گاللىپولى يېرىم ئارىلىدىكى تەۋەككۈلچىلىك
بەش مىڭ يىل
1914 - يىلى نويابردا، تۈركىيە ئوسمان ئىمپېرىيىسى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر تەركىبىگە كىردى. بۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە ۋە ئاۋسترىيە - ۋېگرىيە ئىمپېرىيىسى قاتارلىق دۆلەتلەرگە يەنە بىر ئۇرۇش ھەمراسى قوشۇلدى.
تۈركىيە زېمىنىنىڭ بىر قىسمى ياۋروپادىكى بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي بۇرجىكىگە جايلاشقان بولۇپ، روسىيىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە توغرا كېلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ چاغدا روسىيە قوشۇنلىرى شەرقىي سەپتە گېرمانىيە، ئاۋسترىيە قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپلا قالماستىن، يەنە بىر بۆلەك ئەسكەر كۈچى چىقىرىپ تۈركىيىگە تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كېلەتتى.
1915 - يىلى يانۋاردا، روسىيە قوشۇنلىرىنىڭ باش قوماندانى ئەنگلىيىدىن ئەسكەر چىقىرىپ تۈركىيىگە ھۇجۇم قىلىشنى تەلەپ قىلدى؛ تەلەپ قويۇشتا ئۇنىڭ ئاساسى ناھايىتى تولۇق ئىدى، بەش ئاي ئىلگىرى، روسىيە قوشۇنلىرى ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرنىڭ غەربىي سەپتىكى بېسىمىنى ئازايتىش ئۈچۈن، شەرقىي سەپتە بىر نەچچە تۈمەن ئەسكىرىي كۈچى بىلەن گېرمانىيىگە ھۇجۇم قىلغانىدى. ھازىر ئەنگلىيە، روسىيىنىڭ قوللىشىغا جاۋاب قىلىشقا نۆۋەت كەلگەنىدى. تۈركىيىگە دېڭىز ئارمىيىسى ياكى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا كەلسەك، روسىيە قايسىسى بولسا مەيلى دەيتتى.
داردانىل بوغۇزىنى تىزگىنلەپ، گېرمانىيە، ئاۋسترىيىلەر بىلەن تۈركىيىنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش مەقسىتىدىكى ئەنگلىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى چېرچىل روسىيىنىڭ قوللىشىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، تۈركىيىگە ھۇجۇم قىلىشنى جېنىنىڭ بارىچە تەشەببۇس قىلاتتى. ئەنگلىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيە شتابى روسىيە قوشۇنلىرى باش قوماندانىنىڭ تەلىپى بويىچە بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتنى قوللىنىشنى قارار قىلدى ھەمدە فرانسىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنى ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.
ئەنگلىيىنىڭ غوللۇق 18 پاراخوتى، فرانسىيىنىڭ تۆت پاراخوتى ۋە ھەر خىل ياردەمچى پاراخوتلاردىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە فلوت 19 - فېۋرالدا داردانىل بوغۇزىنىڭ ئېغىزىغا كىردى. بۇ فلوتقا ئەنگلىيىلىك گېنېرال مايور كادىن قوماندان بولدى. ئۇ، بوغۇزنىڭ ياۋروپا تەرىپىدىكى گاللىپولى يېرىم ئارىلىدىن قۇرۇقلۇققا چىقماقچى بولدى.
گاللىپولى يېرىم ئارىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 90 نەچچە كىلومېتىر، كەڭلىكى ئالتە كىلومېتىردىن 20 كىلومېتىرغىچە كېلەتتى. يېرىم ئارال قاقاس تاغلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، پۈتۈن ئارالنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتكەن بىرلا توپا يول بار ئىدى. دېڭىزدىن ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان بىر مۇنچە تاغ تىزمىلىرى ۋە قىيا چوققىلار تۈركىيە ئارمىيىسىگە مۇداپىئە ئۈچۈن ئەۋزەل پوزىتسىيىلەرنى ھاسىل قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئېتىش ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى 15 ىيۇيم كېلىدىغان توپلىرى بار بىرلەشمە فلوتى شىددەتلىك ئوت كۈچى بىلەن ناھايىتى تېزلىكتە تۈركىيە قوشۇنلىرىنىڭ تاشقى پوتەيلىرىنى ھالسىزلاندۇرۇۋالدى - دە، بىرلەشمە فلوت تېزلىكتە زەربىدار قىسىملىرىنى دېڭىز ساھىلىغا ئاچىقتى.
