UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭمىڭ بىر كېچە

مىڭ بىر كېچە

بەش مىڭ يىل رىۋايەت قىلىنىشچە، قەدىمكى زاماندا جۇڭەو بىلەن ھىندىستان ئارىلىقىدا بىر ئارال دۆلەت بار ئىكەن. ئۇنىڭ پادىشاھى شەھرىيار ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ، ئۆز خانىشىنىڭ ئوردا قۇللىرى بىلەن تۇيدۇرماي ئويۇن - تاماشا قىلىپ يۈرەەنلىگىنى توساتتىن كۆرۈپ قالىدۇ ـ دە، خانىش بىرەر ناپاك ھەرىكەت قىلغان بولسا كېرەك، دەپ گۇمانلىنىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ خوتۇن - قىزلاردىن يىرگىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ ۋە بارلىق خوتۇن - قىزلاردىن ئۆچ ئالماقچى بولىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ھەر ئاخشىمى بىر خوتۇن ئېلىپ، تاڭ ئاتقاندا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. پۇقرالار بۇ ۋەھىمە دەستىدىن قاتتىق ئالاقزادە بولۇشۇپ، قىزلىرىنى يېتىلەپ تەرەپ - تەرەپلەرگە قېچىپ كېتىدۇ. ئەمما پادىشاھ، ۋەزرلىرىنى ھەر كۈنى ئورىغا بىر قىز ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇۋېرىدۇ. ۋەزىر پۈتكۈل شەھەرنى ئىزلەپمۇ بىر قىز تاپالماي، پادىشاھنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولۇشتىن قورقۇپ، غەم - ئەندىشە بىلەن ئۆز ئۆيىدە چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ قالىدۇ. ۋەزىرنىڭ قىزى شەھرىزاد،، ۋەقەنىڭ ھەقىقىتىنى ئۇققاندىن كېيىن، بارلىق قىزلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن، ئۆز خاھىشى بويىچە پادىشاغا تېگىدۇ. ئوردىغا كىرگەن ئاخشىمى ئىنتايىن قىزىق بىر چۆچەك ئېيتىپ بېرىش يولى بىلەن پادىشاھنى قىزىقتۇرۇپ، ئۆز ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئەتىسىدىن باشلاپ ھەر ئاخشىمى ئاشۇنداق قىزىق چۆچەكلەرنى بىرىگە برىنى ئۇلاپ ئۈزمەي ئېيتىۋېرىدۇ. بۇنداق چۆچەكلەر مىڭ بىر كېچىگىچە داام قىلىدۇ، ئاخىرىدا پادىشاھ ئۆز قىلمىشىغا پۇشايمان يەپ، خوتۇن - قىزلارنى ئۆلتۈمەيدۇ ۋە شەھرىزاد بىلەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بىللە ئۆتىدۇ. تۆۋەندە، شەھرىزاد، پادىشاغا سۆزلەپ بەرگەن نۇرغۇن چۆچەكلەردىن بىرىنى ئاڭلاڭ: بۇرۇنقى زاماند بىر بېلىقچى بوۋاي بار ئىكەن، ئۇنىڭ خوتۇنى ۋە ئۈچ بالىسى بولۇپ، بېلىقچىلىققا تايىنىپ كۈن كەچۈرىدىكەن. بېلىقچى ھەر كۈنى دەرياغا تۆت قېتىم تور سالىدىكەن، تورغا نېمە ئىلىنسا، شۇنىڭ بىلەن قانائەتىلىنىپ ئۆيىگە قايتىدىكەن. بىر كۈنى ئادىتى بويىچە دەريانىڭ لېۋىگە بېرىپتۇ، تورنى يېيىپ سۇغا تاشلاپتۇ، بىرىنچى قېتىمدا بىر ئۆلۈك ئىشەك ئىلىنىپتۇ، ئىككىنچى قېتىمدا بىر پۇچۇق كۈپ ئىلىنىپتۇ، ئۈچىنچى قېتىمدا ئىچى سۆڭەك، شىشە سۇنۇقلىرى بىلەن لىق تولغان بىر ساپال كۈپ ئىلىنىپتۇ. بېلىقچى بوۋاي ئاھ ئۇرۇپ كۆككە قاراپ: >ئەي خۇدا! مەندەك بىچارە بەنندەڭنى نائۈمىت قويمىغايسەن!