UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭلوندون مۇنارىسىنىڭ ئىشغال قىلىنىشى

لوندون مۇنارىسىنىڭ ئىشغال قىلىنىشى

بەش مىڭ يىل ئەنگىلىيە، فرانسىيە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ ئۇرۇش، ئەنگىلىيىنىمۇ ھالىدىن كەتكۈزدى. ئۇرۇش پارتلاپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، پۈتكۈل ياۋرۇپانى قاپلىغان قارا داغ كېسىلى )تارقىلىشچان چۇما كېسىلى( ئەنگىلىيىدىكى 3 مىليون 500 مىڭ نوپۇسنىڭ يېرىمىنىڭ جېنىنى ئالدى؛ بۇ ئاز دېگەندەك، ئۈلۈكسىز ئەسكەرلىككە ئېلىش نەتىجىسىدە، شەھەر، يېزىلاردا ئەمگەك كۈچى ناھايىتى تېز كېمىيىپ كەتتى. ھۆكۈمەت بەلگىلىمىسىدە يېزىلاردىن ياللانغان ياللانمىلارنىڭ ئىش ھەققى تولىمۇ تۆۋەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە جوجايىندىن ئايرىلغانلارغا قانۇن پاناھ بولمايدۇ. قاماققا ئېلىنغانلارغا داغمال بولۇپ تامغا بېسىلىدۇ، دەپ جاكارلانغان ئىدى. ئەنگىلىيە قوشۇنىنىڭ ئۇرۇشتا ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى، ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى بۇ زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۋەتكەن ئىدى. مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، قوشۇننى كېڭەيتىش ۋە ھەربى ھازىرلىقنى كۈچەيتىشكە توغرا كەلدى. ۋاھالەنكى بۇ راسخورت سېلىقى يەنىلا دېھقانلارنىڭ زېممىسىگە چۈشتى. يۇقىرىقى ئەھۋاللار خەلقنى، خۇسۇسەن دېھقانلارنى قاتتىق نارازى قىلدى. ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ بىر مەيدان كۈرەش دولقۇنى پارتلاش ئالدىدا تۇراتتى. بۇ چاغدا، شەھەر ۋە يېزىلاردا بىر مۇنچە تەرىقەتچىلەر پەيدا بولدى. ئۇلار خالايىق ئالدىدا دىنىي جەمئىيەتنىڭ زۇلمەتلىكىنى پاش قىلدى. تويماس - بالاخور فېئودال قورۇق ئىگىلىرى ۋە ئۇرۇشقا تاينىپ بېيىغان ئاچكۆز ئەمەلدارلارنى غەزەپ بىلەن سۆكۈپ:>ئادەم ئاتام يەر تېرىغان، ھاۋا ئانام رەخت توقوغان چاغلاردا كىم ئاقسۆڭەك ئىكەن، يەر زېمىن خەلقنىڭ، ھەممە ئادەم باراۋەر...< دېدى. بۇ تەرىقەتچىلەر ئىچىدە سۆزى ھەممىدىن ئۆتكۈر جۇن باللا ئىىسملىك بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ بۇ نۇقتىئىنەزەرنى تەرغىپ قىلىش بىلەنلا قالماي، خەلقنى توپلىنىپ لوندونغا بېرىپ، پادىشاھقا يېڭى تۇرمۇش شارائىتى بېرىش توغرىسىدا تەلەپ قويۇشنى ئۈندىدى. باللىنىڭ بۇ تەرغىباتلىرى كەنتىبولر باش ئېپىسكوپنى قاتتىق چۆچۈتتى. ئۇ ئىككى قېتىم پەرمان چىقىرىپ باللنى تۈرمىگە تاشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تۈرمىدىن چىقىش بىلەنلا يەنە شۇ تەرغىباتىنى داۋاملاشتۇردى. ئۇزۇن ئۆتمەي، تۈرمىگە 3 - قېتىم، تاشلاندى، ئەمما بۇ چاغدا ئۇنىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرى كەمبەغەللەرنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كەتكەن ئىدى. 1381 - يىلى مايدا، لوندون ئەتراپىدىكى كېنىت ۋىلايىتى ۋە باشقا ۋىلايەتلەردىكى دېھقانلار كىشى بېشىغا تاپشۇرۇلىدىغان باجغا قارشى تۇشمۇ - تۇشتىن قوزغىلىپ ۋات تىلېر ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۆزىنىڭ داھىسى قىلىپ سايلىدى. تىلېر يېزىلىق تامچى بولۇپ، ھەربى ئىشلاردىنمۇ بىر ئاز خەۋرىرى بار ئىدى. 10 - ئىيۇن، ئۇ قوزغىلاڭچى دېھقانلارغا باشچىلىق قىلىپ، كېنىت ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىنى ئىشغال قىلدى ۋە باللنى تۈرمىدىن قۇتقۇزدى. بۇ ئىككىيلەن پايتەخت لوندونغا بېرىپ پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈش قارارىغا كەلدى ۋە ھەر قايسى ۋىلايەتلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ ئالاقە باغلىدى. نەتىجىدە بىر قانچە كۈن ئۆتە - ئۆتمەيلا، مەملىكەت بويىچە 40 ۋىلايەتتىن تەخمىنەن 25 ۋىلايەتتە قوزغىلاڭ پارتىلىدى. 12 - ئىيۇن تىلېر، بالل باشچىلىق قىلغان 06 مىڭ كىشلىك قوشۇن لوندۇندىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر تاغ چوققىسىغا كېلىپ ئورۇنلاشتى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان چارلېس Ⅱ دەررۇ ئۇلارغا ئىككى چەۋەندازنى ئەۋەتىپ >سىلەرگە نېمە لازىم<دەپ سوراتقۇزدى، تېلېر:>بىز پادىشاھ بىلەن تەنپەن قىلىمىز< دەپ جاۋاب بەردى. بۇ جاۋابنى ئاڭلىغان پادىشاھ نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرغاننىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ۋەزىرى، قوشۇمچە باش ئېپىسكوپ كەنتىبولر سىمون بىلەن مالىيە ۋەزىرى:پادىشاھ بۇ يالاڭتۆش باندىتلار بىلەن كۆرۈشۈشكە ھەرگىز بولمايدۇ، ئامال قىلىپ ئۇلارنى باستۇرۇش كېرەك، دېدى. بۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۇلار بىلەن كۆرۈشمەسلىك قارارىغا كەلدى. ھەمدە ۋەزىرلەرنىڭ تەكلىپى بويىچە شەھەر ئىچىگە - لوندون مۇنارىسىغا مۆكۈۋالدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان قوزغىلاڭچىلار غەزەپتىن ئۆرتەندى - دە، ھەممەيلەن بىردەك توۋلىدى: - شەھەرگە بېسىپ كىرەيلى! لوندون مۇنارىسىنى ئىشغال قىلايلى! - باش ئېپىسكوپنى ئۆلتۈرەيلى! - ئاقسۆڭەك بەگ - غوجاملارنى چېپىپ تاشلايلى! شۇنداق توۋلاشقىنىچە 60 مىڭ كىشى دەرھال تاغدىن چۈشۈپ، لوندونغا قاراپ ئېتىلدى، يولدىكى مۇناستىر سوتچى ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى ئۇرۇپ - چاقتى؛ پادىشاھ تۈرمىسىنى بۇزۇپ، گۇناھكارلارنىڭ ھەممىسىنى قويۇۋەتتى. ئەتىسى ئۇلار شەھەر يېنىغا يېتىپ بارغاندا، لوندون شەھەر باشلىقى شەھەر قوۋۇغىنى ئەتتۈرۋەتكەن ئىدى. ئەمما شەھەر ئىچىدە قوزغىلاڭچىلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، دەرھال قوۋرۇقنى