UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭگېرمانىيىدىن كەلگەن ئايال چار پادىشاھ

گېرمانىيىدىن كەلگەن ئايال چار پادىشاھ

بەش مىڭ يىل روسىيىنىڭ بىر قانچە ئون چار پادىشاھى ئىچىدە، >ئىمپېراتور< دېگەن ھۆرمەتلىك نامغا ئىگە بولغانلارنىڭ بىرىنچىسى پېتىر Ⅰ، ئىككىنچىسى پېكاتېرىنا Ⅱ بولدى. ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، بۇ ئايال چار پادىشاھ ئەسلىدە گېرمانىيىلىك ئىدى. گەپنى يەنىلا ئىمپېراتور پېتىردىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. پېتىر شېۋېتسىيىنى يېڭىپ، بالتىق دېڭىزى بويىدىكى كەڭ زېمىنغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن دېڭىز رايونىنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كويىغا چۈشتى. گېرمانىيە شۇ كەملەردە بالتىق دېڭىزى بويىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولغانلىقتىن، پېتىر ئۆزىنىڭ چوڭ قىزىنى گېرمانىيىنىڭ شاھزادىسىغا ياتلىق قىلدى. پېتىر ئۆلگەندىن كېيىن، پادىشاھلىقنى نۇرغۇن كىشى تالىىشپ، ئاخىرىدا ئۇنىڭ كەنجى قىزى چار پادىشاھ بولدى. ئەمما بۇ ئايال چار پادىشاھنىڭ ئوغلى بولمىغانلىقتىن، گېرمانىيىدىن ئاچىسىنىڭ ئوغلىنى ئېلىپ كېلىپ ئوغۇل قىلىۋالدى ۋە ئۇنىڭغا پېتىرⅢ دەپ ئىسىم قويدى! پېتىرⅢ روسىيىگە كېلىپ شاھزادە بولغاندا، ئۆزىنىڭ سۆيگۈنىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەلدى. بۇ قىز گېرمانىيىلىك ئاقسۆڭەكنىڭ مەلىكىسى بولۇپ، ئىسىمى سۇفىيە ئىدى. ئىمپېراتور پېتىرنىڭ ئاچىسىنىڭ ئىسىمىمۇ سۇفىيە بولغانلىقتىن، بۇ گېرمانىيىلىك مەلىكىگە يېكاتېرىنا دەپ رۇسچە ئىسىم قويۇلدى. يېكاتېرىنا روسىيىنىڭ پادىشاھ ئوردىسىغا كىرگەندە، ئاران 15 ياش ئىدى. ئۇ روسىيىنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرىنىمۇ، رۇسچىنىمۇ بىلمەيتتى، ئەمما ئۇ ئەقىللىق، پاراسەتلىك بولغانلىقتىن، رۇسچىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆگەندى، روسچە تارىخنى تەتقىق قىلدى، ئوردا خوجايىنىغا تۈرلۈك يوللار بىلەن ياخشىچاق بولدى. قېينانىسى تەئەددى قىلغانسېرى، ئۇ قېينانىسىنى شۇنچە ھۆرمەتلىدى؛ كۈيۆسى ئۇنى تىللىغانسېرى، ئۇنىڭغا شۇنچە كۆيۈندى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوردىغا ئۆزلىشىپ كەتتى. يېكاتېرىنا كېيىن بىر ئوغۇل تۇغدى. ئايال چار پادىشاھ ئوغۇل نەۋرىلىك بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپلا، كېلىنىگە ئون مىڭ روبلى بېرىۋەتتى. يېكاتېرىنا مۇشۇ پۇل بىلەن روسىيە ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن كوماندىرلارنى ئۆزىگە قارىتىۋالدى. ئۇ ئەن شۇنداق يوللار بىلەن كۈچ توپلىدى. 1761 - يىلنىڭ ئاخىرىدا، ئايال چار پادىشاھ ئۆلدى، پېتىر Ⅲ تەختكە چىقتى. يېكاتېرىنا ئېرىنى بىر ئامال قىلىپ كۆزدىن يوقىتىپ، ئۆزى پادىشاھ بولۇشنى چەن سوقۇپ يۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىككى ئەر دوستىنى چاقىرتتى، ئۇلار ئورلوۋ ئائىلىسىنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ كوماندىرلىرى ئىدى. - سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا ئەسكەر ۋە قورال بار، ماڭا بىرەر يول كۆرسەتسەڭلار قانداق؟ - دېدى يېكاتېرىنا كۈلۈپ تۇرۇپ، ئىش پۈتكەندە، سىلەر تازا پايدا ئالىسىلەر! - خوپ، شاھ ئاغىچا ئالىلىرى، بىز مۇھاپىزەتچىلەر چوقۇم سىلىگە سادىق بولىمىز، - دېدى چوڭ ئورلوۋ ئىككى پۇتىنى >قارس< سىدا جۈپلەپ تىك تۇرغان پېتى يېكاتېرىناغا ھەربىچە سالام بېرىپ؛ ئۇنىڭ ئۇكىسىمۇ دەرھال تىك تۇرۇپ سالام بەردى. - ھەممىمىز ئۆز ئادەم، >ئالىلىرى<، >پالىلىرى< دېيىشنىڭ كېرىكى يوق. مەن تەختكە چىققاندىن كېيىن شۇنداق دېسەڭلارمۇ كېچىكمەيسىلەر! - دېدى يېكاتىرىنا كۈلگەن پېتى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ قويدى ۋە ئۇلارنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. - ئالىلىرى، مېنىڭ بىر پىلانىم بار، - دېدى چوڭ ئورلوۋ بىر نېمىنى ئويلاپ، - مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ ئىشىنى ئىككىمىز ئۈستىمىزگە ئالىمىز، سىرتنىڭ ياردىمى كەملىك قىلىۋاتىدۇ، ئاندىن... گەپ شۇ يەرگە يەتكەندە ئۇ ئىككى ئالقىنىنى ئېچىپ سىلكىپ قويدى. - ھا...