UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭماركو پولو

ماركو پولو

بەش مىڭ يىل 1298 - يىلى ياز ئايلىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئىدى، ئوتتۇرا يەر دېڭىزنىڭ ئادرىياتىك دېڭىزدا بولغان بىر قېتىملىق دېڭىز ئۇرۇشىدا گېنۇيە كېمىسىنى تۇتۇۋالدى - دە، ئىسكادىرا باش قوماندانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋېنېتسىيىلىك 20 نەچچە ئالى دەرىجىلىك ئەسىرنىڭ ئىسىملىكىنى دەرھال گېنۇيە باش ۋالىسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. باش ۋالى، ئىسىملىككە كۆز يۈگۈرتۈۋېتىپ، بىر ئىسىم ئۈستىدە تۇرۇپ قالدى. - ماركو پولو؟ ئىلگىرى جۇڭگوغا بارغان ساياھەتچى ماركو پولو شۇمۇ يە؟ - ھەئە، شۇ ئالىلىرى، - جاۋاب بەردى مۇلازىم، - ئۇ ۋېنېتسىيە ئىسكادىراسى >شەرق< پاراخودىنىڭ باشلىقى بولغان. - ماركو پولو ھازىرقى ئىتالىيىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ساياھەتچىسى، ئۇنى ئوبدان كۈتۈۋېلىڭلار، ھەرگىز خارلىماڭلار، ھاقارەت قىلماڭلار! ماركو پولونىڭ ئاتىسى نىكولاي پولو سودىگەر بولۇپ، ماركو پولونى شەرققە بىللە ئېلىپ بېرىپ جۇڭگودا 17 يىل تۇرغان ئىدى. بۇ قېتىم ئۇ ئوغلىنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، كۆپ پۇل كەتمىسىمۇ پۇل تۆلەپ ئوغلىنى قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن، دەرھال كېنۇيىگە يېتىپ كەلدى. ئەمما گېنۇيە دائىرىلىرى 20 يىل قامايمىز، دەپ تۇرۇۋالدى. نىكولاي ئامالسىز ۋېنېتسىيىگە قايتىشقا مەجبۇر بولدى. كۆپ ئۆتمەي ماركونىڭ تۈرمىدىن يازغان خېتى كەلدى. خەتتە ناھايىتى ئوبدان كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى، ھەر كۈنى ئۇنىڭ شەرقتە كۆرگەن - بىلگەنلىرىنى ئاڭلاشقا كىشىلەر كىرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇ خېتىدە يەنە روستىيان ئىسىملىك ئاتاقلىق بىر يازغۇچى بىلەن بىر كامىردا تۇرىدىغانلىقىنى، بۇ يازغۇچىنىڭ ياردىمى بىلەن >ماركو پولونىڭ ساياھەت خاتىرىسى< دېگەن كىتابنى يېزىپ كېيىنكى ئەۋلاتلارغا قالدۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنىمۇ ئېيتقان ئىدى. نىكولاي خەتنى كۆرگەندىن كېيىن، ماركونىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ماركونىڭ ساياھەت داۋامىدىكى خاتىرە دەپتىرىنى ئىنىسى مافىيدىن گېنۇيە تۈرمىسىگە ئەۋەتىپ بەردى. تۈرمىدە، ماركو شەرقتە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بەردى... ماركو ئالتە ياشقا كىرگەندە، دادىسى نىكولاي بىلەن تاغىسى مافېي شەرققە سودىگەرچىلىككە بارغاندا موڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ خاقانى قۇبلەينى تاۋاپ قىلغان. ئۇلار ۋەتىنىگە قايتىدىغان چاغدا، قۇبلەي، رىما پاپىسىغا