كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قۇرۇلۇش
بەش مىڭ يىل
ئاۋسترالىيە كومپارتىيىسى لېنىننىڭ موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا كوممۇنىزمچىلار قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل ئەۋەتىش توغرىسدىكى تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئاۋسترالىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى پارتىيىنىڭ رەئىسى گلوبېلنى يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەۋەتىشنى قارار قىلدى.
1919 - يىلى 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى گلۇبېل ۋېنادىن يولغا چىقتى. شۇ كەملەردە، ۋېنادىن موسكۋاغا بارىدىغان يول خەتەرلىك، توسالغۇلار قاتمۇ قات بولۇپ، كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر توختىماي يۈز بېرىپ تۇراتتى.گلۇبېل يول بويى ۋاگون بوسۇغىسى، ۋاگون ئۆگزىسى، ۋاگون چېتىقى، ئىشقىلىپ ھەممىلا يەردە ئولتۇرۇپ باقتى. ئۇلاغ توشۇيدىغان پويىزغىمۇ چىقالماي، پىيادە مېڭىشقا توغرا كەلدى.
بۇ چاغدا، روسىيدىكى ئىچكى ئۇرۇش تېخى تىنچىمىغان ئىدى. روسىيە تەۋەسىگە كىرگەندىن كېيىنمۇ، ئاق باندىتلارنىڭ ئىككى قامال لىنىيىسىدىن ئۆتكەندىلا، ئاندىن موسكىۋاغا بارغىلى بولاتتى. بىر كۈنى گلۇبېل پېترىنىڭ قالدۇق باندىتلىرى ئىشغال قىلىۋالغان يېزىدىن ئۆتكەندە، ئاق باندىتلار بايقاپ قالدى. ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن قاچتى. بىر توپ باندىتلار ئىز بېسىپ قوغلاۋەردى. گلۇبېل تاغ بېلىگە چىققاندا، پاختلىق پەلتوسىنى سېلىپ بېشىغا ئوراپ ھاڭغا دومىلىغاندىن كېيىنلا، باندىتلاردىن قۇتۇلۇپ قالدى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى يارىلاندى. كىيىم - كېچەكلىرى جۇل - جۇل بولۇپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ، قىزىل ئارمىيىگە ئەسىر چۈشكەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن جۇل - جۇل كىيىملىك ئەسكەر بۇلۇۋالدى. ئۇ لېنىننىڭ تەكلىپنامىسى بىلەن ئاۋسترىيە كومپارتىيىسىنىڭ ۋەكىللىك كىنىشكىسىنى ھەربىي ئاۋسترىيە كومپارتىيىسىنىڭ ۋەكىللىك كىنىشكىسىنى ھەربىي چاپاننىڭ قېتىغا كىرىۋالدى. نۆلدىن تۆۋەن 20 نەچچە گرادۇس سوغۇققا پەرۋا قىلماي، موسكۋاغا قاراپ داۋاملىق ئىلگىرلىدى.
ئۇزۇن يوللارنى باسقاندىن كېيىن، بىر توپ كىشىلەر ئۇشتۇمتۇتلا ئارقىسىدىن كېلىپ ئۇنى قورشىۋالدى. ئۇنى بىر قوماندانلىق شىتابىغا ئەكەلدى. «ئەمدى تۈگەشتىم! - دەيتتى گلوبېل ئىچىدە، - چوقۇم ئاق باندىتلار تۇتۇۋالغان بولسا كېرەك»
بىر ھەربىي ئەمەلدار ئۇنى گۇگۇم ئۆيدە سوراق قىلىشقا باشلىدى ھەمدە باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ يېنىنى ئاختۇرۇشقا بۇيرۇدى. گلوبېل جىددىيلەشكەنلىكتىن، يۈرىكى دۈپ - دۈپ سوقاتتى. دەل شۇ پەيتتە، كىرسىن چىرىغى يېقىلغان غۇۋا ئۆيدە، گلۇبېل ھەربىي ئەمەلدارنىڭ شەپكىسىدىكى قىزىل يۇلتۇزنى لەپپىدە كۆرۈپ قالدى!
