داخۇا ئىسلاھاتى
بەش مىڭ يىل
مىلادى 645 - يىلى 12 ـ ئىيۇندا ياپونىيىدە ئوردا ئۆزگىرىشى بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيىنىڭ ئەھۋالىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى.
شۇ كۈنى ۋاقىت ئەتىگەن ئىدى، خان سارىيىدا داقا - دۇمباق، نەغمە - ناۋا سادالىرى ئەۋج ئېلىۋاتاتتى. مەمۇرى ھەم ھەربىي ئەمەلدارلار ئوردا كىيىملىرىنى كىيىگەن ھالدا ئاستا - ئاستا قەدەم تاشلاپ سارايغا كىردى ۋە ئەمەل مەرتىۋىلىرى بويىچە ئىكك تەرەپكە ئۆتۈپ نازاكەت بىلەن تۇرۇشتى. سامماۋى خان، ئوردا كىنىزەكلىرىنىڭ پەپىلەشلىرى ئارقىسىدا تەختكە كېلىپ ئولتۇردى. ئەسلىدە بۇ كۈنى سامماۋى خان سىنلو، بەيجى، گاۋجۇلى قاتارلىق ئۈچ بەەلىك )ئەينى چاغدىكى كۇرىيە يېرىم ئارىلىدا قۇرۇلغان بگلىكلەر( نىڭ ئەلچىلىرىنى قوبۇل قىلاتتى، شۇڭا ئەدەپ - ائىدىلەر ئىنتايىن داغدۇغىلىق بېجىرىلىۋاتاتتى.
چوڭ ئاقسۆڭەك قۇلدار سۇۋۇرۇلومۇ قوبۇل قىلىشقا قاتنىشىۋاتاتتى. جياڭجۈنلەرچە ياسىنىپ بېلىگە قىلىچ ئاسقان ھالدا سامماۋى خاننىڭ سول تەرىپىدە ئۆرە تۇراتتى؛ ئۇنىڭ ئاتىسى سۇۋۇ شايى، دوكراق كەلگەن بىرقېرى بولۇپ شۇ تاپتا كۆزىنى قىسقان ھالدا سامماۋى خاننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇراتتى. ئاتا - بالا بۇ ئىككىيلەننىڭ ھوقۇق كۈچ ناھايىتى زور بولغاچقا، سامماۋى خان خانلىق ھوزۇرىدا قىلىنىدىغان ھەرقاندا قارارنى ئالدى بىلەن ئۇلاردىن سوراپ كۆرەتتى، بۇنداق بولمىغاندا بۇ قارارلار بىردەك بىكار قىلىناتى. شھنىشا سامماۋى خان ئەسلىدە شايى تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، پەقەت قورچاقلىق رول ئوينايتتى، ھەقىقىي سامماۋى شايى ئۆزى ئىدى. ئادەتتىك چاغلاردا، شايى خانلىق ھوزۇرىغا كەلمىسىمۇ ھېچ گەپ بولمايتتى، ھەقىقىي سامماۋى شايى ئۆزى ئىدى. ئادەتتىكى چاغلاردا، شايى خانلىق ھوزۇرىغا كەلمىسىمۇ ھېچ گەپ بولمايتتى. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ ئولتۇراق قوراسىنى >خان ئوردىسى<، ئۆزىنىڭ ئوغلىنى >خان ئوغلى< دەپ ئاتاپ بولغان ئىدى. ئادەتتىكى چاغلاردا، شايى خانلىق ھوزۇرىغا كەلمىسىمۇ ھېچ گەپ بولمايتتى. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ ئولتۇراق قوراسىنى >خان ئوردىسى<، ئۆزىنىڭ ئوغلىنى >خان ئوغلى< دەپ ئاتاپ بولغان ئىدى. بۈگۈنك چەتئەل ئەلچىلىرىنى قوبۇل قىلىش بولغاچقا، ئەدەپسىزلىك بولمىسۇن ئۈچۈن، سامماۋى خانغا ھەمراھ بولۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.
