قىزىل كۆينەكلىك پىدائىلار
بەش مىڭ يىل
قىرغاققا «شار!شار!» ئۇرۇلغان بۇژغۇن سادالىرى پورتنىڭ تۈن يېرىمىدىكى جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ تۇراتتى. پيېمون ناملىق كونا كېمە بىلەن لومباردى ناملىق كونا كېمە گويا ئالاھىدە بىر ۋەزىپىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك، ئىتالىيىنىڭ گېنويە شەھىرى سىرتىدىكى پورتتا قىمىرلىماي مەزمۇت تۇراتتى.
- تېز! تىزىلىپ كېمىگە چىقىڭلار! - دەپ ئاستا بۇيرۇق بەردى يۈزىنى ساقال باسقان ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشى. ئۇچىسىغا قىزىل كۆينەك، بېشىغا كەڭ لەپلىمىلىك شىلەپە كىيگەن 1100 نەپەر ئىتالىيە ئىنقىلابچىسى ھايال قىلمايلا كېمىگە چىقتى.
- سىتسىلىيە ئارىلىدىكى قېرىنداشلارنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن، ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئالغا! - دېدى ئوتتۇرا ياشلىق كىشى كېمىنىڭ باش تەرىپىدە تۇرۇپ مەردانىلىك بىلەن. كېمە خۇددى ئۇچقاندەك تىررىن دېڭىزىغا ئۈزۈپ كىرىپ، قاپ - قاراڭغۇ دېڭىزدا غايىپ بولدى.
بۇ ۋەقە 1860 - يىل 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى سەھەردە بولغان ئىدى. «مىڭ كىشىلىك قىزىل كۆينەكلىك پىدائىلار» غا باشچىلىق قىلىۋاتقان بۇ ئىنقىلابچىنىڭ ئىسىمى گارىبالدى ئىدى. ئۇ 1807 - يىلى ماترۇس ئائىلىسىدە تۇغۇلدى، ياش ۋاقتىدا «ياشلار ئىتالىيىسى پارتىيىسى» نىڭ چەتئەل ئىشغالىيەتچىلىرىگە قارشى قوزغىلىڭىغا قاتناشتى. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، لاتىن ئامېرىكىسىغا قېچىپ بېرىپ، «ئىتالىيە ئارمىيىسى» تەشكىل قىلىپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ قوزغىلىڭىغا قاتناشتى. 1848 - يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەركىتىنىڭ رەھبىرى بولۇپ قالدى.
شۇ كەملەردە، ئىتالىيە نۇرغۇن بەگلىكلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن ئىدى. شىمال تەرەپتىكى بىر نەچچە ئۇششاق بەگلىكلەرنى ئاۋستىرىيە بېسىۋالدى، جەنۇبتىكى ئىككى سىتسىلىيە پادىشاھلىقىنى ئىسپانىيە بېسىۋالدى، ئوتتۇرا قىسىمى رىم پاپىسىغا قاراشلىق بولۇپ قالدى. ئىتالىيىنىڭ غەربىدىكى ساردىنىيە پادىشاھلىقىلا، نۇرغۇن بەگلىكلەر ئارىسىدىكى قۇدرەتلىكرەك دۆلەت ئىدى. شۇڭا، ئىتالىيىنىڭ مۇستەقىللىقى مىللى مۇستەقىللىقتىن ئايرىلمايتتى.
5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى كېچىدە، كەڭ دېڭىزنى قاراڭغۇلۇق باستى، تۇرۇپلا ئۇدۇلدا ئۇچقۇن كۆرۈندى. كېمىدىكى قىزىل كۆينەكلىك پىدائى جەڭچىلەر بەس - بەستە كېمە ئۈستىگە چىقىپ، ھەممىسى تەڭلا:
- ۋەتەننىڭ باي ئارىلى - سىتسىلىيە ئارىلىغا يېتىپ كەلدۇق! - دەپ توۋلىدى.
