يالماكنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشى
بەش مىڭ يىل
چار پادىشاھ ئىۋان IV، قازان قاتارلىق خانلىقلارنى كاپ ئېتىۋەتكەندىن كېيىن، ۋولگا ۋادىسىنى كونترول قىلدى. بىراق كاما دەرياسى ئېغىزى ئەتراپىدا ھەمىشە يۈز بېرىپ تۇرغان قاراقچىلىق ۋەقەلىرى ئۇنىڭ بېشىنى زادىلا تىنجىتمىدى. بۇ يەردىكى جېنىدىن تويغانلار بۇ يەردىن موسكۋاغا ئۆتىدىغان سودا كارۋانلىرىغا تويۇقسىز ھۇجۇم قىلىپلا قالماستىن، جۇزئى ئەللەرنىڭ ئەلچىلىرىنىمۇ بۇلاپ كېتىۋاتاتتى.
قاراقچىلىق ۋەقەسىدىن دەرغەزەپكە كەلگەن چار پادىشاھ بۇ يەردىكى ئوفېتسېر ۋە ئەسكەرلەرگە قاراقچىلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قورشاۋغا ئېلىپ، قولغا چۈشۈرگەن ھامان ئۆلتۈرۈش ھەققىدە بۇيرۇق بەردى. شۇنىڭ بىلەن قاراقچىلار بۇ يەردە تۇرالماي تەرتەپ - تەرەپكە پىتىراپ قېچىشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈمىگە يالماك باشچىلىق قىلاتتى. 1570 - يىلى، ئۇ 540 نەپەر كازاكنى باشلاپ كاما دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى بىر يەرگە قېچىپ كەتتى.
كازاك - ئەسلىدە تۈركىي تىل بولۇپ، ئۆز مىللىتىدىن ئايرىلغان، چەكلەنمەيدىغان ئەركىن ئادەم دېگەن مەنادا ئېيتىلغان. روسىيە كازاكلىرى جەسۇر ھەم باتۇرلۇقى بىلەن داڭ چىقارغاچقا، يالماك باشچىلىقىدىكىلەرمۇ «كازاك» دەپ ئاتالغان.
«ھازىر پادىشاھ قوشۇنلىرى بىزگە ناھايىتى يېقىنلاپ قالدى، ئۇلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان ھامان كاللىمىز يەرگە چۈشىدۇ. بىزنىڭ يەنىلا مۇشۇنداق ئۇاقتىن - بۇياققا قېچىپ يۈرۈشىمىزمۇ ياخشى چارە ئەمەس. ئالدى بىلەن ستروگانوۋلاردىن پاناھ ئىزلەپ، جان ساقلىغۇدەك بىر يەر تېپىۋالساق، تەلىيىمىز كېلىپ قالسا كەلگۈسىدە يەنە بىر ئىش قىلساق بولارمىكىن دەيمەن. جامائەت بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟» - دېدى يالماك بىر كۈنى ھەمراھلىرىغا ۋە ئارقىدىنلا ئۇلارغا سىتروگانوۋنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
ئەسلىدە سىتروگانوۋ شۇ يەرلىك كاتتا سودىگەر بولۇپ، قورال كۈچى بىلەن كاما دەرياسى ئەتراپىدىكى بىر قىسىم يەرلەرنى بېسىۋېلىپ، كان ئېچىپ تۇز چىقىرىش ۋە تېرە - مال سودىگەرلىكى بىلەن شۇغۇللانغاچقا، چار پادىشاھ ئۇنى ناھايىتى ماختىغان ۋە ئۇنىڭغا بىرقانچە قېتىم پەۋقۇلئاددە رۇخسەتنامە بېرىپ، ئۇنىڭ قوشۇن توپلاپ شەرققە قاراپ كېڭىيىشىگە رۇخسەت قىلغان ئىدى.
ھەمراھلار يالماكنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ، پەقەت مۇشۇنداق تەسىر كۈچى بار ئادەمدىن پاناھ ئىزدىگەندىلا ئىستىقبالغا ئىگە بولغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشتى - دە، خۇرسەندىچىلىك بىلەن يالماكنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى.
