لىنكولن
بەش مىڭ يىل
ئامېرىكىنىڭ ئىللىنويس شتاتىدىكى بىر كىچىك دۇكانغا ياش بىر دۇكان خىزمەتچىسى كەلدى. ئۇ سودىدا ئادىل، پوزىتسىيىسى مۇلايىم بولغانلىقتىن، خېرىدارلارنىڭ تازا قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. بىر كۈنى، بىر موماي سودا قىلىپ كەتتى، دۇكان خىزمەتچىسى ھېساپلاپ كۆرۈۋېدى، ئۇنىڭغا 12 پۇڭ كەم قايتۇرۇلۇپتۇ. دۇكان خىزمەتچىسى موماينىڭ دۇكىنىدىن بەش كىلومېتىر يىراقتا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقۇشۇپ تېپىپ، بۇ 12 پۇڭنى ئەتىسى ئەتىگەندە ئاپىرىپ بەردى. موماي ئىنتايىن خوشال بولۇپ، ئۇنى راستىنلا سەمىمىي بالا ئىكەنسەن، دەپ ماختىدى.
بۇ سەمىمىي ياشنىڭ ئىسىمى لىنكولن ئىدى.
ئابراھام لىنكولن 1809 - يىلى تۇغۇلدى. ئۇنىڭ دادىسى يېزىلىق ياغاچچى بولۇپ، تۇرمۇشى قىيىن بولغانلىقتىن، تەرەپ - تەرەپتە سەرگەردان بولۇپ يۈردى. لىنكولن كىچىك ۋاقتىدا ئاران بىر يىل ئوقۇدى، قالغان چاغلاردا پۈتۈنلەي ئۆزى ئۆگەندى. شۇ كەملەردە قەغەز قىممەت بولغانلىقتىن، ئۇ ھەمىشە يەشىك تاختايغا كۆمۈر بىلەن يېزىپ مەشىق قىلىپ، رەسمىي يېزىشقا توغرا كەلگەندىلا، قەغەزگە يازاتتى. ئۇ 12 ياشقا كىرگەندە، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئىللىنويس شىتاتىغا كۆچۈپ كەلدى، لىنكولن ھېلىقى دۇكاندا خىزمەتچى بولۇپ ئىشلىدى.
بىراق، ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ دۇكان تاقىلىپ قالدى، لىنكولن باشقا ئىش تېپىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ چاغدا پوچتىخانا بازارىدا بىر پوچتا دۇكىنى ئاچتى، لىنكولن بۇ خىزمەتنى قوشۇمچە ئۆتىدى. بۇ پوچتىخانىدا بىرلا ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزى باشلىق، ئۆزى خىزمەتچى، ئۆزى پوچتىكەش ئىدى. بىر ئايلىق ئىش ھەققى ئاران بىر ئامېرىكا دوللىرى ئىدى. بۇنداق پوچتىخانىنىڭ ئۇزاق ئېچىلمايدىغانلىقى تۇرغان گەپ ئىدى، ئىككى ئايدىن كېيىن پوچتا تارمىقى ئۇنىڭ بىلەن ھېساپ - كىتاب قىلىپ يۈرمەيلا، تىجارەتنى توختىتىشنى ئۇقتۇردى. ئەمما لىنكون پوچتىخانىنىڭ پۈتۈن ھېساباتىنى ئېنىق ھېساپلاپ، دەپتەر بىلەن قەغەز پۇلنى ئەسكى پايپاقنىڭ ئىچىگە سېلىپ ئۆينىڭ تورۇسىدىكى لىمغا ئېسىپ قويدى. لىنكولن بىر يىلدىن كېيىن، پوچتىخانىنىڭ بىر ئەمەلدارىغا ئۇچراپ قېلىپ، ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كەلدى ۋە شوتىغا يامىشىپ چىقىپ لىمغا ئېسىقلىق پايپاقنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەردى. كىشىلەر بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، لىكولننىڭ سەمىمىيلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇدى. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر ئۇنى «سەمىمىي لىنكولن» دەيدىغان بولدى.
