UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭئافىنادىكى دېموكىراتىيە

ئافىنادىكى دېموكىراتىيە

بەش مىڭ يىل _ يىغىنغا بېرىڭلار، كۆپچىلىك پۇقرالار قۇرۇلتىيىغا بېرىڭلار! _ دەپ ۋاقىراپتۇ قولىدا دالچىن دەرىخىدىن ياسالغان ھاسا تۇتقان جارچى ئافىنا كوچىلىرىنى ئايلىنىپ، ئافىنادا جارچى دۆلەت بۇيرۇغىنى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، جارچىلاردىن ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشتىن ئىلگىرى ئالاھىدە ئىمتىھان ئېلىندىكەن،(ئۇلارنىڭ ئاۋازىنىڭ جاراڭلىق ياكى جاراڭلىق ئەمەسلىكى، يېقىملىق ياكى يېقىملىق ئەمەسلىكى تەكشۈرۈلىدىكەن)، جارچىلار يەتكۈزگەن بۇيرۇق مۇقەددەس ۋە دەخلىسىز ئىكەن. كىشىلەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا قول سانائەت ئىشخانىلىرى، دوكانلىرى ۋە ئۆيلىرىدىن چىقىپ، شەھەرنىڭ غەربىدىكى دۆڭلۈككە يېغلىدىكە. بۇ يەر ئافىنانىڭ ئالى ھاكىمىيەت ئورگىنى _ پۇقرالار قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن ئورنى ئىكەن. ئالاھەزەل ھەر 10 كۈندە پۇقرالار بۇ يەرگە كېلىپ، بىر قېتىم يىغىنغا قاتنىشىدىكەن. يىغىپ ئېچىش توغرىسىدا ئومۇمەن. بەش كۈنى بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلىندىكەن. جىددى ئەھۋال بولغان ياكى ئالاھىدە مۇھىم يىغىن ئېچىش توغرا كەلگەندە، كوچىلاردا توۋلاپ خەۋەر قىلىشقا جارچى ئەۋەتىلىدىكەن ياكى بازاردا مەشئەل يېقىلىدىكەن. بۈگۈنكى يىغىن كېلەر يىللىق مۇھىم ئەمەلدارلار سايلىنىدىغان، ھەممىدىن مۇھىم بولغان بىر يىغىن ئىكەن، شۇڭا جارچى چىقىپ يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە ئاغزاكى ئۇقتۇرۇش قىلغان ئىكەن. كىشىلەر يىغىن مەيدانىغا كىرىدىغان جايغا كەلگەندە، ئالتە تەكشۈرگۈچى ۋ ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرى كەلگەنلەرنى رويخەتكە قاراپ تەكشۈرۈپتۇ. _ كۆپچىلىك دىققەت قىلىڭلار! _ دەپ ۋاقىراپتۇ بىر تەكشۈرگۈچى قۇرام تاشنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، _ بۈگۈن يىغىن سايلام يىغىنى، چەت قەلئە كىشىلرىنىڭ يىغىن مەيدانىغا كىرىشكە رۇخسەت يوق. ئافىنا قەلئەسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، پۇقرالار 20 ياشقا توشقاندا، مال _ مۈلكى ياكى باشقا سالاھىيىتىگە قارىماي پۇقرالار قۇرۇلتىيىدا سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىكەن. بىراق ئەمىلىيەتتە، ئافىنادا بۇنداق پۇقرالىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار ئاھالە ئومۇمىي سانىنىڭ ئوندىن بىر قىسىمىغىمۇ يەتمەيدىكەن، چۈنكى چەت قەلئەلىك كىشىلەر ۋە ئاياللار پۇقرالار قۇرۇلتىيىغا قاتنىشالمايدىكەن. قۇللارنىڭ قاتنىشىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. قۇلدارلارنىڭ دىدەك قۇللىرى يىغىن مەيدانىغا كىرىدىغان جايدا خوجايىنلىرىنى ساقلاپ تۇرىدىكەن. دېھقانلار بىلەن ھۈنەرۋەنلەرنىڭ سايلاش ھوقۇقى بولسىمۇ، لېكىن بىركۈن يىغىنغا قاتناشمىسا، بىر كۈنلۈك دارامەتتىن قۇرۇق قالىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار بۇنداق يىغىنلارغا دائىم قاتنىشالمايدىكەن، شۇڭا ھەر قېتىملىق يىغىنغا قاتنىشىدىغانلار ئاھالىنىڭ ئوندىن