سارتسىن مۇداپىئەسى
بەش مىڭ يىل
سارتىسىن ( سوۋېت ئىتتاپىقىدىكى ھازرىقى ۋولگارگراد) ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى بىر شەھەر بولۇپ، 1925 - يىلى ستالىنگىرادقا ئۆزگەرتىلگەن.
ستالىن 1918 - يىلى سارتىننى قوغداشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن مۇشۇ نام بېرىلگەنىدى.
يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن سوۋېت ئېلىنى ۋاقتىنچە ئارام ئېلىش پۇرستىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، لېنىننىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن سوۋىت روسىيىسى 1918 - يىلى 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى گېرمانىيە جاھانگىرلىكى بىلەن برىسېت سۈلھ شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى. شۇ ئارقىلىق ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىپ ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملىدى. ئىگىلىكنى تەڭشىد. قىزىل ئارمىيىنى قۇردى. لېكىن، پارتىيە ۋە لېنىن بۇنىڭ ئۇزاققا بارمايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرگەنىدى. مەملىكەت ئىچىدىكى ئاغدۇرۇلغان پومېشىچىك - بۇرژۇئازىيە تۈرلۈك يوللار بىلەن سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش كويىدا بولدى. خەلقئارادىك جاھانگىرلار ئۆكتەبر ئىنقىلابى تەجرىبىلىرىنىڭ ئۆز مەملىكىتىگە تارقىلىپ، ھۆكۈمرانلىقىغا تەھدىت يەتكۈزۈشىدىن قورقتى؛ ئەنگىلىيە، فرانسىيە قاتارلىق ئانتانتا دۆلەتلەر سوۋېت ئېلىنىڭ ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىققانلىقىدىن تېخىمۇ غەزەبلەندى. شۇ ۋەجىدىن، تۇشمۇ تۇش تىل بىرىكتۈرۈپ، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن سوۋېت ھاكىمىيىتىنى «بۆشۈكىدە ئۇجۇقتۇرۇش» كويىدا بولدى.
ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرى دېگەندەكلا 1918 - يىل 3 - ئۈچىنچى ئايدىن باشلاپ، روسىيە زىمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. ئالتىنچى ئايدا گېرمانىيە جاھانگىرلىكىمۇ برېست كىلىشىمىنى يىرتىپ تاشلاپ، روسىيىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە بېسىپ كىردى.
چەت ئەل جاھانگىرلىرىنىڭ يۆلىشى بىلەن، چارپادىشاھ زامانىدىكى بەزى گېنىراللار ئارقا - ئارقىدىن ئاقلار قوشۇنىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، نۇرغۇن جايلاردا ئەكسىل ئىنقىلابىي توپىلاڭ كۆتۈردى.
شۇنداق قىلىپ، سوۋېت روسىيىسى زېمىنىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى دۈشمەنلەر بېسۋېلىپ، يېڭى ھاكىمىيەت غۇلاپ چۈشۈش خەۋپىگە دۇچ كەلدى!
دۆلەتنىڭ نۇرغۇن زېمىنىنى دۈشمەن قوشۇنلىرى بېسىۋالغانلىقتىن، يېڭىلا كۆچۈپ كېلىنگەن پايتەخت موسكۋا بىلەن باياشات ئاشلىق رايونلىرى، خام ئەشيا ۋە يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەيدىنغان ئاساسىي رايونلار بۆلۈپ تاشلاندى.
شۇكەملەردە ئاشلىق مەسىلىسى تازا جىددىي بولۇپ قالغانىدى. شۇ چاغدا پايتەختتىنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش قىيىن بولۇپ، ئېشچىلار كۈنىگە ئاران سەككىزدىن بىر قاداق بولكا ئالاتتى. شۇنىڭ بىلەن تەمىنلەشمۇ كاپالەتكە ئىگە بولالمىدى. ئالدىنقى سەپنى تەمىنلەشمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. ئىشچىلار ئاشۇنچىلىك ئاشلىق بىلەن قانداقمۇ قورساق باقالىسۇن،قانداقمۇ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنالىسۇن؟ ئەسكەرلەر قانداقمۇ كۈچ توپلاپ دۈشمەنگە قارشى تۇرالىسۇن؟
شۇنچىلىك ئاز ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشتىمۇ ئاساسەن سارتىسىنغا تايىنىشقا توغرا كېلەتتى. چۈنكى بۇ شەھەر شۇ كەملەردە سوۋېت ھاكىمىيىتنىڭ قولىدا ئىدى. سارتىسىن قولدىن كېتىدىغان بولسا، موسكۋانى تەمىنلەيدىغان ئاشلىق مەنبەسى ئۈزۈلۈپلا قالماي، بەلكى دۈشمەنلەر ئالاقە باغلىۋېلىپ، پايتەختنىڭ ئامانلىقىغا توغرىدىن توغرا تەھدىت سالاتتى. شۇڭا ئاشلىق مەسىلىسى بىلەن ھەربىي ئىشلار مەسىلىسى چېتىلىپ كەتكەنىدى.