زەربىدار قىسىملار بوغۇزىنىڭ يېنىدىكى چوققىغا ياماشقاندا، تۈركىيە توپلىرىنىڭ ئۇشتۇمتۇت زەربىسىگە ئۇچرىدى. ئەسلىدە، تۈركىيە قوشۇنلىرىنىڭ كۈچلۈك مۇداپىئە پوزىتسىيىلىرى ھاڭيانىڭ ئارقىسىدا پىنھان تۇراتتى، بىرلەشمە فلوت ئادەم چۈشىدىغان شار بىلەن مۇقىم ئورۇننى رازۋېتكا قىلىشنى ئالدىنئالا ئويلىنىپ كۆرمىگەچكە تۈركىيىنىڭ پوزىتسىيىلىرىگە قارىغۇلارچە توپ ئاتتى - دە، نەتىجىدە ھېچقانداق جەڭ نەتىجىسىگە ئىگە بولالمىدى، 3 - مارتقا كەلگەندە، قۇرۇقلۇققا چىققان قىسىملار چېكىندۈرۈلدى.
گېنېرال مايور كادىن ئەسلىدە مېنىڭ بىرلەشمە فلوتۇم داردانىل بوغۇزىنىڭ ئېغىزىدا پەيدا بولغان ھامان، تۈركىيە قوشۇنلىرىنىڭ كۈرەش ئىرادىسى تۈگىشىدۇ، دەپ ئويلىغاچقا، كونكرېت ئۇرۇش پىلانى تۈزمىگەنىدى، شۇڭا تەۋەككۈلچىلىك بىلەن قوللىنىلغان بۇ ھەرىكەت مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇ ناھايىتى ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتى.
كادىن ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، ئىككىنچى قېتىم ھۇجۇمغا تەييارلاندى. بۇ قېتىم، ئۇ ئۆزىنىڭ ئېغىر تىپتىكى پاراخوتىنى داردانىل بوغۇزىغا ھەيدەپ، بۇ سۇ يولى بىلەن تۈركىيىنىڭ يېرىم ئارال ياقىسىغا ئورۇنلاشتۇرغان توپلىرىغا ئوت ئاچماقچى بولدى. بىراق، ئۇشتۇمتۇت بىمار بولغاچقا، قوماندانلىق ھوقۇقىنى گېنېرال مايور دېروباكقا ۋاقىتلىق ئۆتۈندى.
دېروباك ئالدى بىلەن تۈركىيىنىڭ بوغۇزىغا ئورۇنلاشتۇرغان سۇ مىنالىرىنى تازىلىماقچى بولدى. 18 - مارتقا بارغاندا، بوغۇزدا سۇ مىناسى يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، فلوتنىڭ بوغۇزغا كىرىشىگە بۇيرۇق بەردى.
ھەربىي پاراخوتلاردىن بارلىقى مىنا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان رايونىدىن ئېسەن ئۆتۈپ، داردانىل بوغۇزىدىن ئىبارەت تارچۇققا كىردى. بۇ سۇ يولى 60 نەچچە كىلومېتىرلا بولۇپ، ئادەم چۈشىدىغان شار ئارقىلىق رازۋېتكا قىلىپ ئىگىلىگەن مەلۇمات بويىچە، فلوتتىكى ئوت كۈچى بىلەن تۈركىيە قوشۇنلىرى ئورۇنلاشتۇرغان قىرغاق توپلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى يېرىم كۈندىلا پاچاقلىۋەتتى.
