يوتلاندىيە دېڭىز ئۇرۇشى
بەش مىڭ يىل
>دۈشمەننىڭ >رېۋىزور< ناملىق پاراخوتى ھەدەپ تېلېگرامما بەرمەكتە، بۇ تېلېگراممىلار تەرجىمە قىلىنماقتا<.
>دۈشمەننىڭ >رېۋىزور< ناملىق پاراخوتى قاتارلىق بەش جەڭگىۋار ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوتى قاتارلىق بەش جەڭگىۋار ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوتى يوتلاندىيە دېڭىزىنىڭ قىرغىقىنى بويلاپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ يول بويى توختىماي تېلېگرامما بېرىۋاتقىنىدىن، ئادەتتىن تاشقىرى ھەربىي ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە<.
>دۈشمەننىڭ >رېۋىزور< ناملىق پاراخوتى سكاگېرراك بوغۇزىغا كىرىپ، شىمالىي دېڭىزىغا قاراپ كېتىۋاتىدۇ<.
>دۈشمەننىڭ >رېۋىزور< ناملىق پاراخوتى قاتارلىق پاراخوت شىمالىي دېڭىزغا كىردى...<
1916 - يىل 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ھەربىي ئىشلار توغرىسىدىكى مەخپىي خەۋەرلەر ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى دېلىكنىڭ ئالدىغا ئارقا - ئارقىدىن كەلگىلى تۇردى.
دېلىك دۈشمەننىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى بۇ مەلۇماتلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، >رېۋىزور< ناملىق پاراخوتىنىڭ گېرمانىيىنىڭ ئوچۇق دېڭىزى فلوتىغا قاراشلىق گېنېرال مايور گىفىل قوماندانلىقىدىكى فلوتنىڭ بايراقچى پاراخوتى ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇنىڭ سۇ سىقىپ چىقىرىش مىقدارى 26 مىڭ توننا بولۇپ، ئېتىش ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى 12 ديۇيملىق ئېغىر توپلار بىلەن قوراللانغانىدى.
بېرتېنىڭ 15 ديۇيملىق ئېغىر توپلىرى ئۇنىغا تېتىيدۇ، دەپ ئويلىدى دېلىك، بىراق، نېمىسلار ناھايىتى ھىيلىگەر، بىزنىڭ قۇدرەتلىك فلوتىمىز ئوتتۇرىغا چىققان ھامان، ئۇ تىكىۋېتىدۇ، ئۇنىڭغا زادى قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟
باش قوماندان بىردەم ئاشۇنداق ئويلاندى - دە، گېنېرال لېيتىنانت بېرتې باشلامچىلىقىدىكى ئاجىزراق فلوتنى گېرمانىيە فىلوتىغا سېلىش؛ دەرمەھەل توپقا تۇتقاندىن كېيىنلا يىراقتا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان غوللۇق فلوتنىڭ قېشىغا چكىندۈرۈش، ئاندىن كېيىن، گېرمانىيە فلوتىنى بىر يولىلا يوقىتىش قارارىغا كەلدى.
ئۇ ئاديۇتانتىغا جەڭ بۇيرۇقى يازدۇرۇپ، بېرتېغا تۆت جەڭ پاراخوتى ۋە ئالتە جەڭگىۋار ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوتنى ئالدى ھۇجۇمچىلار سۈپىتىدە باشلاپ چىقىپ، يوتلاندىيە يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي - شىمالىدىكى دېڭىز يۈزىگە تېزلىكتە يېتىپ بېرىشقا بۇيرۇق بەردى. ئۆزى 24 جەڭ پاراخوتى، ئۈچ جەڭگىۋار ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوت ۋە بىر مۇنچە ياردەمچى پاراخوتلارنى باشلاپ كەينىدىن ماڭدى.
