UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭروسىيىنىڭ بىرلىككە كېلىشى

روسىيىنىڭ بىرلىككە كېلىشى

بەش مىڭ يىل - زىيارەت باشلانسۇن! سۈرلۈك بۇيرۇق بىلەنلا، موڭغۇللارنىڭ ئىككى نەپەر ئاتلىق ئەسكىرى چېدىر ئالدىدىكى ئىككى دۆۋە قۇرۇق ئوتۇنغا مەشئەل بىلەن ئوت ياقتى. شاخ ئوتۇنلار ھەش - پەش دېگىچە تاراسلاپ تۇتۇشىپ، ئىككى گۈلخانغا ئايلاندى. - ئوردىغا كىرسۇن! 2 - قېتىملىق بۇ سۈرلۈك ئاۋاز بىلەن تەڭ بىر قانچە روس كىنەزلىرى تازىم قىلغان ھالدا گۈلخان ئارىسىدىكى تار يولدىن ئۆتۈپ، چېدىر ئوردىنىڭ ئىشىكىگە قاراپ ماڭدى. چېدىرلار سېرىق رەڭدە بويالغانلىقى ئۈچۈن، قۇياش نۇرىدا چاقناپ تۇراتتى. بۇ كۈنى، موڭغۇل خاقانى باتۇ، روس كىنەزلىرىنى چاقىرتىپ كۆرۈشىدىغان كۈن ئىدى. ئىككى گۈلخان ئارىلىقىدىن ئۆتۈش - ئەل بولغان روس كىنەزلىرى، خاقاننى زىيارەت قىلغاندا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك بىر خىل يوسۇن ئىدى. چۈنكى، رىۋايەت قىلىنىشىچە: مۇنداق قىلغاندا زىيارەت قىلغۇچىنىڭ خاقانغا قارىتا بارلىق يامان نىيەتلىرىنى ئوت يۇيۇپ تاشلايدىكەن. ئەگەر كىمكى بۇ يوسۇنغا رىئايە قىلمىسا، ئۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىناتتى. كىنەزلەر چېدىر ئوردىغا كىرىپلا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ خاقانغا سەجدە قىلىشتى. باتۇ ئۆزىگە سەجدە قىلىۋاتقان كىنەزلەرگە قاراپ: - سىلەرگە مەلۇمكى، موڭغۇل ئاتلىرىنىڭ تۇيىقى تەككەن يەرلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا تەئەللۇق بولىدۇ، قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. مەن بىر ئاي ئىچىدە سىلەرنىڭ 14 شەھىرىڭلارنى ئىستىلا قىلدىم ۋە كۆيدۈرۈپ تۈگەتتىم. ھازىر موسكۋا، كىيېۋ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ باشقۇرۇشۇم ئاستىدا تۇرۇۋاتىدۇ. سىلەر ئاللىقاچان ماڭا ئەل بولۇپ ئولپان تاپشۇرۇشقا ماقۇل بولدۇڭلار ھەمدە ھەربى سېلىقنى ئۈستۈڭلارغا ئالدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرنىڭ ئۆز كىنەزلىكىڭلارنى داۋاملىق باشقۇرۇشۇڭلارغا رۇخسەت قىلىمەن ھەمدە سىلەرگە كەچۈرۈم يارلىقى تارقىتىپ بېرىمەن. ھازىر مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن ئەڭ كۈچلۈك ۋە ماڭا ئەڭ سادىق بولغان كىنەز يارۇسلاۋنى ۋىلادېمىرنىڭ ۋە پۈتكۈل روسىيىنىڭ ئۇلۇغ بېگى قىلىپ بېكىتتىم، - دېدى ۋە ئۇلۇغ بەگ قىلىپ بېكىتكەن كىنەزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، - سەن پۈتۈن روسىيىنىڭ ماڭا تاپشۇرىدىغان پارىقىنى يىغىپ بېىشكە مەسئۇل بولۇشۇڭ كېرەك! ئەمدى قايتىپ كېتىڭلار! - دەپ بۇيرۇق قىلدى. كىنەزلەر خاقان تارقىتىپ بەرگەن كەچۈرۈمنامىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، چېدىر ئوردىدىن قايتىپ چىقتى. بۇ قېتىملىق زىيارەت مىلادى 1240 - يىلى باتۇ، كىيېۋنى ئىشغال قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. بۇ چاغدا، باتۇ قوماندانلىق قىلغان كۈچلۈك موڭغۇل قوشۇنى روسىيە زېمىنىنىڭ كۆپ قىسىمىنى بېسىۋالغان بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي كۆلىمى ناھايىتى زور بولغان قىپچاق جانلىقىنى تىكلىدى. موڭغۇللارنىڭ ھەممىسى سېرىق رەڭلىك چېدىردا تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، روسىيىلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى >ئالتۇن چېدىر خانلىقى< دەپ ئاتاشتى. ئالتۇن چېدىر خانلىقىغا ئولپان تاپشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر قايسى كىنەزلەر پۇقرالارنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە يۇلۇۋالاتتى. موڭغۇل خاقانىمۇ ھەر قايسى ئاساسلىق شەھەرلەرگە ئەمەلدار ئەۋەتىپ، ئولپان يىغدۇراتتى، پۇقرالار، ئەمەلدارلارنىڭ زالىملىقلىرىنى تىلغا ئالغاندا، تۆۋەندىكىدەك ھەسرەتلىك ناخشىلارنى ئېيتىشاتتى: پۇلى يوق بىچارىلەرنىڭ، بۇلاپ كېتەر پەرزەنتىنى. گەر بولمىسا پەرزەنتى، بۇلاپ كېتەر خوتۇنىنى. خوتۇنىمۇ بولمىسا، ھەيدەپ ماڭار ئۆزىنى. 80 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، روسىيىنىڭ ھەر قايسى كىنەزلىكلىرى يەنىلا موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئىدى. ئالتۇن چېدىر خانلىقى كىنەز ئۇنۋانىنى يەم قىلىپ، ھەر قايسى كىنەزلىكلەر ئارىسىدا ھەمىشە ماجرا پەيدا قىلىپ، بىرەر كىنەزلىكنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەۋەردى. 1327 - يىلى موڭغۇل خاقانى، ۋولگا دەرياسى ساھىلىدىكى تۋېر دېگەن جايغا قوشۇن ئەۋەتتى. بۇ يەر موڭغۇل خاقانى تەرىپىدىن ئۇلۇغ بەگ ئالىكساندىرغا بەخشەندە قىلىپ بېرىلگەن ئىدى. موڭغۇل قوشۇنلىرى ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىش بىلەنلا، ھەددىدىن زىيادە تالان - تاراج بىلەن شۇغۇللىنىپ، پۇقرالارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. ئۇلۇغ بەگ ئالىكساندىرمۇ تاقەت قىلىپ تۇرالماستىن، پۇقرالارنى باشلاپ قارشى چىقتى. موڭغۇل قوشۇنلىرى يېڭىلگەندىن كېيىن قېچىپ بېرىپ، ئالتۇن چېدىر خانلىقىغا خەۋەر قىلدى. خاقان بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قاتتىق غەزەپكە كېلىپ: - قېنى، ئادەم بارمۇ!ماڭا دەرھال ئاتنى توقۇپ بېرىڭلار، بارلىق قوشۇن بىلەن ئاتلىنىپ، تۋېرنى دەسسەپ تۈزلىۋېتەيلى، ئالىكساندىرنىڭ تېرىسىنى تەتۈر سويايلى! دەل مۇشۇ پەيتتە بىر چاكار ئوردىغا كىرىپ: - خاقانغا مەلۇم قىلىمەنكى، موسكۋا كىنەزى ئىۋان دەرھال كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، - دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. بۇ خەۋەر ئېغىزدىن چىقىپ بولۇشى بىلەنلا، ئىۋان چېدىر ئالدىغا كىرىپ كەلدى ۋە ھاسىرىغان ھالدا يۈكۈنۈپ خاقانغا تازىم قىلدى. - مەن موسكۋا كىنەزى ئىۋان، جىددى تەرۈزدە خاقاننى زىيارەت قىلىپ، خاقانغا سالامەتلىك تىلەيمەن، خاقاننىڭ ھەممە ئىشلىرىنىڭ ئۆز كۆڭلىدىكىدەك بولۇشىنى تىلەيمەن! - دېدى ئۇ ۋە يەرگە بىر قېتىم باش ئۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى، - ئۇلۇغ بەگ ئالىكساندىر، جانابى خاقاننىڭ ۋەزىرلىرىنى ھاقارەت قىلىشقا پېتىنىپ، پۇقرالارنى كۈشكۈرتۈپ ئىسيان كۆتەردى. گۇناھى ئۈچۈن جۇۋاينىمەك كەتسۇن! لېكىن، بۇنچىلىك كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن، خاقاننىڭ ئۆزى قوشۇن تارتىپ ئاتلىنىشقا ئەرزىمەسمىكىن؟! پېقىر گەرچە قابىللاردىن بولمىساممۇ، خاقان ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالايمەن. ئەسكەر چىقىرىپ توپىلاڭنى تىنچىتىپ، خاقاننىڭ مېھرى - شەپقىتىنى ياندۇرسام دەيمەن! - ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپ يەنە بىر قېتىم يەرگە باش ئۇردى ۋە خاقانغا بىر تاختا قەغەزنى سۇنۇپ، ئۆزرە ئېيتتى، - كەمىنىلىرى ئالدىراپ يولغا چىقىپ قالغانلىقى ئۈچۈن تۈزۈكرەك سوۋغىلارنى تەييارلىيالمىدىم، سوۋغات ئاددى بولسىمۇ خاقانىمىزنىڭ رەنجىمەي قوبۇل قىلىشىنى سورايمەن، توپىلاڭنى تىنچتقاندىن كېيىن، ھۆرمەت - ساداقىتىمنى يەنە كۆرسىتىمەن. ئەسلىدە ئىۋان ئۇلۇغ بەگلىك ئۇنۋانىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە، كۆپلەپ ئالتۇن - كۈمۈش، مال - بايلىقلارنى خاقانغا، خاقاننىڭ كىچىك خوتۇنلىرىغا ۋە يېقىن ۋەزىرلىرىگە پات - پات تەقدىم قىلىپ، خاقاننىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋېلىشنى ئىزچىل تۈردە پەملەپ كەلگەن ئىدى. شۇڭا، بۇ قېتىم ئالىكساندىرنىڭ خاقانغا قارشىلىق كۆرسەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇلۇغ بەگ ئۇنۋانىغا ئىگە بولۇۋېلىش نىيىتى بىلەن ساداقەتلىك بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يەرگە كەلگەن ئىدى. خاقان، ئىۋاننىڭ ئۆزلۈكىدىن خىزمەت كۆرسەتمەكچى بولغانلىقىنى ۋە سوۋغاتلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ غەزىپىدىن سەل ياندى. سوۋغاتلر تىزىملىكىنى قوينىغا سېلىپ، ئالاھىدە ئىلتىپات بىلەن ئىۋاننى ئورنىدىن تۇرغۇزدى ۋە: - سېنىڭ خانلىققا بولغان ساداقەتلىكىڭ ناھايىتى قىممەتلىك، مەن ساڭا چوڭ مەنپەئەتلەرنى ئىنئام قىلىمەن. سەن دەرھال مېنىڭ بىر بۆلەك قوشۇنۇمنى باشلاپ، ئالىكساندىرغا جازا يۈرۈش ئېلىپ بارغىن، توپىلاڭ بېسىقتۇرۇلغاندىن كېيىن، مەن ساڭا ئۇلۇغ بەگلىك ئۇنۋانىنى بېرىمەن. ئىۋان، موڭغۇل قوشۇنىنى باشلاپ تۋېر كىنەزلىكىنى ناھايىتى تېزلىك بىلەن ئىشغال قىلدى. ئالىكساندىر، خاقانىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۆلتۈرۈلدى. ياندۇرقى يىلى ئىۋاننىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىپ ئۇلۇغ بەگ ئۇنۋانىغا ئىگە بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ خاقاننىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ئېلىدىكى زېمىننى كۈچىنىڭ يېتىشىچە كېڭەيتىپ، كۈنسايىن كۈچەيدى. ئىۋان ئۆلگەن چاغدا، ئۇنىڭ موسكۋا كىنەزلىكىنىڭ چېگرىسى زور كۆلەمدە كېڭىيىپ، پۈتۈن روسىيىدىكى ئەڭ كۈچلۈك كىنەزلىككە ئايلانغان ئىدى. ئىۋاننىڭ نەۋرىسى دىمتىرى دوسكوي ئۇلۇغ بەگ بولغان ۋاقىتتا، موسكۋا كىنەزلىكى ئەڭ قۇدرەت تاپقان مەزگىل ئىدى. دىمتىرى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، كىرېمىل سارىيىنى كېڭەيتىپ ياساتتى. قېتىغا ياغاچ ئېلىنغان تاملارنى چېقىپ تاشلاپ، تاش تاملارنى سېلىش ئارقىلىق، پايتەختنىڭ قەلئە مۇداپىئەسىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى ۋە ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى روسلاردىن باشقا مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارغىچە كېڭەيتتى. موسكۋا كىنەزلىكى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان بۇ پەيتتە، ئالتۇن ئوردا