ئىمپېراتور پېتىر
بەش مىڭ يىل
گوللاندىيىنىڭ دېڭىز بويىنىڭ مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى. يىراقتىن قارىسىڭىز، كۆپ - كۆك دېڭىزدا ئاپپاق يەلكەنلەر ئۈزۈلۈپ يۈرگەندەك كۆرۈنەتتى؛ يېقىندىن قارىسىڭىز، شامال چاقپىلىكى كۆك ئاسماندا تېز ئايلىنىۋاتقاندەك، ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە كۆز ئالدىڭىزغا كېلەتتى.
دېڭىز بويىدىكى سائاردام شەھىرى گوللاندىيىدىكى مەشھۇر كېمىسازلىق مەركىزى ئىدى. ئۇ يەردە ناھايىتى زور كېمىسازلىق سانائىتى بار ئىدى. 1697 - يىلى بۇ يەرگە روسىيىنىڭ >چوڭ ئەلچىلەر ئۆمىكى< كەلدى، ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، بۇ ئۆمەكتىكىلەر كېمىسازلىق زاۋۇتلىرىغىلا چېپىپ، كېمە ياساش ئۇسۇلىنى زېرىكمەي سۈرۈشتۈردى. ئۇلار ئارىسىدىكى 20 نەچچە ياشلىق ئېگىز بويلۇق يىگىت بىر تۆمۈرچىنىڭ كەپىسىگە كىرىۋېلىپ، كېمىسازلىق زاۋۇتىنىڭ ياغاچچىلىق سېخىدا ياغاچچى بولۇپ ئىشلىدى. بۇ يىگىت قاۋۇل، كۈچلۈك بولۇپ، ئارسلاندەك ئىشلەيتتى، دەم ئالغاندا ئۇستىلاردىن كېمە ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى ۋە توختىماي دەپتەرگە خاتىرىلەپ تۇردى.
كېمىسازلىق زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى ھەيران بولۇپ، بۇ روسىيىلىك ياشنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشىغا تازا زەڭ سېلىشتى. بۇ ئىسىمنى مېخايلوۋ، كەسپىنى ماترۇس، ئۆزىنى ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ شياشى دەرىجىلىك ھەمرا خادىمى دەپ تونۇشتۇردى. ئۇ ۋەتىنىگە خەت يازغاندا، ھەمىشە>ئۇستازلاردىن يول سوراپ كەلگەن شاگىرت<دەپ خەت ئويۇلغان تامغىنى بېسىپ قوياتتى. كىشىنىڭ تازا دىققىتىنى قوزغايدىغىنى شۇكى، ئەلچىلەر ئۆمىكىدىكى ئەمەلدارلار بۇ ھەمرا ىادىمنى دائىم يوقلاپ كېلەتتى ۋە ناھايىتى ھۆرمەتلەيتتى؛ ئەمما بۇ ھەمرا خادىم ئۇلار بىلەن گەپلەشكەندە قىلچە تەكەللۇپ قىلمايتتى.
گوللاندىيىلىك ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى كۇس - كۇس قىلىشىپ يۈرەتتى. بىر ئىشچى:>ئۇ پادىشاھ بولمىسۇن يەنە؟< دېدى. قالغانلىرىمۇ شۇنداق ھېس قىلىشتى. ئۇلار ئارىسىدىكى بىر ئىشچى ھەتتا يۈرەكلىك بىلەن:
- ئۇ چار پادىشاھ بولۇشى مۇمكىن! مەن روسىيىگە بارغان. چار پادىشاھ پېتىرنىڭ بويى ئىككى مېتىر دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، ئۇنىڭ بويىمۇ شۇنچىلىكرەك تۇرىدۇ، - دېدى.
ئەجەپلەنگەن گوللاندىيىلىكلەر بۇ روسىيىلىك ياشنىڭ ئالدىغا كېلىپ، توپ - توغرا:
- سىز چار پادىشاھ بولامسىز؟ - دەپ سورىدى.
مېخايلوۋ ئۆزىنىڭ چار پادىشاھ ئىكەنلىكىنى قەتئىي ئېتراپ قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەجەپلەنگەن گوللاندىيىلىكلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىۋېلىپ سۈرۈشتە قىلىۋەردى.كىشىلەر سوراۋەرگەندىن كېيىن، ئۇ نائىلاج ئامىستىردامغا كۆچۈپ بېرىپ، كېمىسازلىق زاۋۇتىدا شاگىرت بولدى. ئۇ بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، تاكى بىر كېمە پۈتكۈچە تۆت ئاي ئۇدا ئىشلىدى. ئۇ مۇشۇ جەرياندا، بىكار بولسىلا زاۋۇتلارغا ياكى مۇزېىيغا بېرىپ، كۈچىنىڭ بېرىچە كۆپرەك پەن - تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگەندى، بۇلاردىن سىرت، ئۇ يەنە گوللاندىيىلىك مەشھۇر ئالىملار ۋە رەسساملارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەرنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىگەللىدى.