سىتروگانوۋ، چار پادىشاھنىڭ كۈچ توپلاپ شەرقىي سىبىرىيە خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىش ھەققىدىكى بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان پەيتتە، يالماكنىڭ قوشۇن باشلاپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتتى. ئۇ، يالماكنىڭ قان ئىچەر دېڭىز قاراقچىسى ئىكەنلىكىنى، سىبىرىيە خانلىقىنى ئىستىلا قىلىشتا ئۇنىڭدەك مۇۋاپىق ئادەم يوقلۇقىنى بىلەتتى. شۇڭا، ئۇ ئۆز جەمەتىدىكى ئەسكەرلەردىن 300 ئادەمنى يالماكنىڭ 540 ئادىمىگە قوشتى - دە، بۇ قوشۇننى يالماكنىڭ قوماندانلىقىغا تاپشۇردى.
1581 - يىلى، يالماك 840 كىشلىك قوشۇننى باشلاپ شەرققە قاراپ يىراققا يۈرۈش قىلدى.
كاما دەرياسىدىن سىبىرىيە خانلىقىغا بېرىش ئۈچۈن ئورالدىن ئىبارەت چوڭ تاغنى بېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. بۇ تاغ ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى ئايرىپ تۇرىدىغان چېگرا بولۇپ، تاغنىڭ غەربىي، ياۋروپا، شەرقىي، ئاسىيا ھېسابلىناتتى. تاغ 2000 كىلومېتىردىن كۆپرەك ئۇزۇنلۇقتا بولسىمۇ، ئەمما ئانچە ئېگىز ئەمەس، ئوتتۇرا قىسىملىرى پەس، ئەڭ پەس يەرلىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 350 مېتىر ئەتراپىدا بولغاچقا، ئۇنىڭدىن ئۆتۈش قىيىن ئەمەس ئىدى. 2 - يىلى، ئۇلار ئورالدىن ئۆتۈپ سىبىرىيە خانلىقىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. 10 - ئايدا خانلىقنىڭ پايتەختىگە قىستاپ باردى.
سىبىرىيە خانلىقى، 15 - ئەسىردىكى مۇڭغۇللارنىڭ ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىن بۆلۈنۈپ چىققان بىر كىچىك دۆلەت ئىدى. چار پادىشاھ، قازان خانلىقىنى ئىستىلا قىلغاندىن كېيىن، سىبىرىيە خانلىقى روسىيىگە ئولپان تۆلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان ئىدى. كېيىنكى كۈنلەردە، گۇسۇخان تەختكە چىقىپ، ئىزچىل تۈردە بېقىندىلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ كويدا بولغانلىقتىن، چا پادىشاھ ئۇنى يوقىتىشقا نىيەت قىلدى.
گۇسۇخان، روسىيىلىكلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، قەتئىي تاقابىل تۇرۇشقا بۇيرۇق بەردى. خانلىقنىڭ ئارمىيىسىدە ئادەم كۈچى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما قوراللىرى ناھايىتى قالاق بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇزۇن نەيزە ۋە ئوق - يالاردىن ئىبارەت ئىدى؛ يالماكلارنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، قارا مىلتىق بىلەن قوراللانغانلىقتىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىۋالدى.
بىرقانچە قېتىملىق ئېلىشىش ئارقىلىق خانلىق ئارمىيىسىدە زىيان - زەخمەت زور بولۇپ، تاقابىل تۇرالمىدى. گۇسۇخان پۈتۈن سەپ بويىچە ھالاك بولۇپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ، ئامان قالغان قىسىملىرىنى باشلاپ پايتەختتىن يايلاقلارغا چېكىنىپ چىقىپ، ئۆزىنى ئوڭلىۋالغاندىن كېيىن، پايتەختنى تارتىۋالماقچى بولدى.