ھا! - يېكاتېرىنا كۈلۈپ كەتتى ۋە ئۆزىنى ئوينىتىپ، پۇل دەمسىلەر؟ سىرتنىڭ ياردىمى دەمسىلەر؟ كارى چاغلىق، سىلەر ئەنگىلىيىنىڭ باش ئەلچىسىنى تېپىپ كېلىڭلار، ئۆزەم سۆزلىشىمەن، - دېدى. ئىككى كۈندىن كېيىن ئەنگىلىيىنىڭ باش ئەلچىسى كېلىپ يېكاتېرىنا بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلار تىنچ - ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن: - ئالىلىرى، ئىشەنچ بارمۇ؟ - دەپ سورىدى باش ئەلچى توپ - توغرا. يېكاتېرىنانىڭ كۆزلىرىدە غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ، چىرايى تاتىرىپ كەتتى ۋە بىر - بىرلەپ: - جاناپلىرى، كۆڭلۈمنى چۈشەنگەيلا، مەن يا پادىشاھ بولىمەن، يا ئۆلىمەن! باش ئەلچى بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتتى ۋە: - ئالىلىرى بۇنداق نىيەتكە كەلگەن بولسىلا، دۆلىتىمىز سۆزسىز پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىدۇ، - دېدى. 1762 - يىل 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سەھەردە، يېكاتېرىنا ئوردا سىياسى ئۆزگىرىشى قىلدى، مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنى ئاكا - ئۇكا ئورلوۋلارنىڭ قوماندانلىقىدا ئوردىغا بېسىپ كىرىپ، پېتىرⅢ نى تۇتۇۋالدى. پېتىرⅢ يېكاتېرىنانى كۆرۈپلا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى: - بانۇ ئالىلىرى، بىز 18 يىللىق ئەر - خوتۇن تۇرساق، دەرھال خۇدانىڭ دەرگاھىغا كېتىشىمگە تاقەت قىلىپ تۇرالامدىلا؟ - ساڭا قىلىدىغان گېپىم يوق، - دېدى يېكاتېرىنا كەسكىن ھالدا. - ئالىلىرى، مەن پادىشاھلىقتىن ۋاز كەچتىم، ئۆزلىرى پادىشاھ بولسىلا، ماڭا بىر قېتىم رەھىم قىلىشلىرىنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن، - دېدى پېتىرⅢ تارام - تارام تۆكۈلۈپ. - سىلەر بىر تەرەپ قىلىڭلار! - دېدى يېكاتېرىنا ئاكا - ئۇكا ئورلوۋلارغا قول شىلتىپ ۋە بۇرۇلۇپلا چىقىپ كەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي پېتىرⅢ ئۆلتۈرۈلدى، يېكاتېرىنا چار پادىشاھ بولۇپ، ئۆزىنى >يېكاتېرىناⅡ< دەپ ئاتىدى. يېكاتېرىنا 34 يىل چار پادىشاھ بولدى، ئۇ سىرتقا قارىتا ئالتە قېتىم ئۇرۇش قوزغىدى، تۈركىيىنى مەغلۇپ قىلىپ قارا دېڭىز بويىدىكى نۇرغۇن زېمىننى تارتىۋالدى. پولشانى مەغلۇپ قىلدى ھەمدە پرۇسىيە، ئاۋستىرىيە بىلەن پولشانىڭ پۈتۈن زېمىنىنى بۆلۈشۈۋالدى. شۇ يول بىلەن روسىيە زېمىنىنى 630 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر كېيەتتى. ئۇ جان ئۈزۈۋېتىپمۇ زېمىنىنى كېڭەيتىشنى ئېسىدىن چىقارمىدى. يېكاتېرىنا دەرمانسىز غەزەپ بىلەن: مەن ئالتە مەركەزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ ئىمپېرىيە قۇرماقچى ئىدىم، ئۇ پېتىر بۇرگ، موسكۋا، بېرلىن، ۋېنا ۋە كونىستانتىنپول )ئىستانبول(، ئاستراخاننى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى... ئەگەر مەن 200 يىل ئۆمۈر كۆرگەن بولسام، پۈتۈن ياۋرۇپا روسىيىگە قارىغان بولاتتى، نەۋرەمگە ئالېكساندىر دەپ ئىسىم قويۇپ، ئۇنى قەدىمكى يۇناندىكى ماكېدونىيىنىڭ بۈيۈك ئىمپېراتورى ئالېكساندىردەك، ياۋرۇپا بىلەن ئاسىيانى كېسىپ ئۆتكەن چوڭ ئىمپرىيە - بۈيۈك روسىيە ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇشقا ئىمكانىيەت ياراتقان بولاتتىم، - دەيتتى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
گېرمانىيىدىن كەلگەن ئايال چار پادىشاھ | UyghurWiki | UyghurWiki