گوگول
بەش مىڭ يىل
1836 - يىل باھاردا، پۇشكىننىڭ پېتىربۇرگتىكى قىرائەتخانىسىغا ياش بىر مېھمان كىرىپ كەلىدى. ئۇ تەخمىنەن 25 - 26 ياشلاردا بولۇپ، بويى پاكار، چىرايى تاتارغان بولسىمۇ، ئەمما كۆزى، ئەقىل نۇرى ئاجايىپ چاقناپ تۇراتتى.
- سالام! ھۆرمەتلىك ئالېكساندىر سېرگېيېۋىچ، - دېدى يىگىت ئەدەپ بىلەن پۇشكىنغا ئېگىلىپ سالام بېرىپ.
- بەللى، نىكولاي ۋاسىلىيېۋىچ ئىكەنسىزغۇ، مەرھەمەت! - دېدى پۇشكىن يۇمۇلاق ئورۇندۇقتىن تۇرۇۋېتىپ، ئاندىن ئۇ يىگىت بىلەن قىزغىن قول ئېلىشتى ھەمدە ئۇنى كىرسلوغا تەكلىپ قىلىپ، خوشال ـ خورام ھالدا پاراڭغا چۈشتى.
پۇشكىن شۇ زاماندىكى روسىيىنىڭ ئەڭ مەشھۇر شائىرى تۇرۇقلۇق، بۇ يىگىتكە نېمە ئۈچۈن شۇنچە دوستانە مۇئامىلە قىلىدۇ؟ ئەسلى بۇ يىگىتمۇ بىلىملىك ۋە تالانتلىق يازغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ فامىلىسى گوگول ئىدى.
گوگول 1809 - يىلى ئوكرائىندا تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، پېتىربۇرىگقا كېلىپ ئاددى خىزمەتچى بولۇپ ئىشلىدى. ئەمما ئۇ، ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتتە داڭ چىقاردى. مانا ئەمدى پېتىربۇرگ داشۆسىدە پروفېسسور بولۇپ قالغان ئىدى.
- ئالېكساندىر سېرگېيېۋىچ، مەن بىر كومېدىيە يازماقچىدىم، ماڭا بىر ئاز تېما تونۇشتۇرۇپ بەرسىڭىز قانداق؟
گوگول يېزىشقا كىرىشكەندە، پۇشكىنغا ھەمىشە مۇراجىئەت قىلىپ تۇراتتى، پۇشكىنمۇ ئۇنىڭغا سەمىمىي ياردەم بېرەتتى. بۇ نۆۋەت ئۇ پۇشكىننىڭ تېما كۆرسىتىپ بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.
- كومېدىيە دەمسىز؟ دەل جايىدىن چىقىپ قالدى. مېنىڭ ئۆزەم بىر ياخشى تېما. ھا... ھا.. ھا! - دەپ قاقاقلاپ كۈلدى پۈشكىن سۆزلەۋېتىپ.
- سىز؟ بەللى... بىرەر ۋەقە بولغان ئوخشىمامدۇ، - دېدى گوگول ئەجەپلەنگەن ھالدا سوئال قويماقچى بولۇپ.
- مەن! راست ئېيتىۋاتىمەن، - دېدى پۇشكىن ئورنىدىن، ئاستا قەدەم تاشلاپ ۋە ھېكايىسىنى سۆزلەشكە باشلىدى، - بۇ 1833 - يىلى كۈزدە بولغان ئىش. مەن تۆت ئايلىق رۇخسەت سوراپ قازان ئەتراپىغا بېرىپ، پۇگاچېۋنىڭ قەھرىمانلىقىغا دائىر ماتېرىياللارنى يىغدىم. ئورېنبۇرگ شەھىرىدىن ئۆتكەن ۋاقتىمدا، ئۇ يەردىكى ئەمەلدارلار پېتىربۇرگتىن كەلگەنلىكىمنى ئاڭلاپ ، مېنى پادىشاھ ئەۋەتكەن >رىۋىزور< دەپ ئويلاپ، ماڭا جېنىنىڭ بېرىچە خوشامەت قىلىشتى. شەھەردىكى بايلار بىر ئامال قىلىپ ماڭا يېقىنچىلىق قىلىپ ماختاشتى... ئۇلارنىڭ قىلمىغان قىلقلىرى قالمىدى!