ئېىچپ بەردى. قوزغىلاڭچىلار شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن، بەزى كىنەزلەرنىڭ سارايلىرىنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى، ئارقىدىنلا لوندون مۇنارىسىنى مەھكەم مۇھاسىرە قىلىۋالدى. لوندون مۇنارىسى لوندون شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇپ تەرىپىدىكى ئېگىز تاغ ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ، جەنۇپ تەرىپى تايمىس دەرياسىغا تۇتىشاتتى. بۇ مۇنار قۇرۇلۇشى 1078 - يىلى باشلىنىپ 20 يىلدا پۈتتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزمۇت ھەربى ئىستىھكام، ئېسىل - ھەشەمەتلىك ئوردا سارايلار، سۈرلۈك تۈرمىلەر، چېركاۋ ۋە جازا مەيدانى قاتارلىقلار بار ئىدى. پۈتكۈل قورغاننىڭ كۆلىمى 18 ئېنگېلىز موسى بولۇپ، ئىچكى قورغان، تاشقى قورغان دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنەتتى. تاشقى قورغان تاش بىلەن قوپۇرۇلغان پۇختا سېپىل ئىدى، سېپىل توققۇز ئاكوپ ۋە كۈزەتخانا بار ئىدى. ئىچكى قورغان يۇمۇلاق، يېرىم يۇمۇلاق ۋە چاسا 13 ئىگىز مۇنار ۋە بۇلارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان سېپىلدىن تەركىپ تاپقان ئىدى. بۇ قەلئەنىڭ مەركىزىي قۇرۇلۇشى بىر ئاق مۇنار بولۇپ، بۇ مۇنارنىڭ شەرقىي غەرپ ۋە جەنۇبىي شىمال تەرەپلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 مېتىردىن كۆپرەك، ئېگىزلىكى 27 مېتىر بولۇپ، ھەممىسى ئاق مەر مەر تاش بىلەن قوپۇرۇلغان ئىدى. پادىشاھ مانا مۇشۇنداق پۇختا - مەزمۇت قەلئەگە كىرىۋالغان بولسىمۇ، يەنىلا يۈرىكى پوك - پوك ئىدى. بۇ كۈنى كەچتە پادىشاھ، پادىشاھ جەمەتىدىكىلەر، خىزمەت كۆرسەتكەن ۋەزىر - كىنەزلەرنى مۇنارغا چاقىرتىپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى كېڭىشىۋاتاتتى. بۇلاردىن بەزىلەر مۇنارىدىكى 600 نەپەر قوراللىق ھەم تەجرىبىلىك ياساۋۇل ۋە 600 نەپەر ئوق - ياچىلارنى يېرىم كېچىدە ئەۋەتىپ، زوراۋانلارنى ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ ئۇخلاپ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قىرىپ تاشلاشنى تەكلىپ قىلىشتى؛ بەزىلىرى: بۇ زوراۋانلارنىڭ 20 دىن بىرىمۇ ساۋۇت كىيىپ تولۇق قوراللانغان بولۇشى ناتايىن، شۇڭا ئۇلارنى چىۋىننى قىرغاندەك قىرىپ تاشلاش مۇمكىن، دېيىشتى. لوندون شەھەر باشلىقى شەھەردىكى بارۇنلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلاشقا تەكلىپ بەردى. ئۇنىڭ مۆلچەرىچە شەھەر ئىچىدىن قوراللانغان گىلادىياتۇرلاردىن تەخمىنەن 8000 كىشىنى قوزغاپ چىققىلى بولاتتى. پادىشاھ، ھەمدەمچى قوشۇن يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى زوراۋانلار مۇنارىغا باستۇرۇپ كىرىپ قالسا جېنىمنى قانداق قىلارمەن، دەپ قورقۇپ، ئاخىرى شەھەر باشلىقىنى شەھەردىكى قوراللىق كۈچى بار بارۇنلار بىلەن مۇناسىۋەت بەلگىلىدى، مۇنار ئىچىدىكى ئەسكەرلەرنى بولسا ۋاقتىنچە مىدىرلاتمىدى. ئەتىسى تاڭ سۈزۈلۈشتىن باشلاپ، لوندون مۇنارىسىنى مۇھاسىرە قىلىپ تۇرغان قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى قاتتىق چوقان كۆتىرىشتى: - پادىشاھ ئالىلىرى دەرھال چىقىپ بىزگە گەپ قىلسۇن! - پادىشاھ ئالىلىرى يەنە چىقمىسا، مۇنارغا ھۇجۇم قىلىمىز! - پادىشاھ ئالىلىرى باش ئېپىسكوپ بىلەن مالىيە ۋەزىرىنىڭ بېشىنى دەرھال بىزگە تاپشۇرسۇن! بۇ غەزەپلىك چۇقاننى ئاڭلاپ جان - ئىمانى چىقىپ كەتكەن پادىشاھ، كۆپچىلىك ئالدىغا چىقىپ سۆز قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ چىقىپ كۆپچىلىككە سۆز قىلىشقا ماقۇل بولغان بولسىمۇ، مۇنار ئالدىدا سۆز قىلىش ئەپسىز بولغاچقا، كۆپچىلىكنى مەيدانغا توپلىنىڭلار، دېدى. قوزغىلاڭچىلار تەنتەنە سادالىرىنى ياڭراتقىنىچە مەيدانغا قاراپ يول ئالدى. پادىشاھ نەۋكەرلىرىگە مۇنار دەرۋازىسىنى ئاچقۇزۇپ، ئۇلار بىلەن بىللە مۇناردىن چىقتى. بۇ چاغدا تىلېر بىەلن بالل يېتەكچىلىكىدىكى 400 نەچچە ئادەم مۇنارغا بېسىپ كىردى. بۇلارنىڭ قولىدا چوماق - كالتەك، دات بېسىپ كەتكەن قىلىچ ۋە ئىس تارتىپ قارىداپ كەتكەن ئوق - يادىن باشقا بىر نەرسە يوق ئىدى؛ ۋاھالەنكى تولۇق قۇراللانغان ياساۋۇل ۋە ئوق - ياچىلار قورققىنىدىن ياغاچتەك قېتىپ تۇرۇپلا قېلىشتى. قايتۇرما زەربە بېرىشكە غەيرەت قىلالمىدى. قوزغىلاڭچىلار ئەزەلدىن ئوردىغا كىرىپ باقمىغاچقا، پادىشاھنىڭ مۇداپىئە تۆشۈكىگە چىقىپ ئېغناپ بېقىشتى؛ بەزىلىرى تۇتقۇچلۇق شوتا بىلەن تار، بىر ئادەم ئاران ماڭالايدىغان مۇنار راۋىقىغا چىقىپ، سۇندۇرۇش مۇمكىن بولغان بارلىق نەرسىلەرنى ئۇرۇپ سۇندۇردى، كۆپچىلىكى چېركاۋغا بېسىپ كىردى. باش ئېپىسكوپ، مۇنارنىڭ بىر نامازخانىسىدا تەقۋادارلىق بىلەن ناماز ئوقۇپ ئولتۇراتتى. ئۇ:>ئى پەرۋەردىگارىم، جىمىكى بەندىلىرىڭ سەندىن بەخت ئاتا قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا<، دەپ تەلەپ قىلىۋاتقاندا، تىلېر، بالللارنىڭ قوشۇنى ئۇنى قاتمۇ قات مۇھاسىرە ئىچىگە ئېلىۋالغان ئىدى. - خەلقنىڭ زىياندىشى مانا مۇشۇ يەردە! - بالل، باش ئېپىسكوپنى كورسىتىپ تۇرۇپ غەزەپ بىلەن توۋلىدى. باش ئېپىسكوپ سەجدە سۈپىسىدىن ھايالسىز تارتىپ چۈشۈلگەندىن كېيىن، قوزغىلاڭچىلار ئۇنى نامازخانىدىن غاقىرىتىپ سۆرەپ ماڭدى. - بالىلىرىم، سىلەر مېنى نېمە قىلماقچى، مەن نېمە گۇناھ قىلدىم؟ - ئېپىسكوپ ئەنسىز توۋلايتتى. دەرۋازا ئالدىغا كەلگەندە بالل قىپ - قىزىل كۆزلىرى بىلەن باش ئېپىسكوپقا مىختەك قادالدى ۋە ئۇنىڭ دىنىي تونىدىن قاماپ تۇتقىنىچە: - بىز سېنى ئۆلتۈرۈپ پادىشاھنىڭ، دىندارلارنىڭ زىياندىشىنى يوقىتىمىز!