بىر پارچە مەكتۇپ ئەۋەتكەن ۋە پاپىدىن ھۇشيار ئادەمدىن بىرنى جۇڭگوغا ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان. نىكولايلار ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندە، يېڭى پاپا تېخى سايلانمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆيىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالغان ۋە چوڭ بولۇپ قالغان ماركوغا ھەر كۈنى شەرققە قىلغان سەپىرى جەريانىدا كۆرگەن - بىلگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، ماركودا قىزغىن ئىشتىياق قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن ماركو، دادىسى بىلەن تاغىسىدىن جۇڭگوغا ئالغاچ بېرىشنى قايتا - قايتا ئۆتۈنگەن. 1271 - يىلى، ماركو 17 ياشقا كىرىپ قالغان ئىدى. نىكولاي بىلەن مافېي ئۇنى جۇگڭوغا ئالغاچ كېلىپ، قۇبلەي تاپشۇرغان ۋەزىپىگە جاۋاب بەرمەكچى بولۇپ، يېڭى پاپىنىڭ سوۋغا - سالاملىرىنى ئېلىپ ، ئون نەچچە سەپەردىشى بىلەن بىللە شەرققە يولغا چىقتى. ماركولار ۋېنېتسىيىدىن يولغا چىقىپ، ئاۋۋال جەنۇپتىكى ئوتتۇرا يەر دېڭىزىغا كەلدى؛ ئاندىن قارا دېڭىزنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، قەدىمكى مەدەنىيەت بۆشۈكى بولغان ئىككى دەريا ۋادىسى ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرقتىكى قەدىمكى شەھەر باغدادقا يېتىپ كەلدى.باغداتتىن پارىس قولتۇقىدىكى پورت خورموزغا كېلىش ئۈچۈن، ئات بىلەن ئىككى ئايچە يول يۈرسە يېتىپ كېلەتتى، كېمە بىلەن ئۇدۇللا جۇڭگوغا كېلەتتى. بۇ دەل باھار تۈگەپ ياز باشلانغان پەسىل بولۇپ، يول بويى بۈك - باراقسان گۈل - گىياھلارنى تاماشا قىلغاچ، ئات بىلەن يۈرۈپ، يول بويى مەززىلىك قىرغاۋۇل، پاختەك ۋە ئورمان كەكلىكى قاتارلىقلارنى ئوۋلاپ تۇتۇپ يەپ ماڭدى. بىر كۈنى، ئۇلار بىر بازارغا يېتىپ كەلدى. بازاردا بىر كىشى چوڭ قۇيرۇقلۇق قوي سېتىۋاتاتتى. بۇ قوينى كۆرۈپ ماركو قىزىقىپ قالدى - دە، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، قوينىڭ قۇيرۇقىنى سەڭسەپ باقتى. قوينىڭ قۇيرۇقى ئون نەچچە كىلوگىرامغىچە بولۇپ، يەرگە تېگىپ تۇراتتى. بۇنىڭغا مەخسۇس ئىككى چاقلىق غالتەك ياساپ، قۇيرۇقىنى غالتەككە ئېلىپ قويۇپ، غالتەكنى قوينىڭ ئۆزىگە سۆرەتكۈزۈشكە توغرا كېلەتتى. ماركو، قويدىن بىرنى ئېلىپ بەر دەپ تۇرۇۋالغانلىقتىن، نىكولاي ئۇنى سېتىپ ئېلىپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ ئۇلار ئۈچۈن >بالا - قازا< بولۇپ، كەينىگە پايلاقچى چۈشىدىغانلىقى ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن ئىدى. كەچتە ئۇلار دەرەخ تۈۋىدە قونۇشتى ۋە دەرەخنىڭ كەينىدە بىر ئادەمنىڭ غىل - پال كۆرۈنۈپ قويۇپلا، ئېتىغا مىنىپ قېچىپ كەتكەنلىكىنى سېزىپ قېلىشتى. ئەتىسى سەھەردە