- خان ئوغلى جۇڭ داشيۇڭ بۈگۈنكى قوبۇل قىلىشقا كەلمەپتىغۇ؟ - دايىش كۆزلىرىنى سەل ـ پەل ئېچىپ سامماۋى خانغا قاراپ سورىدى.
- ھە … ۋاي تاڭەي، ئۇ كېلىشى كېرەك ئىدى، - دەپ جاۋاپ بەردى سامماۋى خان، ئەمما شايىنىڭ مۇنداق دەپ سورىشىدىكى مەقسىدىنى تۇيمىدى.
مەككار شايى، خان ئوغلى جۇڭ داشيۇڭنىڭ كەلمىگەنلىگىدىن شۈبھىلىنىۋاتاتتى. ئۇ خان ئوغلى جۇڭ داشيۇڭنىڭ شايى ئاتا - بالا ئىككىيلەننىڭ خانلىقىنى تىزەىنلىشىگە كۆڭلىدە ئۆچمەنلىگى بارلىقىنى بىلەتتى. ئىككى كۈندىن بىرى يەنە ئۇ جۇڭ داشيۇڭنىڭ بىر ئىبادەتخانىدا قوشۇننى مەشق قىلدۇررۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدى. بۈگۈن خان ھوزۇرىغا مەمۇرىي ھەم ھەربىي ۋەزىرلەرنىڭ ھەممىسى جۇغلاشقاندا چوڭ داشيۇڭنىڭ كەلمەسلىگىدە جەزمەن بىر گەپ بار دەپ ئويلىدى. شۇڭا، ئۇ ئىككى مەرتىۋە قۇرۇق يۆتىلىپ قويدى - دە، >بىئارام بولۇۋاتىمەن< دەپ قويۇپ، باشقىلارنىڭ كۆتىرىشى بىەن چىقىپ كەتتى. ئۇ مېڭىش ئالدىدا ئوغلى زۇلۇغا كۆز قىسىپ ئۇنى دىققەت قىلىشقا ئىملىگەن بولسىمۇ، زۇلۇ ئۇنىڭ ئىماسىغا دىققەت قىلمىغاچقا، قىمىر - سىمىر قىلماي تۇرۇۋەردى.
>ئەلچىلەر كەلدى!<
جاكا بىلەن تەڭلا داقا - دۇمباق، نەغمە ـ0 ناۋا تېخىمۇ ياڭرىدى. سارايدىكى ئەمەلدارلار روھلىنىپ تىك تۇرۇشتى، سامماۋى خانمۇ تگختىدە راۋۇرۇس ئولتۇردى.
ئۈچ بەەلىكنىڭ ئەلچىلىرى پاساھەت بىلەن قەدەم تاشلاپ سارايغا كىردى، ئۇلارنىڭ ھەمرالىرى قوللىرىدا سوغا كۆتۈرەەن ھالدا قاتار بولۇپ كېلىشتى. شۇئان خان ئوغلى جۇڭ دشيۇڭ توساتتىن ئەلچىلەر ئارقىسىدىن كىرىپ كەلدى ـ دە، بارلىق ئىشىكلەرنى تاقاشقا بۇيرۇق قىلدى. سامماۋى خاننىڭ سول تەرىپىدە تۇرغان زۇلۇ، جۇڭ داشيۇڭنىڭ قىلغىنى كۆرۈپ ئەيىپلىمەكچى بولۇۋېدى، جۇ دداشيۇڭ چەبدەسلىك بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ تىغ سالدى، زۇلۇ ئۇنىڭ ۋەھشىلىگىنى كۆرۈپ، ئالاقزادىلىك بىلەن تىغ ياندۇردى. جۇڭ داشيۇڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن بىرلا ئۇرۇپ ئۇنىڭ قىلىچىنى يەرگە چۈشۈرۈۋەتتى ۋە ھايالسىز زۇلۇنىڭ كۆكرىكىگە قىلىچ ئۇردى، زۇلۇ شۇ يەرىدلا يەرگە يىقىلىپ جېنىدىن جۇدا بولدى. سورۇندىكى ئەلچىلەر قورقۇنچلۇقتا بىر چەتكە توپلىشىۋالدى. سارايدىكى مەمۇرىي ھەم ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭمۇ جان - ئىمانى چىقىپ كەتتى ـدە، نېمە قىلارىنى بىلىشمەي پاتىپاراق بولۇپ كېتىشتى. زۇلۇنى ئۆلتۈرۈپ بولغان جۇڭ داشيۇڭ قىلىچىنى بىر شىلتىش بىلەن تەڭ ساراي ئەتراپىغا يوشۇرۇنغان ياساۋۇللار پەرمانىدەك ئېتىلىپ چىقىپ شايى، زۇلۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى مەمۇرى ھەم ھەربىيۇ ۋەزىرلەرنى قولغا ئېلىپ بىر بىرلەپ يالاپ ئېلىپ چىقىپ كېتىشتى.
