چارلىز جادۇ ئاستىغا ئېلىپ كېلىندى
بەش مىڭ يىل
«تاتى _ تاتى _» قىلغان مىزگان ساداسى ئەنگلىيىنىڭ شىمالىدىكى نوتتىنگېم شەھىرىنىڭ قورغىنىدا ئەكس سادا پەيدا قىلدى، قورغان ئالدىدىكى تاغ قاپتىلى ئىگىز _ پەس بولۇپ، بىر نەچچە يۈز قوراللىق مۇھاپىزەتچىلەر قارىماقتا ئىگىز _پەس تىزىلغاندەك كۆرۈنەتتى.
_ بايراق چىقىرىلسۇن! _ دېدى پادىشاھ چارلىزⅠ كۆكرىكىنى كەرگەن ھالدا كۆرەڭلىك بىلەن بۇيرۇق بېرىپ.
ئەنگىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ ھەربى بايرىغى قورغان ئۈستىدىكى بوشلۇققا ئاستا _ ئاستا كۆتىرىلدى.
_ ھازىر مەن، پادىشاھ بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇيرۇق بېرىمەنكى، پارلامېنتقا قارشى ئۇرۇش ئېچىلسۇن!
_ پارلامېنتقا قارشى _ ئۇرۇش _ ئاچايلى! _ دەپ تەڭ توۋلاشتى مۇھاپىزەتچىلەر پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئاۋاز قوشۇپ. بىراق ئادەمنىڭ ئازلىقىدىن بۇ ئاۋاز كەڭ تاغ باغرىدا دەرھال جىمىپ قالدى.
شۇ دەقىقىدە، ئەسكىرىي كۈچىنىڭ شۇنچە ئازلىقىغا كۆزى يەتكەن بىر ۋەزىر:
_ ئالىلىرى، پەخەس بولغايلا، گۈزەل كېچىلەرنىڭ بىرىدە، كىمدۇر سىلىنى قۇرۇق قول بىلەن تۇتۇپ كېتىشى مۇمكىن، _ دېدى پادىشاھنىڭ قۇرۇق قول بىلەن تۇتۇپ كېتىشى مۇمكىن، _ دېدى پادىشاھنىڭ بېشىنى ئاستا تارتىپ ۋە پىچىرلىغان ھالدا پادىشاھنى ئاگاھلاندۇرۇپ.
_ بىز چوقۇم غەلىبە قىلىمىز، _ دېدى چارلىزⅠ پەرۋاسىزلىق بىلەن كۆرەڭلىگەن ھالدا ۋاقىراپ، _ ئەتە. تاكى لوندۇننى ئالغانغا قەدەر جەنۇپقا يۈرۈش قىلىنسۇن!
شۇ كۈنى مىلادى 1642 - يىل 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئىدى.
شۇ كۈنلەردە پارلامېنتنىڭ قوراللىق كۈچلىرى ئىنتايىن قۇدرەتلىك بولۇپ، ياخشى تەربىيە ئالغان لوندون خەلق ئەسكەرلىرىلا 1800 دىن ئاشاتتى. پادىشاھ چارلىزⅠ نىڭ ئاران بىر نەچچە يۈزلا مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ، كۈچى خېلى خوپ ئاجىز ئىدى. چارلىزⅠ پارلامېنتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىناقسىزلىقنى بايقىغانلىقى ئۈچۈنلا ئىچكى ئۇرۇش پارتلاش بىلەنلا پادىشاھ قوشۇنلىرى بارغانسېرى پادىشاھ قوشۇنلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئىككى ئاي ئۆتە _ ئۆتمەيلا پارلامېنت قوشۇنلىرىدىن ئېشىپ كەتتى. پارلامېنت قوشۇنلىرى كەينى _ كەينىدىن مەغلۇپ بولدى. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، پادىشاھ قوشۇنلىرىنىڭ ئاۋانگارتلىرى لوندوندىن يەتتە مىللا يىراق يەرگە يېتىپ كەلدى، پارلامېنت قوشۇنلىرى ئىنتايىن مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.
1644 - يىل 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى كەچقۇرۇن سائەت يەتتىلەردە، پادىشاھ قوشۇنى بىلەن پارلامېنت قوشۇنى ئەنگلىيىنىڭ شىمالىدىكى مارستون يايلىقىدا قانلىق ئۇرۇش قىلدى.
