UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭمالى پادىشاھلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى

مالى پادىشاھلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى

بەش مىڭ يىل گانا پادىشاھلىقى رولىنى يوقاتقاندىن كېيىن، غەربىي ئافرىقا مالى پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلدى. مالى پادىشاھلىقىنى قۇرغۇچى سۇندىئاتا ئىدى. سۇندىئاتا ئەسلىدە مانتىنكو پادىشاھلىقىنىڭ شاھزادىسى ئىدى. ئۇ ئۆسمۈر چاغلىرىدا، ئۇنىڭ ۋەتىنىنى سوسو پادىشاھلىقىنىڭ ئارمىيىسى ئىشغال قىلىۋالغان. ئۇ ئانىسى بىلەن شەرقىي كاراغا قېچىپ كەلگەن. ئون نەچچە يىلدىن كېيىن، شەرقىي كارانىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان. ۋەقە دەل مۇشۇ ۋاقىتتا يۈز بەرگەن... شەرقىي كارا مۇئاۋىن قومانداننىڭ كاتتا ئۆيىدىكى بىر كارۋاتتا، بىر موماي نەپىسى سىقىلىپ ھاسىراپ ياتاتتى. ئۇ يېنىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان يىگىتنىڭ قولىدىن تارتىپ تۇرۇپ، ئاۋازىنى ئاران چىقىرىپ ئۆلۈم ئالدىدىن مۇنداق ۋەسىيەتلەرنى قىلدى:>بالام، سەن مانتىنكو ئۇلۇغ پادىشاھىنىڭ ئۆز ئوغلىسەن، ئەمدى ھەممە ئىشنى ئۆز ئۈستۈڭگە ئېلىشىڭ كېرەك!<ئۇ يىگىتمۇ:>شۇنداق، مەن، مەن دەرھال مانتىنكوغا قايتىمەن!<دەپ بېشىنى لىڭشىتتى ۋە كۈچلۈك مۇشتۇملىرىنى چىڭ تۈگدى. موماي، يىگىتنىڭ سۆزلىرىگە رازى بولۇپ كۈلدى - دە، ئالەمدىن ئۆتتى. ئەسلىدە بۇ موماي مانتىنكو پادىشاھىنىڭ ئاغىچىسى بولۇپ، يىگىت بولسا سۇندىئاتا ئىدى. ئۇ ئانىسىنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، شەرقىي كارا پادىشاھى بىلەن خوشلاشتى. شەرقىي كارا پادىشاھى ئۇنىڭغا ناھايىتى ئىشىنەتتى، شۇڭا، ئۇنى قوللاپ ئۆز ئارمىيىسىنىڭ يېرىمىنى بۆلۈپ بەردى. سوسو پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى، سۇندىئاتانىڭ لەشكەر تارتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپلا، ئوغلىنى زور بىر قوشۇن بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. بۇ شاھزادە جەڭ قىلىشنى زادىلا بىلمىگەچكە، قوشۇنىنى كەڭ بىر سايغا جايلاشتۇردى. كەچقۇرۇنلۇقى سۇندىئاتا، سوسولارنىڭ ئىستىھكام ھالىتىنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، سوسولارنىڭ كۈتمىگەن يېرىدىن چىقىپ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قوزغاشنى قارار قىلدى. گۇگۇم چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. سوسولارنىڭ قوشۇنى ئارام ئېلىشقا تەمشىلىۋاتاتتى. توساتتىن گۈمبۈرلىگەن جەڭ ناغرىسىنىڭ ئاۋازى بىلەن تەڭلا سۇندىئاتا قىسىملىرى باستۇرۇپ كەلدى. سۇندىئاتا ئات ئۈستىدە تۇرۇپ قىلىچىنى كۆتەردى ۋە >ئالغا!<دەپ قوماندا بەردى. چەۋەندازلار گويا جەسۇر يولۋاسلاردەك ئېتىلدى؛ سوسو قوشۇنى پاتىپاراق بولۇپ، سۇندىئاتا قىسىملىرى تەرىپىدىن بىر - بىرلەپ يىقىتىلدى. سوسو شاھزادىسى ئىشنىڭ ئەپلەشمىگىنىنى كۆرۈپ، ئاتا مىنىپ قېچىپ قۇتۇلدى. سۇندىئاتا قوشۇنلىرى ھەش - پەش دېگىچە دۈشمەننىڭ قالدۇقلىرىنى يوقىتىپ غايەت زور غەلىبە قازاندى. دەسلەپكى جەڭدە غەلىبە قازىنىش بىلەن ئىش ئوڭغا تارتتى. سۇندىئاتا ئارمىيىسىنىڭ ھەيۋىسى ھەممىلا يەردە زىلزىلە پەيدا قىلدى. سوسو تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ دەپسەندە بولغان توققۇز قەبىلىنىڭ ئاتامانلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئۆز قوشۇنلىرىنى باشلاپ كېلىپ سۇندىئاتالار بىلەن بىرلەشتى ھەمدە سۇندىئاتانى ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى قىلىپ سايلىدى. بۇ قەبىلىلەرنىڭ قوشۇنلىرى بىر تۈزلەڭلىكتە چازا قۇردى، خىلمۇ خىل تۇتۇم بەلگىلىرى بار رەڭمۇ رەڭ بايراقلار شامالدا لەپىلدىدى. قەسەميات يىغىنى باشلاندى! سۇندىئاتا يوغان مۇشتۇمىنى ئېگىز كۆتەرگەن ھالدا: - بىز ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك! بىز ھەرگىز سوسولارنىڭ قۇلى بولمايمىز! - دەپ ياڭراق ئاۋاز بىلەن قەسەميات قىلدى. - ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز! - بىز ھەرگىز سوسولارغا قۇل بولمايمىز! ھەر قايسى قەبىلىلەرنىڭ جەڭچىلىرى ئارقا - ئارقىدىن شۇئار توۋلاپ سايلىقنى زىلزىلىگە كەلتۈردى. قەبىلىلەرنىڭ ئاتامانلىرى سۇندىئاتاغا ئاپىرىن ئەيلەپ نەزىر قىلدى. - بىز جەزمەن غەلىبە قىلىمىز! - داۋاملىق توۋلىدى سۇندىئاتا. - بىز چوقۇم غەلىبە قىلىمىز!جەزمەن غەلىبە قىلىمىز! - سادالار پۈتكۈل تۈزلەڭلىكتە جاراڭلىدى. يىراقتىن ئات تۇياقلىرىنىڭ تاقىلداپ ماڭغان ئاۋازى ئاڭلاندى. بىر ئوفېتسىر ئۇچقاندەك ئات چاپتۇرۇپ سۇندىئاتانىڭ ئالدىغا كېلىپ سالام بەردى ۋە: - پادىشاھى ئالەم، سوسو پادىشاھى شەخسەن ئۆزى كىرىنا )ھازىرقى مالى جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى باماكونىڭ يېنىدا( غا كاتتا قوشۇن باشلاپ كەلدى!ئۇ بىزنىڭ ئارقا يولىمىزنى چورت توسىۋەتمەكچى! - دەپ دوكلات قىلدى. - دەرھال چىقىپ توسايلى! - دېدى سۇندىئاتا كەسكىنلىك بىلەن. مىلادى 1235 - يىلىنىڭ بېشىدا، ئىككى تەرەپنىڭ كاتتا قوشۇنلىرى كىرىناغا توپلاندى، بىر مەيدان ھەل قىلغۇچ جەڭ پارتلاش ئالدىدا تۇراتتى. لېكىن، سوسو ئارمىيىسى تۇيۇقسىز پاتىپاراق بولۇپ كەتتى. كۈچلۈك بىر قوشۇن سوسو پادىشاھىدىن ئايرىلىپ سۇندىئاتانىڭ قوشۇنى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئەسلىدە، سوسو پادىشاھى ئىنتايىن رەھىمسىز، ئىنتايىن ۋەھشى ئەبلەخ ئىدى. ئۇ ھەممىلا يەرگە بۇلاڭچىلىق، تاجاۋۇزچىلىق يۈرگۈزۈپلا قالماستىن، ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگىمۇ رەھىم قىلمايتتى. ئۇنىڭ ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى فاگىر ئۇنىڭ جيەن ئوغلى بولسىمۇ، ئۇ يەنە تەپتارتماستىن فاگىرنىڭ ياش ھەم گۈزەل خوتۇنىغا چاڭ سالغان ئىدى. فاگىر بۇ ئىشقا چىداپ تۇرالمىغاچقا، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ سوسو ئارمىيىسىدىن ئايرىلىپ سۇندىئاتانىڭ يېنىغا كېلىۋالدى. سۇندىئاتا ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ئۇنى مۇئاۋىن قوماندانلىققا تەيىنلىدى. تاڭ قۇياشى شەرقتىن كۆتىرىلدى. يېڭى بىر كۈن باشلاندى، ئىككى تەرەپ ئارمىيىسى سەپ - سەپ بولۇپ جەڭگە چۈشتى. سۇندىئاتانىڭ چەۋەندازلىرى ئادەتتىن تاشقىرى جەسۇر ئىدى. ئۇلار سۇندىئاتانىڭ >ئالغا!< دەپ قوماندا بېرىشى بىلەنلا ئالغا قاراپ ئېتىلدى - دە، يالت - يۇلت قىلىپ تۇرغان قىلىچلىرىنى دۈشمەن بېشىغا قارىتىپ ئۇردى، سوسو ئارمىيىسى شۇ ھامانلا ئەرەختەن - پەرەختەن بولۇپ كەتتى. ھەر قايسى قەبىلىلەرنىڭ پادىشاھىمۇ قوشۇن ئويۇشتۇرۇپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئىنتايىن شىددەتلىك قۇچاغلاشما جەڭ بولۇپ كەتتى. نەتىجىدە سوسو چەۋەندازلىرى مەغلۇپ بولغاچقا ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن سەپ بويىچە چېكىندى. سۇندىئاتا ئۇلارنى قوغلاپ كېتىۋاتقاندا، سوسو پادىشاھىنىڭ فاگىر بىلەن قىلىچلىشىۋاتقانلىقىغا توساتتىن كۆزى چۈشتى - دە، دەرھال ئوقيانى بەتلەپ، سوسو پادىشاھنىڭ گەجگىسىگە ئاتتى، سوسو پادىشاھ شۇ ھامان ئېتىنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ پاتپاراقچىلىق ئىچىدە قېچىپ كەتتى. سۇندىئاتا بىلەن فاگىر ئۇنى تاپ باستۇرۇپ قوغلاپ ماڭدى ۋە ئەتىسى ئەتىگەندە قوغلاپ يېتىپ ئۇنى قەتلە قىلدى، جەڭ شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى. سۇندىئاتا سوسو پادىشاھلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن، ھەر قايسى قەبىلىلەر ئاتامانلىرىنىڭ يىغىنىنى ئېچىپ، يېڭى قۇرۇلغان پادىشاھلىقنىڭ رەسمىي پادىشاھى بولدى، سۇندىئاتا ئۇ پادىشاھلىقنىڭ نامىنى - مالى پادىشاھلىقى دەپ ئاتىدى. )>مالى< - >خوجايىننىڭ تۇرار جايى< دېمەكتۇر(. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، سۇندىئاتا ئەسكەر چىقىرىپ زېمىننى كېڭەيتتى. 1240 - يىلى زەئىپلىشىپ ھالى قالمىغان گانانى ھالاك قىلىپ، غەربىي ئافرىقا بويىچە ئەڭ قۇدرەتلىك پادىشاھلىققا ئايلاندى، بۇ پادىشاھلىقنىڭ زېمىنى ھەتتا گانا پادىشاھلىقىدىنمۇ ئېشىپ چۈشۈپ، شەرقىي كائو )ھازىرقى مالى جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەلىكىدە( دىن باشلىنىپ، غەربتە سىنگال دەرياسىغىچە يېتىپ باردى. 13 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، مالىدا يېڭى سۇلالە پادىشاھلىق قۇرۇلدى. يېڭى پادىشاھلىقمۇ ئۆز زېمىنىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ھەتتا ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلار 200 كېمىدىن تەشكىللەنگەن كاتتا كېمە قوشۇنى تەشكىللەپ، ئىككى يىل يەتكۈدەك ئاشلىق، سۇ ۋە يېمەكلىك بىلەن يولغا سالدى. نەتىجىدە، بىرلا كېمە ئامان - ئېسەن قايتىپ كەلگەندىن باشقا، بارلىق كېمىلەر ئاتلانتىك ئوكيان بورانلىرىدا غەرق بولۇپ كەتتى. بۇ قېتىمقى يۈرۈش قىلىش مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كولۇمبۇنىڭ ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈشىدىن 010 نەچچە يىل بۇرۇنقى ئىجادىيەت ئىدى. كېيىنكى كۈنلەردە، مالى پادىشاھلىقى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، مىسىر ۋە باشقا نۇرغۇن ئەرەپ دۆلەتلىرى بىلەن زىچ ئالاقە ئورناتتى، گائو قاتارلىق جايلاردىكى مەسچىتلەرنى ئەرەپ ئىمارەت قۇرۇش ئۇستىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ سالدۇرۇغان ئىدى. مالى پادىشاھى مۇسا يەنە شەخسەن ئۆزى مىسىرنى زىيارەت قىلدى ھەمدە ئۇزاق مۇساپىنى بېسىپ مەككىگە بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئافرىقا بىلەن ئاسىيانىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ كۈچەيدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
مالى پادىشاھلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى | UyghurWiki | UyghurWiki