ئېچىنىشلىق گىلادىئاتورلار
بەش مىڭ يىل
جەنۇبىي ئېگەي دېڭىزىدىكى بىر كىچىك ئارالدا _ دېلوس ئارىلىدا يىل بويى بازار قىزىپ تۇراتتى. بۇ بازار رىمدىكى ئەڭ چوڭ قۇل بازىرى بولۇپ، كۈنىگە مىڭلاپ قۇل سېتىلىپ، رىمنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلۇپ تۇراتتى.
قۇملۇققا ت قاتار - قاتار ئۈستى ئوچۇق سۇپىلار سېلىنغان بولۇپ، قۇل سودىگەرلىرى توپ _ توپ قۇللارنى بۇ سۇپىلارغا ھەيدەپ چىقىرىدىكەن. بۇ قۇللارنىڭ 10 نەچچىسىنى بىر قاتارغا تىزىدىكەن، ھەممىسىنىڭ يوتىسىغا ھاك سۈرتۈلگەن، بوينىغا كىچىك تاختا ئېسىلغان بولۇپ، تاختىغا قۇلنىڭ كېلىپ چىقىشى، يېشى، ئىقتىدارى يېزىلىدىكەن، بەزىلىرىگە قۇلنىڭ باھاسىمۇ يېزىپ قويۇلىدىكەن.
قىزىل كىيىم كىيگەن بىر پالۋان سۇپا يېنىغا كېلىپتۇ. قۇللارنىڭ كۆكرىكىگە مۇشتلاپ كۆرۈپتۇ. ئاغزىنى ئاچۇرۇپ چىشىغا قاراپتۇ ھەمدە ئۇياق - بۇيان يۈگۈرتۈپ ۋە سەكرىتىپ بېقىپتۇ، قوللىرىنى كوتەرگۈزۈپتۇ. ئاخىرىدا:
_ قانچە پۇل؟ _دەپ سوراپتۇ.
_ ھە، ئەرزان، ئەرزانن، ھەر بىرى ئالتە تالانت (قەدىمقى يۇناننىڭ ئېغىرلىق بىرلىكى ۋە مېتال پۇلنىڭ نامى)، _ دەپتۇ ئادەم سودىگىرى ھىجىيىپ تۇرۇپ.
_ پاھ بەك قىممەت ئىكەن، مەن بۇلتۇر سېتىۋالغان ساردىنلىقلارنىڭ باھاسى ئۈچ تالانتقىمۇ يەتمەيتتى! _ ئەسلىدە زىمنىڭ يىراققا يۈرۈشى قىلغۇچى قوشۇنلىرى ساردىن ئارىلىنى بوي سۇندۇرغاندىن كېيىن، ئارالدىكى كۆپلىگەن ئاھالىنى ئەرزان باھادا قۇل قىلىپ ساتقان، شۇڭا شۇ زامانلاردا ئەڭ پۇلغا يارىمايدىغان نەرسىلەرنى «ساردىنلىقلارغا ئوخشاش ئەرزان ئىكەن» دەيدىغان گەپ تارقالغان.
_ ئۆزلىرى ساردىنلارنى دەۋاتىلا، بىراق بۇلار ئىگىز بويلۇق گائۇللار، قامەتلىك گېرمانلار... ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىل مال باھاسى ئۆستى، بىر كالىنىمۇ يەتتە تالنتقا ئالىدۇ!
ئۇلار بىرمەھەل سودىلاشقاندىن كېيىن، ئاخىر پۈتۈشۇپتۇ.
قىزىل كىيىملىك پالۋان كراسىس دېگەن ئاقسۆڭەكنىڭ قۇل باشقۇرغۇچىسى ئىكەن. كراسىس رىم شەھىرىدىكى كاتتا باي بولۇپ، ئۇنىڭ 20 مىڭ قۇلى بار ئىكەن. ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ قۇلى تۇرۇقلۇق يەنە نېمىشقا قۇل سېتىۋالىدۇ؟ ئەسلىدە. مىلادىدىن ئىلگىرى 3 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىن تارتىپ، گىلادىئاتورلۇقتىن ئىبارەت بۇ ۋەھشى كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇلى رىمغا تارقالغان. ھەر ھېيىت _ ئايەم، بايرام _ مەركە كۈنلىرىدە گىلادىئاتورلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ قاۋۇل قۇللار گىلادىئاتور قىلىشقا سېتىلغان. ئۇلار تەربىيلەنگەندىن كېيىن چوڭ تىياتىرخانىلاردا ياكى ئوچۇق سورۇنلاردا ئۆز ئارا ئېلىشقان، ياكى ياۋايى ھايۋانلار بىلەن ئېلىشقان، ئۇلارنىڭ قان ئاققۇزۇشى ۋە قۇبان بولۇش بەدىلىگە قۇلدارلار كۆڭۈل ئاچقان. بەزىدە بىر قېتىملىق ئېلىشىش ئۈچۈن نەچچە 100 جۈپ قۇل ۋە مىڭلاپ ياۋايى ھايۋانلار مەيدانغا چىقىرىلغان. كراسىس ئۆزىنىڭ بالىقىنى كۆز _ كۆز قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى كاتتا ئېلىشىش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈمەكچى بولغان ھەمدە پۈتۈن شەھەردىكى بارلىق بايلارنى ئىشتىراك قىلىپ تاماشا كۆرۈشكە تەكلىپ قىلغان، شۇڭا بىر يىل بۇرۇن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قۇل بازارلىرىغا ئادەم ئەۋەتىپ قاۋۇل گىلادىئاتور تاللىغان.