گارىبالدى قاتتىق ھاياجانلىنىپ، دەرھال كوماندىرلار يىغىنى چاقىرىپ، قۇرۇقلۇققا چىقىش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى. بۇ چاغدا، ئۇدۇلدىن ناھايىتى كىچىك پۇلاڭلىتىپ كەلدى، ئەسلىدە سىتسىلىيە ئارىلىدىكى قوزغىلاڭچى خەلقنىڭ ئاخباراتچىسى كەلگەن ئىدى. گارىبالدى ئۇنى دەرھال كېمىگە تەكلىپ قىلدى. بېلىقچى: ئارسانا پورتىدىكى ئىككى ھەربى پاراخوت چارلاش ئۈچۈن كەتتى، پورتتا ئەسكەر يوق، قۇرۇقلۇققا چىقىشنىڭ ياخشى پەيتى، دېدى. گارىبالدى كېمىنى دەرھال ھەيدەشكە بۇيرۇق بەردى. ئىككى سائەتتىن كېيىن، يەنى 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى سەھەردە، ئۇلار پورتقا بىخەتەر يېتىپ كەلدى.
سىتسىلىيە ئارىلىدىكى قوزغىلاڭچىلار قىزىل كۆينەكلىك پىدائىلارنىڭ ياردەمگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، خۇشال - خورام ھالدا پورتقا كېلىپ، ئۇلارنى قارشى ئالدى. ئۇزاقتىن بۇيان ئايرىلىپ كەتكەن قېرىنداشلار يۈز كۆرۈشتى! بۇ چەكسىز خوشاللىقنى سۆز بىلەن تەسۋىرلەپ بولمايتتى. ئۇشتۇمتۇت كېلىپ ئىنقىلابچىلارنى تۇتماقچى بولدى. ئىنقىلابچىلار جەڭگە ئاتلىناي دەپ تۇرغاندا، زەمبىرەك ئاۋازى تۇرۇپلا جىمىپ قالدى. نېمە بولغاندۇ؟ پورتتا ئەنگىلىيىنىڭ ئىككى سودا پاراخودى بار ئىدى، ئۇلار نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئىسپانىيىنىڭ ھەربى پاراخوتلىرى دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپ قالغان ئىدى.
يەرلىك خەلقلەر گارىبالدىنىڭ سىتسىلىيە رەھبىرى بولۇشنى بىردەك ھىمايە قىلدى. ئۇلار قارا مىلتىق ۋە قىلىچلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئىنقىلابى قوشۇنغا قاتناشتى. قىزىل كۆينەكلىكلەرنىڭ قوشۇنى كېڭەيدى، گارىبالدى سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ مەركىزى پالېرموغا يۈرۈش قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى.
يۈرۈش قىلىش يولىدا پەلەمپەي شەكىللىك بىر ئېگىز تاغ بار ئىدى. تاغنى ئىنقىلابىي قوشۇندىن ئىككى ھەسسە كۆپ بولغان دۈشمەن ساقلاۋاتاتتى. شۇ كەملەر تازا ئىسسىق ياز پەسلى بولۇپ، يېڭىلا قۇرۇلغان قوشۇن ئۇزاق ۋاقىتلىق خوراشقا بەرداشلىق بېرەلمەيتتى. شۇڭا گارىبالدى دەرھال ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلدى. ئىنقىلابچىلار قۇربان بېرىشتىن قورقماي، قەيسەرلىك بىلەن تاغ ئېشىپ، ئوق چىقارماي، پۈتۈنلەي چاپ - چاپ جەڭ قىلىپ، دۈشمەن بىلەن پۈتۈنلەي نەيزە ئارقىلىق ئېلىشتى. دۈشمەنلەر تازا توخۇ يۈرەكلەر بولغانلىقتىن، ئىنقىلابچىلارنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا ئۆتكەنلىكىنى كۆرۈپلا، ئارقىغا بۇرۇلۇپ قېچىشتى. بۇ ئېگىز تاغ ناھايىتى تېزلا ئېلىندى.پالېرمو يېقىنلاپ قالغان ئىدى. غەربتىكى ئېغىزنى 20 مىڭ دۈشمەن ئەسكىرى ساقلايتتى. گارىبالدى ئاۋۋال ئاز قوشۇن بىلەن ئۇدۇل تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۈشمەننى قورغاندىن ئېلىپ چىقىپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چوڭ قوشۇننى باشلاپ جەنۇپ تەرەپتىن ئەگىپ بېرىپ، ئېگىز - پەس تاغ يولىدىن كېچىلەپ ئۆتۈپ، پالېرمونىڭ ئارقا سېپىگە كىردى. 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سەھەردە، ئومۇمى ھۇجۇم باشلاندى. قىزىل كۆينەكلىك پىدائىلار بىلەن يەرلىك پارتىزانلار شەھەرگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى. دۈشمەن جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى، كوچا جېڭى ئىككى كېچە - كۈندۈز داۋام قىلدى. ئىسپانىيىنىڭ ئىشغالىيەتچى قوشۇنى بىلەن سىتسىلىيە ئەكسىيەتچىل قوشۇنىنىڭ ئۆلگەنلىرى ئۆلدى، تەسلىم بولغانلىرى تەسلىم بولدى، ئىنقىلابچىلار پۈتۈنلەي غەلىبە قىلدى.
