لاۋۇلدىغان گۈلخان يېنىدا
بەش مىڭ يىل
ياپونىيەجاھانگىرلىكى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئۆزى ئاللىقاچان يۇتۇۋالغان چاۋشيەننى جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرىدىغان بازىغا ئايلاندۇردى. ياپونىيە چاۋشيەننىڭ گۈرۈچ، پاختا، ئالتۇن، تۆمۈر، كۆمۈر قاتارلىق بايلىقلىرىنى ھەدەپ بۇلاپ - تالاپ، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن چاۋشيەن خەلقنى تۇتقۇن قىلدى، قىردى ۋە نەزەربەند قىلدى.
شانلىق ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ئىگە چاۋشيەن خەلقى تىز پۈكمىدى. 1932 - يىلى ئاپرېلدا، كىم ئېرسىننىڭ رەھبەرلكىدە، چاۋشيەن خەلقىنىڭ تۇنجى ئىنقىلابىي قوراللىق كۈچى - ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى پارتىزان ئەترىتى دۇنياغا كەلدى.
كىم ئېرسىن 1912 - يىلى پيوڭياڭ شەھرىدىكى ۋەنجىڭتەيدە بىر كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىك ۋاقىتىدا جۇڭگونىڭ جىلىن ئۆلكىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇدى. 14 يېشىدىلا ئىنقىلابقا قانتاشتى. ئۇ 20 يېشىدا پارتىزان ئەترىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ياپون ئالۋاستىلىرىغا قارشى قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلدى.
بىر كۈنى كىم ئېرسىن باشچىلىق قىلغان 40 كىشىلىك بىر پارتىزان ئەترىتى ۋاڭچىڭ ناھىيىسىدىكى لوزىگۇدا ياپون ئالۋاستىلىرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى. بىر پەس دەھشەتلىك جەڭ قىلىش ئارقىسىدا، پارتىزان ئەترىتىدە ئاران 18 پارتىزان قالدى. ئۇلار كىم ئېرسىننىڭ باشچىلىقىدا، قېلىن قارلارنى بويلاپ مېڭىپ، دۇڭنىڭ ناھىيىسىدىكى لاۋخېيشەن تېغىغا كۆچتى. توختىماي يول يۈرۈپ جگڭ قىلغانلىقتىن، پارتىزانلار ھېرىپ - چارچاپ جۇلۇقى چىققانىدى. ئۇقۇغۇچىلىقتىن كېلىپ چىققان بىر نەچچە پارتىزاندا قورساق كۆپۈكى پەيدا بولدى.
يىراقتا كىچىككىنە ياغاچ ئۆي كۆرۈندى. كىم ئېرسىن پارتىزانلارني ھاردۇق ئېلىۋالسۇن دەپ ئويلاپ، ياغاچ ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاستا قاقتى.
_ خوجايىن بارمىكىن؟
_ سىز كىم؟ بۇ يەرگە قانداق كەلدىڭىز؟ - دېدى ئۆيدە كىمدۇر بىرى. ئارقىدىنلا ئىشىكنى ئېچىپ بىر بوۋاي چىقتى.
_ بىز يېقىندا قۇرۇلغان ياپون باسقۇنچلىرىغا قارشى پارتىزان ئەترىتى بولىمىز.
_ مۇنداق دەڭ، مەنمۇ ئاڭلىۋىدىم. مېنىڭ پەمىلەم ما بولىدۇ ، كېلىڭلار ئۆيگە كىرىڭلار.
بوۋاي پارتىزان ئەترىتىگە سەمىمىي خەيرىخاھلىق قىلدى ۋە ئىشەندى. ئۇ پارتىزانلار ئۆيگە باشلاپ، گۈلخان يېقىپ بەرگەندىن كېيىن:
_ سىلەر پەخەس بولۇڭلار، مۇشۇ ئەتراپتا لوزىگۇدىن كەلگەن قورچاق ئەسكەرلەر بار. بۇ ئەبلەخلەر پارتىزانلارغا ئۇچراپ قالساق، ئۇلارنى قورالسىزلاندۇرىمىز، - دەپتۇ، - دېدى بوۋاي پارتىزانلارغا.
