>ۋېردېن قىيما ماشىنىسى<
بەش مىڭ يىل
فرانسىيىلىك گېنېرال ژاففىر ھەربىي ئىشلار ھەققىدىكى بىر پارچە دوكلات ئۈچۈن توپتوغرا بىر كۈن ئاچچىقلاندى.
- ۋېردىننىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش تېخى، تازا ئالىجوقىلىق - دە، بۇ! - ئۇ، دوكلاتنىڭ تەكلىپ قىسمىنى يەنە بىر مەرتىۋە كۆردى - دە، ئۇنى بىر يانغا تاشلاپ قويدى.
بۇ دوكلاتنى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋېردېنتى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن يازغانىدى. دوكلاتتا: >تۈرلۈك ئالامەتلەردىن قارىغاندا، گېرمانىيە قوشۇنلىرى ۋېردېن قورغىنىغا كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغايدىغاندەك تۇرىدۇ، ھالبۇكى، قورغاننىڭ مۇداپىئە كۈچى ناھايىتى ئاجىز، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دەرھال كۈچەيتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشنى تەكلىپ قىلىمىز< دېيىلگەن ئىدى.
ژاففىر دوكلاتتىكى قاراشقا پۈتۈنلەي قوشۇلمايتتى. فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ، بۇ دوكلاتقا پىسەنت قىلمىسىمۇ بولاتتى، ئەمما ئۇنى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى شەخسەن ئۆزى تەستىقلاپ چۈشۈرگەن ھەمدە ژاففىرنىڭ بۇنىڭغا قارىتا پىكرىنى تەلەپ قىلغانىدى. ژاففىر بىركۈن تىت - تىت بولدى - دە، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا باش شتاب باشلىقىنى مەسلىھەتكە چاقىرىشقا ئەۋەتتى.
- مېنىڭ قوماندانلىقىمدىكى ھەربىي تۇرۇقلۇق، - دېدى ژاففىر قولىغا دوكلاتنى ئېلىپ غەزەپ بىلەن، - نارازىلىق ۋە ئېتىرازلىرىنى دەرىجە ئاتلاپ ھۆكۈمەت ئالدىغا ئاپىرىپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ ئىنتىزامىنى قەستەن قالايمىقانلاشتۇرۇپتۇ، تازا قاملاشمىغان ئىش بولدى - دە، بۇ!
- بۇزە...، شۇنداق، راستتىنلا مىنسىتر جانابلىرىغا ئالدىنقى سەپنىڭ ئەھۋالىنى بىۋاستە ئىنكاس قىلغان بولسا، بۇ ئىش تازا قاملاشماپتۇ. بىراق، باش قوماندان ئالىيلىرى، شۇنچە كۆپ توپلارنى قورغاندىن يۆتكىۋەتسەك قانداق بولاركىن...
- >قانداق بولاركىن< دېگەن نېمە گەپ! - ژاففىر قوپاللىق بىلەن باش شتاب باشلىقىىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى، - ھەربىي ئىشلار مەقسىتىدىن قارىغاندا، ۋېردېن قورغىنىنىڭ ئاللىقاچان قىلچە كېرىكى قالمىدى! نېمىسلارنىڭ ئېتىش ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى 16 دىيۇيملىق ئېغىر يوغان توپ بىلەن لېژ قورغىنىنى ئېلىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئۆزى پاكىت. قورغانلارنى ساقلاپ ياتىدىغان چاغلار ئۆتۈپ كەتتى، ئەمدى چوڭقۇر قېزىلغان دالا ئۇرۇش ئىستىھكاملىرىنى ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش كېرەك.
- بىراق، ۋېردېن قولدىن كەتكەن ھامان، پارىژ چوڭ تەھدىت ئاستىدا قالىدۇ - دە!
- نېمىسلار پارىژغا 15 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە كەلگەندىمۇ، قوغلىۋەتكەن ئىدۇققۇ، - دەپ كۈلدى ژاففىر مەنسىتمەسلىك بىلەن، - پارىژدىن 200 كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرسا، نېمىدىن قورقىمىز!
- بىراق، ۋېردېن فرانسىيىنىڭ مەشھۇر قورغىنى، قولدىن كېتىپ قالسا، قوشۇنلىرىمىزنىڭ جەڭگىۋارلىق روھىغا تەسىرى ناھايىتى زور بولىدۇ.
- مېنىڭ قىزىقىدىغىنىم قوزغىلىش ئالدىدا تۇرغان سومما ئۇرۇشى، سومما ئۇرۇشىدا يەڭسەكلا ۋېردېن مۇھاسىرىسى تەبىئىي ھالدا بۇزۇلىدۇ. يەنە دېسەك، ۋېردېندا تېخى 10 تۈمەن كىشىلىك تۆت دىۋىزىيە بارغۇ؟
- شۇنداق، ئەمما ئېغىر توپلار ئېلىۋېتىلىپ ئاران 300 چە قاپتۇ.
- كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ سومما دەرياسى بويىدا جەڭنى جەزمەن ياخشى قىلىش كېرەك. ۋېردېندىكى ئەسكىرىي كۈچنى تۆت دىۋىزىيە سەۋىيىسىدە ساقلاپ قېلىپ، ئېغىر توپلاردىن يەنە بىر نەچچە ئوننى ئېلىۋەتسەكمۇ بولىدۇ.
- ئۇنداقتا مىنىستىر جانابلىرىغا نېمىدەپ جاۋاب بېرىمىز؟
ژاففىر چوڭقۇر بىر خىيال سۈردى - دە، دوكلاتنى تارتمىغا سېلىۋېتىپ:
- مۇنداق قىلايلى، ئالدىراپ جاۋاب بەرمەي تۇرايلى، - دەپ كۈلدى.
ھەربىي ئىشلار توغرىسىدىكى دوكلاتتا يەتكۈزۈلگەن ئاخبارات ۋە تەكلىپلەر توغرا ئىدى، 1916 - يىل 1 - ئايدا، ۋېردېن قورغىنىدىكى ئېغىر توپلار توپ مۇنارلىرىدىن چۈشۈرۈلۈۋاتقاندا، قوشۇنلىرى >ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىدىغان جاي< ناملىق ھەرىكەت پىلانىنى ئىجرا قىلىشنى باشلاپ، ۋېردېن قورغىنىنى ئېلىشقا تەييارلاندى.
>ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىدىغان جاي< دېگەن ھەرىكەت پىلانىنىڭ تۈزگۈچىسى مالتنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن باش شتاب باشلىقى بولغان پارگېنگان ئىدى. ئۇنىڭ ستراتېگىيىلىك مەقسىتى - فرانسىيە ۋاز كەچمەيدىغان مۇھىم بىر ھەربىي ئىشلار ئورنىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، فرانسىيىنى ئۇ يەرگە ھەممە ئەسكىرىي كۈچلەرنى توپلاتقۇزۇپ، ئاندىن يوقىتىش، يەنى >فرانسىيىنى قانسىرىتىپ< ھەربىي ئىشلار جەھەتتە تارمار قىلىش ئارقىلىق تەسلىم قىلدۇرۇش ئىدى.
پارگېنگان تاللىغان بۇ مۇھىم ھەربىي ئىشلار ئورنى دەل گېنېرال ژاففىر سەل قارىغان ۋېردىن قورغىنى ئىدى.
بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا تەييارلىنىش ئۈچۈن، پارگېنگان روسىيە بالقان يېرىم ئارىلى ئالدىنقى سېپى ھەمدە كرېپ ھۇجۇم قىلىدىغان نەق مەيداننىڭ ئەتراپىغا توپلاشقا بۇيرۇق قىلدى. 12 كىلومېتىر كېلىدىغان فرونتقا 1000 دانە ئېغىر توپنى تىكلەپ قويدى، ئالدىنقى سەپ پوزىتسىيىلىرىگە يەنە 500 دىن ئارتۇق مىنائاتقۇ ئورۇنلاشتۇردى. ھۇجۇم قىلىدىغان ئەسكىرىي كۈچنى 27 تۈمەن كىشىلىك ئون دىۋىزىيىگە يەتكۈزدى، يەنى ۋېردېن مۇداپىئەسىدىكى فرانسىيە قوشۇنلىرىدىن ئۈچ ھەسسە ئاشۇرۇۋەتتى.
2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى گېرمانىيە قوشۇنلىرى ھۇجۇمنى باشلىدى.