يالماك قوشۇنىنى باشلاپ كۆرەڭلىگەن ھلدا قۇرۇق شەھەرگە بېسىپ كىردى. ئارقىدىنلا، قورال كۈچى بىلەن ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنى ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلىدى. بىراق، ئادەم سانى كۆپ بولمىغان مۇنداق بىر قوراللىق قوشۇن بىلەن بۇ يەردە ئۇزاققىچە تۇرۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تېرە - مال قاتارلىق مول سوۋغا - سالاملار بىلەن چار پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن موسكۋاغا ئەۋەتىپ، سىبىرىيە خانلىقىنىڭ پايتەختىنى ئاللىقاچان ئىگەللىگەنلىكىنى مەلۇم قىلىپ، تېزلىكتە ھەمدەمچى قوشۇن ئەۋەتىشنى ئۆتۈندى.
چار پادىشاھ، يالماكنىڭ شەرققە يۈرۈشىدىكى غەلىبە خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ئاجايىپ خۇشال بولۇپ كەتتى ۋە بۇ قاراقچىلارغا ئىلھامنامە يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى گۇناھلىرىنى پۈتۈنلەي ئەپۇ قىلدى ھەمدە دەرھال ھەمدەمچى قوشۇن ئەۋەتىشكە ماقۇل بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، سىتروگانوۋ جەمەتىگە نۇرغۇن زىمىن بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تۆھپىسىگە ياخشىلىق قايتۇردى.
يالماك، چار پادىشاھ يادىكار قىلغان مىستا پەدەزلەنگەن، چىقىرىلغان ساۋۇتنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇنىڭ ئۇ تېخىمۇ كۆرەڭلەپ كەتتى - دە، چار پادىشاھنىڭ ھىممىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشقا بەل باغلىدى. ئۇ ئاشۇ ساۋۇتنى كىيىپ، قوراللىرىنى كۆرسىتىپ ھەيۋە قىلغان ھالدا قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئەتراپتىكى رايونلارنى داۋاملىق ئىستىلا قىلىشقا قوماندانلىق قىلدى.
بىراق يالماكنىڭ كۈنى يامان بولدى. ئەتراپتىكى ئاھالىلەر ئۇنىڭ قوشۇنىغا توختىماستىن تۇيۇقسىز زەربە بەردى. بىر قېتىمدا، 20 كازاك تاتلىق ئۇخلاۋاتقاندا پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. ئۇلار ئاشلىق ۋە قورال - جابدۇق جەھەتلەردە بارغانسېرى قىيىنچىلىققا بۇغۇلدى، ئەمما، ھەمدەمچى قوشۇن يەنىلا يېتىپ كەلمىدى.
كېيىنچە، ھەمدەمچىلەرنىڭ بىر شاھزادىنىڭ باشچىلىقىدا روسىيىدىن يولغا چىققانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلدى. يالماك كۈتۈۋېلىش نىيىتىدە دەرھال ئالدىغا باردى. ئەمما ھەمدەمچىلەر بىرنەچچە ئايغىچە يېتىپ كېلەلمىدى. ھالبۇكى، ئۇ خانلىقنىڭ پايتەختىدىن ئايرىلغان بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەردىن 40 كىشى يەرلىك ئاھالىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. ئارقىدىنلا گۇسۇخاننىڭ قوشۇنىمۇ يايلاق تەرەپتىن يالماكنىڭ ساقلىغۇچى قوشۇنىغا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى.
1584 - يىلى قىشتا، يالماك ئىنتىزار بولغان ھەمدەمچى قوشۇن يېتىپ كەلدى. بۇ ئۈمىتسىزلەنگەن يالماك ئۈچۈن ناھايىتى زور ئىلھام بولدى. ئەمما، بۇنىڭ قىزغىنلىقى تېزلىكتە ئۆتۈپ كەتتى، ھەمدەمچىلەر ئۇزۇن يوللۇق سەپەردە ئاجىزلاپ كەتكەچكە، ئۇلار بىلەن مۇداپىئەنى كۈچەيتىش مۇمكىن بولمىدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەم سانى كۆپىيىپ كەتكەچكە ئاشلىق يېتىشمىدى، قان بۇزۇلۇش كېسىلى ئەدەپ كېتىپ ھەش - پەش دېگۈچە بىرمۇنچە ئادەم ئۆلۈپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن يالماكنىڭ ئەھۋالى بارغانسېرى قىيىنلاشتى.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، يالماكقا: بۇ يەرگە نۇرغۇن مال يۆتكەپ كېلىۋاتقان بىر سودا كارۋىنى يايلاقتا گۇسۇخانلار تەرىپىدىن توسىۋېلىندى، دېگەن خەۋەر ئاڭلاندى. يالماك شۇ ھامان بىر تۈركۈم ئەسكەر بىلەن ئۇ يەرگە باردى. ئەمما ھېچنىمىنى ئۇچراتمىدى. ئەسلىدە، بۇ گۇسۇخاننىڭ بىر ھىيلىسى ئىدى.
يالماك ئۇ يەردە قۇرۇقتىن بىرنەچچە كۈن ساقلىغاندىن كېيىن ناھايىتى پەرىشان ھالدا قايتىشقا مەجبۇر بولدى، بىر كۈنى ئۇلار دەريا بويىدا كېچىلەش قارارى بىلەن توختىدى. ھاۋا تۇمان ئىدى، ئەتراپنى كۆرگىلى بولمايتتى، كۆپچىلىك بىردەمدىلا ئۇيقۇغا كەتتى.
تۈن نىسبىدە ئۇشتۇمتۇت ئالا - چۇقان كۆتىرىلدى. ئارقىدىنلا گۇسۇخاننىڭ قوشۇنلىرى زور تۈركۈملەپ كازاكلارغا ئاتلاندى، يالماك بەختكە يارىشا ساۋۇتنى يەشمىگەچكە، ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ قونالغۇدىن قېچىپ چىقىۋالدى.
ئۇر - چاپ سۈرەنلىرى يىراقلاشقاندىن كېيىن، يالماك ئۆزىنى ئەمەكلەپ تۇيۇقسىز زەربىدىن جېنىنى يانغا ئالدى. بىراق، ئۇ ئادەمنىڭ بېلىگە كېلىدىغان قورايلار ئارىسىدا قاچماقتا ئىدى. توساتتىن ئۇنىڭ پۇتى سۇغا كىرىپ كەتتى. سىنچىلاپ قارىۋىدى، ئالدىدا دەريا بارلىقىنى، دەريانىڭ قېشىغا ئانچە يىراق بولمىغان يەردە بىر قېيىق تۇرغانلىقىنى كۆردى.
يالماك خۇشلۇقىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي قىيىققا كۈچەپ سەكرىدى. كۈتۈلمىگەندە، قېيىققا سەكرىيەلمەي، دەرياغا تېيىلىپ كەتتى - دە، چار پادىشاھ يادىكار قىلغان سوۋغا ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولدى؛ ئۇچىسىغا كىيىۋالغان ساۋۇت ئېغىر بولغانلىقتىن ئۇ دەريادىن ئۆزىنى سۆرەپ چىقالمىدى.
خانلىقنىڭ پايتەختىنى ساقلاۋاتقان كازاكلار بۇ قورقۇنچلۇق خەۋەرنى ئاڭلاپ، دەرھال شەھەردىن چېكىنىپ چىقتى. گۇسۇخان ئۆزىنىڭ تەختىگە قايتىدىن كېلىپ ئورۇنلاشتى.
1586 - يىلىنىڭ بېشىدا، چار پادىشاھ شەرقتىكى سىبىرىيە خانلىقىغا يەنە بىر قېتىم ئىستىلاچى قوشۇن ئەۋەتكەندە، گۇسۇخان يەنە بىر مەرتىۋە جەنۇبىي يايلاقلارغا بۇرالدى. 1598 - يىلىغا كەلگەندە، سىبىرىيە خانلىقى ئاخىرى ئستىلا قىلىندى.
شۇنىڭدىن باشلاپ، سىبىرىيىنىڭ غەربىي قىسمى روسىيىنىڭ خەرىتىسىگە قوشۇۋېلىندى. ئارقىدىنلا، چار پادىشاھ داۋاملىق شەرققە يۈرۈش قىلىپ، سىبىرىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا كېڭەيمىچىلىك قىلدى. 17 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، ئىبلىس تىرنىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ سىبىرىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى جۇڭگونىڭ خېيلۇڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىغا سوزدى.