UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭ«ساراڭ» مۇ ياكى پەيلاسوپمۇ

«ساراڭ» مۇ ياكى پەيلاسوپمۇ

بەش مىڭ يىل يۇناننىڭ ئابدېرا قەلئەسىدىكى بىر يىگىت تاغلار ئېشىپ دەريالار كېچىپ، توپ _ توغرا ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ، شۇ زامانلاردا يۇنان بويىچە ئەڭ مەشھۇر بولغان بىر دوختۇرنى تېپىپتۇ. بۇ يىگىت تىت _ تىت بولغان ھالدا دوختۇرغا بايان قىلىپتۇ: _ ھۆرمەتلىك دوختۇر، بىزنىڭ قەلئەدە بىر بەختسىزلىك بولدى. ھاكىمدارىمىز دېموكرىت يېقىندىن بېرى ئەقلىدىن ئادىشىپ نۇرغۇن غەلىتە ھەم ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىدى. ئۇ دادىسىدىن قالغان مىراسلارنىڭ كۆپ قىسىمىنى بۇزۇپ _ چاچتى، ئۆز ئىشىنى قىلماي، باغچىسىدا ياۋيى ھايۋانلارنىڭ ئىچى _ قارنىنى ياردى، بىمەنە ماقالىلارنى يازدى. ئۇنىڭ توغقانلىرى ئۇنىڭ مال _ مۈلكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلدى، ئۇ دەرھال قەلئەدىن قوغلىنىدۇ... رەھىم قىلىپ، ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ قويسىڭىز. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان دوختۇرنىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بولۇپتۇ. ئۇ بۇرۇنلا دېموكرىتنىڭ مەشھۇر پەيلاسوپ ئىكەنلىكىنى ماتېماتىكا، فىزىكا، مىدىتىسنا، ئاستىرونومىيە، مۇزىكا، شۇنىڭدەك تىلشۇناسلىقنى پۇختا بىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىكەن. ئۇ مۇشۇنداق بىر ئالىمنىڭ ساراڭ بولۇپ كېتىشىگە ھەم ئۇنىڭ سۈرگۈن قىلىنىشىقا تاقەت قىلالماي دەرھال بېرىپ دېموكرىتىنىڭ كېسىلىنى داۋالاش قارارىغا كېلىپتۇ. دوختۇر بىلەن ھېلىقى يىگىت ناھايىتى تېزلا دېموكرتىنىڭ بېغىغا يېتىپ كېلىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، دېموكرىت بىر تاش ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، بىر ئورام سامان قەغەزنى تىزىغان قويۇۋېلىپ، پۈتۈن دىققىتى بىلەن بىر نەرسە يېزىۋاتقان ئىكەن. ئۇ بىر تۇرۇپ قەلەمنى تاشلاپ قويۇپ، ئورنىدىن تۇرغان پېتى، بىر ئاز خىيال سۈرۈۋېتىپ، ئاندىن ئۆز _ ئۆزىگە بىر نېمىلەرنى پىچىرلىغۇدەك؛ بىر تۇرۇپ پىشايۋانغا ئېسىپ قويۇلغان ھايۋاناتلارنىڭ ئۈچەي _ قارنىنى ئېلىپ، بىر ھازاغىچە قارىۋېتىپ، يەنە ئۆز جايغا ئېسىپ قويۇپ، تاش ئۈستىدە ئولتۇرغان پېتى خىيال سۈرگىدەك. _ قاراڭ، ئۇ قەلىدىن ئېزىپ نېمە بولۇپ كەتكەن _ ھە! ؟ _ دەپتۇ يىگىت. _ ياق، ھازىرچە بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ، _ دەپتۇ دوختۇر ئۇنىڭغا جاۋابەن. _ ئۆزلىرى نېمە بولدىلا؟ ئۇنىڭ ئەقلى جايىدا بولسا، ھايۋانلارنىڭ ئىچىنى يېرىپ، ئۇنىڭ ئۈچەي _ قارنىغا نەچچە سائەتلەپ قاراپ تۇرامدۇ؟ _ بۇلار ئۇنىڭ ئەقلىدىن ئازغانلىقىنى زادىلا ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. بۇ چاغدا بىر توپ ئادەم كېلىپ دوختۇرنى ئورۇۋېلىپتۇ ۋە ھاكىمدارىنى داۋالاپ قويۇشنى تەلەپ قىلىپتۇ. _ ئۆزلىرى بىلمەيلا، _ دەپتۇ ھېلىقى يىگىت سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، _ ھاكىمدارىمىز ھازىر ھەممىگە ئايان بولغان ھەقىقەتنىمۇ ئېتىراپ قىلمايدىغان بولۇپ قالدى. زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تەڭرى يامغۇر ئاتا قىلغانلىقىنى ھاممەيلەن بىلىدۇ، بىراق، ئۇ، يامغۇر شامالنىڭ بۇلۇتلارنى بىر يەرگە توپلاپ قويۇشى ئارقىسىدا ھاسىل بولغان، دەۋاتىدۇ ئۇ يەنە، ئادەملەر يامان ئىش قىلغانلىقى بىلەن تەڭرىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىمايدۇ، ياخشى ئىش قىلغانلىقى بىلەنمۇ تەڭرىنىڭ ئاسرىشىغا مۇيەسسەر بولمايدۇ، دەيدۇ. يەنە، قانۇن دۇنيا پەيدا بولۇش بىلەنلا كىشىلەر ئۇنى ئۆزلىرى ئويلاپ تاپقان دەيدۇ. ئۇ ھەتتا، پۈتۈن ئالەم غايەت زور كەتكەن مەۋھۈم بوشلۇقتىن ۋە خىلمۇ _ خىل ئۇششاق دانىچىلەردىن تەركىپ تاپقان، بۇ دانچىلەر «ئاتوم» دېيىلىدۇ، دېدى. ساراڭدىن باشقا كىممۇ مۇشۇنداق ئويلايدۇ ھەم مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىدۇ؟... ھېلىقى يىگىت سۆزىنى تۈ‎گەتمەيلا، بىر غەلىتە ئىش يۈز بېرىپتۇ: بىر تاشپاقا ئاسماندىن چۈشۈپ، توپ - توغرا ھېلىقى يىگىتنىڭ بېشىغا تېگىپتۇ. كىشىلەر بۇنىڭدىن ھاڭ _ تاڭ قېلىپتۇ. كىشىلەر ئاسمانغا قارىغان ئىكەن. چوڭ بىر سار ئۇچۇپ كېتىۋاتقۇدەك. _ ۋاي خۇدايمەي، ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق! _ دەپتۇ ھەممەيلەن تەڭلا، _ سار ئىلاھىمىز زېۋىسنىڭ خەۋەرچىسى ئىدى، بۇ يىگىت خۇدانىڭ زىتىغا تەككەچكە، خۇدا ئۇنى جازالىدى. كىشىلەر سۆزلىگەن پېتى قېچىپ كېتىپتۇ. دوختۇر بۇ يىگىتنىڭ يارىسىنى تېڭىپ قويۇپ، ئۇنى ئۆيگە ئېلىپ بېرىپ قويغاندىن كېيىن، دېموكرىتىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپتۇ. بۇ چاغدا دېموكرىت پلاتوننىڭ بىر شاگىرتى بىلەن كەسكىن مۇنازىرىلىشىۋاتقان ئىكەن. _ نېمە بولدىڭىز، دېموكرىت! _ دەپ ۋاقىراپتۇ پلاتوننىڭ شاگىرتى، _ سىزدەك ئالىممۇ كۆز ۋە قۇلاققا ئىشنەمدۇ؟ سىز دېڭىز بوغۇزلىرىدا كېلىۋاتقان كېمىلەرنى كۆرگەنمۇ؟ كېمىنىڭ سۇغا كىرگەن پالاقلىرى سۇنۇپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ. بىراق سۇدىن تارتىپ چىقارسىڭىز، ئۇنىڭ سەزگۈمىز بىزنى ئالدىغان، بۇ مەڭگۈ ئۆلمەس ئىلاھ بىزگە ئاتا قىلغان ئالدامچىلىق... _ يوقسۇ، ھۆرمەتلىك پەيلاسوپ، بۇ ئالدامچىلىق ئەمەس! بىز كۆرگەن سۇدىكى پالاقمۇ، سۇدىن تارتىپ چىقىرىلغاندىن كېيىنكى پالاقمۇ ئوخشاشلا بىر پالاق. سۇدىكى پالاق دېڭىز سۈيىنىڭ نۇر قايتۇرۇشى بىلەن سۇنغاندەك كۆرۈنىدۇ، ئەمىلىيەتتە ئۇ سۇنغان ئەمەس. بۇنىڭ ئەجەپلەنگۈدەك نېمىسى بار؟ دۇنيادىكى ھەممە شەيئى مەلۇم قانۇنىيەت بويىچە پەيدا بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەس ئىلاھى دېگەننى توقۇپ چىقىشىنىڭ ئەسلا ھاجىتى يوق... _ توغرا ئېيتىتىڭىز دېموكرىت، _ دەپ سۆز قىستۇرۇپتۇ. چەتتە قاراپ تۇرغان دوختۇر، _ سىز ئالەمدە مۆجىزە بولمايدۇ دېدىڭىز، بىراق مەن ھېلى بىر غەلتە ئىش كۆردۈم: مەن بۇ يەرگە كەلگەندە ئاسماندىن بىر تاشپاقا چۈشۈپ، توپ - توغرا ھېلىقى ياشنىڭ بېشىغا تەگدى. بۇ قانداق ئىش؟ _ ئاسماندىكى سارنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟ _ شۇنداق، بىز بىر چوڭ سارنىڭ ئۇچۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. _ ھەببەللى، بۇ ناھايىتى چۈشىىشلىك! سار تاشپاقا گۆشكە ئامراق، لېكىن تاشپاقا قېپىغا تۇرۇلۇپ كىرىۋالغاچقا، سار ئۇنى يىيەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن سار تاشپاقىنى قامالىغان پېتى ئاسمانغا كۆتىرىلىپ، ئۇنى يەنە يەرگە تاشلىۋەتكەن. سار تاشپاقىنى يەرگە تاشلاپ قېپىنى سۇندۇرۇپ، راسا مەززە قىلماقچى بولغان. بىراق تاشپاقا، يۇرتدىشىمىزنىڭ بېشىغا چۈشۈپ، ئۇنىڭ بېشىنى يېرىۋەتتى! _ سىز ناھايىتى ئورۇنلۇق قىلىپ چۈشۈندۈردىڭىز، _ دەپ ماختاپتۇ، دوختۇر، _ مەن تېخى سىزنى ئەمدى ئىلاھ ياكى تەقدىرگە ئىلتىجا قىلىدىغان بولدى دەپ تونۇغان ئىدىم! _ تەقدىر دېگەن نەرسە ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس، ھەممە شەيئىنىڭ ئۆز سەۋەپلىرى بولىدۇ. دۇنيادا يوقلۇقتىن بار بولىدىغان ھېچقانداق نەرسە يوق، ۋەيران بولغاندىن كېيىن يوق بولۇپ كېتىدىغان نەرسىمۇ يوق. _ سىز ھەقلىقسىز، _ دەپتۇ دوختۇر، _ ئەگەر مەنمۇ تىبابەتچىلىك جەھەتتە تەقدىرگە، ئىلاھىنىڭ ھەممىنى يارىتىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن بولسام ئىدىم، ئۇ چاغدا دورا ئىزلىمەي، ئوپېراتىسىيە قىلماي، ئىبادەتخانىلاردىكى راھىپلاردەك ئەپسۇس ئوقۇپ قويساملا ئىش پۈتكەن بولاتتى. بىراق شۇنىسى ماڭا ھەممىدىن بەك ئېنقكى، ئەپسۇننىڭ كېسەل داۋالاش ئۈچۈن ھىچقانداق پايدىسى يوق! _ نېمە، سىزمۇ خۇداسىزلىققا قوشۇلامسىز؟ _ دەپ سوراپتۇ پلاتوننىڭ شاگىرتى ھەيران بولۇپ دوختۇردىن، _ سىزمۇ ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئىچ _ باغرىنى يېرىپ كۆرۈشنى ئۇلۇغ ئىش ۋە ئۇچىغا چىققان ئەقىللىق دەپ قارامسىز؟ _ ھا، ھا، _ قااقاقلاپ كۈلۈپ كېىتپتۇ دوختۇر تۇيۇقسىزدىنلا، _ مەن تېخى ياۋيى ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈگىنىڭ قارنىنى يېرىپ كۆرگەن ئادەمنى ئەقلىدىن ئاداشقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن. بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن كىمنىڭ ئەقلىدىن ئازغانلىقىنى ئاندىن بىلدىم... بۇلار كەسكىن مۇنازىرىلىشىۋاتقاندا، بىرسى باغقا ئۈسۈپ كىرىپ، دېموكرىت پەۋقۇلئاددە سوتقا بېرىپ سوتقا تارتىلسۇن دېگەن بۇيرۇقنى ئۇقتۇرۇپتۇ. دوختۇر سوتقا دېموكرىت بىلەن بىلل بېرىش قارارىغا كېلىپتۇ. ئۇ كىشىلەرگە، دېموكرىتىنىڭ ساراڭ ئەمەسلىكىنى، ئەڭ ئەقىللىق، ئەڭ بىلىملىك پەيلاسوپ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمەكچى بولۇپتۇ. دېموكرىت مىلادىدىن ئىلگىرى 5 - ئەسىردە ئۆتكەن، قەدىمقى يۇناننىڭ ئەڭ مەشھۇر ماتىرىيالىستىك پەيلاسوپى. ماددا مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر، دېگەن شانلىق ئىدىيىنى دەل ئاشۇ كىشى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ 90 يىل ياشىغان، كۆپ جايلارنى كۆرگەن، مىسىر ۋە شەرقتىكى ھەرقايسى جايلارغا بارغان، تەبى پەنگە دائىر نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان. ئەپسۇسكى، ھازىر ئۇنىڭ ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈككە دائىر بايانلىرىنىڭ پارچىلىرىلا ساقلىنىپ قالغان.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
«ساراڭ» مۇ ياكى پەيلاسوپمۇ | UyghurWiki | UyghurWiki