بىر قىسىمىغىمۇ يەتمەيدىكەن. بۈگۈنكى سايلام يىغىنىغا قاتناشقانلارغا بىر كۈنلۈك تۇرمۇش راسخودى بېرىلىدىغان بولغاچقا، يىغىنغا كەلگەنلەر ئادەتتىكى چاغلاردىكىدىن كۆپرەك بولۇپتۇ. يىغىن مەيدانىدا ئورۇندۇق بولمىغاچقا، كىشىلەر يەردە ئولتۇرىدىكەن، يىغىن مەيدانى تاغ باغرىدا بولغاچقا، ئارقىدا ئولتۇرغان كىشىلەرمۇ يىغىن سەھنىسىدىكى ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ئولتۇرىدىكەن. يىغىن سەھنىسى چوڭ قۇرام تاشتىن ياسالغان بولۇپ، ئىككى تەرىپىدە چىقىپ چۈشىدىغان پەلەمپەيلىرى بار ئىكەن. سەھنىدە بىر نەچچە تال شال قويۇلغان بولۇپ، بۇ ھەيئەت رىياسەتلەرنىڭ ئورنى ئىكەن؛ ئالدى تەرەپكە نەپىس ياسالغان ئورۇندۇق قويۇلغان بولۇپ، بۇ مەخسۇس يىغىن باشقۇرغۇچى ئۈچۈن تەييارلانغان ئىكەن. _ پۇقرالار، دىققەت! - رەئىس ئادەملەرنىڭ ئاساسەن كېلىپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ ئۈنلۈك جاكالاپتۇ، _ ھازىر تەڭرىگە ئاتاپ نەزىر قىلىمىز! شۇ زامان بىر ھاپىز بىر چوشقا كۈچۈگىنى يېتىلەپ مەيداننى بىر ئايلىنىپ چىقىپتۇ، ئاندىن كېيىن سەھنە ئالدىدىكى نەزىر - چىراق سوپىسىغا بېرىپ، خەلقى - ئالەم ئالدىدا چوشقىنى بوغۇزلاپتۇ. بۇ يىغىن ئېچىلىشتىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلدىغان دىنىي مۇراسىم ئىكەن. چوشقا بوغۇزلىنىپ بولغاندىن كېيىن، يىغىن رەئىسى كېيىنكى نۆۋەتتە ئەمەلدار بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلارنىڭ ئىسملىگىنى ئوقۇپتۇ ھەمدە يىغىنغا قاتناشقۇچىلاردىن ھەر بىر نامىزات ئۈستىدە پىكىر ئېلىپتۇ. _ مېنىڭ پىكرىم بار! _ بىر تاشچى سەھنىگە چىقىپتۇ. شۇ چاغدا رەئىس ئۇنىڭغا دەپنە دەرىخى گۈلىدىن ياسالغان بىر گۈلتاج بېرىپتۇ، بۇ رەئىسنىڭ ئۇنىڭ سۆز قىلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقى ئىكەن. گۈلتاج تاقىغان ئادەم سۆز قىلىۋاتقان چاغدا، ئەگەر بىرەر ئادەم ئۇنى ھاقارەتلىسە، رەئىس ئۇنداقلارنى يىغىن مەيدانىدىن چىقىرىۋېتىدىكەن ھەتتا پۇل جەرىمانە قويىدىكەن. لېكىن سۆزلىگۈچىمۇ ئەدەپلىك بولۇشى، يىغىن قاتناشچىلىرىنى ھاقارەتلىمەسلىكى ياكى تىللىماسلىقى كېرەك ئىكەن. ئەگەر ئۇ بۇ بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلسا، كىشىلەر ئۇنىڭ سۆز قىلىشىغا رۇخسەت قىلمايدىكەن ياكى رەئىس تەرىپىدىن ئۆز ئابرينى يوقاتقان ئادەم دەپ جاكارلىنىدىكەن. تاشچى سۆزىنى باشلاپتۇ. ئۇ ھېلى ئېلان قىلىنغانلار ئىچىدە بىرسىنىڭ 29 ياش بولۇپ، تېخى 30 ياشقا تومىغانلىقىنى، شۇڭا نامزات بولالمايدىغانلىقىنى، يەنە بىرسىنىڭ بۇلتۇر ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ يىل قايتا سايلانماسلىقى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈپتۇ... نامراتلار ئۈستىدىكى مۇھاكىمە ناھايىتى قىزغىن بولۇپتۇ. ئەگەر بىرەرسىنىڭ باج تاپشۇرمىغانلىقى ياكى دۆلەتكە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك قەرزىنى تاپشۇرمىغانلىقى پاش قىلىنسا، ئۇنىڭ نامراتلىقى سالاھىتى ئېلىپ تاشلىنىپلا قالماستىن، بەلكى قاتتىق جازالىنىپتۇ. پۈتۈن نامزاتلار تەكشۈرۈپ بولۇنغاندىن كېيىن، رەئىس سايلام باشلانغانلىقىنى جاكالاپتۇ. بۈگۈنكى يىغىندا 10 نەپەر سەركەردە، 10 نەپەر