_ سىلەر . . . . - دېدى گلۇبېل ھاڭ - تاڭ بولۇپ.
_ بىز قىزىل ئارمىيە. . . . - دەپ جاۋاب بەردى ھەربىي.
_ ناھايىتى ياخشى بولدى! مەن موسكۋاغا بېرىپ لېنىن چاقىرغان خەلقئارا يىغىنغا قاتناشماقچىمەن، - گلوبېل گەپ قىلغاچ ھەربىي چاپاننى سۆكۈپ، لېنىنىڭ تەكلىپنامىسى بىلەن بىلەن ۋەكىللىك كېنىشكىسىنى چىقاردى. ۋەكىللىك كېنىشكىسى تەخسچىلىك كېلىدىغان بىر پارچە لاتا بولۇپ، لاتىغا خېمىيىۋىي قېرىنداش بىلەن خەت يېزىلغانىدى. قاراپ تۇرغانلار ھاڭ - تاڭ بولۇپ ، گلۇبېلغادەرھال ناماقۇل بولدى.
ئەتىسى ئەتىگەندە، گلۇبېلنى سوراق قىلغان ھېلىقى ھەربىي ئەمەلدار - قىزىل ئارمىيىنىڭ دىۋىزىيە كوماندىرى ئۇنى ۋوگزالغا ئۇزىتىپ كەلدى ھەمدە بىرىنچى دەرىجىلىك ۋاگونغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. ئۇنىڭغا يەنە بىر خالتا ئوزۇق - تۈلۈك بەردى ۋە لېنىنغا تازا سەمىمىي سالام يوللىدى.
گلۇبېل 20 نەچچە كۈن ئۇزاق يوللارنى بېسىپ، 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى موسكۋاغا يېتىپ كەلدى.
گلۇبېل موسكىۋا كوچىسىدا كېتىۋېتىپ قاتتىق ھاياجانلاندى. ئۇ قاتنىشدىغان بۇ يىغىن زور تارىخىي ئەھمىيەتلىك يىغىن ئىدى. تۆت يىل داۋاملاشقان بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى خەلقئارا كوممۇنىزم ھەركىتى ئۈچۈن بىر قېتىملىق قاتتىق سىناق بولدى. سوتسىيال دېموكراتلارنىڭ ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالدىكى يولباشچىلىرى ئىشچىلار سىنىپىدىن بۇرۇنلا يۈز ئۆرۈگەنىدى. ئۇلار جاھانگىرلارنىڭ ئىت تالىشىدەك ئۇرۇشنى ئاشكارا قوللىدى ھەتتا خەلقنى بۇرژۇئازىيە «ۋەتىنى»نى قوغداش يولىدا بۇرژۇئازىيىنىڭ زەمبىرەك كۈلى بولۇشقا چاقىردى. 1914 - يىلى لېنىن «ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال ھالاك بولدى. ئۇ ئاغمىچىلارغا تىز پۈكتى! » دەپ كەسكىن كۆرسەتكەنىدى. شۇ چاغدا لېنىن كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. كىيىن يەنە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنى قۇرۇش يولىدا قەتئىي بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.
مانا ئەمدى بىرىنىچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشتى. ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى. روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، ياۋروپادا، ئاسىيادا ۋە باشقا نۇرغۇن جايلاردا ئىنقىلاپ بورىنى كۆتۈرۈلۈپ، بىر مۇنچە دۆلەتلەردە كومپارتىيە قۇرۇلدى. ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنى قۇرۇشنىڭ شەرت - شارائىتلىرى پىشتى. گلۇبېل ئاۋسترىيە كومپارتىيىسىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنى قۇرۇش يىغىنىغا قاتىنىش ئۈچۈن كەلدى.