خانلىقى ئىچكى جەھەتتىن پارچىلىنىشقا يۈز تۇتتى. خانلىقنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىر مۇنچە مۇستەقىل خانلار بارلىققا كېلىپ، ئۆز ئارا ھوقۇق تالىشىشقا كىرىشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك بولغىنى مامايخان ئىدى. ئۇلۇغ بەگ دىمتىرى موڭغۇللارنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، موڭغۇللارنىڭ روسلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن ئۇزۇن يىللىق ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇش قارارىغا كەلدى. 1380 - يىلى 8 - سىنتەبىردە دىمتىرىنىڭ رۇس قوشۇنلىرى موڭغۇل قوشۇنلىرى بىلەن بىر قېتىم قاتتىق تۇتۇشتى. ئۇرۇش بولغان جاي دون دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى كولىكۇن دالىسى ئىدى. 8 - سىنتەبىر سەھەردە دىمتىرى 150 مىڭ كىشلىك قوشۇنىنى كۆۋرۈك ئارقىلىق، بىر قىسىم قوشۇنىنى سۇ كەچتۈرۈپ دۇن دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ دالىغا ئېلىپ كىردى. دەريادىن كېچىپ ئۆتكەن قوشۇنلار ئىچىدىن سەرخىل بىر توپ ئەسكەرنى داريا بويىغا مۆكتۈرۈپ قويدى. ئەمدىلا تاڭ يورۇشقا باشلىغاندا، ئىككى تەرەپ قوشۇنلىرى سەپلىرىنى تۈزگەن ھالدا بۇيرۇق كۈتۈپ، قارىمۇ قارشى تۇرماقتا ئىدى. ئۇرۇش مەيدانىدىكى قوشۇنلارنىڭ ھەممىسىنى مەركەزلەشتۈرگەندە ئون كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتا سەپ بولاتتى. سائەت 6 دە قويۇق تۇمانلار تارقىدى، ئىككى قوشۇن ئېلىشىشقا باشلىدى. دىمتىرى ساۋۇت - دۇبۇلغىلارنى كىيگەن ھالدا قىلىچىنى ئېگىز كۆتىرىپ، دۈشمەن سېپىگە قاراپ باتۇرلۇق بىلەن ئېتىلماقتا ئىدى. - كىنەزلەر، خوجىلار، لەشكەرلەر مەن بىلەن ئاتلىنىڭلار! ئۇنى قوغداۋاتقان سەركەردە تىت - تىت بولۇپ: - ئۇلۇغ بېگىم، سىز سەپ ئالدىغا بارماڭ، ئارقىدا ياكى ياندا تۇرۇشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن، ئالدىغا بېرىشىڭىز ناھايىتى خەتەرلىك! - دەپ جېكىلىدى. - قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى ئالدىغا ئاتلىنىۋاتقاندا مەن قانداقمۇ ئارقىغا ئۆتۈپ تۇرالايمەن؟ - ئۇلۇغ بەگ سۆزلىگەن پېتى توختىماستىن ئالغا ئېتىلدى.بىردەمدىلا ئۇنىڭ ئەتراپى دۈشمەن جەسەتلىرى بىلەن قاپلىنىپ، يەردە ئات دەسسەپ ماڭغۇدەك بوشلۇقمۇ قالمىدى. موڭغۇل ئەسكەرلىرى ئۇلۇغ بەگنىڭ بەكمۇ باتۇر ۋە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، قىيان سۈيىدەك ئۇنىڭغا قاراپ ئوخچۇپ كېلىشتى. ئۇلۇغ بەگنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە قىلىچ نەيزىلەر تەككەن بولسىمۇ، ساۋۇت - قالقانلىرى پۇختا بولغاچقا ئېغىر جاراھەتلەنمىدى. دەريا بويىغا مۆكۈنگەن رۇس ئەسكەرلىرى جەڭ باشلىنىش بىلەنلا ئېلىشىشقا ئالدىراپ: - بىز بۇ يەردە قاچانغىچە كۈتۈپ تۇرىمىز؟ قېرىنداشلىرىمىزغا قانداق ياردەم قىلىمىز؟ دەپ تەقەززارلىق بىلەن كوماندىردىن سوراشتى. - بىز ئەڭ پايدىلىق پەيتكە كەلگەندە، ئاندىن ھۇجۇمغا ئۆتۈشىمىز كېرەك، - دېدى كوماندىر شامال يۆنۈلۈشىنى سىناپ كۆرۈپ، - قاراڭلار، ھازىر شامال بىز تەرەپكە قاراپ چىقىۋاتىدۇ، شۇڭا بىز ھازىر ھۇجۇمغا ئۆتسەك بولمايدۇ! سائەت 8 بولغان چاغدا، كوماندىر موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ سەپلىرىنىڭ قالايمىقانلاشقانلىقىنى كۆردى. بۇ چاغدا شامالنىڭ يۆنۈلىشىمۇ توساتتىن ئۆزگەردى. كوماندىر پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، تەمكىنلىك بىلەن >ئۇررا!