مەرىپەت ھەركىتىنىڭ پېشۋاسى
بەش مىڭ يىل
مەرىپەت دېگىنىمىز - كىشىلەرنى ئويغىتىپ، فېئوداللىق ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش دېگەنلىك. 17 -، 18 - ئەسىرلەردە، ياۋرۇپادا كۆتىرىلگەن مەرىپەت ھەركىتى، شۇنداقلا بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ مۇھىم ئىدىيىۋى تەييارلىقى ئىدى. بىز تۆۋەندە بىر نەپەر مەرىپەتچى مۇتەپپەككۇرنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:
18 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدىكى بىر كۈنى، فرانسىيىدىكى بىر پوچتىخانا خەت - چەكلەرنى رەتلەۋاتقاندا، ئاجايىپ بىر خەتنى بايقاپ قالدى. كونۋېرتقا:
«شائىرلارنىڭ شاھى، خەلق پەيلاسوپى، ياۋرۇپانىڭ ھىماتى، ۋەتەننىڭ تىلى، پادىشاھ تارىخشۇناسى، قەھرىمانلارنىڭ كۈيچىسى، شېئىرىيەت شەيئىلىرىنىڭ زوقمەنى، سەنئەتنىڭ ھاممىسى، ئىختىساسنى قەدىرلىگۈچى ئاق كۆڭۈل، تالانتنى بىلگۈچى، بارلىق زىيانكەشلىكنى ئەيىپلىگۈچى، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ رەقىبى، ئېزىلگۈچىلەرنىڭ پاسىبانى، يېتىم - يېسىرلارنىڭ رەھىمدىل ئاتىسى، بايلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى، كەمبەغەللەرنىڭ باش پاناھى، ئاق كۆڭۈللەرنىڭ نەمۇنىسىگە تېگىدۇ.» دەپ يېزىلغان ئىدى.
بۇ خەتكە خەتنى تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئادېرىسى يېزىلمىغان ئىدى، ئۇنى كىمگە ئاپىرىپ بېرىش كېرەك؟
- چوقۇم ئاشۇ! بۇنداق قىممەتلىك ناملار شۇنىڭغىلا لايىق كېلىدۇ، - دېدى خەتنى يەتكۈزىدىغان پوچتىكەش قىلچە گۇمانلانماي. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، خەتنى داڭلىق شائىر، پەيلاسوپ ۋە تارىخشۇناس - ۋولتېرغا يەتكۈزۈپ بەردى. خەت، دەرۋەقە، جايىدا يەتكۈزۈلگەن ئىدى.
ۋولتېرغا فرانسىيىلىكلەر نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق چوقۇنىدۇ؟ ئەسلىدە ئۇ نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلغان!
شۇ كەملەردە، فرانسىيە فېئوداللىق مۇستەبىت دۆلەت بولۇپ، كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىنىڭ ھوقۇقى ئىنتايىن چوڭ ئىدى، ئۇ خەلق ئاممىسىغا ھەممە ساھەلەردە دەھشەتلىك ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى ۋە زۇلۇم سالاتتى. 1762 - يىلى تۇلۇزدا ئادەمگەرچىلىك قېلىپىدىن چىققان دىنىي زىيانكەشلىك ۋەقەسى تۇغۇلدى. كېرا ئىسىملىك بىر پروتېستانت بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى قەرزنى تۆلىيەلمەي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. كاتولىك دىنىي جەمئىيىتى كېرانى قارىلاپ، ئۇنىڭ ئوغلى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلماقچى بولغاندا، پروتېستانت دادىسى ئۆلتۈرۈۋەتكەن دەپ يالغان ئېيتىپ دەرھال سوت مەھكىمىسىگە ئەرز بەردى. فېئوداللىق ھۆكۈمەتنىڭ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز بەردى. فېئوداللىق ھۆكۈمەتنىڭ سوت مەھكىمىسى دىنىي جەمئىيەت تەرەپتە تۇرۇپ، كېرا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى قولغا ئېلىپ قاتتىق قىينىدى ھەمدە كىراغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدى. ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان كۈنى، جاللاتلار ئاۋۋال كېرانى تۆمۈر كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئىككى بىلىگىنى، ئۇمۇرتقىسىنى ۋە ئىككى پۇتىنى ئۈزۈپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئات ھارۋىسىنىڭ كەينىگە باغلاپ سۆرىتىپ ئۆلتۈردى ۋە ئاخىرىدا ئۇنىڭ جەسىدىنى ئۆرتەپ كۈل قىلىۋەتتى.
كېرانىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن بىرى جەنۋەگە قېچىپ بېرىپ، بېشىغا كەلگەن ناھەقچىلىكلەرنى كىشىلەرگە ئېيتىپ بەردى. ۋولتېر بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تەپسىلى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئاخىرى بۇنىڭ ئېغىر دىنىي زىيانكەشلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
- پۈتۈن ياۋرۇپاغا شىكايەت قىلىشىمىز كېرەك! - دېدى ۋولتېر غەزەپلەنگەن ھالدا. ئۇ، مۇشۇ ناھەق ئەنزە ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ياۋرۇپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ياۋرۇپا جامائەتچىلىكى قوزغىلىپ، فرانسىيىنىڭ تۇلۇزدىكى يەرلىك سوت مەھكىمىسى ئۈستىدە غەزەپ بىلەن شىكايەت قىلدى. فرانسىيە ھۆكۈمىتى تېنىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما پاكىت ئالدىدا ئاغزى - بۇرنى قان بولۇپ، تۆت يىلدىن كېيىن ئاشكارا ئاقلاشقا مەجبۇر بولۇپ، كېرانىڭ نامىنى، كېرا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ۋولتېر «كېرانىڭ شەپقەتچىسى» بولۇپ، فرانسىيە خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. ۋولتېر كېيىن يەنە شىلۋېن، راپائېل قاتارلىق پروتېستانتلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قۇربان بولغان ئەنزىلىرىنى ئاقلاش يولىدا ئۇزۇن يىللار كۈرەش قىلىپ، ئۇلارنىڭ نامىنى ئاخىرى ئەسلىگە كەلتۈردى. شۇڭا، فرانسىيە خەلقى ئادالەتپەرۋەر بۇ ئالىم ۋە شائىرنى ئىنتايىن قەدىرلەيتتى.
ئۇنداق بولسا، ۋولتېر فېئوداللىق ھۆكۈمەتكە ۋە ئەكسىيەتچىل دىنىي جەمئىيەتكە نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق قەيسەرلىك بىلەن قارشى تۇرىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۆزىمۇ مۇشۇنداق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.
«ۋولتېر» ئەسلىدە ئۇنىڭ تەخەللۇسى، ھەقىقى ئىسىمى فرانسىۋا مارىيە ئارۇئې بولۇپ، 1694 - يىلى پارىژدىكى ئوتتۇرا مۈلۈكدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 23 ياشقا كىرگەن يىلى نومۇسسىز فېئوداللىق ئوردىغا دارىتىملاپ ماقالا يازغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باستى تۈرمىسىگە قامىلىپ، توپ - توغرا 11 ئاي ياتتى. باستى تۈرمىسى بۇ ئالەمدىكى چوڭ بىر دوۋزاق ئىدى! بۇ قاپ - قاراڭغۇ زۇلمەتلىك قورغانغا كىرىش بىلەنلا، «قاراس - قۇرۇس» تېگىپ تۇرغان قامچا ئاۋازىنى ۋە ئېچىنىشلىق دات - پەريادلارنى ئاڭلاپ تۇراتتىڭىز. بەدىنى قىيما - چىيما بولۇپ كەتكەن «مەھبۇس» لار ئىڭراپ نەم يەردە رەت - رەت يېتىپ كېتەتتى. فېئودال ھۆكۈمەتكە ۋە دىنىي جەمئىيەتكە قارشى چىققان «سىياسى مەھبۇس»لار نەچچە ھەسسە ئېغىر قىيىن - قىستاققا ئېلىنىپ، ئايرىم - ئايرىم تۈردە كەچكىچە كۈن چۈشمەيدىغان كىچىك قەپەزلەرگە سولىناتتى. بىر نەچچە يىل قاماقتا ياتقان كىشىنىڭ چاچلىرى ئاقىرىپ، كوللاپىس بولۇپ، ئاجىزلاپ ئۆلۈپ كېتەتتى. ئارۇئې فېئودال خاندانلىقنىڭ بۇ قانلىق جىنايەتلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئېتىقادى تېخىمۇ كۈچىيىپ، تۈرمىدە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ۋىجدانسىزلىقى مەسخىرە قىلىنغان «ئودىبو» دېگەن سەھنە كىتابىنى يازدى. ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، بۇ تىياتىر پارىژدا ئوينىلىپ، كىشىلەرنىڭ كەڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. سەھنە كىتابىدا، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ رەزىللىكلىرى فرانسىيە مۇۋەققەت پادىشاھىنىڭ رەزىللىكلىرىگە ئوخشاش قىلىپ يېزىلغانلىقتىن، ئارۇئې يەنە بىر قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى، ئۇنى ئاقسۆڭەكنىڭ بالىلىرى قاتتىق دۇمبالاش بىلەنلا قالماي، يەنە باستى تۈرمىسىگە قامالدى. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش جاكارلانغانلىقتىن، يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ئەنگىلىيىدە مۇساپىر بولۇپ يۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ، «ۋولتېر» دېگەن تەخەللۇس بىلەن فرانسىيىنىڭ فېئوداللىق ھۆكۈمىتىگە قارشى مەخسۇس ماقالىلارنى يازدى.
ۋولتېر ئەنگىلىيىدىكى مەزگىلدە، ئەنگىلىيىنىڭ بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىن كېيىنكى سىياسى تۈزۈمنى تەكشۈردى، ماتىرىيالىستىك پەلسەپە بىلەن نيۇتۇننىڭ فىزىكىسىنى تەتقىق قىلدى. ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، «پەلسەپە خەۋەرلىرى» نى يېزىپ، فرانسىيىنىڭ فېئوداللىق تۈزۈمىنى ۋە دىنىي جەمئىيەتنىڭ ئەكسىيەتچىلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئادەملەر تۇغۇلغاندىن كېيىنلا ئەركىن ۋە باراۋەر بولۇشى كېرەك ئىدى، دەپ ھېساپلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە چوڭ بالا - قازاغا يولۇقتى، كىتابلىرىنىڭ ھەممىسى كۆيدۈرۈلدى، ئۆزىمۇ يەنە بىر قېتىم چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ، فرانسىيە بىلەن گوللاندىيە چېگرىسىدىكى بىر ئايال دوستىنىڭكىدە 15 يىلغىچە تەركىي دۇنيا بولۇپ ئۆتتى. بۇ مەزگىلدە ئۇ، ئەركىنلىك - باراۋەرلىك تەشۋىق قىلىنغان نۇرغۇن شېئىر، سەھنە ئەسىرى ۋە پەلسەپە ئەسەرلىرىنى يازدى.
دەل شۇ چاغدا، يەنە بىر ئاجايىپ ۋەقە يۈز بەردى: پرۇسىيە شاھزادىسى فېتلې ئۇنىڭغا ئارقا - ئارقىدىن خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ قىزغىن - چوقۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋولتېر ئۇنى ياخشى كىشى بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ، پرۇسىيە شاھزادىسىگە خەت يېزىپ ئاغىنە بولۇپ قالدى. فېتلې پادىشاھ بولغاندىن كېيىن، ئەلچى ئەۋەتىپ ۋولتېرنى پرۇسىيىگە تەكلىپ قىلدى. فرانسىيىگە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتتى ۋە ئۇنى پادىشاھ تارىخچىسى قىلىپ تەيىنلەندى ھەمدە ئۇنىڭغا فرانسىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكادېمىكلىكىنى بەردى. بىراق،ۋولتېر فرانسىيىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىدىن نارازى بولغانلىقتىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا تەكلىپ بويىچە پارىژدىن بېرلىنغا كەلدى.
