UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭشېيىس قوزغىلىڭى

شېيىس قوزغىلىڭى

بەش مىڭ يىل - غەلىبە قازاندۇق! - غەلىبە قازاندۇق! ھا - ھا - ھا! ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى غەلىبە قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، نۇرغۇن ماترۇسلار تىزىلىپ كوچىدا نامايىش قىلدى. ئەمما، ئۇلارنىڭ شوئارلىرىنى زەڭ قويۇپ تىڭشىسىڭىز ناھايىتى ئەجەپلىنەتتىڭىز: - غەلىبە قىلدۇق! ھا - ھا - ھا! قەغەز پۇلدا چاپان تىكىپ كىيىسەڭلار بولىدۇ! - قەغەز پۇلدا كىيىم تىكىڭلار! ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا قارىسىڭىز، چاپىنى ھەقىقەتەن قەغەز پۇلدىن ياسالغان ئىدى. نامايىشچىلار ساتراچخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە يەنە: - ھا - ھا - ھا! قەغەز پۇلدا تام خۇيلىساڭلار بولىدۇ! قەغەز پۇلدا تام خۇيلىساڭلار چىرايلىق كۆرۈنىدۇ! دەپ توۋلاشتى. بۇ ساتراچخانىنىڭ تاملىرى راستلا پۈتۈنلەي قەغەز پۇل بىلەن خۇيلانغان ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟ ئەسلىدە ئامېرىكا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، مال باھاسى ئۆرلەپ، قەغەز پۇل كېرەكسىز قەغەزگە ئايلىنىپ قالدى، كاپىتالىستلار بېيىپ، ئەمگەكچى خەلق خانىۋەيران بولۇپ، ھۆكۈمەتكە ئارقا - ئارقىدىن نارازىلىق بىلدۈردى. شۇنداقتىمۇ، ھۆكۈمەت كەمبەغەلچىلىكتە قەرزگە بوغۇلۇپ كەتكەن ئەمگەكچى خەلقنى تۈرمىگە تاشلىدى. كەڭ ئەمگەكچان خەلق تاقەت قىلىپ تۇرالماي، تەڭ قوزغىلىپ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتەردى. ماترۇسلارنىڭ نامايىشى بۇ قوزغىلاڭنىڭ مۇقەددىمىسى ئىدى. ئامېرىكىنىڭ شەرقىدە شېيىس رەھبەرلىكىدە كۆتىرىلگەن قوزغىلاڭ شۇ چاغدىكى ئەڭ زور قوراللىق قوزغىلاڭلاردىن بىرى بولدى. دانېل شېيىس 1747 - يىلى نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلدى. ئۇ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا بىر نەچچە نۆۋەت خىزمەت كۆرسىتىپ، كاپىتانلىققا كۆتىرىلدى. ئۇنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، فرانسىيە گېنېرالى ئۇنىڭغا بىر خەنجەر تەقدىم قىلغان ئىدى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شېيىس يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، كەمبەغەلچىلىكتە نائىلاجلىقتىن خەنجەرنى سېتىپ بىر ۋاق تاماق ئېلىپ يىدى. 1786 - يىل كۈزدە، بوستون سوت مەھكىمىسى قەرزدار بولۇپ قالغان يەنە بىر تۈركۈم دېھقاننى سوتلىدى. سوتچىلار سوت مۇنبىرىدە ئولتۇراتتى. ئۇلار كەمبەغەل دېھقانلارنى سوت قىلىۋاتقاندا، سىرتتا كىشىلەر ئۇشتۇمتۇت ۋاڭ - چۇڭ كۆتىرىپ: - يوقالسۇن ھەق - تەلەپ ئىشلىرى سوتى! - يوقالسۇن رەزىل سوتچىلار! - دەپ شوئار توۋلىدى. قوراللانغان 600 دېھقان شېيىس ۋە رۇڭ دېنىڭ باشچىلىقىدا مىلتىق، قىلىچلارنى كۆتىرىپ، سوت مەھكىمىسىنى قاتتىق مۇھاسىرە قىلىۋالغان ئىدى. سوتچىلار دەككە - دۈككە ئىچىدە قېلىپ، سوت مۇنبىرىدىن چۈشۈپ، مۇھاپىزەتچىلەرنى چاقىردى ۋە سوراقنى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدە ئېلىپ بارماقچى بولدى. ئەمما مۇھاپىزەتچىلەر ئاللىقاچان تىكىۋەتكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى دېھقانلاردىن كېلىپ چىققانلىقتىن، دېھقانلارغا خەيرخاھلىق قىلىشى تۇرغان گەپ؛ بەزىلىرى غىپپىدە تىكىۋەتتى، يەنە بەزىلىرى ھەتتا قوراللىرىنى ئېلىپ قوزغىلاڭچىلار تەرەپكە ئۆتتى. سوتچىلار قورقۇپ كەتكەنلىكتىن تامدەك تاتىرىپ، تەمتىرەپ قالدى ۋە سوتنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى. ھۆكۈمەت دەرھال ئەسكەر ئەۋەتىپ باستۇردى، قوزغىلاڭچىلار چېچىلىپ كېتىپ، تەرەپ - تەرەپتە پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلدى. ئارقىدىنلا، كونكورد دېھقانلىرى شېيسنىڭ يېتەكچىلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتەردى ۋە ئۇستېر قاتارلىق جايلاردا ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلىپ، يەرلىك دېھقانلار قوشۇنى بىلەن بىرلەشتى، ئۇلار تېزل 1200 كىشلىكتىن ئوشۇق قوراللىق قوشۇنغا ئايلىنىپ، شۇ چاغدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ يادرو كۈچى بولۇپ قالدى. نويابىر كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، ئۇستېر سوت مەھكىمىسى قەرزدار دېھقانلارنى سوت قىلماقچى بولۇپ تۇراتتى. شېيىس بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچىلارغا باشچىلىق قىلىپ، سوت مەھكىمىسى بىناسىنى قورشىۋالدى، شېيىس ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ سوت مەھكىمىسى ئالدىدىكى پەلەمپەيگە چىقتى ۋە سول قولىدا بېلىنى، ئوڭ قولىدا قىلىچىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، سوتچىلارنى بىناغا كىرگۈزمىدى. ئادەتتە ئۆزى خان - ئۆزى بەگ بولۇۋالغان سوتچىلار شېيىسنى كۆرۈپلا، سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك غال - غال تىترەپ، غىپپىدە بۇرۇلۇپ تىكىۋەتتى. شېيىس قوزغىلاڭچىلارغا قوماندانلىق قىلىپ تۈرمىگە باستۇرۇپ كىردى، مەخسۇس كەمبەغەللەر قامدىلىدىغان تۈرمىنىڭ ئىشىكىنى چېقىپ، سىنىپىي قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزدى. قوزغىلاڭنىڭ غەلىبىسى ئېغىر بالايى - ئاپەتكە ئۇچرىغان كەڭ دېھقانلار، قول سانائەتچىلەر ۋە سەپتىن قايتقان ھەربىلەرگە ئىلھام بەردى، ئۇلار تەرەپ - تەرەپتىن كېلىپ شېيىسنىڭ قوشۇنىغا قاتناشتى. بۇ قوزغىلاڭچىلار بىر ئاي بولا - بولمايلا 15 مىڭدىن ئېشىپ، مايسا چۇستىس شىتاتىنىڭ كۆپ قىسىمىنى كونتۇرۇل قىلدى. ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر مۇنچە شىتاتلارنىڭ دېھقانلىرى تۇشمۇ تۇش ئاۋاز قوشۇپ، مەملىكەت خاراكتىرىدىكى دەبدەبىلىك دېھقانلار قوزغىلىڭىنى شەكىللەندۈردى. ھۆكۈمەت دەرھال يىغىن ئېچىپ، تاقابىل تۇرۇش مەسلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى، ئۇ، بوستون ۋە باشقا شەھەرلەردىكى كاپىتالىستلارغا تاينىپ، بىر كۈندىلا 40 مىڭ فونىدستېرلىڭ توپلاپ، 4400 كىشىلىك قوشۇن تەشكىل قىلدى؛ ئۇ يەنە، ئىلاھىيەت مەكتىۋى بىلەن پۇقرالار قوشۇنىدىن ئاتلىق پولك تەشكىل قىلىپ، قوزغىلاڭچىلارنى ئىككى تەرەپتىن قورشاپ يوقىتىشقا كىرىشتى. 1787 - يىل 1 - ئايدا، شېيىس 2000 دىن ئارتۇق كىشىگە باشچىلىق قىلىپ، قورال - ياراق ئىسكىلاتىغا يۈرۈش قىلىۋاتقاندا، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ باشلىقى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ تەكلىپنامە ئەۋەتتى. قوزغىلاڭچى جەڭچىلەر ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئەمدى بىز بىلەن ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلالمىدى، دېگەن ئوي بىلەن تولىمۇ خوشال بولۇپ كېتىپ، 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ماقۇل بولدى. شۇنىڭ بىلەن دېھقانلار ھەدەپ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىدىن ئايرىلىپ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. ئەمما، دەل شۇ چاغدا، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ ئاتلىق پولكى قوزغىلاڭچىلار سېپىگە بېسىپ كىردى. قوزغىلاڭچىلار تەمتىرەپ قېلىپ، قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئۈلگۈرەلمەي، غەرپتىكى چۆللۈككە كېچىلەپ چېكىندى. يول بويى قاتتىق قار يېغىپ، سۆكەڭتىن ئۆتكۈدەك سوغۇق شامال چىقىپ تۇردى، قوزغىلاڭچىلارنىڭ يا ئاشلىقى، يا كىيىم - كېچىكى ۋە ياكى ئوق - دورىسى قالمىغانلىقتىن، ئاخىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. شېيىس نيۇ - يوركتا قولغا ئېلىندى.بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئامېرىكا سوت مەھكىمىسى قوزغىلاڭچىلارنىڭ شېيىس قاتارلىق 13 نەپەر يولباشچىسىغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدى. پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قارشى تۇرۇشى ئارقىسىدا، ياندۇرقى يىلى ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. شېيىس قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ زوراۋانلىققا قەھرىمانلىق بىلەن قارشى تۇرغان ئىنقىلابىي روھى ئامېرىكا خەلقىنىڭ دېموكىراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كۈرىشىگە ئۈلگە يارىتىپ بەردى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