UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭقىشلىق ساراينى ئىگىلەش

قىشلىق ساراينى ئىگىلەش

بەش مىڭ يىل قىشلىق ساراي - چارپادىشاھلار مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنىڭ سىمۋولى. ئۇ - پېتروگراد شەھىرىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىكى نىۋا دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 200 مېتىر، كەڭلىكى 160 مېتىر، ئېگىزلىكى 22 مېتىر كېلىدىغان بىر ئىمارەت. قىشلىق ساراي - ھەشەمەتلىك خان سارىيى بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا 117 پەللىلىك پەشتاق چىقىرىلغان. ئىچىگە 1786 - ئىشىكلىك 1050 ئېغىز زال، ئۆيلەر سېلىنغان ۋە بۇلارغا چىقىپ - چۈشۈش ئۈچۈن 170 يەرگە پەلەمپەي ياسالغان. بۇ زال ۋە ئۆيلەرنىڭ ھەممىلا يېرىگە مۇقەددەم ھەم تېپىلماس رەسىم، ھەيكەل ۋە قوراللار؛ قىممەتلىك ھەم سۆلەتلىك زىلچا، شىرداق ۋە ئۈنچە - مارجانلار؛ سان - ساناقسىز نەپىس فارفور قاچا، سائەت ۋە خىلمۇخىل كۈمۈش قاچا - قۇچىلار قويۇلغان. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، چارپادىشاھ قىشلىق سارايدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. ئەمما، ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، يەنە بىر >چارپادىشاھ< - ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بۇ سارايغا كىرىۋالغان. ئەسلىدىكى چارپادىشاھنىڭ ئىشخانىسى بۇ چاغقا كەلگەندە كرىنسكىنىڭ ئىشخانىسىغا ئايلانغان. قىشلىق ساراينى ئېلىش ئىنتايىن مۇشەققەتلىك جەڭ بولدى. بۇ ساراينىڭ غەربىي - شىمالىي نىۋا دەرياسى، شەرقىي - جەنۇبىي بىر ئۆستەڭ بىلەن ئورالغان بولۇپ، بۇ ئىككى تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىش ناھايىتى قىيىن ئىدى. ساراينىڭ ئالدىدا ناھايىتى كەڭ مەيدان بولۇپ، مەيداندا بىر يۇمىلاق خاتىرە مۇنارىسىدىن باشقا دالدا بولغۇدەك ھېچنېمە ئىدى. 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تاڭ سەھەردىن باشلاپ، يۇنكىرلار دۆۋە - دۆۋە ياغاچلار بىلەن تام توسۇپ مۇستەھكەم ئىستىھكام ياسىۋالغانىدى، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى مەيدانغا كىرگەن ھامان ئۇلارنىڭ ئوت كۈچى چەمبرىكىگە كىرىپ قالاتتى. قىشلىق ساراينى 2000 دىن كۆپرەك ئادەم ساقلاپ ياتاتتى. ساراينىڭ ئىچىگە بېكىنىۋالغان ھۆكۈمەت ئەزالىرى: قىشلىق ساراينىڭ تاملىرى ئېگىز ھەم قېلىن؛ مۇستەھكەم تاملار، سارايدا نۇرغۇنلىغان قورال - ياراغ، ئوق - دورىلىرىمىز بار. ھەمدەمچى قوشۇنلار كەلگىچە بۇ يەرنى ساقلاپ تۇرالايمىز، دەپ قارىغاچقا، قوزغىلاڭچىلار قىسىملىرى تاپشۇرغان ئۇلتىماتۇمنى رەت قىلىپ جاۋاب قايتۇرمىغانىدى. كرىنسىكى دېگەن بۇ ھىيلىگەرلا زاۋال تاپىدىغان كۈننىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىۋالغاچقا، قوزغىلاڭچىلار قىسىملىرى قىشلىق ساراينى قورشاشتىن بۇرۇن، ھەمدەمچى قوشۇن باشلاپ كېلىمەن دەپ قويۇپ، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ماشىنىسىدا ئولتۇرۇپ قىشلىق سارايدىن قېچىۋالغانىدى. لېنىن قىشلىق ساراينى قورشىغۇچى قوزغىلاڭچىلار قىسىملىرى رەھبىرى ئانتونوۋ قاتارلىقلارغا: بۈگۈن كېچىچە قىشلىق ساراينى ئىگىلەپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى قولغا ئېلىش شەرت، دەپ بۇيرۇق بەردى. >ئاۋرورا< ناملىق پاراخوتنىڭ توپ ئاۋازى بىلەن تەڭ پېتروكرېپوستىكى توپلارمۇ گۈمبۈرلىدى. توپ ئوقلىرى گويا بەسلىشىپ ئۇچۇۋاتقان ئوت شارلىرىدەك قىشلىق سارايغا چۈشۈشكە باشلىدى. بۇ كاتتا ئىمارەت بىلىنەر - بىلىنمەي تىترىدى - دە، ھەش - پەش دېگۈچە ساراينىڭ چىراغلىرى پۈتۈنلەي ئۆچۈپ كەتتى. قوزغىلاڭچىلار قىسىملىرىنىڭ رەھبىرى ئانتونوۋ شەخسەن ئۆزى جەڭچىلەرنى باشلاپ مەيدانغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، ساراينىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئىستىھكامغا قاراپ ئېتىلدى. ئىستىھكامغا مۆكۈنگەن يۇنكىرلار توختىماستىن ئوق ئاتتى. ئەمما گۈمبۈرلەۋاتقان توپ ئاۋازى ۋە قوزغىلاڭچىلارنىڭ توختىماي ئاتاكىغا ئۆتۈشى ئۇلارنى داۋاملىق تەرسالىق قىلىش ئىرادىسىدىن مەھرۇم قىلدى - دە، قوزغىلاڭچىلار ئىستىھكامنىڭ ئالدىغا كەلگەن ھامان ئارقا - ئارقىدىن قورال تاشلاپ، قوللىرىنى كۆتۈرۈپ تەسلىم بولۇشتى. جەڭچىلەر ئىستىھكامدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئۇچقاندەك ئالغا قاراپ ئېتىلدى. ساراينىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى بوش يەرگە دۈشمەنلەر بىر برونېۋىك توختاتقانىدى، برونېۋىكنىڭ توپ مۇنارىسى توختىماستىن ئايلىناتتى. توپ مۇنارىسى ئۈستىدىكى ئىككى پىلىموت تات - تاتلاپ شىددەتلىك ئوت ئېچىۋاتاتتى. جەڭچىلەر دەرھال يەرگە چاپلىشىپ تۇرۇپ برونېۋىككە پىلىموت ۋە مىلتىقلار بىلەن ئوق ياغدۇردى. ئەمما ئوقلار ئۇنىڭ پولات قاسرىقىدىن تېشىپ ئۆتەلمىدى، برونېۋىك داۋاملىق ئوق پۈركۈۋەردى. كۆپچىلىك بىر مەھەل ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلەلمىدى، ھۇجۇم توسۇلۇپ قالدى. توساتتىن بىر ماتروس بىر نەچچە گراناتنى بىر قىلىپ باغلىدى - دە، برنېۋىككە قاراپ ئۆمىلىدى. برونېۋىككە بەش - ئالتە مېتىر قالغاندا، ئۇنىڭ ئوڭ قولىغا دۈشمەننىڭ ئوقى تېگىپ كېتىپ، جانسىز ھالدا ساڭگىلاپ قالدى. جەڭچىلەر پەرىشان بولۇشۇۋاتاتتى، ئۇ شۇنچە ئاغرىققا بەرداشلىق بەرگەن ھالدا بىرلا ئىرغىپ برونېۋىكنىڭ ينىغاباردىيۇ، پىلتىنى ئۈزۈپ سول قولى بىلەن ھېلىقى بىر باغلاق گراناتنى برونېۋىكنىڭ ئاستىغا تاشلىۋېتىپلا ئىتتىك ئارقىسىغا دومىلاپ برونېۋىكتىن يىراقلىدى. >گۇمباڭ!