UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭبۈيۈك چارلېس

بۈيۈك چارلېس

بەش مىڭ يىل مىلادى 774 - يىلىنىڭ بىر كۈنى، فرانكلارنىڭ كاتا بىر قوشۇنى ئالپىس تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى لومباردىيە پادىشالىقىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى. ئالپىس تاغلىرى ياۋروپا بويىچە ئەڭ چوڭ تاغ تىزمىسى بولۇپ، ھەيۋەت بىلەن ئاسمان - پەلەك قەد كۆتىرىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ يىل بويى قار ئېرىمەيدىغان ئاق باش چوققىلىرى بار، غارلىرى پۈتۈنلەي مۇزلۇقلاردىن ئىبارەت. قوشۇن ئەلمىساقتىن بۇيان ئىنسان ئايىغى تەگمىگەن چۆللۈكلەر، چوققىلىرى بۇلۇتقا تۇتاشقان قىيا تاغلاردىن ئۆتۈش كېرەك بولۇپ، سەپەر ھەقىقەتەن ناھايىتى مۇشەققەتلىك ئىدى. لېكىن، بۇ كاتتا قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىۋاتقان فرانك پادىشالىقىنىڭ پادىشاھى چارلېسقا بۇ مۇشەقەتلەر ھېچقانچە بىلىنمىدى. ئۇ ئەمدىلا 32 ياشقا كىرگەن، كۆزلىرى ئۆتكۈر، ساغلام، قۇۋۋەتلىك ئادەم بولغاچقا، ئالپىس تاغلىرىنىڭ شىۋىرغانلىرى بەرداشلىق بېرەلەيتتى. ئۇ بېشىغا تۆمۈر دوبۇلغا، قوللىرىغا تۆمۈر قولقاپ، كۆكرەك، گەجگە ۋە يوتىلىرىغا تۆمۈر ساۋۇت كىيىۋالغان بولۇپ، پۈتۈن بەدىنىنى تۆمۈر بىلەن ئورىۋالغان ئىدى. ئۇ سول قولىدا تۆمۈر نەيزە تۇتۇپ، ئوڭ ۇلىدا يېنىغا ئېسىۋالغان خەنجىرىنىڭ سېپىنى تۇتۇپ ماڭاتتى. تەبىئىكى، ئۇ مىنىۋالغان تۇلپارنىڭ رەڭگىمۇ قارا ئىدى. پۈتكۈل قوشۇندىكلەرنىڭ جابدۇنۇشى چارلېسنى ئۈلگە قىلغان ئىدى، قوشۇن تاغلىقتا كېتىۋاتقاندا تۆمۈر قوراللاردىن چاقنىغان نۇرلار ئەتراپتا يالتىرايتتى. فرانك پادىشالىقى غەربىي ياۋروپادىكى ۋارۋارلار پادىشالىقلىرى ئارىسىدا ئەڭ قۇدرەتلىگى ئىدى. 5 - ئەسرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، فرانكلار غەربىي رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ گاللىيىدىكى ئەڭ ئاخىرقى زىمىنىنى ئىشقال قىلدى. مىلادى 7451 - يىلى چارلېسنىڭ دادىسى فرانكنىڭ پادىشالىق تەختىگە چىقتى. 768 - يىلى چارلېس تەختكە چىققاندىن كېيىن، فرانك پادىشاھلىقىنىڭ دۆلەت كۈچى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە قۇدرەت تاپتى. بۇ قېتىمقى لومباردىيىگە يۈرۈش قىلىش، چارلېسىنىڭ فرانك پادىشالىقىغا پادىشاھ بولغاندىن كېيىنكى بىرىنچى قېتىملىق بىۋاسىتە يۈرۈش قىلىشى ئىدى. لومباردىيىنىڭ پادىشاسى، چارلېسنىڭ قېيناتسى ئىدى. بۇنداق تۇرسا، چارلېس نېمىشكە قېيناتىسىنىڭ دۆلەت زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىدۇ؟ ئەسلىدە، لومباردىيىلىكلەر رىمغا كۆپ قېتىملىق ھۇجۇم قىلغان، چارلېس رىم پاپىسىنىڭ تەلىۋى بويىچە لومبادىيىگە ھۇجۇم قىلغان. لومباردىيىلىكلەر ئۇرۇشتا يېڭىلگەن. چارلېس، لومباردىيە پادىشاسىنىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئالغان. تەبىئىكى، مەلىكە، چارلېسنىڭ ۋاپادارلىقىغا ئېرىشەلمىگەن. لومباردىيە پادىشاسى ناھايىتى خاپا بولۇپ، چارلېس بىلەن قارشىلىشىشقا قەسەم ئىچكەن. چارلېس پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، لومباردىيە پادىشالىقىنى بوي سۇندۇرۇپ، ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىنى فرانك تەۋەلىكىگە قوشۇۋېلىش قارارىغا كەلگەن. فرانك ئارمىيىسى ئالپس تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، ئىزچىل تېزلىك بىلەن شەرققە قاراپ يۈرۈش قىلىپ، ئىنتايىن تېزلىكتە لومباردىيىنىڭ پايتەختى باۋىيىگە قىستاپ كەلدى. لومباردىيە پادىشاسى ئۆزىنىڭ كۈيوغىلى چارلېسنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغاچقا، ئۇنىڭ ئارمىيىسىنىڭ پايتەختكە قىستاپ كەلگەنلىگىنى ئاڭلاپ، شەخسەن ئۆزى ئىگىز بىر مۇنارىغا چىقىپ نەزەر سالدى. بىر فرانك ئاقسۆڭىكىمۇ پادىشاغا ھەمراھ بولۇپ مۇنارىغا چىقتى. ئۇ بۇرۇن چارلېسنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغانلىقتىن، لومباردىيىگە قېچىپ كېلىۋالغان ئىدى. فران ئارمىيىسى يىراقتىن كۆرۈندى. - ئاشۇ ئىچىدە چارلېسمۇ بارمۇ؟ - دەپ سورىدى پادىشاھ، ئاقسۆڭەكتىن. - يوقسۇ، - دېدى ئاقسۆڭەك بېشىنى چايقاپ، - ئۇلار چارلېسنىڭ يۈك ھارۋىلىرى. - نېمە دېگەن كۆپ - ھە! - دەپ چۆچۈدى پادىشاھ. ئارقىدىنلا چەۋەندازلارنىڭ كاتتا قوشۇنى كۆرۈندى - دە، - چارلېس جەزمەن ئاشۇ قوشۇندا بار، - دەپ جگزىم قىلدى. - يوقسۇ، پادىشاھى ئالەم، ئۇنىڭدىمۇ يوق. - ھە، - دېدى پادىشاھ ئىنتايى ئالاقزادە بولۇپ، - ئەجەبا ئۇنىڭ تېخى بۇنىڭدىنمۇ زور قوشۇنى بارمۇ؟ ئۇ زادى قەيەردە؟ بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ - ئۇ يېتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىگىنى كۆرىلا، پادىشاھى ئالەم. قانداق قىلىش كېرەكلىگىنى مەنمۇ بىر نېمە دېيەلمەيمەن. ئۇلار سۆزلىشىۋاتقاندا، چارلېسنىڭ ئەتراپىدا يۈرىدىغانلار ئۇلارنىڭ كۆزىگە كۆرۈندى. پادىشاھ زىچ ھەم رەتلىك ھالدا كېلىۋاتقان قوشۇننى كۆرۈپ: - ئەزبىراھى خۇدا، چارلېس كەلدى! - دەپ ئالاقزادىلىك بىلەن توۋلىۋەتتى. ئەمما ھېلىقى ئاقسۆڭەك ئاۋالقىدەكلا ئىنكار قىلدى: - يوقسۇ، ئۇلارمۇ ئەمەس، ئۇلاr چارلېسنىڭ ئېپىسكوپ، مۇناستىر باشلىقلىرى، ئوردا ئۇستازلىرىدىن تەركىپ تاپقان قوشۇنى پادىشاھى ئالەم، ئېكىنزالىقتا قويۇق ئۆسكەن زىرائەتلەردەك تۆمۈرلەر پەيدا بولۇپ، تۆمۈرلەردىن ئەكس ئەتكەن نۇر بىلەن دەريا قاراڭغۇ كۆرۈنگەندە چارلېس كەلدى دەپ بىلگەيلا! ئاقسۆڭەكنىڭ سۆزى شۇ يەرگە كەلگەندە، غەرپ تەرەپتىن بىر پارچە قارا بۇلۇت ئەگىپ كەلدى، سۈزۈك ھاۋالىق كۈندۈز دەرمەھەلدىلا قورقۇنچلۇق زۇلمەت قاراڭغۇلۇقىغا چۆمدى؛ چارلېس ئارمىيىسىنڭ يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن جەڭچىلەردىكى شەمشەرلەردىن ئەكىس ئەتكەن نۇرلاr زۇلمەت قاراڭغۇلۇقنى يوپ - يورۇق كۈندۈزگە ئايلاندۇردى. ئەمما بۇ يورۇقلۇق لومباردىيىنىڭ پادىشاسى ۋە ئۇنىڭ مۇداپىئە ئارمىيىسىگە قاراڭغۇ كېچىدىنمۇ بەكرەك زۇلمەتلىك بولۇپ كۆرۈندى. - ئەنە، جاناپلىرى كۈتكەن چارلېس ئەنە ئاشۇ يەردە! - ئاقسۆڭەك سۆزىنى تۈگىتىپلا، داڭقېتىپ قالغان پادىشاھنى يېتىلەپ تېزلىكتە مۇنارىدىن پەسكە چۈشتى. پادىشاھ ئالاقزادىلىك ئىچىدە قول ئاستىدىكىلەرگە: - شەھەر دەرۋازىسىنى مەھكمە تاقاڭلار! مەھكەم تاقاڭلار! - دەپ تەكرار جېكىلىدى. چارلېس، پاۋىيە شەھىرىنىڭ دەۋازىسى مەھكەم تاقالغانلىقىنى كۆرۈپ كۈلدى ـ دە، ئادەملىرىگە: - بولۇپتۇ ئەمىسە، شەھەرگە بۈگۈنچە كىرمەيلى. بىراق، خەقنىڭ بىزنى مۇشۇ بىر كۈننى يالقاۋلىق بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتتى دەپ ئەيىپلىمەسلىگى ئۈچۈن. سىلەردىن دەرھال ئۆزلىرىڭلارغا بىر كىچىك ئىبادەتخانا ياساپ چىقىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن؛ ئەگەر ئۇلاr دەرۋازىنى تېزرەك ئېچىپ بەرمىسە بىز بۇ يەردە تەقۋادارلىق بىلەن ئاللاغا چوقۇنىمىز! - دېدى. چارلېسنىڭ سۆزى بىلەن تەڭلا، قول ئاستىدىكىلەر تەرەپ - تەرەپكە چاپتى. تاش، ئاھاك، ياغاچ ۋە سىر بوياقلارنى تېپىپ كېلىپ، ھەر قانچە چارلېسقا ئەگىشىپ يۈرىدىغان ماھىر ئۇستىلارغا تاپشۇردى. ئۇلار بىر نەچچە سائەت ئىچدىل تام - تورۇسلىرى راۋۇرۇس ھەمدە كوڭگۇرلۇق شىپ ۋە تاشم رەسىملىرى بىلەن بىزەلگەن بىر ئىبادەتخانا ياساپ چىقتى. 2 - كۈنى تاڭ سەھەردە، لومباردىيە پادىشاسى شەھەر دەرۋازىسى ئۈستىگە چىقتى ـ دە، ھەيرانلىق ئىچىدە بىر كېچىدىلا ئۆز شەھىرى ئالدىغا ئەپسانىلەردىكى تىلسىماتقا ئوخشاش ھەيۋەتلىك بىر ئىبادەتخانا پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى كۆردى. ئۇنىڭ مۆلچىرىچە، مۇندق ئىبادەتخانىنى كەم دېگەندىمۇ بىر يىلدا ياساپ چىققىلى بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نائىلاج بولدى - دە، كۈيئوغىلى چارلېس پادىشاغا تەسلىم بولدى ھەمدە ئۆزىنى ئۆمۈرلۈك سۈرگۈن قىلىش شەرتىنى قوبۇل قىلىپ، چارلېسنىڭ ئوغلىنى لومباردىيە پادىشالىقىنىڭ ئەمىرلىكىگە تۇرغۇزدى. شۇنداق قىلىپ، ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمى، فرانك پادىشالىقىنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتتى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا، چارلېس يەنە جەنۇب تەرەپتىكى ئىسپانىيىگە ھۇجۇم قىلدى. فرانك پادىشاھلىقى بىلەن ئىسپانىيە ئوتتۇرىسىدا تىك ھەم ئۇزۇن سوزۇلغان پىرېنېي تاغم تىزمىسى بار ئىدى. 778 - يىلى چارلېس، ئارمىيىنى باشلاپ بۇ تاغ تىزمىسىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، غەربىي جەنۇبقا قاراپ ئاتلاندى، ئەمما شۇ ھامانلا ئىسپانلارنىڭ شىددەتلىك قارشىلىقىغا ئۇچراپ، نائىلاق ئارقىغا چېكىندى. چېكىنپ قايتىش سەپىرىدە، ئۇنىڭ ئارقا سەپ قوشۇنى پىرېنېي تېغىنىڭ لانسىۋىل جىلغىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، يەرلىكلەرنىڭ تۇيۇقسىز زەربىسىگە ئۇچرىدى. بۇ يەرلەر ناھايىتى كەڭ ھەم قويۇق ئورمانزارلىقلاr بىلەن ئورالغاچقا، يوشۇرۇنۇشقا ئىنتايىن باپ كېلەتتى. ئارقا سەپ قوشۇنى ئۇزۇن قاتار بولۇپ تار جىلغىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا كەچ كىرىپ قالغان ئىدى. يەرلىكلەر قاراڭغۇدا باتۇرلۇق بىلەن جىلغىغا بېسىپ چۈشۈپ، ئارقا سەپ قوشۇنىنىڭ ئوفىتسېر - جەڭچىلىرىدىن بىرىنىمۇ قويماي دېگۈدەك يوقاتتى؛ ئاخىرىدا يۈك ھارۋىلىرىنىمۇ تارتىۋېلىپ، جەڭ مەيدانىدىن ئۇچقاندەك چىقىپ كەتتى. بۇ قېتىمقى تۇيۇقسىز زەربىدە چارلېسنىڭ قول ئاستىدىكى بىر سەركەردە جەڭ قىلىپ ئۆلدى. بۇ جەڭنى كېيىنكى كۈنلەردىكى ئەدىپلەر تىپىكلەشتۈرۈپ تەسۋىرلەپ مەشھۇر بىر داستان، يەنى فرانسىيىنىڭ ئەڭ مۇقەددەم مىللىي داستانى >رولەند قوشىغى< قىلىپ يېزىپ چىققان ئىدى. 23 يىلدىن كېيىن، زېمىن كېڭەيتمىچىلىگىنىڭ مەستانىسى چارلېس شاھ، پىرېنېي تېغىدىن يەنە بىر قېتىم ئۆtۈپ، ئىسپانىيىگە يۈرۈش قىلدى ۋە ئاقىۋەت بۇ تاغنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ زېمىنلارنى كاپ ئېتىۋەتتى ھەمدە ئۆزىنىڭ يەنە بىر ئوغلىنى بۇ يەرنىڭ ئەمىرلىكىگە بەلگىلىدى. چارلېسنىڭ ئۆمۈر بويى قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشلىرى ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغىنى - ئۇنىڭ شىمالدىكى ساكسونلارنى بوي سۇندۇرۇش يولىدىكى ئۇرۇشى بولدى. ئۇ خىرىستىيان دىنىنى تارقىتىشنى بانا قىلىپ، 772 - يىلىدىن باشلاپ، ئىلگىرى - ئائىىر بولۇپ سەككىز قېتىم ھۇجۇم قىلدى، بۇ ئۇرۇش 33 يىل داۋام قىلدى. بۇ جەرياندا، ساكسۇنلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، فرانكلارنڭ نۇرغۇن سەركەردىلىرى، بارونلىرى ۋە خىرىستىيان دىن تارقاتقۇچىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. چارلېس ئىنتايىن ۋەھشى ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، كۆرۈگە تۇتۇلغان 4500 ساكسوننى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلىدى. ئۇ يەنە قول ئاستىدىكىلەرگە بارلىق ساكسون ئۆسمۈرلىرىنى قىلىچ بىلەن ئۆلچەپ بېقىپ، بويى قىلىچتىن ئېچىپ كەتكەنلىرىنىڭ كاللىسىنى ئېلىشقا بۇيرۇدى. 804 - يىلى ساكسونلار ئاخىرى بوي سۇندۇرۇلۇپ، فرانك پادىشاھلىقىنىڭ پۇقراسىغا ئايلاندى. فرانك پادىشاھلىقى زېمىنىنىڭ كۈندىن كۈنگە كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، چارلېس پادىشاھ دېگەن ئاتاققا قانائەت قىلىمايدىغان بولۇپ قالدى. 