ئەپسۇسكى، >رېۋىزور< ناملىق پاراخوتلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۆتۈشى گېرمانىيە ئوچۇق دېڭىز فلوتىنىڭ قوماندانى گېنېرال مايور سىرنىڭ پىلانى ئىدى. ئۇنىڭ لايىھىسى: >رېۋىزور< ناملىق پاراخوت قاتارلىقلارنى ئېزىتقۇ ئورنىدا ئىشقا سېلىپ، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە ئازدۇرۇش؛ >رېۋزور< ناملىق پاراخوت قاتارلىقلار سىمۋول خاراكتېرىدە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ بولغاندىن كېيىنلا، رولىنى بۇراپ ئارقىغا چېكىنىش ئارقىلىق ئەنگلىيە فلوتىنى سىر ئۆزى باشلاپ چىققان چوڭ فلوتىنىڭ ئېچىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئاندىن كېيىن قورشاپ يوقىتىش ئىدى.
دېمەك، بىر - بىرىگە دۈشمەنلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپ ئەمەلىيەتتە ئوخشاش لايىھە قوللانغانىدى.
>رېۋىزور< ناملىق پاراخوت قاتارلىقلارنىڭ كۆپلەپ خەۋەر تارقتىشى ۋە دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ يۈرۈش قىلىشنى بولسا، سىز ئالاھىدە غەرەز بىلەن يوليورۇق بېرىپ ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، مۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت - ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ يۆنىلىشنى ئېنىقلاپ، ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە شەپە قىلىپ قويۇش ئىدى. ھالبۇكى، ئۇ، ئۆزى باشلامچىلىق قىلغان چوڭ فلوت >رېۋىزور< ناملىق پاراخوت قاتارلىقلارنىڭ 80 كىلومېتىر ئارقىسىدىكى دېڭىز يۈزىدە ماڭىدى، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن، گېرمانىيە ھەربىي پورتىدىكى سىمسىز رادىئو ئىستانىسى سىرنىڭ بايراقچى پاراخوتى نامىدا داۋاملىق ئاڭلىتىش بېرىپ، قارشى تەرەپتە: ئوچۇق دېڭىز فلوتىنىڭ غوللۇق قىسىملىرى يەنىلا پورتنىڭ ئىچىدە ئىكەن، دېگەن تۇيغۇ پەيدا قىلدى.
5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە، بۇ ئىككى چوڭ فلوتىنىڭ ئالدى ھۇجۇمچىلىرى يوتلاندىيىنىڭ غەربىي - شىمالىدىكى دېڭىز يۈزىگە كەلدى، بۇ چاغدا، ئۇلارنىڭ ئارىلىقى 50 كىلومېتىردىن ئارتۇقراق كېلەتتى، ئەمما ھەر ئىككى تەرەپ رەقىبىنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى تۇيمىدى.
بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، بېرتې قوماندانلىقىدىكى ئەنگلىيە فلوتىنىڭ ئالدى ھۇجۇمچىلار فلوتىدىكى بىر يېنىك ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوتىنىڭ كۆزەتچىسى توۋلىدى:
- ئالدىمىزدىن غەيرىي ھور كۆرۈندى!
كاپىتان گېنېرال مايور بېرتې بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، سەپتىن چىقىپ، ئالدى تەرەپكە بېرىپ كۆزەتتى.
ئۇزاق ئۆتمەيلا كۆزەتچى توۋلىدى:
- ئالدىمىزغا دانىيىنىڭ بىر يۈك پاراخوتى پەيدا بولدى!
كاپتاننىڭ كۆڭلى ئەمدى ئىزىغا چۈشۈۋىدى، كۆزەتچى يەنە تۇيۇقسىز توۋلىدى:
- دۈشمەن پاراخوتىدىن بىرى بايقالدى!