ئاندىن جۇڭ داشيۇڭ، سامماۋى ىاننىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنى ئەلچىلەرنى قوبۇل قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشق بۇيرۇدى. سامماۋى خان لاغ - لاغ تىترىگەن ھالدا ماقۇل بولدى، ئۈچ بەگلىكنىڭ ئەلچىلىرى شۇ ھامان دۆلەت مەكتۇبىنى سامماۋى خانغا تۇتتى، ئۇلارنىڭ ھەمرالىرى سوغىلارنى تقدىم قىلدى -دە، ئالدىراپ - تېنەپ سارايدىن چىقىپ كېتىشتى.
ئارقىدىنلا ساراينىڭ ئىشىكلىرى ئېچىۋېتىلدى، جۇڭ داشيۇڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئوردىغا باستۇرۇپ كىرىشىگە قوماندانلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، پۈتۈن شەھەردىكى ئاساسلىق ئىستىھكاملارنى تېزلىكتە ئىگەللىدى. سۇۋۇ شايىنىڭ ئائىلىسى قورشاۋغا ېلىندى. شايى ئۈمىتسىزلىكتىن ئۆزىنىڭ >خان سارىيى< دا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.
3 ـ كۈنى، خان ئوغلى جۇڭ داشيۇڭ ئۆزىنىڭ تاغىسىنى ۋاپادار سامماۋى خان قىلىپ تىكلىدى ۋە جۇڭەونىڭ يىلنامىسىگە تەقلىت قىلىپ >داخۇا< يىلنامىسىنى تۇرغۇزدى ھەمدە پايتەختىنى نانبو )ھازىرقى ئوساكا( غا يۆتكىدى.
2 ـ يىلى، يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ ئىسلاھات پەرمانىنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو سۈي ـ تاڭ سۇلالىلىرىنىڭ فېئوداللىق تۈزۈمىگە تەقلىد قىلىپ بىر يۈرۈش ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى:
ئۆتمۈشتىكى يەر ۋە قبىلە پۇقرالىرى )قۇللار( غا ئاقسۆڭەكلەر خۇسۇسى ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ، يەرلەر دۆلەت ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈۋېلىندى. سامماۋى خان پۈتۈن مەملىكەت يەرلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي ئىگىسى قىلىنىدى. قەبىلىلەر پۇقرالىرى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈلۈپ، پۇقرا نامىغا ئىگەق ىلىندى. ئۆتمۈشتىكى ئاقسۆڭەكلەر، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، دۆلەتتىن مائاش بىلەن تەمىنلەندى. قۇلدار ئاقسۆڭەكلەرنڭ ۋارىسلىق قىلىش ئىمتىيازى بىكار قىلىندى.
