UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭكېسەللىك باكتېرىيىسى ۋە ۋىرۇسنىڭ كەشىپ قىلىنىشى

كېسەللىك باكتېرىيىسى ۋە ۋىرۇسنىڭ كەشىپ قىلىنىشى

بەش مىڭ يىل 1865 - يىلى ياۋرۇپادا بىر خى قورقۇنچلۇق پىلە قۇرتى كېسىلى تارقالدى. ساپ - ساق پىلە قۇرۇتلىرى بىر كېچىدىلا تۈركۈملەپ ئۆلۈپ قالاتتى. پىلە قۇرتى بېقىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان نۇرغۇن فرانسىيە دېھقانلىرى ۋەيران بولۇش خەۋىپىگە دۇچكەلدى. ئۇلار پارىژ سىفەن داشۆسىدىكى بىر بىئولوگىيە پروفېسسورىغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ چارە تېپىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلدى. پروفېسسور دەرھال فرانسىيىنىڭ جەنۇبىغا بېرىپ ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ئۇ تاماق يېيىشنىمۇ، ئۇخلاشنىمۇ ئۇنتۇپ، كېچە - كۈندۈز ئىشلەپ كېسەل تەككەن پىلە قۇرتلىرى بىلەن بۇ قۇرۇتلار يىگەن ئۈجمە غازىڭىنى تەپسىلىي كۈزەتتى. - كېسەل پەيدا قىلغان مۇشۇ ئىكەن - دە! - دەپ توۋلىۋەتتى پروفېسسور. ئەسلىدە، مىكروسكوپتا كېسەل پىلە قۇرۇتى بىلەن ئۇلار يىگەن ئۈجمە غازىڭىدىكى ئېلىپىس شەكىللىك مىكرو زەررىچىلەر بايقالغان ئىدى. بۇ مىكرو زەررىچىلەر تىرىك بولۇپ، ئەۋلادىنى ناھايىتى تېز كۆپەيتەتتى. مىكرو زەررىچىلەر بولسىلا، پىلە قۇرتى كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كېتەتتى. پروفېسسور دەرھال بېرىپ، دېھقانلارغا كېسەل تەككەن پىلە قۇرتى بىلەن ئۇلار يىگەن ئۈجمە غازاڭلىرىنى قويماي كۆيدۈرۈۋېتىشنى تاپىلىدى. ياۋرۇپانى بىر مەھەل زىلزىلىگە كەلتۈرگەن پىلە قۇرتى كېسىلى شۇ يول بىلەن كونتۇرۇل قىلىندى. بۇ پروفېسسورنىڭ ئىسىمى لۇئىس پاستېر بولۇپ، 1822 - يىلى فرانسىيىدە تۇغۇلغان، ئاتاقلىق مىكرو بىئولوگىيە ۋە خېمىيە ئالىمى ئىدى. ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە مىكرو ئورگانىزىم تەتقىقاتىغا شانلىق تۆھپىلەرنى قوشقان. پاستېر پىلە قۇرۇتى كېسىلى ۋەقەسى ئارقىلىق ئىنسانلارغا كېسەل پەيدا قىلىدىغان مىكرو ئورگانىزىمنى تۇنجى قېتىم تېپىپ بەردى ۋە ئۇنىڭغا>كېسەللىك باكتېرىيىسى< دەپ نام قويدى. پىلە قۇرۇتى كېسىلىنىڭ يۇقۇشىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟ پاستېر كېسەل تەككەن پىلە قۇرۇتىنى پارىژدىكى تەجرىبىخانىسىغا ئېلىپ كېلىپ تەتقىق قىلدى. ئۇ ئىككى يىلدىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئۇنىڭ ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددى ئىدى. ئۇ تۇخۇملاپ بولغان كېپىنەكنى ئۆلتۈرۈپ، سۇدا ئېزىپ ئۇماچ قىلىپ، مىكروسكوپتا كۈزەتتى. پىلە قۇرۇتىدا كېسەللىك باكتېرىيىسى بولسا، ئۇ سالغان تۇخۇملارنى كۆيدۈرۈۋەتتى، پىلە قۇرۇتىدا كېسەللىك باكتېرىيىسى بولمىسا، ئۇ سالغان تۇخۇملارنى ساقلاپ قالدى. پىلە قۇرتى كېسەللىك باكتېرىيىسى يوق تۇخۇملار ئارقىلىق كۆپەيتىلسە، پىلە قۇرۇتى