UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭقاغا شەكللىك ئۇرۇش كېمىسى

قاغا شەكللىك ئۇرۇش كېمىسى

بەش مىڭ يىل ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىپايان كەتكەن دېڭىز ساھىلىدە سانسىزلىغان ئۇزۇن بەندىڭلەر قويۇلغان ئىدى. ھەر بىر بەندىڭدە بىر نەچچە ئادەم ئولتۇراتتى. بۇلار ياش، قاۋۇل يىگىتلەر بولۇپ، يالىڭاچ ھالدا قوللىرىدىكى ئۇزۇن پالاق بىلەن كېمە ھەيدەشنى ئۆگەنمەكتە ئىدى. بۇ يىگىتلەرنىڭ يەلكىسى پىژقىرىم ئاپتاپتا قارىداپ كەتكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ تەنلىرىدىن ئاققان تەرلەر ھايت _ ھۇيت دېگۈچە يەرگە سىڭىپ كېتەتتى. بەزىلەر ھالسىزلىنىپ بەرداشلىق بېرەلمەي پالاق ئۇرۇش سۈرئىتىنى ئاستىلىتاتتى. _ ھەي، يىگىتلەر غەيرەت قىلىڭلار! مېنىڭ كوماندامنى ئاڭلاڭلار، بىر ، ئىككى، ئۈچ، تۆت... _دەيتتى بىر رىم سەركەردىسى، ئۇ بىر تەرەپتىن كوماندا بېرىپ بىر تەرەپتىن يىگىتلەرنىڭ پالاق ئۇرۇش ھەركىتىنى تۈزەتمەكتە ئىدى. _ بېگخم، _دېدى دەم ئېلىش ۋاقتىدا بىر پالاقچى، _ پالاق ئۇرۇشنى نېمىلەرنى ياساپ بولغاندىن كېيىن مەشىق قىلساق بولمامدۇ؟ _ ياق، ئۇ چاغدا ئۈلگۈرەلمەيمىز، _ دېدى سەركەردە ئالدىراپ قولىنى سىلكىپ - سېتسىلىيە ئارىلى بىز رىملىقلارغا بەك مۇھىم. بىز گارتاگېلىقلار «ھازىرقى تۇنىس» نىڭ ئۇ يەرگە خوجايىنلىق قىلىشقا ھەرگىز يول قويمايمىز! بىز سىتىسلىيىنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلغان بولساقمۇ، لېكىن بىزدە قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيىسى بولمىسا، ئۇ چاغدا قۇرۇقلۇقتا كەلتۈرگەن غەلىبىمىز يوققا چىقىدۇ! _ئاڭلىشىمىزچە گاتاگېنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى بەك يامانمىش، بىز بولساق كېمە ياساشقا ئەمدى كىرىشىۋاتىمىز... _ شۇنى دېمەمسەن، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىز كېمە ياساش بىلەن بىر ۋاقىتتا پالاقچىلانى يېتىشتۈرۈشىمىز كېرەك. كېمە ياسىلىپ بولغاندا ، بىزدە ئۇستا پالاقچىلارمۇ بولىدۇ. بىر ئۇرۇش كېمىسىدە دېگەن 150 نەچچە پالاقچى بولمىسا بولمايدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەركىتى ماسلىشالمىسا ئۇرۇشتا زىيان تارتىدىغان گەپ. بۇ ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس! _ بىراق، _ دېگەن بىر پالاقچى ئەندىشە بىلەن، _ گارتاگېلىقلارنىڭ ئۇرۇش كېمىلىرىدە پالاق بەش قەۋەت بولىدۇ، ئۇلارنىڭ دېڭىزدا جەڭ قىلىش تەجرىىسى كۆپ، بىز بولساق... _ نېمىدىن قورقىسەن؟ _ دەپ ئۇنىڭ سۆزىنى ئۇزۇۋەتكەن سەركەردە، _ بىز ياساۋاتقان كېمىلەردىمۇ بەش قەۋەت پالاق بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە... _ ئۇ سىرلىق كۆلگە، _ بىزنىڭ كېمىلىرىمىزدە يېڭى قۇرۇلمىلار بار، گاتاگېلىقلارنى چوقۇم يېڭەلەيمىز. بولدى، داۋاملىق مەشىق قىلايلى! شۇنداق قىلىپ رىم بىر يىل ۋاقىت ئىچىدىلا يېڭى كېمە ئەترىدى قۇرۇپ چىقققان، 30 مىڭ پالاقچىنىمۇ يېتىشتۈرۈپ چىققان. مىلادىدىن ئىلگىرى 260 _ يىلى رىم كېمە ئەترىدى دېڭىز ئۆتۈپ جەنۇپقا قاراپ يۈرۈپ، سىتىسلىيە ئارىلىنى قارارلاپ ماڭغان. ئۇزاق ئۆتمەي، ئارالنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى دېڭىزدا گارتاگېلىقلارنىڭ كېمە ئەترىدى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان. گارتاگېلىقلار قۇرۇقلۇقتىكى جگڭدە مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن دېڭىز ئارمىيىسى جەھەتتە ئىزچىل تۈردە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ كەلگەن. شۇڭلاشقا ئۇلار رىم كېمە ئەترىدى ئۇدۇلدىن چىققاندىمۇ قىلچە ھۇدۇقمىغان. _ جەمىئى قانچە كېمە ئىكەن؟ _ دەپ سورىغان گارتاگې دېڭىز ئارمىيىسى قوماندانى. _ بەش قەۋەتلىك كېمىدىن 100 دانە، ئۈچ قەۋەتلىك كېمىدىن 20 دانە ئىكەن، _ دەپ جاۋاب بەرگەن كۈزەتچى. _ 120 دانە ئىكەنغۇ! _ دېگەن قوماندان پىسەنت قىلماي، _ بۇيرۇغۇمنى يەتكۈز: دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشقا 130 دانە كېمە چىقىسۇن! _ قوماندان قانداق سەپ تۈزىمىز؟ _ دەپ سورىغان ئالاقچى ئاستا. قوماندان دەرھال جاۋاب قايتۇرمىغان. ئۇ كېمە سۇپىسىغا چىقىپ، رىم كېمە ئەترىدىگە سەپسېلىپ، قاقاقلاپ كۈلگەن ھەمدە: _ ساپلا قوپال كېمىلەر ئىكەنغۇ! بۇ كېمىلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا ھېچقانداق سەپ تۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوق، ئېتىلىپ بېرىپ دېڭىزغا غەرق قىلۋەتسلا بولدى! ئىككى تەرەپ كېمىلىرى بارا _ بارا يېقىنلاشقان. كۆزەتچى قوماندانغا دوكلات قىلغان: _ خەۋەر تاپقايلا قوماندان: دۈشمەننىڭ ھەر بىر كېمىسىنىڭ بېشىدا بىر كىچىك كۆۋرۈك تۇرىدۇ! قوماندان قوشۇمىسنى تۈرۈپ، زەڭ سېلىپ قاراپمۇ ئۇنىڭ نېمگە ئىشلىتىلدىغانلىقىنى ئۇقالماي، خۇدۇ كلىنىپ قالغان؛ لېكىن رىم ئۇرۇش كېمىلىرىنى كۆزگە ئىلماسلىق ئارقىسىدا يەنىلا بۇيرۇق بەرگەن: _ ئۇنىڭ بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن، كېمىلىرىمىزگە بۇيرۇق يەتكۈز، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، ئۆزىنى ئۇرسۇن! گارتاگى ئۇرۇش كېمىلىرى ھېچ نەرسىگە قارىماي ئاخىر بېرىپ رىم ئۇرۇش كېمىلىرىگە شىددەت بىلەن ئۇرۇلغان. ئىككى تەرەپنىڭ كېمىلىرى يېقىنلاشقان