UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭئاجايىپ رەسىملەر

ئاجايىپ رەسىملەر

بەش مىڭ يىل بۇنىڭدىن 2 مىڭ يىل بۇرۇن، بىر تۈركۈم رىملىقلار مىسىرغا كەلگەن. ئۇلار قەدىمى ئىبادەتخانىلار ۋە ئوردا _ سارايلارنى ئېكىسكۇرىسيە قىلىۋېتىپ، نۇرغۇن تاملارغا ۋە قۇمۇشتىن ياسالغان پاپىرۇس (مىسرلىقلار قومۇچتىن ياسالغان قەغەزنى ئەسلىدە «پاپىرۇس» دەپ ئاتىغان _ ت) قەغەزلەرگە چۈشۈرۇلگەن بىر مۇنچە ئاجايىپ رەسىملەرنى كۆرگەن. بۇ رەسىملەر مىسىرنىڭ تارىخى قىزىقمىغاچقا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمىغان. مىسىر مىلادىدىن ئىلگىرى 525 _ يىلى پىرسىيلىكلەر تەرىپىدىن بوي سۇندۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىدىن تامامەن مەھرۇم بولۇپ، پىرسىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولۇپ قالغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تارىخىي يازمىلارنى پارىس يېزىغىدا يازىدىغان. ئاشۇنداق رەسىم سىزىش ھۈنىرىنى بىلدىغان ئاخىرىقى راھىپ ئۆلگەندىن كېيىن، قەدىمقى مىسىر تارىخى خاتىرىلەنگەن بۇ رەسىملەر يەشكىلى بولمايدىغان سىر بۇلۇپ قالغان. 1799 - يىلى فىرانسىيىلىك ناپولېئون ئىستىلاچى قوشۇنىلىرىنى باشلاپ يىراقتىكى ئافرىقىنىڭ شەرقىگە كەلگەن. ئۇ نىل دەرياسىدىن ئۆتمەيلا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. لېكىن ناپولېئوننىڭ بۇ قېتىمقى يىراققا يۈرۈش قىلىشى ئويلىمىغان يەردىن مىسىرنىڭ بۇ ئاجايىپ رەسىملىرىنىڭ سىرىنى ئېچىپ تاشلىغان. بىر كۈنى بىر فىرانسىيىلىك ياش جۇنگۇەن نىل دەرياسى ئېغىزىدىكى روزېتتا دېگەن بازاردا پوستا تۇرغان. پوستا ئۇزاق تۇرۇۋېرىپ ئىچى پۇشۇپ كەتكەن بۇ جۇنگۇەن نىل دەرياسى دېلتىسىنىڭ كونا ئىزىنى كۆرۈشكە بارغان. ئۇ ئۇ يەردىن توساتتىن بىر پارچە ئاجايىپ تاش يارنامىنى تېپىۋالغان. ئۇ بۇ بازالىت تاشقا سىنچىلاپ قارىسا، ئۇنىڭغا مىسىرنىڭ باشقا قەدىمى يادىكارلىقلىرىغا ئويۇلغاندەك ھەرخىل ھەيكەللەر ئويۇلغان ئىكەن. ئوخشاش بولمىغان يېرى شۇكى بۇ تاشقا ئۈچ خىل يېزىقتا خەت ئويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى يۇنانچە ئىكەن. ئۇ چاغدا يۈنانچىنى بىلىدىغانلار كۆپ ئىكەن. ئۇ، رەسىمىدىكى مىسىرچە خەتلەرنى يۇنانچە خەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ مەنىسنى چۈشىنىۋېلىش چوقۇم ئوڭاي بولىدۇ، دەپ ئويلاپ، ناھايىتى خوشال ھالدا بۇ تاش يادىنامىنى ئېلىپ كەتكەن. بىراق، بۇ ياش جۇنگۇەن نۇرغۇن ئادەمدىن سوراپتۇ تاش يادنامىدىكى بۇ كىچىك رەسىملەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمىگەن. ئاندىن نەچچە ئون يىل ئۆتۈپ 1822 - يىلغا كەلگەندە چامپوللون دېگەن فىرانسىيىلىك ئالىم ئاندىن بۇ ئالىم بەك چارچاپ كەتكەچكە ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەن، بىراق مىسىرنىڭ تەسىۋىرىي يېزىغىنىڭ ئاساسلىق پىرىنىسىپلىرى بۇ چاغدا ئايدىڭلىشىپ قالغان. كېيىن يەنە باشقىلارنىڭ تەتقىق قىلىشى ئارقىسىدا، تاش يادنامىدىكى ئاجايىپ رەسىملەرنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرى 195 _ يىلى مىسىر ھاپىزلىرى تەرىپىدىن پادىشاھغا مەدھىيە ئوقۇپ ئويۇلغانلىقى ئاخىرى ئېنىقلانغان. ئۇنىڭدىكى ئۈچ يېزىقىنىڭ يۇنچىسىدىن باشقا، قالغان ئىككى خىلى مىسىر يېزىقى بولۇپ، بىرى تېز يازما شەكلى، بىرى تەسۋىرىي شەكلى ئىكەن. مۇشۇ رەسىملەرنىڭ سىرى يېشىلىشى بىلەن، قەدىمقى مىسىر تارىخى غەزنىسىنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىپ، بىز بۇنىڭدىن 6 - 5 مىڭ يىل بۇرۇنقى قەدىمقى مىسىر مەدىنىيىتىگە دائىر تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇق. بۇنداق تەسۋىرى يېزىق مىلادىدىن ئىلگىرى 4000 - يىللار ئوپچورىسىدە پەيدا بولغان، بۇ يېزىق سۇمېر يېزىقى، قەدىمقى ھىندى يېزىقى، شۇنىڭدەك جۇڭگونىڭ سۇڭەك چىغىناق يېزىقىغا ئوخشاش، مۇستەقىل ھالدا، باشلانغۇچ جەمئىيەتتكى ئەڭ ئاددى رەسىم ۋە گۈل نۇسخىلىرىغا ئاساسەن ئىجات قىلىنغان، شۇڭا تەسۋىرىي يېزىق دەپ ئاتالغان. ھاپىزلار ياكى ئەمەلدارلار بىرەر سۆزنى يازماقچى بولسا، شۇ سۆزنىڭ مەنا _شەكلىگە قاراپ رەسىم بىلەن ئىپادىلىگەن. مەسلەن «سۇ» دېگەن سۆزنى ئۈچتال ئەگرى سىزىق قىلىپ، «تاغ» دېگەن سۆزنى تاغنىڭ شەكلىدە قىلىپ، قۇياش دېگەن سۆزنى ⊙ قىلىپ سىزغان. بىرەر جۈملە سۆزنى يېزىپ، مۇكەممەلرەك بىر مەنىنى ئىپادىلىمەكچى بولسا، ئاشۇنداق ئايرىم _ ئايرىم رەسىملىك بەلگىلەرنى بىرلەشتۇرۇپ مەنە بىلدۇرىدىغان مۇرەككەپ رەسىم شەكلىگە كىرگۈزگەن. مەسىلەن، مىلادىدىن ئىلگىرى 3000 - يىلىدىن بۇرۇن پۈتۈن مىسىرنى بىرلىكە كەلتۈرۈپ، قەدىمقى مىسىرنىڭ تۇنجى خانلىقىنى قۇرغان نارمېرنىڭ غەلىبىسى خاتىرىلەنگەن بىر شىبەن تاشقا نارمېرىنىڭ تىز پۈكۈپ تۇرغان بىر ئەسىرنى زاكۇن تايىغى بىلەن ئۇرۇۋاتقانلىقى ئويۇلغان. ئەسىرنىڭ ئۈستىگە بىر پۇتىدا ئادەمنىڭ بۇرنىغا ئۆتكۈزۈلگەن ئاغامچىنى قاماللىغان، يەنە بىر پۇتىدا 6 تۈپ ئۆسۈملۈكنى دەسسەپ تۇرغان بىر بۇركۈتنىڭ رەسىمى ئويۇلغان. بۇ 6 تۈپ ئۆسۈملۈك گويا ئەسىرنىڭ تېنىدىن ھاسىل بولغان ئۇزۇن چاسا شەكلىدىن ئۆسۈپ چىققاندەك قىلىپ ئويۇلغان. بۇ بىر يۈرۈش رەسىمدە پادىشاھنىڭ 6 مىڭ ئادەمنى ئەسىر ئالغانلىقى ئىپادىلەنگەن. تىلنى مۇشۇنداق مۇرەككەپ رەسىم يېزىقى سېستىمىسى بىلەن خاتىرىلەشنىڭ تولىمۇ بەپ بولغانلىقى تۇرغانلا گەپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە تىلنىڭ مۇرەككەپلىشىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئابىستراكت ئۇقۇملار، مەخسۇس ئاتالغۇلار ۋە گىراماتىكا شەكللىرى كېلىپ چىققان، ئاشۇنداق ئاددى رەسىملەر بىلەن بۇلارنى ئىپادىلەش تېخىمۇ قىيىن بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بارا - بارا بۇغۇم ئىپادىلىگۈچى بەلگىلەر بارلىققا كەلگەن. يەنە 24 ئۈزۈك تاۋۇش كەشىپ قىلىنغان؛ ھەر خىل بەلگىلەردىن تەركىپ تاپقان سۆز بىرىكمىلىرىمۇ 600 دىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ گەرچە ئېلىپبەلىك يېزىق بولمىسىمۇ، لېكىن نوقۇل ھالدا رەسىم ئارقىلىق ئىپادىلىگەنگە قارىغاندا جىق تەرەققى قىلغان. ئۇنداق بولسا، بۇ ھەرپلەر نېمىگە يېزىلغان؟ بىزگە مەلۇمكى نىل دەرياسى بويلىرىدا ئوت - چۆپ، دەل - دەرەخ بەك كۆپ بولۇپ، ئۇ يەردە قومۇشقا ئوخشايدىغان، ھەم ئىگىز، ھەم توم ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولغان. مىسىرلىقلار بۇنداق ئۆسۈملۈكنى كېسىپ، ئۇنىڭ غولىنى يېرىپ تارشا قىلىپ، قەغەز قالغان. بۇنى «پاپرۇس» دەپ ئاتىغان. قەدىمقى مىسىرلىقلار مۇشۇنداق پاپىرۇس قەغەزنى يوگەپ ئىنچىكە يىپ بىلەن باغلاپ قويغان. سىيانى بولسا چاي بىلەن قۇرۇمنى ئارىلاشتۇرۇپ ياسىغان، قەلەمنى ئىنچىكە قۇمۇشتىن ياسىغان. دېمەك قەدىمقى مىسىرلىقلار دەل ئەنە شۇنداق يېزىق قوراللىرى بىلەن كېيىنكىلەرگە مول مەدىنى مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
ئاجايىپ رەسىملەر | UyghurWiki | UyghurWiki