< دەپ نالە قىلغاندىن كېيىن، تۆتىنچى قېتىم >بىسمىللا< دەپ تورنى ساپتۇ. تورنى كۆتىرىپ قارىسا، ئاغزى قەلەي بىلەن كەپشەلگەن ناھايىتى ئېغىر بىر تۇچ كۈپ تۇرغۇدەكمىش. بېلىقچى بۇ كۈپكە قاراپ بەكمۇ قىزىقسىنىپتۇ. ئاۋال كۈپنى ئېچىپ ئىچىدە نېمە بالرىقىنى بىلمەكچى بولۇپ، كۈپنىڭ ئاغزىدىكى قەلەينى بوشىنىتپتۇ. شۇ ھامان كۈپنىڭ ئىچىدىن پىخسىغان سېسىق تۈتۈن چقىپتۇ - دە، بۇسى ئاسمان - زېمىننى قاپلاپ كېتىپتۇ. كېيىن ئۇ تۈتۈن يىغىلىپ قويۇقلىشىپتۇ، اندىن ئايلىنىپ ئۆزى كېلەڭسىز، بويى ئاسمانغا تاقىشىدىغان، چاچلىرى پاخپايغان بىر دىۋە سۈرىتىگە كىرىپتۇ. دىۋە خۇددى تۆمر ئارىدەك قوللىرىنى ئۇزىتىپ، چىشلىرىنى غىچىرلىتىپ خىرىس قىلغان ھالدا بېلىقچىلغا قاراپ تۇرۇپ: - ئەي بەختسىز، مەن سېنى ئازاپلاپ ئۆلتۈرىمەن! قايسى ئۆلۈم بىلەن ئۆلىسەن؟ - دەپتۇ. دىۋىنى كۆرۈپ جان - ئىمانى چقىپ تاتارغان بېلىقچى لاغىلداپ تىتىرىگەن ھالدا: - مەن سېنى سۇ ئاستىدىن قۇتۇلدۇرسام، شۇنىڭ بەدىلىگە سەن مېنى ئۆلتۈرەمسەن؟ - دەپتۇ. ـ مەن، - دەپتۇ دىۋە. بېلىقچىغا قارپا، ـ مورىت دىۋىلىرىدىن بولىمەن، مەن شەرىئەتكە خىلاپ يمان ئىشلارنى قىلغانلىقىم ئۈچۈن، سۇلايمان پەيغەمبەر مېنى تۇتۇۋېلىپ مۇشۇ كۈپنىڭ ئىچىگە سېلىپ، كۈپنىڭ ئاغزىنى قەلەي بىلەن كەپشەلەپ ئېتىۋەتتى. دەريانىڭ تېگىدە 100 يىل ئاتىم، ئۆز ئۆزەمگە: كىم مېنى مۇشۇ بالادىن قۇتۇلدۇرسا، من ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلاي، ئۇنى ئۆمۈرلۈك شان ـشۆھرەت ۋە دۇنيا ـ دۆلەتكە ئىگە قىلاي دېدىم. 100 يىل ئۆتتى، ئەمما مېنى قۇتۇلدۇرمىدى. يەنە 100 يىل ئۆتتى. قۇتقۇزغان كىشىگە دۇنيانىڭ بايلىقىنى بېرەي دەپ قەسەم ئىچتىم. ھېچكىم مېنى قۇتۇلدۇرمىدى. يەنە 100 يىل ئۆتۈپ كەتتى. كىم قۇتۇزسا ھەر خىل تىلەكلىرىنى قاندۇرىمەن دەپ ئەھدە قىلدىم، توپ توغرا 400 يىل ئۆتۈپ كەتتى، مېنى يەنىلا ھېچكىم قۇتقۇزمىدى. بۇ ھالغا زادىلا چىدىيالماي غەزەپلەندىم. ئەمدى مېنى كىم قۇتقۇزسا ئۇنى ئۆلتۈرەي، لېكىن ئۆلتۈرۈشتىن بۇرۇن، قايسى خىل ئازاپ بىلەن ئۆلتۈرۈشنى ئۆزىدىن سوراي، دەپ نىيەت قىلدىم. سەن مېنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزدۇڭ، شۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭدىن سورايمەنكى، قايسى ئۇسۇلدا ئازاپلاپ ئۆلتۈرەي؟ - جانابى دىۋە، - دەپتۇ بېلىقچى ۋەھىمە ھەم غەزەپ بىلەن، - مېنى كەچۈرگىن! ياخشى نىيىتىم بىلەن سېنى قۇتۇلدۇرغان تۇرسام، سەن ۋاپاغا جاپ قىلساڭ بولامدۇ؟ - بولدى بەس، تىرىكچىلىكتىن ئۈمىدىڭنى ئۈز. مەن ئەقىل ئىگىسى - تەدبىرلىك ئىنسان تۇرسام، بىر دىۋنى يېڭەلمەمدىمەن؟ دەپ ئويلاپتۇ بېلىقچى ۋە دىۋىگە قاراپ: - ئۆلۈمدىن قتۇلالماسلىقىمغا كۆزۈم يەتتى. ئەمما مەن ھەيان بولۇۋاتقان بىر مەسىلىنى سەندىن سورىۋالاي، راستىڭنى ئېيتقن، كىچىككىنە بۇ كۈپكە سىنىڭ بىر قولۇڭمۇ سىغمايدىغان تۇرسا، شۇ بويۇڭ بىلەن ئۇنىڭغا قانداق سىغدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ بېلىقچى. - ئىشەنمەيۋاتامسەن؟ - دەپتۇ دىۋە ۋاقىراپ. - ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگىچە ئىشەنمەيمەن، - دەپتۇ بېلىقچى. بېلىقچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان دىۋە بىر سىلكىنىپتۇ - دە، تۈتۈنگە ئايلىنىپ، ئاستا ـ ئاستا كۈپكە چۈشۈشكە باشلاپتۇ. تۈتۈن تامامەن كۈپكە كىرىپ بولۇشى بىلەنلا، بېلىقچى دەرھال كۈپنىڭ ئاغزىنى بۇرۇنقىدەك قىلىپ بېكىتىپتۇ ـ دە، دىۋىگە قاراپ: - خوش، ئەھۋالىڭ قانداق؟ ئەمدى سەن قانداق ئۆلۈپ بىلەن ئۆلۈشنى خالايسەن؟ مەن ھازىرلا سېنى دەرياغا تاشلايمەن، - دەپ توۋلاپتۇ. دىۋە، كۈپتىن چىقىش ئۈچۈن تېپىچەكلەپ بېقىپتۇ، لېكىن چىقالماپتۇ. ئاخىرى: - ئەي ياخشى نىيەتلىك بېلىقچى. باياتىن ساڭا چاخچاق قىلغان ئىدىم، مېنى كەچۈرگىن. مېنى كۈپتىن چىقىرىۋەتسەڭ، مەن چوقۇم سېنىڭ شەپىقىتىڭ ئۈچۈن مەڭگۈ خىزمىتىڭدە بولىمەن، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ. - ئەي دىۋىلەرنىڭ ئەسكىسى، -دەپتۇ بېلىقچى، -تولا ئادەم ئالدىما! - ئالداۋاتقىنىم يوق. مېنى قويۇپ بەرگىن، مەن چوقۇم سېنىڭ خىزمىتىڭنى ياخشى قىلىمەن. - مەن سېنى ياخشى نىيەت بىلەن قۇتۇلدۇرسام، سەن مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولدۇڭ، ئەمدى كۈپنىڭ ئىچىدە سېسىپ ياتقىنىڭ ياتقان. - مېنى ئۆلتۈرمە، مەن خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، سەن ئاق نىيەت ئادەم، ئەمدى مەن ساڭا ھەرگىز يامانلىق قىلمايمەن، مېنى قويۇپ بەرسەڭ، قەدىمكىلارنىڭ ۋاپادار بولۇڭلار، دېگەن سۆزى بويىچە ھەرقاچان ياخشىلىق قىلىشقا ۋەدە قىلىمەن. بېلىقچى، دىۋىنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ كۈپنىڭ ئاغزىنى ئاچقان ئىكەن، تۈتۈن چىقىپ يېيىلىپتۇ، كېيىن تۈتۈن يىغىلىپ دىۋە ئاۋالقى ئەسىگە كەپتۇ ۋە كۈپنى تېپىپ دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا تاشلاپتۇ. دىۋىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى كۆرگەن بېلىقچى خېلى قورقۇپتۇ. ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىگە كۈۆزى يېتىپتۇ: - ئەي دىۋە، مېنى ئىككىنچى ئالدىماسلىق توغرسىدا قەسەم قىلغان ئىدىڭ، ۋەدەڭگە ۋاپا قىل! - دەپتۇ بېلىقچى. - مېنىڭ ئارقامدىن ماڭ! - دەپتۇ دىۋە قاقاقلاپ كۈلۈپ، بېچلىقچى ئۆزىنىڭ ئۆلۈمدىن قۇتۇلغانلىقىغا بىر ئخشىنىپ، بىر ئىشەنمەي، تورنى يۈدۈپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىپتۇ. تاغ ئۈستىدىكى تۈزلەڭلىككە يېتىپ بېرىپتۇ. قارىسا ئۇ يەردە بىر كۆل بار ئىكەن. دىۋە، بېلىقچىغا تور سېلىپ بېلىق تۇتۇشنى بۇيرۇپتۇ. بېلىقچى كۆلدە ئۈزۈپ يۈرگەن ئاق، قىزىل، كۆك، سېرىق بېلىقلارنى كۆرۈپ ھەيران بوپتۇ. كېيىن تور ساپتۇ. كۆتىرىپ قارىسا تورغا ھەر رەڭلىك بېلىقتىن تۆتلا بېلىق چۈشۈپتۇ. بېلىقچى سۆيۈنۈپتۇ، چۈنكى بېلىقچى نەچچە ئون يىل بېلىقچىلىق قىلىپ شۇ چاققىچە بۇنداق ئاجايىپ بېلىقلارنى كۆرمىگەن ئىكەن. ـ بۇ بېلىقلارنى ئېلىپ بېرىپ پادىشاھقا تەقدىم قىل! ئۇ ساڭا يەتكۈدەك دۇنيا بېرىدۇ، - دەپتۇ دىۋە. ئىككى پۇتىنى يەرگە ئۇرغان ئىكەن، يەر يېرىلىپتۇ، دىۋە يېرىلغان يەرگە كىرىپ كېتىپتۇ. بېلىقچى، دىۋىنىڭ سكزىگە ئەمەل قىلىپ، تۆت دانە بېلىقنى كۆتىرىپ شاھنىڭ ھوزۇرىغا كىرىپتۇ. شاھ بۇ بېلىقلارنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بوپتۇ ۋە بېلىقچىغا 400 تەڭگە بېرىپتۇ. ئەمما، ئاشپەز بۇ بېلىقلارنى ساپلىققا سېلىپ قورۇۋاتقاندا، تۆت بېلىقمۇ كۆيۈپ قاپ - قارا كۆمۈرگە ئايلىنىپتۇ. بۇنىڭدىن ھەممەيلەن ھەيران بوپتۇ. شاھ بۇنىڭدىكى سىرنى ئۆزى بىۋاستە بىلمەكچى بوپتۇ -دە، دەرھال ۋەزىر ۋە ئەسكەرلەرەە بېلىقچى بىلەن بىللە ئاتىلىنىپ يولغا چىقىشاق پەرمان بېرىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە تۆت ئەتراپى تاغ بىلەن ئورالغان چوڭ بىر كۆلنىڭ بويىغا يېتىپ كەپتۇ. ھەممەيلەن بۇ چوڭ كۆلنى كۆرۈپ ھەيران بوپتۇ. چۈنكى بۇ ئەلدىكىلەر بۇ يەرنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقماپتىكەن. شاھ سىرنى تولۇق بىلمەكچى بولۇپ، قوشۇننى تاغ ئاتراپىغا جايلاشتۇرۇشقا بۇيرۇق قىلىپتۇ. قوشۇن جايلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ۋەزىر ئىنتايىن ئېھتىيات بىلەن شاھ چېدىرى ئەتراپىدا قاراۋۇللۇق قىلىپتۇ. شاھ كىيىملىرىنى ئۆزگەرتىپ، قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپتۇ - دە، يولغا چۈشۈپتۇ. ئاخشامدىن تاڭ ئاتقىچە تاغ كېزىپ يۈرۈپ ھېچكىمنى كۆرمەپتۇ. شاھ ئاشۇ ھالدا توپ - توغرا ئىككى كېچە ـ كۈندۈز كېزىپ يۈرۈپ ئۈچىنچى تاڭ ئاتار ۋاقتىدا، يىراقتىن بىر قارا نەرسىگە كۆزى چۈشۈپتۇ، قارىسا تاملىرى قارا تاشتىن ياسلغان چوڭ بىر قەسىر، شاھ ئىشىك ئالدىغا بېىرپ ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ قېتىم تاقىلدىتىپتۇ، جاۋاپ بولمىغاندىن كېيىن، شاھ: - بەلكى بۇ ساراي تامامەن بوش، ئىگىسىزدۇر، - دەپتۇ - دە، ئىچكىرىگە كىرىپ، - ھەي سارايۋەن! - دەپ ۋاقىراپ قىچقىرىپتۇ، يەنەجاۋاپ بولماپتۇ. شاھ دادىل بولۇپ ساراينىڭ ئىچىگە كرىپتۇ. قارىسا تاملىرى يۇلتۇز تامغىلىق يىپەك گىلەملەر بىلەن زىننەتلەنگەن بىر قەسىر، قەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر كۆل تۇرغۇدەك. ئۇنىڭ بۇرجەكلىرىدەئ التۇندىن ئىشلەنگەن يولۋاس ئاغزىدىن كۈمۈشكە ئوخشاش سۇ مەۋج ئۇرۇپ چىقىپ تۇرۇپتۇ. ئۇ گۈللەر ئارىلاپ بىر بېسىپ، ئىكى بېسىپ ئىشىگىگە گۈزەل پەردە تارتىلغان ھەرەمخانا ئالدىغا كېلىپ قاپتۇ. پەردىنى قايرىپ قارىسا، ئىگىز قىلىپ ئورنىتىلغان تەخت، ئۇنىڭ ئۈستىدە ناھايىتى كېلىشكەن بىر ياش يىگىت ئولتۇرغۇدەك. سۇلتان سالام قىلىپتۇ. يىگىت، ئالتۇن بىلەن نەقىشلەنگەن يىپەك تونغا ئورىنىپ ئولتۇرسىمۇ، ئۇنىڭ يۈزلىرىدىن ئاللىقانداق مۇڭ ۋە ئەلەم ئىزلىرى سېزىلىپ تۇرغۇدەك. - ئەي ئەزىز، ئۇزاقتىن بۇيان سىپا تاپمايۋاتقان كېسىلىم بولغانلىقتىن، ئورۇنمدىن تۇرالمىدىم، بۇنىڭ ئۈچۈن سەندىن ئەپۇ سورايمەن! - دەپتۇ. شاھ ئۇنىڭدىن كۆل، بېلىق ۋە سارايلارنىڭ نامە - ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلغان ئىكەن، شۇئان يىگىتنىڭ كۆز چانىقى ياشقا تولۇپ يىغلاپ تاشلاپتۇ. - ئەي يىگىت، نېمىشكە يىغلايسەن؟ -دەپتۇ شاھ. - بۇنداق ئەھۋالغا چۈشكەن كىشى يىغلىماي تۇرالامدۇ! - دەپتۇ يىگىت، - بېلىمنىڭ تۆۋىنى تاش، - يىگىت كىيىمنى كۆتىرىپ كۆرسىتىپتۇ. - ئەي يىگىت، - دەپتۇ شاھ ھەيرانۇ - مەس بولۇپ، - بۇ زادى قانداق ۋەقە؟ - يىگىت، شاھنىڭ سوئالىغا جاۋاۋەن يىغلاپ تۇرۇپ بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى بايان قىپتۇ: بۇ بېلىقلار ۋەقەسى بەكمۇ ئاجايىپ، ئاتام سۇداننىڭ شاھى بولۇپ، ئاتام ئۆلگەندىن كېيىن، شاھلىق ماڭا مىراس بولۇپ قالغان ئىدى. بى ساھىپجامالغا ئۆيلەنگەن ئىدىم. ئۇ مېنى چەكسىز سۆيەتتى. ھەر كۈنى ئۇخلاش ئالدىدىن مېنى شاراپقا تەكلىپ قىلاتتى. بىركۈنى ئۇ، ئۇخلاش ئالدىدىن ئىىدىغان شاراپنى ئېلىپ كېلىپ، ماڭا قەدەھ تۇتتى. ئۇنى ئىچكەن بولۇپ بىر چەتكە تۆكتۈم. كېيىن ئۇخلىغان كىشىدەك بولۇپ خورەك تارتتىم. بىردىنلا خوتۇنۇم ماڭا قاراپ: - سېنى كۆرەرگە كۆزۈم يوق، ھېچ ئويغانماي ئۇخلا، خۇدايىم ئويغاتماي جېنىڭنى ئالار! - دېدى ـ دە، ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇپا - ئەڭلىك سۈرتتى. ياخشى كىيىملىرىنى كىيدى. ساراينىڭ ئىشىگىنى ئېچىپلا كوچىغا چىقىپ كەتتى. مەنمۇ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ كەينىدىن چىقتىم. شەھەر شەرۋازىسىغىچە ئارقىسىدىن باردىم. شەھەر سىرتىغا چىقىپ، گۈمبەزلىك بىر قورغانغا كىردى. مەنمۇ گۈمبەزنىڭ ئۈستىگە چىقىپ سەپسالدىم، قارىسام خوتۇنۇم بىر قارا قۇلنىڭ يېنىغا كەلدى. قارا قۇل: - شۇ چاقىچە نېمە ئىش بىلەن نەت بولدۇڭ؟ - دەپ ئاچچىقلاندى. - ئەي غوجام، - دېدى ئۇ قۇلغا يېلىنىپ، - مېنى كەچۈرگىن، مۇبادا سەن ماڭا قارىمىساڭ، ماڭا كىمنىڭ رەھمى كېلىدۇ. ئاچچىقىڭدىن يېنىپ ماڭا كىچىكىنە يمەكلىك بەرەىن. - قارا قۇل كەچۈرۈپ: - لىگەننىڭ تېگىدە پىشۇرۇلغان چاشقان سۆڭەكلىرى بار. ئېلىپ يىگىن، -دەپ كۆرسىتىۋىدى. ئۇ دەرھال خۇشال بولۇپ شۇ ياققا ماڭدى. ئەھۋالنى كۆرۈپ غەزەپتىن ئۆرتەندىم، گۈمبەزدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئىچكىرىگە كىردىم. قىلىچىمنى ئالدىم - دە، قارا قۇلنىڭ بوينىغائۇردۇم. قۇل يەرگە يىقىلدى، مەن تېزلىكتە شەھەرگە قايتتتىم، سارايغا كىردىم. ئۇ ئەتىسى ماتەم كىيىمنى كىيىپ كەلدى ۋە ماڭا قاراپ: - ئەي شاھ، ئاڭلىدىلىمىكى، ئاتا - ئانام، ئاڭا - ئۇكام ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. شۇڭا مەن ماتەم تۇتۇشقا كىرىشىمەن. ماڭا ماتەم تۇتۇش ئۈچۈن بىر قانچە ئۆي ئىلتىپات قىلىسىلا، - دېدى. مەن سىرنى بىلىش ئۈچۈن بىلمىگەن كىشى بولۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا بىر گۈمبەزسىمان ئۆينى بەردىم. ئۇ يارىلانغان قاراقۇلنى ئېلىپ كېلىپ شۇ يەرگە ياتقۇزدى. مەن قىلىچ چاپقاندا بەرزەڭگىنىڭ ئەجلى يەتمەي قالغان ئىكەن. ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى. كۈنلەردىن كۈنى ئۇشتۇمتۇت مەن ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىپ قالدىم، قارىسام خوتۇنۇم ياتقان بەرزەڭكىگە قاراپ قارا - يامغۇر يىغلاۋاتىدۇ، مېنىڭ ئاچچىقىم كېلىپ: - قاچانغىچە شۇنداق قايقۇرۇپ يىغلايسەن، ماتەملىرىڭ يېتەر ئەمدى، - دەپ قىلىچ كۆتەردىم. ئۇ دەرھال ئارقىسىغا قاراپ ئورنىدىن تۇردى. بەزەڭگىنى يارىدارق ىلغان كىشىنىڭ مەن ئىكەنلىگىمنى بىلدى. بىرنىمىلەرنى دەپ ئەپسۇن ئوقۇدى: >يېرىمى تاش، يېرىمى ئادەم بولسۇن!