پىيادە ئەسكەر بېشى، ئىككى نەپەر ئاتلىق ئەسكەر بېشى ۋە بىر نەپەر غەزىنىچى سايلىنىدىكەن. يىغىن رەئىسى نامزاتلارنىڭ ئىسملىرىنى ئوقۇپتۇ، پۇقرالار قول كۆتىرىپ ئاۋاز بېرىپتۇ. مىرزا بۇنى خاتىرىلەپ مېڭىپتۇ. كىم كۆپ ئاۋازغا ئىگە بولسا، شۇ سايلىنىپتۇ. سەركەردىلەر، پىيادە ئەسكەرلەر بېشى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەر بېشى ئارمىينى باشقۇرىدىغان كىشىلەر بولۇپ، بۇلارنى سايلاش دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە ئالاقىدار ئىش بولغاچقا، چوقۇم چوڭ يىغىندا ئاۋاز بېرىش يولى بىلەن سايلىنىدىكە؛ غەزنچى دۆلەت غەزنىسىنىڭ ئاچقۇچىنى تۇتىدىغان كىشى بولۇپ، بۇ مۇھىم ئورۇن بولغاچقا، ئۇنىمۇ چوڭ يىغىندا سايلايدىكەن. باشقا ئەمەلدارلارنى جۈملىدىن 9 نەپەر ھاكىمدارنى، 500 نەپەر كېڭەش ئەزاسى، سوتچى، 11 نەپەر تۈرمە ئەمەلدارى، 10 نەپەر شەھەر مەمۇرىيىتى ئەمەلدارى ۋە 10 نەپەر بازار ئەمەلدارىنى يىغىندىكى سايلام ئاياقلاشقاندىن كېيىن چەك ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن سايلايدىكەن. چەك ئېلىش بىر ئىبادەتخانىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئۇ يەردە ئىككى ساندۇق بولۇپ، بىرسىدە نامزاتلارنىڭ ئىسمىلىكى، يەنە بىرسىدە ئاق پۇرچاق ۋە قارا پۇرچاق بار ئىكەن. چەك ئېلىشتا، ھەممىدىن بۇرۇن سايلانغان ھاكىمدار بىر ساندۇقتىن ئىسملىكتىن بىرنى، يەنە بىر ساندۇقتىن پۇرچاقتىن بىرنى ئالدىكەن. ئەگەر ئاق پۇرچاق چىقسا، كېلەر يىلى تەلەي سىناشقا قالدۇرۇلىدىكەن تەلەيسىز ئىكەنمەن، يەنە قارا پۇرچاق چىقىتى! _ سايلانماي قالغان نۇرغۇن نامراتلار دائىم ئاشۇنداق زارلىنىدىكەن شۇنى بىلىش كېرەككى، ئۆمرىدە بىرەر ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئۇلىشالمىغان كىشى، ھورۇنلار ۋە قولىدىن ئىش كەلمەيدىغانلار دەپ قارىلىدىكەن. پۇقرالارنىڭ كۆپىنچىسى مەلۇم ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئۆتەشتىن باش تارتىمايدىكەن، چۈنكى ھۆكۈمەت خىزمىتىدە بولغانلار كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھۆكۈمەت خىزمىتى ئۈچۈن بېرىلىدىغان تۇرمۇش پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن. ھەممە مۇھىم ئەمەلدارلار سايلاپ چىقىلىپ ئىككى ئايدىن كېيىن، بۇرۇنكى ئەمەلدارلار ئىش ئۆتكۈزۈپ بېرىدىكەن. يېڭى ئەمەلىدارلار خىزمەت تاپشۇرۇۋېلىپ ئىش بېجىرىدىكەن. 2 - يىلى ئەتىيازدا، يېڭى خىزمەتكە چىققان بىر يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدار پەۋقۇلئاددە پۇقرالار قۇرۇلتىيى چاقىرىشنى تەشەببۇس قىپتۇ. «پەۋقوللاددە» قۇرۇلتاي دىيىشتە، ئۇ «ساپالغا ئىسمىنى يېزىپ سۈرگۈن قىلىش» نى يولغا قويۇش مەسلىسىنى قۇرۇلتايغا قويماقچى ئىكەن. «ساپالغا ئىسمىنى يېزىپ سۈرگۈن قىلىش» دېگەن قانداق ئىش؟ بۇ ملادىدىن ئىلگىرى 6 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، يۇنان دېموكىراتىك سىياسسىنىڭ پېشىۋاسى كىلېستېنېس تۈرگەن بىر لەتنىڭ دېموكىراتىيە تۈزۈمگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شەخسى مۇستەبىتلىكىنى يولغا قويماقچى بولغان ئادەم پەۋقۇلئاددە پۇقرالار قۇرۇلتىيى چاقىرىلىپ، ئاغزاكى ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى بىلەن «ساپال سوت كوللىگىيىسى» گە تاپشۇرۇلۇپ سوت قىلىنىدىكەن ھەمدە ئۇنى ئافىنادىن سۈرگۈن قىلىپ ھەيدىۋېتىش _ ھەيۋەتمەسلىك توغرىسىدا قارار چىقىرىدىكەن. بۇ قېتىمقى پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتايدا كۆپ سانلىق پۇقرالار ساپال بىلەن ئاۋاز بېرىشنى يولغا قويۇش زورۇر، دەپ ھېساپتۇ. ھەمدە ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن بىر ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئاتاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى قېتىملىق پۇقرالار قۇرۇلتىيى چاقىرىلىپتۇ. ئاۋاز بېرىدىغان كۈنى يېتىپ كېلىپتۇ. قوشام بىلەن قۇرۇقلانغان ئاۋاز بېرىش مەيدانىغا 10 ئىشىك ئېچىلغان. ئاۋاز بېرىش لاياقىتىگە ئىگە ھەر بىر پۇقرا ئۆز قەبىلىسى كىرىدىغان ئىشىكتىن بىر دانە ساپال ئېلىپتۇ. ئۇلار ھەرقايسى سۈرگۈن قىلىش كېرەك، دەپ ھېساپلىغان ئادەمنىڭ ئىسىم _ فامىلىسىنى ساپالغا يېزىپ، يىغىن مەيدانىغا كىرگەندىن كېيىن خىزمەتچىلەرگە تاپشۇرۇپتۇ. ساپالنى تاپشۇرۇشتا ئىسىم يېزىلغان يۈزى يەرگە قارىتىپ تاپشۇرۇلىدىغان بولغاچقا، ئاۋاز بېرىش مەخپى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئاۋاز بېرىپ بولۇنغاندىن كېيىن، پۇقرالار قۇرۇلتىيى خادىملىرى ساپالنى جەملەپ چىقىپتۇ. ئەگەر بىرەر ئادەمنىڭ ئىسىم _ فامىلىسى يېزىلغان ساپال ئالتە مىڭدىن ئېشىپ كەتسە، ئۇنداقلار 10 يىللىق سۈرگۈن قىلىندىكەن. ئۇنداقلار سۈرگۈن مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئاندىن ئافىناغا قايتىپ كېلىپ، پۇقرالىق ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىكەن. يېغىن مەيدانىدا كەيپىيات جىدىلىشىپتۇ. ھەممەيلەن تىمتاس تۇرۇپ ئاۋاز بېرىشنىڭ نەتىجىسىنى كۈتۈپتۇ. ئاۋاز بېرىشكە رىياسەتچىلىك قىلغۇچى خادىم بېرىلگەن ئاۋاز نەتىجىسىنى ناھايىتى تىز ئېلان قىلىپتۇ. بۇ قېتىم بىر ئاقسۆڭەكنىڭ ئوغلى ھەممىدىن كۆپ ئاۋازغا ئىگە بولۇپتۇ. ئۇنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىنىش بىلەن تەڭ، پۈتۈن مەيدان خوشاللىققا چۆمۈپتۇ. بىر دېڭىزچى خوشاللىنىپ مۇنداق دەپتۇ: _ بۇ ئەبلەغ دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇشقا دائىر قارشى تۇرۇپ كەلدى! دۆلەتنى قوغدا ئۈستىدە ئۇ ھىچقاچان باش قاتۇرۇپ باققىنى يوق! _ ئۇنىڭ باش قاتتۇرىدىغىنى، _ دەپتۇ بىر دېھقان، _ قانداق قىلىپ نامراتلارغا كېمە رولىنى تۇتقۇزماسلىق، نامراتلار كېمە رۇلىنى تۇتىدىغان بولسا، بىر بۇردا نان ئۈچۈن قاترىمايدۇ، بۇنداق خوجاملارغىمۇ يالۋۇرمايدۇ! _ ئافىنادىن يوقالسۇن! _ سەھنە ئاستىدىكىلەر چۇقان كۆتىرىشىپتۇ. ھېلىقى ئاقسۆڭەكنىڭ ئوغلى شۇ زامانلا يىغىن مەيدانىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلىپتۇ. ئافىنادىكى دېموكىراتىيە ئەينى زامانلاردا ئىلغار تۈزۈم بولىسمۇ، لېكىن بەربىر قۇللۇق تۈزۈمگە تەئەللۇق دېموكىراتىيە بولغان، ئۇ ئافىنا قۇللۇق تۈزۈمدىكى ئىقتىسات ۋە قۇلدارلار سىنىپىي ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، دېھقانلار بىلەن ھۈنەرۋەنلەر بۇ دېموكىراتىيىنىڭ ھەقىقى خوجايىنى بولالمىغان.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