UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭپىۋىخانىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش

پىۋىخانىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش

بەش مىڭ يىل 1923 - يىلى 8 - نويابر ئاخشىمى سائەت توققۇزدىن سەل بۇرۇن، ميۇنخېننىڭ شەرقىي جەنۇبى شەھەر ئەتراپىدىكى بيگبولاۋكىل پىۋىخانىسىدا تەنتەنىلىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. تەخمىنەن 3000چە شەھەر ئاھالىسى قوپال جوزىلارنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ پىۋا ئىچكەچ، باۋارىيە شىتاتىنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى كارل ئاغزى بېسىلماي سۆزلەۋاتقان سىياسىي ئىشلار پروگراممىسىنى ئاڭلاپ ئولتۇراتتى. ناتسىتلار نىڭ بىر توپ ئاتاكىچىلىرى ئۇشتۇمتۇتلا يىغىن ئەتراپىنى قورشىۋالدى ھەمدە ئىشىك ئالدىغا پىلموتنى قۇرۇپ قويدى. ئاتاكىچىلار مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرغان گىتلېر كىشىلەر توپىنى يېرىپ ئۆتۈپ زالغا كىردى -دە، سەكرەپ ئۈستەلگە چىقتى. ئۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن، تاپانچىسىنى سۇغۇرۋېلىپ، تۇرۇسقا قارىتىپ بىر پاي ئوق چىقاردى. نوتۇق سۆزلەۋاتقان كارل سۆزىنى توختاتتى. يىغىن ئەھلى بۇرۇلۇپ قارىغاندا، گىتلېر مۇنبەرگە چىقىپ كېتىۋاتاتتى. بىر ساقچى ئۇنى توسماقچى بولدى. ئەمما گىتلېر ئۇنىڭغا تاپانچىسىنى تەڭلەپ مېڭىۋەردى. كارل چىرايى تامدەك تاتارغان، پۇت - قولى بوشاشقان ھالدا مۇنبەردىن چۈشۈپ كەتتى. _ پۈتۈن مەملىكەتتە ئىنقىلاب باشلاندى! - دېدى گىتلېر كارلنىڭ ئورنىغا چىقىپ ۋارقىراپ، - بۇ يەرنى 600 قوراللىق كىشى مۇھاسىرىگە ئېلىپ تۇرماقتا. ھەرقانداق كىشىنىڭ چىقىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ھەممىڭلار جىم تۇرۇڭلار. بولمىسا پىلموتنى ئىشقا سالىمەن. سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، باۋارىيە شىتاتى ھۆكۈمىتى بىلەن مەملىكەتلىك ھۆكۈمەت ئاغدۇرۇلدى. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلدى. دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى بىلەن ساقچىلارنىڭ گازارمىلىرى ئىشغال قىلىندى. ئەمەلىيەتتە، بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسى يالغان ئىدى. ئەمما پاتپاراقلىق ئىچىدە نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. بۇ گىتلېر ئۇزۇندىن بۇيان پىلانلاپ يۈرگەن قاراملىق ئىدى. ئۇ، مۇشۇنداق قورقۇتۇش ۋە زوراۋانلىق ئارقىلىق ئاۋۋال باۋارىيە شىتاتىدا ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، ئاندىن داۋاملىق بېرلىنغا يۈرۈش قىلىپ، مەركىزى ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ پۈتۈن مەملىكەتتە ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشتىن ئىبارەت قارا نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدى. گىتلېر بىردەم چۇقان سالغاندىن كېيىن، كارل بىلەن باۋارىيىنىڭ يەنە ئىككى نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى سەھنە ئارقىسىدىكى كىچىك ئۆيگە ئەكىردى. _ مېنىڭ رۇخستىمسىز ھېچكىممۇ بۇ ئۆيدىن تىرىك چىقىپ كېتىمەن دەپ ئويلىمىسۇن! - دېدى گىتلېر ئاگاھلاندۇرۇپ، ئاندىن باۋارىيىنىڭ بۇ ئۈچ كاتتىبېشىغا ئۆزى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە ئىنقىلاب قىلىشنى جاكارلاش ھەمدە گىتلېر تەشكىل قىلغان يېڭى ھۆكۈمەتكە قاتنىشىش توغرىسىدا پەند - نەسىھەت قىلىشقا كىرىشتى. ئەمما بۇ ئۈچ كاتتىباش گىتلېر بىلەن ھەمكارلىششقا ئۇنىمىدى. ئۇلار بىر ئېغىز گەپ قىلماي جىم تۇرۇۋالدى. گىتلېر ئاچچىقلىنىشقا باشلىدى: _ تاپانچامدا تۆت تال ئوق بار! سىلەر ھەمكارلىشىشقا كۆتمىسەڭلار، ئۈچ تال ئوقنى سىلەرگە بېرىمەن. بىر تېلى ئۆزۈمگە قالىدۇ! - دېدى ۋە تاپانچىنى ئۆزىنىڭ چېكىسىگە توغرىلاپ، - ئەگەر ئەتە چۈشتىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدىغان بولسام، بۇنداق جاندىن ۋاز كېچىمەن! - دەپ ۋارقىرىدى. بىراق گىتلېر ھەرقانچە قىلغان بىلەنمۇ، بۇ ئۈچەيلەن گەيكە كىرمىدى. گىتلېر ئەلەم ئىچىدە ئەقىل تېپىپ،. چوڭ - چوڭ قەدەم تاشلاپ زالغا چىقتى ۋە مۇنبەر ئالدىغا كېلىپ، غەزەبلەنگەن كىشىلەرگە قاراپ تۇرۇپ، ئارقا ئۆيدىكى ئۈچ كاتتىباشنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە مەملىكەتلىك يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغانلىقىنى، بۇ ھۆكۈمەتكە بولغان سىياسىي يېتەكچىلىك خىزمىتىنى گىتلېرنىڭ ئۆزى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ يەنە كانىيى يىرتىلغىچە ۋارقىراپ: _ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسى بېرلىنگە يۈرۈش قىلىش. ئەتە مەملىكەتلىك يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ! -دېدى. گىتلېرنىڭ يالغانچىلىقى ۋە ئالدامچىلىقى ھەرھالدا ئۈنۈم بەردى. بەزى شەھەر ئاھالىسى باۋارىيىدىكى ئۈچ كاتتىباشنىڭ گىتلېر بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى ئاڭلاپلا تەنتەنە قىلىشتى. دەل شۇ چاغدا، گېرمانىيە ئارمىيىسىدە نام چىقارغان گېنېرال لۇدېندورف گىتلېرنىڭ تەكلىپى بىلەن پىۋىخانىغا يېتىپ كەلدى. بۇ قېرى گېنېرالنىڭ نەسىھەت قىلىشى ئارقىسىدا، ئۈچ كاتتىباش رايىدىن قايتىپ، گىتلېر بىلەن ھەمكارلىشىشقا ماقۇل بولدى. گىتلېر ئىچ - ئىچىدىن خۇشال بولۇپ، كىشىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ مۇنبەر ئالدىغا كەلدى - دە، يېڭى ھۆكۈمەتكە سادىق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم بەردى. زالدىكى كىشىلەر بىرمۇنچىسى خۇشاللىقىدىن سەكرىشىپ جوزا - بەندىڭلارغا چىقىۋالدى. گىتلېر خۇشاللىق ئىچىدە ھىجىيىپ، تاپانچىسىنى ئويناتقان ھالدا دەرھال بېرلىنگە يۈرۈش قىلىشقا چاقىردى. دەل شۇ پەيتتە، كۈتۈلمىگەن بىر ئىش يۈز بەردى. كىمدۇر بىرى گىتلېرغا دوكلات قىلىپ، قوراللىق تەشكىلات بىلەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ ئىش ھەل قىلىنمىسا، بېرلىنگە يۈرۈش قىلىش كېچىكىپ قالاتتى. گىتلېر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا، ماجرانى شەخسەن ئۆزى بېرىپ ھەل قىلىش قارارىغا كەلدى ھەمدە لۇدېندورفقا پىۋىخانىدا قېلىپ بېرلىنغا يۈرۈش قىلىشنىڭ پىلانىنى دەرھال تۈزۈپ چىقىشنى جىكىلىدۇ. بىردەمدىن كېيىن، گىتلېر