UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭكارولىن مەدەنىيىتى

كارولىن مەدەنىيىتى

بەش مىڭ يىل - ئەي خالايىق قايسىڭلارغا بىلىم كېرەك بولسا مېنىڭ سېخى قولۇمدىن ئېلىڭلار! - ئەي يۇرتداشلار، مال - دۇنياغىلا نەزەر سالماي، ئاز ـ تولا بىلىممۇ ئېلىڭلار! فرانك پادىشالىقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان بىر بازاردا شوتلادنىيىلىك ئىككى ئادەم توختىماستىن ئاشۇنداق دەپ سۈرەن سېلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ شۇنچە ئىخلاسمەنلىك بىلەن توۋلاۋاتقانلىقىنى كۆرەەن كىشىلەر ئۇلارنى چۆرىدەشتى. بىر بوۋاي ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ھېچنىمە يوقلۇغنى كۆرۈپ شۈبھىلەندى ـ دە: - بىلىم قەيەردە؟ قانداق نېمە ئۇ؟ - دەپ سورىدى. - بىلىم مېنىڭ قەلبىمدە، ئۇنى كۆرگىلى ياكى تۇتقىلى بولمايدۇ، ئەمما ئۇنى بىلىۋالسىڭىز مال - دۇنيادىن ئوبدانراق ئەسقاتىدۇ، - شوتلاندىيىلىك جىددىلىك بىلەن جاۋاپ بەردى. - ھە! - دېدى بوۋاي كۈلۈپ قويۇپ، - شۇنداق گەپمىدى، ماڭا ئۇنىڭ كېرىگى يوق! مىلادى 8 - ئەسىردە قەدىمكى يۇنان، رىملارنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى نۇرغۇن شەھەلەرنىڭ چۈشكۈنلىشىشىگە ئەگىشىپ ۋەيران بولغان ئىدى. رىم دەۋرىدە، جامائەت ۋە خۇسۇسىلارنىڭ ساقلىغان كىتاپلىرى، 5 -، 6 - ئەسىردىن كېيىن، بىر ۋارىقى بۇزۇلۇپ - چېچىلىپ كەتكەچكە فرانك پادىشاھلىقىدىكى پۇقرالار ساۋاتسىز بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئىمپىراتور چارلېسنىڭ سارىيىدىكى نۇرغۇن ۋەزىر - ۋۇزرالارمۇ ئىلىپنىڭ سۇنۇغىنى بىلمەيتتى. شۇڭا كىشىلەر >بىلىم< دېگەن سۆزنىمۇ چۈشەنمەيدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدى. جامائەت شوتلاندىيىلىك ئىككى كىشىنىڭ ئالدىدا بىر پەسە پاراقلىشىپ كۈلۈشتى - دە، تارقىلپ كېتىشتى. بىراق بۇ گەپ چارلېسنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ باردى. شۇ ھامانلا شوتلاندىيىلك ئىككى كىشىنى چاىرىتىپ كېلىپ ئۇلارنى قوبۇل قىلدى. - ئاڭلىشىمچە، ئىككىڭلار بىلىم ئېلىپ كەپسىلەر، شۇنداقمۇ؟ - چارلېس مۇلايىملىق بىلەن سورىدى. - شۇنداق، پادىشاھى ئالەم، ئىككىمىزدە بىلىم بار، بىز ئاللا يولىدا بۇ بىلىمنى ئۇنى ئۆگىنىشكە مۇناسىپ كېلىدىغان كىشىلەرگە ئۆگىتىپ قويۇشقا خۇشتارمىز، - شوتلاندىيىلىكلەر ئىززەت - ئىكرام بىلەن جاۋاپ بەردى. - سىلەر قانداق بەدەل تۆلەيمىز؟ - يوقسۇ، پادىشاھى ئالەم، بىزگە ھېچقانداق بەدەل كېرەك ئەمەس، ئىلىم سۆزلىگىدەك مۇۋاپىق مۇۋاپىق بىر جاي بېرىلسە ھەمدە ئەقىللىقراق ئادەملەر ئۆگەنسىلا بولىدۇ! شوتلاندىيىلىكنىڭ جاۋاۋىدىن پادىشاھ ئىنتايىن مەمنۇن بولدى. چارلېس پادىشاھ بولغاندىن كېيىن، ئىمپىرىيىگە خىزمەت قىلىدىغان قابىللارنىڭ ناھايىتى ئازلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، دىنىي جەمئىيەت ۋە ئىبادەتخانىلارغا مەكتەپ قۇرۇشقا پەرمان بەرگەن ھەمدە ئوردىدا ئىنىستىتوت قۇرۇپ، راھىپ ۋە ئۆلىمالارنى كەڭ تۈردە دەرس سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن مەدەنىيەت ئۆگەنگەن ئىدى. مىلادى 774 - يىلى ئىتالىيىگە يۈرۈش قىلغاندا، ئۇ شۇ يەرلىك مەشھۇر ئالىم پىتىر ۋە باشقا بىلىملىك دىن تارقاتقۇچىلارنى ئېلىپ كېلىپ، مەكتەپ باشقۇرتقۇزدى ھەمدە پىتىردىن گراماتېكا ئۈگەندى، گرېكچە ھەم لاتىنچىنى ئىگەللىدى. كېيىنچە يەنە ئەنگىلىيىلىك مەشھۇر ئالىم ئالكۇندىن ئىستىلىستىكا، مۇنازىرە مېتودى ۋە ئاسترونومىيە ئۆگەندى ھەمدە پىلانتلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئىنتايىن ئىنچىكىلەپ كۈزەتتى. ئۇ بەزىلەرنىڭ ئىختىيارىي مائارىپىنى يولغا قويغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىچ - ئىچىدىن خوشاللاندى. ئىسىلزادىلەر، ئوتتۇرا تەبىقىدىكىلەر ۋە يوقسۇللاردىن كېلپ چىققان ئوغۇللاردىن بىر تۈركۈمنى تاللاپ چىقىشقا پەرمان بېرىپ، ئۇلارغا ئۆي - جاي ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ھەل قىلىپ بېرىپ بىر مەكتەپ قۇردى، ئۆزى يەنە ئۇرۇشقا ئاتلاندى. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، چارلېس ئۇرۇشتىن قايتىپ كېلىپ، بۇ مەكتەپتىكى ئوغۇللارنىڭ ساۋادىنى شەخسەن ئۆزى تەكشۈردى. تەنجىدە، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن تەبىقىدىن كېلىپ چىققان بالىلارنىڭ ساۋادىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىگخ، ئىسىلزادىلەر تەبىقىسىدىن كېلىپ چىققان بالىلارنڭ ساۋادىنىڭ ناھايىتى ناچارلىقى مەلۇم بولدى، تەكشۈرۈش ئاياقلاشقاندىن كېيىن، چارلېس ساۋادى ياخشى چىققان بالىلارنى ئۆز ئەتراپىغا يىغدى ۋە ئۇلارغا مېھرىبانلىق بىلەن: - بالىلىرىم، سىلەر پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن بۇيرۇغۇمنى ئىجرا قىلىپ، مېنى ئىنتايىن خۇشال قىلدىڭلار، ئۆلازەڭلارمۇ بىلىم ئالدىڭلار. سىلەر داۋاملىق مۇشۇنداق تىرىشىپ ئۆگىنىڭلار، مەن سىلەرگە ئېپىسكوپلارنىڭ باشقۇرۇش رايونلىرىنى ۋە ھەشەمەتلىك مۇناستىرلارنى ئاتا قىلىمەن. سىلەر مەڭگۈ شان - شۆھرەتلىك بولىسىلەر، - دېدى. ئارقىدىنلا ئۇ، ئۆگىنىشتە ناچار بولغان بالىلارغا غەزەپ بىلەن تىكىلدى ۋە گۈلدۈرمامىدەك غەزەپ بىلەن ئۇلارغا ۋاقىرىدى: - ھەي ئاقسۆڭەك، ئەمەلدارلارنىڭ بەگزادىلىرى، ئەيشى - ئىشرەتتە ئۆسكەن