ئەسلىدە، گېرمانىيىنىڭ ئالدى ھۇجۇمچىلار فلوتىدىكى بىر ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوتمۇ دانىيىنىڭ يۈك پاراخوتنى كۆرۈپ، رولى بۇراپ ئۇنىڭغا قاراپ ماڭغانىدى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئىككى يېنىك ئوكيان چارلىغۇچ پاراخوت بىرلا ۋاقىتتا قارشى تەرەپلىرىنى تونۇۋېلىشتى - دە، ھەر قايسى ئۆزلىرىنىڭ فلوتلىرىغا جىددىي سىگنال بەردى:
- ئالدىمىزدا دۈشمەن بار!
سائەت ئىككىدىن 52 مىنۇت ئۆتكەندە ھەر ئىككى پاراخوت ئۆز ئارا توپ ئېتىشتى، ئەمما ھېچقايسىسى ئەجەللىك يېرىگە تەگكۈزەلمىدى.
بېرتې گېرمانىيە پاراخوتلىرىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلىپ، ئالدى ھۇجۇمچىلار فلوتىدىكى بارلىق ھەربىي پاراخوتلارنىڭ تولۇق جەڭ ھالىتىگە ئۆتۈشىگە قومدانلىق قىلدى ۋە شۇ ھامان بۇيرۇق بەردى.
- جەڭگىۋار ئوكيان چارلىغۇچلار تولۇق تېزلىك بىلەن ئالغا! جەڭ پاراخوتلىرى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئالغا! ھەرقايسى پاراخوتلار غوللۇق فلوت بىلەن زىچ ئالاقىنى ساقلاڭلار!
شۇنداق قىلىپ، بېرتې ئالتە جەڭگىۋار ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوت بىلەن گېرمانىيىنىڭ بەش جەڭگىۋار ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوتىغا ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە باشلىدى - دە، ئۆزىنىڭ سان جەھەتتە بىرگە ئىككى بىلەن تاقابىل تۇرىدىغان ئۈستۈنلۈكىنى قۇربان قىلدى.
بېرتېنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى سائىتىگە 45 كىلومېتىر تېزلىك بىلەن شەرققە قاراپ ئىلگىرىلىدى. بىردەم ئۆتمەيلا گىفىلنىڭ فلوتى يىراقتىن كۆرۈندى.
گىفىل. سىرنىڭ پىلانى بويىچە، فلوتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ غوللۇق فلوتى تەرەپكە چېكىنىشكە قوماندانلىق قىلدى. بېرتېنىڭ ھەربىي پاراخوتى ئىز قوغلاپ ماڭدى.
ئارىلىق 20 مىڭ مېتىرچە قالغاندا، گىفىل توپ ئېتىشقا بۇيرۇق بەردى. ئارقىدىنلا، بېرتېنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى قايتۇرما زەربە بەردى. گېرمانىيىنىڭ ئېتىش ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى 12 ديۇيملىق ئېغىر توپلىرىنىڭ قۇدرىتى ئەنگلىيىنىڭ ئېتىش ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى 13 يېرىم ديۇيملىق ۋە 15 ديۇيملىق ئېغىر توپلىرىنڭ قۇدرىتىدەك زور ئەمەس ئىدى. ئەمما، گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئېتىش تېخنىكىسى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭكىدىن زور دەرىجىدە ئۈستۈن ئىدى. بېرتېنىڭ >شىر< ناملىق بايراقچى پاراخوتىغا گېرمانىيە پاراخوتلىرىنىڭ ئوقى قايتا - قايتا تەگدى.