سىگنال ئوقلىرىنىڭ يۇقىرى بوشلۇقتا پارتلىشى بىلەن تەڭ، يوشۇرۇن ھالەتتىكى گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ قاتار - قاتار توپلىرى بىر سائەتتە 100 مىڭ پاي ئېتىش سۈرئىتى بىلەن ۋېردىن قورغىنىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىگە قارىتىپ ئوق ياغدۇردى. بۇلار ئىچىدىكى ئېتىش ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى 16 دىيۇيم كېلىدىغان شەھەرگە ھۇجۇم قىلىدىغان پارتلاتقۇچ 13 توپ يەر - جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان دەرىجىدە گۈمبۈرلەپ، دانىسى بىر توننا كېلىدىغان ئوق بىلەن قورغاننىڭ ئەڭ مۇستەھكەم ئىمارەتلىرىنى پارتلاتتى. مىنا ئاتقۇچىلار 100 قاداقتىن ئارتۇق پارتلاتقۇچ ۋە مېتال پارچىلىرىدىن ياسالغا چاچما ئوقلار بىلەن فرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئاكوپ سىستېمىلىرىنى توپ - توپى بىلەن پاچاقلاپ تاشلىدى. ئېتىش ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى 5.2 دىيۇيملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك توپلار مىلتىق ئوقى سۈرئىتىدە چاچما ئوق ياغدۇرۇپ، فرانسىيە قوشۇنلىرىنى يوشۇرۇنۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، ئۆلۈم شەربىتىنى ئىچىشكە مەجبۇرلىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە ئۇلار ئوت پۈركۈگۈچ قوراللارنىمۇ يەنە ئىشقا سالدى.
12 سائەت شىددەتلىك توپقا تۇتۇش ئارقىسىدا، ۋېردېن قورغىنىنىڭ يېنىدىكى تارچۇق دېلتىدىكى ئاكوپلار پۈتۈنلەي پاچاقلىۋېتىلدى، ئورمانلار كۈلگە، تۆپىلىكلەر تۈزلەڭلىككە ئايلىنىپ، فرانسىيە قوشۇنلىرىدا پۈتكۈل مۇداپىئە سېپى قويۇق ئىس - تۈتەكلەر ۋە يالقۇنلار ئاستىدا قالدى.
- ئۇررا! - توپلار ئوت ئېچىشتىن توختىغان ھامان گېرمانىيىنىڭ ئالتە دىۋىزىيە پىيادە ئەسكىرى چۇقان كۆتۈرۈپ، ئون كىلومېتىر كەڭلىكتىكى جەڭ سېپىدىن فرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ مۇداپىئە سېپىگە ئاتاكىغا ئۆتتى.
فرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ پوزىتسىيىلىرى ئوت دېڭىزىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئەسكەرلىرى ئاۋۋالقىدەك جاسارەت بىلەن تاقابىل تۇردى. ئىككى كۈنلۈك شىددەتلىك جەڭ داۋامىدا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر، 65 دانە ئېغىر توپ گېرمانىيە قوشۇنلىرىغا ئولجا بولۇپ كەتتى. ئاساسلىق مۇداپىئە سېپى يىمىرىلدى.
گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ ۋېردېنغا ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكى توغرىسىدىكى جىددىي خەۋەرنى شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە ئەلچى فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىق شتابىغا يەتكۈزدى.
- گېنېرال ژاففىر ئۇخلاپ قالدى، ئويغىتىشقا بولمايدۇ، - ئاديۇتانت ئەلچىگە تومتاقلا بىر ئېغىز گەپ قىلدى.
- بۇ جىددىي ھەربىي مەلۇمات! ۋېردىن قولدىن كېتىش ئالدىدا تۇرىدۇ، باش قوماندانغا دەرھال مەلۇم قىلمىساق بولمايدۇ، - دېدى ئەلچى تەقەززالىق بىلەن.
- بولمايدۇ، - دەپ دولىسىنى قىسىپ قويدى ئاديۇتانت، - باش قوماندان كەچ سائەت ئونلاردىن باشلاپ ئارام ئالىدۇ، ھېچكىمنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا رۇخسەت يوق.
ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا ژاففىر گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ ۋېردېنغا كەڭ تۈردە ھۇجۇم قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ھەربىي مەلۇماتتىن خەۋەرلەندى ۋە يەنە بىر كۈن ئۆتكۈزۈۋېتىپ ئاندىن باش شتاب باشلىقىغا:
- ۋېردېننى نېمىسلارغا تاشلاپ بەرسەك بولمايدىدەك قىلىدۇ، سىز تېزلىكتە ئۇ يەرگە بېرىپ مېنىڭ مۇنۇ بۇيرۇقۇمنى يەتكۈزۈڭ: ھەر قانداق بەدەل كېتىشكە قارىماي، ئىستىھكاملارنى قوغداش كېرەك، بولمىسا پۈتكۈل ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە تەسىر يېتىدۇ!
2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، گېنېرال ژاففېر، فېتەننى ۋېردېن رايونىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەش ۋە زور تۈركۈملەپ ھەمدەمچى قوشۇن ئەۋەتىش قارارىغا كەلدى.
