UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭمەھدى قوزغىلىڭى

مەھدى قوزغىلىڭى

بەش مىڭ يىل ئەتراپ غۇۋا ئىدى، بىر نەچچە ماتورلۇق كېمە ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شەرقىي - شىمالىدىكى ئاق نىل دەرياسىدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتاتتى. ئالدى تەرەپتىن تۇتاش كەتكەن بىر ئورمانزارلىق بىلىنەر - بىلىنمەس كۆرۈنۈشكە باشلىدى. بىرى قوماندانلىق قىلىچى ئېسىۋالغان ئەنگلىيە ئوفىتسېرىغا دوكلات قىلىپ: - ئوفىتسېر، ئابا ئارىلىغا يېتىپ كەلدۇق! - دېدى. - ماتورنى توختىتىڭلار! - دەپ بۇيرۇق بەردى ئوفىتسېر، - قىرغاققا چىققاندىن كېيىن، يوشۇرۇنۇشقا دىققەت قىلىپ، تېز بولۇڭلار، ئەھمەد دېگەن ئەبلەخنى قاچۇرۇۋەتمەي تۇتۇڭلار! تاڭ سەھەردە 200 دەك تولۇق قوراللانغان ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى ئارالدا تىمىسقىلاپ يۈرۈپ بىر كەنتكە يېتىپ كەلدى. كەنت ئەتراپى بۈك - باراقسان دەرەخلەر بىلەن ئورالغانىدى. ئەسكەرلەر كەنت ئىچىگە كىرىشكە ئىنتىلىۋاتقاندا، دەرەخلىكتىن يەر - جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان چۇقان كۆتۈرۈلدى. - ئۇررا، ئۇلارنى يوقىتايلى! چۇقان بىلەن تەڭ سان - ساناقسىز كىشىلەر كالتەك - چوماق، ئارا ۋە ئۇزۇن نەيزىلەرنى كۆتۈرگەن ھالدا، دەرەخلىكتىن ئېتىلىپ چىقىپ ئەنگلىيە ئەسكەرلىرىگە ئاتاكا قىلدى. ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى دەماللىققا مۇداپىئەلىنەلمەي پاتىپاراق بولۇپ كەتتى. ئەتراپ قاراڭغۇ، جەڭ ئارىلىقى يېقىن بولغاچقا، ئۇلار مىلتىقلىرىنىمۇ ئىشلىتەلمىدى. يەرلىك خەلقلەرگە زادىلا تەڭ كېلەلمىدى، ھەش - پەش دېگۈچە يۈز نەچچە ئادىمى يەرگە يىقىلىپ لەختە بولدى. ئامان قالغانلىرى ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ بەس - بەستە ماتورلۇق كېمىگە يۈگۈردى - دە، ئەبجىقى چىققان ھالدا جېنىنى ياقىغا ئالدى. بۇ قېتىمقى جەڭ 1881 - يىل 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى بولغانىدى. بۇ قېتىمقى پىستىرما جېڭىگە قوماندانلىق قىلغۇچى كىشى - ئەنگلىيە ئوفىتسېرى تۇتۇشقا ئۇرۇنغان سۇداننىڭ مىللىي قەھرىمانى مۇھەممەد ئەھمەد ئىدى. ئۇ، ئۆز يۇرتىدا كىشىلەر تەرىپىدىن >مەھدى< )ئىسلامىيەتنىڭ >نىجادچىسى<( دەپ ھۆرمەتلىنەتتى. ئەھمەد شۇ چاغدا ئەمدىلا 27 ياشقا كىرگەنىدى. ئۇ سۇدانلىق بىر نامرات كېمىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدىن تارتىپلا ئاق نىل دەرياسىنىڭ بويلىرىدا سەرگەردانلىق ھايات كەچۈرۈپ، نامراتلارنىڭ دەردى - ئەھۋالىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن، بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن مەدرسنى پۈتتۈرۈپ ئابا ئارىلىغا ماكانلىشىپ دىن تارقىتىش بىلەن شۇغۇللانغان بولغاچقا، نامرات دېھقانلار ۋە بېلىقچىلار ئارىسىدا ناھايىتى زور تەسىرگە ئىگە ئىدى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىن كېيىن، سۇدان ئەمەلىيەتتە ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ، ئەمىرلىك ۋە باش ۋالىيلىق