گلۇبېل كىرېمىلغا كىردى.كۈتۈۋالغان يولداش يىغنىنىڭ ئىككىنچى مارتتا رەسمىي ئېچىلغانلىقىنى، لېنىنىڭ ئېچىش نۇتقى سۆزلىگەنلىكىنى، ھازىر ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ۋەكىللىرى يىغىندا سۆز قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردى.
گلۇبېل يىغىن زالىغا كىرگەندە، پۈتۈن زالدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلب قىلدى. بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، كۆپچلىك ئاۋستىرىيە كومپارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى سەپەر ئۈستىدە قۇربان بوپتۇ، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغانىدى. گلۇبېلنىڭ ئۇشتۇمتۇت كىرىپ كىلىشى ۋەكىللەرنى ھەم ھەيران قالدۇردى. ھەم خۇشال قىلدى.
گلۇبېل ھەيئەت رىياسەت سەھنىسىگە چىققاندا، لېنىن ئورنىدىن تۇرۇپ، قۇچاق ئېچىپ ئۇنى سۆيۈپ قويدى.
_ يولداش گلۇبېل، سىزنى شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە سۆزگە تەكلىپ قىلىمىز، - دېدى لېنىن.
_ مۇشۇ تۇرقۇم بىلەن كۆپچىلىك ئالدىدا قانداق سۆزلەيمەن؟
_ مۇشۇنداق تۇرۇپ سۆزلىسىڭىز ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
لېنىن ۋەكىللەرگە: كۆپچىلىك قۇربان بولدى دەپ ھېسابلىغان ئاۋستىرىيە كومپارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى يېتىپ كەلدى. ھازىر ئۇ سۆز قىلىدۇ، دەپ ئېلان قىلدى. گلۇبېل ئاۋسترىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. ئاۋسترىيە كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۆز ئېلىدىكى بۇرژۇئازىيىگە سېتىلغان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن قانداق كەسكىن كۈرەش قىلغانلىقىنى دوكلات قىلدى. ئۇنىڭ دوكلاتى ۋەكىلللەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولدى.
_ قالتىس ياخشى بولدى، يولداش گلۇبېل! - دېدى لېنىن ئۇنىڭ قولىنى مەھكەم سىقىپ،ئاندىن ئۇنىڭ ياتاق، تاماق مەسىلىلىرىنى شەخسەن ئۆزى ئۇرۇنلاشتۇردى. كەچتە لېنىن ئۇنىڭغا ئالدىنقى بىر نەچچە قېتىملىق يىغىن ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئالدىنقى بىرنەچچە قېتىملىق يىغىنلاردا روسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى دەرھال كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنى قۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن، لېنىنمۇ بۇ تەكلىپنى قوللىغانىدى. ئەمما بەزى ۋەكىللەر كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنى قۇرۇشقا ئالدىراپ كېتىش ھاجەتسىز دەپ قارىدى. لېنىن گلۇبېلدىن پىكىر ئالدى. گلۇبېل: ئاۋسترىيە كومپارتىيىسى تەكلىپنامىنى تاپشۇرۇۋېلىپلا، بۇ قۇرۇلتاي كوممۇنىستىك ئېنتېرناتسىئونالنى قۇرۇشقا ئالدىراپ كېتىش ھاجەتسىز دەپ قارىدى. لېنىن گلۇبېلدىن پىكىر ئالدى. گلۇبېل: ئاۋسترىيە كومپارتىيىسى تەكلىپنامىنى تاپشۇرۇۋېلىپلا، بۇ قۇرۇلتاي كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنى قۇرۇش يىغىنى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغانىدى. شۇڭا مەنمۇ روسىيە ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپنى تامامەن ھىمايە قىلىمەن، دېدى.