گۈلقەقەلىرى ئېچىلغان ھالدا قايتىپ كەلدى. ئەمما ئۇ كارل رۇسوپ، سېيسىل دېگەن ئۈچ كاتتىباشنىڭ كېتىپ قالغانلىقىنى، لۇدېندورفنىڭ ھېچ ئىش قىلمىغانلىقىنى بايقاپ قالدى. گىتلېر قولغا كېلەي دەپ قالغان غەلبىنىڭ كۆپۈككە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ھاڭۋېقىپ قاراپ قالدى. گىتلېر ئاخىرى بىر قېتىم قاراملىق قىلىشقا بەلباغلىدى. ئۇ لۇدېندورف بىلەن بىللە 3000 دىن ئارتۇق ئاتاكىچىلارنى باشلاپ، پىۋىخانىدىن ميۇنخېن شەھىرىنىڭ مەركىزىگە قاراپ ماڭدى. ئۇ ئاۋۋال نامايىش قىلىپ، ھەربىي قوشۇنلار بىلەن ئاممىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئاندىن پۈتۈن شەھەرنى ئىشغال قىلىش كويىدا بولدى. ناتسىتلار پارتىيىسىنىڭ گىتلېر، گورېڭ قاتارلىق ئالتە - يەتتە كاتتبېشى قوشۇننىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭدى. ئالدىنقى بىر قانچە رەتنىڭ كەينىدە، پىلىموت ئورنىتىلغان بىر ئاپتوموبىل ماڭدى. ئاتاكىچىلار مىلتىق ئاسقان، بەزىلىرى مىلتىققا نەيزە بېكىتىۋالغانىدى. بىردەمدىن كېيىن، نامايىشچىلار قۇرۇقلۇق ئارمىيە شتابى ئالدىغا كەلدى. ئۇ يەرنى مىلتىقلىرىنى بەتلەپ قويغان 100 دىن ئارتۇق ساقچى قوغداپ تۇراتتى. ئۇلار نامايىشچىلارنى ئۆتكىلى قويمىدى. _ تەسلىم بولۇڭلار! تەسلىم بولۇڭلار! - دەپ ۋارقىرىدى گىتلېر. ئەمما ساقچىلار قىمىر قىلماي تۇرۇۋەردى. كىمدۇر بىرى «پاڭ » قىلىپ ئۇشتۇمتۇت ئوق چىقارغاندىن كېيىن بىر پەس ئېتىشىش بولدى. ئېتىشىش بىردەمدىلا توختىدى. تاتستلار پارتىيىسىنىڭ 60 مۇرتى ئوق تېگىپ يېقىلدى. ئاتاكىچىلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى گورېڭنىڭ يوتىسىغا ئوق تېگىپ يېقىلدى. گىتلېر قورققىنىدىن يەرگە يېقىلىپ قىمىرلىماي يېتىۋالدى. ئېتىشىش توختاش بىلەن تەڭلا ئۇيەردە ياتقان ئۆلۈكلەر ۋە يارىدار بولغان شېرىكلىرىنى تاشلاپ ھەممىنىڭ ئالدىدا قاچىتى. ئۇ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ يېزىدىكى داچىسىغا قاراپ تىكىۋەتتى. بىر نەچچە كۈن ئىچىدە گىتلېر ۋە سىياسىي ئۆزگىرىش قىلغان باشقا كاتتىباشلار نىڭ ھەممىسى قولغا ئېلىندى. گىتلېرغا بەش يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى. پىۋىخانا سىياسىي ئۆزگىرىشى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. بىراق گىتلېر مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۈتۈن مەملىكەتكە داڭقى بار ئادەم بولۇپ قالدى. گىتلېر تۈرمىدە «مېنىڭ كۈرىشم» نى بايان قىلىشقا باشلىدى. ئۇ بۇ كىتابتا، ئەلا ياكى پەس مىللەت نەزەرىيىسىنى ھەدەپ بازارغا سېلىپ، گېرمانلار دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئەلا مىللەت. ئۇ «تۆۋەن دەرىجىلىك » ئىرقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ھەقلىق. يەھۇدىيلار ئەڭ پەس مىللەت دېگەن نېمىنى تەرغىپ قىلدى. ئۇ ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسىدىكى مىللىي زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش نىقابى ئاستىدا، قىساسچىلىقنى تەشۋىق قىلدى. «ھاياتلىق ماكانى» غا ئېرىشىش ئۈچۈن، كېڭەيمىچىلىك قىلىش لازىم دەپ جار سالدى. دېموكراتىك سىياسىينىڭ ئورنىغا « داھىي پىرىنسىپى» نى دەسستىشنى قۇۋۋەتلىدى ۋەھاكازا. پۈتۈن كىتاب 782 بەتلىك بولۇپ، تۈگىمەس يوقىلاڭ گەپلەر ۋە ئىنتايىن ئەكسىيەتچىل مەزمۇن بىلەن تولغان. گىتلېر بىر يىل بولا - بولمايلا تۈرمىدىن چىقتى. ئۇ تۈرمىدىن چىقىپلا، باۋارىيە ھۆكۈمىتىگە چوقۇم قائىدە - يۇسۇندىن چىقماسلىق، قالايمىغان ئىش قىلماسلىققا ۋەدە بەردى. _ بۇ چىلبۆرە ئاخىرى ئەيۋەشكە كەلدى، - دېدى باۋارىينىڭ ئەدلىيە مېنىستىرى گىتلېرنىڭ شۇنچە مۇلايىم بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ئىشەنگەن ھالدا، - ئەمدى زەنجىرنى بوشىتىشتىن قورقمساقمۇ بولىدۇ. 1929 - يىلى پۈتۈن كاپىتالىزم دۇنياسىدا ئىقتسادىي كىرزىس پارتلاپ، گېرمانىيىدە سەككىز مىليون ئىشچى ئىشسىز قالدى. ئىككى ئىشچىنىڭ بىرسى دېگۈدەك ئاچارچىلىقتا قالغانىدى.ئىشچىلار كۈرىشىنىڭ يالقۇنى پۈتۈن مەمىلكەتنى قاپلىدى. 1932 - يىلى ئىككى ئاي ئىچىدىلا 90 قېتىم ئىش تاشلاش يۈز بەردى. ئىچكى - تاشقى جەھەتتە قىيىن ئەھۋالغان چۈشۈپ قالغان بۇرژۇئازىيە ئەمدى ئاۋۋالقىدەك ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى. ئۇلار پارلامېنت تۈزۈمى ئاساسىدا قۇرۇلغان زەئىپ ھۆكۈمەتنىڭ قىلچە رولى قالمىغانلىقىنى، «پەقەت خەنجەرلا گېرمانىيىنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتى بولىدۇ» غانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىچكى جەھەتتە خەلق ئىنقىلابىنى باستۇرۇش، تاشقى جەھەتتە زەمبىرەك ۋە تانكىغا تايىنىپ مۇستەملىككە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، فاشىستىك مۇستەبت ھۆكۈمرانلىقنى بەرپا قىلىشنى جىددىي ئارزۇ قىلدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، گىتلېرتازا بىر ئېلىششىنىڭ پۇرسىتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ پىۋىخانا سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ مەغلۇب بولۇشىدىكى ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ، ئەمدى قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرمەي، ھاكىمىيەتنى ئاساسىي قانۇن ۋاسىتىسى بىلەن تارتىۋېلىش قارارىغا كەلدى. ئۇ دەسلەپتە تەرەپ - تەرەپكە بېرىپ سايلام مۇسابىقىسى ھەركىتىنى ئېلىپ باردى. ھەتتا ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ « ئۇچار نۇتۇق» سۆزلىدى. بىر كۈنى 49 قېتىم نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ خەلق تارتىۋاتقان ئازاب - ئوقۇبەتلەر، مىللىي ئۆچمەنلىك، جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ قابىلىيەتسىزلىكى توغرىسىدا ئاغزى بېسىلماي سۆزلىدى ھەمدە خەلققە خىلمۇ خىل چىرايلىق ۋەدىلەرنى بەردى. ئۇنىڭ ئالدامچىلىق تەشۋىقاتى ئارقىسىدا ، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قالغان بەزى شەھەر ئاھالىسى، ئىشسىز ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ سۈيقەستىنى بايقىۋالالماي، قاپقانغا چۈشۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ناتسىتلار پارتىيىسىنىڭ مۇرىتلىرى 1929 - يىلىدىكى 170 - مىڭ كىشىدىن كۆپىيىپ، 1930 - يىلى 380 مىڭغا يەتتى. 