سائەت تۆت بولغاندا، بىر توپ ئوقى >شىر< ناملىق پاراخوتنىڭ توپ ئېتىش مۇنارىسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا تېگىپ شىددەتلىك پارتلىدى. توپ مۇنارىدىكى ئوفىتسېر لېيتېنانت خاۋۋىدىن باشقا خادىملارنىڭ ھەممىسى نەق مەيداندىلا ئۆلدى. پارتلاش تەسىرىدە ئوق - دورا قاپلىرىغا ئوت كەتتى ۋە تېزلىكتە پۈتۈن ھەربىي پاراخوتنى ھالاك قىلىش ھالىتىگە يەتتى. ئىككى پۇتى پارتلىتىۋېتىلگەن خاۋۋى جان تالىشىپ تۇرۇپ كاناي بىلەن قورال - ياراغ ئىسكىلاتىغا سۇ قويۇۋېتىشكە بۇيرۇق بەردى - دە، >شىر< ناملىق بايراقچى پاراخوتنى تالاپەتتىن قۇتۇلدۇردى.
بۇنىڭ بىلەن بىرلا چاغدا، گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسى ئاتقان قاسراق تېشەر ئوقلار >مارىيە خانىش< ناملىق پاراخوتنىڭ توققۇز پۇت قېلىنلىقتىكى سەھنىسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتتى. دەسلىپىدە، بۇ پاراخوتتىن كۆمۈر كۈكۈندىسىگە ئوخشاپراق كېتىدىغان ئىس كۆتۈرۈلدى؛ ئاندىن بىردىنلا قورقۇنچلۇق سارغۇچ ئوت يالقۇنى ۋە بۇرۇقتۇم قارا ئىس - تۈتەكلەر كۆتۈرۈلدى. ئېتىش ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى 13 يېرىم ديۇيملىق توپلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان 26 مىڭ توننىلىق بۇ جەڭگىۋار ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوت ھەش - پەش دېگۈچە دېڭىزغا غەرق بولدى، 1275 نەپەر ماتروستىن پەقەت توققۇز كىشى ھايات قالدى.
بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، 21 مىڭ توننىلىق >تېز پۈكمەس< ناملىق پاراخوتقا گېرمانىيە پاراخوتلىرىدىكى ئېتىش ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى چوڭ بولغان توپلاردىن ئېتىلغان ئىككى پاي ئوق تەگدى. 30 مىنۇتتىن كېيىن، قۇلاقنى پاڭ قىلىدىغان پارتلاش ساداسى بىلەن تەڭ بۇ پاراخوت ئۈستىدىكى ھەر خىل نەرسىلەر ئاسمان - پەلەك ئېتىلىپ چىقتى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى سۇ مىناسى بېسىلغان بىر كېمە 40 - 50 مېتىر ئېگىزلىككە پارتلاپ چىقتى، >تىز پۈكمەس< ناملىق پاراخوت 1017 نەپەر ماتروس بىلەن بىرلىكتە دېڭىزغا غەرق بولدى.
- نېمە بولغىنى بۇ! ھۇ، ئۆلگۈر پاراخوتلار! - دېدى بېرتې >شىر< ناملىق پاراخوتنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ پەرۋاسىزلىق بىلەن ھايت - ھۇيت دېگۈچە ئىككى پاراخوت ھالاكەتكە ئۇچرىدى! سول تەرەپتىكى پاراخوتلار، نېمىسلارغا قارشى ئۇررا!
بېرتې ئارقىسىدىكى تۆت جەڭ پاراخوتىنىڭ دەرھال قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنگەچكە، قالغان تۆت ھەربىي پاراخوتقىمۇ گېرمانىيە پاراخوتلىرىغا قارشى ئاتلىنىشقا بۇيرۇق بەردى. ئۇزاق ئۆتمەيلا تۆت جەڭ پاراخوتى راست دېگەندەك يېتىپ كەلدى.