يولغا چىقىپ بىردەمدىن كېيىن، توساتتىن ئۇپۇقنى قارا بۇلۇتلار قاپلىدى. بىر قانچە تامچە يامغۇر تامچىلىغاندىن كېيىن، ھاۋا بىردىن قاراڭغۇلىشىپ، ئەتراپنى تۇمان قاپلاپ كەتتى. نىكولاي ئىش كۆرگەن ئادەم بولغاچقا، ئەھۋالنىڭ چاتاق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، شۇڭا ئۇ ھەمراھلىرىغا دەرھال بىر يەرگە توپلىنىپ، كەلگەن يولى بىلەن قايتىشنى جېكىلىدى. ئەمما سەل ماڭغاندىن كېيىن، ھېچ تەرەپنى پەرق ئەتكىلى بولماي، جاي - جايىدا توختاشقا مەجبۇر بولدى، شۇ ئەسنادا ئەتراپتىن ناھايىتى تېز ماڭغان ئاتنىڭ ئاياق تىۋىشى ئاڭلاندى. ئۇلارنى بىر توپ قاراقچىلار ئورىۋالغان ئىدى. قاراقچىلار ئۇلارنى بىر جايغا يالاپ ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ھەممىسىنى ئايرىم - ئايرىم قاماپ قويۇشتى. تۈن نىسپى بولغاندا، تۇمان بارا - بارا تارقىلىشقا باشلىدى، ماركو بۇرۇلۇپ دادىسىنىڭ كەينىگە كەلدى ۋە بىر - بىرىگە كەينىنى قىلىپ تۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ قولىدىكى ئارغامچىنى يېشىپ، بىردىن ئاتقا مىنگەن پېتى ئۇچقاندەك چېپىپ قېچىشتى. ئەتىسى چۈش ۋاقتى بىلەن بىر بازارغا يېتىپ كېلىشتى، ئاتلىق ئەسكەرلەر ئۇلارنىڭ تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ قاماپ قويۇلغان جايغا يېتىپ كەلگەندە، قاراقچىلار كېتىپ قالغان ئىدى، ماركونىڭ تاغىسىدىن باشقىلارنىڭ ئىز - دېرىكى يوق ئىدى. ماركو، ماركونىڭ دادىسى ۋە تاغىسى ئۈچەيلەن جەنۇپقا قاراپ يەنە ئىككى كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن، پارس قولتۇقىدىكى پورت خورمۇزغا يېتىپ كەلدى. خورمۇزدا ئىككى ئاي تۇرۇشقان بولسىمۇ، جۇڭگوغا بارىدىغان بىرەر كېمە تاپالمىدى - دە، يەنە قۇرۇقلۇق بىلەن يۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. خورموزدىن چىقىپ شەرققە قاراپ ماڭغاندا، ئىراندىكى بىر چوڭ قۇملۇقتىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. بۇ چوڭ قۇملۇقتا ئاندا - ساندا بۇلاق بار ئىدى. ماركولار بۇ يەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋالىنى بىلمىگەنلىكتىن، سۇنى كۆپ ئېلىۋالمىغان ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئېلىۋالغان سۈيى تۈگەپ ئۇسساپ قۇرۇپ كېتىشتى، تۇزلۇق كۆللەردىكى سۇ ياپ - يېشىل بولۇپ، ئاتمۇ ئىچكىلى ئۇنىمايتتى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ماركونىڭ ئىچ ئۆتكۈر كېسىلى تېخى يېقىندا ساقايغاچقا، بەدىنىدە سۇسىزلىق ئېغىر بولغانلىقتىن، تۇزلۇق كۆلدىكى يېشىل سۇنى ئىچىپ، قىزىتمىسى ئۆرلەپ، ئىچ ئۆتكۈ كېسىلى تېخىمۇ ئۆرلەپ كەتتى، مۇشۇنداق مۈشكۈللۈكتە نىكولايغا ئەقىل كىردى - دە، بىر تۇلۇمغا قۇم قاچىلاپ، تۇلۇمنىڭ ئاستىدىن بىر نەچچە تۆشۈك