< قىلغان پارتلاش ساداسى بىلەن تەڭ برونېۋىكتىن ئوت چاقنىدى، پىلىموت ۋە ماتورلار ھەرىكەتتىن توختىدى. - ھۇررا! جەڭچىلەر بىردەك چۇقان كۆتۈرۈپ دەس تۇرۇشتى - دە، بوش يەردىن ئۆتۈپ، ساراي دەرۋازىسى ئالدىدىكى پەشتاققا ياماشتى. چىڭ ئېتىلگەن غايەت يوغان مىس دەرۋازا ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ تۇراتتى. نەچچە ئونلىغان جەڭچىلەر ۋاكىنلار ئارقىلىق دەرۋازا ئۈستىگە چىقتى، بىردەمدىن كېيىن ئېغىر مىس دەرۋازا ئاستا - ئاستا ئېچىلدى، مىڭلىغان جەڭچىلەر چۇقان كۆتۈرگەن پېتى ھايت - ھۇيت دېگۈچە ئۆزلىرى ئەزەلدىن قەدەم باسمىغان قىشلىق سارايغا بېسىپ كىردى. ئانتونوۋ قوشۇنلارنىڭ تەرەپ - تەرەپتىن دۈشمەنلەرنى ئىزدىشىگە قوماندانلىق قىلدى. قىشلىق ساراي بەكمۇ چوڭ ئىدى. يۇنكىرلارنىڭ بەزىلىرى پەشتاق ھەم سالاسۇنلارنىڭ ئارقىسىدىكى قاراڭغۇ جايلارغا ئۆتۈۋېلىپ ئوق ياغدۇرسا، بەزىلىرى يوغان تۈۋرۈك، ھەيكەللەرنىڭ دالدىسغا ئۆتۈۋېلىپ ئېتىشاتتى. ئالاھازەل ھەر بىر زال، ئۆي، كارىدور ۋە پەشتاق بىردىن كىچىك جەڭ مەيدانلىرىغا ئايلىنىپ كەتتى. بىر باسقۇچلۇق جىددىي جەڭ ئارقىلىق 1 - ۋە 2 - قەۋەتتىكى دۈشمەنلەر بىر تەرەپ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئانتونوۋ بىر قوشۇننى باشلاپ 3 - قەۋەتكە چاپتى، بۇ پەيتتە كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىدە: >دەرھال كرىنسكى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مىنىستىرلىرىنى تۇتۇۋالساق< دەيدىغان بىر ئۆي بار ئىدى. 3 - قەۋەتتىكى دۈشمەنلەر ناھايىتى ئاز بولغاچقا، ئۇلارنى جەڭچىلەر ئىنتايىن تېزلىكتە بىر تەرەپ قىلىۋەتتى. ئانتونوۋ تاپانچىسىنى كۆتۈرگەن ھالدا ئالدىغا كەلگەن ئىشىكلەرنى تېپىپ ئېچىپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەزالىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈشكە كىرىشتى. ئۇ يوغان بىر ئۆيگە باستۇرۇپ كىرگەندە، بىر نەچچە كىشىنىڭ كۆلەڭگىسىنى غىل - پال كۆردى - دە، دەرھال ئۇلارغا ئېتىلدى. بىر نەچچە يۇنكىر مىلتىقنى بەتلەپ ئوققا تۇتماقچى بولۇۋىدى، شۇئان ئانتونوۋ: >قورال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولۇڭلار!< - دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى. >قورال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولۇڭلار!< - دەپ تەكرارلىدى، ئانتوۋنوۋنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتقان جەڭچىلەر ئارقا - ئارقىدىن دۈشمەنلەرگە قورال تەڭلەپ. يۇنكىرلار قورققىنىدىن قوراللىرىنى ھايالسىز يەرگە تاشلىدى - دە، ساراسىمە ئىلكىدە ئارقىسىغا قارىدى ۋە ئاستا - ئاستا كەينىگە چېكىندى. شۇئان ئانتوۋ ئۇلارنىڭ كەينىدە بىر ئىشىك بارلىقىنى بايقىدى - دە، دەرھال ئۇلارنى يانغا ئىتتىرىۋېتىپ، ئىشىكنىڭ ئىلغۇچىنى تېزلىكتە تولغىدى. ئىشىك ئېچىلدى، ئانتونوۋ جەڭچىلەر بىلەن ئېتىلىپ كىردى. ئۆيدە ياسىنىۋالغان، ئەمما تاتىرىپ كەتكەن بىر توپ كىشى تۇراتتى. - قولۇڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! - دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى ئانتونوۋ، - مەن ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ نامىدىن، سىلەرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىڭلارنى جاكارلايمەن! بۇلار دەل ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلى ۋە مىنىستىرلىرى بولۇپ، كرىنسكىدىن باشقىلىرى مۇشۇ يەرگە جەملەشكەنىدى. كۆپچىلىك كرىنسكىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى - دە، غەزەپ بىلەن ۋارقىراشتى: - كرىنسكى نەگە قاچتى؟ ئېيتىشە! تېز ئېيتىشە! - بۇ ئەبلەخلەرنى ئۆلتۈرەيلى، كرىنسكىنىڭ كەينىدىن قېچىپ كەتمىسۇن يەنە! - توغرا، بۇلارنى ئېتىپ تاشلايلى! ئانتونوۋ كۆپچىلىكتىن ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، بۇيرۇققا ئىتائەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ بىر ۋاراق قەغەزنى ئالدى - دە، بىر قانچە قۇر خەت يېزىپ، خەۋەرچى جەڭچىگە بېرىپ: >دەرھال سىمولنىي سارىيىغا بېرىپ، بىۋاستە يولداش لېنىنغا تاپشۇرۇڭ!< - دېدى. قىشلىق ساراينىڭ ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەر سىمولنىي سارىيىغا يەتكۈزۈلگەندە، ۋاقىت 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى )رۇس كالېندارى بويىچە 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى( ئەتىگەن سائەت ئىككى بولغانىدى. ئىككى كېچە، بىر كۈندۈز كىرپىك قاقمىغان لېنىن، قىشلىق ساراينى ئالغانلىق خەۋىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنمۇ دەم ئالمىدى. ئۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىككى ھۆججەتنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن، سۈبھى يورۇغىچە ئىشلىدى. بۇ كۈنى كەچ سائەت توققۇزدا، لېنىن پۈتۈن روسىيە سوۋېتىنىڭ 2 - قېتىملىق قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى. ۋەكىللەر گۈلدۈراس ئالقىشلار ۋە تەنتەنىلەر بىلەن لېنىنغا سالام بەردى. لېنىن سۆزىنىڭ بېشىدىلا: >ھازىر، بىر سوتسىيالىزم تەرتىپىدىكى قۇرۇلۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاقىت كەلدى!< - دېدى. قۇرۇلتاي لېنىن يازغان >تىنچلىق پەرمانى< نى ماقۇللىدى. بۇ پەرمان جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئارقىدىنلا، قۇرۇلتاي يەنە لېنىن ئوتتۇرىغا قويغان >يەر پەرمانى< نى ماقۇللىدى. پەرماندا، پومېشچىكلار يەر مۈلۈكچىلىكىنى بىكار قىلىپ، بارلىق يەرلەرنى جاپاكەش دېھقانلارنىڭ باشقۇرۇشىغا ھەقسىز ئۆتكۈزۈپ بېرىش بەلگىلەندى. ئەڭ ئاخىرىدا، سوۋېت ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. بۇ ھۆكۈمەت خەلق دەپ ئاتالدى. لېنىن خەلق كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. ستالىن، ئانتونوۋ قاتارلىق كىشىلەر خەلق كومىسسارلىقىغا سايلاندى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن دۇنياغا تەنتەنىلىك بىلەن مۇنۇلار جاكارلاندى: ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى غەلىبە قىلدى! ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى ئىشچى - دېھقانلار ھۆكۈمىتى دۇنياغا كەلدى!
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