UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭھۆرىيەت ئوغلانلىرى

ھۆرىيەت ئوغلانلىرى

بەش مىڭ يىل ئامېرىكا - 18 - ئەسىردە پەيدا بولغان يېڭى مەملىكەت، ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىش ۋە تەرەققىي قىلىشىدا، راستتىنلا ئاجايىپ بىر تارىخىي جەريان بار! مىلادى 1765 - يىل 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شەرقىي دېڭىز بويىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەردە غەزەپلەنگەن كۈرمىڭ ئامما كوچىلارغا چىقىپ مىغىلداپ كەتتى. «بىزگە ماركا بېجى كېرەك ئەمەس! ئەركىنلىك كېرەك!» «ئەركىنلىك بېرىلسۇن، ماركا بېخى ئېلىنمىسۇن!» ئۇلار شوئار توۋلاپ، ئەنگىلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ماركا بېجى ماركىسى ساتىدىغان ئەنگىلىيە ئەمەلدارلىرىنى تۇتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە قاراماي سۈرتۈپ، توخۇ پەيلىرىنى چاپلاپ، كوچىدا سازايى قىلدى. - قاراڭلار! ئەنگىلىيىلىك خوجايىن بەدىنىگە ماركا بېجى ماركىسىنى چاپلىۋاپتۇ! - ھا... ھا! راستكەن، ھەممە يېرىگە چاپلىۋاپتۇ! كوچىغا ئەتىگەندىلا گۇلخانلار يېقىلدى، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ماركا بېجى ماركىسى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلدى. پورت شەھىرى نيۇ - يوركتا، ئامما ئەنگىلىيە باش ۋالىسىنىڭ سارىيىغا باستۇرۇپ كىردى ۋە ئەنگىلىيىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىنىڭ كوماندىرلار ياتىقىنى ۋەيران قىلىۋەتتى. شىمالدىكى بوستۇندا، ئامما ئەنگىلىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش سوت ئەمەلدارىنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، بارلىق سەرەمقانلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى، ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسىنى كوچىغا تاشلىۋەتتى. جەنۇبتىكى چارلىزتوندىكى ئاممىمۇ ئەنگىلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ماركا بېجى ماركىلىرىنى تەكشۈرۈپ، قولىغا چىققانلىكى ماركىلارنى كۆيدۈردى. ئوت پۈتۈن بىر كېچە كۆيۈپ، ئەنگىلىيىنىڭ بارلىق ماركا بېجى ماركىلىرى ئۆرتەلدى. ئەنگىلىيىنىڭ ماركا بېجى ماركىسى نېمە ئۈچۈن شىمالىي ئامېرىكىنىڭ شۇنچە قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن، گەپنى شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىسىنى كېيىنرەك، 1607 - يىلىدىن باشلاپ قۇرۇلدى. ئەمما، ئەنگىلىيىدىن شىمالىي ئامېرىكىغا كۆچۈپ بارغان كۆچمەنلەر ھەممىدىن كۆپ ئىدى. «يەر قوتانلش ھەركىتى» كەڭ ئەنگىلىيە دېھقانلىرىنى يەرلىرىدىن ئايرىۋەتتى، ئۇلار پاناھ بولغۇدەك جاي تاپالماي، يۇرت - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، تۇرمۇش يولى ئىزلەپ ئامېرىكا قىتئەسىگە كېلىپ، شىمالىي ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىنى ئاچقۇچىلاردىن بولۇپ قالدى، ئەمما، ۋەيران بولغان دېھقانلار يىراق ئوكيانلارنى كەزگۈدەك يول راسخودى نەدە بولسۇن؟ ئۇلار ئامېرىكا قىتئەسىگە كەلگەندە، كانىيىغىچە قەرزگە بوغۇلۇپ، قۇللۇققا مۇپتىلا بولدى. ئاق تەنلىكلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئامېرىكا قىتئەسىدە بەش يىلدىن يەتتە يىلغىچە قۇل بولدى. ئامېرىكا قىتئەسى ئەسلىدە ھىندىيانلارنىڭ يۇرتى ئىدى. مۇستەملىكچى دائىرىلەر ئۇلارنى قورال كۈچى بىلەن كەڭ كۆلەمدە قىردى؛ يا بولمىسا، ئۇلارنى گىياھ ئۈنمەيدىغان جېنىدىن جۇدا قىلدى. مۇستەملىكچى دائىرىلەر ھىندىيانلارنى يوقىتىپ بىر يەرگە بارغاندىن كېيىن، ئافرىقىدىن نۇرغۇن نېگىرلارنى سېتىۋېلىپ قۇل قىلدى. ئۇلارنى قامچىلاپ، جاپالىق ئەمگەككە سالدى. شۇڭا، ئامېرىكىنى ئېچىش تارىخى ھىندىيانلار، نېگىرلار ۋە ئاق تەنلىك قۇللارنىڭ قان يىغلىغان تارىخىدۇر. ئەنگىلىيە 100 يىلدىن ئارتۇق باش قاتۇرۇپ، ئاتلانتىك ئوكيان بويىدا 13 مۇستەملىكە قۇردى. ھەر بىر مۇستەملىكىدە ئەنگىلىيىنىڭ باش ۋالىسى ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 1765 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە، بۇ 13 مۇستەملىكىنىڭ نوپۇسى 3 مىليونغا (بۇلاردىن 600 مىڭى نېگىر) يەتتى ھەمدە بۇ يەرلەردە توقۇمىچىلىق، ياغاچ كېسىش، كانچىلىق، تۆمۈر ئېرىتىش، كېمىسازلىق قاتارلىق خىلمۇ خىل سانائەتلەر قۇرۇلدى. نۇرغۇن ئېكىنزارلىقلار ئېچىلدى. بايلىق كۆپەيگەن بولسىمۇ، لېكىن، مۇستەملىكىدىكى خەلقلەر خوجا دۆلەت بولغان ئەنگىلىيە تەرپىدىدىن قاتتىق ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىنىپ، شىمالىي ئامېرىكىدىن ئېلىنىدىغان باج ئەنگىلىيە مالىيىسىنىڭ مۇھىم مەنبەسى بولۇپ قالدى. 1765 - يىلى، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئېكىسپىلاتاتسىيىە قىلىشنىڭ يېڭى نەيرىڭى - ماركا بېجىنى ئويلاپ تاپتى. ئۇلار بارلىق خەت - ئالاقە، توختام، كېلىشىم، پاسپورت، دىپلوم، ۋەسىيەتنامە، گېزىت، ژورنال، كىتاب، ئېلان، تالونلارنىڭ ھەممىسىگە ماركا بېجى ماركىسى چاپلانغاندىلا، كۈچكە ئىگە بولىدۇ ياكى ئاقىدۇ، دەپ بەلگىلىدى، شۇنىڭ بىلەن، شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلەردە، يېزىلغان ياكى خەت بېسىلغان قەغەزلەرنىڭ ھەممىسىفگە دېگۈدەك ماركا بېجى تاپشۇرۇشقا توغرا كەلدى؛ شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلەرنىڭ پۇقرالىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك ماركا سېتىۋېلىشقا توغرا كەلدى. خەلقنىڭ ئىلىگىنى شورايدىغان بۇ ئېكىسپىلاتاتسىيە مۇستەملىكە خەلقىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى. ئەنگىلىيىگە قارشى يالقۇن خۇددى يانار تاغ پارتىلغاندەك كۆتىرىلدى! مۇستەملىكە خەلقلىرى ئىستېخىيىلىك ھالدا، ئەنگىلىيىگە قارشى تەشكىلات - «ھۆرىيەت ئوغلانلىرى» نى تەشكىل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنگىلىيە مېلىغا كەڭ كۆلەمدە بايقۇت قىلىش كۈرىشىنى باشلىۋەتتى. ئۇلار ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ماركا بېجىنى ئېلىپ تاشلىمىغۇچە، ئەنگىلىيە مېلىنى زادى سېتىۋالمىدى. ئاياللارمۇ «ھۆرىيەت قىزلىرى» تەشكىلتىنى قۇردى. ئۇلار ئەنگىلىيىنىڭ توقۇلما رەختلىرىنى كىيمەي، ئۆزلىرى يىپ ئىگىرىپ ماتا توقۇدى، «ماتا كىيسەك كىيىمىزكى، ئەركىنلىكنى ھەرگىز قولدىن بەرمەيمىز!» دېگەن ئېنىق شوئارنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەنگىلىيە ماللىرى سېتىلماي، سودا - سانائەت ۋەيران بولاي دەپ قالغاندىلا، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى 1766 - يىلى 3 - ئايدا ماركا بېجىنى ئېلىپ تاشلاشقا مەجبۇر بولدى. ئەمما، ئەنگىلىيە ياندۇرقى يىلى ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىغا نۇرغۇن ئەسكەر چىقىرىپ، قوراللىق باستۇرماقچى بولدى! «قىسقۇچ پاقا ئەسكەرلەر كەلدى! قىسقۇچ پاقا ئەسكەرلەر كەلدى!» ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى بېشىغا ئۈچ بۇرجەك بېغىررەڭ بۆك، ئۇچىسىغا قالغاچ قۇيرۇق بېغىررەڭ چاپان كىيىۋالغان، دۈمبىسىگە كىرىست شەكىللىك پوتا ئاسقان، پۇتىغا ئېگىز پاشىنلىق توپلىي كىيگەن، يېنىغا خەنجەر ئاسقان، نەيزىلىك قاراڭ مىلتىقنى مۈرىسىگە ئېلىۋالغان بولۇپ، يول يۈرگەندە خۇددى قىزىل قىسقۇچ پاقىغا ئوخشاپ قالغانلىقتىن، مۇستەملىكە خەلقلىرى ئۇلارنى «قىسقۇچ پاقا ئەسكەرلەر» دەپ مەسخىرە قىلاتتى. قىسقۇچ پاقا ئەسكەرلەر ھۆرىيەت ئوغلانلىرىغا ھەر كۈنى پاراكەندىچىلىك سېلىپ تۇردى. نيۇ - يوركتا، ھۆرىيەت ئوغلانلىرى ماركا بېجىغا قارشى كۈرەشنىڭ غەلبىسىنى تەبىرىكلەپ، كۆككە تاقىشىپ تۇرىدىغان «ئەكىنلىك مومىسى» ئورناتتى. ئەنگىلىيىنىڭ مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى ئۇنى كۆزىگە قادالغان مىخ، تېنىگە سانجىلغان تىكەندەك يامان كۆرەتتى. 1770 - يىل 1 - ئايدا، بىر تۈركۈم قىسقۇچ پاقا ئەسكەرلەرنى چىقىرىپ، ئەركىنلىك مومىسىنى پالتا بىلەن كېسىپ چۇل - چۇل قىلىۋەتتى ھەمدە ئۇنى ھۆرىيەت ئوغلانلىرىنىڭ باش شىتابى ئالدىغا دۆۋىلەپ قويدى. - ھا... ھا، بۇ موما ئەركىن بولدى! - دېيىشتى قىسقۇچ پاقا ئەسكەرلەر زەھەرخەندىلىك بىلەن زاڭلىق قىلىپ. - ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىشىڭغا ھەرگىز يول قويمايمىز! قىسقۇچ پاقا ئەسكەرلەرنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە قارىتا نيۇ - يوركتىكى ھۆرىيەت ئوغلانلىرى بەس - بەستە قوزغىلىپ كۈرەش قىلدى. ئۇلار قىسقۇچ پاقا ئەسكەرلەرگە قارشى كالتەك ۋە مۇشتلىرى بىلەن ئېلىشتى. قىسقۇچ پاقا ئەسكەرلەر خەنجەر ۋە نەيزىلەر بىلەن غالجىرلارچە ھۇجۇم قىلدى، نۇرغۇن پۇقرالارنى يارىدار قىلدى، بەزىلىرىنى نەق مەيداندىلا ئۆلتۈردى. گىدان تېخى ئىسسىق قان بىلەن بويالدى، بۇ، قىسقۇچ پاقا ئەسكەرلەر قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىنكى تۇنجى قانلىق ۋەقە ئىدى. بوستوندا 1770 - يىل 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى قاتتىق قار ياغدى، شەھەرلىكلەر قارلارنى دومىلىتىپ ئويناۋاتاتتى. بۇ چاغدا، مىلتىقلىرىنى بەتلىگەن بىر توپ قىسقۇچ پاقا ئەسكەرلەر ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى، شەھەرلىكلەر تاقەت قىلىپ تۇرالماي، غەزەپلەنگەن ھالدا قار پومزەكلىرىنى قىسقۇچ پاقا ئەسكەرلەرگە ئاتتى. قىسقۇچ پاقا ئەسكەرلەرنىڭ كوماندىرى قىرغىنچىلىق قىلىشقا باھانە تاپالماي تۇرغانلىقتىن، قىسقۇچ پاقا ئەسكەرلەرگە قاتار تىزىلىپ، مىلتىقلىرىنى بەتلەشكە بۇيرۇق بەردى. ئۇ قوماندانلىق قىلىچىنى ئېگىز كۆتىرىپ، ۋەھشىلىك بىلەن «ئات!» دەپ توۋلىدى، ئېتىلغان ئوقلار ئۇچقاندەك تېگىپ، تىنچ ئاھالىدىن بەش كىشى شۇ يەردىلا جان بەردى، ئالتە كىشى يارىدار بولدى، بۇنىڭ بىلەن شىمالىي ئامېرىكىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن «بوستون قانلىق ۋەقەسى» كېلىپ چىقتى. بوستون خەلقى قازا تاپقان قۇربانلارنىڭ مېيىتىنى كۆتىرىپ، كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى، ھۆرىيەت ئوغلانلىرى شوئار توۋلاپ، ئەنگىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ چېكىندۈرۈلۈشىنى قاتتىق تەلەپ قىلدى. بوستوننىڭ باش ۋالىسى ئامالسىز قېلىپ، قىسقۇچ پاقا ئەسكەرلەرنى شەھەر سىرتىدىكى قورغانغا چېكىندۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. بۇ چاغدا، ئەنگىلىيىنىڭ «شەرقىي ھىندىستان شىركىتى» مالىيە قىيىنچىلىقىغا ئۇچرىدى. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بۇ قىيىنچىلىقنى شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكە خەلقلىرىگە تېڭىشنى قارار قىلدى. ھىندىستان چېيى شىمالىي ئامېرىكىغا توشۇلغاندىن كېيىن، شىمالىي ئامېرىكاك خەلقىدىن بىر قاداق چايغا ئۈچ پېنىستىن «چاي بېجى» ئېلىش بەلگىلەندى ھەمدە ئامېرىكا قىتئەسى چاي ئىمپورت قىلماقچى بولسا، ھەر قانداق كىشى ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلماي، ئەنگىلىيىنىڭ شەرقىي ھىندىستان شىركىتى ئارقىلىق ئىمپورت قىلىشنى بەلگىلىدى. بۇ تەدبىرلەر شىمالىي ئامېرىكا خەلقىگە قارىتىلغان ئېكىسپىلاتاتسىيىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئاھالىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىدى. ئەنگىلىيىنىڭ چاي قاچىلانغان بىر تۈركۈم پاراخوتلىرى نيۇ - يورك ۋە فىلادېلفىيە پورتىغا كەلگەندە، يەرلىك ئىشچىلار يۈك چۈشۈرۈشنى رەت قىلغانلىقتىن، بىر مۇنچە پاراخوتلار ھىندىستانغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. بىر نەچچە يۈك پاراخودى چارلىزتون پورتىغا كىرگەن ۋە چاي قىرغاققا چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، يەرلىك خەلق سېتىشقا يول قويمىغانلىقتىن، دۆۋىلەكلىك تۇرۇۋەردى. ھىندىستاندىن چاي بېسىپ كەلگەن ئۈچ يۈك پاراخودى ب وستون پىرىستانىدا بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ قالدى. ئەنگىلىيە دائىرىلىرى يۈكنى قىرغاققا چۈشۈرمەكچى بولدى. 1773 - يىل 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كېچىدە، پورت جىمجىت تۇراتتى. بىر قېيىق ئەنگىلىيىنىڭ يۈك پاراخودىغا يېقىنلاشتى، بىر قانچە ئونلىغان ھىندىيانلار ئۇنىڭغا چىقتى. ئۇلار بېشىغا پەي قىستۇرۇرۋالغان، ئۇچىسىغا ھىندىيانلار پەرىجىسىنى ئارتىۋالغان بولۇپ، تۇيدۇرماي پاراخوتقا چىقتى. ئۇلار تېز تۇتۇش قىلىپ، يەشىك - يەشىك چايلارنى پاراخوت ئۈستىگە ئېلىپ چىقتى - دە، «پولتۇڭ!» «پولتۇڭ!» قىلىپ چاينىڭ ھەممىسىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. باشقا ئىككى پاراخوتتتىكى چايلارنىمۇ ھىندىيانلار «پولتۇڭ!» «پولتۇڭ!» قىلىپ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى، بۇ چاينىڭ قىممىتى 15 مىڭ فوند ستېرلىڭ كېلەتتى! - ھا... ھا! بىز غەلىبە قىلدۇق! - دېيىشتى بۇ ھىندىيانلار قىرغاققا چىققاندا، ئۇلار بېشىدىكى پەيلەرنى ئېلىۋەتتى، ھىندىيانلار پەرىجىسىنى تاشلىدى، ئۇلار ئەسلىدە بىر توپ ھۆرىيەت ئوغلانلىرى جەڭچىلىرى ئىدى. «بوستوندىكى چاي تاشلاش ۋەقەسى» شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكە خەلقلىرىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى بولدى. بىراق، شەرمەندە بولغانلىقىدىن غەزەپلەنگەن ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى قاتىللىق قىلىچىنى سۇغۇردى. شىمالىي ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىدىكى بىر مەيدان شىددەتلىك جەڭ قاش - كىرپىك ئارىلىقىغا كېلىپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