شۇنىڭ بىلەن تۆتىنچى مارتتىكى چوڭ يىغىندا، گلۇبېل يەنە سۆزگە چىقىپ، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنى دەرھال قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدىكى سەۋەبلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىپ ئۆتتى. يىغىن زالىدا گۈلدۈراس ئالقىشلار ياڭرىدى. ۋەكىللەر بۇ تەكلىپكە قوشۇلدى، ئاندىن ئاۋاز بېرىش ئىشى ئېلىپ بېرىلدى.
ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىدە، تەكلىپ بىر ئېغىزدىن ماقۇللىنىپ، پۈتۈن زالنى تەنتەنە قاپلىدى. پۈتۈن ۋەكىللەر «ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى» نى ئۈنلۈك ئوقۇدى.
شۇ كۈنىدىكى يىغىندا، لېنىن مۇنبەرگە خۇشال - خۇراملىق بىلەن چىقىپ، بۇرژۇئا دېمۇكراتىيىسى ۋە پرولېتارىيات دېكتاتورسى توغرىسىدا دوكلات بەردى. لېنىن پرولتارىيات كۈرىشىنىڭ جەريانىنى ئەسلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، كۈچلۈك قوللىرىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:« بۇرژۇئا سوتىسيال دېمۇكراتلىرىنىڭ ياچىۋەكلىرى ئۆركەشلەپ ئىلگىرىلەۋاتقان ئىنقىلاپ كەلكۈنىنى توسۇۋالالمايدۇ. ئەمدى پرولېتارىيات ئۆز ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇشنىڭ ئەمەلىي شەكلىنى تېپىشى كېرەك، بۇ شەكىل پرولېتارىيات دىكتاتۇرسىنى يولغا قويغان سوۋېت تۈزۈمىدىن ئىبارەت» ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇرژۇئازىيە زورلۇق - زۇمبۇلۇق قىلىۋاتقان. مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئىشچىلارنى قىرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما غەلىبە بىزگە مەنسۇپ، دۇنيا كوممۇنىزم ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسى كاپالەتكە ئىگە!»
گلۇبېل، لېنىن سۆزلەۋاتقاندا كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ بۆلەكچىلا تۇرغانلىقىنى كۆردى. 1918 - يىلى ئۇ ئەكسىلئىنقىلاپچىلارنىڭ سۈيقەستىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، سالامەتلىكى تېخى تولۇق ئەسلىگە كەلمىگەنىدى. يولداشلار ئۇنى ئولتۇرۇپ سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تىك تۇرۇپ قوللىرىنى ھەركەتلەندۈرۈپ سۆزلەيتتى. ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك ۋە كۈچلۈك ئاۋازى چوڭ زالدا جاراڭلاپ تۇراتتى.
شۇ كۈنى كەچتە، گلۇبېل بىلەن يەنە بىر نەچچە ۋەكىل يىغىن خىتابنامىسىنى بېكىتىش خىزمىتىگە قاتناشتى. لېنىنمۇ كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە خىتابنامىنىڭ يېزىلىشى ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ باردى. لېنىن ئاخشىمى سائەت ئوندىن تاكى ئەتىگەن سائەت ئالتىگىچە ئىشلەپ ، ھېرىپ - چارچىغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇدى.كۆپچىلىك ئۇنىڭغا خىتابنامىنىڭ ھەر بىر ئابزاس ، ھەربىر جۈملىگىچە ئوقۇپ بەردى. ئۇ ھەر جۈملىدە ئېلىنغان سۆزلەر ئۈستىدە كۆپچىلىك بىلەن قايتا - قايتا مۇنازىرلىشى، ئاخىردا ھەتتا ئۇسلۇبلىرىنىمۇ ئىپادىلەپ بەرگەندىن كېيىنلا، خۇشال خۇراملىق بىلەن كۈلۈپ، كۆپچىلىك بىلەن خوشلاشتى.