قۇرۇق سۆلەتلەر! سەنلەر نەسىل ۋە مال - مۈلۈكلىرىڭنى مىننەت قىلىپ، مېنىڭ ئالغا بېسىشنى كۆزلەش ھەقىدىكى پەرمانىمنى ئاڭلىماسلىققا سېلىشىپسەن، ئەيشى ـئىشرەت، كەيپ - ساپاغا بېرىلپ، بىكار تەلەتلىك بىلەن ھارامتاماقلىق قىلىپ يۈرۈشۈپسەن! - ئۇ ھەيۋەت بىلەن بېشىنى كۆتىرىپ، قاتتىق ۋاقىرىدى، - خۇدا تۇرۇپتۇكى، سەنلەرنىڭ ئىسىلزادە نەسەپ ۋە چىرايلىق كىيىملىرىڭ ماڭا سەت كۆرۈنىدۇ! قەسەم ئىچىمەنكى، سەنلەر جاسارەت بىلەن كىتاپ ئوقۇپ، بۇرۇنقى يالقاۋلىقلىرىڭنى تۈزەتمىگىچە، مەن سىلەرگە مەڭگۈ ھېچقانداق مېھرى ـ شەپقەت قىلمايمەن! چارلېس شۇنداق دېدى ۋە شۇنداق قىلدى. ئەڭ ياخشى ئوقۇغان كەمبەغەل بالىلارنى ئىبادەتخانىلارغا دىن تارقاتقۇچى بولۇشقا ئەۋەتتى. پۇرسەت بولسىلا ئۇلارنى ئۆستۈردى. بىر قېتىم، بىراۋ ئۇنىڭغا مەلۇم رايوننىڭ ئىپىسكوپى ئۆلۈپ كەتكەنلىگىنى مەلۇم قىلدى. ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن: - ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا ئۆز روھىنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا ئىنئام تەقدىم قىلدىمۇ؟ - دەپ سورىدى. خەۋەر يەتكۈزگۈچى: بۇ ئېپىسكوپ ناھايىتى نامرات ئىدى، پەقەت ئىككى قاداق كۈمۈش ئىنئام قىلدى، - دېدى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ چارلېسنىڭ كەيپى ئۇچتى. دەل شۇ چاغدا، ئوردىدىكى ياش دىن تارقاتقۇچى، چارلېسقا ئەرزۇ ھال ئېيتىپ: ئەگەر مەن بۇ ئېپىسكوپنىڭ ئورنىنى باسسام ناھايىتى زور ئىنئام تەقدىم قىلاتتىم، - دېدى. چارلېس بۇ ياش دىن تارقاتقۇچىنىڭ ئەسلىدە ناھايىتى ياخشى ئوقۇغان بىر كەمبەغەل بالا ئىكەنلىگىنى كۆرۈپ چوڭقۇر خىيالغا چۆمدى. بىردەمدىن كېيىنلا، نۇرغۇنلىغان ئىسىلزادە مۆتىۋەرلەر ئوردىغا كىرىپ كەلدى ۋە چارلېستىن ئېپىسكوپلۇق مەرتىۋىسىنى قايتا - قايتا تەلەپ قىلىشى؛ ئارقىدىنلا خانىشمۇ شەخسەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، چارلېستىن ئېپىسكوپلۇق مەرتىۋىسىنى ئۆزىگە ئىنتايىن سادەقەت بولغان بىر دىن تارقاتقۇچىغا بېرىشىنى ئۆتۈندى. چارلېس قايتا - ايتا ئويلانغاندىن كېيىن، ئاخىرى ئىسىلزادە مۆتىۋەرلەر ۋە خانىشنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ، ھېلىقى ياش دىن تارقاتقۇچىنى ئېپىسكوپلۇق مەرتىۋىسىگە كۆتەردى، ئەمما ئۇنىڭغا جىددى ھالدا: - سىز ئۆزىڭىزنىڭ ۋەدىسىگە جەزمەن ئەمەل قىلىشىڭىز، ماڭا چوڭ تۆھپە قوشۇشىڭىز كېرەك! - دېدى. شۇنداق قىلىپ ھېلىقى ياش دىن تارقاتقۇچى ئېپىسكوپ بولدى. چارلېس كىچىكىدىن تارتىپلا دىنىي تۇرمۇش ئىچىدە چوڭ بولغاچقا، خىرىستىيان دىنىغائ ىنتايىن سادىق ۋە تەقۋادار ئىدى. دەسلەپتە