- دەپ توۋلاىدى. باش ئېپىسكوپ بېشىدا ئويناپ تۇرغان سان - ساناقسىز پىچاق، پالتىلارنى كۆرۈپ لاغىلداپ تىترىگىنىچە، كىكەچلەپ ئاران - ئاران سۆزلىدى. - بالىلىرىم، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتسەڭلار، ئاللا سىلەرنى جازاغا تارتىدىغانلىقىنى ئوقمامسىلەر؟ مۇشۇ ئىشىڭلار ۋەجىدىن ئەنگىلىيە يەنە مۇرتەدلىك)دىندىن قوغلاندى قىلىش جازاسى( گە ئۇچرايدۇ ئەمەسمۇ؟ قوزغىلاڭچىلار:بىز ھېچنېمىدىن قورقمايمىز؛ بېشىڭنى ئېگىپ، بوينۇڭنى چىقار، كاللاڭنى ئالىمىز! دەپ جاۋاب بەردى ۋە ئۇنى يەرگە بېسىپ شۇ يەردىلا چاناپ ئۆلتۈردى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا مالىيە ۋەزىرى قاتارلىقلارمۇ تۇتۇپ كېلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى. ئۇلارنىڭ كاللىسى دەرھاللا لوندون كۆۋرۈكى ئۈستىگە ئېسىلدى. ئەمدى پادىشاھ ئۈستىدە توختايلى. ئۇ مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، بىر قانچە تۈمەن قوزغىلاڭچى: - پادىشاھ ئالىلىرى، بىز سىلىدىن مەڭگۈلۈك ئەركىنلىك ۋە يەر - زېمىن بېرىشلىرىنى تەلەپ قىلىمىز، بىز ئەمدى يانچى بولمايمىز، فېئودال قورۇق ئىگىلىرىگە ئىشلەمچى بولمايمىز! - دېيىشتى. - مەن سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارغا چىن دىلىمدىن قوشۇلىمەن، - قاقباش پادىشاھ ئۆزىنى ئېغىر - بېسىق كۆرسىتىپ سۆزلىدى، - بىراق، سىلەر قايتىپ كېتىۋېرىڭلار. ھەر يۇرتتىن بىردىن ۋەكىل قالسا بولىدۇ، مەن سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارنى تەسقىلاپ يارلىق يازدۇراي، يارلىقتا سىلەر ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپنىڭ ھەممىسى بولىدۇ، مەن مۆھۈرۈمنى باسىمەن؛ بۇ ھۆججەتلەرنى ۋەكىلىڭلار ئېلىپ بارىدۇ. بىر مۇنچە ئاق كۆڭۈل دېھقانلار پادىشا بەرگەن ۋەدىگە ئىشىنىپ كەتتى - دە، پادىشاھ كېچە - كۈندۈزلەپ يازۇرۇپ چىققان يارلىقنى ئېلىپ، ئۆيلىرىگە قايتىشتى. ئەمما تىلېر بىلەن بالل بۇ يەردىن شۇنداقلا كېتىپ قېلىشنى خالىمىدى، ئۇلار قېپقالغان 30 مىڭ كىشى بىلەن بىرلىكتە، پادىشاھ بىلەن بولغان تەنپەننى داۋاملاشتۇردى ۋە:چېركاۋ ھەم ئىبادەتخانىلارنىڭ مەخپىي يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، يېرى ئاز دېھقانلارغا بۆلۈپ بېرىش؛ فېئودال قورۇق ئىگىلىرىنىڭ بارلىق ئىمتىيازىنى بىكار قىلىش؛ فېئودال قورۇق ئىگىلىرى ئىگەللىۋالغان ئومۇمنىڭ ئورمىنى ۋە كۆل - ئېرىقلىرىنى قايتۇرۋېلىش قاتارلىق تەرەپلەردە يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىيۇننىڭ 15 - كۈنى تىلېر بىلەن بالل 20 مىڭ ئادەمنى مەيدانغا يىغىپ تاقابىل تۇرۇش چارىسى ئۈستىدە مەسلىھەت ئۆتكۈزدى. دەل بۇنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ 40 چە ئادەمنى ئەگەشتۈرۈپ يېتىپ كەلدى. تىلېر، قوزغىلاڭچىلارغا قاراپ: - مەن ئۆزەم يالغۇز پادىشاھ بىلەن تەنپەن قىلىمەن. سىلەر