<ەپ بۇيرۇق قىلدى. مۆكۈنگەن قوشۇنلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۆتۈشى بىلەن، موڭغۇل قوشۇنلىرى ئالدى - ئارقىدىن ئىككى تەرەپلىمە زەربىگە ئۇچراپ، تېزدىنلا تېرى - پېرەڭ بولۇپ يېڭىلدى. سائەت توققۇز بولغان چاغدا، مامايخان ئۆزىنىڭ چېچىلغان قوشۇنلىرىنى تىزگىنلەشكە ئامالسىز قېلىپ، قالدۇق ئەسكەرلىرىنى باشلاپ قېچىپ كەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي، مامايخان ئۆزى بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان يېڭى خان توختامىشنىڭ قولىدا ئۆلدى. 1382 - يىلى توختامىش موسكۋاغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. دىمتىرى قوغدىنىشقا ئۈلگۈدەلمەي، ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ شەھەرنى تاشلاپ كەتتى، شەھەردىكى خوجىلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ شەھەردىن قېچىپ كېتىش نىيىتىدە بولدى. بۇ چاغدا موسكۋا خەلقى، ئۆز ھۆكۈمرانلىرىنى شەھەرنى تاشلاپ قاچتى، دەپ قاراپ، دەرھال قوزغىلاڭ كۆتەردى ھەمدە ئادەم ئەۋەتىپ، شەھەر دەرۋازىلىرىنى مەھكەم ساقلاپ، ھەر قانداق كىشىنى چىقارغۇزمىدى. توختامىشنىڭ ئەسكەرلىرى شەھەرگە شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندە، شەھەر خەلقى دۈشمەنلەرگە قايناقسۇ چېچىپ، تاش ۋە كۆيدۈرگۈچ دورىلارنى تاشلاپ قارشىلىق كۆرسەتتى. تومتامىش قورال كۈچى بىلەن شەھەرنى ئىگەللەشكە ئامالسىز قېلىپ، ھىلە - مىكىر ئىشلىتىشكە باشلىدى. ئۇ ئادەم ئەۋەتىپ: شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن ئىمارەتلەرنى بۇزمايدىغانلىقى، پۇقرالارنى بۇلاپ - تالىمايدىغانلىقى ھەققىدە قەسەملەرنى قىلدى. لېكىن، موڭغۇل ئەسكەرلىرى شەھەرگە كىرىش بىلەنلا، خالىغانچە ئوت قويۇپ، قىرغىنچىلىق قىلدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا. دىمتىرى قايتىدىن ئالتۇن چېدىر خانلىقىغا ئەل بولۇپ، ئولپان تۆلەشكە مەجبۇر بولدى. كۇلىكوۋو جېڭىدە روسلار گەرچە موڭغۇللارنىڭ زۇلىمىدىن قۇتۇلالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ جەڭ پەقەت روسلار ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىككە كېلىدىغانلا بولسا، موڭغۇل قوشۇنلىرىنى يەڭگىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تاڭ نۇرى رۇسلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئايان بولدى. 15 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرى ئىۋان Ⅲروسىيىنىڭ كۆپ قىسىمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرغان چېغىدا، موڭغۇل قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئالتۇن چېدىر خانلىقىنىڭ روسىيىدە ئىككى يېرىم ئاسىر داۋاملاشقان ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى. 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا روسىيە ياۋروپادىكى بىرلىككە كەلگەن كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