كېسىلى يۇقمايتتى. پاستېر شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىنسانلارنىڭ كېسەل بولۇش سەۋەبلىرىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ، ئاخىرى بىر قانچە خىل كېسەللىك باكتېرىيىسىنى تاپتى. كېسەللىك باكتېرىيىسىنىڭ يوقۇشىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن، ئۇ يەنە دوختۇرلار ئارىسىدا باكتېرىيىنى يۇقىرى ھارارەتتە ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلىنى تەشۋىق قىلدى ۋە ئومۇملاشتۇردى. ھازىر بىزنىڭ دوختۇرلىرىمىزدا ئىشلىتىلىدىغان داۋالاش ئەسۋابلىرى پاستېر كەشىپ قىلغان دېزىنفېكسىيە ئۇسۇلى بويىچە يۇقىرى ھارارەتلىك پاردا تازىلىنىدۇ. باكتېرىيىسىز داۋالاش بىخەتەر ۋە ئىشەنچىلىك بولىدۇ. كىشىلەر پاستېرنىڭ تۆھپىلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، بۇ ئۇسۇلنى >پاستېرچە دېزىنفېسكىيە ئۇسۇلى< دەپ ئاتىغان. 1880 - يىلى توخۇ ۋاباسى تارقىلىپ كەتكەنلىكتىن، فرانسىيە يېزىلىرىدا توخۇلار تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئۆلۈپ كەتتى. قانداق قىلغاندا توخۇلار يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولمايدۇ؟ كىشىلەر تازا تەقەززار بولۇپ تۇرغاندا، پاستېر پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە يۇقۇملۇق كېسەللىكتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى توغرىسىدا بىر پارچە دوكلات سۇندى. ئەسلىدە، پاستېر توخۇ ۋاباسىنىڭ كېسەللىك باكتېرىيىسىنى تەتقىق قىلىشقا بۇرۇنلا كىرىشىپ كەتكەن ئىدى. باشتا ئۇ كېسەللىك باكتېرىيىسىدىن يېتىشتۈرۈلگەن ئېرىتمىنى توخۇغا ئوكۇل قىلۋېدى، توخۇ شۇ كۈنى ئۆلۈپ قالدى. ئاندىن ئۇ باكتېرىيە سۇيۇقلۇقىنى بىر نەچچە ھەپتە قويۇپ قويغاندىن كېيىن ئوكۇل قىلىۋېدى، توخۇ ئۆلمىدى. پاستېر تەكرار سىناق قىلىش ئارقىسىدا، كېسەللىك باكتېرىيىسىنى بىر مەھەل قويۇپ قويغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ زەھىرى زور دەرىجىدە ئازىيىش بىلەنلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭدا كېسەلگە قارشى ئۈنۈم ھاسىل بولىدىغانلىقىنى ئاخىر چۈشەندى. شۇنداق قىلىپ. توخۇ ۋاباسىنىڭ ۋاكسىنىسىنى ئىشلەپچىقتى، ئۇنى ئوكۇل قىلغاندىن كېيىن، توخۇدا ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىپ، ۋابانىڭ يۇقۇشىنى توسىدى. ئارقىدىنلا، ئۇ يەنە مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە قويلاردا بولىدىغان كۆيدۈرگە كېسىلىنىڭ ۋاكسىنىسىنى ياسىدى. ئەمما بۇ ۋاكسىنىنى قويغا ئوكۇل قىلغاندىن كېيىن، قوينىڭ ئاياقلىرى تىترەپ، بۇرنىدىن قان ئېقىپ، تېزلا ئۆلۈپ قالدى. >بۇ ۋاكسىنا ئەپلەشمىدى!قانداق قىلىش كېرەك؟