گىفىل، بېرتېنىڭ فلوتى قوغلاپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، تولۇق سۈرئەت بىلەن غوللۇق فلوتنىڭ ئانچە يىراق بولمىغان دېڭىز يۈزىدە بىلىنەر - بىلىنمەس پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال 180 گرادۇس بۇرۇلدى - دە، تولۇق سۈرئەت بىلەن ئارقىغا چېكىنىپ، ئەنگلىيە غوللۇق فلوتىدىكى ئېغىر توپلارنىڭ قوغدىشىنى كۆزلىدى. ئارقىغا چېكىنىش جەريانىدا ئىككى تەرەپ بىر قېتىم ئېتىشتى، نەتىجىدە بېرتېنىڭ ئۈچ جەڭ پاراخوتى رەىملەندۈرۈلدى؛ گېرمانىيىنىڭ ئىككى جەڭگىۋار ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوتى ئېغىر زەخىملەندۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە >رېۋىزور< ناملىق پاراخوت زورىغا يۈرەلەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى.
سائەت ئالتە ئەتراپىدا، ئەنگلىيىنىڭ غوللۇق فلوتى گېرمانىيىنىڭ غوللۇق فلوتىنىڭ يۆنىلىشىنى ئالدى بىلەن بايقاپ قالدى. دېڭىز ئارمىيە قوماندانى دېلىك كومپاسقا بىرلا قارىدىيۇ، ئۇ كەسكىنلىك بىلەن بۇيرۇق قىلدى:
- بارلىق جەڭ پاراخوتلىرى سول تەرەپكە بىر قاتار بولۇپ جەڭگە كىرىشكە تەييارلىنڭلار!
تۆت مىنۇتتىن كېيىن، 24 مىڭ مېتىر يىراقلىقتا بىر قاتار بولۇپ تىزىلدى.
سىر ئەنگلىيە غوللۇق فلوتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى دېڭىز ساھىلىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەي، ھەربىي پاراخوتلارغا بىر - بىرلەپ ئالغا ئىلگىرلەشكە قوماندانلىق قىلدى. ئەنگلىيە فلوتىنى بايقاپ قالغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ >T< شەكىللىك جەڭ سېپى تۈزدى. بۇ سەپ ئەنگلىيە فلوتىغا بارلىق ئېغىر توپلىرى بىلەن توپقا تۇتۇش ئىمكانىيىتىنى بەردى، گېرمانىيە فلوتىنى بولسا توپلارنىڭ ئوت كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش جەھەتتە توسالغۇغا ئۇچراتتى.
ئون مىنۇت ئىچىدە گېرمانىيىنىڭ ئۈچ ھەربىي پاراخوتى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەندى. >رېۋىزور< ناملىق پاراخوتنىڭ بېشى سىڭايان بولۇپ لەيلەش بەلگىسىدىن پەسكە چۆكۈشكە تاس - تاماس قالدى، كېيىنچە گىفىل بۇ پاراخوتنى غەرق بولۇشقا تاشلىۋېتىپ، باشقا بىر پاراخوتقا چىقىپ كەتتى.
سىر ئىشنىڭ ئەپلەشمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال فلوتىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ تۇمان پەردىسىگە يوشۇرۇنۇپ قېچىشقا قوماندانلىق قىلدى. قاچقاندا، ھەر قايسى پاراىوتلار دېلىكنىڭ ئالدى ھۇجۇمچى بايراقدار پاراخوتى >قەيسەر< گە ئوت كۈچىنى مەركەزلەشتۈردى. گۈلدۈر مامىدەك پارتلاش ساداسى بىلەن تەڭ 17 مىڭ توننىلىق بۇ ھەربىي پاراخوت ئىككى پارچە بولۇپ، پاراخوتنىڭ بېشى بىلەن قۇيرۇقى 30 مېتىر ئېگىزلىككە ئېتىلىپ چىقتى - دە، ئارقىدىنلا 1026 نەپەر پاراخوتچى بىلەن بىرلىكتە دېڭىزغا غەرق بولدى.
سائەت يەتتىدە، سىر ئەنگلىيە فلوتىنىڭ ئارقىسى بىلەن چېكىنمەكچى بولدى. ئەمما ئۇنىڭ قىياسلىرى خاتا بولۇپ چىقتى، نەتىجىدە يەنىلا ئەنگلىيىنىڭ چوڭ فلوتىغا ئۇچراپ قالدى ۋە ئەنگلىيە فلوتى بىلەن ئۆزىگە ئىنتايىن پايدىسىز بولغان >T< شەكىلدە يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىپ قالدى.
