UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭباتۇر ۋە مېھرىگىيا

باتۇر ۋە مېھرىگىيا

بەش مىڭ يىل قەدىمقى ئىككى دەريا ۋادىسىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت بەك كۆپ بولغان. «گىلگاامېش داستانى» بۇنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ داستان بۇنىڭدىن 4000 مىڭ يىللار داۋامىدا پىششقلىنىپ، قەدىمقى بابىل خانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە (مىلادىدىن ئىلگىرى 20 _ ئەسىردىن، مىلادىدىن ئىلگىرى 17 _ ئەسىرگىچە) ئاخىرى يازما شەكىل بىلەن تۇراقلىشىپ غايەت كاتتا ئەسەر بولۇپ قالغان. رىۋايەتتىكى گىلگامېش قەدىمقى ئۇرۇك شەھىرىدىكى (ھازىرقى ئىراقنىڭ جەنۇبىي قىسىمى) بىر قەھرىمان ئىكەن. ئۇنىڭ كۈچى تەڭداشسىز بولۇپ، ھەممىلا يەردە چاتاق چىقارغاچقا، ئۇرۇك ئاھالىسى ئەمىن تاپالماپتۇ. ئەرشتىكى ئەۋلىيامۇئەككىللەر بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، بىر باتۇر ئەزىمەتنى بۇ ئالەمگە خەلقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن چۈشۈرۈپتۇ. ئانگىدۇ ئاتلىق بۇ ئەزىمەت ئوتلاقتا ئۆسكەن بولۇپ، كىچىكىدىنلا ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە ياشىغان ئىكەن. ئۇ ئاق كۆڭۈل بولۇپ، ياۋايى ھايۋانلارنى ھەمىشە ئوۋچىلاردىن ساقلاپ قالىدىكەن. كېيىن ئۇ چارۋىچىلارنىڭ كەنتىگە كېلىپ ئۇ گىلگامېشنىڭ ئىشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىپ بېقىش نىيىتىگە كېلىپتۇ. ئانگىدۇ بىلەن گىلگامېش قاتتىق ئېلىشىپتۇ. لېكىن كىم يېڭىپ، كىم يېڭىلىدىغانلىقى تايىن تاپماپتۇ. ئېلىشمىغىچە تېپىشماس دېگەندەك، قەھرىمان بىلەن ئەزىمەت بىر - بىرىنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، ياخشى دوسست بولۇپ قېلىپتۇ ھەمدە ئۇرۇك شەھىرىدىكى خەلق ئۈچۈن بىرلىكتە بەخت يارىتىش قارارىغا كېلىپتۇ. ئۇلار ئادەملەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان شىرلارنى ئۆلتۈرۈپتۇ. نۇرغۇن سانداشلارنى يوقىتىپتۇ. ئۇرۇك شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا ھاۋاسى قۇرغاق، دەل _ دەرەخلىرى ناھايىتى ئاز بىر تۈزلەڭلىك بار ئىكەن. خەلقلەر ئوي. ئىمارەت سالاي دېسە ياغاچ _ تاش يوق ئىكەن. خەلقلەر ئۆي. ئىمارەت سالاي دېسە ياغاچ _ تاش يوق ئىكەن. گىلگامېش ئانگىدۇنى باشلاپ ئورمانلىقتا بىر يالماۋۇز بار بولۇپ، ئۇلارنى ئورمانلىققا كىرگۈزمەپتۇ. قاتتىق ئېلىشىش ئارقىلىق گىلگامېش يالماۋۇزنى ئۆلتۈرۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇرۇك شەھىرىدىكى خەلققە ئاپەت كەلتۈرگەن بىر زىيانداشنى يوقىتىپتۇ. قايتىپ كېلىۋېتىپ، ئۇلار بىر غەلىتە ئىشقا دۇچكېلىپتۇ. تۇيۇقسىزلا ئەرشتىن بىر سەنەم چۈشۈپتۇ. ئۇ نايناقشىپ گىلگامېشنىڭ ئالدىغا كېلىپتۇ. ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدىكى بۇ قەھرىماننى تولىمۇ ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىكەن. _ يىگىت، ماڭا قارىسىڭىزچۇ، مەن گۈزەلمىكەنمەن؟ _ دەپ گىلىگامىشنىڭ يولىنى توساپتۇ ئۇ. يوقال كۆزامدىن! _ دەپتۇ گىلگامېش غەزەپ بىلەن. ئۇ بۇ سەنەمنىڭ يامان غەرەزلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن. _ سىز مېنى ئەمرىڭىزگە ئالسىڭىز ئۆمۈرۋايەت شانۇ _ شاۋكەت ۋە بەخت _ دۆلەتتىن بەھرىمەن بولىسىز. _ يوقال! _ ئەگەر ماقۇل بولمىساڭ، پۈتۈن ئۇرۇك شەھىرىدىكى خەلقلەرگە ئاپەت ياغدۇرىمەن. _ يوقال! سەنەم قاتتىق ھال ئېلىپ، غەزەپ بىلەن ئۇچۇپ ئەرشكە چىقىپ كېتىپتۇ ۋە باشقا سەنەملەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، بىر ۋەھشى كالا جىننى ئۇرۇك شەھىرىگە ئەۋەتىشنى بەلگىلەپتۇ. بۇ كالا جىن ئاغزىدى ئوت چاچالايدىغان بولۇپ ئاغزىنى ئاچىسىلا ئاغزىدىن چىققان ئوت نەچچە يۈز ئادەمنى ئۆرتەپ تاشلايدىكەن. بىراق، ئۇ ئىنسانلار ئارىسىغا چۈشۈشى بىلەنلا، گىلگامېش بىلەن ئانگىدۇ ئۇنى تازا دۇمبالاپتۇ. سەنەم بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، نۇرغۇن كىچىك سەنەملەرنى باشلاپ ئۇنى قۇتقۇزۇشقا چۈشۈپتۇ، بىراق، گىلگامېتلار بۇ كالا جىننى ئولتۇرۇۋەتكەن ئىكەن. قەھرىمان گېلگامېش بىلەن ئەزىمەت ئانگىدۇ ئىككىيلەن خەلققە ئاپەت ياغدۇرغان يەنە بىر زىيانداشنى يوقىتىپتۇ. زەھەرلىك قەستى ئىشقا ئاشمىغان سەنەم ئۇرۇك شەھرىدە ھۆركىرەپ يىغلاپتۇ. ئانگىدۇ ئۇنى تاز مەسخىرە قىلىپتۇ كالا جىننىڭ بىر يوتىسىنى ئېلىپ ئۇنىقڭ يۈزىگە ئېتىپتۇ. سەنمىنىڭ يۈز _ كۆزى قانغا مىلىنپتۇ. _ ھا، ھا! _ دەپ قاقاقلاپ كۈلۈپتۇ ئانگىدۇ، _لا قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا، سېنى تۇتۇۋالىدىغان بولسام، سېنىڭ ئاشۇنداق جايلايمەن! سەنەمنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئانگىدۇ كالا جىننىڭ قارنىنى يېرىپ، ئۇنىڭ ھەم ئۇزۇن، ھەم توم ئاغامچىغا ئوخشايدىغان ئۇچەيلىرىنى تارتىپ چىقىرىپتۇ. ھا، ھا! _ دەپ يەنە كۈلۈپتۇ ئانگىدۇ مەسخىرە قىلىپ، _ كېلە، قېنى، سېنى تۇتۇۋالىدىغان بولسام كالا جىننىڭ ئۇچىيى بىلەن باغلايمەن! غەزەپتىن پۇتۈن بەدەنلىرى لاغىلداپ كەتكەن سەنەم ئادەملىرىنى باشلاپ ئۇچۇپ ئەرشكە چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇ ئەرشتىكىلەرگە ئانگىدۇنىڭ سەنەملەرگە تىل تەككۈزگەنلىكىنى داتلاپتۇ. ئۇلار بىردەم ئانگىدۇنى ئۆلتۈرۈش قارارىغا كېلىپتۇ. ئۇنىڭ رەڭگى قارىداپ، كۆزى كۆرمەس، قۇلىقى ئاڭلىماس بولۇپ قېلىپ، ئۆلەي دەپ قېلىپتۇ. گىلگامېش ئۇنىڭ يېنىدىن كەتمەي قاراپتۇ، ئۇنىڭ كوكسىگە قولىنى قويۇپ باقسا، يۈرىكى سوقۇشتىن توختىغان ئىكەن. خەلق ئۇچۈن زىيانداشلارنى يوقاتقان ئەزىمەت ئانگىدۇ جان ئۈزۈپتۇ. قەھرىمان گىلگامشىنىڭ كۆزىدىن ياش بولاق سۈيدەك بۇلدۇقلاپ چىقىپتۇ. دوستىغا ئۆزىنى ئېتىپ زار قاخشاپتۇ. _ ئادەم نېمىشقا ئۆلىدۇ؟ _ گىلگامېش ئاھ _ زار قىلىپتۇ. دوستنىڭ ئۆلۈمىنى چىقارغاندىن كېيىن، قەھرىمان گىلگامېش سەنەملەرنىڭ پىرىنى ئىزلەپ تېپىشقا بەل باغلاپتۇ. سەنەملەرنىڭ پىرى كەلكۈندە ساق قالغان بىردىن _ بىر ھايات ئادەم بولۇپ، كېيىنكى چاغلاردا سەنەملەرنىڭ پىرى بولغان ئىكەن. _ گېلگامېش، سەن سەنەملەرنىڭ پىرىنى تاپالمايسەن، بارما! _ دەپ نەسىھەت قىلىپتۇ دەشت _ باياۋاندا كېتىپ بارغان گىلگامېشنى كۆرگەنلەر. _ مەن ھېچنەرسىدىن قورقىمايمەن! _ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ گىلگامېش ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي. غايەت چوڭ چايان جىن چىقىپ ئاغزىنى ئېچىپ نەشتىرىنى چىقىرىپتۇ. گىلگامىش چەبدەسلىك بىلەن ئۆزىنى قاچۇرۇپتۇ. يول تۈگەپتۇ. گىلگامىش بىر ئۆڭكۈرگە كىرىپ، يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. _ گىلگامىش ئاۋارە بولما، سەنەملەر پىرىنى تاپالمايسەن! _ دەپ تەۋىسىيە قىلىپتۇ ئەرشتىكى بىر سەنەم. _ ھېچكىمدىن قورقمايمەن! _ دەپتۇ. گىلگامىش ئالغا قاراپ كېتىۋېتىپ ئۇ ماڭا _ ماڭا چەكسىز بىپايان توختام سۇغا دۇچكېلىپتۇ. بۇ سۇغا كىرگەن كىشى جېنىدىن جۇدا بولىدىكەن. گىلگامېش بىر كېمىچىنى كۆندۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن كېمە ھەيدە ئاخىر سەنەملەر پىرى تۇرغان جايغا _ بەخت ئارىلىغا بېرىشىپتۇ. _ ھۆرمەتلىك سەنەملەر پىرى، ئادەمنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟ _ دەپ سوراپتۇ قەھرىمان. _ مەڭگۈ ئۆلۈمنى ھەممە ئىنساننىڭ پىشانىسىگە پۈتكەن، غەپلەتتە ياتقان ئادەمنىڭ ئۆلگەن ئادەمدىن نېمە پەرقى بار؟ _ سىز قانداق قىلىپ مەڭگۇ قېرىمايدىغان سەنەملەر پىرى بولغان؟ _ ئۇ چاغلاردا سەنەملەر ئىنسانلارنى بەربات قىلىش ئۈچۈن كەلكۈن كەلتۈردى. بەختكە يارىشا بىر ئاق كۆڭۈل سەنەم بۇ سىرنى ماڭا ئېيتىپ قويدى. _ ئۇنداق بولسا، سىز مەڭگۈ ئۆلمەسلىكنىڭ سىرنى ماڭا ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟ - دېڭىز ئاستىدا بىر تۈپ گىياھى ھايات بار، سەن ئۇنى قولغا چۈشۈرەلىسەڭ مەڭگۈ قېرىمايسەن. _ مەن ھازىرلا دېڭىز ئاستىغا چۈشمەن! _ دەپتۇ. قەھرىمان ۋە شۇ زامان دېڭىزغا سەكرەپ چۈشۈپ، دېڭىز ئاسىتىدىكى ھېلىقى گىياھنى ئېلىپ چىقىپتۇ. _ مۇشۇ گىيانى يىسەڭ مەڭگۈ ياشايسەن! _ سەنەملەر پىرىنىڭ بۇ سۆزى قەھرىماننىڭ قولىقى تۈۋىدە جاراڭلاپتۇ. لېكىن ئۇرۇك شەھىرىدىكى مىڭلىغان _ ئون مىڭلىغان ئەمىن ياشاۋاتقان ئاق كۆڭۈل خەلقلەرنى ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ مېھرىگىيانى شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ، ھەممە ئادەمگە يىگۈزۈش قارارىغا كېلىپتۇ. «ئۆزەمنىلا ئويلىسام بولمايدۇ، بەختتىن كەڭ قېرىنداشلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشۇم كېرەك» دەپتۇ ئۆز _ ئۆزىگە قەھرىمان يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ كۈلگىنچە. ئۇنىڭ ئالدىدا بىر دەشت ئۇچراپتۇ. قەھرىمان داۋاملىق ئالغا قاراپ يۈگۈرۈپتۇ. ئۇ مېڭىۋېرىپ ئاخىر بىر بۇلاقنى ئۇچرىتىپتۇ. بۇ چاغدا قەھرىماننىڭ ئۈستىۋېشى چىلىق _ چىلىق تەرگە چۆمگەن ۋە توپا باسقان ئىكەن، ئۇ مېھرىگىيانى بىر چەتتە قويۇپ، يۇيۇنۇۋالاي دەپ بۇلاققا سەكرەپ چۈشۈپتۇ. يۇيۇنۇپ بولۇپ قىرغاققا چىقسا مېھرىگىياھ يوق تۇرغۇدەك. بۇنىڭدىن قەھرىمان تىت _تىت بولۇپ، ھەممە يەرنى ئىزلەپتۇ. قارىغۇدەك بولسا بىر چەتتە بىر قېرى يىلان مېھرىگىياھنى يەۋاتقۇدەك. قەھرىمان ئېتىلىپ بارسا، ھېلىقى يىلان تېرە تاشلاپ، ياشىرىپ قېچىپ كېتىپتۇ. «ئەھۋالدىن قارىغاندا يىلان تېرە تاشلاپ مەڭگۈ ياشايدىغان بولدى، ئىنسانلار بولساق قېرىيدىغان ۋە ئۆلىدىغان بولدۇق» دەپ ھەسرەت چېكىپتۇ. قەھرىمان. ئۇ كىشىلەردىن بىردەممۇ ئايرىلالمايدىغان بولغاچقا، ئۇرۇك شەھىرىگە قاراپ توختىماي چېپىپتۇ. داستان «گىلگامېش» قەدىمقى بابىل ئەدەبىياتىدىكى گۆھەر. ئۇنىڭدا ئېگىلمەس _ پۈكۈلمەس جەڭگىۋار روھقا ئىگە قەھرىمان يارىتىلغان. ئەمما بۇ قەھرىمان ئۆ نوۋىتىدە مەڭگۈ خەلققە مەنسۇپ، بۇ داستاندا، ئادەم ئاخىر ئۆلىدۇ، لېكىن خەلق ئىشلىرى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ، دېگەن ئاددى ئەمما چوڭقۇر پەلسەپىۋى قائىدە شەرھىلەنگەن: مانا بۇلار ئىككى دەرياۋادىسىدىكى خەلقلەرنىڭ ئالىجاناپ ئىرادىسىنىڭ بەدىسى ئوبرازى بولۇپ، ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان كىشىلەرگە تەربىيە ۋە ئىلھام بولۇپ كەلمەكتە.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