چاغدا، ھەممەيلەن تاش ۋە نەيزە ئېتىشقا، ئوق _ يا ياغدۇرۇشقان. لېكىن غەلىتە يېرى شۇ بولغانكى، گارتاگې كېمىلىرى ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلگەندە رىم ئۇرۇش كېمىلىرى ئۆزىنى چەتكە ئالمايلا قالماستىن، بەلكى يېقنلىشىپ بېرىۋەرگەن ھەمدە ھېلىقى كېمە بېشىغا ئېسىپ قويغان كىچىك كۆۋرۈكنى تاشلىغان. ھايت _ ھۇيت دېگۈچە بۇ كىچىك كۆۋرۈكلەر گاتاگې كېمىلىرىنى ئىلىۋالغان. _ قىرىڭلار! ھۇررا! _ رىم لەشكەرلىرى بىر تەرەپتىن چوقان كۆتىرىپ، بىر تەرەپتىن، كىچىك كۆۋرۈكلەر ئارقىلىق ئۇچقاندەك دۈشمەن كېمىلىرىنىڭ سۇپىلىرىغا ئېتىلىپ چىققان. شۇ زامان دېڭىز ئۇرۇشى قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىغا ئايلانغان، گارتاگې كېمىلىرىدە قىلىچ خەنجەرلەر پارقىرىغان، قانلار چاچرىغان. گارتاگېلىقلار رىم دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بۇ يېڭى تاكتىكىسىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەن. ئۇلار بىردەمنىڭ ئىچىدىلا 50 دانە ئۇرۇش كېمىسىنى زىيان تارتقان. قالغان كېمىلىرى تىكىۋەتكەن. «قاغا» غەلبە قىلدى! ياشىسۇن «قاغا»! _ دەپ تەنتەنە قىلغان رىم لەشكەرلىرى. ئەسلىدە، رىملىقلار يېڭىدىن قۇرۇلغان كېمە ئەترىدىنىڭ قانداقلا بولمىسۇن تەجرىبىسىزلىگىنى مولچەرلەپ، ئۆزلىرىنىڭ قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلىش لازىمملىقىنى ھېس قىلغان، شۇڭا ھەر بىر كېمىنىڭ ئۈستىگە بىر كىچىك ئاسما كۆۋرۈك جايلاشتۈرغان. بۇنداق كۆۋرۈكنىڭ ئىككى تەرىپىدە رىشاتكىسى بولۇپ، ئۇچىدا ئىلمىكى بار ئىكەن. دۈشمەن كېمىسىگە يېقىنلاشقاندا، ئىلمەك دۈشمەن كېمىسىنى ئىلىۋېلىپ، پىيادە لەشكەرلەرنىڭ دۈشمەن كېمىسىگە ئېتىلىپ چىقىپ ئېلىشىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن پىيادە لەشكەرلەرنىڭ نەيزىۋازلىق قىلىشتىكى ھەيۋىسى تولۇق جارى بولغان. ئاسما كۆۋرۈكتىكى ئىلمەك ئۇچلۇق بولۇپ، قاغىنىڭ تۇمشۇقىغا بەك ئوخشايدىكەن. شۇڭا ئۇنى «قاغا» دەپ ئاتىغان. ھېلىقى رىم سەركەردىسى دېگەن «يېڭى قۇرۇلما» ئاشۇ ئىكەن. «قاغا» شەكىللىك ئۇرۇش كېمىسىنىڭ گارتاگې دېڭىز ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغانلىق خەۋىرى رىغا يېتىپ كەلگەندە پۈتۈن شەھەر خوشاللىق تەنتەنىسىگە چۆمگەن. بۇ قېتىمقى دېڭىز ئۇرۇشىنىڭ شانلىق غەلبىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، رىم مەيدانىغا مەرمەر تاشتىن ياسالغان بىر چوڭ تۈۋرۈك ئورنىتىلىپ، ئۇنىڭغا ئەسىر ئېلىنغان گارتاگې كېمىسىنىڭ بېشى قوغدۇرۇلغان؛ بۇ قېتىمقى جەڭگە قوماندانلىق قىلغان ھاكىمدار مىسلىسىز شۆھرەت قازانغان: ئاقساقاللار