ئېچىش ئارقىلىق ئاددىغىنا سۈزگۈچ قىلىپ، ماركوغا بىر ئاز بولسىمۇ سۈزگۈچتە سۈزۈلدۈرگەن ئات سۈيدۈكى ئىچكۈزدى. شۇنداق قىلىپ ئون نەچچە كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن قۇملۇقتىن چىقىپ ئافغانىستان زېمىنىغا كىرىپ، پامىر ئىگىزلىكىگە قاراپ يول ئالدى. پامىر ئېگىزلىكى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ غەربى، ئافغانىستاننىڭ شەرقىدە ئىدى. بۇ يەر دېڭىز يۈزىدىن 5000 مېتىردىن كۆپرەك ئېگىز بولۇپ، >دۇنيانىڭ ئۆگزىسى< دەپ ئاتىلاتتى. بۇ دەل قىش بىلەن باھار ئالمىشىدىغان چاغ بولۇپ، ھاۋا ئىنتايىن سوغاق، ھەممىلا جاي ئاپپاق قار بىلەن قاپلانغان ئىدى، ئادەم ئىنتايىن شالاڭ ئىدى. ماركولار قار ئۈستىگە چىقىپ قالغان ئارقارلارنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە قاراپ ئىلگىرىلىدى، بۇ مۈڭگۈزلەرنى ئوۋچىلار ئارقارلارنىڭ گۆشىنى يەپ بولۇپ تاشلاپ كەتكەن ئىدى. بۇ يەر ناھايىتى ئېگىز، ھاۋاسى شالاڭ بولغانلىقتىن، يول يۈرگەندە نەپەس بوغۇلاتتى، پۇت - قول ماغدۇرسىزلىناتتى. ئېگىزلىكلەردە ئوت قالىماق قىيىن، قالىغان تەقدىردىمۇ، ئوت يالقۇنى ناھايىتى كىچىك بولاتتى؛ قازاندا سۇ قاينىغاندەك بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاران ئىللىيتتى، گۆش ھەر قانچە ئۇزۇن قاينىغان بىلەنمۇ پىشمايتتى. ئۇلار بۇ >ئۆگزە< دە مىڭبىر جاپا بىلەن 15 كۈننى ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرى شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى قەشقەرگە يېتىپ كەلدى. قەشقەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن بىر نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتا، قاش تېشى كۆپ چىقىدىغان خوتەن دەيدىغان بىر بازار بولۇپ، ماركو بۇ يەردە بىر تاغ باغرىدىن بىر نەچچە پارچە قاش تېشى تېرىۋېلىپ، يادنامە قىلدى. ئۇلار يول ئاۋۇتۇش ئۈچۈن خوتەن بازىرىدىن ئىككى تۆگە سېتىۋېلىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتمەكچى بولۇپ يولغا چىقتى. بىر كۈنى كەچتە، ئۇلار بىر يىلقىچىنىڭ كىگىز ئۆيىدە دەم ئالدى. بۇ چاغدا ماركو خالتىدىكى قاش تېشىنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدى - دە، ئېتىغا مىنىپ ئىزلەپ چىقىپ كەتتى. بىردەم ئىزلىگەندىن كېيىن، قاراڭغۇ چۈشۈپ، ھېچ تەرەپنى ئاڭقىرالماي ئېزىپ قالدى. ماركو يۇلتۇزلار ئارقىلىق يۆنۈلۈشنى پەرق ئېتىۋېلىشنى ئويلاپ، شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىنى ئەمدى تېپىپ تۇرۇشىغا، يۇلتۇز توساتتىن قارا بۇلۇت ئىچىگە كىرىپ كېتىپ، جاھاننى يەنە قاراڭغۇلۇق قاپلىدى. ماركو قۇملۇقتا تۈنەشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتى، سەۋەب بۇ يەرنىڭ تېمپېراتۇرىسى سوغاق بولۇش بىلەنلا