فلوت كەينىگە بۇرۇلۇپ توپقا تۇتۇش نىشانىنى ئىزدەۋاتقاندا، مىنا تەرگۈچى كېمە خەتەرلىك رايوندا يەنە بىر قېتىم مىنا تەردى، توساتتىن گۈمبۈرلىگەن سادا بىلەن تەڭ، فرانسىيىنىڭ بىر پاراخوتى سىلكىنىپ كەتتى، - دە، پاراخوت سەھنىسىدىن ئاسمان - پەلەك ئىش ۋە يالقۇن كۆتۈرۈلدى. كېتىۋاتقان پاراخوت ئىنتايىن تېزلىكتە ئۆڭتۈرۈلۈپ چۆكۈپ كەتتى. كاپىتان ۋە 600 نەچچە ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر دېڭىزغا غەرق بولدى.
دېروباك دۇربۇننى ئېلىپ، كۈتۈلمىگەن بۇ مەنزىلگە شۈبھىلەنگەن ھالدا نەزەر سالدى.
>نېمە گەپ بۇ! تۈركلەرنىڭ قىرغاقتىكى توپلىرى يەنىلا ئوت ئېچىۋاتىدىغۇ؟!< ئۇ ئۆزىچە بىر نەچچە ئېغىز تىللىدى - دە، يەنە دەرھال بۇيرۇق قىلدى:
- دىققەت قىلىڭلار! بارلىق پاراخوتلار دۈشمەن پوزىتسىيىسىنى داۋاملىق توپقا تۇتۇڭلار!
>گۇمبۇ گۇمباڭ! گۇمبۇ گۇمباڭ!< ئوت يالقۇنلىرى ھەربىي پاراخوتلاردىن تۈركىيە قوشۇنلىرىنىڭ پوزىتسىيسىگە ئۇچۇشقا باشلىدى، چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت بولغاندا، تۈركىيە قوشۇنلىرىنىڭ قىرغاقتىكى توپلىرى ئالاھازەل پاچاقلىتىۋېتىلدى.
ئۇشتۇمتۇت تېخىمۇ كۈچلۈك پارتلاش ساداسى كۆتۈرۈلدى. ئارقا - ئارقىدىن كۆتۈرۈلگەن دەھشەتلىك گۈمبۈرلەش بىلەن ەڭ كېتىۋاتقان ئەنگلىيە ھەربىي پاراخوتلىرىدىن ئۈچ پاراخوت دەرھال غەرق بولدى.
- مىنا، بۇ يەردە مىنا بار ئىكەن! - دېروباك تەرىنى بۇزۇپ توۋلىدى، - ھىيلىگەر تۈركلەر! مىنا تەرگۈچى ئەبلەخلەر! - ئۇ فلوتنىڭ تېخىمۇ زور زىيانغا ئۇچرىشىدىن قورقۇپ، بارلىق ھەربىي پاراخوتلارغا داردانىل بوغۇزىدىن چېكىنىپ چىقىشقا بۇيرۇق قىلدى. ئەمما قايتىشىدا ئەنگلىيىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىدىن يەنە ئۈچ پاراخوت سۇ مىناسىدا پارتلاپ، قاتتىق زەئىپ بولدى.
ئەسلىدە ئەنگلىيە - فرانسىيە فلوتى مىنالارنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، تۈركىيىنىڭ بىر كېمىسى يېڭىدىن بىر قاتار سۇ مىناسىنى قويۇۋەتكەن بولۇپ، بۇ مىنالارنىڭ ئورنى دەل بىرلەشمە فلوت بۇرۇن ئۆتكەن يولغا توغرا كېلەتتى. دېروباك بۇنى ئازراقمۇ بىلمىگەچكە تازا زىيان تارتتى.
ئىككى قېتىملىق دېڭىزدىن قىلغان ھۇجۇم ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، ئەنگلىيە گېنېرال ھامورتوننى گاللىيولى يېرىم ئارىلىدىكى جەڭگە قوماندانلىق قىلىشقا قارار قىلدى. ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلغان قىسىملار ۋاقىتلىق قۇراشتۇرۇلغان بولۇپ، 78 مىڭچە ئادىمى بار ئىدى. بۇ قىسىملارنىڭ كۆپچىلىكى ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە قوشۇنلىرى ئىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە فرانسىيىنىڭ بىر دىۋىزىيىسى ۋە ھىندىستاننىڭ بىر قوشۇنى بار ئىدى.
