىشاھىنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسىغا بەرمەكچى بولدى، دېگەن خەۋەرلەر بېسىلدى. ئەسلىدە بۇ خەۋەرمۇ بىسماركچىلارنىڭ ئىشى بولۇپ، فرانسىيىنى ئالدى - ئارقىسىدىن دۈشمەنگە گىرىپتار قىلىشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت بولدى. ناپالېئون Ⅲ بۇ ۋەقەنىڭ ئۆزىگە تولىمۇ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى غەزەپلەندى؛ ئۇنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ئادەم ئولتۇرغۇزۇشقا پېتىنغان دۆلەت بىلەن ئۇرۇشىمىز، دەپ پو ئاتتى.
7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، بىسمارك ئائىلە زىياپىتى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى، توساتتىن پرۇسسىيە پادىشاھى يازلىق دەم ئېلىش ئورنىدىن ئەۋەتكەن جىددىي تېلېگراممىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. تېلېگراممىدا: فرانسىيە ئەلچىسى پرۇسسىيە پادىشاھى ھۇزۇرىغا سالامغا كېلىپ، ناپالېئون Ⅲ نىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن پرۇسسىيە پادىشاھىدىن بىر نەۋرە ئىنىسىنى پادىشاھ ۋارىسى قىلماسلىققا كاپالەت بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، پرۇسسىيە پادىشاھىنىڭ بۇنى رەت قىلغانلىقى، ئەمما، پرۇسسىيە بىلەن فرانسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ ئىش ئۈستىدە بېرلىندا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلغانلىقى، شۇڭا بىسماركقا ئالاھىدە تېلېگرامما بەرگەنلىكى ئېيتىلغانىدى.
بىسمارك تېلېگراممىنى ئوقۇپ بولۇپ، دەرمەھەل يايراپ كەتتى - دە، سورۇندا تۇرغان باش مەسلىھەتچى مولتكېدىن جىددىي سورىدى:
- گېنېرال، سوئالىمغا جاۋاب بېرىڭ، فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغاندا تولۇق غەلىبە قازانغىلى بولامدۇ؟
- جەزمەن دانىيە بىلەن ئاۋسترىيە ئۇرۇشىغا ئوخشاشلا تولۇق غەلىبە قازانغىلى بولىدۇ، - دەپ جاۋاب بەردى مولتكې تولۇق ئىشەنچ بىلەن.
- ياخشى، جاۋابىڭىز ئىرادەمنى قەتئىيلەشتۈردى! - دېدى بىسمارك ۋە قولىغا قەلەم ئېلىپ، تېلېگراممىنىڭ ئاخىرقى بىر جۈملىسىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنى: >پادىشاھ ئالىيلىرى بۇنىڭدىن كېيىن فرانسىيە ئەلچىسىنى قوبۇل <قىلىشىنى رەت قىلغايلا ھەمدە نۆۋەتچى باشلىقىنى ئەۋەتىپ ئالىيلىرىنىڭ فرانسىيە ئەلچىسىگە دەيدىغان ھېچقانداق گەپلىرى يوقلۇقىنى ئېيتىپ قويغايلا، ئۆزگەرتىپ قويدى.
ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ تازا كۆرەڭلىگەن ھالدا:
- فرانسىيە پادىشاھى ئەمدى چىداپ تۇرالمايدۇ! - دېدى.
مولتكې ئۇنى كۆرۈپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى، ۋە:
- باش ۋەزىر جانابلىرى، سىز چېكىنىش سىگنالىنى ھۇجۇم قىلىشنىڭ ھەيۋەتلىك مارشىغا ئايلاندۇردىڭىز جۇمۇ! - دېدى.
بىسمارك يەنە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ۋەزىرىنىڭ پىكىرىنى ئالدى ۋە شۇ ھامان ئۆزگەرتىلگەن تېلېگراممىنى گېزىتتە جاكارلاشقا بۇيرۇق چۈشۈردى.
بۇنىڭ بىلەن، دېگەندەك ناپولېئون Ⅲ نىڭ غەزىپى تاشتى. 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، فرانسىيە پرۇسسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى، پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىدى.
ئۇرۇش فرانسىيىنىڭ مەغلوپ بولۇشى بىلەن ئاياغلاشتى. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، فرانسىيىگە قوشنا بولغان جەنۇب تەرەپتىكى تۆت شتاتمۇ پرۇسسىيىنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قالدى.
1871 - يىل 1 - ئايدا، پرۇسسىيە پادىشاھى ئۆزىنى گېرمانىيە پادىشاھى دەپ جاكارىدى. بىرلىككە كەلگەن گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. بىسمارك ئىمپېرىيىسىنىڭ ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەندى.
بىسمارك قورال بىلەن قان تۆكۈپ گېرمانىيىنىڭ فېئوداللىق بۆلۈنمە ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىپ، گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈردى، بۇ تارىختا ئىلغارلىق بولدى. ئەمما، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن گېرمانىيە تەدرىجىي ھالدا مىلتارىزملىق يولىغا مېڭىپ، ئۇرۇشنىڭ بىر مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالدى.