UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭۋالتېرلو ئۇرۇشى

ۋالتېرلو ئۇرۇشى

بەش مىڭ يىل ۋېنادىكى پادىشاھ ئوردىسىدا چىراقلار چاقناپ، تەنتەنىلىك زىپايەت بولۇۋاتاتتى. ياۋروپا ئەللىرى پادىشاھلىرىنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، كەيپى - ساپا سۈرۈۋاتاتتى. مۇزىكا چېلىندى، زىياپەتنىڭ ساھىپخانى بولغان ئاۋستىرىيە پادىشاھى كۈلۈمسىرەپ ئورنىدىن تۇردى ۋە: - تەقسىرلەر، تانسىغا مەرھەمەت! - دېدى. دەل شۇ چاغدا، ھودۇققان بىر ۋەزىر زالغا ئېتىلىپ كىرىپ، ئاۋستىرىيە پادىشاھيىنىڭ ئالدىدا تىك تۇرۇپ: - ئالىلىرى، ئىش چاتاق بولدى! ناپولېئوننىڭ زورقوشۇنى فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز بويىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپتۇ ! - دېدى توۋلاپ. چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئاۋستىرىيە پادىشاھى «نېمە؟!» دېدى - دە، لاسسىدا ئورۇندۇققا يىقىلدى. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پادىشاھلىرى تامدەك قېتىپ قالدى. بۇ ۋەقە 1815 - يىل 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كەچقۇرۇن بولغان ئىدى. ناپولېئون يەنە قانداق باش كۆتەردى؟ ئۇ ئەسلىدە، بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى مەجبۇرى تەختتىن چۈشكەن، ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئېلبا ئارىلىدا نەزەربەنت قىلىپ قويۇلغاندىن كېيىن، ئىزچىل ھالدا ئادەم ئەۋەتىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى تىڭ - تىڭلاپ تۇردى، 1815 - يىل 2 - ئايدا، ئۇنىڭ بىر سىردىشى ئارالغا كېلىپ، پارىژدا كىشىلەرنىڭ سىياسى ئۆزگىرىش قىلىپ، بوربون سۇلالىسىنى ئاغدۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئۇنىڭغا ئېيتتى. ناپولېئون بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، «ھەببەللى!» دەپ سەكرىۋەتتى ۋە: - ماڭا نازارەت قىلىۋاتقان ئەنگىلىيە كوماندىرى شەخسى ئىشى بىلەن قايتىپ كەتتى، بۇ تازا ياخشى بولدى، مەن ھازىرلا تۇتۇش قىلاي! - دېدى. ناپولېئون ئۆزىنىڭ «ئەزرائىل» ناملىق ھەربى كېمىسىنى ئەنگىلىيە كېمىسىدەك ياساپ، جابدۇش توغرىسىدا قول ئاستىدىكىلەرگە بۇيرۇق بەردى. يەكشەنبە كۈنى - 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى كېچىدە، ناپولېئون گۇندىپايلارنىڭ دەم ئېلىۋاتقانلىقىدىن پايدىلىنىپ، 1500 نەپەر كوماندىر ۋە ئەسكەرلىرىنى باشلاپ «ئەزرائىل» ناملىق كېمىگە ۋە باشقا ئالتە كېمىگە چۈشۈپ، ئېلبا ئارىلىدىن قاچتى. ئوتتۇرا دېڭىزدا، فرانسىيە بوربون سولالىسىنىڭ بىر ھەربى كېمىسى ئۈزۈپ يۈرەتتى، ئۇلار ئەزرائىل ناملىق كېمىنى كۆرۈپ، ئەنگىلىيە كېمىسى ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدى - دە، بايراق ئارقىلىق: - سىلەر ئېلبا ئارىلىدىن كەلدىڭلارمۇ؟ ناپولېئون قانداق تۇرۇپتۇ؟ - دەپ سورىدى. - ناپولېئوننى دەمسىلەر؟ ئۇ ناھايىتى ياخشى! - دېدى ئەزرائىل ناملىق كېمىنىڭ باشلىقى ناپوئېلوننىڭ بۇيرۇقى بويىچە جاۋاب بېرىپ. بوربون سۇلالىسىنىڭ كېمىسىدىكىلەر «خەير - خوش!» دەپلا كېتىپ قالدى. - مەن پارىژغا بىر پاي ئوق چىقارماي يېتىپ بارىمەن! - دېدى ناپولېئون كېمە قىرغاققا يېقىنلاشقاندا تېتىكلىك بىلەن قول ئاستىدىكىلەرگە. ناپولېئون 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ژۇئان قولتۇقىدا بىخەتەر قۇرۇقلۇققا چىقتى. ئۇلار تار ئېغىزغا يېتىپ كەلدى. تار ئېغىزنى ساقلاۋاتقان پادىشاھپەرەس ئارمىيە كوماندىرى بېشىغا ئېيىق تېرىسىدىن تىكىلگەن ياپاخ كىيىۋالغان بىر توپ ئەسكەرنى كۆرۈپلا تەمتىرەپ قالدى ۋە: - ناپولېئوننىڭ قىسىملىرى كەلدى! - دەپ توۋلىدى. پادىشاھپەرەس ئەسكەرلەر دەرھال ئالدى تەرەپكە قارىدى. بۇ چاغدا ئۇدۇل تەرەپتىن فرانسىيە ئەسكەرلىرىگە تونۇشلۇق بولغان: - مىلتىقلىرىڭنى تەتۈر تۇت! ئۇچىنى يەرگە قارات! - دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. پادىشاھپەرەس ئارمىيىنىڭ كوماندىرى كۈل رەڭ پەلتۇ كىيىۋالغان بۇ كىشىنىڭ ناپولېئون ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلدى - دە، ئۆزىنىڭ بىر يىڭ ئەسكىرىگە:«ئۇنى ئېتىڭلار!» دەپ دەرھال بۇيرۇق بەردى. ناپولېئون ئالدىغا ئۆتۈپ، تەمكىنلىك بىلەن: _ ئەسكەرلەر، قايسىڭلار ئۆز پادىشاھىڭلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولساڭلار ئوق چىقىرىڭلار! مانا مەن، - دېدى ۋارقىراپ. ئاجايىپ بىر ۋەقە يۈز بەردى. پۈتۈن يىڭدىكى ئەسكەرلەر مىلتىقىنى تۈتۈر تۇتۇپ «ياشىسۇن» دەپ توۋلىشىپ، بىراقلا ناپولېئونغا ئەل بولدى. فرانسىيىدىكى نۇرغۇن ھەربىلەرنىڭ نەزىرىدە، ناپولېئون بىر قەھرىمان ئىدى. ئۇلار ناپولېئوننى قارشى ئېلىپ شەھەرگە باشلاپ كىردى. شەھەردىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە:«لوئى XVIII نىڭ كاللىسىنى ئالايلى!» دەپ شوئار توۋلاپ، ناپولېئوننى قارشى ئالدى. پادىشاھپەرەس ئارمىيىنىڭ كوماندىرلىرى بىلەن بوربون سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى قورققىنىدىن غال - غال تىترىشىپ، ئالدىراپ - تېنەپ قاچتى. يول بويى ئەسكەرلەر پولك، بىرىگادا بويىچە ناپولېئونغا ئەل بولدى. فرانسىيە بوربون سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى لۇئى XVIII بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ئالاقىزادە بولدى ۋە دەرھال پوچتىسىنى قاتقۇزۇپ پارىژدىن قاچتى. 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ناپولېئون پارىژغا كېلىپ، يېڭىۋاشتىن بۇرژۇئا ھۆكۈمىتى تەشكىل قىلدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ياۋروپادىكى فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق قايتىدىن تۈزۈلدى. ئەنگىلىيە، روسىيە، ئاۋستىرىيە، پرۇسىيە قاتارلىق بىر مۇنچە دۆلەتلەر نۇرغۇن ئەسكەر ئەۋەتىپ، پارىژنى مۇھاسىرىگە ئالدى. ناپولېئون تېزلىكتە 125 مىڭ كىشىلىك قوشۇن تەشكىل قىلدى ۋە ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ دۈشمەنگە تاقابىل تۇردى. 6 - ئاينىڭ 15 -، 16 - كۈنلىرى، ناپولېئون پرۇسىيىنىڭ 120 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇنىنىڭ سېپىگە بۆسۈپ كىرىپ، بىر ئوق بىلەنلا پرۇسىيە مارشالى بلۈشې مىنگەن ئاتنى ئۆلتۈردى. بۇ مارشال ئاتتىن تىك موللاق چۈشۈپ، پۈتۈن بەدىنى يېغىر بولدى. ناپولېئون غەلبىسېرى شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، ئەنگىلىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى ۋە قاتناش مەركىزى بولغان سىبى كەنتىنى ئىشغال قىلدى، فرانسىيە ئارمىيىسى. بېلگىيە چېگرىسىغا يېتىپ كەلدى. 