دۈشمەنگە دەم ئېلىۋېلىش پۇرسىتى بەرمەسلىك ئۈچۈن، شۇ يىلى 8 - ئايدا، گارىبالدى قوشۇنىنىڭ بوغازدىن ئۆتۈپ، ئىتالىيە قۇرۇقلۇقىغا چىقىشىغا ۋە ئىككى سىتسىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى نېئاپولغا يۈرۈش قىلىشىغا قوماندانلىق قىلدى. بۇ چاغدا، قۇرۇقلۇققا چىققان قىزىل كۆينەكلىك پىدائىلار 1200 كىشى ئەمەس، بەلكى 11 مىڭغا يەتكەن ئىدى. ئۇلار يەرلىك خەلقنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، ھايال قىلمايلا نېئاپول شەھىرى ئەتراپىغا يېتىپ باردى. 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئىككى ستسىلىيە پادىشاھ نېئاپولدىن قاچتى. گارىبالدى چوڭ قوشۇنىنىڭ شەھەرگە كىرىشىنى كۈتمەيلا، ئىككى كوماندىرنى باشلاپ نېئاپولغا كىردى. مىغىلدىغان شەھەر خەلقى قىزغىن تەنتەنە قىلىشىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ئىتالىيە مۇستەقىللىق ھەركىتىنىڭ بۇ داھىسىنى يولنىڭ ئىككى چېتىدە تۇرۇپ قارشى ئالدى.
بۇ چاغدا، ساردىنىيە پادىشاھلىقىنىڭ قوشۇنى غەربتىن شەرققە قاراپ يۈرۈش قىلىپ، پاپا رايونىدا گارىبالدىنىڭ قوشۇنى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىنقىلابى قوشۇننىڭ ئالدىنى توسىدى. ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ۋە ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، ساردىنىيە بىلەن ئىككى سىتسىلىيىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىتالىيە پادىشاھلىقى قۇرۇشنى قارار قىلدى. گارىبالدى، ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدا، بارلىق ھەق ۋە ئورۇندىن ۋاز كېچىپ، يۇرتىغا قايتىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋەتەن زۆرۈر تاپسا، ئۆزىنىڭ يەنە پىدائىلار قوشۇنى تەشكىل قىلىپ، ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.
1860 - يىل 11 - ئاينىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، ئىتالىيىنىڭ يېڭى پادىشاھى ئېمانۇئېل (ساردىنىيىنىڭ سابىق پادىشاھى) بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەركىتىنىڭ داھىسى گارىبالدى ئاتقا مىنىپ يانمۇ يان مېڭىپ نېئاپولغا كىردى ۋە چوڭ كوچىدا قول تۇتۇشۇپ ماڭدى. پۈتۈن نېئاپول زىلزىلىگە كەلدى، كىشىلەر ئىتالىيە بىرلىكى ۋە مۇستەقىللىقىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بەختلىك ۋە ھاياجانلىق كەيپىياتى ئىچىدە تەبرىكلىدى.
ئىتالىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1866 - يىلى ئاۋستىرىيىدىن ۋېنېتسىيىنى قايتۇرۇۋالدى، 1870 - يىلى پاپىغا بىۋاستە قاراشلىق رايوننىمۇ قايتۇرۇۋالدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىتالىيە پۈتۈنلەي بىرلىككە كېلىپ، رىمنى پايتەخت قىلىپ بەلگىلىدى.