ئۇ، مۇقىم پايتەخت بولمىغاچقا، مەملىكەتنىڭ جاي ـ جايلىرىدا كېزىپ يۈرەتتى. ئۇ پادىشاھ بولغاندىن كېيىن، ئاخېننى پايتەخت قىلدى ھەمدە ئۇ يەردە كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇنلىغان ئورد ـ سارايلار ۋە چېركاۋلارنى سالدۇردى. بۇ ئىمارەتلەرنىڭ نۇرغۇن جايلىرى ئالتۇن - كۈمۈشلەر بىلەن بىزەلگەن، دەرۋازا ۋە يان ئىشىكلىرى مىستىن مۇستەھكەم ياسالغاچقا، ناھايىتى ھەشەمەتلىك كۆرۈنەتتى. مەرمەردىن ياسالغان تۈۋرۈكلەرنىڭ ھەممىسى يىراقتىكى رىم قاتارلىق جايلاردىكى قەدىمقى ئىمارەتلەرنى بۇزۇپ ئېلىپ كېلىشنگەن ئىدى. ئۇ سالامەتلىگى يار بەرسىلا، ئەتىگەن ئاخشاملىرى ۋە كېچىلەردە، شۇنداقلا نەزىر ـ چىراق قىلىنغان چاغلاردا دائىم چېركاۋغا بېرىپ دۇئا - تىلاۋەت قىلاتتى. ئوردا ـ سارايلار، چېركاۋلارنىڭ سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، رەسىمچىلىك، ئويمىچىلىق قاتارلىق سەنئەتلەرمۇ تەرەققىي قىلغان ئىدى. ئاخېندىكى ئوردا ئىبادەتخانىسى تاكى ھازىرغىچە ساقلانماقتا. ئىمپىراتور چارلېس ھۆكۈمرانلىق قىلغان 46 يىل جەريانىدا، فرانكىنىڭ مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئىشلىرى ئۆتكەنكى نەچچە ئەسىرەە قارىغاندا گۈللەندى ۋە تەرەققىي قىلدى. بىراق، بۇ دەۋردىكى مەدەنىيەت، مائارىپىنى دىنىي جەمئىيەت مونوپول قىلىۋالغاچقا، دىن تارقاتقۇچى راھىپلاردىن باشقا، تەربىيە ئالىدىغانلار يوق دېيەرلىك ئىدى. دەرسنىڭ مەقسىدى - دىن ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىدى: ئىستىلىستىكا، ئىنجىل تەرىقەتچىلىگىنى يولغا قويىدىغان مۇنازىرەشۇناسلارنى تەربىيىلەشكە قوللىنىلاتتى. لوگىكا، تەقدىرچىلىكنى ئىسپاتلاش ۋە بىدئەتچىلىكنى رەت قىلىشتىكى فورمال ئەقلىي يەكۈن چىقىرىش ئۇسۇلى سۈپىتىدە ئوقۇتۇلاتتى: مۇزىكىنىڭ مەزمۇنى ئىبادەت ناخشىسى ئىدى. ئاسترونومىيە دەرسى دىنىي ئايەملەرنى ھېساپلاش ۋە مۇنەججىملىك قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلاتتى. چارلېس يەنە ئادەم ئەۋەتىپ، بىر مۇنچە لاتىنچە ۋە گرېكچە قوليازمىلارنى يىققان ۋە كۆچۈرۈۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مەزمۇنىنى پۈتۈنلەي بىلمەيتتى؛ لېكىن بۇ كېيىنكى ئەۋلادلارغا كلاسسىك يازغۇچىلارنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرىنى قالدۇرۇش رولىنى ئوينىغان. ئىمپىراتور چارلېس ھۆكۈمرانلىقىدىكى سۇلالە كارولىن سۇلالىسى دەپ ئاتالغاچقا، كېيىنكى تارىخچىلار چارلېس دەۋرىدىكى مەدەنىيەتنى >كارولىن مەدەنىيىتى< دەپ ئاتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
كارولىن مەدەنىيىتى | UyghurWiki | UyghurWiki