نوپۇس يېرى بۆلۈپ بېرىشتىن ئىبارەت يېڭى تۈزۈم ئورنىتىلدى. ھۆكۈمەت ئالتە ياشقا توسقان ئاددى پۇقرالارغا ھەر ئالتە يىلدا بىر قېتىم نوپۇس يېرى بۆلۈپ بەردى، يەرنى ئېلىپ ـ سېتىشقا رۇخسەت قىلىنماي، يەر ئالغۇچى ئۆلگەندىن كېيىن، دۆلەتكە ايتۇرۇۋېلىندى؛ يەر ئالغۇچىلارنىڭ زېممىسىەە دۆلەتكە ئىجارە تۆلەش، ھاشارغا ئىشلەش ۋە سېلىق تاپشۇرۇش يۈكلەندى.
ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن دۆلەت تۈزۈمى ۋە مەركەز ھەم جايلارنىڭ مەمۇرىي تۈزۈمى تۇرغۇزۇلدى. ئەسكەر ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، ھەربىي ھوقۇق مەركەزنىڭ ئىلكىگە ئۆتكۈۈلدى.
مانا بۇ - ياپونىيە تارىخىدا مەشھۇر بولغان >داخۇا ئىسلاھاتى<. بۇ قېتىمقى ئىسلاھات، ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشى ئارقىلىق يۇقىرىدىن تۆۋەنگە يۈرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما تاسادىپىي ۋەە ئەمەس ئىدى. ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سۇۋا دىكتاتۇرىسىنىڭ زۇلمى بىلەن جەمئىيەت ناھايىتى قالايمىقانلىشىپ كەتكەچكە، خەلقنىڭ نارازىلىقى خېلى بۇرۇنلا قوزغالغان. خانلىق ھوزۇرىدىكى بەزى ئۇقۇمۇشلۇق زاتلار جۇڭەونىڭ قۇدرەتلىك تاڭ سۇلالىسىنى تەقلىد قىلىپ، بىرلىككە كەلگەن فېئوداللىق دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىغا كېلىپ قالغان ئىدى. داخۇا ئىسلاھاتى ياپونىيە تارىخىغا ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ كونا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ >قەبىلە پۇقرالىرى< نى قۇل قىلىشىنى بىكار قىلىپ، دېھقانلارنى ئىتقتىسادىي جەھەتتە نىسبى مۇستەقىللىققە ئىگە قىلدى. ياپونىيە ئىجتىمائى ئىگىلىگىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. >داخۇا ئىسلاھاتى< ياپونىيىنىڭ فېئوداللىق جەمئىيىتىگە كىرىشتىكى باشلىنىش بولدى.
ئەمما، بۇ قېتىمقى ئىسلاھات ئۈزۈل ـ كېسىل بولمىدى. دېھقانلار كونا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قۇل قىلىشىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە يېڭى يەر تۈزۈمى ئاستىدا ئېغىر ئېكىسپىلاتاتسىيە ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىدى. بۆلۈپ بېرىلگەن كىچىككىنە يەر بىلەن بىر ئائىلىنى قامداق كېتەلمايۋاتقان دېھقانلار يەنە ئېغىر باج ـ سېلىقلارنى تاپشۇرۇشقا، فېئودال قورۇق ئىگىلىرىگە ھاشارغا ئىشلەشكە مەجبۇرلاندى. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى يەرنىلا ياپونىيىنىڭ 8 ـ ئەسىردە ئۆتكەن بىر شائىرى >يوقسۇللارنىڭ سوئال ـ جاۋاپلىق ناخشىسى< دېگەن ئەسەردە:
جاھان شۇنچە كەڭ تۇرسا، نامرات قالدى تار يەردە،
قۇياش ئىللىق يورۇتار، بەھرىسىزلەر ھەسرەتتە.
بەتبەشرىلەر كالتەكلەر، نامراتلارنى بەس - بەستە،
رەھمىڭ كەلسۇن خۇدايىم. ياخشى كۈننى بەر ئەمرە.
دەپ يازغىنىدەك ئىدى.