ھامورتون لوندوندا بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالغاندا، گاللىپولى يېرىم ئارىلىنىڭ ئەھۋالىنى ئازراقمۇ بىلمەيتتى. ئۇنىڭ قولىدا بۇ ھەقتىكى ماتېرىياللاردىن پەقەت بىر پارچە تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ھەرىكەت قوللانمىسى، جەڭ رايونىنىڭ كەم - كۈستە سىزىلغان بىر پارچە خەرىتىسى ۋە كىتابخانىدىن ئالدىراپ سېتىۋالغان تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئىستانبولغا زىيارەت قىلىش كۆرسەتمىسىلا بار ئىدى.
ئۇ، ھەتتا بۇ يېرىم ئارالدا تاتلىق سۇ بار - يوقلۇقىنىمۇ بىلمەيتى. ئۇ، ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئەسكەرلەرگە بازاردىن سۇ ساقلايدىغانغا باك، كورا، تۇلۇم ۋە باشقا قاچىلارنى يىغدۇردى. ئۇ، قىسىملىرىنى بۇ يېرىم ئارالنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىر ئارالچىلىققا يىغدى ۋە 23 - ئاپرېلدا، ھەربىي پاراخوت بىلەن قىسىملارنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزدى. ئىككى كۈندىن كېيىن، قىسىملار گاللىپولى يېرىم ئارىلىغا يېتىپ باردى ۋە شۇ ھامانلا يېرىم ئارالغا قاراملىق بىلەن ھۇجۇم قىلدى.
گاللىپولى يېرىم ئارىلىنى تۈركىيىنىڭ بەشىنچى گۇرۇھ ئارمىيىسى مۇداپىئە قىلاتتى. 84 مىڭ كىشىلىك بۇ قوشۇنغا گېرمانىيىلىك گېنېرال زاندىلىز قوماندانلىق قىلاتتى. ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە فلوتى داردانىل بوغۇزىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، مۇداپىئەنى كۈچەيتىپ، بىر نەچچە دىۋىزىيىنى دۈشمەن قوشۇنلىرى قۇرۇقلۇققا چىقىدىغان نۇقتىلارنى ساقلاشقا ئورۇنلاشتۇرغانىدى.
ھامورتون قۇرۇقلۇققا قانداق چىقىش ھەققىدە ئەتراپلىق چوت سوقماي، پەقەت قۇرۇقلۇققا چىقىدىغان نۇقتىنى يېرىم ئارالنىڭ جەنۇبىي بۇرجىكىنىڭ ئىككى تەرىپىدىن 20 ئىنگلىز مىلى ئىچىدە چىقىشنى بەلگىلىدى. سازلىقتا، پوزىتسىيە تاللاشنى نەق مەيداندىكى ئوفىتسېرلارنىڭ بەلگىلەشكە رۇخسەت بەردى.
ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە ئوفىتسېرلىرى كېچىلىكى قورۇقلۇققا چىققاندا خەتەر ئاز بولىدۇ، دەپ، ئەسكەرلەرنى كېچە قاراڭغۇسىدا قىرغاققا چىقىشقا بۇيرۇدى. كۆمۈر توشۇيدىغان كونا پاراخوتنى ئۆزگەرتىپ ياسىغان قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتى 2000 ئەسكىرىنى ئېلىپ ئاستا - ئاستا قىرغاققا يېقىنلاشتى. شۇئان تۈركىيىنىڭ توپلىرى ئۇشتۇمتۇت ئوت ئاچتى. كۆمۈر توشۇيدىغان پاراخوتنىڭ بېشى قۇمغا پاتتى. سۇ ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، كېچىپ چىقىپ كېتىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بىر مۇنچە ئەسكەرلەر قىرغاققا بارغۇچە توپ ئوقلىرىغا جان بەردى ياكى دېڭىزغا غەرق بولدى.
ئەتىسى ئاۋسترالىيە، يېى زېلاندىيە ئەسكەرلىرىدىن 16 مىڭ كىشى قۇرۇقلۇققا چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئېگىزلىكتىن شىددەتلىك ئېتىلىۋاتقان توپ ئوقى بېسىمى بىلەن جىلغىلاردا باش كۆتۈرەلمەي تۇرۇپ قالدى. تۆت - بەش كۈنگىچە مۇشۇنداق تىركىشىش بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ بىرى يەنە بىرىنى ھەيدىۋېتەلمىدى.
