UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭھەققانىي سوت

ھەققانىي سوت

بەش مىڭ يىل 1945 - يىل 15 - ئاۋغۇست چۈشتە، ئۇرۇشنىڭ باش جىنايەتچىسى دۇڭتىياۋيىنجى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ياپونىيە مىكادوسىنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولۇش توغرىسىدىكى رادىئو نۇتقىنى ئاڭلاۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئائىلە - تۋابىئاتلىرى بىلەن مۇاھپىزەتچىلىرى يىغا - زار قىلىشتى، دۇڭتياۋيىنخى پوتلىسىنى ئېقىتىپ يىغلاپ، ئۈندىمەي ئولتۇردى. ئۇ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىنى ئالدىغا چاقىرتىپ: _ مەن ئۇرۇش باشلانغان چاغدىكى باش ۋەزىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان بوران - چاپقۇننىڭ زەربىسىگە ئۇچرىشىم مۇمكىن. «پوتىسدام ئۇقتۇرۇشى» دا ئۇرۇش قوزغىغان جاۋابكارنى جازلاش ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇنىڭغا مەن تەن بېرىمەن، ئەمما سىلەرنى چېتىۋېلىشنى خالىمايمەن ....، _ دېدى يىغلاپ تۇرۇپ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كېيىنكى ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا كىرىشتى: ئاۋۋال ئائىلە -تاۋابىئاتلىرىنى جايلاشتۇردى، ئاندىن خاتىرە ۋە خەت - چەكلەرنى كۆيدۈردى. 40 نەچچە يىللىق خاتىرە توپتوغرا ئۈچ كۈن كۆيدۈرۈلدى. دۇڭتياۋيىنجى ياپونىيىدىكى مۇھىم ئۇرۇش جىنايەتچىسى ئىدى. «18 - سېنتەبر» ۋەقەسىدىن كېيىن، ياپونىيىنىڭ كانتون ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگوغا كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلىشىغا قوماندانلىق قىلغانمۇ دەل شۇنىڭ ئۆزى؛ 1941 - يىل 12 - ئايدا غالجىرلىق بىلەن تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىنى قوزغىغانمۇ دەل شۇنىڭ ئۆزى ئىدى، 1941- يىل 10 - ئايدىن ئېىبارەن، ئۇ يېڭىباشتىن ياپونىيە باش ۋەزىرى، قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولدى؛ 1944 - يىل 7 - ئايدا، ياپونىيىنىڭ مەغلۇب بولىدىغانلىقى ئايان بولغان ئەھۋال ئاستىدىلا، تگختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغانىدى. ئەمما ئۇ تاقاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوزغاشتىن ئىبارەت جىنايى جاۋابكارلىقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى. دۇڭتياۋ يىنجى 8 -ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە ھەرقايسى ساھەدىكىلەردىن كەلگەن خەت - چەك ۋە تەشۋىق ۋەرەقلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى. «ئۇرۇشتا ئەمدى مەغلۇپ بولدۇق، سەن دەرھال ئۆزۈڭنى ئۆلتۈرۈش ئاقرىلىق مىكادوغا ساداقەتلىك قىلىشىڭ كېرەك» دەپ يازغانىدى. چېكىدىن ئاشقان فاشىست ئۇنسۇرلار خېتىدە دەۋەت قىلىپ: «سەن بالدۇرراق ئۆزۈڭنى ئۆلتۈرمىسەڭ، مانا بىز ئۆلتۈرىمىز!» دېدى دۇڭتياۋنىڭ سىياسىي رەقىبلىرى تەھدىت سېلىپ. «سېنىڭ تۈپەيلىڭدىن مېنىڭ ئوغۇللىرىم ئۇرۇشتا ئۆلدى، ئەمما ئۈچ ئوغلۇڭنىڭ بىرەرسىمۇ جەڭدە ئۆلمىدى!» «سەن خەلق ئالدىد قورسىقىڭنى يېزىش ئارقىلىق جىنايىتىڭنى يۇيۇشۇڭ كېرەك!» «تېزدىن ئۆلۈۋال!» دېيىشتى ئۇرۇشتا ئوغۇللىرى، ئەرلىرى، خوتۇنلىرىدىن ئايرىلغان كىشىلەر ئۆز خېتىدە غەزەپ بىلەنشىكايەتق ىلىپ. دۇڭتياۋ تېزدىن ئۆلۈۋېلىشقا دالالەت قىلىپ يېزىلغان نۇرغۇن خەتلەرنى ئوقۇۋېتىپ. ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى ئانەن ۋېيجىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى، سابىق مەدەنىيەت ۋەزىرى بىلەن گېنېرال دەرىجىلىك ئون نەچچە كوماندىرنىڭمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەتۈردى؛ ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسى باش قوماندانلىق شتابىنىڭ نەچچە ئونلىغان ئۇرۇش جىنايەتچىسىنى قولغا ئالماقچى بولغنالىقى، ئۇلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ نامى تىزىملىكنىڭ بېشىغا يېزىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەجىلى توشقانلىقىنىمۇ بىلەتتى. دۇڭتياۋ، سوت قىلىنغاندىن كېيىنكى ئۆلۈم جازاسىنى كۈتۈپ تۇرايمۇ ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋالايمۇ؟ دەپ ئويلىدى. ئۇ ئويلاپ شۇ يەرگە كەلەەندە، مۇسسولىنىنىڭ كوچىدا سازايى قىلىنغان جەسىتىنىڭ سۈرىتى كۆز ئالدىدا ئۇشۇمتۇت نامايان بولدى - دە، ئىختىيارسىز ھالدا دىر - دىر تىترەپ كەتتى. ئۇ ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش قارارىغا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋەسىيەتنامە يازدى، دوختۇر چاقىرتىپ يۈرەكنىڭ ئورنىنى بەلگىلىۋېلىپ، كۆكرىكىگە قارا سىيا بىلەن بەلگە سېلىپ قويدى. -_ ھەربىي شوتتا ئۇرۇشنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەگەر سوت قىلىش جەريانىدا مىكادو ئالىيلىرىغا چېتىلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ قالسا، ناۋادا سىز بولماي قالسىڭىز، ئۇنى ئاقلاشقا ئامالسىز قالمامدۇق؟ _ دېدى. _ مەن چۈشەندىم، مەن يەنە ئويلاپ باقاي...، _ دېدى دۇڭتياۋ. ئۇ تۈزۈكرەك ئويلىغىچە، ئۆزى تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئەتراپىدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چارلاپ يۈرگەنلىكىنى بايقاپ قالدى. ئۇ خوتۇنىنى دەرھال تۇغقانلىىرىنڭكىگە مۆكۈۋېلىشقا ئەۋەتىۋېتىپ، يېنىدا بىرلا مۇھاپىزەتچىنى ئېپقالدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىككى جىپ ماشىنا ئۇنىڭ ئۆيى ئالدىغا كېلىپ توختىدى - دە، ئاپتوموبىلدىن بىر ئامېرىكا ئوفىتسېرى سەكرەپ چۈشۈپ ئىشىكنى قاقتى. _ قولغا ئېلىش گۇۋاھنامەڭلار بارمۇ؟ _ دېدى دۇڭتياۋ مېھمانخانىنىڭ دېرىزىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ. بىر ئامېرىكا ئەسكىرى بىر پارچە گۇۋاھنامىنى چىقىرىپ پۇلاڭلاتتى. دۇڭتياۋ «بولىدۇ، ئىشىكنى ئاچايلى» _ دېدى - دە، دېرىزىنى يېپىپ قولىغا تاپانچىنى ئالدى، ئاندىن كرېسلوغا ئولتۇرۇپ، كۆكرىكىدىكى بەلگە سېلىپ قويغان يەرگە قارىتىپ ئوق چىقاردى. ئىشىك ئالدىدا تۇرغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تاپانچا ئاۋازىنى ئاڭلاپ، دۇڭتياۋ قارشىلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ دەپ ئويلىدى - دە ھەممىسى تەڭلا ئۆينىڭ ئىچىگە قارىتىپ ئوق چىقاردى. ئۆينىڭ ئىچىدىن ھېچقانداق شەپە كەلمىدى. ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىشىكنى چېقىپ كىرىپلا، دۇڭتياۋنىڭ قولىدا تاپانچا تۇتقان، چىرايى تامدەك تاتارغان ھالدا كرېسلودا ياتقانلىقىنى كۆردى. ئۇنىڭ كۆكرىكىدىن بۇلدۇقلاپ قان ئېقىپ تۇراتتى. ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىق شتابى خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنى تېز قۇتقۇزۇش ھەققىدە دەرھال يوليورۇق بەردى. دۇڭتياۋ ھەربىي سوت قىلىنىدىغان ئاساسىي ئوبيېكت بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ بۇنداق ئۆلۈشىگە يول قويغىلى بولمايتتى. ئوق دۇڭتياۋنىڭ يۈرىكىنى سۈرۈپ ئۆتۈپ، دەل جايىغا تەگمىگەنلىكتىن، پات ... ئارىدىلا قۇتقۇزۇۋېلىندى. 1946 - يىل 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، جۇڭگوم، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتالرىق 11 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوتى تەشكىل قىلىنىپ، دۇڭتياۋ قاتارلىق ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ئۈستىدە يېرىم يىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، رەسمىي سوت يىغىنى ئېچىلدى. سوت ياپونىيە مىلتارىزمىنىڭ ئۇۋىسى بولغان سابىق قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋازارىتىدىكى بىر بىناغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. سوت باشلانغاندا، 50 دۆلەتنىڭ ئاخبارات مۇخبىرلىرى زالغا كىرىپ، سىرتتىن ئاڭلىدى ۋە زىيارەت قىلدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە، دۇڭتياۋ يىنجى، بەنيۈەن جېڭسىلاڭ، تۇفېي يۇەنشيەنئېر قاتارلىق 28 نەپەر 1 - دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى سوتقا ئەكېلىندى. ئىككى يىلغا يېقىن سوراق قىلىش جەريانىدا، دۇڭتياۋ يىنجى جىنايىتىنى باشتىن - ئاخىر ئىقرار قىلمىدى. ئۇ قاراپ تۇرۇپلا ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغانلىقىنى «ئۆزىنى قوغداش ئۇرۇشى»، «مىكادونىڭ ئۇرۇشتا ھېچقانداق جاۋابكالرىقى يوق» دەپ ۋالاقلىدى؛ ئۇ يەنە «18 - سېنتەبر» ۋەقەسى بىلەن «7 - ئىيۇل» ۋەقەسىنى «جۇڭەونىڭ ناتوغرا ھەرىكەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان» دەپ كاپشىدى. نەجىڭدىكى چوڭ قىرغىنچىلىق ۋەقەسى قارالغاندا، گۇۋاھچى ياپونىيە تاجاۋۇزچى قاراقچىلىرىنىڭ نەجىڭدا كىشىلەرنى قىرىش، ئوت قويۇش باسقۇنچىلىق - بۇلاڭچىلىق قىلىشتەك ئېغىر جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان ۋە بۇ ھەقتە ئەرزىيەت ئېيتقاندا، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئەيىبلەۋاتسا، دۇڭتياۋ زادى ھېچقانداق ئىش قىلمىغاندەك، پىسەنت قىلماي تورۇسقا قاراپ تۇرۇۋالدى. سوت ئۇنىڭغادارغا ئېسىش جازاسىنى ئېلان قىلغاندا، قەستەن جىم بولۇۋېلىپ، بېشىنى سەل - پەل لىڭشىتىپ تۇرۇپ: «ئۆلۈم جازاسىمۇ؟ خوپ، چۈشەندىم، چۈشەندىم» _ دېدى. ئۇ ئۆلۈم ئالدىدىكى ۋەسىيىتىدە: «ئۇرۇش باشلانغان چاغدىكى ئەھۋالنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم، ئازاپلىنىپ ئۈچىيىم ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ! بۇ قېتىمقى ئۆلۈم جازاسى مەن ئۈچۈن تەسەللى بولىدۇ،ك ئەمما خەلقئارالىق جىنايەت سۈپىتىدە ئېيتقاندا، مەن باشتىن - ئاخىر گۇناھسىز، بۇ پەقەت قۇدرەتلىك كۈچ ئالدىدا تىز پۈككەنلىك» _ دېدى. ئۆلگىچە جىنايىتىنى تونۇماسلىق، ئۆلتۈرۈۋەتسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ دېگەن ئەنە شۇ! 1948 - يىل 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، يراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوتى يەنە بىر قېتىم رەسمىي سوراق قىلىپ، ياپونىيىدىكى 25 نەپەر ئاساسىي ئۇرۇش جىنايەتچىسىنى جىنايىتى بار دەپ دوت قىلدى. بۇلاردىن دۇڭتياۋ يىنجى، تۇفېي يۇەنشيەنئېر، گۇاڭتيەن خوڭيى، بەنيۈەن جېڭسىلاڭ، ۇلىن بىڭتەيلاڭ، جىنسۇڭ شىگېن، ۋۇتىڭجاڭ قاتارلىق يەتتە كىشىگە درغا ئېسىش جازاسى بېرىلدى. 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سائەتنۆلدە، دۇڭتياۋ يىنجى ۋە باشقا ئالتە نەپەر ئۇرۇش جىنايەتچىسى دار ئاستىغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ جىنايى ھاياتى ئاخىرلاشتۇرۇلدى. 2- دۇنيا ئۇرۇشى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى. خەلق فاشىست باش جىنايەتچىلەر ئۈستىدىن ئادالەتلىك سوت ئېلىپ باردى. ئەمما بۇ ئۇرۇشتا ئىنتايىن زور چىقىم بولدى. تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئۇرۇشتا تەىمىنەن 50 مىليون ئادەم ئۆلدى، بۇ 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆلگەن ئادەمنىڭ تۆت ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى تەخمىنەن 20 مىليون، جۇڭەو تەخمىنەن 18 مىليون ئادەمنى زىيان تارتتى. ئۇرۇشتا زىيان بولغان ئەشيالار تېخىمۇ نۇرغۇن. مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ بىۋاسىتە ئۇرۇش خىراجىتىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى بىر تىرىلىيون 154 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، بۇ ئۇرۇش دۇنيا مەدەنىيىتىگە نەقەدەر زور بالايى - ئاپەت ئەكەلگەن، فاشىست جاھانگىرلار دۇنيا خەلقى ئالدىدا نەقەدەر زور جىنايەت ئۆتكۈزگەن _ ھە! ئەمما، خەلقنىڭ ئىسسىق قېنى بىھۇدە ئاقمىدى، ئۇرۇش ھەرقايسى ئەللەر خەلقلىرىنى تەربىيىلەپ ۋە ئويغىتىپ، ئىنقىلابنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەگەر 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا پارتلىغان روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابى پۈتۈن دۇنيادىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن كەڭ ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن ۋە رېئال يول ئېچىپ بەرگەن بولسا، فاشىزمغا قارشى 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسى پۈتۈن دۇنيادىكى ئىشچلار سىنىپى ۋە ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى ۋە تېخىمۇ رېئال يول ئېچىپ بەردى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