خەلق كومىسسارلىرى سوۋېتى سارتىسىننى مۇداپىئە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئېغىر ۋەزىپىنى ستالىنغا تاپشۇرۇشنى، ئۇنى روسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاشلىق ئىشلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرىدىغان رەھبەرلىككە قۇشۇمچە ئۇرۇش رايونىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەشنى قارار قىلدى.
ستالىن ئىنتايىن مۇشەققەتلىك ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى. سارتىسىن سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ قولىدا دېيىلسىمۇ، ئەمما ئۇ يەردىكى ئەكسىيەتچى باي دېھقان ئۇنسۇرلار ئاشلىقنى سېسىتىۋېتىشكە رازىكى، يېڭى ھاكىمىيەتنى سېتىپ بېرىشكە رازى ئەمەس ئىدى. ئاشلىق ئورگانلىرىغا كۆپ بوياپ كىرىۋالغان بۇزۇقلار باي دېھقانلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، بىرلىشپ ئەسكىلىك قىلاتتى. بىر تۈركۈم پۇرسەتپەرەس سودىگەرلەر مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بېسىمدارلىق قىلىپ، بازارنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆمۈر يوللار رېمونت قىلىنمغان، ۋاگونلار قىس بولۇپ، پات - پات ئاقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرغانلىقتىن، ئاز - تولا ئاشلىق توپلىغان تەقدىردىمۇ، موسكۋاغا تۇشۇش ناھايىتى تەس ئىدى.
شۇ يىلى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سىتالىن 450 نەپەر موسكۋا ئىشچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان قوشۇننى باشلاپ سارتىنغا يېتىپ كەلدى. ئۇ بۇ يەرگە يېتىپ كېلىپلا كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، قىزىل ئارمىيە قوشۇنىنى يېڭىباشتىن تەشكىل قىلىپ، بىر تۈركۈم دۈشمەن ئونسۇرلارنى تازىلاپ، بىرلىككە كەلگەن ھەربىي رايون قوماندانلىق شىتابىنى قۇردى ھەمدە پارتىيىنىڭ ئارمىيىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاشلىق بىلەن نورمىلىق تەمىنلەش يۈزىسىنى يولغا قويۇپ، ئاشلىقنى خۇسۇسىيلارنىڭ سېتىۋېلىشنى چەكلەپ، مەككار سودىگەرلەر ۋە باي دېھقان ئۇنسۇرلارنىڭ پۇرسەتپەرەسلىك - بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بەردى.
پات - ئارىدىلا لىق ئاشلىق بېسىلغان پويىزلار سارتىسىندىن موسكۋاغا قاراپ يولغا چىقتى.
ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، گېرمانىيە جاھانگىرلىكى مەدەت بەرگەن ئاقلار سارتىسىنغا ئېتىلىپ كەلدى.
بۇ ئاقلارغا كىرېنسكىنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن ئاتلىق ئارمىيىنىڭ قوماندانى قوماندانلىق قىلاتتى. ئۇنىڭ 60 مىڭغا يېقىن ئەسكىرى، 600 دىن ئارتۇق پىلىموتى، 170 زەمبىرىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 20 ئايروپىلانى بولۇپ، خېلىلا قۇدرەتلىك ھۇجۇم كۈچىگە ئىگە ئىدى.
سارتىسىننى مۇداپىئە قىلىۋاتقان قىزىل ئارمىيە قوشۇنى 40 مىڭغا يەتمەيتتى. قورال - ياراغلىرىمۇ دۈشمەننىڭكىدەك كۆپ ئەمەس ئىدى. ئەمما ئۇلار ستالىننىڭ قوماندانلىقىدا، شەھەر ئىشچىلىرى ۋە شەھەر ئاھالىسى تەڭلا غەزەبكە كېلىپ، دۈشمەننى باتۇرلۇق بىلەن قىرىپ، ئاقلارغا قىلچە نەپ بەرمىدى.
ئۇلار قانداق قىلىپ ئاز كۈچ بىلەن كۆپنى، ئاجىز تۇرۇپ كۈچلۈك دۈشمەننى يېڭەلىدى؟
قىزىل ئارمىيە پولات بىلەن قاپلانغان پويىزنى ئۇياقتىن - بۇياققا ھەيدەپ يۈرۈپ، دۈشمەن قوشۇنىنى ئارقا - ئارقىدىن زەمبىرەككە تۇتۇپ، دۈشمەننى كۆپلەپ تالاپەتكە ئۇچراتتى.