1 - مايدا، تۈركىيىنىڭ بەشىنچى گورۇھ ئارمىيىسى سايازلىقتىكى پوزىتسىيىلەرگە قايتۇرما ھۇجۇم باشلىدى. 3 كۈنلۈك شىددەتلىك جەڭ ئارقىلىق ھامورتوننىڭ قوشۇنىدىكىلەرنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى يارىلاندى ۋە ئۆلدى. ئەمما، بەشىنچى گورۇھ ئارمىيىسى ئېگىزلىكنى تىزگىنلەپلا قالدىكى، قورۇقلۇققا چىقىۋالغان ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە قىسىملىرىنى قوغلىۋېتەلمىدى.
ماينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، تارچۇق جەڭ مەيدانى ئىككى تەرەپتىن ئۆلگەن 8000 ئەسكەرنىڭ جەسەتلىرى بىلەن تولدى. ھاۋانى بەتبۇي قاپلىدى. دوختۇرلارنىڭ ھەيدەكچىلىكى بىلەن ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە ئوفىتسېرلىرى تۈركىيە قوشۇنلىرى بىلەن كېڭىشىپ، ئىككى تەرەپ توققۇز سائەت جەڭ توختىتىپ دەپنە قىلىش ئېلىپ باردى.
بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، دەپنە قىلىشقا قاتنىشىدىغانلار ئاق يەڭ بەلگىسى تاقىغان ھالدا، گەپ - سۆز قىلماستىن گۆر كولىدى. كۆپچىلىك جەسەتلەرنى تەكشۈرۈش سالاھىيىتى بىلەن ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىرىدا، قارشى تەرەپنىڭ ئاكوپلىرىغا يوشۇرۇن كۆز تاشلاپ قويۇشتى، ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئىككى تەرەپ ئىنگلىز ۋە تۈرك تىللىرىدا ئاددىي - ئاددىي پاراڭلارنى قىلىشتى، بەزىلەر ھەتتا بىر - بىرىگە تاماكا تۇتۇشتى، ئۇششاق نەرسىلەرنى ئالماشتۇردى.
توققۇز سائەتلىك جەڭ توختىتىش ۋاقتى توشتى. ئىككى تەرەپتىكىلەر قول ئېلىشىپ خوشلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاكوپلىرىغا قايتتى. بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، جەڭ مەيدانىدىن قويۇق ئوق ئاۋازى كۆتۈرۈلدى...
ئاۋغۇستنىڭ باشلىرىدا، ئەنگلىيە يەنە 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتىپ، گاللىپولى يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى سوفىرا قولتۇقىدىن قۇرۇقلۇققا چىقتى. تۈركىيە قوشۇنلىرى قۇدرەتلىك ئەسكىرىي كۈچىنىڭ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئېگىزلىككە چېكىنىپ ياردەم كۈتتى. ئەنگلىيە قوشۇنلىرى كەڭلىكى 17 كىلومېتىر كېلىدىغان، ئېگىزلىكتىن تۆت كىلومېتىر پەسلىكتىكى تارچۇق جاينى ئىگىلىۋالدىيۇ، داۋاملىق ئىلگىرىلىمىدى. بۇنىڭ بىلەن تۈركىيىنىڭ بەشىنچى گۇرۇھ ئارمىيىسى ۋاقىتتا ئۇتۇۋالدى - دە، زور تۈركۈملەپ ياردەمچى قوشۇن يۆتكىۋالدى.
ئەنگلىيە قوشۇنلىرى ئېگىزلىككە قايتا ھۇجۇم قىلغاندا، كۆپەيتىلگەن تۈركىيە قوشۇنلىرىغا دۇچ كەلدى. ئەمما، ھامورتون يەنىلا: بۇ يەرنى ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇمىدىن چېكىنگەن ئاجىز ئەسكىرىي كۈچ ساقلاۋاتىدۇ، دەپ قارىدى. نەتىجىدە، ئەنگلىيە قوشۇنلىرى يەنە يېرىم ئارالنىڭ جەنۇبىي بۇرجىكىدىكىگە ئوخشاش تەقدىرگە ئۇچراپ، بىر ئاي ئىچىدە 40 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر زىيان تارتتى. ئۇزاق ئۆتمەيلا ھامورتون قوماندانلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىندى.
