UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭئۇرۇش پىلغا ئوت بىلەن ھۇجۇم قىلىش

ئۇرۇش پىلغا ئوت بىلەن ھۇجۇم قىلىش

بەش مىڭ يىل مىلادىدىن ئىلگىرى 282 - يىلى بىر كۈنى 10 دانە كېىمىدىن تەركىپ تاپقان رىم كېمە ئەترىدى ئادرىياتىك دېڭىزىدا ئاستا كېتىۋاتقان ئىكەن. كېمە ئەترىدى ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى تارېنتۇم قولتۇغىغا كىرگەندە، تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچراپتۇ. يۇنان شەھىرى تارېنتۇمدىن كۆپلىگەن تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچراپتۇ. يۇنان شەھىرى تارېنتۇمدىن كۆپلىگەن كېمە ئەۋەتىپ رىم كېمە ئەترىدىنى قورشىۋېلىپتۇ، ھەمدە بەش كېمىنى تارتىۋېلىپتۇ، كېمىچىلەرنىڭ بىر قىسىمىنى قىرىپ، بىر قىسمىنى قۇل قىلىپ سېتىپتۇ، رىم كېمە ئەترىدىنىڭ باشلىقى جەڭدە ئۆلۈپتۇ. بۇ چاغدا، رىم ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمىنى بوي سۇندۇرۇپ بولغان بولۇپ، ئۆز تەسىر كۈچىنى جەنۇبىي ئىتالىيگە سېڭدۇرمەكچى بولۇپ تۇرغان ئىكەن. تارېنتۇمنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى رىم ئۈچۈن دەستە بولۇپ بېرىپتۇ. 2 - يىلى، رىم تارېنتۇمغا ئۇرۇش ئېلان قىلىپتۇ. گائۇللا ھۇجۇم قىلىپ، رىم قولىدىن كېتىشكە تاس قالغاندىن بۇيان، رىم ھەربىي جەھەتتە چوڭ ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىتۇ. ئىلگىرى ھەربىي خىزمەت ئۆتەيدىغانلار قورال _ ياراق، ئوزۇق _ تۈلۈكنى ئۆزلىرى تەييارلىغان، قوشۇنمۇ لەشكەرلەرنىڭ مال _ مۈلكىنىڭ ئاز _ كۆپلۈگىگە قاراپ سەپكە تىزىلغان ئىكەن: پۇلى بار. قورال - يارىغى ياخشىراقلىرى بىرىنچى رەتكە تىزىلغان. نامراتلىرى، قورال _ ياراقلىرى ناچاراقلىرى ئارقا رەتكە تىزىلغان. ئەمدىلىكتە بولسا قورال _ ياراقنىمۇ، ئوزۇق _ تۈلۈكنىمۇ دۆلەت بېرىدىغان بولغان. سەپكە تىزىشتا بولسا لەشكەرلەرنىڭ يېشى ۋە تەربىيىلىنىش دەرىخىسى ھېساپقا ئېلىنغان: بىرىنچى رەتتە، ياش نەيزىچىلەر تۇرغان؛ ئىككىنچى رەتتە، تەجرىبىلىكرەك بولغان ئاساسلىق لەشكەرلەر تۇرغان؛ ئۈچىنچى رەتتە، ئەڭ تەجىرىبىلىك پىشقەدەم لەشكەرلەر تۇرغان. جەڭ باشلانغاندا، ئاۋال بىرىنچى رەتتىكى لەرشكەرلەر دۈشمەنەە قارىتىپ نەيزە ئاتقان. ئىككى مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇنداق نەيزىلەرنىڭ ئۇچىغا ئۇلۇق ئۆتكۈر تۆمۈر ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇ دۇشمەنلەرنىڭ قالقان ۋە ساۋۇتلىرىنى تېشىۋېتەلەيدىكەن. ئەگەر دۇشمەنلەر تەرسالىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتسە، ئىككىنچى رەتتىكى ئاساسلىق لەشكەرلەر ئالدىنقى سەپكە ئۆتۈپ، مۇستەھكەم سەپ تۇرۇپ، ئىككى بىسلىق خەنجەر ۋە قىلىچ بىلەن قۇچاقلاشما جەڭ قىلىدىكەن. ئەگەر يەنىلا غەلبە قازىنالمىسا ، ئۈچىنچى رەتتىكى پىشقەدەم لەشكەرلەرنى سالىدىكەن. قۇشۇن نەدە تۇرمىسۇن، ھەتتا بىر كېچە قۇنسىمۇ ئاكۇپ كولاپ ئىستىھكام سېلىپ، دۈشمەننىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىدىكەن. قوشۇندا ئىنتىزام قاتتىق بولغان، بۇيرۇقنى ئېجرا قىلمىغانلاغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. ئەگەر پۈتۈن سەپ بۇيىچە قاچقانلار بولسا، ئۇلارنى بۇيرۇق بىلەن تىزىلدۇرۇپ، رېتى بويىچە ساناتقۇزۇپ، ھەر ئونىنچى ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. سەركەردە بولامدۇ، لەشكەر بولامدۇ، خىزمەت تارتۇقلىغان.لەشكەر بېشى چوڭ غەلىبە قازانغان بولسا، رىمغا قايتقاندا زەپەر مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. جەڭگىۋار لىقى كۈچلۈك بولغان رىم قوشۇنلىرىنىڭ زەربىسى ئارقىسىدا تارېنتۇم قوشۇنلىرى ئارقا _ ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇپ، يۇناننىڭ ئېپىرۇس قەلئەسىنىڭ پادىشاھى پۇرۇستىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولغان. پۇروس ھەربى ئىشلاردا ناھايىتى ئىقتىدارلىق لەشكەر بېشى بولۇپ، ئالېكىساندىرنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ ۋارىسى دەپ ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ، ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدا چوڭ دۆلەت بەرپا قىلىشقا مەپتۇن بولۇپ يۈرگەن ئىكەن. شۇڭا تارېنتومنىڭ تەلىۋىگە ماقۇل بولغان. مىلاژىدىن ئىلگىرى 28 - يىلى باش باھاردا، پۇروس لەشكەر تارتىپ جەنۇبىي ئىتالىيەگە كەلگەن. ئۇنىڭ قوشۇنىدا ئېغىر قوراللار بىلەن قوراللانغان 20 مىڭ پىيادە لەشكەر، 2000 مەرگەن ۋە 3000 ئاتلىق لەشكەر بار ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا ئىتالىيە زىمىنىدا تۇنجى قېتىم پەيدا بولغان 20 دانە ئۇرۇش پىلى بار ئىكەن. بۇ پىللار كۈندۈرۈلگەن پىلار ئىكەن. جەڭ قىلغاندا ئۇنى پىل باشقۇرغۇچى باشقۇرغان، پىلنىڭ ئۈستىدە ئۇزۇن نەيزە تۇتقان تۆت لەشكەر ئۆرە تۇرغان. ھۇجۇمغا ئۆتكەندە ئۇ ناھيىتى زور ھەيۋە كۆرسەتكەن. تارېنتۇمنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ھېراكىيە شەھىرى تۈۋىدە، رىم جۇنتۇەنى بىلەن پۇروس قوشۇنى ئوتتۇرىسىدا 1 - قېتىملىق جگڭ بولغان. جەڭ ناھايىتى كەسكىن بولغان. تەربىيە كۆرگەن ۋە باتۇر رىم لەشكەرلىرى پۇختا ئويۇشتۇرۇلغان، قورال _ ياراقلىرى ئېسىل بولغان پۇروس لەشكەرلىرىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بەرگەن. يەتتە قېتىم ئېلىشىپ ھىچقايسى تەرەپ يېڭەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن پۇروس ئاتلىق لەشكەرلەرگە قوماندانلىق قىلىپ ئاتاكىغا ئۆتكەن ھەمدە ئۇرۇش پىللىرىنى جگڭگە سالغان. رىملىقلار ئىلگىرى پىلنىڭ ئېتىنى سودىگەرلەر ۋە سەيلە - ساياھەتچىلەرنىڭ ئاغزىدىنلا ئاڭلىغان ئىكەن، بۇ قېتىم كېلەڭسىز ئۇرۇش پىللىرىنى كۆرۈپ قرقۇپ قېتىپلا قالغان. ئۇركىگەن ئاتلار ھەم ياققا چاچقان، لەشكەرلەر ئارقا _ ئارقىدىن قاچقان. پىل، ئاتلىق لەشكەرلەر ۋە پىيادە لەشكەرلەرنىڭ نۆۋەتلىشىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈشى ئارقىسىدا، رىم جۇنتۇەنى تېزلا تېرە _ پېرەڭ بولۇپ كەتكەن. بۇ قېتىمقى جەڭدە رىم لەشكەلرىدىن 7000 ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىغان، 2000 ئادەم ئەسىرگە چۈشكەن. لېكىن رىملىقلار ھودۇقۇپ قالمىغان. پۇروس قوشۇنلىرى رىم شەھىرىگە نەچچە 10 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا باستۇرۇپ كەلگەندە، رىم ئاقساقاللار مەھكىمىسى «دىكتاتۇر» (مۇستەبت ئەمەلدار) تەيىنلىگەن. بۇ دۆلەت جىددى ھالەتتە تۇرغاندا ئاقساقاللار مەھكىمىسى ئىسملىك كورسىتىپ، ھاكىمدار ۋەزىپىگە تايىنلەيدىغان خىزمەت ئىكەن. ئۇنداقلارنىڭ خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئىچىدە ھوقۇقى پەقەت چەكلەنمەيدىكەن.دىكتاتۇرنىڭ قوماندانلىقىدا رىم لەشكەرلىرى تاجاۋۇزچىلارغا باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن. پوروس ئۆزىنىڭ يالغۇز ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتكەنلىكىنى، غەلىبىدىن ئۈمىد يوقلۇقىنى سىېزىپ، لەشكەرلەرنى چېنىدۈرۈپ، تارېنتۇمدا قىشلاشقا قايتقان. 2 - يىلى 4 - ئايدا، پۇروس يەنە لەشكەر باشلاپ رىمغا ھۇجۇم قىلغان. تارېنتۇمنىڭ غەرىي شىمالىدىكى ئۈسكۈلۈم شەھىرىنىڭ يېنىدا ئىككى قوشۇن ئوتتۇرىسىدا ئىككىنچى قېىتملىق جەڭ بولغان. رىلىقلار بۇ جايغا 70 مىڭ لەشكەر توپلىغان ھەمدە بىر خىل ئۇرۇش ھارۋىسى كەشپ قىلغان، ھارۋىغا پىل بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئوت، ئۇزۇن نەيزە قاچىلىغان. چۈنكى ئۇجلار ھايۋانلارنىڭ ئوتىن قورقىدىغانلىقىنى بىلىدىكەن. لەشكەرلەر يىلىم يالىتىلغان ئۇزۇن نەيزىلەرگە ئوت تۇتاشتۇرۇپ، نەيزىلىرىنى ئويناتقان. رىملىقلار ئورمان كۆپ بىر ئۆي _ دۆڭ جايدا سەپ تۈزگەن، بۇ جاي ئۇلارغا تولىمۇ ئەپلىك بولغان. 1 - كۈندىكى جەڭدە رىملىقلار غەلىبە قىلغان، چۈنكى پۇروس ئۆزىنىڭ نەيزىچىلىرىنى، ئاتلىق لەشكەرلىرىنى ۋە پىلىرىنى ئوبدان ئىشقا سالالىمىغان. لېكىن 2 - كانى، پۇروس ئۇستلىق بىلەن رىملىقلارنى ئورمانلىقتىن بىر تۈزلەڭلىككە ئېلىپ چىققان. بۇنداقتا ئۇنىڭ زىچ پىيادە لەشكەرلەر سېپىنى ئىشقا سېلىشى ھەمدە ئاتلىق لەشكەرلەر بىلەن پىللاردىن تولۇق پايدىلىنىشى مۇمكىن بولغان. نەتىجىدە، رىملىقلار يەنە مەغلۇپ بولغان. بۇ جەڭدە رىم تەرەپ 6000 ئادەم زىيان تارتىقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ ھاكىمدارىمۇ بار ئىكەن. پۇروسمۇ ئىنتايىن كۆپ زىيان تارتقان: 3500 ئادەم ئۆلگەن. ئۆزىمۇ يېنىك يارىلانغان. ئۇ بۇ زىيانلارنى ئىتالىيىدە تولدۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلگەن. شۇڭا جەڭ ئاياقلاشقاندا كۆپچىلىك ئۇنىڭ غەلىبىسىنى تەبىرىكلىگەندە، ئۇ ئۇھ تارتىپ: _ ئەگەر يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق غەلىبە قىلىدىغان بولساق، ھېچكىم مەن بىلەن بىللە ۋەتەنگە قايتالمىغان بولاتتى! _ دېگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ، «پۇروسچە غەلىبە» دېگەن سۆز ئەملىيەتتە مەغلۇپ بولۇشقا ئاز قالغان غەلىبە كۆرسىتىدىغان سۆز بولۇپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 275 - يىلى پۇروس بىلەن رىملىقلار ئوتتۇرىسىدا، بېنېۋېنتۇم شەھىرىگە يېقىن جايدا ئاخىرىقى قېتىملىق چوڭ جەڭ بولغان. پۇروس ياخشىراق جاينى ئىگەلەشكە تىرىشىپ، لەشكەرلەرگە كېچىدە يۈرۈش قىلىشقا بۇيرۇق بەرگەن، بىراق بەختكە قارشى ئۇلار يولدىن ئازغان. رىملىقلارنىڭ تەلىپى ئوڭدىن كېلىپ، ئۆز قوشۇنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇۋالغان. بۇ قېتىمقى جەڭدە پۇروس مەغلۇپ بولۇپ رەسۋاسى چىققان. رىم مەرگەنلىرى پىلغا قارىتاىپ ئوتلۇق ئوق - يانى ياغدۇرۇۋەتكەن، پىل ئەسەبىلەرچە ئارقىغا قېچىپ، پۇروسىنىڭ لەشكەرلىرىنى دەسسەپ چەيلىگەن. رىملىقلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ قوغلاپ زەربە بېرىپ، پۇروسنىڭ بارىگاھىنى بىر يوللا ئىشىغال قىلىۋالغان، 1000 دىن ئارتۇق ئەسىرنى ۋە تۆت دانە پىلنى قولغا چۈشۈرگەن. پۇروس ئاتلىق لەشكەرلەرنىڭ ياساۋۇللۇغىدا قېچىپ كەتكەن. شۇ يىلى كۈزدە، ئۇ ئۆزىنىڭ قالدۇق قىسىملىرىنى باشلاپ دېڭىزدىن ئۆتۈپ يۇنانغا كەتكەن. ئۈچ يىلدىن كېيىن، ئۇ بىر قېتىملىق كوچا ئۇرۇشىدا ئۆلگەن. پۇروس ئۆلگەن يىلى (مىلادىدىن ئىلگىرى 272 _ يىلى)، رىم جەنۇبىي ئىتالىيىسىنى بوي سۇندۇرغان. يەنە بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن پۈتكۈل ئىتاليە رىمنىڭ ئىلكىگە ئۆتكەن.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