گۈلدۈر! گۈلدۈر!
پارلامېنت قوشۇنلىرىنىڭ زەمبىرەك ئوقلىرى گويا كۆزى باردەك، پادىشاھ قوشۇنلىرىنىڭ سېپىدە ئۇچۇپ يۈرۈپ ئىچىدە قالدى. ئۇ لار گاڭگىراپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغان بىر چاغدا:
_ غازاتچىلار يېتىپ كەلدى! غازاتچىلار يېتىپ كەلدى! _ دېگەن ئۇررا سادالىرى ئىچىدە بىر توپ ئاتلىقلار ئۇشتۇمتۇت باستۇرۇپ كەلدى.
بۇ ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى بەستلىك ئارغىماقلارغا مىنگەن، قوللىرىغا پارقىراپ تۇرغان قىلىچلارنى ئالغان بولوپ، پادىشاھ ئارمىيىسىنىڭ سەپلىرىگە باستۇرۇپ ئالغان بولۇپ، پادىشاھ ئارمىيىسىنىڭ سەپلىرىگە باستۇرۇپ كەلگەن ئىدى. پادىشاھ ئەسكەرلىرى قورققىنىدىن ئارقىغا بۇرۇلۇپ قاچقان بولسىمۇ، ئەمما ھايال ئۆتمەيلا، ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ قاتمۇ _ قات مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ قالدى. ئۇلار تەرەپ _ تەرەپكە ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ھالاكەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. بىر كېچىدىلا پادىشاھ ئارمىيىسىدىن 4000 دىن ئارتۇق كىشى قىرىپ تاشلاندى. 1500 كىشى ئەسىرگە چۈشتى، نۇرغۇن زەمبىرەك ۋە باشقا ھەر خىل قوراللار پارلامېنت ئارمىيىسىنىڭ قولىغا چۈشتى.
بۇ قەھرىمان، جەڭگە ماھىر پارلامېنت ئارمىيىسىنى ئولىۋېر كروۋېل تەشكىل قىلغان ۋە ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلغان ئىدى.
كرومۋېل 1599 _ يىلى ھىنتىڭتون شىتاتىدىكى يېزلىق بىر پوپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ بوۋىسى پروتىستانت بولۇپ، دىن ئىسلاھاتىدا كاتۇلىك دىنىي جەمىئىيىتىنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ باي بولغان ئىدى. 1616 _ يىلى باھاردا، كروۋېل مەشھۇر كېمبرىج داشۆسىگە كىرىپ ئوقۇدى، كېيىن لوندونغا بېرىپ قانۇن ئۆگەندى. 1628 - يىلى پارلامېنتقا سايلاندى، ئۇ «ئۇزاق مۇددەتلىك پارلامېنت» تىكى پادىشاھنىڭ زوراۋان ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرغۇچى ئاكتىپلاردىن ئىدى. پادىشاھ قاراپ تۇرۇپ ئىچكى ئۇرۇش قوزغىغاندا، ئۇ قوشۇن تەشكىلى قىلدى. كرومۋېل ئىككى يىلدىن بۇيان ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش قىلىش تاكتىكىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تەپسىلى كۈزىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ يېڭىش _ يېڭىلىشىدىكى سەۋەپلەرنى تەتقىق قىلىپ، قەھرىمان، ئۇرۇش قىلىشقا ماھىر ئاتلىق ئەسكەر قۇرۇش جەڭدە غەلىبە قىلىشنىڭ تۈگۈنى، دېگەن تونۇشقا كەلگەن ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتا، 17 _ئەسىردىكى ياۋروپادا پىيادە ئەسكەرلەر بىر خىل قىسقا نۇرلۇق مىلتىق ئىشلىتىش ئىنتايىن ئەپسىز بولۇپ، ئوقنى مىلتىقنىڭ ئۇچىدىن سېلىشقا توغرا كېلەتتى ھەمدە پىلتىغا ئوت ياققاندىن كېيىن ئاتقىلى بولاتتى، بوران _ چاپقۇنلاردا قالغاندا ئوت ئالدۇرۇش ناھايىتى تەس بولاتتى، بىر تال ئوقنى ئېتىپ بولغاندىن كېيىن، مىلتىق ئۇچىدىن يېڭىباشتىن بىر تال ئوق سالغاندىلا ئاتقىلى بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئونىڭ تالاپەتكە ئۇچرىتىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ، ساۋۇت كىيىۋالغان ئاتلىق ئەسكەرلەرگە ئاسانلىقچە ئۆتمەيتتى. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ ھەركىتى تېز بولۇپ، دۈشمەن سېپىگە توغرىدىن _ توغرا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇلارنى قىرىپ تاشلىيالايتتى. شۇڭا، ئەينى چاغلاردىكى ئۇرۇشتا ئەڭ مۇھىم ھەركەتچان قىسىم يەنىلا ئاتلىق ئەسكەرلەر ئىدى.