نويابردا، گاللىپولى يېرىم ئارىلىنىڭ ئاسمىنىدا گۈلدۈرمامىلار گۈلدۈرلىدى، ئارقىدىنلا بىر سوتكا شارقىراپ قارا يامغۇر ياغدى. بۇنىڭ ئارقىسىدىن يەنە شۋىرغان بولۇپ ئىككى پۇت قېلىنلىقتا قار چۈشتى. يېرىم ئارالنىڭ جەنۇبىدىكى ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە قوشۇنلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئۆڭكۈر ۋە يەر ئاستى يوللىرىغا مۆكۈندى؛ يېرىم ئارالنىڭ غەربىي شىمالىدىكى سوفىرادا قولتۇقىدا تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە قوشۇنلىرى يوشۇرۇنۇشقا جاي تاپالمىدى. شىۋىرغان جىلغا - جىرالارنى شاۋقۇنلۇق ئېقىنغا ئايلاندۇرۇپ، توننا - توننىلاپ لاي - لاتقىلارنى ئېقىتىپ ماڭدى. ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانلىق شتابىدا بۇنداق ھاۋا ئۆزگىرىشىگە قىلچە تەييارلىقى يوق بولۇپ، ئىسسىنىش كىيىملىرىنى زاپاس تەييارلاپ قويمىغانىدى، شۇڭا بىر مۇنچە جەڭچىلەر ئاكوپلاردا غەرق بولۇپ ياكى توڭلاپ ئۆلۈپ كەتتى. 5000 نەچچە ئەسكەر ئۈششۈك يارىسى بولۇپ قالدى.
مۇنداق ئەھۋالدا، ئەنگلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ شتابى گاللىپولى يېرىم ئارىلىغا قارىتىلغان تەۋەككۈلچىلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 19 - دېكابىردىن باشلاپ چېكىنىشنى قارار قىلدى.
چېكىنىشكە ساق 20 كۈن ۋاقىت كەتتى. چېكىنىش يولىغا قۇم قاچىلانغان قاپلارنى ياتقۇزغاچقا، چېكىنگەنلەرنىڭ ئاياغ تىۋىشى ئاڭلانمىدى. گاللىپولى يېرىم ئارىلىغا قىلغان ھۇجۇم مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما چېكىنىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ چىقتى. بۇ قىسىملار يېرىم ئارالدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىپ كېتىپ بولغۇچە تۈركىيە قوشۇنلىرى تۇيمىدى، شۇڭا ئادەم يوق ئەنگلىيە ئاكوپلىرىغا داۋاملىق توپ ۋە مىلتىق ئېتىپ تۇردى.
1915 - يىلى، تەۋەككۈلچىلىك بىلەن قوللىنىلغان بۇ ھەربىي ھەرىكەتكە تەخمىنەن ئىتتىپاق تۈزۈشكەن دۆلەتلەردىن 550 مىڭ ئەسكەر قاتنىشىپ، تەڭدىن تولىسى يارىدار بولدى ۋە ئۆلدى، تۈركىيە قوشۇنلىرىدىمۇ 500 مىڭ ئەسكەر جەڭگە قاتناشقان بولۇپ، بۇلارنىڭمۇ يېرىمى يارىلاندى ۋە ئۆلدى. ئىككى تەرەپتىن يارىلانغان ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما، تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ غوللۇق كۈچى پاچاقلىنىپ كەتتى.
گاللىپولى يېرىم ئارىلىدىكى جەڭدە ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقتىن، بۇ جەڭنى قوزغاشقا كۈچىگەن دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى چېرچىل ئىچكى كابىنېتتىن فرانسىيىگە مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە يۆتكىۋېتىلدى. 1917 - يىلىغا كەلگەندە، ئۇ قايتىدىن دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەندى.