بالىلار ئەھلى سەلىپى
بەش مىڭ يىل
ھاۋان تۇمان قاپلىغان بىر كۈنى، پارىژدىكى سان رى مۇناستىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا رەڭگى - رۇخسارى قاملاشقان 12 - 11 ياشلاردىكى بىر بالا تۇراتتى. ئۇ ئۇچىسىغا قىزىل پەۋاز تۇتۇلغان كەڭ يەڭلىك ئاق ئۇزۇن چاپان كىيگەن، كۆكرىكىگە كىرىست بەلگىسى ئېسىۋالغان، بوينىغا ئەيسانىڭ تۈۋرۈككە مىخلانغان سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن مېدالىيون ئېسىۋالغان ئىدى. ئۇ مۇناستىر ئۆگىزىسىدىكى كىرىست بەلگىسىگە ئىخلاسمەنلىك بىلەن قارىغاندىن كېيىن، يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ پەس ئاۋازدا دۇئا تەلەپ قىلىشقا كىرىشتى.
دەل مۇشۇ چاغدا مۇناستىردىن چىقىپ كەلگەن بىر پوپ، بالىنىڭ دەرۋازا ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بېشىنى ئاستا سىلاپ تۇرۇپ:
- ئوبدان بالا، خىرىستىئاننىڭ تەقۋادار مۇخلىسى، خۇدا بەختىڭنى بەرگەي، ئىسىمىڭ نېمە؟ - دېدى.
بالا جاۋاپ بەرمەي ئۆز ئىشىنى داۋام قىلدى. پوپ قايتا سورىدى. بالا بىردىنلا:
- مەن خۇدانىڭ ئەلچىسى، - دېدى، ھەر بىر سۆزىنى سوزۇپ، دانىمۇ - دانە سۆزلەيتتى.
- خۇدانىڭ ئەلچىسى؟ - پوپ ھەيران بولدى، - ھە، ياق، ياق، خۇدانىڭ ئەلچىسى دېگەن خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ، خۇدانىڭ پەرمانلىرىنى يەتكۈزىدۇ، سەن، ياق...
- مەن خۇدانىڭ ئەلچىسى، - دەپ دەس ئورنىدىن تۇردى بال چىرايى جىددى تۈس ئالغان ھالدا چوڭلارچە تەلەپپۇز بىلەن، - خۇدا چۈشۈمدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى، مېنى ئۆزىگە بىۋاستە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى، مۇقەددەس جاينى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا بالىلار ئەھلى سەلىپىنىڭ باش قوماندانى قىلىپ تەيىنلىدى، مەن ھازىر خۇدانىڭ شەپقىتىگە تەشەككۈر بىلدۈرىۋاتىمەن.
پوپ ئىختىيارسىز ھالدا بالىنىڭ ئالدىغا يۈكۈندى. ئۇنىڭ مەيدىسىدىكى كىرىست بەلگىسىنى قولىغا ئېلىپ سۆيۈپ تۇرۇپ:
- ئاھ خۇدا، ھەممىگە قادىر خۇدا، مېنى كەچۈرگىن، سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ قىلدىم، مېنى كەچۈرگىن! - دېدى.
بالىنىڭ ئالدىدا تۆۋە - ئىستىخپار قىلىپ ئولتۇرغان پوپنى كۆرگەن ئۆتكۈنچىلەر تۇشمۇ - تۇشتىن كېلىپ ئۇلارنى ئورىۋالدى. بەزىلەر بۇ ھالنىڭ سەۋىۋىنى ئوقۇپ كېتىپ قېلىشتى؛ بەزىلەر كىرسىت بەلگىسىنى سىزىشتى، بەزىلەر پوپنى دوراپ يۈكۈنۈشتى.
ئەتراپىدا ئادەملەرنىڭ ھەدەپ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن پوپ، بالىنى مۇناستىرغا تەكلىپ قىلدى. بالا ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماستىن، ئۆزى يالغۇز يۈرۈپ كەتتى.
ھېلىقى بالا پارىژنىڭ چېركاۋ، مۇناستىرلىرىدا ئۇدا بىر قانچە كۈن دۇئا - تەلەپ قىلدى ۋە كىشىلەرگە >خۇدا كارامىتىنى كۆرسەتكەن< ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۆز تەڭتۈشلىرىنى ئەھلى سەلىپكە قاتنىشىپ، ئۆزى بىلەن بىللە >ئەيسانىڭ قەبرىسى< نى قۇتقۇزۇشقا چاقىردى. ئارقىدىنلا يېزىمۇ يېزا يۈرۈپ:>مۇقەددەس جاي< غا جازا يۈرۈشى قىلىش سەپىرىنىڭ يىراقلىقى، ئەمما ئاللانىڭ ئەمرى بىلەن بارسا دېڭىز سۈيى بۆلۈنۈپ يول ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى، سەپەرگە چىققان بالىلار گويا تەكشى يەردە ماڭغاندەك مېڭىپ كېتىۋېرىدىغانلىقى، شۇڭا مۇقەددەس جايغا بېرىش قېيىنغا چۈشمەيدىغانلىقى توغرىسىدا بىمەنە تەشۋىق ئېلىپ بارىدۇ.
بۇ بالىنىڭ ئىسىمى ئەيتىيە بولۇپ، ئۇ پادىچى بالا ئىدى. روشەنكى، گەرچە ئۇنىڭ روھىي ھالىتى نورمال بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىشى ئاق كۆڭۈل، گۇناھسىز پاك بالىلارلا گۇناھى ئېغىر قىرانلار ئورۇنلاشقا قادىر بولالمىغان ۋەزىپىلەرنى مۆجىزە كەبى ئۇرۇنلىيالايدۇ، دەيدىغان بىر خىل بىمەنە كۆز قاراشنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئىدى. مۇقەددەس جاينى >قۇتقۇزۇش< ئۇرۇشى كىشىلەرگە، بولۇپمۇ كەمبەغەللەرگە بەخت ئەمەس، بەلكى تۈگىمەس بالايى - ئاپەت ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار گۇناھسىز، پاك بالىلار بىزگە بەخت ئاتا قىلىدۇ، دەپ خام خىيال قىلىشاتتى. بۇ خىل ساددا خىيال خۇسۇسەن يېزىلاردا كەڭ تارقالغان ئىدى.
مانا ئەمدى، ئەيتىيە >خۇدانىڭ ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن< لىكى ھەققىدىكى ھېكايىنى يالغۇز ئۆزىلا سۆزلىمەيدىغان بولدى، نۇرغۇن جايلاردا يېشى ئۇنىڭ بىلەن تەڭتۈش بولغان بالىلارمۇ، ئۇنى دوراپ سۆزلەيدىغان بولدى. خۇراپى كىشىلەر ئۆز بالىلىرىنى >خۇدانىڭ ئەلچىسى< نىڭ قېشىغا بەس - بەس بىلەن ئاپىرىپ بېرىشتى، بۇ ئالدانغان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى 12 ياشتىن تۆۋەن ئىدى. ئۇلار توپ - توپ بولۇشۇپ ئەيسانىڭ سۈرىتى، تۇغ ۋە كىرىست بەلگىلىرىنى كۆتەرگەن ھالدا دۇئا - تەلەپ قوشاقلىرىنى ئېيتىشىپ ئەيتىيەنىڭ قېشىغا كەلدى. ئەيتىيە ئىسىمى - جىسىمىغا لايىق بالىلار ئەھلى سەلىپىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ قالدى. ئۇ كىگىز - گىلەم سېلىنغان ئات ھارۋىلىرىدا ئولتۇرۇپ ماڭغاندا، ئاتلىق كانىۋايلار ئوتتۇرىغا ئېلىپ قوغداپ مېڭىشقا، ئالدىغا ئۇچرىغان كىشىلەر بۆكلىرىنى ئېلىشىپ سالام - تازىم قىلىپ ئۆتۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ قوشۇنىدا قىرانلارمۇ خېلى كۆپەيدى، بۇنىڭ سېپىگە دېھقانلار، شەھەر كەمبەغەللىرى، ئەسەبى پىرىيەرلەر، ئوغرى - قاراقچى ۋە باشقا قانۇنسىز كىشىلەرمۇ قوشۇلدى.
مىلادى 1212 - يىلى ئىيۇندا، بۇ >خۇدانىڭ ئەلچىسى< گە كېلىپ قوشۇلغان بالىلار سانى 30 مىڭدىن ئاشتى. ئۇلارنى ھېچقانداق قورال - يارىقى يوق ئىدى، ئۇلار نۇر، لىئونلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئوتتۇرا يەر دېڭىز ياقىسىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر - مارسېلغا يېتىپ كېلىپ، بۇ يەردىن دېڭىز سەپىرىگە چىقماقچى بولدى.
بۇ چاغدا تۈمەنلىگەن خەلق خىرىستوسنىڭ بالىلر ئەھلى سەلىپىگە يول ئېچىپ بەرگەن كارامىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن، دېڭىز ياقىسىغا كېلىشتى. نېمە كارامىتى بولسۇن، دېڭىز سۈيى ئادەتتىكىدەكلا قىرغاققا ئۇرۇلۇپ، ھە دەپ بۇژغۇن ھاسىل قىلىپ تۇرۇۋەردى، بۆلۈنمىدى؛ ئالدانغان بىر قانچە بالا دېڭىزغا سەكرىگەن ئىدى، ھەيۋەتلىك دولقۇن يۇتۇپ يوق قىلدى.