ئارقىدىنلا بۇ ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەنگىلىيىگە كەلدى. مېخايلوۋ تايمىس دەرياسىدىكى كېمىسازلىق زاۋۇتىغا كىرىپ، ئىككى ئايغىچە كېمە ياساش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلدى. ئۇ قىزققان ئىشلار شۇ قەدەر كۆپ بولدىكى، لوندوندا ئەنگىلىيىنىڭ دۆلەت تۈزۈمىنىمۇ تەتقىق قىلدى، ھەتتا ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ يىغىنىغا چەتتىن قاتنىشىشقىمۇ مۇيەسسەر بولالىدى!
ئەلچىلەر ئۆمىكى ۋېناغا يېتىپ بارغاندا، بۇ ياشنىڭ سالاپىتى ئاشكارىلىنىپ قالدى، ئەسلىدە ئۇ، راسىتلا روسىيىنىڭ چار پادىشاھى پېتىرⅠئىدى. >مېخايلوۋ< ئۇنىڭ مەخپى ئىسىمى ئىدى. ۋېنادا ئۇ روسىيىنىڭ پادىشاھى بولۇش سۈپىتىدە ئاۋستىرىيە پادىشاھى بىلەن رەسمىي سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
روسىيىنىڭ چار پادىشاھى نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سالاپىتىنى يوشۇرۇپ، چەتئەللەرنى كېزىپ يۈرىدۇ؟ بۇنىڭ مۇنداق سەۋەبلىرى بار:روسىيە قۇرۇقلۇق دۆلىتى بولۇپ، دېڭىزغا چىقىدىغان ئېغىزى يوق ئىدى. پېتىر قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇپ، دېڭىزغا چىقىدىغان يول ئېچىشنى ئارزۇ قىلىپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، >دېڭىز تەۋەسى بولۇش - رۇسلار ئۈچۈن زۆرۈر< ئىدى.
پېتىر ۋېنادىن ۋېنتسىيىگە ماڭاي دەپ تۇرغاندا، موسكۋادىن كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر خەۋەر كەلدى. ئۇنىڭ ئاچىسى مەلىكە سۇفىيە ئارمىيىنى قۇترىتىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالماقچى بوپتۇ. شۇڭا پېتىر كېچىلەپ موسكۋاغا قايتىپ كېلىپ، ئاچىسىنى مۇناستىرخانىغا قاماپ قويۇپ، مۇناستىر بولۇشقا قىستىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارمىيىنىڭ قارشىلىقىنى قورال كۈچى بىلەن باستۇرۇپ، يۈز ئۆرىگەن ھەربىلەرنى شەخسەن ئۆزى سوراق قىلىپ، 979 ھەربىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىدى.
پېتىر ئارقىدىنلا دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا كىرىشتى.
ئالدى بىلەن مۇراسىم تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىندى.
ئۇ تەنتەنىلىك قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، داچىسىغا تۇيدۇرماي بېرىۋالدى. ئەتىسى ۋەزىرلەر، غوجىدارلار، ئاقسۆڭەكلەر، كاتتا سودىگەرلەر پېتىرنىڭ ئالدىغا تازىمغا كەلدى. ئۇلار چار پادىشاھنىڭ >تىرىق< قىلغان شەپىسىنى ئاڭلاپلا، ھەممىسى تەڭ يۈكۈندى.
- ياق! ياق! - دېدى پېتىر ئۇلارغا تەكەللۇپ بىلەن، - يۈكۈنۈش كونا قائىدە - يوسۇن، ئۇ ئەمدى مودىدىن قالدى، ھەممىلىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشسىلا!
پېتىر ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن رۇسلاردا نەچچە يۈز يىل داۋام قىلىپ كەلگەن يۈكۈنۈش قائىدىسىنى مەنئىي قىلدى.
