ئەرەپ ئىمپىرىيىسى
بەش مىڭ يىل
مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ئالەمدىن ئۆتۈپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭ ۋارىسلىرى )خەلىپە چارىيالار( تۆت ئەتراپقا كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا باشلىدى ۋە بىرىنچى جەڭدە شەرقىي رىم ئىمپرىيىسىدىن سۈرىيىنى تالىشىپ جەڭ قىلدى.
مىلادى 633 - يىلى كەچ كۈزدە، ئۇلۇغ دېڭىزنىڭ جەنۇبىدىكى ئويمانلىقتا ئەرەپ ئۇزۇنغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى بىلەن شەرقىي رىم خانلىق ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدا بىرىنچى قېتىملىق جەڭ پارتىلىدى. شەرقىي رىم ئارمىيىسى باتۇر ھەم جەسۇر ئەرەپ چەۋەندازلىرى ئالدىدا پاجىىئەلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، پۈتۈن ئارمىيىسى ھالاك بولغىلى تاس قالدى. شەرقىي رىم پادىشاسى ھىراكلېي دەرغەزەپكە كەلدى ـ دە، ئىنىسىنى كاتتا ياردەم قىسىملىرىغا قوماندان قىلىپ ئەۋەتىپ، پايدىلىق يەر شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، ئەرەپ ئارمىيىسىنى ئېغىر چىقىمدار قىلدى.
ئەرەپلەرمۇ >ئاللانىڭ قىلىچى< دەپ ئاتالغان باش سەركە خالىدنىڭ قوماندانلىقىدا ئۇدۇل شەرقىي رىمغا بۆسۈپ كىرىش ئۈچۈن، ياردەمچى قىسىم ئەۋەتتى، بۇ قېتىمقى ھەربىي يۈرۈش يالغۇز ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداش قىسىملىرىنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشنىلا ئەمەس، بەلكى شەرقىي رىمنىڭ ئەڭ باي ئۆلكىسى بولغان سۈرىيىنى تېزلىكتە قولغا چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، خالىد تەۋەكۈل دەپ سەپكە چىقتى ۋە شەخسەن ئۆزى بىر زەربىدار قىسىمنى باشلاپ، چوڭ قۇملۇقنى بېسىپ ئۆتۈپ دەمەشققە بېسىپ كىرىپ، شەرقىي رىم ئارمىيىسىنى ئارقا تەرەپتىن قورشىۋالماقچى بولدى.
قۇملۇقتىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىراقنىڭ ھىللا شەھىرىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. خالىد، 600 مىڭ تىللالىق سوغا قىلىش ئارقىلىق خىرىستىيان زېمىنىنىڭ ئىشىگىنى ئېچىۋالدى ۋە بىرەر - يېرىم ئەسكەر چىقىپ تارتماستىنلا ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، ئىككى دەريا ۋادىسىغا قەدەم قويدى.
634 - يىلى مارتتا خالىدە قۇملۇققا يۈرۈش قىلدى. ئۇ تازا پالۋان ئەسكەرلەردىن 800 نى خىللاپ، ئۇلارغا بىر نەچچىلا ئات ئېلىش ۋە ھەر بىر ئاتقا ئىككى تۇلۇمدىن سۇ ئارتىۋېلىپ، ئۆزلىرى پۈتۈنلەي تۆگىگە مىنىپ يولغا چىقىشقا بۇيرۇق بەردى.
- ئەي، سەركەردە، بىز ئاللانىڭ چەۋەندازلىرى ئات مىنىشىمىز كېرەك ئىدى. ھازىر مۇشۇ بىر نەچچە ئات بىلەنلا يولغا چىقساق قانداقمۇ جەڭ قىلالايمىز؟ - ئەسكەر بېشىدىن بىرى شۈبھىلەنگەن ھالدا سورىدى.
- بىزنى ئىگەم ساقلايدۇ، تۆگە بىلەنلا قۇملۇقتىن ئۆتىلى بولىدۇ، - دېدى خالىد ئىشەنچ بىلەن.