قىزىل كىيىملىك پالۋان بۇ قېتىم 200 قۇل تاللاپتۇ ۋە ئۇ قۇللارنى كېمىگە سېلىپ دەرھال يولغا چىقىشنى بۇيرۇپتۇ. بىراق، ئۇشتۇمتۇتلا ئالى دېگەن قۇلنىڭ ئىنسىنى باشلاپ قېچىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارنى تۇتۇپ كېلىپتۇ. قىزىل كىيىملىك پالۋان ئايرىم _ ئايرىم ھالدا ئۇلارنى تۇتۇپ كېلىلپتۇ. قىزىل كىيىملىك پالۋان ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۇلارنىڭ بوينىغا تومۇر زەنجىر باغلاپ، ئۇنىڭغا «مېنى تۇتۇڭلار. مېنى قاچۇرۇۋەتمەڭلار» دېگەن سۆزنى ۋە خوجايىن گىراسىسىنىڭ ئىسمىنى ئويۇپ قويۇپتۇ ھەمدە ئۇلارنى ئايرىم _ ئايرىم سولاپ قويۇپتۇ. يول ئۈستىدە بىر قۇل ئاغرىپ قالغاندا، قىزىل كىيىملىك پالۋانس: «ئالدىرىما، مەن كېسىلىڭنى داۋالاپ قويمەن» دەپتۇ _ دە، كېمە بىر قاقاس ئارالغا كەلگەندە، كېسەل بولۇپ قالغان قۇلنى بۇ يەردە «دوختۇرلار ئىلاھى» بار، «كېسىلىڭنى داۋالاپ قويىدۇ» دېگەن بانا بىلەن ئارالغا تاشلاپ كېتىپتۇ. ئەمىلىيەتتە ئۇنى زەھەرلىك يىلان ۋە ياۋۇز بۈركۈتلەرگە يەم قىلىپ بېرىپتۇ.
يېڭىدىن سېتىۋېلىنغان گىلادىئاتورلار بىلەن ئەسلىدىكى گىلادىئاتورلار گىلادىئاتورلۇق مەكتىپىگە ئېلىپ بېرىلىپتۇ. بۇ يەردە، گىلادىئاتورلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا كۈن بويى نەيزىۋازلىق ۋە چىلىشىشنى مەشىق قىلىدىكەن. كېچىسى بولسا ئۇلار قېچىپ كەتمىسۇن ياكى تىل بېرىكتۈرۈۋالمىسۇن دەپ ئايرىم _ ئايرىم قەپەزلەرگە سولاپ قويۇلىدىكەن.
ئېلىشىش ماھارىتى كۆرسىتىش ۋاقتى يېتىپ كېلىپتۇ. رىم شەھىرىدىكى غايەت زور يۇمۇلرق ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانى چىرايلىق زىننەتلىنىپتۇ. بۇ كاتتا بىنانىڭ سىرتقى تىرىپى ئۈچ قەۋەتلىك، ئەتراى تۈۋرۈكلەر بىلەن ئورالغان بولۇپ، ئۇنىڭ 50 مىڭ تاماشىچى پاتىدىكەن. ماھارىتىنى كۆرسىتىدىغان جاينى سۇ قويۇپ كۆل قىلىپ، دېڭىز جېڭى ماھارىتىنى كۆرسەتكىلى بولىدىكەن. شۇڭا بۇنى كىشىلەر «سۇ _ قۇرۇقلۇق تىياتىرخانىسى» دەپمۇ ئاتىشىدىكەن. بۇ جاينىڭ ئىزى ھازىرغىچە رىم شەھىرىدە ساقلانماقتا.
