UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭداۋىد ۋە «ماراتنىڭ ئۆلۈمى»

داۋىد ۋە «ماراتنىڭ ئۆلۈمى»

بەش مىڭ يىل بېلگىيىدىكى بريۇسېل مۇزىيخانىسىدا، فرانسىيە رەسسامى داۋىد ئىجاد قىلغان دۇنياغا مەشھۇر بىر رەسىم - «ماراتنىڭ ئۆلۈمى» ساقلانماقتا. داۋىد فرانسىيىنىڭ بۈيۈك ئىنقىلابىدىكى بۇ قەھرىمان ئىنقىلاب يولىدا قۇربان بولغان سەلتەنەتلىك مەنزىرىنى مەزمۇت - غەمكىن مەنزىرىنى مەزمۇت - غەمكىن قەلىمى ۋە تولۇپ تاشقان چوڭقۇر مۇھەببىتى بىلەن سىزغان. ماراتنىڭ ئاتاقلىق فىزىكا ئالىمى ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. فرانسىيىدىكى بۈيۈك ئىنقىلابتا، ئۇ ياكوبىنچىلارنىڭ مۇھىم يولباشچىسى بولغان «خەلق دوستى» گېزىتىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى ئىدى. 1793 - يىل 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ژىروندىچىلارنىڭ ئايال ئىشپىيونى شېلوت كولدېر ئۇنىڭغا قاتىللىق قىلدى. «ماراتنىڭ ئۆلۈمى» دە، شۇ زاماندىكى تارىخىي ۋەقەلىك ھەقىقى نامايەن قىلىنغان. قاراڭلار! رەسىمنىڭ يۇقىرىى قىسىمى قاپ - قارا بوشلۇق بولۇپ، كىشىگە قايغۇلۇق مەنزىرىنى ئەسلىتىدۇ. ماراتنىڭ يالىڭاچ بەل يۇقىرىسى ۋاننىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ ئېغىر تېرە كېسىلى بولغانلىقتىن، ھەمىشە سۇغا چىلىنىپ ئولتۇرۇپ ئىشلەيتتى. كۆكسىدە يارا بولغاچقا، ئۇ يەردىن چىققان ئىسسىق قان مايكىسىنى بويىۋەتكەن، بۇ ھال ئۇنىڭ ئىنقىلاب يولىدا قۇربان بولغانلىقىنىڭ پاكىتى. مەرھۇمنىڭ بېشى ئارقىغا سەل قىيسايغان، يۈزى كۆرگۈچىلەرگە مايىل بولۇپ، قولىدا بىر پارچە خەتنى تۇتۇپ تۇرىدۇ. خەتتە: 1793 - يىل 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاننا مارىيە كولدېردىن گىراژدان ماراتقا، مەن ناھايىتى بەختسىزلىككە ئۇچرىدىم، سىزنىڭ خەيرخاھلىقىڭىزغا ئېرىشىشكە تامامەن ھەقلىقمەن» دەپ يېزىلغان. ئايال ئىشپىيون ماراتنىڭ ئۆيىگە دەل مۇشۇ خەتنىڭ ياردىمى بىلەن كىرگەن. ۋاننا يېنىدا بىر كىچىك ئۈستەك، ئۈستەل ئۈستىدە بىر قۇتا سىياھ ۋە بىر پارچە خەت تۇرىدۇ، خەتتە مارات:«بۇ بەش فرانكلىق قەغەز پۇلنى بەش بالىنىڭ ئاپىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىڭ، ئۇنىڭ كۈيۆسى ۋەتەننى قوغداش يولىدا قۇربان بولدى...» دەپ يازغان. مارات دەل مۇشۇ خەتنى يېزىۋاتقاندا قەستكە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ ئوڭ قولى يەرگە ساڭگىلىغان بولۇپ، قولىدا پەي قەلەمنى چىڭ تۇتۇپ تۇرىدۇ، بۇ ھال ئۇنىڭ جان ئۈزۈۋېتىپتىمۇ، خىزمەتنى ئۇنتۇمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئايال ئىشپىيۇننىڭ قاتىللىق قورالى بولغان پىچاق يەردە تۇرۇپتۇ. ئىجچام، ئەمما سەلتەنەتلىك بۇ رەسىم ئىنقىلابچى ماراتنىڭ ئۇلۇغ ھاياتىنى خۇددى ھاياتتەكلا نامايەن قىلىپ سۆيىدىغانلىقى كىشىدە روشەن تەسىرات قالدۇراتتى. داۋىدنىڭ ئۆزىمۇ ئىنقىلابچى بولغانلىقى ئۈچۈنلا، «ماراتنىڭ ئۆلۈمى» نى ئەنە شۇنداق تېگىدىن ياخشى سىزىپ چىقالىغان. جاك لۇئى داۋىد 1748 - يىلى پارىژدىكى بىر زىبۇ - زىننەت سودىگىرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 9 يېشىدا دادىسىدىن رەسساملىقنى ئۆگەنگەن. ئۇ رەسىم سىزىشنى قېتىقىنىپ ئۆگەنگەن. ئۇ رەسىم سىزىشنى قېتىقىنىپ ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ سەنئەت تالانتىنى ناھايىتى تېزلا كۆرسەتكەن. 