- تۆگە تولىمۇ ئاستا ماڭىدۇ. جەڭدە ھەممىدىن مۇھىمى چاققانلىق ئىدىغۇ، سەركەردە!
- ھەممە ئىشنى مېنىڭ بۇيرۇقۇم بويىچە قىلىڭلار! - دېدى خالىد ۋە يولغا چىقىشقا بۇيرۇق قىلدى.
چەۋەندارلار پىژ - پىژ قىزىق قۇملۇقتا توپ - توغرا يېرىم كۈن يول يۈردى، ئاچلىق ۋە ئۇسسىزلىقتىن قىيىنىلىشقا باشلىدى، ئەمما قۇملۇقنىڭ يەنە بىر چېتى كۆرۈنمەيتتى.
- توختاپ ئارام ئېلىڭلار، ـ دەپ بۇيرۇق قىلدى خالىد، - تۆگىدىن ئوننى ئۆلتۈرۈپ چۈشلۈك غىزا قىلىڭلار، ئاتلاردىكى تولۇملاردىن قانغۇدەك سۇ ئىچىڭلار.
- ئەي سەركەردە، - دەپ غۇدۇرىدى ھېلىقى ئەسكەر بېشى، - بۇ قۇملۇقتا بىر تېمىممۇ سۇ يوق تۇرسا، ئاتلار نېمە ئىچىدۇ؟
- ئەخمەق، - دېدى خالىدە كۈلۈپ قويۇپ، - تۆگىنىڭ ئاشقازىنىدا سۇ دېگەن كۆپ ئەمەسمۇ؟
- ھە!؟ ـ ھېلىقى ئەسكەر بېشى ئەقلىنى تاپتى. تۆگىنىڭ گۆشى بىلەن چەۋەندازلار ئوزۇقلانسا، تۆگىنىڭ يوغان ئاشقازىنىدىكى سۇ بىلەن ئاتلارنى سۇغىرىشقا بولاتتى. راست ئەمەسمۇ، ئەگەر ئاتلارنى كۆپلەپ ئېلىپ ماڭغاندا سۇنى نەدىن تاپقىلى بولاتتى دەيسىلەر؟
سەپەر ئۈچ - تۆت كۈن داۋام قىلدى، نەچچە ئون تۆگە ئۆلتۈرلدى، ئاتقا ئارتىلغان تۇلۇملاردىكى سۇلارمۇ ئىچىپ بولۇندى. قۇمغا چۈشكەن ئوتتەك قۇياش نۇرىنىڭ ئەكىس تەسىرىدىن كۆزلەپ قامىشاتتى، ئىسسىق تەپىتىدىن قارا ترگە چۆمۈلگەن ئەسكەرلەرنىڭ كالپۇكلىرى ئۇسسىزلىق دەردىدىن قۇرۇپ يېرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئىچىشكە سۇ يوق ئىدى. شۇڭا ھەممەيلەن غەم بىلەن كېتىۋاتاتتى.
- تېزلىكتە قامغاق ئىزلەپ تېپىڭلار، قامغاقنىڭ يىلتىزى ئەتراپىدا سۇ بولىدۇ، - خالىد دەل ۋاقتىدا پەرمان بەردى.
ئوەتتەك قىزىق ھاۋادا ئەسكەرلەر قامغاقنى ئىزلەپ تەرەپ ـ تەرەپكە ېڭىشتى. بۇ بىر پايناسىز قۇملۇق تۇرسا، نەدىمۇ بۇنداق دەرەخ باردۇ؟
- مانا، مۇشۇ يەردە بار ئىكەن! - يىراقتىن بىر ئەسكەر توۋلىدى. نۇرغۇن ئەسكەرلەر ھايالسىز ئۇنىڭ ئەترپاىغا ھازىرب ولدى ـ دە، بۇ دەرەخنىڭ تۈۋىدىكى قۇملارنى كولاشقا باشلىدى.
- ئاللا ئۆز پاناھىدا ساقلىدى! - ئەسكەرلەر تەنتەنە قىلىپ كېتىشتى.
بەش كۈندىن كېيىن، پۈتۈن سەپ قۇملۇقتىن ساق - سالامەت چىقىپ كەتتى؛ يەنە 13 كۈن يۈرۈش قىلىپ ئاخىرى دەمەشق شەھىرىنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدى. ئويلىمىغان يەردىن چىققان بۇ تۇيۇقسىز زەربىدىن، شەرقىي رىم ئارمىيىسى ھايالسىز ئەرەختەن - پەرەختەن بولۇپ، بىر يولىلا مەغلۇپ بودلى. نەچچىلىگەن قەلئەلەر ئەرەپ ئارمىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىندى. خالىد ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئەرەپ قىسىملىرىنى تېزلىكتە يىغىپ، سۇرىيىنىڭ پايتەختى دەمەشقىنى چەمبەرچاس قورشىۋالدى.
635 - يىلى مارت ئېيى ئىدى، شەھەر قورشاۋدا قالغىلى بىر نەچچە ئاي بولدى. دەمەشق شەھىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا مالىمانچىلىق ئەۋج ئېلىۋاتاتتى. نۇرغۇنلىغان پۇقرالار خىرىستىيان چېركاۋسىغا ئېپىسكوپنى ئىزلەپ باردى.
- ئېپىسكوپ، بىر ئمال قىلسىلا!
ـ ئېپىسكوپ، رىم پادىشاسى بىز سۇرىيىلىكلەرنى زورلۇق بىلەن تۈرلۈك ئالۋاڭ ـ ياساقلارغا مەجبۇرلاۋاتىدۇ، باج - سېلىقلارنىڭ كۆپلۈكىگە چىدىغىلى بولمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسكەر تۇتۇپ، پاراق ئېلىپ بىزلەرگە زادىلا كۈن بەرمىدى، بۇنداق تارتقۇلۇقتىن كۆرە، ئەرەپلەرنىڭ كىرىشىگە قىلسىلا ئىكەن، ئېپىسكوپ جاناپىرى!
ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە، ئېپىسكوپ، دەمەشق شەھىرىنىڭ دەرۋازىسى ئۈستىگە چىقىپ، ئەرەپ ئارمىيىسى تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ سۆز ئالدى ۋە خالىد بىلەن يۈزمۇ - يۈز سۆزلىشىشنى جاكالىدى. خالىد شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا كەلدى.
- خالىد سەركەردە، سىز غەلىبە قىلىشقا تايىن تاپقان ئادەم، بىز بىر سۈلھى تۈزسەك بولامدۇ؟ - ئېپىسكوپ دەرۋازا ئۈستىدە تۇرۇپ ئۈنلۈك توۋلىدى.
- قەغەز، قەلەم بېرىڭلار! - خالىد شەھەر سىرتىدا تۇرۇپ ئوخشاشلا ئۈنلۈك جاۋاپ بەردى.
قەغەز - قەلەم تاشلاندى، ىالىد تېزلىكتە نامە يازدى، يېزىپ بولوپلا نامىنى قاتلىد - دە، دەرۋازا ئۈستىگە تاشلاپ بەردى.