دەل مۇشۇ چاغدا پۇل دېسە جان بېرىدىغان بىر پاراخوت خوجايىنى يېتىپ كەلدى. ئۇ پىرىستاندا تۇرۇپ كىشىلەرگە:
- خۇدا ئۆزىنىڭ ھەممىگە قادىر قانۇنىي قۇدرىتىنى تېخى بالىلار ئەھلى سەلىپىگە بەخشەندە قىلمىدى، ئۇ ۋاقىت تېخى يېتىپ كەلمىدى، خۇيدانىڭ بىباھا كۆرسەتمىسىنى ئىجرا قىلىپ، مىسىرغا بېرىپ ئۇ يەردىكى يات دىندىكىلەرنى بوي سۇندۇرۇپ، مۇقەددەس جاينى قايتۇرۇۋېلىش يولىدا، مەن سىلەرنىڭ دېڭىزدىن ئۆتۈۋېلىشىڭلار ئۈچۈن كېمىلىرىمنى ياردەم قىلىمەن! - دېدى.
بىر قىسىم بالىلار قورقۇپ دېڭىزغا كىرەلمىدى، كۆپ قىسىمى ھېلىقى پاراخوت خوجايىنى بەرگە كېمىلەرگە چىقىپ جايلىشىشتى.
كېمىلەر مارسېلدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، قاتتىق بورانغا دۇچكەلدى. كېمىدىن ئىككىسى چېدىردىن ئارىلىغان يېقىن بىر جايدا غەرق بولدى، كېمىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى بېلىققا يەم بولدى. قالغان بەش كېمىدىكى بالىلار مىسىرغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، پاراخوت خوجايىنى ھەممىسىنى قۇل ھېسابىدا ساتتى. بۇ ئاچكۆز خوجايىن كېيىن دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلدى. ئەمما ئۇنىڭ بىراقلا بېيىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ كۆزى قىزارغان نېمىسلارمۇ ئۇنى دوراپ، شۇنداق ئىشلارنى قىلدى.
گېرمانىيىلىك بىر چەۋەنداز 12 ياشلىق ئوغلىنى دىنىي قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان تۆۋەن قاتلام خەلقنى ئالداشقا كۈشكۈرتتى. ئۇ، ئوغلىنى رېيىن دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى جايلارغا ئېلىپ كېلىپ، ئەيتىيە قىلغان سۆزگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان سۆزلەرنى قىلدۇرۇپ، تەرەپ - تەرەپتە ئالدامچىلىق قىلدى. بۇ خىل تەرىقەت يولىنى تەرغىپ قىلىش ھەركىتى نۇرغۇن كىشىلەرنى بىر مەھەل قايمۇقتۇرۇپ كەتتى، بۇلار ئۇيۇشتۇرغان ئەھلى سەلىپكە قىز - ئوغۇل بولۇپ 20 مىڭ بالا قاتناشتى. بۇ قوشۇن كولۇندىن يولغا چىقىپ، رېيىن دەرياسىنى بويلاپ مېڭىپ، ئالىپ تاغلىرىدىن ئۆتتى، تارتمىغان جەبرى - جاپالىرى قالمىدى. بۇ >مۇقەددەس جەڭچىلەر< نىڭ ئۈچتىن ئىككىسى يول ئۈستىدە ئۆلدى، قېپقالغانلىرى 1212 - يىلى ئاۋغۇسىتتا، ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى گېنوگە يېتىپ كەلدى. رىمغا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى قېچىپ كەتتى، بىر قىسىمى ئىلگىرىلەپ مېڭىۋەردى. ئۇلار برىننىڭ غەربىگە كەلگەندە، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ مۇداخىلە قىلىشى ئارقىسىدا قەللاپلارنىڭ ئېكىسپورت قىلىۋېتىشىدىن قۇتۇلۇپ قالدى.
كىشىنى چۆچۈتىدىغان بۇ ئىشلار تەبىئىكى، رىم پاپىسىنىڭ قۇلىقىغا بېرىپ يەتتى، ئەمما ئۇ مۇنداق رەزىل قىلمىشلارغا قارىتا ھېچقانداق ئەيىپلەش پوزىتسىيىسىدە بولمىدى، ئۇ ئالدانغان بۇ بالىلارنى چوڭ بولغاندا ئەھدىڭلارنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ھەقىقىي ئەھلى سەلىپىكە قاتنىشىڭلار، دېدى. بىراق ھايات قالغان بالىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى قايتىش يولىدا، ئاچ - يالىڭاچلىق ۋە كېسەللىك تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتتى. پاپىنىڭ نەزىرىدە بىر قانچە تۈمەن كىچىك بالىنىڭ ئۆلۈشى دېگەن ھېچ گەپ ئەمەس ئىدى. كېيىنچە، بۇ قىرانلارنىڭ ئەھلى سەلىپكە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى قوزغايتتى. دېگەندەك، ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۇ يەنە بىر نۆۋەت ئەھلى سەلىپ تەشكىللەپ شەرققە يۈرۈش قىلىشقا پەرمان چۈشۈردى.