UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭخىروسىمادىكى پاجىئە

خىروسىمادىكى پاجىئە

بەش مىڭ يىل 1945 - يىل 6 - ئاۋغۇست ئەتىگەندە، ياپونىيىدىكى خىروسىمادا ئاسمان ناھايىتى سۈزۈك، ھاۋا تىنجىق ئىدى. سائەت يەتتىدىن توققۇز مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇشتۇمتۇتلار سىگنال ئاۋازى ياڭرىدى. ئەمما كىشىلەر بۇنداق سىگناللارنى تولا ئاڭلاپ ئادەتلىنىپ قالغانىدى: ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى ياپونىيە تۇپرىقىغا ھەر كۇنى دېگۈدەك توننا - توننا بومبا تاشلاپ تۇراتتى، شۇنداقتىمۇ خىرۇسىما ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ باقمىغانىدى،سېگنال توختىشى بىلەن تەڭلا، ئامېرىكىنىڭ بىر نەچچە ئايرۇپىلانى خىروسىما ھاۋا بوشلۇقىغا كىرىپ، بىر نەچچە قېتىم ئايلىنىپ، بومبا تاشلىمايلا كېتىپ قالدى. سائەت دەل سەككىزدە، ئامىرىكىنىڭ 29 - B شەكىللىك ئايرۇپىلانلىرى ياپونىيە ھاۋا بوشلۇقىغا بىر نەچچە كۈن ئۇچۇپ كىرىپ مەشق قىلغانىدى. ئەمما بۇ نۆۋەت كىرگەن ئۈچ ئايرۇپىلاننىڭ بىرىگە بەش توننا ئېغىرلىقتىكى ئاتوم بومبىسى قاچىلانغانىدى.بۇ نۆۋەت بۇيرۇققا بىنائەن راستلا خىرۇسىمانى بومباردىغان قىلىش ئۈچۈن كەلگەنىدى. ياپونىيە ئاتون بومبىسى تاشلاش مەسلىسىدە،ئامېرىكىدا ىبر مەھەل بەس-مۇنازىرە بولدى.«مانخاتتۇن» پىلانىغا قاتناشقان بىر مۇنچە ئالىملار باشتىن- ئاخىر ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىدە بولغانىدى.ئۇلارئېينىشتېين،مەن ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيىدىن بۇرۇنراق ئاتوم بومىبىغا ئىگە بولۇشىنى ئارزۇ قىلغانىدىم،مانا ئەمدى بۇ مەقسەتكە يەتتۇق،گىتلېر ئاتوم بومىبىسىغا ئىگە بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە مەغلۇپ بولدى.ياپونىيىنىڭ ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، دېگەنىدى. شۇڭا ئۇ، ئاتوم بومبىسنىڭ قىرغىنچىلىق كۈچى ناھايىتى زور بولغانلىقتىن، ئامېرىكا ھەرگىز ئاتوم بومبىسىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا ئىشلەتمەسلىكى لازىم، دەپ ھېسابلىغانىدى. ئاتوم بومبىسى تەجربىىخانىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئالىملارمۇ:«ئاتوم بومبىسىغا تايانمىغاندىمۇ، ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشنىڭ ئاياغلىشىدىغانلىقى روشەن بولوپ قالدى. بىز ئاتوم بومبىسنىڭ كەلگۈسىدىكى مەدەنىيەتتە نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىشىمىزس كېرەك» دېيشكەنىدى. بەزى ئالىملا مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ئىستىپا بەرمەكچىمۇ بولغانىدى. بىراق، ترومېن بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياپونىيىنى تېزرەك تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلماقچى، شۇنداقلا مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىمۇ تىزگىنلىمەكچى بولدى. شۇڭا ترومېن ياپونىيىنىڭ خىروسىما،ناگاساكى قاتارلىق تۆت شەھىرىدىن بىرىنى نىشان قىلىپ ئىلگىرى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە جۇڭگو «پوتىدام ئۇقتۇرۇشى»نى چىقىرىپ، ياپونىيىنى تەسلىم بولۇشقا دالالەت قىلغان ھەمدە 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ1 - كۈنىگىچە ئىتتىپاقچىلارنىڭ ئايروپىلانلىرى ياپونىيە شەھەرلىرىگە بىر مىليون 500 مىڭ پارچە تەشۋىق ۋەرەقىسى ۋە ئۈچ مىليون پارچە «پوتىدام ئۇقتۇرۇشى» چاچقانىدى. ئەمما ياپونىيە ھۆكۈمىتىدە «پوتىدام ئۇقتۇرۇشى»نى قوبۇل قىلىدىغان بىرەر ئالامەت كۆرۈلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇرۇنقى پىلان بويىچە ياپونىيىگە ئاتوم بومبىسى تاشلىدى. سائەت توققۇزدىن 14 مىنۇت 17 سېكۇنت ئۆتكەندە، ئاتوم بومبىسى قاچىلانغان ھېلىقى ئامېرىكا ئايروپىلاننىڭ كۆرسەتكۈچ سترېلكىسى خىروسىمادىكى بىر كۆۋرۈككە توغرىلانغاندا، ئاپتوماتىك ئۈسكۈنە ئېچىۋېتىلدى. 60 سېكۇنت ئۆتكەندىن كېيىن، ئاتوم بولمبىسى ئېچىۋېتىلگەن قاپقىدىن ھاۋا بوشلۇقىغا چۈشتى. بۇ چاغدا ئايروپىلان 155 گرادۇس ئەگىپ، پەسكە شۇڭغۇدى؛ كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئايروپىلان 300 نەچچە مېتر تۆۋەنلىدى. بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت، بومبا پارتلايدىغان نۇقتىدىن ئىمكانقەدەر يىراقلىشىش ئىدى. 45 سېكۇنتتىن كېيىن، ئاتوم بولمىسى يەردىن 600 مېتر ئېگىزلىكتە پارتلاپ، ئادەمنىڭ كۆزىنى چاقنىتىدىغان كۈچلۈك ئاق نۇر تارقاتتى، خىروسىما شەھىرىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىكى ھاۋا بولشۇقىدا قۇلاقنى يارىدىغان قاتتىق پارتلاش ساداسى ياڭرىدى. بىردەمدىلا شەھەردە غايەت زور موگۇسىمان ئىس كۆتۈرۈلدى، ئارقىسدىنلا بىر نەچچە يۈز ئوت تۈۋرۈكى ھاسىل بولۇپ، خىروسىما شەھىرى دەرھال قىزىق ئوت دېڭىزىغا ئايلاندى. ئاتوم بومبىسىنىڭ پارتىلىشىدىن ھاسىل بولغان كۈچلۈك نۇر مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان كىشىلەرنى ئىككى كۆزدىن جۇدا قىلدى؛ بىر مىليارد گىرادۇسلۇق يۇقىرى ھارارەت بارلىق مۆجىزاتلارنى كۈلگەئايلاندۇردى؛ رادىئاتسىيە يامغۇرلىرى بىر قىسىم كىشىلەرنى كېيىنكى 20 يىل ئىچىدە تەدرىجىي ھالدا ھالاكەت يولىغا ئېلىپ ماڭدى؛ پارتلاش دولقۇنىدىن ھاسىل بولغان قارا بوران بارلىق ئۆي - ئىمارەتلەرنى كۈلگە ئايلاندۇردى. پارتلاشنىڭ يۇقىرى نۇقتىسىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى ئادەم ۋە نەرسىلەر خۇددى ئاتوم مالېكۈلىلىرىدەك كۇكۇم - تالقان بولۇپ كەتتى. يىراقراق جايلاردا كۈزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە كۆيۈپ كەتكەن ئەرلەر، ئاياللا ۋە بالىلارنىڭ چۈچىلىلىر ياتاتتى. ئۇنىڭدىنمۇ يىراقراق جايلاردىكى ھايات قالغان، ئەمما ئېغىر ھالدا كۆيۈپ يارىلانمىغانلارنىڭ ئىككى كۆزى كۆيۈپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنىدى. 16 كىلومېتىردىن يىراق جايلاردىمۇ، كىشىلەر تىنجىق ھاۋا ئېقىمىنى ھېس قىلاتتى. شۇ كەملەردە خىروسىمادا 340 مىڭدىن كۆپرەك ئاھالە بولۇپ، پارتلاش مەركىزىگەيېقىن جايدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ھالاك بولدى، شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا 88 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆلدى، 51 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى ۋە دېرەكسىز يىوقىلىپ كەتتى؛ پۈتۈن شەھەردىكى 76 مىڭ كورپۇس ئۆي - ئىمارەتتتىن 48 مىڭ كورپۇس ئۆي پۈتۈنلەي، 22 مىڭ كورپۇس ئۆي - ئىمارەت ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولدى. 7 -ئاۋغۇست كۈنى ياپونىيىدە ئامېرىكا رادىئوسى ئاڭلاندى، ترومېن زۇڭتۇڭ: «7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى پوتىسدامدا ياپونىيە خەلقىنى پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇشتىن قۇتقۇزۇپ قېلىش مەقسىتىدە ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يولباشچىلىرى ئاخىرقى ئۇلتىماتۇمنى تېزلا رەت قىلدى. ئەگەر ئۇلار بىزنىڭ شەرتلىرىمىزنى ھازىرلا قوبۇل قىلمايدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايى قازا ياغىدۇ ...» دەپ جاكالىدى. ئامېرىكا رادىئو ئاڭلاتقاندىن كېيىن، ياپونىيىنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىسى ئالىي قوماندانلىق شتابى ياپونىيىنىڭ خىروسىمادا تۇرۇشلۇق 2 -كورپۇ قوماندانلىق شتابىنىڭ؛ «دۈشمەنلەر ۋەيران قىلىش كۈچى مىسلى كۆرۈلمىگەن بومبا ئىشلەتتى» دېگەن دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئەمما بەزىلەر يۇقىرى ئىقتىدارلىق بۇ بومبىنىڭ ئاتوم بومبىسى ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىشتى. ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق شتابى ئاتوم نوپۇزلۇقلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تەشكىل قىلىنغان تەكشۈرۈش ھەيئىتىنى خىروسىماغا ئەۋەتكەندىن كېيىنلا، بۇ يېڭى تىپتىكى بومبىنىڭ ھەقىقەتەن ئاتوم بومبىسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى ھەمدە دەرھال مىكادوغا دوكلات قىلىندى. بىراق، خىروسىمادىكى پاجىئە ياپونىيىنى پوتىدامدا چىقىرىلغان ئاخىرقى ئۇلتىماتۇمغا دەرھال قوشۇلۇپ شەرتسىز تەسلىم قىلدۇرالمىدى. ئۇلار خىروسىمادا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن يوشۇرۇپ، ئۈمىدنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياراشتۇرۇشىغا باغلىدى. ئەمما 8 - ئاۋغۇست كۈنى، ياپونىيە سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىدىن: ياپونىيە ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، پوتىسدام ئۇقتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتقانلىقى ئۈچۈن، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قىلغان ياراشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەۋسىيىسى بارلىق ئاساسلاردىن مەھرۇم بولدى، دېگەن جاۋابنى ئالدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلتى ئالدىدا ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيەتكە ئەمەل قىلىپ ۋە ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قوبۇل كۆرۈپ، 9 - ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەر چىقارغان كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئامېرىكا ياپونىيىنىڭ ناگاساكى شەھىرىگە يەنە بىر ئاتوم بومبىسى تاشلىدى. پۈتۈن ناگاساكى شەھىرىدىكى 270 مىڭ كىشىدىن شۇ كۈنىلا 60 مىڭدىن كۆپرەك كىشى ئۆلدى. شۇنىڭ بىلەن خىروسىمادىكى پاجىئەدىن كېيىن يەنە بىر پاجىئە يۈز بەردى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
خىروسىمادىكى پاجىئە | UyghurWiki | UyghurWiki