ئىشچىلار ئوقدانلىرىنى بېلىگە باغلاپ، مىلتىقلىرىنى يېنىدا قويۇپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بارسا، يەنە بىر تەرەپتىن، دۈشمەنگە زەربە بېرىشكە تەييار تۇردى. بۇزۇلغان زەمبىرەكلەر ئالدىنقى سەپتىن زەمبىرەك زاۋۇتىغا ئەكېلىنگەن ھامان، زەمبىرەك كانىيىدىن ئىسسىق ئۇرۇپ تۇرۇشىغا قارىماي دەرھال رېمونت قىلدى.
ئالدىنقى سەپ ئەتراپىتىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى تەشكىللىنىپ، ئاكوپ كولاش، ئوق - دورا تۇتۇش ۋە يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش قاتارلىق مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالدى.
ئون نەچچە كۈن قەھرىمانانە كۈرەش قىلش ئارقىسىدا دۈشمەن شەرمەندىلەرچە چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى.
8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ، سوۋېتتىن قوغلاپ چىقىرىغان سوتسيال ئىنقىلاپچىلار پارتىيىسى تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى رەزىللىك بىلەن ئوق چىقىرىپ، لېنىننى يارىدار قىلدى. پۈتۈن روسىيە مەركىزى ئىجرائىيە كومېتىتى لېنىننىڭ سۈيقەستكە ئۇچراش ۋەقەسى توغرىسىدا خەلققە مۇراجەتنامە چىقىرىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىنقىلاپنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىگە رەھىمسىز تىرورلۇق ھەركىتىنى قوللىنىشقا چاقىردى. سارتىسىندىكى ئارمىيە بىلەن خەلق پۈتۈن روسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاق باندىتلارنىڭ ھۇجۇمىنى قەتئىي چىكىندۈرۈشتەك ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى ئارقا - ئارقىدىن بىلدۈردى.
شۇ يىلى كۈزدە، گېرمانىيىدە ئىنقلاپ پارتلاپ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، گېرمانىيە پادىشاھسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. سارتىسىندا مەغلۇپ بولغان ئاقلار ئاتلىق ئارمىيسىنىڭ قوماندانى گېرمانىيە جاھانگىرلىكنىڭ نوپۇزىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ، يېڭى خوجايىن - ئەنگىليە، فرانسىيە جاھانگىرلىكىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى.
نويابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئاقلار ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى روسىيىلىك يەنە بىر ئەكسيەتچى گېنېرال بىلەن بىرلىشىپ، سارتىسنغا ئىككىنچى قېتىم قورشاپ ھۇجۇم قىلدى.
سارتىسىنغا بۇ قېتىم قورشاپ ھۇجۇم قىلغان ئاقلار جەمئىي 13 ئاتلىق دىۋىزىيە ۋە سەككىز پىيادە دىۋىزىيىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئەسكىرىي كۈچى ئالدىنقى قېتىمقىدىن زور دەرىجىدە كۆپ ئىدى. قورال - ياراغ ۋە ئەسلىھە جەھەتتە، ئەنگىلىيە، فرانسىيە جاھانگىرلىكى ئۇلارنى تولۇق تەمىنلەپ تۇردى.
سارتىسىن تەرەپ - تەرەپتىن قورشىلىپ، ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالدا قالدى!
قىزىل ئارمىيىنىڭ كەيپىياتىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، ستالىن ھەركۈنى ئالدىنقى سەپكە بىر نەچچە قېتىم بېرىپ، ئۇرۇشقا شەخسەن ئۆزى قوماندانلىق قىلدى.
زەمبىرەك ئوقى يېتىشمىسە، ستالىن زەمبىرەك زاۋوتىغا بۇيرۇق بېرىپ ياساتتى.
ئەسكەر يېتىشمىسە، ستالىن پۈتۈن شەھەر ئاھالىسىنى ئالدىنقى سەپكە بېرىشقا سەپەرۋەر قىلدى.
پۈتۈن شەھەردىكى ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرستىشى ئارقىسىدا، ئاقلارنىڭ ھۇجۇملىرى كەينى - كەينىدىن تارمار قىلىندى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، سارتىسىندىكى قىزىل ئارمىيە ئومۇمىي قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى ھەمدە ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.
سارتىسىننى مۇداپىئە قىلىش جېڭى داۋامىدا، 2000 ۋاگوندىن كۆپرەك ئاشلىق ۋە باشقا يېمەكلىكلەرمۇ موسكۋاغا ئەۋەتىلىپ، پايتەختتىكى ئاشلىق قەھەتچىلىكى پەيكويغا چۈشۈرۈلدى. دۈشمەنلەرنىڭ ئالاقىلىشىپ مۇسكۋاغا بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىش پىلانى ئۈزۈل - كېسىل بەربات بولدى.