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، چوڭ ھەل قىلغۇچ جەڭ ۋاتېرلودا باشلاندى. ۋاتېرلو بېلگىيىنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ، بىريۇسسېلدىن ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى. ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سېپى ئۇزۇن بىر تۆپىلىكتە بولۇپ، ئالدى تەرەپتىكى جىلغا جەنۇبىي تەرەپتىكى فرانسىيە ئارمىيىسىنى ئايرىپ تۇراتتى. ئەنگىلىيىنىڭمۇ، فرانسىيىنىڭمۇ 100 مىڭ چامىسىدا ئەسكىرى بولۇپ، ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىگە (جۈملىدىن ئاز بىر قىسىم گوللاندىيە، بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوشۇنىغا) ئەنگىلىيە كىنەزى ۋېللېڭتون باشچىلىق قىلاتتى، فرانسىيە ئارمىيىسىگە ناپولېئوننىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلاتتى. ئەتىگەندە، قاپاقتىن قۇيغاندەك يامغۇر يېغىپ كەتتى. سائەت سەككىزدە،يامغۇر بارا - بارا پەسەيدى، ناپولېئون قىسىملارنى توپلاپ، ھۇقۇمغا تەييارلاندى. سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ھاۋا ئېچىلىپ كەتتى، ناپولېئون ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە بۇيرۇق بەردى. - ۋېللېڭتون تايىنلىق بىر نېمە، مەغلۇپ بولغان ئارمىيىنىڭ گېنېرالى، ئۇنى ئەتىگەنلىك چاي ئىچكۈچە بولغان ئارىلىقتا يوقىتىمەن! - دېدى ناپولېئون تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن. بىر پەس زەمبىرەك ئېتىلغاندىن كېيىن، فرانسىيە قوشۇنلىرى ئويمانلىقتىن قەھرىمانلارچە ئۆتۈپ، ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تۆپىلىكىگە ھۇجۇم قىلدى. ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ زەمبىرەك ئوقلىرى فرانسىيە ئەسكەرلىرى ئارىسىدا كەينى - كەينىدىن پارتلاپ، فرانسىيە ئەسكەرلىرى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپ چېكىندى. چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە، فرانسىيە ئارمىيىسى ئىككىنچى قېتىم ھۇجۇمغا ئۆتۈۋىدى، يەنە چېكىندۈرۈلدى. ناپولېئون كۆلىمى تېخىمۇ زور بولغان ئۈچىنچى قېتىملىق ھۇجۇمغا تەييارلاندى. ئۇ دۇربۇن بىلەن ئەتراپقا قارايتتى. شەرقىي تەرەپتىكى قاپ - قارا تۇرغان بىر يەرگە توساتتىن كۆزى چۈشتى. - ئۇ نېمىدۇ؟ - دەپ سورىدى ناپولېئون. - ئورمانزارلىق بولسا كېرەك! - دەپ جاۋاب بەردى يېنىدىكى بىر كوماندىر. - ياق، بۇ ئارمىيە، - دېدى ناپولېئون ئۇزۇن يىللىق جەڭ تەجرىبىسىگە ئاساسەن توغرا ھۆكۈم قىلىپ شۇنىڭ بىلەن ئۇ: - بىر تىل تۇتۇپ كېلىنسۇن! - دەپ بۇيرۇق بەردى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، پرۇسىيە ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ بىر كوماندىرىنى تۇتۇپ كېلىشتى، ئۇ، رازۋېتكا قىلىپ كەلگەن ئىدى. سوراق قىلىنغاندىن كېيىن ئۇ، بىر پرۇسىيە بىڭتۈەنىنىڭ يېقىنلىشىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ناپولېئون ئۆزىنىڭ بىر مارشالى 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ شەرق تەرەپتە ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى، پرۇسىيىنىڭ بىر بىڭتۇەن ئەسكىرىنىڭ كارى چاغلىق ئىكەنلىكىنى ئويلىدى - دە، ئانچە ئېتىبار بەرمىدى. ئەمەلىيەتتە، بايىقى پرۇسىيە كوماندىرى يالغان سۆزلىگەن ئىدى، ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقان پرۇسىيە ئارمىيىسى بىر بىڭتۇەن ئەمەس، بەلكى ئۈچ بىڭتۇەن ئىدى. ناپولېئون ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سېپىنى 80 زەمبىرەكنىڭ بىرلا ۋاقىتتا توپقا تۇتۇشى توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى. زەمبىرەككە تۇتۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاتلىق ئەسكەرلەر ھۇجۇمغا ئۆتتى. فرانسىيىنىڭ تۆت بىڭتۇەنى 20 نەچچە كىشىلىكتىن نۇرغۇن توغرا سەپكە تىزىلىپ، ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا دەپ - دەبىلىك ھالدا توپ - توغرا ھۇجۇم قىلدى. ۋېللېڭتون سۆگەتنىڭ ئاستىدا تۇرۇپ، دۇربۇن ئارقىلىق بىراقلا قارايتتى، ئۇ فرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپلا، بىر باتاليون ئەسكەرنى ياردەمگە ئەۋەتتى، ئەمما ئۇلار فرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى توساش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە، فرانسىيىنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن بىردەمدىلا تىرىپىرەن قىلىندى. مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان فرانسىيە ئەسكىرى ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇش سېپى بولغان تاغ بېلىگە بېسىپ كەلدى. ناپولېئوننىڭ غەلىبە قىلىشىدىن ئۈمىد تۇغۇلدى! فرانسىيە ئەسكەرلىرى «ئۇررا!» توۋلاپ تاغ بېلىنى ئالغاندىن كېيىن، تۆۋەنگە توسالغۇسىزلا ھۇجۇم قىلىپ، توپ - توغرا ئەنگىلىيە قوشۇنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە سېپىگە بېسىپ كىردى. ئوشتۇمتۇتلا «پاڭ - پۇڭ!» ئوق چىقىشقا باشلىدى. مۆكتۈرمىدىكى ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى فرانسىيىنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرىنى توپ - توپى بىلەن يىقىتتى. فرانسىيە ئەسكەرلىرى تەمتىرەپ تۇرغان بىر پەيتتە، نەچچە مىڭ ئەسكەر «ياشىسۇن شوتلاندىيە!» دەپ تەڭلا توۋلىدى - دە، ئەنگىلىيىنىڭ شوتلاندىيىلىك ئاتلىق ئەسكەرلىرى بېسىپ كەلدى ۋە توپ - توغرا ئۈچ مىنۇت ئىچىدىلا، فرانسىيىنىڭ ئۈچ بىڭتۇەنى پۈتۈنلەي يوقىتىلدى، بۇ چاغدا، ئەنگىلىيىنىڭ يەنە بىر ئاتلىق قوشۇنى - ئەنگىلىيە پادىشاھىنىڭ ئاتلىق گۇۋاردىيىسى بېسىپ كېلىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تاغ بېلىدىكى سېپىنى قايتۇرۇۋالدى. فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ 5000 ئەسكىرى تالاپەتكە ئۇچرىدى، 40 زەمبىرىكى زىيانغا ئۇچرىدى. ناپولېئون كۆلىمى تېخىمۇ زور بولغان سوقا چۈشتى. ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدى. فرانسىيە ئارمىيىسى تاغ بېلىگە توققۇز قېتىم، ئون قېتىم ھۇجۇم قىلدى، ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىمۇ شۇنچە قېتىم قايتۇرۇۋالدى. 