سان پېتىر ئىبادەتخانىسى
بەش مىڭ يىل
ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تېر دەرياسى دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان يەردە دۇنياغا مەشھۇر بولغان رىم دېگەن شەھەر بار. رىم شەھىرىنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىدە 500 كۋادرات مېتىرغا يەتمەيدىغان ۋاتىكان دېگەن بىر ئېگىزلىك بار. ئۇ كاتولىك دىنى پاپا دۆلىتىنىڭ مەركىزى. ئۇ يەردە ۋاتىكان پاپىسىنىڭ خانلىق سارىيى ۋە يەنە سان پېتىر ناملىق ئىبادەتخانا بار.
ئەگەر رىم شەھىرىدە سەييارە ئايلىنىدىغان بولساق، غەربىي شىمال تەرەپكە بىر قاراپلا سان پېتىر ئىبادەتخانىسىنىڭ گۈمبىزىنى كۆرەلەيمىز. تولۇق 138 مېتىر كېلىدىغان بۇ ئېگىز گۈمبەز گويا زىمىندىن زەپەر دەست قەد كۆتىرىپ تۇرغان گىگانت ئادەم پۈتكۈل رىم شەھىرىگە قاراۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ.
بۇ ئىبادەتخانغا 1506 - يىلى قۇرۇلۇشقا باشلاپ، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ 120 يىلدا پۈتتۈرۈلگەن. ئىبادەتخانىنىڭ كۆرۈنۈشى ناھايىتى ھەيۋەتلىك، ئويمىلىرى پۇزۇر، رەسىملىرى نەپىس بولۇپ، دۇنيادا تەڭداشسىزدۇر.
ئالدى تەرەپتىن ئۇدۇللاپ ماڭغىنىمىزدا باروك شەكلىدىكى غايەت زور بىر مەيداننى كۆرىمىز. «باروك» ئىسپانچە «يۇمۇلاق ئەمەس مارجان» دېگەن سۆز بولۇپ، گۈزەل ھەم ھەشەمەتلىك دېگەن مەنادا ئۋيتىلغان، دەرۋەقە بۇ يەرنىڭ نامى بىكارغا تارقالمىغان. مەيداننىڭ چۆرىسى، ئىككى يېنى يۇمۇلاق تۈۋرۈكلەر بىلەن ئورالغان كارىدور بولۇپ، مەيداننىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا ئېگىز مۇنار قەد كۆتىرىپ تۇرىدۇ؛ مۇنار مەركىزىدىن مەيداننىڭ چۆرىسىدىكى كارىدورغىچە خۇددى غايەت چوڭ چاقنىڭ شادىسىغا ئوخشاش ئېلىنغان سەككىز يول بولۇپ، ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم. بۇ مەيداندىن ئىچكى تەرەپكە قاراپ ماڭغىنىمىزدا ناھايىتى چوڭ بىر سۇپىغا چىقىمىز - دە، شۇئان سۇپا ئۈستىگە سېلىنغان بۇ ئىبادەتخانا ئالدىغا كېلىمىز.
سان پېتىر ئىبادەتخانىسىنىڭ پەشتىقىغا چىقىپ، بىر قاتار يوغان تاش تۈۋرۈكلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ دەرۋازىدىن كىرسەك، تىك تۆت بۇرجەك شەكىلدىكى زالغا كىرىمىز. بۇ زال ناھايىتى ھەشەمەتلىك بولۇپ، تۆت ئەتراپىغا كۆزنى چاقنىتىدىغان ئېسىل نەرسىلەر - پۈتۈنلەي ئىتالىيىنىڭ سەنئەت بۇيۇملىرى قويۇلغان. زالنىڭ ئارقىسىدىكى يۇمۇلاق تورۇسىنىڭ دىئامېتىرى 42 مېتىر بولۇپ، ھەقىقەتەن دۇنيادا بىر مۆجىزە!
زالنى چۆرىدىگەن نۇرغۇن ھۇجرىلارمۇ خۇددى شۇنداق سەلتەنەتلىك بولۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش دەۋرىدىكى مەشھۇر سەنئەتكار مېكلىئاند جېلو، راففېللو قاتارلىقلارنىڭ رەسىم ۋە ئويمىلىرىنىڭ بىرمۇنچىسى مۇشۇ ئۆيلەردە ساقلانغان. سان پېتىر ئىبادەتخانىسى بەئەينى بىر بەدىئىي غەزىنىگە ئوخشاش بولغاچقا، پۈتۈن دۇنيا بويىچە خىرىستىئاننىڭ مۇقەددەس جايىغا تاۋاپقا كەلگەنلەرنىڭ بۇ ئىبادەتخانىغا كېلىپ ئىبادەت قىلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.
تۆت ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، سان پېتىر ئىبادەتخانىسى ۋاتىكان ئېگىزلىكىدە بۇرۇنقىدەكلا قەد كۆتىرىپ تۇرماقتا. ھازىر ئۇ پۈتۈن دۇنيا كاتولىك مۇرىتلىرى ئېھتىرام بىلدۈرىدىغان مۇقەددەس مۆجىزە بولۇپ تۇرماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە ئۆزىدىكى بىناكارلىق سەنئىتى ئارقىلىق ئىتالىيە خەلقىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئېكىسكۇرسىيە قىلىشىغا ئۇنىڭدىن زوقلىنىشىغا سەۋەب بولماقتا.