درىۇس Ⅰ
بەش مىڭ يىل
مىلادىدى ئىلگىرى 522 - يىلى پىرسىيە پادىشاھى درىۇس Ⅰ پادىشالىق تەختكە چىققان. ئۇ قولىدىن ئىش كېلىدىغان پادىشاھ بولۇپ، ئۇنىڭ قاتتىق تەدبىرلەنى قوللىنىشى ئارقىسىدا، پىرسىيە ئىمپىرىيىسى يىڭىۋاشتىن بىرلىككە كەلگەن درىۇس Ⅰ تەرەپ _ تەرەپلەردە ئۇرۇش قىلىپ، بوي سۇندۇرۇلغان دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقلىرىنى تېنچلاندۇرۇپ، شەرقتە ھىندى دەرياسى ۋادىسىغا، غەرپتە سەھرايى كېبىر چۆلىگە قەدەر يېتىپ بارغان، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋرۇپا قىتئەلىرىدىكى بىر قىسىم زىمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك ئىمپىرىيىنى قۇرغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ غەلبىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، گىرانت تاشقا يادنامە ئويدۇرۇپ قالدۇرغان. بۇ يادنامە تا بۈگۈنگىچە ئىراننىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئىگىزلىكى 450 مېتىر كېلىدىغان بېھىستۇن قۇرام تېشىدا بار. يادنامىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە بېشىنى تىك تۇتۇپ، كوكرىكىنى چىقارغان ھالدا غالىپلارچە ئىپتىخار بىلەن تۇرغان دارىئۇسنىڭ پۈتۈن ھەيكىلى ئويۇلغان. دارىئۇسنىڭ پۈتى ئاستىغا بىر توپ تىز پۈكۈپ ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ ھەيكىلى ئويۇلغان. يان تەرىپىگە يەنە بوينىغا سىرتماق سېلىنغان، ئىككى قولى ئارقىسىغا قىلىپ باغلانغان توققۇزۇنچى ئەسىرنىڭ ھەيكىلى چۈشۈرۈلگەن. بۇ ئادەملەر دارىئۇس مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىنى يەڭگەندە ئەسىرگە چۈشكەن 9 پادىشامىش.
ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋرۇپادىكى كەڭ جايلار بوي سۇندۇرۇلغاندىن كېيىن، قەدىمقى مىسىر ۋە ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى ئىلغار مەدىنىيەت پرسيە ئىمپىرىيىسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ناھايىتى تېز تارقاپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە قول سانائەت ئىشلەپ چىقىرىش شۇنىڭدەك سودا ئىشلىرى ناھايىتى زور دەرىجىدە راۋاجلانغان. درىۇس Ⅰ ھەممىگە خاجاينلىق قىلىدىغان پادىشاھ بولۇپ قالغان.
بۇ پادىشاھنىڭ ھەيۋىسىنى تۆۋەندىكى ئەھۋالدىن كورۈڭلار:
ۋەزىرلەر بىر _ بىرلەپ ئۇنىڭ ئالدىدا دۇم بولۇپ، ئۇنىڭغا باش ئۇرغان. ئوردا يىغىنلىرىغا قاتناشقان چاغلردىمۇ ۋەزىرلەرنىڭ تىنىغى پادىشاھغا تېگىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، پادىشاھ بىلەن ۋەزىرلەرنىڭ ئارىلىقىغا پەردە تارتىلغان. دارىۇس ئىگىز ئالتۇن تاج تاقىغان، ئۈستىگە جىگەررەڭ يەكتەك كىيىگەن، بېلىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان، بۇدرە ساقال قويغان. ئۇ ئىشكىتىن چىقىسا، بۇ ھەيۋەت خانغا بىر توپ مۇلازىم ۋە مۇھاپزەتچى كۈنلۈك تۇتۇپ ۋە ئۇنى يەلپۇپ ماڭغان. ئوردا ئىچىدە قۇل _دىدەكلەر، مۇزىكانت _ نەغمىچىلەر، مىرزىلار، ئوۋچىلار ۋە ئاشپەزلەر بولۇپ جەمئى 15000 خىزمەتچى ئىشلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا دارىۇسنىڭ مۇھاپىزەتچى قۇشۇنىدا 12000 كىشى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە نەيزىچىلەر 1000، ئاتلىق ئەسكەرلەر 1000، پىيادە ئەسكەرلەر 10000 ئىكەن. نەيزىچىلەر ئۈستىگە ساۋۇت كىيگەن، نەيزىلىرىنىڭ دەستىلىرىگە ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ياسالغان شارىكچە ئورنىتىلغان. ئاتلىق ئەسكەرلەر ئۈستىگە قاسراقلىق ساۋۇت، بېشىغا چەكمەن دۇبۇلغا كىيگەن، ئۇلار قوللىرىغا ئوق _ يا، شەمشەر ۋە قالقان ئالغان. پىيادە ئەسكەرلەر «ئۆلمەس ئەسكەرلەر» دەپ ئاتالغان، چۈنكى ئۇلارنى ھەر ۋاقىت تولۇقلاپ تۇرىدىغان زاپاس قوشۇن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ سانىدا ھىچقاچان ئۆزگىرىش بولمىغان.