5000، ئون مىڭ ئاتلىق ئەسكەر قىلىچلىرىنى ئوينىتىپ بىر - بىرىنى قىردى، ھېچكىم - ھېچكىمنى يېڭەلمىدى. فرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كوماندىرلىرى قالپىقىنى قىلىچقا كىيگۈزۈپ توختىماي پۇلاڭلىتاتتى، «ئالغا! ئالغا!» دەپ توۋلايتتى، شۇنداقتىمۇ، فرانسىيە ئەسكەرلىرى بىر قەدەممۇ ئالغا باسالمىدى. ناپولېئون دۇربۇننى ئېلىپ يىراقلارغا ئۈزمەي قارايتتى. ئۇ:«نېمە بولدى؟ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى ھەرگىز ئارقىغا چېكىنمەسمۇ؟» دەيتتى ئۆز - ئۆزىگە پىچىرلاپ. ئەمەلىيەتتە ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى چېكىنمەيتتى ئەمەس، بەلكى ناپولېئوننىڭ ئەسكىرى كۈچى يېتىشمەيتتى، ناپولېئوننىڭ ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلى بويىچە، ئاۋۋال توپقا تۇتۇلاتتى، ئاندىن ئاتلىق ئەسكەر ھۇجۇمغا ئۆتەتتى، ئاخىرىدا پىيادە ئەسكەرلەر ئاتلىناتتى، ئەمما شۇ كۈنى ئاتلىق ئەسكەر ھۇجۇمغا ئۆتكەندىن كېيىن، پىيادە ئەسكەرلەر يېتىشىپ ماڭالماي، ئارقا سەپ مۇستەھكەملەنمىدى. پىيادە ئەسكەرلەر كۆرۈنمەيدىغۇ؟ ئۇلار ئوڭ تەرەپتە پرۇسىيە ئەسكەرلىرىگە قارشىلىق كۆرسىتىۋاتاتتى. شۇ كۈنى كەچقۇرۇن سائەت تۆت يېرىمدا، پرۇسىيىنىڭ بىر بىڭتۇەنى ۋاتېرلوغا يېتىپ كەلگەن ئىدى، سائەت بەشتىل زەمبىرەك ئېتىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. فرانسىيە ئارمىيىسى پىيادە ئەسكەرلىرى بىلەن توسۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. ناپولېئون شەرق تەرەپتىكى ياردەمچى ئەسكەرلەر تېزدىن يېتىپ كېلىپ ياردە، بېرىدىغۇ، دەپ ئويلىغان ئىدى، ئەمما، فرانسىيىنىڭ ياردەمچى ئارمىيىسىدىن ئەمەس، بەلكى پرۇسسىيە ئارمىيىسىنىڭ 2 -، 3 - بىڭتۇەنلىرى يېتىپ كېلىپ، فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۋەتتى. كەچقۇرۇن سائەت ئالتىدە فرانسىيىنىڭ تىرىپىرەن بولۇپ كەتكەن ئاتلىق ئەسكەرلىرى پۈتۈنلەي ئۆز ئورنىغا چېكىنىپ كەلدى. ناپولېئون چىشىنى چىشلەپ، ئاخىرقى 4000 نەپەر مۇھاپىزەتچى قوشۇننىڭ ھەممىسىنى ھۇجۇمغا سالدى. ئۇلار 70 تىن تىزىلىپ، تاغ باغرىغا ھەرىدەك يامىشىپ چىقىپ، ئۆلە - تىرىلىشىگە باقماي ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى زەمبىرەكلىرىدىن تۈركۈم - تۈركۈم ئۈزۈم ئوق بىلەن چاچما ئوقلارنى ياغدۇردى، بۇ زەمبىرەك ئوقى چۈشكەنلا يەردە پارتلايدىغانلىقتىن، قىرغىنچىلىق كۈچى ناھايىتى زور ئىدى، فرانسىيە ئەسكەرلىرى توپ - توپى بىلەن يىقىلىۋاتقان بولسىمۇ، داۋاملىق ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، تاغ بېلىنى ئاخىر ئىشغال قىلىپ، ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سېپىگە بېسىپ كىردى. ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئاخىرقى مۇداپىئە سېپىگە ئارانلا 60 قەدەم قالغان ئىدى. ناپولېئون قالتىس كۆرۈنۈشنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ دۇربۇندا قاراپ تۇراتتى. بۇ چاغدا ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى ۋېللېڭتون ئورنىدىن دەس تۇرۇپ: - مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنى ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار! پۈتۈن سەپ بويىچە ھۇجۇمغا ئۆتۈڭلار! - دەپ توۋلىدى. ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ زاپاس قوشۇنى قوزغىلىپ، فرانسىيە ئەسكەرلىرىگە ئېتىلىپ كەلدى. - قوشۇنىمىز تىرىپىرەن بولۇپ كەتتىغۇ؟ نېمە بولغاندۇ؟ - دېدى ناپولېئون كۆزىگە زادىلا ئىشەنمەي، بىراق، ئۇنىڭ ھەممە ئەسكىرى ئىشقا سېلىنىپ، بىرەر ئەسكەرمۇ چىقىرالمىغانلىقتىن، ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ قىرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇشتىن باشقا ئامال قىلالمىدى. كەچكى قۇياش نۇرى غەرپنى يورۇتقاندا، ئەنگىلىيە ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ قىلىچلىرى يالت - يۇلت قىلىشقا باشلىدى، ناپولېئون بۇ مەزىرىنى دۇربۇندا تازا ئېنىق كۆرۈپ تۇردى، ئۇ ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ: - ئەمدى پۈتۈنلەي تۈگەشتۇق! - دەيتتى. كەچ سائەت توققۇز بولغاندا، تولۇن ئاي شەرقتىن كۆتىرىلدى، پرۇسىيە ئارمىيىسى فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ مۇداپىئە سېپىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ناپولېئوننىڭ قوشۇنلىرى پاتىپاراق بولۇپ، تەرەپ - تەرەپكە قاچتى. ئۇنىڭ ئات ھارۋىسى ئۈركىگەن توپ ئارىسىدا زادىلا ماڭالماي، ئۇ ئاتقا مىنىشكە توغرا كەلدى، شۇ كېچىسى فرانسىيە ئارمىيىسى يەتتە قېتىم قونالغۇ تەييارلىغان بولسىمۇ، پرۇسىيە ئەسكەرلىرى قوغلاپ كېلىپ، تېزىتىۋەتتى، قورال - ياراق، ھەربى لازىمەتلىكلەرنىڭ ھەممىسى چېچىلىپ كەتتى. ناپولېئون تامدەك تاتىرىپ، قار - يامغۇردەك تۆكۈلۈپ، ئون مىڭ ئاقساق ئەسكەر، چولاق سەركەردىلەرنى ئېلىپ، پارىژغا قايتىپ كەلدى. بەزىلەر ناپولېئونغا ياكوبىنچىلارنىڭ شوئارىنى قوبۇل قىلىپ، ئاممىغا يۈزلىنىپ، كەڭ دېھقانلارنى ئارمىيىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىشقان بولسىمۇ، ناپولېئون ئۇنى رەت قىلدى. فرانسىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلغان ناپولېئون ئىككى مۇشتىنى ئىككى ياققا ئۇزاتقان ئىدى: ئۇ ھەم فېئودالىزىمنى تىرىلدۈرگۈچى كۈچلەرنى جىمىقتۇردى، ھەم ئىشچى - دېھقان ئىنقىلابى كۈچلەرگە زەربە بەردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۈچى ئاجىز بولۇپ قالدى. 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، كۈچلۈك خەلقئارا مۇداخىلە ئاستىدا، ناپولېئون ئىككىنچى قېتىم تەختتىن چۈشۈپ، ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىچكىرىسىدىكى مۇقەددەس ھېلېنا ئارىلىدا نەزەربەنت قىلىنىپ، تاكى 1821 - يىلى كېسەل بولۇپ ئۆلگەنگە قەدەر شۇ يەردە تۇردى، ناپولېئون بىر قېتىم جەمئى 100 كۈنچە باش كۆتىرىپ تۇرغانلىقتىن، تارىخى كىتابلاردا «100 كۈنلۈك پادىشاھلىق» دەپ ئاتالدى. ناپولېئون تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، چەتئەللەرنىڭ نەيزە بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، لۇئىXVIII يېڭىۋاشتىن تىرىلدى. تىرىلگەن بۇ سۇلالە 15 يىلغىچە ھۆكۈم سۈردى. 1830 - يىلى پارىژدا ئىيۇل ئىنقىلابى پارتىلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇرژۇئا سولالىسى - ئىيۇل خاندانلىقى قۇرۇلدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