< دەپ بىرقاچا سۇنى ماڭا چاچتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھازىرقى سۈرەتكە كىردىم. تۇرالمايمەن. ئولتۇرالمايمەن، تېرىكمۇ ئەمەس، ئۆلۈكمۇ ئەمەس بىرھالغا كەلدىم. مېنى بۇ ھالغا سالغاندىن كېيىن، بۇ تاش يۈرەك پۈتۈن شەھەرنى، ئۇنىڭدىكى بار - يوقنى جادۇ قىلدى. شەھىرىمىزدە تۆت خىل كىشىلەر ياشايتتى. ئۇلار: نىسارلار، مۇسۇلمانلار، جوھۇتلار ۋە مەجۇسلار ئىدى. ھەممىسىگە جادۇ قىلىپ ئۇلارنىمۇ تۆت خىل بېلىققا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇ بېلىقلارنىڭ كۆكى نىسارلار ، ئېقى مۇسۇلمانلار، سېرىقى جوھۇتلر، قىزىلى مەجۇسلاردۇر. تۆت ئارالنى بولسا كۆلنى چۆرىسىدىن توساپ تۇرىدىغان تۆت تاقا ئايلاندۇردى. شۇ كۈندىن ئېتىۋارەن. ئۇ ھەر كۈنى مېنى يۈز قامچا ئۇرۇپ ئازاپلايدۇ … - ھەي يىگىت، ئۆزەڭنى بىئارام قىلما. مەن جەزمەن سەن ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىپ بېرىمەن! - دەپتۇ يىگىتنىڭ دەردى ئەھۋالىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن غەزەپلەنگەن شاھ. شاھ مىسران قىلىچىنى ئاپتۇ - دە، بەرزەڭگىنىڭ قېشىغا كېرىپلا قىلىچ بىلەن ئۇرۇپ بېشىنى ئۈزۈپتۇ. ئۇنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇۋېلىپ ئۆزى گىيىپتۇ. بەرزەڭگىنىڭ ئۆلۈگىنى مۈرىسىگە ئېلىپ كۆتىرىپ چىقىپ، سارايدىكى قۇدۇق ئىچىگە تاشلاپتۇ. ئاندىن قايتىپ كىرىپ بەرزەڭگىنىڭ ئورنىدا يېتىپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن جادۇگەر خوتۇن كىرىپ كەپتۇ، ياتقان شاھنى بەرزەڭگىمىكىن دەپ ئويلاپتۇ ھەم ئاستا قىلىپ: - سۆزلىسەڭچۇ غوجام! ـ دەپتۇ. شاھ ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ: - سەن ھەر كۈنى ئېرىڭنى ئۇرۇپ قىينايسەن، ئۇ ئازاپنىڭ دەرىدىن نالە ـ پەريات قىلىدۇ، ئەتىدىن كەچكىچە سېنى قاغاپ مېنى ئۇيقۇدىن قالدۇرىدۇ. ئەگەر شۇنىڭدىن تېچلانسام، بەلكى تېز ئارىدا تۈزۈلۈپ كېتەرمەن، - دەپتۇ شاھ، خوتۇنغا قاراپ. ىوتۇن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ خوشلۇقتىن ۋاقىرىۋېتىپتۇ: ـ سېنىڭ خوشلۇغۇڭ ئۈچۈن، ئۇنى مەن ئازاپتىن خالاس قىلاي، - دەپتۇ خوتۇن ۋە بىر داسنى سۇغا توشقۇزۇپتۇ، سۇغا قاراپ ئەپسۇن ئوقۇپ سۆزلەپتۇ. سۇ كۆپۈكلەپ قازاندا قاينىغاندەك قايناپتۇ. شۇ سۇنى يىگىتنىڭ ئۈستىگە چېچىپتۇ، يىگىت بىردىنلا سەسكىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. شۇئان يىگىتكە: - چىق، كۆزۈمدىن يوقال! ـ دەپ ۋاقىراپتۇ. يىگىت بۇ جايدىن چىقىپ كېتىپتۇ. خوتۇن يەنە ماتەم ئۆيىگە كىرىپتۇ. - ئەي غوجام، يېقىملىق سۆزۈڭنى ئاڭلاي، تاپشۇرۇقلىرىڭ بولسا ئېيتقىن! ـ دەپتۇ. ـ بۇ ئەل خەلقى پۈتۈنلەي بېلىققا ئايلاندۇرۇۋېتىلدى، ئۇلارھەر كېچە ئۇخلىماي سېنىمۇ، مېنىمۇ قوشۇپ قاغايدۇ، مانا بۇ مېنىڭ ساقايماسلىقىمنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، ئۇلارنى تېزرەك قۇتقۇز، كېيىن كېلىپ مېنىڭ قولۇمدىن تارت! ـ دەپتۇ شاھ. خوتۇن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ: - بۇيرۇغۇڭنى ھازىر ئورۇنلايمەن! - دەپتۇ ـ دە، كۆلنىڭ لېۋىگە يۈگۈرۈپ بېرىپ بىر چاڭگال سۇ ئاپتۇ.