799 - يىلى رىم ئاقسۆڭەكلىرى پاپا لېۋ Ⅲ كە قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭ كۆزىنى جاراھەتلەندۈردى. لېۋ، چارلېستىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئۆتۈندى. چارلېس شۇ ھامان رىمغا لەشكەر باشلاپ كىردى. رىم ئاقسۆڭەكلىرى چارلېسلارنىڭ قارىسىنى كۆرۈپلا تىكىۋەتتى؛ ئەمما ئۇلار ئىنتايىن تېزلىكتە چارلېسلار تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىندى. چارلېس بۇ ئاقسۆڭەكلەرگە پاپىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن، ئۆلۈم جازاسى بەردى ياكى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بەردى. 800 - يىلى روژدېستۋو بايرىمى كۈنى، سانپېتىر چېركاۋسى پۈتۈنلەي يېڭىچە بىزەلگەن بولۇپ، چىراقلار چاقناپ تۇراتتى. پاپا، چارلېسنىڭ ھىممىتىگە جاۋاۋەن بۇ يەردە ئۇنىڭغا تاج كىيدۈرۈپ ئۇنى >رىملىقلارنىڭ پادىشاھى< دەپ ئاتىدى. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن فرانك پادىشالىقى >چارلېس ئىمپرىيىسى< دەپ ئاتلادى، پادىشا چارلېس >ئىمپىراتور چارلېس" دەپ ئاتالدى. چارلېس، فرانكقا ھۆكۈمرانلىق قىلغان 47 يىل ئىچىدە، قورال كۈچى بىلەن دۆلەت زېمىنىنى بىر ھەسسە كېڭەيتتى. ھازىرقى فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، يۇگوسلاۋىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىر مۇنچە جايىلىرى ئەينى زاماندا ئىمپىراتور چارلېسنىڭ ئىمپىرىيىسىگە قاراشلىق ئىدى. بىراق، بۇ ئىمپرىيىدە بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي بازىس يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر يىلى ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرغان ئۇرۇشلار تۈپەيلى دېھقانلارنىڭ سېلىقى ناھايىتى ئېغىرلىشىپ كەتكەن ئىدى، شۇڭا جايلاردا ئارقا - ئارقىدىن ئىسيانلار كۆتىرىلدى، فېئودال قورۇق ئىگىلىرى پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئىتائەت قىلمىدى. چارلېسنىڭ 3 - ئەۋلادى بولغان ئۈچ نەۋرىسى ئوتتۇرىسىدا ئىچكى ئۇرۇش بولغان چاقا كەلگەندە، ئىمپىرىيە تېخىمۇ پارچىلىنىشقا يۈزلەندى. 843 - يىلىغا كەلگەندە، پادىشالىقنى تالاشقان ئۈچ تەرەپ ۋېردېندا توختام تۈزۈپ، ئىمپىرىيىنى ئۈچ بۆلەككە بۆلدى. كېيىنكى كۈنلەردە، بۇ ئۈچ بۆلەكنىڭ زېمىن تۋەلىكلىرىدىمۇ بەزى ئۆزگىرىشلەر بولدى. 9 ـ ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىغا كەلەەندە، چارلېس ئىمپىراتورلۇغىنىڭ بۇرۇنقى زېمىنىدا: غەربىي فرانك، يەنى غەربىي فرانسىيە پادىشاھلىقى، شەرقىي فرانىك، يەن نېمىس پادىشالىقى؛ ئىتالىيە پادىشالىقى قاتارلىق ئۈچ پادىشاھلىق بارلىققا كەلدى. زامانىمىزدا غەربىي ياۋروپادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئاساسلىق ئۈچ دۆلەت - فرانسىيە، گېرمانيە، ئىتالىيىلەرنىڭ زېمىن تەۋەلىگى ئەنە شۇ چاغد شەكىللەنگەن ئىدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