- سىزگە رەھمەت، ئالېكساندىر سېرگېيۋىچ، سىز ماڭا ناھايىتى ياخشى ئىلھام بەردىڭىز. مەن جەزمەن ھەجۋىي كومېدىيە يېزىپ، ئەمەلدارلار سورۇندىكى سەتچىلىكلەرنى تولۇق پاش قىلىمەن، - دېدى گوگول ئورنىدىن تۇرۇپ خوشلىشىپ.
ئىككى ئايدىن كېيىن، پېتىربۇرگ تىياتىرخانىسىدا، >رىۋىزور< ناملىق يېڭى كومېدىيە قويۇلدى. بۇنىڭ ئاپتورى دەل گوگول ئىدى. بۇ كومېدىيىنىڭ بىر كىچىك شەھىرىگە چارپادىشاھ رىۋىزور ئەۋەتىپ ئەھۋال ئىگەللەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يالغۇز ئەھۋاللىشىپ تەكشۈرگۈدەك، دېگەن غەلىتە بىر خەۋەر تارقىلىدۇ. بۇ يەردىكى تۆرىلەر نۇرغۇن ئەسكىلىكلەرنى قىلغانلىقتىن، پاش بولۇپ قالسا، جازاغا تارتىلىپ قالارمىزمىكىن دەپ ئەندىشە قىلىپ، دەككە - دۈككە ئىچىدە قالىدۇ. بۇ چاغدا، پېتىربۇرگلىق خىلىستاكوۋ دېگەن كىچىك ئەمەلدار بۇ شەھەرگە كېلىپ قالىدۇ. تۆرىلەر بۇ كىشىنى رىۋىزور بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ، بەس - بەستە ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالىدۇ. شەھەر باشلىقى ئۆزىنىڭ خوتۇنىنى بۇ رىۋىزورغا ھەمرا قىلىپ قويىدۇ، ھەتتا قىزىنى بېرىدۇ. خىلىستاكوۋ نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى دەسلەپتە بىلەلمەيدۇ، ئەھۋالنى چۈشەنگەندىن كېيىن، ھېيىقمايلا يالغاننى راستقا ئايلاندۇرۇپ، بۇ تۆرىلەرنى راسا قاقتى - سوقتى قىلىدۇ. ئەمەلدارلار ئۆز ئىختىيارى ۋە ئۆچىرەت بىلەن پارا بېرىدۇ. خىسلىستاكوۋ نۇرغۇن پۇل - پۈچەكنى قومارغاندىن كېيىن، ئۆز يولىغا راۋان بولىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، راست رىۋىزور كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارقىلىدۇ. ئەمەلدارلار بىر - بىرىگە قارىشىپ، ئالدانغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن بولسىمۇ، ئۈلگۈرەلمەي قالىدۇ.
>رىۋىزور<دا، روسىيىنىڭ فېئودال تۆرىلىرى بەدىئىي ئوبراز ئارقىلىق رەھىمسىزلىك بىلەن قاتتىق پاش قىلىنغان. شەھەر باشلىقى قېرى تۈلكە ئىدى، ئۆز سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، ئۈچ ئۆلكە باشلىقىنىڭ تەكشۈرگۈچىسىنى باپلاپتىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەمەل تۇتۇش - پۇل تېپىش ئىدى، بىر ئامال قىلىپ كۆپرەك خىيانەتنى ۋە قاقتى - سوقتى قىلىش كېرەك ئىدى، كىمكى خىيانەتنى كۆپ قىلسا، ئۇنىڭ ئەمىلى شۇنچە چوڭىياتتى. ئۇ، رىۋىزورنىڭ كۆپ قىلسا، ئۇنىڭ ئەمىلى شۇنچە چوڭىياتتى. ئۇ، رىۋىزورنىڭ كۆڭلىگە يېقىپ قالسام، پېتىربورگقا بېرىپ گېنېرال بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن. دەپ ئويلايتتى. شەھەرنىڭ سوتچىسىمۇ، مەخسۇس پارا ئېلىپ تۇرىدىغان ئەبلەخ بولۇپ، ئىزچىل ھالدا خيانەت قىلىپ قانۇننى بۇزۇپ كەلگەن ئىدى. باشقا ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى بۇزۇقلار ئىدى: خەيرىيەت دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى قارا نىيەت، قەبىھ، زالىم ئىدى. پوچتىخانىنىڭ باشلىقى ھەمىشە كىشىلەرنىڭ خەت - چەكلىرىنى ئېچىپ كۆرۈۋالاتتى... ئۇنداق بولسا، ھېلىقى يالغان رىۋىزور قانداق ئادەم؟ ئۇمۇ ئۇچىغا چىققان ئالدامچى، پايتەخت پېتىربۇرگتىكى ئەمەلدارلارنىڭ تىپى ئىدى! >رىۋىزور< دا، چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىدىكى چوڭ ـ كىچىك ئەمەلدارلارنىڭ جىنايىتى ۋە ئەسكىلىكلىرى تولۇق پاش قىلىنغانلىقتىن، ئۇ ئوينالغاندا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ، پۈتۈن پېتېربۇرگنى زىلزىلىگە كەلتۈردى.
روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى >رىۋىزور< غا ئۆلگۈدەك ئۆچمەنلىك قىلدۇ. چارپادىشاھ نىكولاي قىپ - يالىڭاچ ئوتتۇرىغا چىقىپ، >شۇمۇ ئويۇن بولامدۇ! ئۇنى كۆرگەن بولدۇم!< دەپ قاغىدى.گوگولغا زىيانكەشلىك قىلىش يولىدىكى بىر مەيدان رەزىل ئويۇن باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى! بىر كاتتا ئەمەلدار گوگولنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ سىبىرىيىگە ئەۋەتىپ، ئەمگەك بىلەن جازالاش تەكلىپىنى بەردى. گوگول ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ پارىژغا كېتىشكە مەجبۇر بولدى ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىدە ئۇزاققىچە تۇرۇپ قالدى.
گوگول چەتئەلدە تۇرغان مەزگىلدە، يانچىلىقتۈزۈمىنىڭ جىنايىي شۇملۇقلىرى ئەكسى ئەتتۈرۈلگەن رومان >ئۆلۈك جانلار< نى يازدى. 8411 - يىلى >ئۆلۈك جانلار< نىڭ 1 - قىسىمى رەسىمىي دۇنياغا كەلدى. كىتاپتا مەخسۇس ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ نوپۇسىنى سېتىۋېلىپ بېيىغان قانخور چېچىكوۋنىڭ رەزىللىكى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ھەجۋىي زەربە بېرىشتە قەلىمى ئۆتكۈر ئىدى. بۇ كىتاپ پۈتۈن دۇنيادىكى كىتاپخانىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. گوگول ئارقىدىنلا >ئۆلۈك جانلار< نىڭ 2 - قىسىمىنى يېزىشقا كىرىشتى. ئەمما، يېزىپ چىققاندىن كېيىن ئۆزگەرتىپ، ئۆزگەرتكەندىن كېيىن كۆچۈرۈپ، كۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قايتا يېزىپ، توپ - توغرا 10 يىل ھەپىلەشكەن بولسىمۇ، يەنىلا قانائەتلەنمىدى.
بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟ ئەسلىدە، گوگول يانچىلىق تۈزۈمىگە قارشى تۇرسىمۇ، ئەمما چارپادىشاھقا قارشى ئەمەس ئىدى. ئۇ غەربىي ياۋروپاغا بارغاندىن كېيىن، كاپىتالىزىمدىمۇ قاتمۇ - قات زىددىيەتلەرنىڭ بارلىقىنى بايقاپ، روسىيىنى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇرۇقداشلىق جەمىئىيىتىگە قايتۇرماقچى، بۇ رەزىل جەمىئىيەتنى ئەخلاق ۋە دىن ئارقىلىق ئۆزگەرتمەكچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاق كۆڭۈل پومىششىك ۋە يامان يولدىن قايتىپ ياخشى يولغا ماڭغان چېچىكوۋنىڭ ئوبرازىنى يېزىپ چىقماقچى بولدى. بۇنداق ئادەملەر رىيال تۇرمۇشتا تېپىلمايتتى، ئەلۋەتتە. شۇڭا گوگول قايتا - قايتا يازغان بولسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى.
1852 - يىلى باھاردا، كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغان گوگول تىرىشىپ - تىرمىشىپ كارۋاتتىن چۈشتى ۋە >ئۆلۈك جانلار< نىڭ 2 - قىسمىنىڭ قوليازمىسىنى ئىشكاپتىن ئېلىپ ھەممىنى تام مەشنىڭ ئىچىگە تاشلىدى. لاۋۇلداپ يانغان ئوت ئورىگىناللارنى كۈلگە ئايلاندۇردى.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، >ئۆلۈك جانلار< نىڭ داۋامى چىقىمىدى!
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، گوگول ئورۇنلىيالمىغان ئىشلىرى ئۈچۈن ھەسرەت - نادامەت چېكىپ ئالەمدىن ئۆتتى.