ئىپىسكوپ ئۇنى ئېچىپ ئوقۇش بىلەنل، ئۇنىڭ سۈلھى شەرتنامە ئىكەنلىگىنى بىلدى. ئۇنىڭغا مۇندق دەپ يېزىلىغان ئىدى:
>ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىۋان ئاللانڭ نامى بىلەن مەن خالىد پۈتكۈل دەمەشق ئاھالىسىگە جاۋاپ قىلىمەنكى، شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن، سىلەرنڭ ھاياتىڭلار، مال - مۈلكىڭلار ۋە ئىبادەتخاناڭلارنى جەزمەن قوغدايمىز. پۈتكۈل شەھەر ئۆ پېتى ئامان قالىدۇ. شەھەر سېپىلى ئۆز پېتى قالىدۇ. مۇسۇلمانلار سىلەرنىڭ ئۆي - ماكانلىرىڭلارغا كىرمەيدۇ. بىز سىلەرگە ئاللانىڭ ھىمايىسىنى، پەيغەمبەر ۋە ىەلىپىلەرنىڭ ھىمايىسىنى يەتكۈزىمىز. سىلەر ئادەم بېشى بېجىنى تاپشۇرىدىغانلا بولساڭلار، جەزمەن پاراۋانلىققا ئىگە بولىسىلەر.<
شەرتلەر ناھايىتى كەڭ ئىدى، ئادەم بېشى بېجى ئۈچۈن ھەر ئادەم ھەر يىلى بىر دنا پۇل ۋە بىر تاغار بۇغداي تاپشۇراتتى. بۇ باج، رىم پادىشاسىنىڭ باج - سېلىغىدىن نۇرغۇن دەرىجىدە ئاز ئىدى. شەھەردىكى پۇقرالارنىڭ ھەممىسى ئەرەپلەر بىلەن سۈلھى قىلىشنى خالايتتى.
ئىككىنچى كۈنى كېچىدە، ئېپىسكوپ، خالىدىنىڭ ھەربىي لاگرىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا ئاھالىسىنىڭ ئەرەپلەرنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى ھەمدە؛
>رىم ئارمىيىسى دەرۋازىنى تاش بىلەن توسىۋەتتى، سىلەر شوتا بىلەن ئارتىلىپ چۈشۈڭلار< - دېدى.
خالىد، ئادەم ئەۋەتىپ ئىككى دانە شوتا ئەكەلدۈردى. بىر نەچچە ئەسكەر شوتا بىلەن شەرگە كىردى ۋە تېزلىكتە شەھەر دەرۋازىسىنى ئاچتى. شۇنىڭ بىلەن ئەرەپ چەۋەندازلىرى داغدۇغا بىلەن دەمەشق شەھىرىگە كىردى.
شەرقىي رىم پادىشاسى ھىراكلېي مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمىدى. دەرھال 200 مىڭ كىشىلىك كاتتا ئارمىيە تەشكىللىدى ۋە ئاۋالقىدەكلا ئىنىسىنى قوماندان قىلىپ دەمەشققە ئاتلاندۇردى. خالىد دۈشمەن ئارمىيىسىدە ئادەم سانىنىڭ ناھايىتى كۆپلۈگىنى كۆرۈپ، دەمەشقتىن تېزلىكتە چېكىنىپ چىقىپ، ئوردان دەرياسىنىڭ تارمىقى بولغان ئارمۇك دەرياسى ئەتراپىدا قوشۇنلىرىنى مۇجەسسەملەشتۈردى. بۇ چاغدا مۇسۇلمان ئەسكەرلىرىنىڭ سانى جەمىي 24 مىڭ كىشى ئىدى.
636 - يىلى ئاۋغۇستتا ھەل قىلغۇچ جەڭ باشلاندى، شەرقىي رىم ئارمىيىسى ئون ھەسسە ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچ بىلەن شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئەمما، خالىد بولسا ئارمۇك ئەتراپىدىكى خەلقلەرەە تەمكىنلىك بىلەن:
- مەن ئادەم بېشى بېجىنى سىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىمەن، چۈنكى بىز سىلەرنى قوغداشقا ئۈلگۈرەلمىدۇق. سىلەر ئۆزلىرىڭلار بىر ئامال قىلساڭلار! - دېدى.
- مۇسۇلمانلارنى ياقتۇرىمىز، - دېدى يەرلىك خەلق، - يەنىلا رىم پادىشاسىنىڭ خورلىشىغا ئۇچراۋەرمەيمىز! بىز ئۆز شەھىرىمىزنى قوغداپ، ھىراكلېينىڭ ئارمىيىسىنى قەتىئىي كىرگۈزمەسلىگىمىز كېرەك!
پۇقرالارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، خالىدلار دەرھال قايترۇما زەربە بېرىشكە ئۆتتى. شەرقىي رىم ئارمىيىسىدىكىلەرنىڭ كۆپ قىسمى تۇتۇپ كېلىنگەن قۇللار ئىدى. ئەسكەر باشلىقلىرى ئۇلارنىڭ قېىچپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ھەتتا ئۇلارنى زەنجىر بىلەن بىر - بىرىگە چېتىپ جەڭ مەيدانىغا يالاپ ئېلىپ كەلگەن ئىدى. شۇڭا، جەڭگە كىرىپلا تېرى - پېرەڭ بولاتتى، ئەلۋەتتە. بىر نەچچە كۈنلۈك جەڭ ئارقىلىق شەرقىي رىم ئارمىيىسىدىن 70 مىڭ ئەسكەر يوقىتىلدى، ھەتتا ئۇلارنىڭ پادىشاسىنىڭ ئىنىسىمۇ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. پادىشاھ ھىراكلېي پاجىئەلىل مەغلۇبىيەتكە يولۇقۇپ دىر ـ دەىر تىترىدى ـ دە، ئارقىغا بۇرۇلۇپ كونىستانتىنوپولغا قااپ تىكىۋەتتى. ئۇ سۇرىيىنىڭ چېگرىسىدىك جىلغىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ھاياجىنىنى باسالماي:
- ئېخ! سۈرىيە، خوش ئەمدى! شۇنچە گۈزەل، مۇنبەت باي تۇپراق دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ كەتتى -دە! - دەۋەتتى.
پۈتكۈل سۈرىيىنى ئىگەللەپ بولغان ئەرەپ چەۋەندازلىرى توختىماستىن ئات چاپتۇرۇپ ئالغا باستى.
638 - يىلى ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇھىم شەھىرى بولغان قۇددۇس شىرىپ )ئېروسالىم( نى ئىشغال قىلدى؛
642 - يىلى شىمالىي ئافرىقىدىكى لىبىرىيىنى ئىستىلا قىلدى.
661 - يىلىغا كەلگەندە، ئەرەپ ئىمپىرىيىسى رەسمىي قۇرۇلۇپ، دەمەشقنى پايتەخت قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە شەرقتىن كابۇل )ھازىرقى ئافغانىستان( ۋە غەربىي گوتلار )ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيا( نى ئىشغال قىلدى. غەرپتىن كارفاگىن )ھازىرقى شىمالىي ئافرىقىدىكى تونىس( ۋە غەربىي گوتلار )ھازىرقى ئىسپانىيە( نى ئىستىلا قىلدى.
ئەرەپ ئىمپىرىيىسى ئىسلام دىنى ئاساسىدىكى كاتتا ئىمپىرىيە ئىدى. ئۇ غەرب تەرەپتە ئاتلانتىك ئوكياندىن باشلىنىپ، شەرق تەرەپتە پامىرغا تۇتاشقان بولۇپ، ئەينى زاماندا شەرق ئەللىرى ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت - جۇڭگو تاڭ سۇلالىسىنىڭ زېمىنى بىلەن چېگرىداش ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنى ئاخىرى دۇنياۋى چوڭ دىنىغا ئايلىنىپ، مۇسۇلمانلار ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەگە يېيىلدى. ئوتتۇرا شەرق، مىسىر، شىمالىي ئافرىقىدىكى نۇرغۇن مىللەتلەر تەدرىجى ھالدا ئەرەپلەر بىلەن قوشۇلۇپ، ئەرەپ چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرىغا ئايلانغان ئىدى. قەدىمكى ئەرەپ مەدەنىيىتى قەدىمكى مىسىر، قەدىمكى بابىل، قەدىمكى پىرسىيە مەدەنىيەتلىرىنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىش، بېيىشتىن ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا ئۇنى پۈتۈنلەي يېڭىچە، يارقىن ۋە رەڭدار ئەرەپ مەدەنىيىتى قىلىپ شەكىللەندۈرگەن مەدەنىيەت ئىدى.