1932 - يىلىغا كەلگەندە، گىتلېر سايلام مۇسابىقىسى ئارقىلىق 13 مىليون سايلام بېلىتىگە ئېرىشتى. ناتسىتلار پارتىيىسى 230 ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ پارتىيىگە ئايلاندى. ناتسىتلار پارتىيىسىنىڭ ئاتاكىچىلار ئەترىتىمۇ تەرەققىي قىلىپ 100 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ، دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىدىنمۇ زور قوشۇنغا ئايلاندى. گىتلېر بارغانسېرى گېرمانىيىدىكى ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ ئەركە بالىسى ۋە نىجاتچىسى بولۇپ قالدى. 17 سانائەت ۋە بانكا دۇكانلىرى زۇڭتۇڭ ھىندېنبۇرگقا مەكتۇپ تاپشۇرۇپ، گىتلېرنى كابېنت تەشكىل قىلىشقا تەيىنلەشنى تەلەپ قىلدى. گىتلېرنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش پەيتى ئاخىر يېتىپ كەلدى. 1933 - يىلى 1 - ئايدا بېرلىنغا سوغۇق ئېقىم دولقۇنلاپ كىشىنى بىزار قىلاتتى. گىتلېرنىڭ سۈيقەست ئىشلىتىپ پىلانلىشى ئارقىسىدا، ھاكىمىيەت بېشىغا چىققىنغا 57 كۈن بولغان سېلېزىر كابېنتى يەنە ئاغدۇرۇلدى. 30 - يانۋار كۈنى سائەت 11 نى سوققاندىن كېيىن، ۋېنا كوچىلىرىدا يۈرگەن سەرگەردان، 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا نام - دېرەكسىز يۈرگەن ئاۋسترىيىلىك مىلادىشىي ئۇنتېر، پىۋىخانىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قىلغانلىقى ئۈچۈن كۆرەڭلەپ تۈرمىگە كىرىپ قالغان مەھبۇس، ھەرگىز گېرمانىيىلىك بولمىغان، بەلكى ئاۋسترىيىلىك قۇتراتقۇ - گىتلېر ماشىنىغا ئولتۇرۇپ زۇڭلى مەھكىمىسىگە قاراپ ماڭدى. زۇڭتۇڭ ھىندېنبۇرگ زۇڭلى تامغىسىنى ناتسىتلار پارتىيىسىنىڭ بۇ باشلىقى گىتلېرغا تاپشۇردى. شۇ كۈنى ئاخشىمى ناتسىتلار پارتىيىسىنىڭ 25 مىڭ ئاتاكىچىلىرى قاراڭغۇ چۈشكەندىن تارتىپ يېرىم كېچىگىچە داغدۇغىلىق مەشئەل نامايىشى ئۆتكۈزدى. « ئىمپىرىيىنىڭ شان - شۆھىرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرەيلى » دېگەن چوقان سادالىرى كۆتۈرۈلدى. زۇڭلى مەھكىمىسىنىڭ دېرىزىسى ئالدىدىكى مۇنبەردە تۇرغان گىتلېر بىردەم قولىنى پۇلاڭلىتاتتى. بىردەم مېيىقىدا كۈلۈپ قوياتتى. ئۇ چۈشەكەپ كەلگەن ئۈچىنچى ئىمپېرىيە ئاخىر ئاپىرىدە بولدى. تارىختا بىرىنچى ئىمپىرىيە - ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇقەددەس رىم ئىمپىرىيىسى، ئىككىنچى ئىمپېرىيە - پرۇسسىيە فرانسىيىنى مەغلۇب قىلغاندىن كېيىن 1871 - يىلى قۇرۇلغان ئىمپېرىيە ئىدى. گىتلېر بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى گېرمانىيىگە «شان - شەرەپ » كەلتۈردى. مانا ئەمدى مەن قۇرۇۋاتقان گېرمانىيە ئۈچىنچى ئىمپىرىيىسى «بۇرۇنقىلار قىلىپ باقىمىغان».«ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا يوقالمايدىغان» ئىمپېرىيە بولغۇسى دەپ قارايتتى. ۋەھالەنكى، «بۇرۇنقىلار قىلىپ باقمىغان» مۇشۇنداق بىر ئىمپېرىيە ئۆزى قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ، گېرمانىيە خەلقىنى ۋە پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى ئاپەت ھاڭىغا ئىتتىردى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