ئورۇنلىرىغا پەيدىنپەي ئىنگلىزلەر چىقىشقا باشلىدى. ئەھمەد ئەنگلىيە مۇستەمچىلكچىلىرى ۋە سۇدانلىق باي - زورمىگەرلەر، ئىماملار، ئەمەلدارلارنىڭ خەلقنى يەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ قاتتىق نارازى بولىدۇ - دە، سۇدان خەلقىنى قوزغاپ ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرمەكچى بولىدۇ. ئۇ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى >مەھدى< پانىي دۇنياغا كېلىپ ئادىللىق ۋە باراۋەرلىكنى يولغا قويىدۇ، دېگەن رىۋايەتكە ئاساسەن، ئۆزىنى >نىجاتچى< - مەھدى دەپ جاكارلاپ، خەلقنى >غازات< قىلىپ، چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشقا چاقىردى. سۇداننىڭ باش ۋالىيسى، ئەھمەدنىڭ ۋەقە تۇغدۇرماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭغا، مەھدى نامىدىن دەرھال ۋاز كېچىپ >ئاسىيلىق< ھەرىكىتىنى توختىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. ئەھمەد بۇنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە ئەھمەدنى تۇتۇشقا ئىككى ليەن ئەسكەر ئەۋەتىدۇ، نەتىجىدە يوشۇرۇن زەربىگە ئۇچراپ مەغلۇپ بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەھدىنىڭ يوشۇرۇن زەربە بەرگۈچى قوشۇنى 300 كىشىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، تولۇق قوراللانغان 200 چامىسىدىكى ئىنگلىز ئەسكەرلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتا، ئاساسلىقى كەنتتىكى ئاممىنىڭ كۈچىگە، تاكتىكىنى توغرا ئىشلىتىشكە تايانغانىدى. دەسلەپكى جەڭدە غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، مەھدى ئۆز قوشۇنىنىڭ بىر قەدەر ئاجىزراق ئىكەنلىكىنى، كۈچلۈك قوراللانغان دۈشمەن بىلەن بەك بۇرۇن تۇتۇشۇپ قويۇشنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، كەسكىنلىك بىلەن قوشۇننى يەر شارائىتى مۇھىم بولغان كادېل تاغلىق رايونىغا يۆتكەپ كېلىپ، ئۇ يەردە تايانچ بازا قۇردى. كەڭ تەشۋىق ئارقىلىق، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى تېزلىكتە تەرەققىي قىلىپ 10 مىڭ كىشىگە يەتتى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ >جازا يۈرۈش قوشۇنى< نىڭ ئارقا - ئارقىدىن ئېلىپ بارغان قورشاۋلىرىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مۇۋاپىئەلەندى. 1883 - يىلىنىڭ بېشىدا، ئۇ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى باشلاپ كاردوۋان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزىنى، سۇداننىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى ئۇبەيتنى ئىشغال قىلدى. ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرى مەھدىنىڭ بارغانسېرى قۇدرەتلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئالدىراپ - تېنەپ يولكوۋنىك ھېكىسنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەل ئابېدنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن چوڭ قوشۇن ئەۋەتتى. مەھدى، ھەربىي ئىشلاردا ناھايىتى قابىلىيەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كىشىلەرنىڭ رايىنى قارىتىشقىمۇ ماھىر ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەتتا تاجاۋۇزچىلار قوشۇنىدا خىزمەت قىلىۋاتقان سۇدانلىقلارمۇ ئۇنىڭغا مەخپىي ئاخبارات يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ھېكىسنىڭ قوشۇنى سۇداننىڭ پايتەختى خارتۇم ئەتراپىغا توپلانغان ھامانلا، ئاخباراتلار ئارقا - ئارقىدىن ئۇنىڭ قولىغا يېتىپ بولاتتى. >دۈشمەن قوشۇنلىرىنىڭ ئەسكىرى تەخمىنەن 11 مىڭ كىشى، بۇنىڭ ئىچىدە پىيادىلەر 7000، ئاتلىقلار 1000، ئېغىر توپ ئون دانە...< >دۈشمەن قوشۇنلىرى كاردوۋاننىڭ مەركىزىگە يۈرۈش قىلىپ، ئۇبەيتنى ئالماقچى، ھەربىي يۈرۈش يوللىرىنى داۋاملىق تىڭ - تىڭلىماقتىمىز...< تاجاۋۇزچىلار قوشۇنىنىڭ ئادىمى كۆپ، قوراللىرى خىل، پەيلى يامان، بۇ جەڭنى قانداق قىلىش كېرەك؟ مەھدى سېپىللارنى پۇختىلاپ، ئارقىغا چېكىنىش يوللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، پىستىرما جەمبىرىكى ھاسىل قىلىپ، ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچنى توپلاپ، دۈشمەننى پۈتۈنلەي يوقاتماقچى بولدى. ھېكىسنىڭ چوڭ قوشۇنى كاردوۋان ئۆلكىسىگە كىرگەندىن كېيىن، مەھدى غوللۇق قىسىملىرىنى جەڭگە سالماي، كىچىك قىسىملار ئارقىلىق پاراكەندىچىلىك سېلىپ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، ئوزۇق - تۈلۈكلەرنى يۆتكەپ كېتىپ، قۇدۇق - كۆللەرنى تىندۇرۇۋەتتى. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، تاجاۋۇزچىلار قوشۇنىنىڭ جەبىر - زۇلۇملار دەستىدىن چارچاپ ھالى قالمىدى. كۆپ ساندىكى ئوفىتسېر - جەڭچىلەر مادارىدىن كەتتى. بۇ چاغدا مەھدى قوشۇنى دۈشمەن قوشۇنىنىڭ ئىككى يېنىدا پەيدا بولۇپ، ئۇلارنى پىستىرما چەمبرىكىسىگە ئالداپ ئەكىردى. شۇ يىلى 11 - ئاينىڭ باشلىرىدا، ھىكىسنىڭ قوشۇنى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى تەرىپىدىن ئۇبەيتنىڭ جەنۇبىدىكى ھېگانغا ئالداپ ئاپىرىلىدۇ. مەھدى 40 مىڭ ئەسكەرنى توپلاپ تاجاۋۇزچىلار قوشۇنىنى قاتمۇ - قات قاپسىۋالدى. مۇشۇ چاغقا كەلگەندە، پولكوۋنىك ھېكىس ئاندىن ئۆزىنىڭ قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچى ئالدىدا، زورىغا ئېلىشىشقا بولمايدىغانلىقىنى مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ كېتىشتىلا ئازراق ئۈمىد بارلىقى ھېكىسكە ئايان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، ئەتىسى ئەتىگەندە پۈتكۈل قوشۇن بويىچە قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ قاتمۇ قات مۇھاسىرىسىدىن بۆسۈپ چىقىپ كېتىش توغرىسىدا بۇيرۇق قىلدى. 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئەتىگەندە، ھېكىس پۈتۈن قوشۇنىنى ئۈچ چاسا سەپ قىلىپ، ئىككى تەرەپكە ئاتلىقلارنى تىىزپ، مۇھاسىرىنى بۆسۈشكە جان تىكتى. مەھدى ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولغانىدى. تاجاۋۇزچىلار قوشۇنىنىڭ سېپى ئۆزگەرگەن ھامانلا ئومۇمىي ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە بۇيرۇق قىلدى. 40 مىڭ جەڭچى دۈشمەننى قەتل قىلىش مىنۇتلىرى ئۇزاقتىن كۈتۈپ كەلگەنىدى. ئومۇمىي ھۇجۇمغا سىگنال بېرىلگەن ھامان چاسا سەپكە دەرھال ئېتىلدى - دە، جاسارەت بىلەن دۈشمەنلەرنى قىر - چاپ قىلدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئارىلىقتا، تاجاۋۇزچىلار قوشۇنىنىڭ ئۈچ چاسا سېپى ئۈچ دۆۋە جەسەتكە ئايلاندى. پولكوۋنىك ھېكىس ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى بارلىق ئوفىتسېرلار ئۆلتۈرۈلدى. 10 مىڭدىن ئارتۇقراق ئادىمى بار قوشۇندىن پەقەت 250 كىشى ئامىتى ئوڭ كېلىپ قۇتۇلۇپ قالدى. مەھدى غەلىبىسېرى يۈرۈش قىلىپ بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، پايتەخت خارتۇمنى ھەربىي مۇھاسىرىگە ئېلىپ بولىدۇ. خارتۇم شەھىرىنىڭ مۇستەھكەملىكى، مۇداپىئەسىنىڭ پۇختىلىقىنى نەزەدە تۇتۇپ، ئۇ، ئۇزاق مۇددەت قامال قىلىش، ئەڭ ئاخىرىدا شەھەرگە ھۇجۇم قىلىش لايىھىسىنى قوللاندى. ھېكىسنىڭ جەڭ قوشۇنى مەھدى قوشۇنى تەرىپىدىن يوقىتىلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى قورال كۈچى بىلەن باستۇرۇشنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى - دە تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، يۇمشاق ۋاستىلەر ئارقىلىق تاقابىل تۇرماقچى بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، قايتىدىن گردوننى ئىشقا سېلىپ، ئۇ ئارقىلىق بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىماقچى بولدى ھەمدە ئۇنى يەنە بىر مەرتىۋە سۇداننىڭ باش ۋالىيلىقىغا تەيىنلىدى. گردون 50 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرى، 60 - يىللارنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشىغا قاتناشقان. يۈەنمىڭيۈەن باغچىسىنى بۇلاش ۋە ئۇنىڭغا ئوت قويۇش جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان. كېيىنچە يەنە >زامانىۋى قوراللار قوشۇنى< تەشكىللەپ، چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەيپىڭ تيەنگو قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا ياردەملەشكەن. ئۇنىڭ ئىككى قولى جۇڭگو خەلقىنىڭ قېنى بىلەن بويالغان. 70 - يىللاردا يەنە سۇداندا ئۆلكە باشلىقى ۋە باش ۋالىي بولغان. شۇڭا ئۇ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا تاقابىل تۇرۇشتا بىر يۈرۈش ماھارەتكە ئىگە ئادەم ھېسابلىناتتى. ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، گردون مەھدىگە خەت يېزىپ، ئۇنىڭغا كاردوۋان ئۆلكىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى بېرىدىغانلىقى ھەمدە سۇداننىڭ تىنچلىق ۋە ئەمىنلىك ئىشلىرىنى ئورتاق مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەت بىلەن يەنە بىر پارچە ماندات بىلەن ئېسىل بىر تون ئەۋەتىدۇ. مەن >كىشىلەر ئىنتىزار بولغان، نامىمغا مۇناسىپ مەھدىمەن. سېنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىشىڭگە ھاجەت ئەمەسمەن. سېنىڭ ھازىرقى بىردىنبىر چىقىش يولۇڭ بىزگە تەسلىم بولۇشتۇر< دەپ دەرھال جاۋاب قايتۇردى مەھدى. ئۇمۇ گودونغا شەيخلەر كىيىدىغان بىر تون ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن يامانلىقتىن يېنىپ، ياخشىلىققا يول ئېلىشنى ئۈمىد قىلدى. گردون تەرسالىق قىلىپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا تەسلىم بولۇشقا ئۇنىمىدى. ئەمما ئۇ، ئۆزىدە خارتۇمنى ساقلاپ تۇرغۇدەك كۈچ قالمىغاچقا، ئارقا - ئارقىدىن لوندونغا قۇتۇلدۇرۇش ھەققىدە تېلېگرامما ئۇرۇپ، تېزلىكتە ھەمدەمچى قوشۇن ئەۋەتىشى تەلەپ قىلدى. 