كوپچىلىك لىنكولنغا ئىشەنگەنلىكتىن، ئۇنى شىتاتنىڭ پارلامېنىت ئەزالىقىغا سايلىدى ھەمدە ئىمتىھان بەرگەندىن كېيىن ئادۋوكات بولدى.
ئۇ ئادۋوكات بولغاندىن كېيىن، ناھەق ئىشلارنى كۆرگەندە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇڭا، كىشىلەر ناھەق ئىشلارغا يولۇققاندا، ھەمىشە لىنكولننىڭ ئالدىغا كېلەتتى. لىنكولنمۇ ھەر دائىم ئۆزلۈكىدىن ياردەملىشىپ، ناھەق قامالغان كىشىلەرنى ئاقلايتتى.
بىر كۈنى، گېزىتكە ئانىستروڭ ئىسىملىك بىر ياشنىڭ مالنى دەپ قاتىللىق قىلغانلىقى توغرىسىدا بىر خەۋەر بېسىلدى. لىنكولن بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى. چۈنكى لىنكولن ئانىستروڭ بىلەن قوشنا بولۇپ، ئانىستروڭ ئۇنىڭ ئالدىدا چوڭ بولغان ئىدى، ئۇ ئانىستروڭنىڭ يوۋاش بالا ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، شۇڭا ئۇ ئانىستروڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ سۈرۈشتە قىلدى. ئانىستروڭنىڭ ئانىسى ئوغلىنىڭ ناھەقچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتىپ بەردى، لىنكولن ئۇنى چوقۇم تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لىنكولن ئەتىسى سوت مەھكىمىسىگە كېلىپ، بۇ ئەنزىگە دائىر ماتىرىياللارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چىقتى. ماتىرىيالدا ۋېلسون ئىسىملىك بىر گۇۋاھچىنىڭ ئايدىڭدا ئانىستروڭنىڭ ئۆلگۈچىنى تاپانچا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكى يېزىلغان ئىدى. لىنكولن ئويلانغاندىن كېيىن، ئادۋوكات بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوچۇق سوتقا قاتنىشىش قارارىغا كەلدى.
سوراق باشلاندى، نۇرغۇن كىشىلەر كېلىپ ئاڭلىدى. ۋېلسون ئانىستروڭنىڭ قاتىللىق قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى سوتچىغا يەنە بىر قېتىم ئېيتىپ ئۆتتى، ئۇ خۇددى راستتەكلا ئىشەنچىلىك سۆزلەيتتى.
لىنكولن ئورنىدىن تۇرۇپ گۇۋاھچىغا سوئال قويدى:
- ئانىستروڭنىڭ قاتىللىق قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭمۇ؟
- ھەئە، قەسەم ئىچىمەن، - دېدى گۇۋاھچى.
- سەن، ئوت - چۆپ دۆۋىسى ئارقىسىدا تۇراتتىم، ئانىستروڭ دەرەخ ئاستىدا تۇرۇپ ئوق چىقاردى دېدىڭ، شۇنداقمۇ؟ - دېدى لىنكولن قايتا سوئال بېرىپ.
- ھەئە، ئىككىمىزنىڭ ئارىلىقى 20 نەچچە مېتىرلا كېلەتتى، - دېدى گۇۋاھچى ئىشەنچىلىك بىلەن.
- ئارىلىقىڭلار شۇنچە يىراق تۇرسا، ئېنىق كۆرەلىدىڭمۇ؟
- ئۇ كۈنى سۈتتەك ئايدىڭ ئىدى، ھەممىنى تازا ئېنىق كۆردۈم.
- سەن ئۇنىڭ يۈزىنى كۆردۈڭمۇ ياكى كىيىمىنىمۇ؟
- مەن ئانىستروڭنىڭ يۈزىنى كۆردۈم، ئۇنىڭ يۈزىگە ئاي نۇرى چۈشۈپ تۇراتتى.