شۇ ئاخشىمى سۈتتەك ئايدىڭ بولغان، سانسىزلىغان مەشئەللەر مەيداننى كۈندۈزدەك يوۇتۇۋەتكەن. مەيدانغا ئادەم لىق تولۇپ، بىرمۇ بوش ئورۇن قالمىغان، ئويۇن كۆرۈش سەھنىسىنىڭ ئاستى تەرىپىدە پەخرى تاماشىچىلا ئۈچۈن تەييارلانغان ئىگىز ئورۇن بار ئىكەن، ئۈستى قەۋىتى بولسا ئاقساقللار ۋە چەتئەللىك مېھمانلارغا مەخسۇس تەييارلانغان ئورۇن ئىكەن. ئۇنىڭدىن بىرئاز يىراق جايدا چەۋاندازلار ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇقلار بار ئىكەن. ئۇنىڭ يۇقۇرىسى پەلەمپەيلىك، ئادەم ئۆتىدىغان يول بولغان ئادەتتىكى ئورۇن ئىكەن. ئەڭ يۇقۇرىسى ئاياللارنىڭ ئورنى بولۇپ، تاملىرىغا ئەتىر پۇركۈپ تۇرىدىغان ناسۇسلار ئورنىتىلغان ئىكەن.
كىراسىس ماھارەت كۆرسىتىش باشلانسۇن دەپ جاكارلاپتۇ. قارا ئىس پۇرقۇپ تۇرغان دېۋىرقاي مەشئەللەرنىڭ يورۇقىدا، قولىدا تۆمۈر كۆسەي تۇتقان رېپىرى ئىككى گلادىئاتورنىڭ ئىشكەللىرىنى بوشىتىپ مەيدانغا ئىتتىرىپ كىرگۈزۈپتۇ. بۇ ئىككىيلەن بېشىغا دوبۇلغا كىيگەن، يۈز چۈمپەردىسى، ساۋۇت تاقىغان، قولىغا قالغان ئالغان ھالدا كىرىپ كېلىپتۇ، بىرسى ئۇزۇن قىلىچ، بىرسى خەنجەر تۇتقان. ئۇزۇن قىلىچ تۇتقىنى دەل ھېلىقى قاچقان قۇل ئالى ئىكەن.
_ ھىم، ئۇزۇن قىلىچ ئالغىنىنىڭ بويى ئېگىز ئىكەن، ئۇ چوقۇم يېڭىپ چىقىدۇ!
گىلادىئاتورلار ئالغىنىمۇ پاكار ئەمەس ئىكەن، بوي _ تۇرقى پەرقلەنمەيدىكەن، ئوتۇشۇمەنكى، بۇ ئېلىشىش تازا قىزىيدۇ!
گىلادىئاتورلار مەيدانغا چىققاندىن كېيىن تاماشىچىلار جانلىنىپ كېتىپتۇ. ياشانغان ئاقسۆڭەكلەر گىلادىئاتورلارنىڭ بوي _ تۇرقى، ھەركىتى، قوراللىرى ۋە تۇرۇشى ئۈستىدە قوللىرىنى شىلتىپ پاراڭغا چۈشۈپتۇ، بەزىلىرى راستىنلا دو تىكىشىپتۇ.
ئالى بىلەن ئۇنىڭ رەقىبى مەيداندا 2 _ 1 مىنۇت تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەھشەتلىك تۈردە ئېلىشىشقا باشلاپتۇ. ئۇلار قالقان بىلەن ئۆزىنى قوغداپ پۇرسەت تېپىپ قولىدىكى قورالنى رەقىبىگە سانچىپتۇ. تۇيۇقسىزلا ئالىغا خەنجەر تېگىپ مۈرىسىدىن قان ئاققىلى تۇرغان. تاماشىچىلار دەرھال «بەللى! بەللى!»، «يەنە بىرنى تىق، يەنە بىرنى تىق!»دەپ ئەسەبىلەرچە ۋاقىرىغان، كۆپ قان ئېقىپ كەتكەچكە ئالى بەرداشلىق بېرەلمەي، ئاستا _ ئاستا ئارقىسىغا چېكىنگەن، رەقىبى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىككىلىنىپ قالغان، بىراق تۆت ئەتراپتىن كۆتىرىلگەن چۇقان ئۇلارنى ئالغا قەدەم تاشلاشقا مەجبۇرلىغان. بىر ئازدىن كېيىن ئالىغا يەنە بىر خەنجەر ئۇرۇلۇپ يىقىلغان، ئۇ يىقىلىپ چۈشكەن بولسىمۇ، دەرھال جان ئۈزمىگەن، رەقىبىمۇ ھۇجۇم قىلىشتىن توختىغان.
بۇ چاغدا، سەھنىدە بىر ئايال داخان ئورنىدىن تۇرغان، مەيداندىكىلەرنىڭ دىققەت _ نەزىرى ئۇنىڭغا مەركەزلەشكەن، ئەمدى مەغلۇپ بولغۇچىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان پەيت يېتىپ كەلگەن. بەلگىلىمە بويىچە، ئەگەر بۇ ئايال داىان باشمالتىقىنى يۇقىرىغا قاراتسا مەغلۇپ بولغۇچىنىڭ جېنى ساقلىنىپ قالىدىكەن، ئەگەر ئۇ باشمالتىقىنى تۆۋەنگە قاراتسا مەغلۇپ بولغۇچى يەردىلا ئۆلتۈرۈلىدىكەن. بۇ ئايال داخان ئېلىشىشنى ئانچە قىزىمىدى دەپ قارىدىمۇ _ نېمە، بۇ رەت ئۇ باشمالتىقىنى تۆۋەنگە قاراتقان. تاماشىچىلارنىڭ تەنتەنە ساداسى ئىچىدە ئالى شۇ زامانلا قانغا مىلەنگەن ئورۇندا ئۆلتۈرۈلگەن. ئاندىن كېيىن رېپىرى قىپ _ قىزىل قىزارغان تۆمۈر كۆسەينى ئۇنىڭ بەدىنىگە باسقان، ئۇنىڭ مۇسكۇللىرىنىڭ قىلچە مىدىرلىمىغانلىقى ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان، شۇ چاغدىلا ئاندىن ئۇنىڭ جەسىدى سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن.
جەسەتنى سۆرەپ غالىپ كەلگۈچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ يۈزى چۈمپەردىسى چۈشۈپ كەتكەن. غالىپ كەلگۈچى شۇنداق قاراپلا قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن، ئۆلگۈچى ئەسلىدە ئۆز ئاكىسى ئالى ئىكەن! ئۇنىڭ كۆزلىرى شۇ زامان قاراڭغۇلىشىپ ھۇشىدىن كەتكىلى تاس قالغان. شۇ چاغدا، كراسىس يەنە بىرسى بىلەن ئېلىشىسۇن، ئۇ راست قەھرىمانمۇ قاراپ باقايلى، دەپ جاكارلىغان. ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشىگىلا يەنە بىر گىلادىئاتور ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەن. ئالىنىڭ ئىنىسى يەنە بىر گىلادىئاتور ئۇنىڭ يېنىغا كەلەگەن. ئالىنىڭ ئىنىسى ئاكىسىنىڭ قانغا مىلەنگەن جەسىدىنى كۆرۈپ، قاتتىق ھەسرەتلىنىپ كەتكەن، شۇڭا رەقىبى قىلچىنى كۆتىرىشتىن بۇرۇن، خەنجەرنى ئۆز كۆكسىگە سالغان..
_ ھوي لەقۋا، ھوي لەقۋا! _دەپ ۋاقىرىغان سەھنىدىكلەر، كراسىسنىڭمۇ پەيزى ئۇچۇپ، ئىككى جەسەتنى دەرھال ئېلىپ چىقىپ كېتىپ ئېلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى بۇيرۇغان. گۇرۇپپىلار بويىچە ئېلىشىش باشلانغان. ئاۋال 10 نەچچە، نەچچە 10 ئادەم توپ بويىچە ئېلىشىشى بولغان ئىس _ تۈتەك دات - پەرياتلىرى بىلەن تاماشلارنىڭ چوقانلىرى قوشۇلۇپ كەتكەن. مەيدان قان بىلەن بويالغان....
ئېلىشىش رىم ئاقسۆڭەكلىرى ئۈچۈن بىر خىل ۋەھىشى ھەم دەھشەتلىك «ئويۇن» بولغان. قۇللار ئىچىدە ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغان ھەمدە ھال ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى گىلادىئاتورلار بولۇپ ھېساپلىنىدۇ، لېكىن ئېزىلىش ئېغىر بولغانسېرى قارشىلىقمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 2 - ئەسىردىن تارتىپ، رىمنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۈزۈلۈكسىز تۈردە قۇلىرىنىڭ چوڭ قوزغىلاڭلىرى پارتىلاپ تۇرغان. گىلادىئاتور قوللار ئىچىدىن تىللاردا داستان بولغۇدەك نۇرغۇن قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى مەيدانغا كەلگەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى سىپارتاك قوزغىلىڭى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.