قائىدە بويىچە بولغاندا، فېتلې ۋولتېرنى ناھايىتى ھۆرمەتلىشى كېرەك ئىدى، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق قىلمىدى. پرۇسىيىنىڭ بۇ پادىشاھى بەدنىيەت ھەربى ئىدى. ئۇ ئىچكى جەھەتتە مۇستەبىت ساقچى ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويسا، سىرتقا قارىتا قوراللىق كېڭەيمىچىلىك قىلدى. ئۇ ۋولتېرنى پەقەت «ئىلغارلىق» توننى كىيىۋېلىش ئۈچۈنلا تەكلىپ قىلغان ئىدى. ئەمما ۋولتېر پرۇسىيىگە ئەركىنلىك - باراۋەرلىك تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلغىلى كەلگەن تۇرسا، بۇ ئىككىيلەن قانداقمۇ چىقىشالايدۇ؟
بىر كۈنى فېتلې ئۆزىنى ئاشكارىلاپ مۇنداق دېدى:
- ۋولتېر دېگەن بۇ ئادەم مېنىڭ نەزىرىمدە بىر تال جۈزە، مەن ئۇنىڭ سۈيىنى شوراپ بولغاندىن كېيىن، ئەخلەتكە ئوخشاش تاشلىۋېتىمەن.
ۋولتېر بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۈندىمەي يۈرىدىغان بولسا، ھاياتىم خەۋپلىك بولۇپ قالىدىكەن، دەپ ئويلىدى - دە، پرۇسىيىدىن دەرھال كېتىپ، شۋېتسارىيىگە ماكانلاشتى.
ئۇ تۇرۇۋاتقان يەر فرانسىيىگە يېقىن ئىدى، ۋولتېر فرانسىيە خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كۈرىشىگە شۇ يەردە تۇرۇپ رەھبەرلىك قىلدى. كېرانى ئاقلاش ئىشى ئەنە شۇ يەردە باشلانغان ئىدى. 1778 - يىلى، فرانسىيىنىڭ فېئودال پادىشاھى لۇئى XV ئۆلدى، ۋولتېر شەرەپلىك ھالدا يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، شۇ يىلى 5 - ئايدا قازا تاپتى.
1780 - يىلى، پارىژ خەلقى ۋولتېرغا خاتىرە مىس ھەيكەل ئورناتتى، خاتىرە مۇنارىغا «ئۇ بىزگە ئەركىنلىككە ئېرىشىشنىڭ يولىنى ئۆگەتتى» دېگەن خەتلەر ئويۇلدى.
فرانسىيىلىك مەرىپەتچى مۇتەپپەككۈرلاردىن مۇنتېسكيۇ، رۇسسۇ، دىدېرولارمۇ ۋولتېرنىڭ زامانداشلىرى ئىدى. دىدېرو «قامۇس»قا مۇھەررىرلىك قىلىپ، ماتىرىيالىستىك ئىدىيىنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا قانۇن، مەمۇرىيەت، ئەدلىيەدىن ئىبارەت ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ ئارقىلىق ھازىرقى كاپىتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ سىياسى تۈزۈمىگە ئاساس سالدى. رۇسسۇ ئۆزىنىڭ «خەلق ئەھدىنامىسى توغرىسىدا» دېگەن ئەسىرىدە پادىشاھنىڭ مۇستەبىتلىك تۈزۈمى قانۇنسىز، دېموكىراتىك ھاكىمىيەتنىڭ بەرپا بولۇشى مۇقەررەر، مۇستەبىتلىك تۈزۈمنى زورلۇق كۈچ بىلەن تارمار قىلىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئۇلارنىڭ سىياسى تەشەببۇسلىرى بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ كۈچلۈك ئىدىيىۋى قورالى ئىدى.