_ بۇ يەردە قورچاق ئەسكەر باردەڭ؟!
ياش پارتىزانلاردىن بىر نەچچىسى بوۋاينىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بىر ئاز ھودۇقتى - دە، تېخىمۇ جىددىيلىشىپ، ياپون ئالۋاستىلىرىنىڭ ئىز -دېرىكىدىن مىڭ تەسلىكتە قۇتۇلساق، ئەمدى قورچاق ئەسكەرلەرگە دۇچ كەلدۇق. قانداق قىقلىش كېرەك؟ دەپ ئويلىدى.
كىم ئېرسىن پارتىزانلارنىڭ روھىي ھالىتى ۋە كەيپىياتىنى پەم ئەتتى. ئۇ، بۇ پارتىزانلارنى تەنقىدلىمەي، مۇنداق بىر كەسكىن مەسلىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
_ سىلەر ئويلاپ بېقىڭلار، مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ، بىز قانداق فاڭجىن قوللىنىشىمىز كېرەك؟
پارتىزانلار ئۇنى - بۇنى دىيىشىپ، قىزغىن مۇنازىرىلەشتى. بەزىلىرى بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا پارتىزانلىق ھەركىتى ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ. قوشۇننى تارقىتىۋېتىپ، يېڭىباشتىن يەر ئاستى كۈرەشكە ئۆتۈشىمىز كېرەك، دېسە، يەنە بەزىلىرى، قوشۇننى تارقىتىۋېتىشكە بولمايدۇ. بىر ئامال قىلىپ باشقا پارتىزان ئەترەتلىرى بىلەن ئالاقە باغلاپ، كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز لازىم، دېيىشتى.
كىم ئېرسىن پارتىزانلارنىڭ گەپ - سۆزىنى ئاڭلاپ، جىم تۇرالمىدى. ئۇ ياپون ئالۋاستىلىرىنى يوقىتىپ، قاتمۇ - قات ئازاب ئوقۇبەت ئىچىدە قالغان چاۋشيەن خەلقىنى قۇتقۇزۇشنىڭ بىردىنبىر يولى قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت. يېڭىلا قۇرۇلغان پارتىزان ئەترىتى يەڭگىللىك قىلىپ تارقىتىۋېتىشكە بولامدۇ؟ دەپ ئويلىدى.
پارتىزان ئەترىتىنى قۇرۇش جەريانىدا، كىم ئېرسىن بىر كۈنى يولدا ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، كېسەل بولۇپ قالغان ئانىسىنى يوقلىدى. ئۇ ئانىسىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئانىسىنىڭ نامراتلىق ۋە كېسەل ئازابىدا ياداپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ئىچى ئاغرىدى. ئەمما ئانىسى ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قاراپ چىققاندىن كېيىن:«ۋەتەننى ئازاد قىلىمەن دەپ يۈرگەن بىركىشى ئۆي ئىشلىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ يۈرسە، چوڭ ئىشلارنى قانداق ۋۇجۇتقا چىقىرالايدۇ؟ سەن تېخىمۇ چوڭ بىر قوشۇن تەشكىل قىلىپ ئۇرۇش قىلماقچى بوپسەن، ئەمما ئۆيۈڭنى سېغىنىپ يۈرسەڭ بولامدۇ؟ . . . سەن تېزرەك قايتىپ كەتكىن!» - دېدى. كىم ئېرسىن ئانىسى بىلەن خوشلىشىپ ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتە - ئۆتمەيلا ئانىسى ئۆلۈپ كەتتى. ئەمما ئۇ ئانىسىنىڭ روھلاندۇرۇشى ۋە نەسىھەتلىرىنى مەڭگۈ ئېسىدە چىڭ ساقلىدى. چۈنكى ئۇ ، بىرلا ئانىنىڭ ئەمەس، بەلكى مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئانىلارنىڭ ئۇنىڭدىن كۈتكەن ئۈمىدى ۋە ئارزۇسى ئىدى! كىم ئېرسىن بۇلارنى ئېسىدە ساقلىغانىدى.
