UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭكارنوسساغا سەپەر

كارنوسساغا سەپەر

بەش مىڭ يىل قەھرىتان قىش پەسىللىرى ئىدى، يىل بويى قار ئېرىمەيىدىغان ئالىپ تاغلىرىدا سوغاق ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق بولۇۋاتاتتى. سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان شىۋىرغاننىڭ بوشلۇقتا ھۇۋۇلدىشىغا جۆر بولۇپ لەپىدەلپ چۈشۈۋاتقان قار كۆك مۇز ئۈستىنى قاپلىغان ئىدى. ياۋايى ھايۋانلارمۇ ئوزۇقلۇق ئىزلەشكە چىقىشتىن يالتىيىدىغان مۇشۇنداق كۈنلەردە، ئون نەچچە ئاتلىق ئادەم ياۋرۇپا بويىچە ئەڭ چوڭ بۇ تاغ تىزمىسىدىن مۈشكۈل قەدەملەر بىلەن ئۆتمەكتە. ئاتلارنىڭ چاناقلىرى كېرىلگەن، ئېغىزدۇرۇق كۆپۈكتىن قىرو باغلاپ كەتكەن بولۇپ، ئاتلارنىڭ ھاسىراشلىرىدىن قوۋۇرغىلىرىمۇ بىردە كۆتىرىلىپ، بىردە ئىچكىرىگە تارتىشىپ تۇراتتى. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئۇزاق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى. كېلىشكەن ئاق ئارغىماققا مىنگەن 28 - 27 ياشلاردىكى بىر يىگىت ھاۋانىڭ جۇدۇن بولۇشىغا قارىماي، تۇمىقىنى بېشىدىن ئېلىپ، قار ئۇچقۇنلىرىنىڭ بېشىغا قونۇشىغا پىسەنت قىلماي كېتىۋاتاتتى. - ئالىلىرى بۇنداق قىلسىلا بۇرۇن، قۇلاقلىرى ئۈششۈپ قالىدۇ، - دىدى ئۇنىڭ ياساۋۇلى. - غۇدۇڭشىما، - دېدى ھېلىقى يالاڭباشتاق يىگىت تەرىنى تۈرۈپ، - ئالىپ تېغىنىڭ قار - شىۋىرغانلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمىسەم، ئاندىن كارنوسسا قەلئەسىدىكى پاپا سارىيى ئالدىدا بىر يىل يالاڭباشتاق تۇرالايمەن! ئەسلىدە، بۇ يىگىت گېرمانىيە پادىشاھى ھېنرى Ⅳ ئىدى. مىلادى 1056 - يىلى ئۇ تەختكە ئولتۇرغاندا، ئەمدىلا ئالتە ياشقا كىرگەن ئىدى. بۇرۇن كاتولىك ئېپىسكوپلىرىنى خىزمەتكە تەيىنلەش ھوقۇقىنى ئەمەلىيەتتە پادىشاھ تىزگىنلىۋالغانلىقتىن، رىم ۋاتىكانى بۇنىڭدىن ئىزچىل تۈردە نارازى بولۇپ كەلگەن ئىدى. كېيىن ۋاتىكان، پادىشاھنىڭ گۆدەكلىكىدىن پايدىلىنىپ، دىنىي جەمئىيەتنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېپىسكوپنى پادىشاھنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىشىگە قارشى چىقىپ، پادىشاھنىڭ ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولدى. 1073 - يىلى يېڭى سايلانغان پاپا گرىگورىⅣ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ:پاپانىڭ ھوقۇقى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئۇ ئېپىسكوپنى خىزمەتكە تەيىنلەش ۋە خىزمەتتىن قالدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پادىشاھنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرالايدۇ، سوراق قىلالايدۇ ۋە جازالىيالايدۇ، ئەمما ھېچكىم پاپىنى سوراققا تارتالمايدۇ، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ چاغلاردا 23 ياشقا كىرگەن ھېنرى Ⅳ پاپىنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى چەكلىشىگە ئەلۋەتتە يول قويمايتتى، شۇڭا بۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئېغىر توقۇنۇش يۈز بەردى. 