قالماي، بەلكى ئۇ ئويلانغانسېرى خاۋاتىرلىنىپ، نىشاننى تېخىمۇ ئۇقالمىدى. ماركو ئۇزۇنغىچە قايتىپ كەلمىگەندىن كېيىن، نىكولاي تىت - تىت بولۇپ، بىر ئاتقا مىندى - دە، قاراڭغۇلۇق قوينىدىكى قۇملۇققا قاراپ ماڭدى. ئۇ ماڭار ۋاقتىدا، يىلقىچى تايچىقىنى ئىمىتىدىغان بىر بايتالنى يېتىلەپ كېلىپ، چۇلۋۇرنى نىكولاي مىنگەن ئاتنىڭ دىۋىنگۈچىگە باغلاپ بەردى، نىكولاي قۇملۇققا بېرىپ >ماركو...< دەپ بىر ھازا توۋلاپ يۈرۈپ، مىڭبىر تەسلىكتە ماركونى تاپتى، بىراق بۇ نۆۋەت ئۇ ئۆزى ئېزىپ قالدى. ئۇ ئەس - ھۇشىنى يىغىپ چىرايىدا بىردىن تەبەسسۇم جىلۋە قىلدى؛ دىۋىنگۇچكە باغلاپ قويۇلغان بايتالنى يېشىۋەتتى. تېپىرلاپ تۇرالماي قالغان ئات، چۇلۋۇرى يېشىۋېتىلىشى بىلەن تەڭلا ئاق ئۆيگە قاراپ چاپتى. ئەسلىدە بايتال تايچىقىنى ئىمىتىشكە ئالدىرايتتى. ئۇلار قۇملۇقتا بىر يېرىم ئاي يۈرگەندىن كېيىن، قەدىمكى شەھەر دۇنخۇاڭغا يېتىپ كەلدى. يەنە بىر قانچە كۈندىن كېيىن قاش تېشى قاپتىلىدىن ئۆتۈپ، سەددىچىن ئەتراپىغا يېتىپ كېلىپ، خېشى كارىدورى ئارقىلىق ئاخىرى يۇقىرى ئوردا )يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئىككى پايتەختىنىڭ بىرى، ھازىر ئىچىكى مۇڭغۇلىيىنىڭ دولۇن ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا توغرا كېلىدۇ( غا يېتىپ كەلدى. بۇ 1275 - يىلى ياز پەسلى ئىدى. ماركولار ساق تۆت يىلنى سەپەر بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىدى. نىكولاي ۋە مافىيلار قۇبلەيخاننى تاۋاپ قىلىپ، پاپىنىڭ سوۋغا - سالاملىرىنى تاپشۇردى ۋە ئۇنىڭغا ماركونى تونۇشتۇردى. خاقان، ياش، ئەقلى - ھۇشى جايىدا بولغان ماركونى كۆرۈپ ناھايىتى شاتلاندى. ئۇلارنى ئۇدا بىر قانچە كۈنگىچە ئوردىغا چاقىرتىلىپ كېلىپ، سەپەر ئۈستىدە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلىتىپ ئاڭلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا قۇبلەيخان ئۆز ئادەملىرىنى ئېلىپ ئۇلۇغ ئوردا)يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئىككى پايتەختىنىڭ بىرى ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرى( گە قارايتتى، ماركولارمۇ بىللە يولغا چىقتى. ماركولار، قۇبلەيخاننىڭ قەدىرلىشى بىلەن يۈەن سۇلالىسىدە خىزمەت قىلىپ قېپقالدى. ماركو ناھايىتى تېزلا خەنزۇ تىلى بىلەن مۇڭغۇل تىللىرىنى ئۆگىنىۋالدى ۋە بۇ يەردە ئىشقا كىرىشكەندىن تاشقىرى، ھەمىشە خاننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ھەر قايسى ئۆلكىلەرنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە چەتئەللەرگە ئەلچى بولۇپ چىقتى. ئۇ سەنشى، شەنشى، سىچۇەن، يۈننەن، سەندۇڭ، جېجياڭ، فۇجىيەن قاتارلىق جايلارنى كېزىپ چىقتى، بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە جەنۇبىي ئوكيان، ۋېيتنام، سۇماترا قاتارلىق جايلارغىمۇ ئەلچى بولۇپ باردى. نەگىلا بارسا، شۇ جاينىڭ يەر - سۇ ۋە ئادەملەرنىڭ مىجەز - خۇلقى، ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، قايتىپ كەلگەندە قۇبلەيخانغا دوكلات قىلاتتى، شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆز ۋەتىنىدىن ئۇزۇن زامان ئايرىلىپ، جۇڭگودا ساق 17 يىل تۇردى. ئەمما ئۇلار بەرىبىر ۋېنېتسىيىلىك بولغاچقا، ھامان ئۆز ۋەتىنىگە قايتىشنى ئويلايتتى، بۇ پۇرسەتمۇ ئاخىرى يېتىپ كەلدى: پارس ئىلخانىيە خانلىقى قۇدىلىشىشنى تەلەپ قىلىپ ئەلچى ئەۋەتتى. قۇبلەي، بىر مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكنىڭ قىزىنى مەلىكە قىلىپ تاللىدى ۋە دېڭىز يولى بىلەن ئىلخانىيىگە ئاپىرىپ بېرىشنى بەلگىلىدى. يېقىندا جەنۇبىي ئوكيانغا ئەلچى بولۇپ بېرىپ كەلگەن ماركو يولنى پىششىق بىلگەچكە، قۇبلەي، قىزنى ماركولارنىڭ ئىلخانىيىگە ئاپىرىپ قويۇپ يېقىن يول بىلەن ۋېنېتسىيىگە قايتىشنى بەلگىلىدى. 1292 - يىلى ماركولار 600 نەچچە كىشى بىلەن مەلىكىنى قوغداپ ئىلخانىيىگە ئاتلاندى. ئۇلار تۆت ماچتىلىق 13 يەلكەنلىك كېمە بىلەن ۋېنخۇ دېگەن يەردىن يولغا چىقتى. ئۇلار دېڭىزدا ئۈچ ئاي يول يۈرگەندىن كېيىن، ياۋاغا يېتىپ كەلدى. سۇماترادا كېمىلەرنى رېمونت قىلىش بىلەن بەش ئاي ئاۋارە بولدى. مالاككا بوغۇزىغا كەلگەندە قاتتىق بوران چىقىپ، كېمىلەرنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك نابۇت قىلدى. بىر كۈنى ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدىكى ئەرەب دېڭىزىدا كىچىككىنە بىر كېمىنىڭ ئۆزلىرىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. كېمە يېقىنلاشقاندا ئۇنىڭدىن قاپ - قارا ئىس كۆتىرىلدى. >دېڭىز بۇلاڭچىلىرى! - دەپ ۋارقىرىدى كېمە باشلىقى، - بۇ ئىس ھەراھلىرىغا بېرىلگەن سېگىنال!< دېگەندەك بىردەمدىلا 50 - 40 دانە كېمە ئۇلارنى قورشىۋالدى. كېمىلەرنىڭ بەزىسى يەلكەننى چىقىرىپ قېچىپ كېتىشنى تەشەببۇس قىلسا، بەزىلىرى قورال ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىشنى تەشەببۇس قىلدى، كېمە باشلىقى بېشىنى چايقىدى: - ياق، بولمايدۇ! بىزنىڭ كېمىمىز چوڭ. ئۇلارنىڭ كېمىسى كىچىك. تېز ماڭىدۇ. يېتىشىۋالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ كېمىسى شۇنچە كۆپ قارشىلىق كۆرسەتكەن بىلەنمۇ ئەپلەشمەيدۇ. ئەمما بۇ قاراقچىلار نەرسە - كېرەكتىن باشقىنى بۇلىمايدۇ. شۇڭا بىز بىر ئامال قىلىپ، ئەڭ قىممەتلىك ئۈنچە - مەرۋايىتلارنى تىقىپ قويساقلا بولىدۇ. ئەقىللىق ماركو شۇنداق دېگىنىچە بىر دانە ھاراق كوزىسىنى تېپىپ كەلدى ۋە گۆھەر - مەرۋايىتلارنى كوزىغا سېلىپ، كوزىنىڭ ئاغزىنى چاپان بىلەن ئوراپ يىپ بىلەن باغلىغاندىن