مەن كۆز ئىشارىتى قىلغان ھامانلا ئوتتۇرىغا چىقىسىلەر - دە، پادىشاھدىن باشقا ھەممىسىنى ئۆلتۈرسىلەر، ئەمما پادىشاھقا ھەرگىز چېقىلمايسىلەر، بىز پادىشاھ بىلەن پۈتكۈل ئەنگىلىيىنى كېزىپ چىقىمىز، پادىشاھنىڭ چاقىرىقىدىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ خوجايىنى بولىمىز، - دېدى - دە، ئاتقا مىنىپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلدى. - پادىشاھ ئالىلىرى، بىزنىڭ ئۇ تەرەپتىكى ئادەملىرىمىزنى كۆردىلىمۇ؟ - كۆردۈم، - دېدى پادىشاھ مەيداندىكى تىقما - تىقما بولۇپ كەتكەن ئادەملەر توپىغا قاراپ. - بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ قوماندانلىقىمغا بوي سۇنىدۇ، ماڭا سادىق بولۇش ھەققىدە قەسەممۇ ئىچىشتى. جاناپلىرىچە بۇلار ۋە لوندوندىكى كۆپ كىشىلەرنىڭ ئاسانلىقچە بۇ يەردىن كېتىپ قېلىشى مۇمكىنمۇ؟ - مەن يارلىق يېزىشقا ئادەم بۇيرۇدۇم، بۇلارنى قايتۇرۇشڭىز كېرەك. مۇشۇ گەپلەر بولۇۋاتقاندا، تىلېر، پادىشاھ يېنىدا پادىشاھنىڭ قىلىچىنى تۇتۇپ تۇرغان مۇھاپىزەتچى چەۋەندازنىڭ ئۆزىگە مەنسىتمىگەن ھالدا قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى - دە، غەزەپ بىلەن سۆزلىدى: - قولۇڭدىكى قىلىچنى ماڭا تاپشۇر! - ياق، - دېدى چەۋەنداز نەپرەت بىلەن، - بۇ، پادىشاھنىڭ قىلىچى، سەن بۇنى تۇتۇشقا يارىمايسەن! - نېمە؟ سەن مېنى كۆزۈڭگە ئىلمايۋاتامسەن تېخى، جېنىڭنى ئالمىسام سېنىڭ! - تىلېر شۇنداق دېگىنىچە، بېلىدىكى شەمشىرىنى سۇغۇردى. دەل بۇنىڭ ئۈستىگە لوندون شەھەر باشلىقى 12 نەپەر ئاتلىقنى باشلاپ پادىشاھنىڭ يېنىغا كەلدى. بۇلار ئۇزۇن چاپان كىيىۋالغان بولسىمۇ، چاپان ئىچىدىن تولۇق قۇراللانغان ئىدى. تىلېرنىڭ شەمشەر سۇغۇرغانلىقىنى كۆرگەن شەھەر باشلىقى، پادىشاھقا كۆز ئىشارىتى قىلىپ، توپنى يېرىپ تىلېرنىڭ يېنىغا كەلدى. - ھۇ لۈكچەك، پادىشاھ ئالدىدا شۇنچىۋالا بىشەملىك قىلامسەن، نېمانچە ھەددىڭدىن ئاشىسەن! - شەھەر باشلىقى شۇنداق دەپ، پادىشاھقا كۆز ئىشارىتى قىلدى. پادىشاھنىڭ >جايلاڭلار بۇنى< دېگەن سۆزى بىلەن تەڭ شەھەر باشلىقى قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، جەھلى بىلەن تىلېرنىڭ مىڭىسىگە قارىتىپ چاپتى، تىلېر ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا ئۈلگۈرمەي دەرھال يەرگە يىقىلغان ئىدى، پادىشاھنىڭ بىر نەۋكىرى ئاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ، ئۇنىڭ قورسىقىغا قارىتىپ قىلىچ ئۇردى. تىلېر نەق مەيداندىلا جان ئۈزدى. مەيداننىڭ بىر چېتىدە تۇرغان قوزغىلاڭچىلار تىلېرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، دەرھال سەپكە تىزىلىپ، ھۇجۇمغا ھازىرلانغان ئىدى. ئەمما پادىشاھ دەررۇ ئاتقا مىنىپ ئامما ئىچىگە باردى، ئۇ كۆپچىلىكنى ئالداپ: دالىغا بارساڭلار سىلەر قويغان تەلەپنى