مەھكىمىسى ئۇ نەگە بارسا ئۇنىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەرلەندۈرۇش ئۈچۈن، بىر مەشئەلچى ۋە ئىككى سونايچىنىڭ ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇشىنى قارار قىلغان. رىملىقلار «قاغا» شەكىللىك كېمىنىڭ تەڭداشسىلىقىغا ئىشىنىپ، بۇنىڭ بىلەن ئافرىقىنى بوي سۇندۇرۇپ، گارتاگې تېرىتورىيىسىنى بېسىۋېلىشنى قارار قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 256 _ يىلى يازدا، 330 دانە ئۇرۇش كېمىسى، 40 مىڭ پىيادە لەشكەر ۋە 100 مىڭ پالاقچىدىن تەركىپ تاپقان كاتتا كېمە ئەترىدى ھەيۋە بىلە ئافىرىقىغا قاراپ يولغا چىققان. يول ئۈستىدە رىم كېمە ئترىدى 350 دانە ئۇرۇش كېمىسى، 150 مىڭ كىشىدى تەركىپ تاپقان گارتاگې كېمە ئەترىدى بىلەن كەسكىن جەڭ قىلغان، «قاغا» شەكىللىك ئۇرۇش كېمىسىنىڭ قۇدرىتى بىلەن رىم كېمە ئەترىدى يەنە غەلىبە قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن رىملىقلار غەلىبىلىك تۈردە ئافىرىقىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، گارتاگې شەھىرىنى قورشىۋالغان. لېكىن رىملىقلار گاتاگې شەھىرىنى ئالالمىغان. ئىككىنچى يىلى يازدا، رىم قوشۇنلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە نۇرغۇن كېمە ئەۋەتكەن. بەختكە قارشى قايتىش سەپىرىدە دەھشەتلىك بورانغا ئۇچراپ، 280 نەچچە ئۇرۇش كېمىسى، 25 مىڭ لەشكەر ۋە 70 مىڭ پالاقچى دېڭىزغا غەرق بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 241 - يىلى 3 - ئايدا، رىم يېڭىۋاشتىن كېمە ئەترىدى قۇرۇپ، سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ غەربىدىكى دېڭىزدا يەنە بىر قىتىم گارتاگېنىڭ 120 دانە ئۇرۇش كېمىسىنى چۆكۈرۈۋەتكەن. بۇ چاغدا گارتاگې دۆلىتىدە قۇزغلاڭ بولغان، ئىچكى - تاشقى قىيىنچىلىق ئارقىسىدا رىم بىلەن يارىشىشنى تەلەپ قىلغان. گارتاگې رىمغا كۆپلىگەن تۆلەم تۆلىگەن ھەم سىتىسلىيە ئارىلىنى ئايرىپ بەرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن، سىتىسىلىيە ئارىلى رىمنىڭ بىر مەمۇرى ئۆلكىسى بولۇپ قالغان. گارتاگې بۇرۇن فىنكلارنىڭ مۇستەملىكىسى بولغانلىقى، رىملىقلار بولسا فىنكلارنى «پونې» دەپ ئاتايدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى ئۇرۇش تارىختا پونې ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان. بۇ ئۇرۇش ئىلگىرى - كېيىن ئۈچ قېتىم ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، جەمئى 118 يىل داۋام قىلغان.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
قاغا شەكللىك ئۇرۇش كېمىسى | UyghurWiki | UyghurWiki