قەدىمقى شەھەر پومپېينىڭ سىرى
بەش مىڭ يىل
بۇنىڭدىن 1900 يىل ئىلگىرى، رىمنىڭ شەرقىي جەنۇبى تەرىپىدە پومپېي دېگەن قەدىمقى شەھەر بولغان. بۇ شەھەرنىڭ غەربىي تەرىپى سۈبى كۆپ _ كۆك بولغان نەپلېس بوغىزىغا، شىمالىي تەرىپى قىيالىرى پەلەككە ياندىشىدىغان ۋېزۇۋىي بانار تېغىغا تۇتاشقان بولۇپ، ئۇ يەردە 20 نەچچە مىڭ ئادەم ياشىغان.
مىلادى 79 - يىل 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، پومپېي شەھىرىگە ۋەيران قىلغۇچى خاراكتىردىكى ئاپەت كېلىپتۇ. شۇ كۈنى چۈشتە، سائەت بىردىن ئۆتكەندە، شەھەرگە ئالاھەزەل 10 كىلومېتىر كېلىدىغان ۋېزۇۋىي يانار تېغى تۇيۇقسىز پارتلاپتۇ. قۇيۇق تۇتۇن ۋە سانسىز ئوت ئۇچقۇنلىرى تاغ چوققىسىدىن كۆتىرىلىپ، قاتتىق پارتلاش ئاۋازى ئۇزۇلمەي ئاڭلىنىپ تۇرۇپتۇ. شۇ ھامان يەر جاھاننى قاراڭغۇلۇق بېسىپ، يەر _ جاھان تىترەپ، جىم ناپلېس بوغىزىدىمۇ قاتتىق دولقۇنلار كۆتىرىلىپتۇ. ھېلىقى ئوت ئۇچقۇنلىرى بولۇپ پەلەككە كۆتىرىلىگەن ماگىما يەرگە تاش بولۇپ چۈشۈپتۇ. كۆپلىگەن تاش ۋە ۋولقان ئۇچقۇنلىرى يانار تاغ ئەتراپىدىكى يەرلەرنى پۈتۈنلەي كۆمۈپ تاشلاپتۇ. ئارقىدىنلا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن كېلىپتۇ. كەلكۈن سانسىزلىغان تاش ۋە ۋولقان ئۇچۇندىلىرىنى ئېقىشىپ كېلىپ، غايەت زور لاي دولقۇنى ھاسىل قىلىپ، تاغدىن شىددەت بىلەن ئېقىپ چۈشۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ مىلادىدىن ئىلگىرى 6 - ئەسىردە بىنا قىلىنغان پومپېي دېگەن بۇ قەدىمقى شەھەر ۋەيران بولۇپتۇ...
ئارىدىن 1000 نەچچە يۈز يىل ئوتۇن كېتىدۇ. پومپېي شەھىرى كىشىلەرنىڭ ئەسلىرىدىن چىقىپ كېتىدۇ. تارىخ تەتقىق قىلغۇچى ئالىملار رىمنىڭ قەدىمقى كىتابلىرىنى ئوقۇغاندا پومپېي دېگەن شەھەرنىڭ بولغانلىقىنى بىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ زادى قەيەردە ئىكەنلىكى بىر سىر بولۇپ كەلگەن ئىدى.
18 _ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئىتالىيىلىك دىھقانلار ۋېزۇۋىي يانار تېغىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 8 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ئۆستەڭ چېپىۋېتىپ، قەدىمقى رىمنىڭ بەزى پۇللىرىنى، شۇنىڭدەك سېلىقلارنغان مەرمەر تاش پارچىلىرىنى كولاپ تېپىۋالغان. 1748 _يىلى، كىشىلەر يەنە شۇ ئەتراپتىن «پومپېي دېگەن خەت ئويۇلغان بىر پارچە تاش تېپىۋالغان. بۇ شەھەر ئەسلىدە مۇشۇ جايدا ئىكەن! قەدىمقى شەھەر پومپېينىڭ سىرى ئاخىر يېشىلگەن.
1860 _ يىلىدىن باشلاپ، كىشىلەر پومپېي شەھىرىنى پىقلانلىق قىزىش ئىشىنى باشلىۋەتكەن. 200 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە قەرەلسىز قىزىش ئارقىسىدا، رىمنىڭ يەر ئاستىدا مىڭ يىللاپ كۆمۈلۈپ ياتقان قەدىمقى شەھەرنىڭ كۆپ قىسمى تېپىلغان. ھازىر، كىشىلەر، ئۆز زامانىسىدىكى كىشىلەر پومپېي شەھىرىگە كىرىپ _ چىققانغا ئوخشاش، كەڭ، تەكشى يوللاردا سەيلە قىلىپ، بۇ قەدىمقى شەھەرنىڭ مەنزىرسىنى تاماشا قىلىدىغان بولغان.
پومپېي شەھىرىنىڭ كولىمى تەخمىنەن بىر كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، تۆت ئەتراپى تاش سېپىل بىلەن ئورالغان، يەتتە شەھەر دەرۋازىسى بار. شەھەر ئىچىدە ئۇزۇنسىغا ۋە توغرىسىغا كەتكەن تۈپ _ تۈز تۆت چوڭ كوچا بولۇپ، پۈتۈن شەھەر 井 ھەرپى شەكلىدە كورۇنىدۇ، شەھەر توققۇز رايونغا ئايرىلىغان، ھەر بىر رايوننىڭ كىچىك كوچىلىرى بار. چوڭ كوچىغا 10 مېتىر كەڭلىكتىكى شىبەن تاش ياتقۇزۇلغان، ئىككى ياقىسى ئادەم ماڭىدىغان يول ئىكەن، كىچىك كوچىلارغا شېغىل تاش ياتقۇزۇلغان. ھەر بىر تۆت كوچا ئېغىزىدا كۆلچەك بار. كۆلچەكلەرنىڭ ھەممىسى تاشتىن ياسالغان بولۇپ، ئۈستىگە چىرايلىق ھەيكەلەر ئورنىتىلغان، كۆلچەكتە سۈپ - سۈزۈك بۇلاق سۈيى بار، بۇ بۇلاق سۈپىنىڭ كەلتۈرۈلۈشى ئوڭايغا توختىمىغان. بۇلاق سۈيى تۇز يەرگە تۇرغۇزۇلغان جازا ئۈستىگە نو ئورنىتىپ، شەھەر سىرتىدىكى بىر تاغدىن شەھەر ئىچىدىكى ئىگىز جايغا سېلىنغان سۇ مۇنارىغا كەلتۈرۇلگەن، ئاندىن كېيىن بۇ سۇ ھەرقايسى جامائەت كۆلچەكلىرىگە ۋە بايلارنىڭ ھويلىلىرىدىكى فونتان كۆلچەكلىرىگە ئېقىپ چۈشكەن.
شەھەردىكى ئەڭ كاتتا ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسى شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تۆت چاسا مەيداننىڭ ئەتراپىغا توپلانغان. بۇ جاي پومپېينىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي ۋە دىنىي مەركىزى ئىكەن.
مەيداننىڭ شەرقىي جەنۇبى تەرىپىگە پومپېي شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى جايلاشقان بولۇپ، ھوقۇقىدارلار شۇ يەردە ئىشلىگەن ۋە مەسلىھەت ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپى سوت مەھكىمىسى ئىكەن. بۇ ئىككى قەۋەتلىك چاسا بىنا بولۇپ، سودىگەرلەرمۇ شۇ يەردە سودا توختاملىرىنى تۈزىدىكەن. شۇ چاغدا ئىشلەنگەن ئۈزۈ ھارىقى،تىۋىت ۋە ئەينەك بۇيۇملىرى، شۇنىڭدەك شەرقىنىڭ خۇشپۇراق ماتىرىيالىرى، مەرۋايىتلىرى، جۇڭگو يىپەك - تاۋارلىرى، ئافرىقا پىل چىشلىرى ئۈستىدە مۇشۇ جايدا سودا توختىمى بولىدىكەن.
مەيداننىڭ شەرقىي شىمال تەرىپى سودا سارايلىرى ئىكەن. قىزىلمىلاردىن قارىغاندا، ئۆز زامانىسىدا بۇ يەردىككى قاتار -قاتار سودا دۇكانلىرىدا تاۋارلار تولۇپ كەتكەن بولۇپ، تىجارەت ئىشلىرى بەك تەرەققى قىلغان ئىكەن. قېزىىش ۋاقتىدا، بىر مېۋە _ چېۋە دۇكىنىنىڭ مال جازىلىرىدا ئۈرۈك، كاشتان، ئەنجۈر، ياڭاق، ئۈزۈم قاتارلىق مېۋە _ چېۋىلەر لىق ئىكەنلىكى بايقالغان، بۇ نەرسىلەر 1000 نەچچە يۈز يىلدىن ئىلگىرىكى نەرسىلەر بولسىمۇ، لېكىن شەكلىدىن يەنىلا پەرق ئەتكىلى بولغان. بىر دورا دۇكىنىنىڭ پوكىيىدىن بىر قۇتا كومۇلاچ دورا تېپىلغان بولۇپ، ئۇ ئۇۋۇلۇپ ئۇن بولۇپ كەتكەن، دورا يېنىدا بىر ئىنچىكە دورا قەغىزى بولغان. بىر بولكا دۇكىنىنىڭ دوخوپكىسىدىن پىشقان بىر بولكا تېپىلغان، بۇ بولكا ئەسلى شەكلىنى ساقلاپ قالغان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۈستىگە بېسىلغان بولكا سودىگىرىنىڭ ئىسمىمۇ شۇ پېتى ئېنىق تۇرغان. پومپېي شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبى بۇرجىگىدە ئىككى كاتتا جامائەت بىناسى _ ماھارەت كورسىتىش مەيدانى بىلەن تىياتىرخانا بار. ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانى پومپېي شەھىرى كۆمۈلۈپ كېتىشتىن توققۇز يىل بۇرۇن سېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالاھەزەل 20 مىڭ ئادەم (پۈتۈن شەھەر ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك) سىغىدىكەن.
پومپېي شەھىرىدە نۇرغۇن بايلارنىڭ تۇرار جايلىرى بار. بۇ ئىمارەتلەرنىڭ دەرۋازىلىرىغا، كۆپىنچە، چوڭ مەرمەر تاش تۈۋرۈك تۇرغۇزۇلغان ۋە ياسىداق دەرۋازا ئۆيلىرى ياسالغان. كارىدۇر ۋە ھويلىلارنىڭ ھەممىلا يېرىگە خۇدا ۋە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ھەيكەللىرى تۇرغۇزۇلغان. ساراي، تاماقخانا ۋە ياتاقخانىلار كەڭ يورۇق، ھەشەمتلىك بولۇپ، تۆت تەرىپى كۈمۈش ۋە مىستىن نەپىس قىلىپ ياسالغان قىممەتلىك بۇيۇملار بىلەن زىننەتلەنگەن. تاملارغا رەسىملەر چۈشۈرۈلگەن. پولغا چىرايلىق قوندۇرما رەسىملەر چۈشۈرۈلگەن. بىر باينىڭ ئۆيىدىن بىر قوندۇرما رەسىم (ماكىدۇنىيە پادىشاھى ئالېكىساندىرنىڭ پىر سىيىلىك دارىئۇس ئۈچ بىلەن جەڭ قىلغان خەرىتىسى) تېپىلغان. بۇنىڭدا مىلادىدىن ئىلگىرى 333 - يىلدىكى ئىسوس جېڭىنىڭ بىر كورۇنۇشى جانلىق سۈرەتلەنگەن. بۇ رەسىمنىڭ كەڭلىكى 6.5 مېتىر، ئىگىزلىكى 3.8 مېتىر بولۇپ، بىر مىليون 500 مىڭ ساپال ۋە مەرمەردىن قوندۇرۇپ ياسالغان.
پومپېي شەھىرىنى قېزىش ۋاقتىدا، پاجىئە ۋە ئازاپ ئوقۇبەت چېكىۋاتقان كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن گەچ ھەيكەللىرى تېپىلغان. يانار تاغ پارتىلىغان چاغدا، شەھەر ئىچىدە ئىككى مىڭ ئادەمنىڭ تۇرار جايىدا ئۆزىنى دالدىغا ئالغۇدەك ئورۇن بولغاچقا، ئۇلار دەرھال ئۆلمىگەن، بىراق چاڭ _ توزاڭ قامىۋالغاچقا قېچىپ چىقىپ كېتەلمىگەن. ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئادەم جەسىدى چىرىپ تۈگىگەن، ۋۇلقان چاڭ _ توزاڭلىرى بولسا ئادەم تىنى شەكلىدە قېلىپ بولۇپ قالغان. ئارخولوگلار گەجنى بۇ قېلىپلارغا قۇيغاندىن كېيىن ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۆلۈمى ئالدىدىكى ھەر خىل قىياپەتلىرى ئايان بولغان: نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قولى بىلەن يۈزىنى يېپىۋالغانلىقى، بىر ئانىنىڭ يىغلاۋاتقان بالىسىنى باغرىغا چىڭ بېسىۋالغانلىقى، بىر مۇنچە ئادەمنىڭ تاغ تۈۋىدە تۆشۈك ئېچىۋالغانلىقى، يەنە بىر توپ ئادەمنىڭ زەنجىرلەنگەن گىلادىئاتور قۇللار ئىكەنلىكى ئايان بولغان...
قەدىمقى پومپېي شەھىرىنىڭ سىرىنىڭ يېشلىشى كىشىلەرنى مىلادىدىن ئىلگىرى 1 - ئەسىردىكى رىم ئىمپىرىيىسى شەھەرلىرىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.