كرومۋېل تېرىقچى دېھقانلار قاتناشقان ئاتلىقلارنى تەشكىل قىلىشنى ئۆزىنىڭ يۇرتىدىن باشلىدى. تېرىقچى دېھقانلار جاپاغا چىداملىق بولۇپ، فېئوداللىق تۈزۈمگە ئىنتايىن ئۆچ ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇتلەق كۆپچىلىكى پروتىستانت دىنىغا ئېتىقات قىلىپ، فېئوداللىق دىنىي جەمئىيەتكە قارشى مەلۇم دېموكىراتىك روھقا ئىگە ئىدى؛ شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئېتى بولۇپ، ئات ئۈستىدىكى مەرگەنلىكىكە ماھىر ئىدى، ئۇلارنى تەربىيىلەش ئوڭاي ئىدى. شۇ سەۋەپتىن كرومۋېلنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرى جەڭگە ئاتلىنىش بىلەنلا، ئاز تۇرۇپمۇ كۆپنى يېڭىپ، ئۇرۇش قىلغانسېرى قەيسەرلىشىپ «تۆمۈر ئاتلىقلار» دېگەن نامنى ئالغان. 1642 _ يىلى كرومۋېل ئاتلىق ئەسكەرنى يېڭى تەشكىل قىلغاندا، ئارانلا 60 ئادەم بار ئىدى، ئۇنىڭ ھەربى ئۇنۋانىمۇ ئارانلا داۋېي ئىدى؛ 1644 _ يىلغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئۆزى تۈمەن كىشىلىك زور قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىدىغان جۇڭجياڭ دەرىجىلىك قوماندان بولۇپ قالدى.
كرومۋېل مارستوندا پادىشاھ ئارمىيىسى ئۈستىدىن كاتتا غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما پادىشاھ ئارمىيىسىنىڭ كۈچى ئاجىزلىمىدى. چارلىزⅠ پارلامېنت ئارمىيىسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئىناقسىزلىقتىن پايدىلىنىپ، بىر قانچە قېتىم ئارقا _ ئارقىدىن غەلىبە قىلدى. پارلامېنت ئارمىيىسى كرومۋېل بىلەن مانچېستىر قاتارلىقلارنىڭ قوشۇنلىرىنى ئەۋەتىپ، ئالدى _ كەينىدىن قىسىپ زەربە بېرىپ، پادىشاھ ئارمىيىسىنى پاك _ پاكىز يوقىتىشنى قارار قىلغان ئىدى.
ئەمما پادىشاھ ئارمىيىسى مۇھاسىرە ئىچىدە قالغاندا، مانچېستىر پىلان بويىچە پادىشاھ ئارمىيىسىنىڭ چېكىنىش يولىنى كېسىپ تارشلىماي، ئەكسىچە چارلىزⅠ نى قاچۇرۇۋەتتى.
_ مانچېستىر جاناپلىرى، سىز نېمە ئۈچۈن پادىشاھنى قويۇۋەتتىڭىز؟ _ دېدى كرومۋېل غەزەپلەنگەن ھالدا .
_ ھەي _ ھەي! _ دەيتتى مانچېستىر بېشىنى چايقاپ، _ دىققەت قىلىڭكى، پادىشاھ ئالىلىرى خۇدانىڭ ئىرادىسى، ئۇ يېڭىلمەستۇر.
_ شۇنداق، پادىشاھنى يېڭىش ناھايىتى مۈشكۈل، بىراق، بىز توختىماي داۋاملىق ھۇجۇمغا ئۆتۈشىمىز كېرەك، _ دېدى كرومۋېل ئۆزىگە ھاي بېرىپ، ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن.
مانچېستىر قول شىلتىپ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى ۋە ئۇرنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
_ گېنىرال كرومۋېل! سىز شۇنداق بىر پاكىتنى چۈشىنىڭكى، بىز پادىشاھنى 99 قېتىم مەغلۇپ قىلىساقمۇ، ئۇ پادىشاھ بولۇپ قېلىۋېرىدۇ؛ پادىشاھ بىزنى بىر قېتىم مەغلۇپ قىلىدىغان بولسا، ھەممىمىز دارغا ئېسىلىمىز، ئەۋلاتلىرىمىز مەڭگۈ قۇل بولۇپ قالىدۇ.
_ خوش، جاناپلىرى، ئۇنداقتا بىز نېمە ئۈچۈن ئەسكەر چىقاردۇق؟ _ دېدى كرومۋېل سوئال قويۇپ، _ پادىشاھ بىلەن زادىلا جەڭ قىلماسلىقىمىز كېرەكمىدى؟ سىز نېمە ئۈچۈن ئەڭ پەسكەش تېچلىق بولسىمۇ، پادىشاھ بىلەن سۈلھلەشمىدىڭىز؟
ئەمەلىيەتتە، شۇ كەملەردە بەزىلەر پادىشاھ بىلەن راستلا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، نەتىجە بەرمىگەن ئىدى. مۇشۇ بەس - مۇنازىرە ئارقىسىدا، كرومۋېل قاتارلىق كىشىلەرنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن، پارلامېنت ئارمىيىسى رەسمىي ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىندى، مانچېستىر قاتارلىق كوماندىرلار ھەربى سەپتىن قايتۇرۇلۇپ، كرومۋېل مائاۋىن باش قوماندان بولدى، ئۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرى كروۋېل ئىلگىرى قوماندانلىق قىلغان «تۆمۈر ئاتلىقلار» ئىدى. كرومۋېل ئۇلارغا قاتتىق ھەربى ئىنتىزام تۈزۈپ بەردى: ئەسكەر خەقنى تىللىسا، 20 پېنىسىي (پېنىسىي ئەنگلىيىنىڭ پۇل بىرلىكى، بىر فوند ستېرلىڭنىڭ يۈزدىن بىرى) جەرىمانە قويۇلدى؛ ھاراق ئىچكەنلەرگە كالتەككە بېسىش جازاسى بېرىلىدىغان بولدى، ئوغرىلىق، پاھىشىۋازلىق مەنئى قىلىندى، بۇ قوشۇننىڭ ھەربى ئىنتىزامى خېلى ياخشى بولغانلىقتىن، ئاھالە ئۆز ئىختىيارى بىلەن قاتناشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كرومۋېل ئائىلە چەك _ چېگىرىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، باتۇر ۋە جەڭ قىلىشقا ماھىر ئاددى پۇقرالارنى زور كۈچ بىلەن رەھبەرلىككە قويدى. ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن ئىككى شاڭشىياۋنىڭ بىرى تۆمۈرچى، يەنە بىرى ھارۋىكەش ئىدى. ئۇ يەنە دىندىن ئەسكەرلەرنىڭ روھىغا ئىلھام بېرىدىغان قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىپ، ئۇرۇش قىلغاندا «غازاتچىلار كەلدى» دەپ توۋلاتقۇزاتتى. بىر مەھەل تەرتىپكە سېلىش ئارقىسىدا، بۇ قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، «نەمۇنىلىك ئارمىيە» دېگەن شەرەپلىك نامغا مۇيەسسەر بولدى.