كېيىن، ئاغامچىنىڭ بىر ئۇچىغا باغلاپ سۇغا چۆكتۈرۈپ، ئارغامچىنىڭ يەنە بىر ئۇچىنى كېمىنىڭ رولىغا باغلاپ قويدى. بۇلاڭچىلار كېمىگە چىقىپ نۇرغۇن نەرسە - كېرەكلەرنى بۇلاپ - تالىغان بولسىمۇ، ئەمما كېمىگە سۆرىتىپ قويۇلغان كوزىنى زادىلا تاپالمىدى. قاراقچىلار كەتكەندىن كېيىن، ماركو سۇدىكى كوزىنى تارتىۋالدى. گۆھەر - مەرۋايىتلارغا قىلچە زەربە يەتمىدى. ئىككى يىل ئىككى ئايدىن كېيىن، ماركولار ئىلخانىيىگە يېتىپ كېلىپ، قۇبلەيخان تاپشۇرغان مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئورۇنلىدى. ئارىدىن يەنە بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندە، ئۇلار ۋېنېتسىيىگە قايتتى. بۇ 1295 - يىلنىڭ ئاخىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋېنېتسىيىدىن ئايرىلغىنىغا 24 يىل بولغان ئىدى. ماركولارنىڭ جۇڭگودىن قايتىپ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر تېزلا ۋېنېتسىيە جۇمھۇرىيىتىگە تارقالدى. ماركولار نۇرغۇن ئالتۇن - كۈمۈش ۋە ئېسىل نەرسىلەرنى ئېلىپ قايتقانلىقى ئۈچۈن، بىردىنلا ۋېنېتسىيە بويىچە زەربىدار ئائىلىلەردىن بولۇپ قالدى... 1298 - يىلى ۋېنېتسىيە بىلەن گېنۇيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتىلىدى. ۋېنېتسىينىنىڭ قانۇنى بويىچە، ھەربىي كېمىلەرنى بايلار پۇل چىقىرىپ ياسايتتى. ماركو >شەرق< ناملىق جەڭ كېمىسىنى ياسىدى ۋە ئۆزى بىۋاستە كېمە باشلىقى بولدى، ئەمما يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان دېڭىز ئۇرۇشىدا ئەسىرگە چۈشۈپ قالدى. بەختكە يارىشا گېنۇيەمۇ ئۇنى 20 يىل قامىماستىن، تۆت يىلدىن كېيىنلا قويۇۋەتتى. ماركو ۋېنېتسىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ شەرقتە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرى - >ماركو پولونىڭ ساياھەت خاتىرىسى< نى رەتلەشكە كىرىشتى. ئۇ چاغدا جۇڭگونىڭ مەتبۇئاتچىلىق تېخنىكىسى تېخى ياۋرۇپاغا تارقالمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەممىلا يەردە كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىنى كۆچۈرۈپ ئوقۇشقا باشلاپ، ئون نەچچە خىل قوليازما نۇسخىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. 15 - ئەسىرگە كەلگەندىلا، بۇ ئەسەر رەسمىي كىتاپ بولۇپ بېسىلدى. ياۋرۇپادىكى بەزى جۇغراپىيىچىلەر ئەنە شۇ >ماركو پولونىڭ ساياھەت خاتىرىسى< دەپ بايان قىلىنغان جۇغراپىيە بىلىملىرىگە ئاساسەن، دەسلەپكى >دۇنيا خەرىتىسى<نى سىزىپ چىقتى؛ ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىدە بەرگەن خەۋەرلەر، كېيىنكى كۈنلەردە يېڭى يولنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن خېلىلا تەسىر كۆرسەتكەن.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