كىشىلەر ئورندىن تۇرۇپ ھەيران بولغان ھالدا چار پادىشاھقا قارىشاتتى. دەل شۇ چاغدا، ئۇ قولىغا قايچىنى ئېلىپ تۆردە تۇرغان ئاقسۆڭەكنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ھا...ھا...ھا! سېنىڭ ساقىلىڭنى قايچىلىۋەتسە بولغۇدەك، - دېدى - دە، ئۇنىڭ ساقىلىنى پاك - پاكىز قايچىلىۋەتتى.
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، رۇسلارنىڭ ئەرلىرى ئەزەلدىن ساقال قويۇپ كەلگەن، 30 ياش چامىسىدىكى كىشىلەر بومبا ساقاللىق بولۇپ ناھايىتى بىئەپ تۇراتتى. كىشىلەر شۇنىڭدىن كېيىن پېتىرنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن ساقىلىنى قىرقىۋېتىدىغان بولدى.
پېتىر ئاندىن ئۇلارنىڭ كېلەڭسىز تون - سەرىپايلىرىنى تاتقۇشلىدى ۋە ئۆزى كىيىۋالغان كاستيۇمنى كۆرسىتىپ:
- بۇ ئۇزۇن تونلارنى كىيىش بەك ئەپسىز، ئىشقا دەخلى يەتكۈزىدۇ، بۇنى سۆزسىز ئۆزگەرتىش كېرەك! - دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن تون - سەرىپاي كېيىش مەنئىي قىلىنىپ، ھەممە كىشى كاستيۇم كىيىدىغان بولدى.
پېتىر بۇلاردىن باشقا مەدەنىيەت - مائارىپنى ۋە ئەمەل تۈزۈمنىمۇ ئىسلاھ قىلدى، پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى، گېزىت چىقاردى، ئەمەلدارلارنى بىلىمى، قابىلىيىتى ۋە تۆھپىسىگە قاراپ تاللىدى، ۋاھاكازا.
ئىككىنچى قەدەمدە، ھەممىدىن مۇھىم بولغان ئارمىيە ئىسلاھ قىلىندى.
پېتىر پەرمان چۈشۈرۈپ يانچىلار، قۇللار ۋە ئەركىن ئاھالە ئارىسىدىن ئەسكەر ئالدى، يېڭى ئەسكەرلەر غەربىي ياۋرۇپادىكى پىيادە ئەسكەرلەرگە تەقلىد قىلىنىپ، سۇس يېشىل رەڭ ھەربى كىيىم، ئۈچ بۇرجەكلىك ھەربى بۆك كىيدى، مۇسكۋا يېنىدا ھەربى تەلىم - تەربىيە ئالدى. ئۈچ ئاي ئىچىدىلا 32 مىڭ كىشلىك قوشۇن تەشكىل قىلىندى. 1700 - يىلى، پېتىر بارلتىق دېڭىزىنى تالىشىپ ئۇرۇش قىلدى. بالتىق دېڭىزىنىڭ شەرقىي ۋە شىمالىي قىرغاقلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى شۇ كەملەردە شۋېتسىيىنىڭ زېمىنى ئىدى. شۇڭا، پېتىر شۋېتسىيىگە ھۇجۇم قىلدى، نەتىجىدە، نارۋدا قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، نۇرغۇن رۇس ئەسكەرلىرى شۋېتسىيىگە ئەسىرگە چۈشتى، مىڭ تەسلىكتە قۇيدۇرۇلغان زەمبىرەكلەرنىڭ ھەممىسىنى شۋېتسىيە بۇلاپ كەتتى.
زەمبىرەك يوق تۇرسا، ئارمىيە بىر چېركاۋدىكى ئۇرۇشنى قانداق قىلىش كېرەك؟
پېتىر ھەر ئۈچ چېركاۋ ئىچىدە، بىر چېركاۋدىكى قوڭغۇراقلارنى ئېلىپ زەمبىرەك قۇيغۇزۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى. شۇ كەملەردە، زەمبىرەك مىستىن قۇيدۇرۇلاتتى، چېركاۋنىڭ چوڭ قوڭغۇراقلىرى نەچچە توننا بولۇپ، زەمبىرەك قۇيغۇزۇش راستلا ئاسان چۈشەتتى، پېتىر بىر يىلغىچە 300 زەمبىرەك قۇيغۇزدى.
پېتىر ئەنئەنىۋى كەسپىي ئەسكەرلىك ۋە ياللانما ئەسكەرلىك تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، يېڭى ئارمىيىنى ھەربى خىزمەت ئۆتەش ئۇسۇلى بويىچە تەشكىل قىلدى. ئاقسۆڭەكلەرنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ، ئاددى پۇقرالارمۇ ئەسكەرلىككە ئېلىنىپ، رۇسلارنىڭ يېڭى ئارمىيىسى - ئاتلىق ئەسكەرلەر بىلەن پىيادە ئەسكەرلەر ناھايىتى تېزلا تەشكىل قىلىندى.
1701 - يىلى، نەچچە ئون مىڭ رۇس ئەسكەرلىرى بىر نەچچە يۈز زەمبىرەكنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا، شۋېتسىيە قوشۇنلىرىغا يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلدى. ئەمما بۇ نۆۋەت زور غەلىبە قازاندى، 1703 - يىلى، پېتىرنىڭ قوشۇنلىرى نىۋا دەرياسى ئېغىزىغا يېتىپ كېلىپ، دېڭىز بويىدىكى نۇرغۇن زېمىننى بېسىۋالدى.
- بالتىق دېڭىزى ئېچىلدى! - دەيتتى پېتىر دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىغا تەنتەنە قىلىپ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، بالتىق دېڭىزى بويىدىكى نىۋا دەرياسى ئېغىزىغا بىر شەھەر - پېتىربورگ)ھازىرقى لېنىنگراد( شەھىرىنى قۇرۇشنى قارار قىلدى. 10 يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىسىدا، 1713 - يىلى بۇ يېڭى شەھەر پۈتتى، پېتىر پايتەختنى موسكۋادىن پېتىربورگقا كۆچۈردى.
پېتىر دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇش جىددى زۆرۈر بولۇپ قالدى. ئۇ ئون مىڭ ئۆيلۈك ئاددى يانچى بىر ئۇرۇش پاراخوتى، چېركاۋنىڭ يېرىنى تېرىيدىغان 8000 ئۆيلۈك يانچى بىر ئۇرۇش پاراخودى تاپشۇرىدۇ دەپ پەرمان چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەھەر ۋە يېزا خەلقىدىن ئېلىنىدىغان باجنى، >جان بېجى<)كىشى بېشىدىن ئېلىنىدىغان باج(، >تۈتۈن بېجى<)ھەر بىر ئائىلىدىن ئېلىنىدىغان باج(، >ساقال بېجى< )ساقال قويغانلاردىن ئېلىنىدىغان باج(ۋاھاكازالارنى كۆپەيتتى. باج - سېلىقنىڭ كۆپلۈكىدىن خەلقنىڭ بېشى قاتقان بولسىمۇ، ئەمما پېتىرنىڭ نەزىرىدە، پۇل ئۇرۇشنىڭ قىزىل قان تومۇرى ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پېتىر ئۆز ئېلىدىكى سودىگەرلەر بىلەن چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىپ سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، مېتاللۇرگىيە، توقۇمچىلىق، كىمىسازلىق زاۋۇتلىرىدىن 200 نەچچىنى قۇردى. ئورالدا روسىيە تارىخىدىكى تۇنجى مېتاللۇرگىيە سانائىتى بازىسىنى قۇرۇپ، چويۇن ۋە مىس مەھسۇلاتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. بۇ يەردە ياللانما ئىشچىلار ئەمەس، بەلكى قىلچە ئەركىنلىكى بولمىغان يانچىلار ئىشلەيتتى. شۇنداقتىمۇ، ھەربى سانائەت ئۈچۈن ھەر ھالدا ئاساس سېلىندى.
مۇشۇنداق تىرىشچانلىقلار ئارقىسىدا، روسىيە ئاخىرقى ھېسابتا، قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيىسىنى قۇرۇپ، شېۋىتسىيە ئارمىيىسىنى پۈتۈنلەي مەغلۇپ قىلدى، ھەتتا شۋېتسىيە پادىشاھىمۇ ئەسىر ئالدى. 1721 - يىلى سۈلھ شەرتنامە تۈزۈلگەندە، روسىيە بالتىق دېڭىزىدىكى رىگا قولتۇقىنى، فىنلان قولتۇقىنى، كارلېينىڭ بىر قىسىمىنى ھەمدە بالتىق دېڭىز بويىدىكى ئېستونىيە، لاتۋىيە قاتارلىق كەڭ رايوننى بېسىۋېلىپ، ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ قالدى.
شۇ يىلى روسىيىنىڭ مەركىزىي كېڭىشى پېتىرنى ھۆرمەتلەپ >ئىپېراتور< ۋە >ۋەتەن ئاتىسى< دەپ ئاتىدى. روسىيىنىڭ دۆلەت نامى شۇنىڭدىن تارتىپ >روسىيە ئىمپېرىيىسى<گە ئۆزگەرتىلدى.