- ۋاقىتنىڭ قاچانلىقىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرەلەمسەن؟
- كېچە سائەت 11 بولغان، مەن ئۆيگە بېرىپ سائەتكە قارىسا، 11 دىن چارەك ئۆتۈپتىكەن. يەنە بىر قېتىم ئېيتىپ قويايكى، ئانىستروڭ چوقۇم سائەت 11 دە قاتىللىق قىلغان.
- سېنىڭ ئېيتقانلىرىڭ راستمۇ؟ - دەپ يەنە بىر قېتىم سورىدى لىنكولن ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن.
- مەن ھۆددە قىلىمەن، بۇنىڭ ھەممىسى راست، - دېدى گۇۋاھچى مەيدىسىگە مۇشتلاپ.
گۇۋاھچى ئورنىغا بېرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، لىنكولن سورۇندىكىلەرگە قاراپ:
- خانىملار، ئەپەندىلەر، سوتچى جاناپلىرى، دىققەت قىلىشىڭىزلارنى سورايمەنكى، بۇ گۇۋاھچى ئۆتۈپ كەتكەن ساختىپەز! - دېدى تەمكىنلىك بىلەن.
- ھە!؟ - دېيىشتى سوتتىكى كىشىلەر چۆچۈپ.
- مېنىڭ ئىسپاتىم بار، - دېدى لىنكولن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - شۇ كۈنى 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاي كېچىكلەپ بېرىۋاتقان بولۇپ، سائەت 11 بولغاندا، ئاي ئولتۇرۇپ بولغان، ئاي نۇرى پۈتۈنلەي تۈگىگەن.
- شۇنداق - دە! - دېيىشتى سورۇندىكىلەر كۇسۇلدىشىپ.
لىنكولن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
- گۇۋاھچى ۋاقىتنى ئېنىق بىلمىگەن، ۋەقە بىر - ئىككى سائەت بۇرۇن يۈز بەرگەن دەپمۇ ئېيتايلى، ئۇنداقتا، ئولتۇرۇپ بولغان ئاي غەرب تەرەپتىن نۇر چاچقانمۇ بولسۇن، قاراڭلار، ئوت - چۆپ شەرق تەرەپكە دۆۋېلىنىپتۇ، دەرەخ غەرب تەرەپتىكەن، ئەگەر جاۋابكار ئوت - چۆپ دۆۋىسىگە قاراپ تۇرغان بولسا، يۈزىگە ئاي يورۇقى چۈشىدۇ، ئەگەر گۇۋاھچى ئاي يورۇقى تەرەپكە قاراپ تۇرغان بولسا، ئۇ جاۋابكارنىڭ يۈزىنى كۆرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارىلىق 20 مېتىردىن ئاشىدۇ، غۇۋا ئاي يورۇقىدا جاۋابكارنىڭ يۈزىنى قانداقمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ؟
- ناھەق ئەنزىكەن! ناھەق ئەنزىكەن!
- گۇۋاھچى نومۇسسىزلىق قىپتۇ! گۇۋاھچى نومۇسسىزلىق قىپتۇ!
پۈتۈن سورۇن غۇژۇلداپ كەتتى، سوتچى «گۇۋاھچى»دىن نېمە ئۈچۈن يالغان گۇۋاھچىلىق قىلدىڭ، دەپ سورىدى. گۇۋاھچى بېشىنى ساڭگىلىتىپ.
- قاتىل ماڭا پۇل بېرىپ، خەققە زىيانكەشلىك قىلغۇزدى، - دېدى.
ناھەق ئەنزە ئېنىقلاندى، لىنكولننىڭ نامى پۈتۈن مەملىكەتكە پۇر كەتتى، لىنكولن شۇنىڭدىن كېيىن سىياسى سەھنىگە قەدەم تاشلىدى. 1860 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلاندى.