UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭتۇنجى ئاتوم بومبىسى

تۇنجى ئاتوم بومبىسى

بەش مىڭ يىل 1939 - يىل يازدا، بېرلېندا گېرمانىيە مەخپىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بارماقتا، ئۇ ئاتوم ئىلمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ناھايىتى كۈچلۈك ۋەيران قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىەە يېڭى تىپتىكى قورال ئىجاد قىلماقچى، دېگەن قورقۇنچلۇق خەۋە تارقالدى. بۇ خەۋەرنىڭ تارقىلىشى نۇرغۇن ھەققانىيەتچى ئالىملارنى غەم - غۇسسىغا سېلىپ قويدى. شۇكەملەردە ياۋروپا قىتئەسىنى ئۇرۇش قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، نااۋادا گېرمانىيە فاشىستلىرى ئاۋۋال ئاتوم بومبىسى ياسىۋالىدىغان بولسا، ئىنسانلار تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. ئاتوم بومبىسى يادروسىنىڭ پارچىلىنىش قائىدىسىنى گېرمانىيىلىك ئالىم ھاين ستوراسمان بىلەن يەھۇدىي ئايال ئالىم مېيتېنا تاپقانىدى. ناتسىستلار گېرمانىيىسى زىيالىيلارغا ۋە يەھۇدىيلەرگە غالجىرلىق بىلەن زىيانكەشلىك قىلغانلىقتىن، مېيتېنا، تېلېر، سىراد ۋە باشقا نۇرغۇن ئاتاقلىق ئالىملار، جۈملىدىن ئىلىم - پەن بوۋىسى ئېينىشتېين ئىلگىرى - كېيىن گېرمانىيىدىن قېچىپ كېتىپ، ئامېرىكىدا ماكانلىشىپ قالدى، شۇ يىلى 8 - ئايدا، سىردا قاتالرىق ئالىملار ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئېينىشتېيننى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى رۇزۋېلتقا ئامېرىكىنىڭ ئاتوم بومبىسىنى گېرمانىيىدىن بۇرۇن ياساپ چىقىشنى تەلەپ قىلىپ خەت يېزىشقا تەكلىپ قىلدى. باشقىلار يېزىپ چىققاندىن كېيىن ئېينىشتېين ئىمزا قويغان بىر پارچە خەتتە مۇنداق يېزىلغانىدى: «زۇڭتۇڭ جانابلىرى: مەن فېمى بىلەن سىرادنىڭ يېقىنقى تەتقىقات خىزمىتىگە دائىر قول يازمىسىنى ئوقۇپ چىقتىم. بۇ ھال مېنى ئۇران ئېلېمېنتىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە بىر خىل يېڭى ۋە مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتقاندا، كىشىلەر ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشى لازىم. زۆرۈر تېپىلغاندا ھۆكۈمەتنىڭ تېزدىن ھەرىكەتق ىلىشىنى تەلەپ قىلىش لازىم، شۇڭا، سىزنىڭ تۆۋەندىكى پاكىتلارغا دىققەت قىلىشىڭىزنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشنى ئۆزۈمنىڭ بۇرچى دەپ ھېسابلايمەن: يېقىنقى كەلگۈسىدە، كۈچ - قۇۋۋىتى ئىنتايىن زور بولغان يېڭى تىپتىكى بومبا ياسىلىشى مۇمكىن. شۇ ۋەجىدىن، ئۆزىڭىز ئىشىنىدىغان بىرەر كىشىگە ھۆكۈمەت ئىدارىلىرى بىلەن غەيرى رەسمىي ئالاقە باغلاپ، بارلىق تەتقىقات ئەھۋالىنى ئۇلارغا دائىم دوكلات قىلىپ تۇرۇش ھەمدە ئۇلارغا تەكلىپ - تەۋسىيە بېرىش، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ ئۇران رۇدىسى بىلەن تەمىنلىنىشىگە تىرىشىپ كاپالەت بېرىش ھوقۇقىنى ېرىشىڭىزنى تەسۋىيە قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ۋە كارخانىلارنڭ تەجرىبىخانىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، تەجرىبە ئىشلىرىنى تېزلىتىش لازىم. خەۋەر تېپىشىچە، گېرمانىيە ھازىر ئۆزى بېسىۋالغان چېخوسلوۋاكىيىدىكى ئۇران كانلىرىنىڭ ئۇران رۇدىسىنى سېتىشنى توختاتقانمىش. ناۋادا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرىنىڭ ئوغلىنىڭ بېرلىندىكى پادىشاھ ۋېلگىلم تەتقىقات ئورنىدا ئىشلەۋاتقانلىقىغا، بۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ ھازىر ئۇران ئۈستىدە ئامېرىكىدىكىگە ئوخشاشلا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىدىغان بولساقلا، گېرمانىيىنىڭ نېمە ئىش قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. ئا. ئېينىشتېين (ئىمزا)» رۇزۋېلت ئاق سارايدىكى يۇمىلاق ئىشخانىدا جىمجىت ئولتۇرۇپ ئېينىشتېيننىڭ خېتىنى مۇھاكىمە قىلغاندىن كېيىن، ئارىسالدى بولۇشقا باشلىدى. ئۇ بۇ ئىشنى كىچىك ئىش چاغلىغىلى بولمايدۇ، دەپ ھېسابلىدى: ئادەم، خىراجەت، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەسلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ ھازىرغىچە ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغان بۇنداق ئاتوم بومبىسىنى ياساپ چىقىش مۇمكىنمۇ - يوق؟ ئۇنى ياساش جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىق قىلىنىپ پارتلاپ كەتسە قانداق بولىدۇ؟ ئۇنىڭ ئىلىم - پەن ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ساكس ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى : ئەينى يىللاردا ناپولېئون فولتوننىڭ پار بلەن ماڭىدىغان پاراخوت ياساش تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىغانلىقتىن، ئەنگلىيە بوغۇزىنى كېسىپ ئۆتۈپ ئەنگلىيىنى بويسۇندۇرۇش ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى. بۈگۈنكى كۈندە گېرمانىيە ھەربىي ھازىرلىقلارنى غالجىرلىق بىلەن كېڭەيتىۋاتىدۇ، ئۇلار بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بولسا، ئامېرىكا قىل ئۈستىدە تۇرغان خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. رۇزۋېلت توپتوغرا بىر ھاپتە قاتتىق مۇلاھىزە قىلغاندىن كېيىن 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئېينىشتېيننىڭ خېتىگە ئىجابىي جاۋاب قايتۇردى. كۇنۇپكىنى باستى، كۇنۇپكا ئاۋازىنى ئاڭلاپلا كىرىپ كەلگەن ھەربىي ئىشلار ياردەمچىسىگە بىر دۆۋە ھەر خىل ئىزاھات ماتېرىياللىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: _ بۇ ئىشنى سىز بىر تەرەپ قىلىشىڭىز شەرت، _ دېدى ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن. شۇنىڭدىن كېيىن، رۇزۋېلتنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ( 11 - S ) شەرتلىك بەلگىلىك پەۋقۇلئاددە كومىتېت قۇرۇلۇپ ئاتومنى سىناق قىلىش تەتقىقاتىنى باشلىۋەتتى. 1942 - يىل 8 - ئايدا، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى قۇرۇلۇش ئارمىيىسى بىنكارلىق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گېنېرال گروفۇس ( 11 - S ) كومىتېتىدىكى ئالىملار، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىپ «مانخاتتون» ناملىق يېڭى بىر پىلاننى تۈزۈپ چىقتى. پىلاندا، تەتقىقات خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقى پۈتۈنلەي «مانخاتتۇن» قۇرۇلۇش باشقارمىسىدا بولىدۇ دەپ بەلگىلەندى، گېنېرال گروفۇس ۋاشىڭتوندىكى «مانخاتتۇن» باش قوماندانلىق شتابىدىن قىمىرلىمىدى، يېڭى مېكسىكا شتاتىدىكى باياۋاندا تەسىس قىلىنغان ئاتوم تەجرىبىخانىسىنى ئاتاقلىق ئالىم روبىرت ئوبېنھام باشقۇردى. ئۇلار خىزمەتتە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتى - ۋاقتىدا ھەل قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن، تېلېفون ئاقرىلىق ھەر ئىككى كۈندە بىر نەچچە قېتىم سۆزلىشىپ تۇردى. بۇ خىزمەتلەر شۇ قەدەر مەخپىي ئېلىپ بېرىلدىكى، ھەتتا مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ترومېنمۇ 1945 - يىل 4 - ئايدا رۇزۋېلت ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنغىا زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىنلا خەۋەر تاپتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ناتسىستلا گېرمانىيىسىمۇ ئاتوم بومبىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى جىددىيلەشتۈردى. 1942- يىل 6 - ئايدا، رۇزۋېلت بىلەن چېرچىلل كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئاتوم بومبىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشتىكى سۈرئىتىنى ئومۇميۈزلۈك دەڭسەپ كۆردى. ئۇلا ئاخباراتلادىن گېرمانىيە نورۋېگىيىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، نورۋېگىيىدىكىئېغىر سۇ ئىشلەپ چىقىرىدىغان بىر زاۋۇتقا ھەر يىلى گېرمانىيىنى بەش توننا ئېغىر سۇ بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا بۇيرۇق بەرگەنلىكىنى بىلىۋالدى. ئېغىر سۇ ئاتوم قازىنىدىكى نىيتروننىڭ سۈرئىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان پەسەيتكۈچ ماتېرىيال ئىدى. ئېغىر سۇ بولغاندىلا ئاتوم قازىنىنى تىزگىنلەپ، ئاتوم بومبىسى ياساش ئىمكانىيىتى تۇغۇلاتتى. رۇزۋېلت بىلەن چېرچىلل گېرمانىيىنىڭ ئاتوم بومبىسى ياسىشىغا يول قويماسلىق ئۈچۈن، نورۋېگىيىدىكى ئېغىر سۇ زاۋۇتىنى پارتىلىتىپ، گېرمانىيىنىڭ ئېغىر سۇ مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاش توغىرىسىدا پۈتۈشتى. 1942 - يىل 19-نويابر كەچتە، 34 كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر زەربىدارلار ئەترىتى شوتلاندىيە ئايرودرومىدا ئىككى پلانېرغا چىقىپ، ئەنگلىيىنىڭ ئىككى بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ سۆرىشى بىلەن ئىلگىرى - ئاخىر ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى. بىرىنچى بومباردىمانچى ئايروپىلان نورۋېگىيىگە 15 كىلومېتر ئىچكىرىلەپ كىرگەندىن كېيىن، يولنى توسۇپ تۇرغان ئېگىز تاغنى بايقاپ قېلىپ، پلانېرنى بوشىتىۋەتتى، كۈتمىگەندە بومباردىمانچى ئايروپىلان بىلەن پلانېر بىر - بىرىگە سوقۇلۇپ چۈشۈپ كەتتى. ئەتىسى ئەتىگەندە، گېرمانىيە ئەسكەرلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ھايات قالغان 14 كىشىنى گېرمارنىيە ئارمىيىسىنىڭ شتابىغا ئاپرىپ سوراق قىلغاندىن كېيىن ئېتىىپ تاشلىدى. يەنە بىر ئايروپىلان قونىدىغان يەر تاپالماي نائىلاج قايتىپ كەلدى. يول ئۈستىدە بومباردىمانچى ئايروپىلان بىلەن پلانېر چېتىلغان ئارقان ئۈزۈلۈپ كېتىپ پلانىر سوقۇلۇپ كۆيۈپ كەتتى. ھايات قالغانلارنى گىستاپو قولغا چۈشۈردى. بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇم مەغلۇپ بولدى. 1943 - يىل 17 - فېۋرالدا، نومنابېل باشچىلىقىدىكى زەربىدارلار گۇرۇپپىسى نورۋېگىيىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يەرگە چۈشتى. ئۇلار دەھشەتلىك قار - شىۋىرغانلارغا قارىماي، نۆلدىن تۆۋەن 25 گرادۇس سوغۇققا بەرداشلىق بېرىپ، ئېغىر سۇ زاۋۇتىغا يۈرۈش قىلدى. ئېغىر سۇ زاۋۇتى بىر تىك تاغنىڭ قاپتىلغا جايلاشقانىدى. زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى تۈن كېچىدىكى ئاي يورۇقىدا قىيالىقتا ئۆسكەن چاتقاللارغا تايىنىپ 300 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قىياغ ا يامىشىپ چىقتى. نومنابېل ئەترەتنى باشلاپ، يەر ئاستى تۇرۇبا يولى بىلەن تېرلىكتە زاۋۇتقا كىردى. ئۇلار ئېغىر سۇ سېخىدا ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغاندا، سېخنى ساقلاۋاتقان نورۋېگىيىلىك بىر خىزمەتچى تولۇق قوراللانغان ئەنگلىيە ئەسكەرلىرىنى كۆرۈپ قورققىنىدىن غىڭ - پىڭ قىلالماي قالدى. نومنابېل ئۇنى يۆلىنىپ تۇرۇشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن، بوغچىدىن 20 پارچە پارتلىتىش دورىسىنى ئېلىپ، ئۇلارنى ئېغىر سۇ كومزىكىدىكى سوغا تاختىسىغا تىزىپ، پىلتىگە دەرھال ئوت ياقتى. «گۇم» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئېغىر سۇ كومزىكى يېرىلىپ، ئېغىر سۇ پۈتۈن يەرگە يامراپ كەتتى. ناتىستلار ئېغىر سۇ كومزىكىنىڭ پارتلىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندا، زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئاللىقاچان غايىپ بولغانىدى. بۇ _ بىر قېتىملىق مەشھۇر «ئېغىر سۇ جېڭى» ئىدى. بۇ قېتىمقى پارتلىتىشنىڭ غەلىبە قىلىشى ئارقىسىدا، ئېغىر سۇ زاۋۇتى ئاز دېەەندە بىر يىلغىچە بىر تېمىممۇ ئېغىر سۇ ئىشلەپ چىقىرالمىدى. ناتسىستلار گېرمانىيىسى ئاتوم قازىنى قۇرۇشتا بولمىسا بولمايدىغان ئېغىر سۇدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئېغىر ئەلەم تارتتى. ئامېرىكا ئاتوم بوممبىسىنى گېرمانىيىدىن بۇرۇن ياساپ چىقىش ئۈچۈن، ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانىغا «ئالسوس» ناملىق ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەخسۇس گېرمانىيە ئالىملىرىنى قولغا چۈشۈردى ۋە گېرمانىيىنىڭ ئاتوم ياساشقا دائىر ئاخباراتلىرىنى توپلىدى. ئامېرىكا، گېرمانىيىنىڭ 1 - دەرىجىلىك ئالىملىرىدىن بىرنى قولغا چۈشۈرۈش گېرمانىيىنىڭ 10 دىۋىزىيە ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئېلىشتىنمۇ مۇھىم، دەپ قارىدى. 1944 - يىلى بھاردا، «ئالسوس» ھەرىكەت گۇرۇپپىسى گېرمانىيە ئىشغالىيىتىدىكى خېھىنگىن دېگەن كىچىك بازاردا گېرمانىيىنىڭ « U پىلانى» بازىسى بارلىقىنى ئۇشتۇمتۇتلا بايقاپ قالدى. ئامېرىكىنىڭ «مانخاتتون» باش شتابى بۇ ئەھۋالنى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە شتابىغا مەلۇم قىلدى. قۇرۇقلۇق ئارمىيە شتاب باشلىقى مارشال بىلەن بىر نەچچە گېنېرال بىر پارچە چوڭ خەرىتىنى پولنىڭ ئۈستىگە يېيىپ بىر ھازا ئىزدىگەندىن كېيىنلا، بۇ نامسىز كىچىك بازارنى ئاران تاپتى. ئۇلار شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا خېھىنگىنغا بىر زەربىدار بىڭتۇەن ئەۋەتىپ، « U پىلانى» بازىسىنى قويماي ۋەيران قىلىۋەتكەندىن كېيىن دەرھال قايتىپ كېلىشنى قارارق ىلدى. بۇ ھەرىكەت مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. 1943 - يىل 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سائەت بەشتىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئامېرىكا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىگەن تۇنجى ئاتوم بومبا يېڭى مېكسىكا شتاتىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك پارتلىتىلدى. بىر تال چاقماق 400 كۋادىرات كىلومېتر دائىرىدىكى ئاسمان بوشلۇقىنى يېرىپ ئۆتۈش بىلەن تەڭلا، غايەت زور ئوت شارچىسى 8000 مېتىر ئېگىزلىككە شۇڭغۇپ چىقىپ، بىپايان كەڭ زېمىننى زىلزىلىگە كەلتۈردى. پارتلاش ساداسىنى ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن غەربىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاڭلىدى، نۇرغۇن كىشىلەر، قۇياش مۇددەتتىن بۇرۇن كۆتۈرۈلگەن بولسا كېرەك، دەپ ھەيران بولۇشتى. ئامېرىكا بىرىنچى تۈركۈمدە ئاران ئۈچ ئاتوم بومبىسى ياسىغانىدى، تۇنجى قېتىم سىناق تەرىقىسىدە پارتلىتىلغان ئاتوم بولمبسىغا «ئاۋاق» دېگەن نام بېرىلدى. ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئاتوم بومبىلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا «سېمىز» ۋە «ئوغۇل بالا» دەپ ئاتالدى. بۇ چاغدا پوتىسدام يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ترومېن ئاتوم بومبىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەلتىك پارتلىتىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدى. ترومېن ۋە ئامېرىكا ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاتوم بومبىسى ياپونيىگە تاقابىل تۇرىدىغان بىر خىل ھەربىي قورال بولۇپلا قالماستىن، بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقنىمۇ تىزەىنلەپ تۇرىدىغان بىر خىل دىپلوماتىيە قورالى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، 2 - سېنتەبر كۈنى ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىۋېتىپ، ياپونىيىگە دەرھال ئاتوم بومبىسى تالاشنى قارار قىلدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