1784 - يىلى سىزغان «گولاش ئۇكىنىڭ قەسىمى» دە، قەدىمكى رىم تارىىى تېما قىلىنغان بولۇپ، خەلقنىڭ قەھرىمانلىق جاسارىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ داڭلىق رەسىم فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى لۇفېر سەنئەت مۇزېيدا ساقلانماقتا. 1790 - يىلى، داۋىد قەسەم بېرىپ، ياكوبىن كۇلۇبىغا كىرىپ، فرانسىيە ئىنقىلابى دەۋرىدىكى سەنئەت يولباشچىسى بولۇپ قالدى. شۇ يىلى ئۇ، «توپ مەيدانىدىكى قەسەم» دېگەن تارىخىي داڭلىق رەسىمنى ئەينەن سىزىپ چىقتى. ئۇ خەلق ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتى بىلەن، پادىشاھقا ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە قوشۇلۇپ ئاۋاز بەردى. ئۇنىڭ خوتۇنى بۇ ئىشتىن قورقۇپ، ئاخىرىدا ئاخرىشىپ كەتتى. داۋىد خوتۇنى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئىنقىلاب ئىشلىرىغا بېغىشلىدى. 1793 - يىل 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى يەنى مارات ئۆلتۈرۈلۈشتىن بىر كۈن ئىلگىرى ئۇ ماراتنىبڭ ئۆيىگە بېرىپ يوقلىغان ئىدى. ماراتنىڭ ئېغىر كېسەل تۇرۇقلۇق ۋاننىدا ئولتۇرۇپ ئىشلەۋاتقانلىقى ئۇنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. مارات ئۆلتۈرۈلگەن كۈنى، داۋىد خەلق ئويۇشمىسىنىڭ ئىجرائىيە رەسئىسى بولغان ئىدى. ئۇ، بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، مارات قۇربان بولغان مەنزىرىنى سېزىۋالدى ۋە ئۆز قەلىمى بىلەن:«خەلق دوستى - ماراتقا بېغىشلايمەن» دەپ بېغىشلىما يازدى. ئارقىدىنلا، ئۈچ ئاي ۋاقىت ئىچىدە چوڭقۇر ئىنقىلابىي دوستلۇق روھى بىلەن دۇنيادا مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان داڭلىق رەسىم - «ماراتنىڭ ئۆلۈمى» نى ئىجاد قىلدى. تومۇز ئايدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسى ئۆزگىرىشتىن كېيىن، داۋىد ياكوبىنچىلارنىڭ مۇھىم ئەربابى بولغانلىقتىن، قولغا ئېلىنىپ تۈ رمىگە سولاندى. ئۇنىڭ خوتۇنى داۋىدنىڭ تەقدىرىگە خەيرخاھلىق قىلىپ، تۈرمىگە كېلىپ يوقلىدى ھەمدە يارىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەر - خوتۇنلار چىقىشىپ قالدى. ناپولېئون ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا «باش رەسسام» دېگەن پەخرىي ئۇنۋاننى بەردى. داۋىد ناپولېئوننىڭ نۇرغۇن رەسىملىرىنى، جۈملىدىن رومانتىزىم تۈسىگە باي بولغان «بوناپارتنىڭ ئالپىس تاغلىرىنى كېسىپ ئۆتۈشى» نى سىزدى. ناپولېئون مەغلۇپ بولۇپ، بوربون سۇلالىسى تىرىلگەندىن كېيىن، داۋىد پادىشاھقا ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە قوشۇلۇپ ئاۋاز بەرگەنلىكى ئۈچۈن، گىراژدانلىق ھوقۇقى ۋە بارلىق مال - مۈلكىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، ۋەتەننى تاشلاپ بېلگىيىگە بېرىپ، باشپاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولدى. 1825 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇ ئاپتوموبىل ۋەقەسىگە ئۇچراپ، بىر يۇسېلدا ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ، ھاپىر سۇلالىسى ئۇنىڭ جەسىدىنى ۋەتىنىگە قايتۇرۇپ كېلىپ دەپنە قىلىشقا رۇخسەت قىلمىدى. 1830 - يىلدىكى «فېۋرال ئىنقىلابى» دا ھاپىر سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسەت ئۇستىخانلىرى پارىژ لاشېز قەبرىستانلىقىدىكى رەپىقىسىنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلىندى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
داۋىد ۋە «ماراتنىڭ ئۆلۈمى» | UyghurWiki | UyghurWiki