كىم ئېرسىن ئۇلارنىڭ بەس - مۇنازىرىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، گۈلخاننى چۇقچىلاپ قويۇپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى:
_ يېڭى شەيئىلەر ئىختىرا قىلىدىغان ئىنقىلابتا، سانسىزلىغان قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. بىز بۇ قېيىن ئۆتكەللەرنى بويسۇندۇرۇپ، ۋەتەننى ئازاد قىلىشىمىز، يېڭى جەمئىيەت قۇرۇشىمىز لازىم. ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇ - تىلەك ۋە ئەقىل - پاراستىمىزنى ئىنقىلابقا بېغىشلىشىمىز كېرەك. سىلەر مۇنقەرز بولۇپ قالغان خەلقنى، مىللىتىمىزنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۈشمەننى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، بىز تاقەت قىلىپ تۇرالايمىزمۇ؟
_ ياق، ھەرگىز تاقەت قىلىپ تۇرالمايمىز.
_ بۇنىڭغا تاقەت قىلىش مۇمكىن ئەمەس!
كۆپچىلىك روھلانغان ھالدا توۋلاشتى. كىم ئېرسىننىڭ قىزغىن سۆزلىرى پارتىزانلارغا ئىشەنچ ۋە كۈچ - قۇۋۋەت بېغىشلىدى. ياغاچ ئۆيدە لاۋۇلداپ كۈيۈۋاتقان گۈلخان جەڭچىلەرنىڭ روھلۇق قىپقىزىل چىرايىغا تېخىمۇ بەكرەك قىزىل نۇر قوشتى.
كىم ئېرسىن 18 نەپەر پارتىزان ئوغلانلىرىنى باشلاپ، لاۋخېيشەندىكى قېلىن ئورمانلىققا كىرىپ كەتتى. ئۇلار ھەركۈنى ئوۋ ئوۋلايتتى. مەشىق قىلاتتى ، ئۆگىنەتتى، مۇھاكىمە قىلاتتى؛ ئېغىر شارائىتلار ئۇلارنى تېخىمۇ قەيسەر قىلىپ چېنىقتۇردى. ئۇلار لاۋخيېشەندىن ئايرىغاندا، پارتىزانلاردا بىر مەھەل كۆرۈلگەن ھېلىقىدەك ئىرادە بوشاڭلىقى، چارچاش - ھارغىنلىقتىن قىلچە ئەسەر قالمىدى. ئۇلارنىڭ چىرايىدىن نۇر چاقناپ، كۈرەش ئىرادىسى پەلەككە يەتتى. ئۇلار ۋاڭچىڭ ناھىيىسىدىكى باشقا پارتىزان ئەترەتلىرى بىلەن ناھايىتى تېزلا ئالاقە ئورنىتىپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك قوشۇن بولۇپ ئويۇشتى. قوشۇننىڭ ئالدىدا «ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى خەلق پارتىزان ئەتىرىتى» دېگەن بايراق ئوچۇق ئاشكارا لەپىلدەپ، قوشون ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى جەڭگە ئاتلىنىپ، دۈشمەنگە قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، پارتىزانلىق بازىسىنىمۇ قۇردى.
1934 - يىلى مارتتا، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كىم ئېرسىن رەھبەرلىكىدىكى پارتىزان ئەترىتى چاۋشيەن خەلق ئىنقىلابىي ئارمىيىسىگە رەسمىي ئۆزگەرتىلدى. ئىككى يىلدىن كېيىن، چاۋشىيەن كوممۇنىزمچىلىرى رەھبەرلىك قىلغان ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ تەشكىلاتى - «ۋەتەننى ئازاد قىلىش جەمئىيىتى» قۇرۇلۇپ، كىم ئېرسىن جەمئىيەتنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى. بىر نەچچە ئايدىلا بۇ جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى تېزدىن كۆپىيىپ 200 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. ياپون جاھانگىرلىكىگە قارشى كۈرەش داۋامىدا، بۇ تەشكىلات جۇڭگو خەلقى بىلەن مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇپ، چوڭقۇر جەڭگىۋار دوستلۇق ئورناتتى.