1075 - يىلى، ھېنرى Ⅳ، پاپىنىڭ بۇيرۇقىغا قارىماي، نۇرغۇن ئېپىسكوپلارنى بوش ئورۇنلارغا خىزمەتكە تەيىنلىدى. پاپا بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ھېنرى Ⅳ گە خەت يېزىپ تەھدىت سالدى، ئۇنىڭدىن دەرھال تۆۋە قىلىشنى، يازما دوكلات قىلىشنى تەلەپ قىلدى، ھىنېرى Ⅳ بۇنىڭغا قايىل بولماي، 1076 - يىلى يانۋاردا دىنىي يىغىن چاقىرىپ، پاپىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، پاپىمۇ بىر قېتىملىق دىنىي يېغىندا، ھېنرىⅣ نىڭ پادىشاھلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ مۇرتەد قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. پاپىنىڭ بۇ جازاسى ھېنرى Ⅳ گە ئېغىر تەھدىت بولدى. ھېنرىⅣ كە چىش - تىرنىقىغىچە قارشى تۇرۇۋاتقان بەگلەر ۋە ئالى دىندارلار 7610 - يىلى ئۆكتەبىردە، ھېنرى Ⅳ پادىشاھلىق ھوقۇقىدىن ۋاقتىنچە ۋاز كېچىشى، پاپىغا سادىق بولىدىغانلىقىنى جاكارلىشى، بىر يىل ئىچىدە پاپىنىڭ گۇناھىدىن ساقىت قىلىش بۇيرۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم، ئۇنداق قىلمايدىكەن پادىشاھلىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، دېگەن قارارنى چىقاردى ھەمدە كېلەر يىلى فېۋرالدا گېرمانىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى ئاۋگىسبورگدا يىغىن ئېچىشنى، يىغىنغا پاپىنى تەكلىپ قىلىپ، ھېنرى Ⅳ ئۈستىدىن بىرلىكتە ھۆكۈم چىقىرىشنى قارار قىلدى. بۇنداق ئەھۋالدا، ھىنرى Ⅳ تامامەن پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىپ، پاپىنىڭ ھوقۇقىغا بوي سۇنىدىغان كاپالەتنامىگە قول قويۇشقا مەجبۇر بولدى ۋە ئۆزىنىڭ ئېغىر گۇناھلىرىغا تۆۋە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ھېنرى Ⅳ ئۇزاق ئۆتمەي، يەنە پاپىنىڭ رىمدىن شىمال تەرەپكە ئاتلىنىپ ئالىپ تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى كارنوسسا قەلئەسىگە يېتىپ بېرىپ، گېرمانىيە بەگلىرى ئۇنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن قوشۇننى كۈتۈۋالغانلىقىدىن، ئۆزى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، بۇ قېتىم پاپىغا يۈز تۇرانە باش ئەگمەي بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇڭا، پادىشاھلىق كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، ئاددىلا كىيىنىپ، ئاز ساندىكى ئادەملىرى بىلەن ئالىپ تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى كارنوسسا قەلئەسىگە بېرىپ، پاپىدىن يۈز تۇرانە كەچۈرۈم سورىماقچى بولدى. 1077 - يىلى يانۋارنىڭ ئاخىرىلىرىدا، ھېنرى Ⅳ ھەمراھلىرى بىلەن كارنوسسا قەلئەسىگە يېتىپ باردى. ئۇ قەلئەگە كىرىشتىن ئىلگىرى ئاتتىن چۈشتى - دە، قۇلاقچا، ئۆتۈكلىرىنى سېلىۋەتتى ۋە تۆۋە قىلغان گۇناھكارلارغا خاس كىگىزنى ئۇچىسىغا يېپىنىپ، قار - شىۋىرغانغا قارىماستىن ئاستا مېڭىپ قەلئەگە كىرىپ، پاپىنىڭ ئوردىسى ئالدىغا كەلدى. ئۇ چاغلاردا رىم دىنىي جەمئىيىتى دىنىي جەمئىيەتتىن قوغلاپ چىقىرىلغان ياكى دىنىي قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلغان كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان شەكىلدە تۈرلۈك تۆۋە قىلىش مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆز گۇناھىدىن ساقىت بولۇشىغا رۇخسەت قىلاتتى. ئۇنىڭ ۋاقتى بىر قانچە يىلغا سوزۇلاتتى. مەسىلەن، بەزىلەر يالىڭاياق ۋە يالاڭباشتاق ھالدا ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئىبادەتخانىغا كىرگەن بارلىق دىندارلارغا يالۋۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى تىلەيتتى، بەزىلەر ھاسا بىلەن ئۆزىنى ئۇراتتى ياكى تۆۋە قىلغۇچىلارغا ئۇرغۇزاتتى. ھاسا بىلەن 3000 قېتىم ئۇرۇپ بىر يىللىق گۇناھىنى ساقىت قىلاتتى؛ بەزىلەر مۇقەددەس جايغا بېرىپ تاۋاپ قىلىپ ياكى كۆپلەپ پۇل ئىنئام قىلىپ، تاكى دىنىي جەمئىيەت مەمنۇن بولغانغا قەدەر تۆۋە قىلىشنىⅣ ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن تۆۋە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىۋاستە پاپىغا يېلىندى. بىرىنچى كۈنى ئۆتۈپ كەتتى، ھېنرى Ⅳ كۈن بويى قارغا دەسسەپ تۇرۇپ قاتتىق يىغلاپ، پاپىنىڭ، گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىشنى تىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پاپىنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرەلمىدى. 2 -، 3 - كۈنلىرىمۇ شۇنداق بولدى. 4 - كۈنىگە كەلگەندە نۇرغۇن دىندارلارنىڭ ئۇنىڭ سەمىمىي تۆۋىسىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن پاپىغا يېلىنىشى ئارقىسىدا، ئاندىن پاپا ئۇنى قوبۇل قىلىشقا تەسلىكتە ماقۇل بولدى. پاپا گورىگورى Ⅶ شۇ يىلى 57 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئىرادىسى مۇستەھكەم، قاتتىق قول ئادەم ئىدى. پاپا بولۇپ سايلىنىشتىن ئىلگىرى 25 يىل داۋامىدا، ئىزچىل تۈردە رىم ۋاتىكانىدا خىزمەت قىلغاچقا، ۋاتىكاننىڭ ئىشلىرىنى بەش قولدەك پىششىق بىلەتتى، ئۇ ئۇچىغا چىققان ھوقۇق مەستانىسى ئىدى. ئۇ كۆز ئالدىدا يېلىنىپ باش ئۇرۇۋاتقان ھېنرى Ⅳ نى كۆرگەندە، كۆزلىرىدىن يوشۇرغىلى بولمايدىغان غەزەپ ئوتى چاقنىدى. - مەن ئاللا نامىدىن سېنى دىندىن چىقارغان، پادىشاھلىق ھوقۇقۇڭدىن مەھرۇم قىلغان ئىدىم، سەن يەنە قايسى يۈزۈڭنى كۆتىرىپ مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدىڭ؟ - پاپا ئالىلىرى، - دېدى ھېنرى Ⅳ كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا ئالاقىزادە بولۇپ، - ھۆرمەتلىك ئىگەم، مەن گۇناھىمنى بىلدىم، مەن تۆۋە قىلغانلىقىمنى سىزگە ئالاھىدە بىلدۈرگىلى كەلدىم، ماڭا رەھىم قىلىشىڭىزنى، ئىلتىپات قىلىشىڭىزنى تىلەيمەن. - ھىم، پاپا؟ - دەپ سوغاق كۈلدى گرىگورى ۋە شىرە ئۈستىدىن بىر ۋاراق قەغەزنى ئېلىپ، - سەن ماڭا خەت يېزىپ مېنى >ھازىر ئۇ پاپا ئەمەس، بەلكى ساختا روھانى< دېگەن ئەمەسمىدىڭ؟ سەن ماڭا >تەختتىن چۈشۈپ، ئۆمۈرۋايەت قاغىشقا ئۇچرا< دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئەمەسمىدىڭ؟ - يوقسۇ، يوقسۇ، مەن چىشىڭىزغا تەككەن ئاشۇ يارلىقنى بىكار قىلدىم، ھوقۇقىڭىزغا بوي سۇنۇش ھەققىدە ۋەدىنامە يازىم ھەمدە بۇ ئىككى ھۆججەتنى جاكارلىدىم، - دېدى ھېنرى ۋە قوينىدىن ئىككى ۋاراق قەغەزنى چىقىرىپ پاپىغا ئىككى قوللاپ سۇنۇپ بەردى. پاپا بۇ ئىككى ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەر تېپىپ بولغاچقا، ئۇنى ئېلىشقا قول سۇنماي، تەرىنى تۈرگەن ھالدا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: - ئاللا ئىنتايىن سەۋرىچان ۋە ئەپۇچاندۇر. بىز سېنىڭ چوڭ بولۇشۇڭ ھەم بىلىمىڭنىڭ كۈنسايىن ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئاللانىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىشىڭنى كۈتكەن ئىدۇق، ئاخىرى شۇنداق بولدۇڭ، بىز ساڭا ئاتاڭدەك مېھرىبانلىق بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئاللا بەرگەن شان - شەرەپ ۋە ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، دىنىي جەمئىيەتنىڭ ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىقڭنى ئۈمىد قىلغان ئىدۇق. لېكىن سەن ئاللانىڭ ئىلتىپاتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرمەي تەرسالىق قىلدىڭ، ئۆزەڭ ۋاز كەچكەن ئاللا ئالدىغا قايتىپ كېلىشكە ئۇنىمىدىڭ، بەلكى ئارقا - ئارقىدىن دىنىي جەمئىيەتنى پارچىلىدىڭ. شۇڭا مەن ئاللانىڭ ئەمرى بىلەن سېنى جازالاشقا مەجبور بولدۇم. ئەمدى يەنە نېمە دېمەكچىسەن؟ ھېنرىⅣ پاپىنىڭ قاتتىق تەنبىھىنى ئاڭلاپ، پەقەت بېشىنى يەرگە قويۇپ يىغلاپلا تۇردى، قايتا ئۆزىنى ئاقلاشقا پېتىنالمىدى. پاپىنىڭ يېنىدىكى قىزىل تونلۇق ئېپسكوپ ھەم ھېنرى Ⅳ كە ھەمراھ بولۇپ كەلگەن باش ئېپىسكوپ ۋە ئاقسۆڭەكلەر پاپىدىن ئارقا - ئارقىدىن پادىشاھنىڭ گۇناھىنى ساقىت قىلىشنى تىلەشتى، ئاخىرى پاپىنىڭ ئاغزى يۇمشاپ: - ئەھۋالدىن قارىغاندا، سەن راستىن قاتتىق تۆۋە قىپسەن، مەن ئاللا مەڭگۈ سەۋرىچان ھەم ئەپۇچان دېگەن ئىدىم. مەن ئۇنىڭ مېھرى - شەپقىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ساڭا بەرگەن جازانى )دىندىن قوغلاپ چىقىرىشنى دېمەكچى( ئېلىپ تاشلاپ، ھازىر سېنىڭ قايتىدىن دىنىي جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ كېلىشىڭگە رۇخسەت قىلىمەن. ئەمما، سېنىڭ پادىشاھلىق ھوقۇقۇڭنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيمەن. سەن ئاللا ئالدىدا قەسەم قىلىشىڭ كېرەك ھەمدە مۇشۇ سورۇندىكىلەر قەسىمىڭگە گۇۋاھ بولۇشى كېرەك، - دەپتۇ. - بىز قەسىمىگە گۇۋاھ بولۇشنى خالايمىز، - دېدى سورۇندىكىلەر قىزىل تونلۇق ئېپىسكوپ، باش ئېپىسكوپ ۋە ئاقسۆڭەكلەر. پاپىنىڭ قولىنى سىلكىشى بىلەن ھېنرىⅣ دەرھا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىلتىپاتىغا تەشەككۈر ئېيتتى ۋە بۇرۇنقى گۇناھلىرىنى پاپىنىڭ ئىرادىسى بويىچە يۇيۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قەسەمنامە يازدى. ئېپىسكوپلار شۇئانلا قەسەمنامىگە ئىمزا قويۇپ، گۇۋاھلىق بەردى. پاپا قول ئىشارىسى قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ قىزىل چاپان ئېپىسكوپنى ئالدىغا چاقىرىپ دېدى: - دەرھال بىر ھۆججەت تەييارلىنىپ، ھېنرىⅣ نىڭ بۇ جايدا تۆۋە قىلىش جەريانى بايان قىلىنسۇن، ئۇنىڭ قەسەمنامىسىمۇ قوشۇپ قويۇلسۇن. بۇ ھۆججەت تېزلىكتە گېرمانىيە پادىشاھلىقىنىڭ بارلىق بەگلىرىگە ئەۋەتىپ بېرىلسۇن! ھېنرىⅣ پاپىنىڭ كەچۈرۈم قىلىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ياساۋۇللىرى بىلەن كارنوسسا قەلئەسىدىن ئايرىلدى. كېيىنكى كۈنلەردە >كارنوسساغا سەپەر< دېگەن سۆز خورلىنىپ تەسلىم بولۇش بىلەن مەنىداش سۆز بولۇپ قالدى. بىراق، پادىشاھ بىلەن پاپا ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بۇنىڭ بىلەنلا ئاياقلىشىپ قالمىدى. ھېنارىⅣ نىڭ كارنوسسادا ھاقارەتلىنىشى ئۇنىڭغا ھوقۇق ۋە خاتىرجەملىك ئېلىپ كەلمىدى. ئۇ گېرمانىيىگە قايتىپ كەلگەن چېغىدا، ئۇنىڭغا قارشى بەگلەر ئۇنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، يېڭى پادىشاھ سايلاپ چىقىپ ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن ئىدى. يېڭى پادىشاھ دەرھال پاپا بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىگە ھەر قايسى جەھەتلەردىن بوي سۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ھەتتا ئۆز ئوغلىنى گۆرەگە قويۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ قېشىغا ئەۋەتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ھېنرى Ⅳ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن، ئۆزىگە سادىق قوشۇننى ئىشقا سېلىپ يېڭى پادىشاھقا قارشى جازا يۈرۈش قىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن، پاپىدىن يېڭى پادىشاھقا قارشى تۇرۇشنى ئۆتۈندى. پاپا، ھېنرى Ⅳ نىڭ ئۆز بۇيرۇقىغا بوي سۇنمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، داۋاملىق ھەربى ھەركەت قوللاندى. 1080 - يىلى مارتتا ھېنرى Ⅳ نى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، دىندىن چىقىرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. بۇ قېتىم ھېنرى Ⅳ بىر قىسىم ھەربى كۈچنى قولغا چۈشۈرۈۋالغاچقا، پاپىغا تىز پۈكۈپ تەسلىم بولمىدى. ئۇ شۇ يىلى ئىيوندا، ئۆزىنى قوللىغۇچى دىنىي يىغىننى مۇناسىپ قارار ماقۇللاشقا كۈشكۈرتۈپ، پاپىنى ئىككىنچى قېتىم ئەمەلدىن قالدۇردى، ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يەنە بىر قېتىملىق جەڭدە يېڭى پادىشاھنى تەل - تۆكۈس مەغلۇپ قىلدى. شۇندىن ئېتىبارەن، ھېنرىⅣ نىڭ ھوقۇقى چوڭىيىپ، پاپىنىڭ ئەھۋالى خاراپلىشىشقا باشلىدى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، ھېنرى Ⅳ رىم پاپىسىنىڭ ھاقارىتىگە ئۇچرىغانلىق ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن قوشۇن باشلاپ كېلىپ، ئىتالىيىگە ھۇجۇم قىلدى. پاپا، ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى كىنەزلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ھېنرىⅣ نىڭ ئەسكىرىي كۈچى كۆپ بولغاچقا، 1084 - يىلى مارتتا ئاخىرى رىمنى قولدىن بېرىپ قويدى، ئارقىدىنلا ھېنرى Ⅳ مۇقەددەس رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ پادىشاھلىق تاجىنى كىيدى، پاپا ئالاقىزادە بولۇپ جەنۇپقا قاچتى ۋە 1085 - يىلى ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدا ئۆلدى. 1106 - يىلى ھېنرى Ⅳ مۇ ئۆلدى. لېكىن ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى بىلەنلا ئاياقلاشمىدى. 1122 - يىلغا كەلگەندە، ئىككى تەرەپنىڭ ۋارىسلىرى، گېرمانىيىنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى ۋورمىسىت شەھىرىدە دىنىي كېلىشىم تۈزدى. ئىككى تەرەپ گېرمانىيە دائىرىسىدىكى ئېپىسكوپلارنىڭ ئەمدى پادىشاھ تەرىپىدىن بىۋاستە تەيىنلەنمەيدىغانلىقىنى، دىندارلارنىڭ سايلىمى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدىغانلىقىغا قوشۇلدى. لېكىن بۇ خىل سايلام پادىشاھ ياكى ئۇنىڭ ۋەكىلىنىڭ قاتنىشىشى ئارقىسىدا ئېلىپ بېرىلىشى شەرت قىلىندى؛ ئېپىسكوپلارنىڭ غۇجىدارلىق يېرىدىكى سىياسى ھوقۇقى پادىشاھ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان، دىنىي ھوقۇقى پاپا تەرىپىدىن بېرىلىدىغان بولدى. مانا بۇ - تارىختا مەشھۇر>ۋورمىست دىنىي كېلىشىمى<. بۇنىڭ بىلەن، رىم پاپىسى بىلەن گېرمانىيە پادىشاھى ئوتتۇرىسىدا 40 نەچچە يىل داۋاملاشقان ئېپىسكوپنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھوقۇقىنى تالىشىش ماجراسى ۋاقتىنچە ئاياقلاشتى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