سۇغا قاراپ بىرنىمىلەرنى دەپ ئەپسۇن ئوقۇپتۇ، ئەپسۇن ئوقۇپ >سۇھ< دەپ سۇنى كۆلگەن چېچىپتۇ. شۇ ھامان بېلىقلارباش كۆتىرىپ ئادەم قىياپىتىگە كىرىپتۇ، شەھەرمۇ ئۋالقى ھالىتىگە كەپتۇ. ھەركىم ئۆز جايىغا، ھەممە نەرسە ئۆز قېلىپىغا كەپتۇ. جادىگەر خوتۇن دەرھال شاھنىڭ قېىشغا كىرىپتۇ. - يېقىنراق كەل! - دەپتۇ شاھ يۇمشاق ئاۋاز بىلەن، خوتۇن شۇ ھامان يېقىنلاپ كەلگەن ئىكەن، شاھ قىلىچىنى ئېلىپ مەلئۇننىڭ كۆكسىگە ئئۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ جىنايەتلىك ھاياتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئىككى ئەل دوستانە ئىتتىپاقداش بوپتۇ. شاھ ئۇ يىگىتنى ئۆزىنىڭ ئىز باسارى قىپتۇ، ۋەزىرىنى يىگىتنىڭ مەملىكىتىگە شاھ قىلىپ تەيىنلەپتۇ. شەھەر خەلقىنى قۇتقۇزۇشق سەۋەپچى بولغان بېلىقچىغا كىشى ئەۋەتىپتۇ، بېلىقچى يېتىپ كەپتۇ. بېلىقچىنىڭ بىر قىزىنى شاھ ئۆزى ئاپتۇ، ئىككىنچىسىنى يىگىتكە نىكاھلاپ بېرىپتۇ. بېلىقچىنىڭ ئوغلىنى غەزنىدارچىلىققا تەيىنلەپتۇ. بۇ ئائىلە شانۇ - شەۋكەتلىك، باي - پاراغاتلىك كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈپتۇ. مىڭ بىر كېچە چۆەچەكلىرىنىڭ كۆپ قىسمى قەدىمكى پىرسىيە، مىسىر ۋە ئىرا خەلقلىرى ئارىسىدا ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن رىۋايەتلەردىن كېلىپ چىققان، بۇ چۆچەكلەرنىڭ كۆپ قىسمىدا ئەپسانىلىق بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ مەركىزىي مەزمۇنىدا، ئاق كۆڭۈل خەلققە مەدھىيە ئوقۇلغان، يامانلىق، ۋەھىشىلىك سۆكۈلگەن، شۇڭا ئۇ كۈچلۈك خەلقچىلىككە ئىگە بولۇپ، ئەسىرلەر بويى دۇنيا خەلقىنىڭ قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ كەلدى. > مىڭ بىر كېچە< ياكى "ئەلغا لەيلى ۋە لەيلى< دېگەن بۇ مەشھۇر ئەسەرنىڭ ئۆزىگە كېلىدىغان بولساق، ئەدەبىيات ـ سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز بېيىتىشى نەتىجىسىدە، 16 - ئەسىردە كىتاپ بولۇپ يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تارالغىنىغا 800 - 700 يىل بولغان، بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرقىدەك كىتاپ ھالىتىگە كېلىشىگە، ئاساسلىقى ئەرەپ خەلقلىرى چوڭ تۆھپە قوشقاچقا، چۆچەكلەر قويۇق ئىسلام ئۇسلۇبىغا ئىگە بولۇپ، مۇسۇلمانلار مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