فېتەن شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە ۋېردېنغا يېتىپ كەلدى. دەل شۇ كۈنى قورغاننىڭ شەرقىي - شىمالىدىكى دەم پوتىيى گېرمانىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ كەتتى. ئەسلىدە بۇ پوتەينى ساقلاۋاتقان يېنىك پىيادە ئەسكەرلەر دىۋىزىيىسى گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ سائىتىگە 120 مىڭ پاي ئوق ئاتىدىغان توپلار بىلەن توپقا تۇتۇشى ئارقىسىدا ئاللىقاچان تىرىپىرەن بولۇپ كەتكەنىدى، شۇڭا گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ توققۇز كىشىلىك چارلاش ئەترىتى شامال ئارىلاش يامغۇر ۋە ئىس - تۈتەكلەر گادىرماش قىلىۋەتكەن خىلۋەت ھاۋادا، بىر پاي ئوق چىقارمايلا بۇ مۇستەھكەم پوتەينى ئىگىلىۋالدى. ۋېردېن مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قېلىش خەۋپى تۇغۇلدى.
فېتەن ئەھۋالنىڭ خەۋپلىكلىكىنى كۆردى - دە، دەرھال ئالدىنقى سەپتىكى قىسىملارغا جەڭنى نازارەت قىلىش سىزىقى بەلگىلەپ بېرىپ، گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىغا بارلىق ۋاستىلەر بىلەن تاقابىل تۇرۇش، بۇ سىزىقتىن زادىلا چېكىنىپ چىقماسلىق ھەققىدە ئەسكەرلەرگە قاتتىق بۇيرۇق قىلدى.
ئەمدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە - ئارقا سەپتىن كېلىدىغان ھەمدەمچى قوشۇن ۋە قورال - ياراغلارنىڭ تېزلىكتە يېتىپ كېلىشىگە قانداق كېپىللىك قىلىش بولۇپ قالدى. بۇ مەسىلە ھەل بولمىسا ۋېردېننى ساقلاپ قېلىشقا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
فېتەن ئوفىتسېرلارنى چاقىرىپ كېلىپ سورىدى:
- ھازىر ئارقا سەپكە ئۆتكىلى بولىدىغان قاتناش يولىدا يەنە قانچىسى بار؟
- غەربىي جەنۇپقا ئۆتىدىغان ئىككىنچى دەرىجىلىك تاشيولدا زورىغا قاتناشقا بولىدۇ، باشقا يوللارنىڭ ھەممىسى نېمىسلارنىڭ ئېغىر توپلىرى بىلەن ئۈزۈپ تاشلاندى، - دېدى ئارقا سەپكە مەسئۇل بىر ئوفىتسېر قوشۇمىسىنى تۈرگەن ھالدا.
- مۇشۇ يول بىلەن يانداش بولغان بىر تاق رېلىسلىق تۆمۈر يولدىمۇ قاتناشقا بولىدۇ، - دەپ تولۇقلىدى يەنە بىر ئوفىتسېر، - ئۇ يول ئادەتتە مۇھاپىزەتچى قوشۇنلارغا تەمىنات توشۇشقا ئىشلىتىلەتتى. بىراق ئۇنىڭ يۆتكەش مىقدارى ناھايىتى ئاز، يەنە كېلىپ گېرمانىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىندى.
فېتەن ئىككىنچى دەرىجىلىك تاشيولغا ناھايىتى قىزىقتى - دە، تەقەززالىق بىلەن سورىدى:
- تاشيولدا كەڭلىكى قانچە؟
- ئالتە مېتىر.
- يول يۈزىچۇ؟ ئېغىر يۈك ماشىنىلىرىنىڭ كۆپلەپ ئۆتۈشىگە بەرداشلىق بېرەلەمدۇ؟
- يول يۈزى ئانچە ياخشى ئەمەس، يەنىلا قانچىلىك ماشىنا ئۆتەلەيدىغانلىقىغا قاراش كېرەك.
فېتەن يان دەپتىرىنى قولىغا ئالدى - دە، قېرىنداش بىلەن تېزلىكتە ھېسابلاپ كۆرگەندىن كېيىن:
- نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بىز بىر ھەپتە ئىچىدە 200 مىڭ كىشىلىك قوشۇن توپلاپ بولالىساق، ئاندىن نېمىسلارنىڭ ئەسكىرىي كۈچى بىلەن تەڭلىشەلەيمىز؛ بۇنىڭغا ماسلىشىش ئۈچۈن بىزگە يەنە 20 مىڭ توننىدىن كۆپرەك قورال - ياراغ قاتارلىق ماددىي ئەشيا يۆتكەشكە توغرا كېلىدۇ...
- مۇنچىۋالا كۆپ ئەسكەر ۋە قورال - ياراغ قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن، بىز ھەر سوتكىدا 6000 ئاپتوموبىلنىڭ بۇياققا ئۆتەلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. بۇنداق بولغاندا، بۇ تاشيولدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 14 دەقىقىدە بىر ماشىنا ئۆتەلىشى كېرەك.
ئوفىتسېرلار بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بىر - بىرىگە قاراپ قويۇشتى - دە، ھېچقايسىسى لام - جىم دېمىدى.
شۇئان فېتەن دەس تۇردى - دە، بۇيرۇق بەردى:
- دەرھال تېز رېمونت قىلىش قوشۇنى تەشكىللەپ، يول بويىدىكى پۇقرالارنىڭ ماسلىشىشى ئاستىدا يولغا تاش ياتقۇزۇلسۇن ۋە يول يۈزى كېڭەيتىلسۇن! 27 - چېسلادىن باشلاپ، ماشىنلارنىڭ بۇ تاشيولدىن كېچە - كۈندۈز بىخەتەر ئۆتەلىشىگە كاپالەتلىك قىلىنسۇن. ۋېردېننىڭ قولدىن كېتىش - كەتمەسلىكى مۇشۇ ھەرىكەتتە بەلگىلىنىدۇ. بىزنىڭ شۇئارىمىز: گېرمانىيە قوشۇنلىرىنى ۋېردېدنىن قەتئىي ئۆتكۈزمەسلىك!
فېتەننىڭ بۇيرۇقى كەم - كۈتسىز ئىجرا قىلىندى. توپتوغرا يەتتە كۈنگىچە بۇ تاشيولدىن ئاپتوموبىللار ئۈزۈلمەي ئۆتۈپ تۇردى، 190 مىڭ كىشىلىك ھەمدەمچى قوشۇن ۋە 25 مىڭ توننا ئوق - دورا قاتارلىق ماددىي ئەشيالار تېزلىكتە ۋېردېنغا يۆتكەپ كېلىندى. بۇ تاشيول ئارقا سەپنىڭ ۋېردېنغا ئۆتىدىغان ترانسىپورتقا كاپالەتلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، فرانسۇزلار تەرىپىدىن >مۇقەددەس يول< دەپ ئاتالدى.
ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي كۈچى پەيدىنپەي تەڭپۇڭلۇققا قاراپ يۈزلەنگەچكە، گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇم دولقۇنى بېسىقتى. گېرمانىيە قوشۇنلىرى گەرچە بەزى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما پارگېنگان تۈزگەن >ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىدىغان جاي< پىلاندىكى تەلەپتىن ناھايىتى يىراقتا ئىدى. 4 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، فېتەن ۋېردېننى قوغداشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىقىغا ئۆستۈرۈلدى.
بۇنىڭدىن كېيىن، گېرمانىيە قوشۇنلىرى يەنە ئىككى ھۇجۇم دولقۇنى قوزغىدى ھەمدە ۋېردېننىڭ يەنە بىر پوتىيىنىمۇ ئىگىلىۋالدى، ئەمما قورغاننى يەنىلا ئالالمىدى.
كۈز كىردى، فرانسىيە قوشۇنلىرى قايتۇرغا ھۇجۇمغا ئۆتتى، قولدىن كەتكەن ئىككى پوتەي ۋە كۆپ قىسىم جايلارنى قايتۇرۇۋالدى. 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ۋېردېن ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى.
بۇ قېتىمقى كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا گېرمانىيە قوشۇنلىرىدىن 46 دىۋىزىيە قاتناشتى. فرانسىيىنىڭ 70 دىۋىزىيىلىك قوشۇنىدىن 66 دىۋىزىيىنى ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ جەڭگە كىردى. ۋېردېندىكى قانلىق قىرغىنچىلىقتا ئىككى تەرەپتىن 70 تۈمەندىن ئارتۇق كىشى ھالاكەتكە ئۇچرىدى. شۇڭا، بۇ ئۇرۇش >ۋېردېن قىيما ماشىنىسى< دەپ ئاتالدى، ئۇرۇش تېخى تۈگىمەي تۇرۇپلا، گېرمانىيە پادىشاھى، پارگېنگان پىلانىنىڭ يالغۇز >فرانسىيىنى قانسىرىتىش< بىلەنلا قالماي، بەلكى گېرمانىيىنىمۇ قانسىرىتىۋەتكەنلىكىنى ئالدىنئالا بىلدى ھەمدە پارگىنگاننىڭ باش شتاب باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىنى تەستىقلىدى.