3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى يىغىنى خەلقئارا ئىشچىلار سىنىپىغا يوللىنىدىغان خىتابنامىنى ماقۇللىدى. خىتابنامىدە ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئىشچىلار سىنىپى پرولېتارىيات دىكتاتۇرسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىش ئۈچۈن قەتئىي كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. ئارقىدىنلا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى ۋە ھەيئەت رىياسىتى سايلىنىپ، كۈنتەرتىپى تولۇق ئورۇنلاندى. لېنىن يىغىننىڭ يېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسئونال قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئامما ئارىسىدا ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالدىن ئېنىق چەك -چېگرا ئايرىش ئۈچۈن «ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال » دەپ ئاتىلىپ،روشەن ھالدا پەرقلەندۈرۈلدى.
كوممۇنىستىك ئىتېرناتسىئونالنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن دۇنيانى پىرولېتارىياتنىڭ ئىنقىلابى كۈرەشلىرى ئارقا - ئارقىدىن پارتلىدى. 1919 - يىلى مارتتا، ۋېنگىرىيە ئىشچىلىرى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، بىر مەزگىل ۋېنگىرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. تۆتىنچى ئايدا، گىرمانىيىدىكى باۋارىيە خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، بىر مەزگىل سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئورناتتى. بەشىنچى ئايدا، جۇڭگودا داغدۇغلىق ھالدا جاھانگەرلىككە قارشى «4 - ماي» ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى پارتلىدى. ئارقىدىنلا تۈركىيىدە ئىنقىلاپ پارتلاپ، فېئودال خانلىق تۈزۈم ئاغدۇرۇلدى. پۈتكۈل يەر شارى قاينام تاشقىنلىققا چۆمدى!
كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئۇنالنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىنقىلابچىلار ئارقا - ئارقىدىن تەشكىللىنىپ ، كومپارتىيە تەشكىلاتلىرىنى قۇردى. 1919 - يىلى ئامېرىكا كومپارتىيىسىنى قۇرۇلدى؛ 1920 - يىلى ئىسپانىيە، فرانسىيە، ئەنگىلىيە كومپارتىيىلىرى قۇرۇلدى؛ 1921 - يىلى ئىتالىيە، چېخوسلۇۋاكىيە، رۇمىنىيە ۋە جۇڭگو كومپارتىيىلىرى قۇرۇلدى . . . . كومپارتىيە رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى ئەللەر ئىنقىلابى ساغلام تەرەققىيات يولىغا قاراپ ماڭدى.
1919 - يىلىدىن ئېتىبارەن، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال جەمئىي يەتتە قېتىم قۇرۇلتاي چاقىردى. 7 - قۇرۇلتاي 1935 - يىلى چاقىرىلىدى. يىغىندا، گېرمانىيە فاشىزىمىنىڭ يېڭى دۇنيا ئۇرۇشى قۇزغاش يولىدىكى سۈيقەستلىرى تولۇق پاش قىلىنىپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئىتتپاقلىشىپ ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىلدى. يىغىن ئوتتۇرىغا قويغان « فاشىزم دېمەك ئۇرۇش دېمەكتۇر» دېگەن شۇئار دۇنيا خەلققە ئورتاق دۈشمەننى كۆرسىتىپ بەردى.
1943 - يىلى ئۇرۇش شارائىتى تۈپەيلىدىن ۋە ھەرقايسى ئەللەرنىڭ كومپارتىيىلىرى قەدەممۇ قەدەم پىشىپ يېتىلگەنلىكتىن، خەلقئارا كوممۇنىزىم ھەرىكىتىگە بىردىنبىر «مەركەز» نىڭ رەھبەرلىك قىلىشى ھاجەتسىز ۋە مۇمكىن ئەمەس بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى 15 - مايدا قارار قوبۇل قىلىپ، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال نىڭ رەسمىي تارقىتىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەرقايسى ئەللەر خەلقنىڭ كۈرىشىگە شۇ ئەلدىكى كومپارتىيە ئۆز ئېلىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن رەھبەرلىك قىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.