1885 - يىل 1 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، مەھدى ئەنگلىيە ھەمدەمچى قوشنىنىڭ خاتۇمغا يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بىلىپلا، شەھەرگە ئومۇمىي ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلدى. بىر نەچچە ئايلىق قامال ئارقىسىدا، شەھەرنىڭ ماددىي ئەشيا تەمىنلىشى جىددىيلىشىپ، ئەسكەرلەرنىڭ كۈرەش ئىرادىسى تۈگىشىپ كەتكەنىدى. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئىككى كۈن شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەننىڭ مۇداپىئە ئىستىھكاملىرىنى تېزلىكتە بۆسۈپ ئۆتۈپ شەھەرگە بېسىپ كىردى. >باش ۋالىي مەھكىمىسىگە قاراپ ئۇررا!< >گردوننى قاچۇرۇپ قويمايلى!< جەڭچىلەر چۇقان كۆتۈرۈپ ئۆز ئارا ئىلھام بەرگەن ھالدا، باش ۋالىي مەھكىمىسىگە قاراپ شىددەتلىك ئاتاكا ياسىدى. باش ۋالىي مەھكىمىسىنى ساقلاۋاتقان ئەسكەرلەر قورققىنىدىن بەدەر قېچىشتى. جەڭچىلەر چاپسانلىق بىلەن دەرۋازىدىن ئېتىلىپ كىرىپ، گرودوننى ئىزدەشكە باشلىدى. بىرنەچچە جەڭچى گرودوننىڭ ياتاقخانىسىغا باستۇرۇپ كىردى. گرودون ئالاقزادە بولۇپ جېنىنى ياقىغا ئالماقچى بولۇۋىدى، جەڭچىلەردىن بىر جەڭچى ئۇزۇن نەيزىنى ئۇنىڭ كۆكرىكىگە قارىتىپ ئاتتى. ئىككى قولى سۇدان ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ قىزىل قېنى بىلەن بويالغان بۇ جاللات نەق مەيداندىلا جان ئۈزدى. ئىككى كۈندىن كېيىن، ئەنگلىيىنىڭ ئىككى ماتورلۇق كېمىسى ئاق نىل دەرياسىنى بويلاپ، ھەمدەمچى قوشۇنىنىڭ ئالدىن يۈرگۈچى قىسىملىرىنى ئېلىپ خارتۇمغا يېقىنلاشقاندا، شەھەردە ئەنگلىيە بايرىقى ئەمەس، بەلكى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ يېشىل بايرىقىنىڭ لەپىلدەپ تۇرغانلىقىنى دۇربۇن بىلەن كۆرۈپ، دەرھال كېمىنىڭ بېشىنى ئارقىغا بۇراپ، بەدەر تىكىۋەتتى. مەھدى خارتۇمنى ئىگىلەپ بولغاندىن كېيىن، قوراللىق كۈرەشنى داۋاملىق ئالغا سۈرۈپ، سۇداننى مۇستەقىل قىلىش بۈيۈن ئىشنى ئورۇنداق، يېڭى بىر مەھدى دۆلىتى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلدى. ئەمما ئۇمۇ شۇ يىلى 6 - ئايدا كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئورۇندىيالمىغان ئىشلىرىنى ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئابدۇللا داۋاملىق ئورۇندىدى. 9 - ئايدا پۈتكۈل سۇدان زېمىنى ئازاد بولدى. مەھدى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. بۇ مۇستەقىل دۆلەت تاكى 1899 - يىلىغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپ، كېيىنكى كۈنلەردە يەنە يېڭىباشتىن ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ كەتتى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