- تۈتەك بومبىسى ئېتىڭلار! قوغلامچى پاراخوتلار سۇ مىناسى قويۇپ بېرىڭلار! - سىر توختىماستىن بۇيرۇق بەردى.
سۇ مىنالىرى ئارقا - ئارقىدىن دېڭىزغا چۈشتى ۋە ئەنگلىيە فلوتى تەرەپكە قاراپ ۋىژىلداپ ئۈزۈشكە باشلىدى. ئەمما ھېچقايسى پاراخوتنى سوقالمىدى.
تەتۈك بومبىسىنىڭ ھىمايىسىدە سىرنىڭ پاراخوتلىرى تۇرار جايغا قاراپ تىكىۋەتتى. ئەنگلىيە فلوتى دۈشمەن پاراخوتلىرىنىڭ تۇرار جايىغا قېچىشنى قامال قىلدى.
كەچ سائەت 11 بولغاندا، گېرمانىيە فلوتىنىڭ ئارقا مۇھاپىزەتچى قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا يەنە ئۇچراشما جەڭ بولدى. ئىككى تەرەپ يورۇتقۇچى بومبا، كۆزىتىش چىرىغى ۋە ئوت كەتكەن پاراخوتلاردىن كۆتۈرۈلگەن يورۇقلۇق قاتارلىقلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئارىلاشما جەڭ قىلىشتى.
يېرىم كېچىدىن كېيىن، ئەنگلىيىنىڭ >قارا شاھزادە< ناملىق ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوتى سەپداش پاراخوت دەپ قارالغان بىر پاراخوتنىڭ كۆلەڭگىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ گېرمانىيىنىڭ جەڭ پاراخوتى ئىدى. جەڭ پاراخوتى قارشى تەرەپنىڭ شۇ كۈندىكى مەخپىي ئالاقە سىگنالىغا جاۋاب بېرەلمەيۋاتقانلىقىنى بايقاپ دەرھال ئۆزىنىڭ سەپداش پاراخوتلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلدى. كۈچلۈك نۇر يورۇقىدا گېرمانىيىنىڭ تۆت جەڭ پاراخوتى ئۇنىڭ بېقىنىغا قارىتىپ ئوت ئېچىپ، ئۇنى غايەت زور بىر ئوت شارىغا ئايلاندۇرۇۋەتتى. كېچىدە پايانسىز بوشلۇقنى لەرزىگە سالىدىغان پارتلاش بىلەن تەڭ >قارا شاھزادە< 862 نەپەر ماتروس بىلەن بىللە دېڭىزدا غايىب بولدى. قاراڭغۇ كېچىدە، گېرمانىيىنىڭ ئىككى ھەربىي پاراخوتىمۇ كۈتۈلمىگەندە، سوقۇشۇپ كېتىپ غەرق بولدى.
تاڭ سەھەر سائەت 3 يېرىمدا، سىرنىڭ ئامان قالغان پاراخوتلىرىنىڭ ھەممىسى تۇرار جايدىكى ھەربىي پورتىغا قايتىپ كەلدى. ئەنگلىيە فلوتىمۇ شىمالغا قاراپ چېكىندى.
يوتلاندىيە دېڭىز ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتى مۇنداق بولدى: گېرمانىيىنىڭ بىر چوڭ پاراخوتى، ئون كىچىك پاراخوتى، 2500 دىن ئارتۇقراق ئادىمى غەرق قىلىندى؛ ئەنگلىيە فلوتى گېرمانىيە فلوتىدەك كۆپ زىيان تارتمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى سان جەھەتتە يەنىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، دېڭىزدىكى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى ئاۋۋالقىدەكلا ساقلاپ قالدى.