< - دەيتتى پاستېر زېرىكمەي خىيال سۈرۈپ، - ئۇ ئۆلگەن قوي كۆمۈلگەن ئورىنى ئېچىپ، توپىنى ئىنچىكىلەپ كۈزىتىپ، قوينىڭ ئۆلگىنىگە بىر نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما كۆيدۈرگە باكتېرىيىسىنىڭ ھۈجەيرىسىدىكى زەھەرلىك تېخى يوقالمىغانلىقىدەك ئاجايىپ بىر مۆجىزىنى تېپىپ چىقتى! ئىسسىتىپ كۆرۈپ باقاي! دېدى پاستېر ئويلاپ، شۇنداق قىلىپ ئۇ، كۆيدۈرگە باكتېرىيىسىنىڭ ۋاكسىنىسىنى يۇقىرى ھارارەتتە بېقىپ، ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. پاستېر ۋاكسىنا ياساشنىڭ ئۇسۇلىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، ئادەمدە بولىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ باكتېرىيىسىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. ئۇ تەتقىقات ئورنىدا شاگىرتلار بىلەن ياردەمچىلەرنى كەڭ كۆلەمدە سىناق قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ، كېزىك، ۋابا، بوغما ۋە چاشقان ۋاباسى قاتارلىقلارنىڭ ۋاكسىنىسىنى ياساپ چىقىپ، ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى تىزگىنلىدى. بىز ھازىر ھەر يىلى مۇداپىئە ئوكۇلى ئۇرىمىزغۇ؟مۇشۇ مۇداپىئە ئۇسۇلىنى پروفېسسور پاستېر كەشىپ قىلغان! غالجىر ئىت ئادەمنى چىشلىۋالسا، ئادەم>غالجىر كېسىلى< دېيىلگەن بىر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ. بۇنداق كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلار سۇنىڭ شاقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىسىلا قورقىدۇ، سۇنى كۆرگەن ھامان تىترەيدۇ، پۈتۈن بەدىنى تارتىشىپ، پات ئارىدىلا ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ كېسەلنى غالجىر ئىت ئادەمنى چىشلەپ پەيدا قىلغانلىقتىن، كىشىلەر ئۇنى >غالجىر كېسىلى<دېيىشكەن. پاستېر غالجىر ئىتنىڭ مېڭە سۇيۇقلۇقىنى مىكروسكوپتا تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، كېسەللىك باكتېرىيىسىنى تاپالمىدى. ئەمما غالجىر ئىتنىڭ يۇلۇن سۇيۇقلۇقىنى ساق ئىتقا ئوكۇل قىلىۋېدى، ساق ئىت شۇئان كېسەل بولۇپ ئۆلدى. >بەللى! - دېدى پاستېر ھەيران بولغان ھالدا توۋلاپ، - بۇ بىر خىل باكتېرىيىدىنمۇ ئۇششاق كېسەل قوزغاتقۇچى ئىكەن<. كىشىلەر باكتېرىيىدىنمۇ ئۇششاق بۇ كېسەل قوزغاتقۇچىنى >ۋېرۇس< دەپ ئاتىدى. غالجىر كېسىلىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟ پاستېر يېڭىلا ئۆلگەن غالجىر ئىتنىڭ مېڭە يۇلۇنىنى ئېلىپ پاكىز شىشىگە سېلىپ قۇرۇتقاندىن كېيىن 14 كۈن ئۆتكەندە ئۇنى سۇدا ئېزىپ ئۇماچ قىلىپ، ساق ئىتقا ئوكۇل قىلىۋىدى، ئىت ئاغرىمىدى، ئەتىسى 13 بولغان يۇلۇن سۇيۇقلۇقىنى يەنە شۇ ئىتقا ئوكۇل قىلىۋېدى، يەنىلا كېسەل بولمىدى. مۇشۇ تەرىقىدە يېڭىلاپ، 14 - كۈنى يېڭىلا ئۆلگەن غالجىر ئىتنىڭ مېڭە يۇلۇن سۇيۇقلۇقىنى ئوكۇل قىلىۋېدى، بۇ ساق ئىت ھېچنېمە بولماي شۇ پېتى تۇرۇۋەردى - غالجىر كېسىلىنى داۋالايدىغان بىر خىل ۋاكسىنا دۇنياغا كەلدى. ئۇ مۇۋەپپەقىيەت گېزىتتە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىر ئايال توققۇز ياشلىق بالىسىنى كۆتىرىپ پاستېرنىڭ ئالدىغا كەلدى. - پروفېسسور، بالامنى قۇتقۇزۇۋالسىڭىز!