1645 - يىل 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى سەھەردە، ئەنگىلىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ناسبى يېزىسىنىڭ ئەتراپىنى بۇلۇتلار قاپلىدى، پادىشاھ ئارمىيىسى بىلەن پارلامېنت ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى ھەل قىلغۇچ جەڭ باشلاندى! چارلىزⅠ چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق پارلامېنت ئارمىيىسىنىڭ سېپىنى تىرىپىرەن قىلماقچى بولغان ئىدى. بىراق، ئۇنىڭ زەربىدارلىرى پارلامېنت ئارمىيىسىنىڭ ياردەمچى گېنېرالىنى قوغلاپ كېتىۋاتقاندا، كرومۋېلىنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرى پادىشاھ ئارمىيىسىنىڭ ئوڭ قانىتىنى ۋەيران قىلىپ، توپ _ توغرا پادىشاھ ئارمىيىسىنىڭ ئارقا سېپىگە ھۇجۇم قىلدى. چارلىزⅠ قاتتىق چۆچۈپ، دەرھال مالايچە ياسىنىپ، پارلامېنت ئارمىيىسىنىڭ قاراۋۇللىرىغا ئارىلىشىۋېلىپ، شوتلاندىيىگە قېچىپ كەتتى. پادىشاھ ئارمىيىسى تۈگەل يوقىتىلدى، 5000 دىن كۆپرەك كىشى ئەسىرگە چۈشتى، ھەربى ئەشيالارنىڭ ھەممىسىنى پارلامېنت ئارمىيىسى غەنىمەت ئالدى. ھەممىدى مۇھىمى چارلىزⅠ نىڭ چەتئەل بىلەن خۇسۇسى ئالاقە قىلغان خەت _ چەكلىرى قولغا چۈشۈپ، ئۇنىڭ ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى پاش بولدى. 1647 - يىل 2 - ئايدا، ئەنگلىيە پارلامېنتى 400 مىڭ فوند سېتىرلىڭ ھەق تۆلەپ، چارلىزⅠ نى شوتلاندىيىدىن «سېتىۋېلىپ» كېلىپ تۈرمىگە تاشلىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، چارلىزⅠ تۈرمىدىن قېچىپ چىقىپ، شوتلاندىيىلىكلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، 2 _ قېتىم ئىچكى ئۇرۇش قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما كرومۋېل بىلەن يېڭى ئارمىيىنىڭ زەربىسى ئاستىدا، 2 - قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇشمۇ، پادىشاھ ئارمىيىسىنىڭ ئۈزۈل _ كېسىل مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياقلاشتى. سوت قىلىش ئارقىسىسدا، چارلىزⅠ گە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى.
1649 - يىل 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئەنگىلىيە پادىشاھ ئوردىسى مەيدانىدا ئادەملەر مىغىلداپ كەتتى، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كېلىپ، پادىشاھنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردى.
مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا مەخسۇس جادۇ سۇپىسى ياسالدى، جادۇ سۇپىسىنىڭ يېنىدا بىر رەت ھەيۋەتلىك قەيسەر ئاتلىق ئەسكەرلەر تۇراتتى.
_ كەلدى! كەلدى! _ دېيىشتى كىشىلەر توساتتىن ۋاقىرىشىپ. پادىشاھ ئوردىسىنىڭ يان دەرۋازىسى ئېچىلدى، ئۇ يەردىن بىر مەھبۇسنى يالاپ چىقىشتى. ئۇ، ئۆزىنى دۇنيادا ھېچكىمگە تەڭ قىلمايدىغان ئەنگىلىيە پادىشاھى چارلىزⅠ نىڭ دەل ئۆزى ئىدى.
«چارلىز مۇستەبىت پادىشاھ، خائىن، قانخور ۋە خەلق دۈشمىنى، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن!» _ دەپ ھۆكۈم چىقاردى ئالى سوت خالايىق ئالدىدا.
_ ياخشى بولدى! ياخشى بولدى! _ دېيىشتى خالايىق ۋاقىرىشىپ.
_ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنسۇن! _ دېدى سوت ئەمەلدارى ھەيۋەتلىك ئاۋاز بىلەن.
چارلىزنىڭ جان - پېنى چىقىپ، بۇرۇنقى كۆرەڭلىكلىرى كۆزدىن غايىپ بولغان ئىدى. ئۇ ئاران _ ئاران قەدەم باساتتى، ئەسكەرلەر ئۇنى ئىڭىشتۈرۈپ جادۇ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. جاللات جادۇنى بېسىش بىلەنلا، ئۇزۇن يىللار خان تاجىنى كىيىگەن بىر تال باش دەرھال دومىلاپ چۈشتى.
پادىشاھقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدى، ئەنگلىيە جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلدى، بۇرژۇئا ئىنقىلابى يىپ _ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.