ئورۇنلايمەن، دېدى. دامغا چۈشكەن قوزغىلاڭچىلار ئۇ يەرگە بارغاندا، شەھەر باشلىقى تەشكىللەپ قويغان قوراللىق قوشۇن ئوتتۇرىغا ئېلىۋالدى. شەھەر باشلىقىغا پادىشاھ شۇ مەيداندىلا چەۋەنداز دەپ نام بەردى. شەھەر باشلىقى يۇمشاق - قاتتىق ۋاستىلەرنى ئىشقا سېلىپ قوزغىلاڭچىلاردىن پادىشاھنىڭ يارلىقىنى ئالداپ ئېلىۋالدى ۋە ئۇلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ يىرتىپ تاشلىدى؛ ئارقىدىن ئۇلارنى قورالسىزلاندۇرۇپ لوندوندىن قايتۇرۋەتتى. بالل بىر كونا ئۆيگە يوشۇرۇنۇۋالغان ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىمۇ تۇتۇپ چىقىپ ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىشتى. لوندون ئېپىسكوپى ئۇنى ئالدىسام تۆۋە قىلىپ گۇناھىنى ساقىت قىلارمىكىن دېگەن نىيەتتە جازانى ئىجرا قىلىشنى ئىككى كۈن كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. بالل كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلدى، ئاخىرىدا، باللنىڭ قورسىقىنى يېرىپ، پۇت - قوللىرىنى كېسىپ ئاندىن كاللىسىنى ئېلىپ دەھشەتلىك ھالدا ئۆلتۈردى. شۇندىن كېيىن، پادىشاھ قوراللىق قوشۇننى ئۆزى باشلاپ ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيە، مەھەللىلەرگىچە بېرىپ قوزغىلاڭغا ئىشتىراك قىلغانلارنى تازىلىدى ۋە جازالىدى ھەمدە ئۇلاردىكى يارلىقلارنىڭ ھەممىسنى قايتۇرۋالدى. زور بىر تۈركۈم كىشىنى قولغا ئالغان ۋە دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، دېھقانلارغا مۇنداق دېدى: - مەن پادىشاھ نامىدىن بۇيرۇق قىلىمەنكى، سىلەر ئامان - خۇدا ئۆز يۇرتۇڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار، بۇندىن كېيىن، پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلارغا يامان نىيەتتە بولماڭلار ۋە قارشى چىقماڭلار؛ خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. سىلەر ئىلگىرى يانجى ئىدىڭلار، بۇندىن كېيىنمۇ يانچى بولىسىلەر، كۈنۈڭلار ھازىرقىدىن ياخشى بولمايدۇ! 14 - ئەسىردە ئەنگىلىيىدە يۈز بەرگەن ئەڭ زور بىر قېتىملىق قوزغىلاڭنىڭ جەريانى مۇشۇنداق بولغان ئىدى. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭغا ئاساسلىقى تىلېر رەھبەرلىك قىلغانلىقتىن، تارىختا >تىلېر قوزغىلىڭى< دەپ ئاتالدى. گەرچە تىلېر قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ فېئودالىزىمغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئوتىنى تۇتاشتۇرغان، ئەنگىلىيە فېئودال يانچىلىق تۈزۈمىگە قاتتىق زەربە بەرگەن ئىدى. 14 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئەنگىلىيە فېئودال يانچىلىق تۈزۈمى، ئاخىرى دېھقانلارنىڭ كۈرىشى ئارقىسىدا چاك - چېكىدىن بۆسۈلۈپ، زوراۋانلىققا قاراپ يۈزلەندى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