بۇرنا كۈن غالجىر ئىت ئۇنىڭ ئون نەچچە يېرىنى چىشلىۋالدى، ئۇ ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن...، - دېدى ئانا تارام - تارام ياش تۆكۈپ. - مەن ئىت ئۈستىدىلا سىناق قىلغان، ئادەمنى تېخى داۋالاپ باققىنىم يوق!قانداق قىلساق بولىدىكىن؟ - دېدى پاستېر خەيرىخاھلىق بىلەن قولىنى ئۇۋىلاپ تۇرۇپ. - بالامنى تەجرىبە قىلىڭ!ئۆتۈنۈپ سورايمەن، پروفېسسور! - دېدى ئانا سادىقمەنلىك بىلەن. - بولىدۇ، پۈتۈن كەچۈرۈم بىلەن ئامال قىلىپ كۆرەي، - دېدى پاستېر ۋە ئارقىدىنلا غالجىر ئىتنىڭ 14 كۈن بولغان مېڭە يۇلۇن سۇيۇقلۇقىنى ئالدى. بىرىنچى ئوكۇل ئۇرۇلغاندىن كېيىن، بالا ناھايىتى شېرىن ئۇيقۇغا كەتتى. ئەتىسى غالجىر ئىتنىڭ 13 كۈن بولغان مېڭە يۇلۇن سۇيۇقلۇقىنى ئوكۇل قىلىۋېدى، بالا ناھايىتى ياخشى تۇردى. كۈنلەر ئۆتۈۋەردى، مېڭە يۇلۇن سۇيۇقلۇقى يېڭىلىنىۋەردى، ئەمما بالا كۈندىن - كۈنگە ياخشى بولۇپ، قالدى. 14 - كۈنى غالجىر ئىتنىڭ ئەڭ يېڭى مېڭە يۇلۇن سۇيۇقلۇقى بالىغا ئوكۇل قىلىنىۋىدى، بالا ئۇخلاپ قالدى، ئەمما، پاستېر تاڭ ئاتقۇچە كىرپىك قاقمىدى: - بۇ زەھىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان سۇيۇقلۇق، بالا چىداشلىق بېرەلەمدۇ؟ - دەيتتى پاستېر. تاڭ غۇۋا يورۇدى، پاستېر بالىنىڭ كارۋىتى ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەلدى.>بارىكاللا!< بالا خوشال - خورام ئويناۋېتىپتۇ، پاستېر قاقاقلاپ كۈلدى. >مۇۋەپپەقىيەت قازاندى!< پاستېر گويا خىسلەتلىك تېۋىپتەك، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. ھېلىقى بالىنىڭ ئىسىمى مەيىستېر ئىدى، ئۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئۆز ئىختىيارى بىلەن پاستېرنىڭ تەتقىقات ئورنىغا كېلىپ دەرۋازىۋەنلىك قىلدى، ئۇ ياش ۋاقتىدىن تارتىپ تاكى قېرىغىچە بۇ تەتقىقات ئورنىنى توپ - توغرا يېرىم ئەسىر ساقلىدى. 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيىنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرى پارىژدىكى پاستېر قەبرىسىنى چېقىۋەتمەكچى بولدى. مەيىستېر شۇ كەملەردە 70 - 80 ياشلارغا كىرىپ قالغان ئىدى، ئۇ قەبرىنى قەتئىي قوغدىدى ۋە پاستېرنىڭ قەبرىسىنى قوغداش يولىدا ئۆزىنىڭ ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. گېرمانىيىنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرى ئالەمدىن ئۆتكىنىگە يېرىم ئەسىردىن ئاشقان ئالىمغا نېمە ئۈچۈن ئۆچلۈك قىلىدۇ؟ بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبى شۇكى، پاستېر ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەر ئىدى. ئۇ ھايات ۋاقتىدا، مۇنداق بىر تەنتەنىلىك سۆز قىلغان ئىدى: پەننىڭ دەرۋەقە چېگىرىسى يوق، ئەمما ئالىمنىڭ ۋەتىنى بار. ئۇ پۈتۈن خىزمىتىنى ئۆزىنىڭ ۋەتىنىگە بېغىشلىشى لازىم!
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