دارىئۇسنىڭ يىمەك - ئىچمىكىگىمۇ مەخسۇس ئادەم قارىغان. ئۇ يۇرتى سۇسادىن باشقا يەرنىڭ سۇيىنى ئىچمەيدىكەن. شۇ يەردىن كۈمۈش قاچىلاردا سۇ ئېلىپ كېلىشكە ھەر كۈنى نۇرغۇن ئادەم ئەۋەتىلدىكەن. ئۇ ھەتتا جايلارغا سەيلىگە چىقاندىمۇ يۇرتىنىڭ سۈيىنى ئېلىپ كەلتۈرىدىكەن. ئۇ ئېگەي دېڭىزىنىڭ بېلىقىغا ئامراق بولغاچقا، ئۇزۇنلۇغى 2000 نەچچە يۈز كىلومېتىر كېلىدىغان 100 نەچچە ئۆتەڭلىك «خانلىق يول» سالدۇرغان، ئۆتەڭلەردىكى خەۋەرچىلەر يېڭى بېلىقنى بىر _ بىرىگە يۈگۈرۈپ يەتكۇزۇپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ئېلىپ كېلىپ بەرگەن. خانلىق يول سالدۇرۇشتا قاتناش ئىشلىرىنى ئوڭايلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنىغا بولسىمۇ، لېكىن پادىشاھنىڭ يىمەك _ ئىچىمەك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىمۇ ئۇنىڭ بىر رولى بولغان، ئەلۋەتتە.
دارىۇس نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بوي سۇندۇرۇپ، ئۇلارنى «ئۈلگە» قىلىپ، ئۇلارغا بىۋاستە باش ۋالى ئەۋەتىش يولى بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلغان. بوي سۇندۇرۇلغان دۆلەتلەرنىڭ ئالتۇن _ كۈمۈش ۋە بايلىقلىرى توختاۋسىز تۈردە بولۇنۇپ، پىرسىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختىگە بۇلاپ ئېلىپ كېلىنگەن. دارىۇس ئۇستىلارغا ئالتۇن _ كۈمۈشلەرنى ئېرىتىكۈزۈپ ۋە كوزىلارغا قاچىلىتىپ، سوۋۇغاندىن كېيىن كۆزىنى چېقىپ چوڭ _ چوڭ قۇيما قىلىنغان ئالتۇن ۋە كۈمۈشلەرنى خان غەزنىسىدە ساقلىغان. دارىۇس پۇلنى بىرلىككە كەلتۈرۇش ئۈچۈن، بوي سۇندۇرۇلغان جايلارنىڭ ھەممىسىدە ئىمپىرىيىدە قويۇلغان تىللارنى ئىشلىتىش توغرىسىدا پەرمان چىقارغان. تىللارنىڭ ئوڭ يۈزىگە دارىۇسنىڭ رەسمى، ئارقا يۈزىگە ئوق _ياچىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن. بۇنداق پۇل «دارىك» دەپ ئاتالغان. دارىۇسنىڭ شۇنچە كۆپ قوشۇنىنىڭ ۋە كېلەڭسىز بىيۇروكىرات ئاپاراتلىرىنىڭ چىقىمىنى بوي سۇندۇرۇلغان دۆلەتلەر ئۈستىگە ئالغان، يالغۇز مسىرلا 120 مىڭ ئەسكەرنىڭ تەمىناتىنى ئۈستىگە ئالغان.
دارىۇسنىڭ ئەڭ زور غايىسى يۇناننى بوي سۇندۇرۇپ، ياۋرۇپانى تىزگىنلەش بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 500 _ يىلى، ئۇ يۇنانغا يۈرۈش قىلغان، ئەمما ھەربىي يۈرۈش ئوڭۇشلۇق بولمىغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 490 - يىلى بولغان مارافۇن ئۇرۇشىدا پىرسيە قوشۇنلىرى يۇنان قوشۇنلىرى تەرىپىدىن يېڭىلىگەن. ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دارىۇسنىڭ ۋارىسى خېرخېس سالامىدىكى دېڭىز ئۇرۇشىدا ۋە بوئوتىيە قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىدا پاجەلىك تۇردە مەغلۇپ بولغان، شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن پىرسىيە ئىمپىرىيىسى پەيدىن _ پەي زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى 330 _ يىلى بۇنان ماكىدۇنىيە پادىشاھى ئالېكىساندىرنىڭ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئۇزۇل _ كېسىل مەغلۇپ قىلىنغان.